ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1134|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىلىدىغان دورىلىق خام ماتېرىياللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-31 16:27:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
گاۋزىبان ھىندى

خۇسۇسىيتى: رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ئىچىنى يۇمشىتىش، بەلغەمنى سۈمۈرۈش، قىزىتما پەسەيتىش، يۆتەل توختىتىش.

ئىشلىتىلىشى: مالىخۇلىيا، خەفاقان، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، سىل، نەزلە، زىققە قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: دىنار شەربىتى، شاھتەرە شەربىتى، گاۋزىبان شەربىتى، مەتبۇخى سۆرىنجان، خىمىر گاۋزىبان

كاسىنە

خۇسۇسىيتى: توسالغۇلارنى ئىچىش، قان تازىلاش ۋە سوۋۇتۇش، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقلارنى قايتۇرۇش.

ئىشلىتىلىشى: يەرقان ئىستىسقا، باش ئاغرىش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: دىنار شەربىتى، ئۆت ياللۇغى ئىچىملىگى، ئەرقى كاسىنى

ئوسما يوپۇرمىغى

خۇسۇسىيتى: قورۇش، ماددىلارنى تارقىتىش، ئىچ قاتۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: چىش ۋە چاچ تۈۋى ئاجىزلىقى، بوۋاسىر ۋە باش ئاغرىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: چاچ مىيى

بىنەپشە

خۇسۇسىيتى: قىزىتما قايتۇرۇش، تەرەت ماڭدۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، كۆكرەكنى سىلىقلاشتۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، قەۋزىيەت، قىزىتما قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: شاھتەرى شەربىتى، مەزى بىزى ئىچىملىگى، مەتبۇخى شاھتەرە، قەنت سىيىش

سىمىز ئوت

خۇسۇسىيتى: ھارارەتنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش

ئىشلىتىلىشى: ھەرخىل قىزىتما، سىيىشنىڭ قىيىنلىشىشى، تولغاق، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش، ئۈچەي مەددىسى، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇق، سۈيدۈك كۆيۈپ كېلىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ھەببى زىيابىتۇس

ئەنجىباھار

خۇسۇسىيتى : تۇتۇش تەسىرىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى: ھەرخىل تىپتىكى ئىچ ئۆتكۈ، قان كېتىش ھەمدە كونا، يېڭى سىل، يىرىڭلىق چاقىلار، زەھەرلىنىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: سۇپۇپى سەرتان، ئەنجىباھار شەربىتى

كاكىنەج

خۇسۇسىيتى : چىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، جىگەر ۋە دوۋساقتىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، ئارام بېرىش.

ئىشلىتىلىشى: بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى يىرىڭلىق يارا، بۆرەك تېشى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ئەرقى كاكىنەچ، ئۆت ياللۇغى ئىچىملىگى، مەزى بىزى ئىچىملىگى، ......


ئاق لەيلى ئۇرۇغى

خۇسۇسىيتى : ئاغرىق پەسەيتىش، يەل تارقىتىش، يۇمشىتىش

ئىشلىتىلىشى: يانپاش ئاغرىقى، مۇپاسىل، زۇكام يۆتەل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەزى بىزى ئىچىملىگى، سۇپۇپى سەرتان.


بىستىپايەنچ

خۇسۇسىيتى : ئۆزگەرگەن سەۋدا، بەلغەمنى سۈرۈش، يەل ھەيدەش، قان تازىلاش

ئىشلىتىلىشى: سەۋدا ۋە بەلغەم مەنبەلىك قىچىشقاق، بوۋاسىر، جوزام، سەرئى، مالىخۇلىيا، رېماتىزىم، بوغۇم ئاغرىقى، قۇلۇنجى، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەتبۇخى شاھتەرى، مەتبۇخى ئەپتىمۇن، مەجۇنى چۆبىچىن، ئىتىرپىل ئەپتىمۇن


زىرىق

خۇسۇسىيتى : سەپرانى پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان، ئۈچەي يارىسى، سەپرا مەنبەلىك ئىسھال، ۋىتامىن C كەملىك، گال ياللۇغى، كالپۇك يېرىلىش، يۈرەك سېلىش، ئۇسسۇزلۇق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: زەرشىك شەربىتى


پىننە

خۇسۇسىيتى : كۆڭۈلنى ئېچىش، يۈرەكنى كۈچەيتىش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، سوغۇقلۇقنى ھەيدەش، خام بەلغەمنى پىشۇرۇش، ئاشقازاننى كۈچەيتىش، باھنى قوزغاش، ئاغرىق توختىتىش

ئىشلىتىلىشى: سوغۇقتىن بولغان باش، قۇلاق، چىش ئاغرىقى، قان تۈكۈرۈش، يۈرەك ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، يۇقۇملۇق ئىچ ئۆتكۈ، باھ ئاجىزلىقى، بوۋاسىر، تاشاق ئىششىقى قاتارلىقلاردا ئىشلتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: پىننە گۈلقەنت


جۇۋىنە

خۇسۇسىيتى : ئىشتىھانى ئېچىپ، بەدەننى پارقىرىتىش، يەل تارقىتىش، قورساقتىكى قۇرتنى چۈشۈرۈش، زەھەر ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش

ئىشلىتىلىشى: بۇ تەسىرى كۈچلۈك دورا بولۇپ، پالەچ، لەقۋا، تىترەش، بەرەس، مۇدۇر، سىيىشنىڭ قىيىنلىشىشى، ئىشتىھاسىزلىق، ھەيز توسۇلۇش، سۈت كەملىك، ۋابا، قورساق ئېسىلىش، ئىستىسقا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەجۇنى نانىخا، مەجۇنى كۇندۇر، سۇپۇپى نانىخا

قىزىلگۈل

خۇسۇسىيتى : رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش.

ئىشلىتىلىشى: ھەزىم ئاجىزلىقى، يۈرەك قېرىنچە ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، كۆز، قۇلاق ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: سەندەل شەربىتى، قىزىل گۈلقەنت، ئەرقى گولاپ، مەتبۇخى سۆرىنجان، گۈل يىغى، قەنت سىيىش كىسىلى كۇمۇلىچى، سۇپۇپى سۆرىنجان، سۇپۇپى ئەھمەر


ئارپا بىدىيان

خۇسۇسىيتى : توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، يەل تارقىتىش، سۈت كۆپەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش، خۇشپىراق پەيدا قىلىش.

ئىشلىتىلىشى: ئېغىز پۇراش، ھەزىمنىڭ ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش، قورساق ئاغرىقى، دىمى سىقىلىش، بەل ئاغرىقى، كونا ئىچ ئۆتكۈ، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: زەبىب شەربىتى، ئەرقى بادىيان

بەھمەن

خۇسۇسىيتى : باھنى، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، كۆڭۈلنى ئېچىش، مەنىي كۆپەيتىش

ئىشلىتىلىشى: يۈرەك ئېغىش، بىئاراملىق، پەرىشانلىق، مەنىي تۇتالماسلىق، يەرقان قاتارلىق كېسەللىكلەردە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: جاۋارىش قانىسا، ئىتىرپىل كەبىر، خىمىر گاۋزىبان، خىمىر مەرۋايىت، لوبوبى كەبىر، داۋايى مىسكى، ئەرقى چۆبىچىن


كەتىرا

خۇسۇسىيتى : سىلغايتىش، يۇمشىتىش، ئارام بېرىش، قان توختىتىش، قاننى ۋە باشقا سۇيۇلۇپ كەتكەن خىلىتلارنى قويۇقلىتىش

ئىشلىتىلىشى: دورىلاردىن زەھەرلىنىش، قان كېلىش، ئۆپكە جاراھىتى، سۈيدۈك يولى يىرىڭلىق يارىسى، بەرەس قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ھەببى سالاجىت، سۇپۇپى سەرتان، سۇپۇپى سەندەل


بادام يىغى

خۇسۇسىيتى : ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ئاۋازنى ساپ قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: ئۇيقۇسىزلىق، ئۆپكە ياللۇغى، دەم سىقىلىش، تولغاق، ئۈچەي سانجىقى، مېڭە ۋە باش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: بادام يېغى ( مەجۇنى ھۆرمىل، ئىتىرپىل كەشنىز )


ئاقىر قەرھا

خۇسۇسىيتى : توسالغۇلارنى ئېچىش، مېڭىدىكى ئارتۇق ماددىلارنى تازىلاش، نېرۋىنى ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، ئېغىزدىن ۋە تىلدىن سۇ ئاققۇزۇش، ھەيز ماڭدۇرۇش، قىزىتىش ۋە يەڭگىل سەزمەس قىلىش رولى بار

ئىشلىتىلىشى: لەقۋا، پالەچ، ئىستىرخا، تارتىشىش، قېتىپ قىلىش، تىترەش ۋە ھۆللۈكتىن بولغان باش ئاغرىش، جىنسىي ئاجىزلىق، يۆتەل قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: قۇستى يىغى، مەجۇنى ئاتىرلال، مەسھايى زەپران، خىمىر مەرۋايىت، ھەببى بەرەس، ھەببى كىبىرىت، ھەببى سالاجىت


بەللۇت

خۇسۇسىيتى : ئىچنى توختىتىش، قۇرۇتۇش، تۇتۇش

ئىشلىتىلىشى: ئىسھال، قاناش، مەنىي يۈرۈپ كېتىش، ئۈچەي يارىسى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەجۇنى كۇندۇر، ھەببى سالاجىت، سۇپۇپى سەندەل


شاقاقۇل

خۇسۇسىيتى : بەدەننى ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي پەيدا قىلىش ۋە قويۇقلىتىش، سۈت پەيدا قىلىش

ئىشلىتىلىشى: كۆپ ئىھتىلام بولۇش، سۈت كېمىيىپ كېتىش

ياسالمىلىرى: زەبىب شەربىتى، لوبوبى كەبىر، ئىتىرپىل كەبىر، ھەببى سالاجىت، قەنت سىيىش كىسىلى كۇمۇلىچى، سۇپۇپى سەندەل


چۆبىچىن

خۇسۇسىيتى : توسالغۇلارنى ئىچىش، ماددىلارنى تارقىتىش، قان تازىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش

ئىشلىتىلىشى: يۇقۇرقى مەقسەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ئۆشبە شەربىتى، مەزى بىزى ئىچىملىگى، ئەرقى چۆبىچىن


پىلپىل

خۇسۇسىيتى : ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، سوغۇقلۇقنى ھەيدەپ باھنى كۈچەيتىش، جىگەر، تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، قەينى توختىتىش، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ماڭدۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش

ئىشلىتىلىشى: ئىشتىھاسىزلىق، قورساق كۆپۈش، قۇسۇش، ئېغىز پۇراش، باھ ئاجىزلىقى، سىيىشنىڭ قىيىنلىشىشى، يۆتەل، ئۇششاق بوغۇم ۋە يانپاش ئاغرىقى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتلىدۇ.

ياسالمىلىرى: داۋايى مىسكى، ماددەتول ھايات، مەجۇنى ئازاراقى، ئىتىرپىل كەبىر، ھەببى بەرەس، ھەببى ئازاراقى.



ئود ھىندى

خۇسۇسىيتى : يۈرەك، مىڭە ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىپ، يەللەرنى تارقىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش.

ئىشلىتىلىشى: رەئىس ئەزالار ئاجىزلىقى، بوغۇم ئاغرىقى، زىققە، ئېغىزز پۇراش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: جاۋارىش قانىسە


چىلان

خۇسۇسىيتى : قان تازىلاش، قويۇق خىلىتلارنى تارقىتىش ۋە قىزىتما پەسەيتىش

ئىشلىتىلىشى: ئۆپكە ياللۇغى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئۈچەي جاراھىتى، قىچىشقاق، مۇدۇر، زۇكام قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ئونناپ شەربىتى


خولىنجان

خۇسۇسىيتى : قاننى جانلاندۇرۇش، يەل ھەيدەپ، بەلغەمنى چىقىرىش، باھنى كۈچەيتىش

ئىشلىتىلىشى: نېرۋا ئاجىزلىقى، زىققە، يۆتەل، بەل ئاغرىش، قۇلۇنج، گال ئاغرىش، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: زەبىب شەربىتى، ئەبرىشىم شەربىتى، مائول ھەسەل شەربىتى، ھەببى بەرەس، سۇپۇپى سىپ


ھىلىلە

خۇسۇسىيتى : غەيرى تەبىئىي سەپرا، سەۋدا، بەلغەملەرنى سۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش

ئىشلىتىلىشى: يۇقىرقى مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ھىلىلە مۇرابباسى، مەتبۇخى سۆرىنجان، مەتبۇخى شاھتەرە، مەجۇنى مۇقەۋۋە مەدى، مەجۇنى ئۆشبە، مەجۇنى كۇندۇر، ئىتىرپىل كەبىر، ئىتىرپىل كەشنىز، ئىتىرپىل ئەپتىمۇن، ھەببى سۆرىنجان، ھەببى شاھتەرە، قەنىت سىيىش كىسىلى كۇمۇلىچى، سۇپۇپى ھەلىيلە سىيا، ...


قارىمۇچ

خۇسۇسىيتى : ھەزىمنى ياخشىلاش، يەلنى يوقتىش، بەلغەم چىقىرىش، پەي، نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى قىزىتىش، سۇيۇقلۇقلارنى تارتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، يۈرەكنى قوزغىتىش

ئىشلىتىلىشى: ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىمنىڭ ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش، چىش ئاغرىقى، تال ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ئىتىرپىل كەبىر، جاۋارىش كۇمۇنى


كۈنجۈت

خۇسۇسىيتى : بەدەننى سەمرىتىش، سۈت ۋە مەنىي پەيدا قىلىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، بوۋاسىرنىڭ قانىشىنى توختىتىش

ئىشلىتىلىشى: بوۋاسىر، ھەرخىل ئىششىقلار، زىققە، سىيىش قىيىنلىشىش، خۇن چىگىلىش، ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتلىدۇ.

ياسالمىلىرى: لوبوبى كەبىر، قۇستى يېغى، ئىتىرپىل كەبىر


دارچىن

خۇسۇسىيتى : يۈرەك، مىڭە، جىگەر، ئاشقازان ۋە باھنى كۈچەيتىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، سۈيدۈك ھەيزنى ماڭدۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: روھسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، ئىسھال ۋە يۆتەلنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مائول ھەسەل شەربىتى، لوبوبى كەبىر، ماددەتول ھايات، ئايارەج پەيقىرا، جاۋارىش كۇمۇنى، سۇپۇپى سىپ


كۇندۇر

خۇسۇسىيتى : ماددىلارنى پىشۇرۇش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، قان توختىتىش، بەلغەم چىقىرىش، تۇتۇش، قاتۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: كاناي شاخچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، يۈرەك ئاجىزلىقى ۋە شەلۋەرىگەن يارىلارنى ساقايتىشقا ئىشتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەجۇنى كۇندۇر


ئانار گۈلى

خۇسۇسىيتى : ئىسھال ۋە قاناشنى توختىتىش، بەدەننى قۇرۇتۇش

ئىشلىتىلىشى: ئىسھال، ئېغىزدىكى سۇلۇق جاراھەت، چىش ئاغرىش، بۇۋاسىر، سۇلۇق قىچىشقاق، سوڭى چىقىپ قېىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەردە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ئانار شەربىتى، ئانار گۈلقەنت، سۇپۇپى ئەھمەر


ئاق سەندەل

خۇسۇسىيتى : يۈرەك، مىڭىنى قۇۋۋەتلەش، قىزىتما قايتۇرۇش، تېنچلاندۇرۇش، كۆڭۈلنى ئېچىش، بەلغەم بوشىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقى، يۆتەل، سزنەك، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، قىزىتما قايتۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: خىمىر گاۋزىبان، سۇپۇپى سەندەل، سەندەل شەربىتى


شاپتۇل مىغىزى

خۇسۇسىيتى : ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، چاچ ئۈندۈرۈش ۋە سۈيدۈك ماڭدۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: قەۋزىيەت، ئۈچەي يارىسى، سۈيدۈكتىن قان كېلىش، بوۋاسىر، ھەيز توسۇلۇش، چاچ چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: چاچ مىيى

زەپەر

خۇسۇسىيتى : مېڭە، يۈرەك، جىگەر ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش ھەمدە ئومومىي بەدەننى تەڭشەش

ئىشلىتىلىشى: ئومومىي بەدەن ئاجىزلىقى، پەرىشانلىق، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقى، بۇرۇن شىللىق پەردىسى ياللۇغى، جىگەر، تال، مېڭە توسالغۇلىرى، ئۇيقۇسىزلىق، ئاياللار كېسەللىكلىرى قاتارلىقلاردا ھەمدە مۇھىم دورا نۇسخىلىرىنى تەركىبلەشتە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ئەبرىشىم شەربىتى، لوبوبى كەبىر، خىمىر گاۋزىبان، ھەببى سۆرىنجان

لاچىندانە ھىندى

خۇسۇسىيتى : ھەزىمنى ياخشىلاش، كۆڭۈلنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش

ئىشلىتىلىشى: ئېغىز پۇراش، ھەزىم بۇزۇلۇش، كۆڭۈل ئاينىش، خەفەقان، ھېق تۇتۇش، بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەت ۋە كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مائول ھەسەل شەربىتى، مەجۇنى مۇقەۋۋى مەدى، ئامىلە نۆشدارى، مەسھايى زەپران، خىمىر مەرۋايىت، جاۋارىش قانىسە، سۇپۇپى سىپ


زورانبات

خۇسۇسىيتى : توسالغۇلارنى ئىچىش، يۈرەك، مېڭە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، سەمرىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: بەلغەم ۋە يەل مەنبەلىك يۆتەل، بالىياتقۇ ياللۇغى، تولغاق ھەمدە پەرىشانلىق، خەفەقان قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: زەبىب شەربىتى

كافۇر

خۇسۇسىيتى : يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، قوزغىتىش ھەم ئارام بېرىش، بەلغەم چىقىرىش، يەرلىك ئورۇننى مەست قىلىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: ئىسھال، مۇسكۇل ئاغرىش، سىل، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ھەببى سىماپ، ھەببى زىيابىتۇس


بىھى

خۇسۇسىيتى : مېڭە، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىچىنى توختىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش

ئىشلىتىلىشى: مىڭە، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازان ئاجىزلىقى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىچ سۈرۈش، ئۇسسۇزلۇق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: بىھى شەربىتى، بىھى مۇرابباسى


نىلۇپەر

خۇسۇسىيتى : يۈرەك ۋە مېڭىنى تىنىچلاندۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش

ئىشلىتىلىشى: يۈرەكنىڭ ئىسسىقتىن بولغان كېسەللىكلىرى، مېڭىنىڭ قۇرۇقلۇقى، يۆتەل، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: دىنار شەربىتى


ئادراسمان

خۇسۇسىيتى : باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ماڭدۇرۇش، يەللەرنى تارقىتىش.

ئىشلىتىلىشى: باھ ئاجىزلىقى، ئۈچەي كېسەللىكلىرى، سۈيدۈك ۋە ھەيز كەلمەسلىك، بەدەن ئورۇقلاپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەجۇنى ھۆرمىل
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-31 16:32:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۇماق

خۇسۇسىيتى : سەپرانى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، قان توختىتىش، ئىچىنى ھەم ھۆنى توختىتىش، سۈيدۈكنى ئازايتىش
ئىشلىتىلىشى: سەپرا مەنبەلىك كۆڭلى ئېلىشىش، تولغاق، تولا سىيىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: قەنىت سىيىش كىسىلى كۇمۇلىچى


سۇنبۇل چىنى

خۇسۇسىيتى : رەئىس ئەزالارنى كۈچەيتىش، ئىششىق ۋە يەللەرنى تارقىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش
ئىشلىتىلىشى: مېڭە ۋە يۈرەكنىڭ ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، يۇقىرى قان بىسىمى، ئىسىتىسقا، زىققە، خەفەقان، سۈيدۈك ۋە ھەيز توسۇلۇش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: سۇنبۇل شەربىتى، ئەرقى چۆبىچىن، لوبوبى كەبىر، ئايارەج پەيقىرا، خىمر مەرۋايىت


تاباشىر

خۇسۇسىيتى : يۈرەك، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، قىزىتما قايتۇرۇش، قۇرۇتۇش، كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش
ئىشلىتىلىشى: يۈرەك، جىگەر ئاجىزلىقى، ئىچى سۈرۈش، مەنىينىڭ تېز كېتىشى، بالىياتقۇدىن سۇيۇقلۇقنىڭ كۆپ ئېقىشى، قاندىن بولغان بوۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: خىمىر گاۋزىبان، جاۋارىش قانىسە، ھەببى زىيابىتۇس، قەنىت سىيىش كىسىلى كۇمۇلىچى، سۇپۇپى سەرتان، سۇپۇپى ئەھمەر، سۇپۇپى تاباشىر


تەمرى ھىندى

خۇسۇسىيتى : سەپرانى تەڭشەپ، ئاشقازاننى كۈچەيتىش، يۈرەكنى سالقىنلىتىش، ئۈچەينىڭ تۇتۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، قان تازىلاش، ئاغرىق توختىتىش، مەنى تۇتۇش
ئىشلىتىلىشى: سەپرادىن بولغان قىزىتمىلار، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئېھتىلام، قىچىشقاق، جوزام، سۆزنەك، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقلار ۋە باشقا ئىسسىقتىن بولغان ياللۇغلارنى قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: شاھتەرە شەربىتى، مەتبۇخى شاھتەرە


تۇربۇد

خۇسۇسىيتى : بۇزۇق بەلغەم، سەپرا ۋە سەۋدانى سۈرۈش
ئىشلىتىلىشى: ئىستىسقا، بۇۋاسىر، بوغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچى نېرۋا ئاغرىقى، لەقۋا، يۆتەل، زىققا، مالىخۇلىيا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ئىتىرپىل ئەپتىمۇن، ھەببى بەرەس، ھەببى سىماب


ۋاسالغۇ

خۇسۇسىيتى : بەلغەمنى چىقىرىش، باھنى كۈچەيتىش
ئىشلىتىلىشى: ئورۇقلۇق، ئۇنۇتقاقلىق، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، باھ ئاجىزلىقى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: زۇفا شەربىتى، مەتبۇخى ئەپتىمۇن، ماددەتول ھايات، مەجۇنى ھۆرمىل

زەمچە

خۇسۇسىيتى : قورۇش، قۇرۇتۇش، قان توختىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش
ئىشلىتىلىشى: تەپ، بەزگەك، بۇرۇن قاناش، ئېغىز ئاغرىش، چىش تۈۋى قاناش، گال ئاغىرىش، كۆكيۆتەل، قان يۈرۈپ كېتىش، قان تۈكۈرۈش، قان سىيىش، سۆزنەك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: سۇپۇپى بىخ مارجان، سۇپۇپى ئەھمەر

زەنجىۋىل

خۇسۇسىيتى : قوغىتىش، ئىشتىھا ئېچىش، توسالغۇلارنى ئېچىپ يەل تارقىتىش، شىلىمشىق ھۆللۈكلەرنى تارقىتىش
ئىشلىتىلىشى: نېرۋا پەي ئاجىزلىقى، پالەچ، لەقۋا، ئىشتىھاسىزلىق، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى، ئىسھال قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ماددەتول ھايات، مەجۇنى ئازاراقى، سۇپۇپى سىپ

زىرە

خۇسۇسىيتى : ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەينى كۈچەيتىش، يەل تارقىتىش، قۇرۇتۇش، قورۇش، قاتۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ماڭدۇرۇش ھەمدە بۇزۇق ماددىلارنى پارچىلاش
ئىشلىتىلىشى: ھەزىم ناچارلىقى، قورساق كۆپۈش، سۆزنەك، جىگەر ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم خىزمىتىنىڭ سۇسلىشىشى، سۈيدۈك ۋە ھەيزنىڭ ئاغرىتىپ كېلىشى ۋە ئىسھال قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: مەجۇنى نانىخا، جاۋارىش كۇمۇنى، كالى زىرە ئوكۇلى، سۇپۇپى زىرە

زۇفا

خۇسۇسىيتى : بەلغەم چىقىرىش، ئىششىق تارقىتىش، تەرلىتىش، يەل ھەيدەش، تېرىگە رەڭ بېرىش
ئىشلىتىلىشى: زىققە، بەلغەملىك يۆتەل، زاتىلجەنبى، زاتىررىيە، قىزىتما، ئىستىسقا ۋە ئادەتتىكى زۇكام، نەزلىلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: زۇفا شەربىتى، مەجۇنى نانىخا


يالپۇز

خۇسۇسىيتى : چىرىشنىڭ ۋە زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل ھەيدەش، ئاغرىق توختىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش
ئىشلىتىلىشى: ئىشتىھاسىزلىق، ئىسھال، قۇسۇش، يەلتاشما، سەپكۈن، داغ، زەھەرلىك ھاشارەت پەيدا قىلغان جاراھەت، قۇلاق، بۇرۇن ۋە باشقا ئەزالاردىكى قۇرت قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: مەجۇنى نانىخا


رەۋەن

خۇسۇسىيتى : ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئىچىنى سۈرۈش، ئىچىنى قاتۇرۇش، سەمرىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ماڭدۇرۇش
ئىشلىتىلىشى: ھەرخىل ئىششىقلار، يۆتەل، خاپىخان، زىققا، سىل، ئىستقا، يەرقان، تۈرلۈك ئىچ ئۆتكۈ، سۈيدۈك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: دىنار شەربىتى


شاھتەررە چىنى

خۇسۇسىيتى : جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، قان تازىلاش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، چىشنى چىڭىتىش، ئۈچ خىل خىلىتنى سۈرۈش، ئىشتىھا ئېچىش
ئىشلىتىلىشى: تېرە كىسەللىكلىرى، قىچىشقاق، تەمرەتكە، جىگەر ۋە تال توسۇلۇش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، يەرقان، خۇننىڭ كۆيگەنلىكىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: شاھتەرە شەربىتى، ئۆشبە شەربىتى، ئەرقى شاھتەرە، مەتبۇخى شاھتەرە، ھەببى شاھتەرە

ئالقات مىۋىسى

خۇسۇسىيتى : بۆرەك، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، مەنى پەيدا قىلىش، كۆزنى قۇۋۋەتلەش
ئىشلىتىلىشى: بۆرەك ئاجىزلىقى، مەنى كېمىيىپ كىتىش، بەل، ئۇمۇرتقىلار ئاغرىش، نېرۋا ئاجىزلىقى، كۆز تورلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: جاۋارىش قانىسە


ئالتۇن ۋەرەق

خۇسۇسىيتى : يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالماشتۇرۇشنى ياخشىلاش، زېھنىنى ئېچىپ، ئۇنۇتقاقلىقنى داۋالاش
ئىشلىتىلىشى: رەئىس ئەزالاردىكى ئومومىي خىزمەت ئاجىزلىقى، خەفاقان، ئۇنۇتقاقلىق، مالىخۇلىيا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: لوبوبى كەبىر، خىمىر گاۋزىبان، جاۋارىش قانىسە

ئاقاقىيا

خۇسۇسىيتى : قۇرۇتۇش، قاتۇرۇش، تۇتۇش، نەپەس يولىدىن كەلگەن قاننى توختىتىش، ئاشقازاننى ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش
ئىشلىتىلىشى: قانلىق ئىچ ئۆتكۈ، سوڭى چىقىپ قىلىش ۋە بالىياتقۇ چىقۇقى، بوۋاسىر، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشى، ئاشقازان، جىگەر ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ھەببى زىيابىتۇس، قەنت سىيىش كىسىلى كۇمۇلىچى، سۇپۇپى سەندەل

ئاسارۇن

خۇسۇسىيتى : يۇمشىتىش، تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بۆرەك، تال ۋە جىنسىي ئەزانى قۇۋۋەتلەش مېڭە ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ياخشىلاش
ئىشلىتىلىشى: ھۆل سوغۇقتىن بولغان سەرئىي، لەقۋا، پالەچ، ئىستىرخا، تەشەننۇج(تارتىشىپ قىلىش)، بىھۇشلۇق، نېرۋا ئاجىزلىقى، بالىياتقۇ مەنبەلىك باش ئاغرىقى، ئۇنۇتقاقلىق قاتارلىقلارغا ئۇندىن باشقا ھەرخىل سۇلۇق ياكى توسالغۇ مەنبەلىك ئىششىقلار، سىيىشنىڭ قىيىنلىششى، خۇن چىگىلىشىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتا تاش پەيدا بولۇش، ھەرخىل چوڭ-كىچىك بوغۇم ئاغرىقلىرى ھەمدە ھۆللۈكتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ئايارەج پەيقىرا


بادىرەنجى بۇيا ھىندى

خۇسۇسىيتى : قان تازىلاش، كۆڭۈلنى ئېچىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سەۋدانى تازىلاش، زەھەر قايتۇرۇش، ماددىلارنى تارقىتىش
ئىشلىتىلىشى: يۈرەك ئاجىزلىقى، ۋەسۋەسە، زىققە ھەمدە بەلغەم ۋە سەۋدا مەنبەلىك باشقا كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ئۆشبە شەربىتى، گاۋزىبان شەربىتى، ئەرقى چۆبىچىن، مەتبۇخى سۆرىنجان


بەھمەن سەفد

خۇسۇسىيتى : تالنى ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، روھنى قۇۋۋەتلەش، ياخشى خىلىت ھاسىل قىلىش
ئىشلىتىلىشى: ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، چوڭ تەرەتنىڭ سۇيۇلۇپ كېتىشى، بوۋاسىر، بالىياتقۇ چۇقۇقى، نەپەس سىقىلىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ئەرقى چۆبىچىن، لوبوبى كەبىر، خىمىر گاۋزىبان، خىمىر مەرۋايىت، ئىتىرپىل كەبىر


بەلىلە

خۇسۇسىيتى : مېڭە، ئاشقازان ۋە كۆزنى قۇۋۋەتلەش، سەۋدا ۋە سەپرا ماددىسىنى سۈرۈپ چىقىرىش
ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان، ئۈچەي مەنبەلىك ئىچ ئۆتكۈ، مېڭە ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، كۆز ياشاڭغۇراش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ماددەتول ھايات، مەجۇنى ئۆشبە، ئىتىرپىل كەبىر، ھەببى مۇقىل، ھەببى سالاجىت، سۇپۇپى ئەھمەر


بەسباسە

خۇسۇسىيتى : مېڭە، ئاشقازان، جىگەر، باھنى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قىزىتىش، يەل ھەيدەش، تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش
ئىشلىتىلىشى: ھۆللۈكتىن بولغان ئۆپكە كېسەللىكلىرى، يۈرەك ئاجىزلىقى، ئۈچەي ھەرىكىتىنىڭ سۇسلۇقى، كونا ئىسھال، سۈيدۈكنىڭ تېمىپ كېلىشى، ئېغىزنىڭ سېسىق پۇرىشى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: زەبىب شەربىتى، مائۇل ھەسەل شەربىتى، مەجۇنى نانىخا، مەسھايى زەپران، ھەببى ئازاراقى


بىخ مارجان

خۇسۇسىيتى : قان توختۇتۇش، تىنىچلاندۇرۇش، ئىچىنى قاتۇرۇش
ئىشلىتىلىشى: ئاغرىق توختۇتۇش، قان توختۇتۇش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: سۇپۇپى بىخ مارجان


چىلىغوزا

خۇسۇسىيتى : مەنىي كۆپەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بەدەننى قىزىتىش
ئىشلىتىلىشى: بەدەن ئاجىزلىقى، باھ ئاجىزلىقى، پالەچ، لەقۋا، يۆتەل، زىققا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ماددەتول ھايات


دورنەج ئەقرەبى

خۇسۇسىيتى : مېڭە، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، بەلغەمنى ۋە يەلنى تارقىتىش، قىزىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھامىلىنى ساقلاش، زەھەر قايتۇرۇش
ئىشلىتىلىشى: يۈرەك ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، پالەچ، لەقۋا، ۋابا، تولغاق، چۇما ھەمدە ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراشنى داۋالاش مەقستىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: لوبوبى كەبىر


ئەنبەر

خۇسۇسىيتى : مېڭە ۋە يۈرەكنى كۈچەيتىش ۋە تەبىئىي ئىسسىقلىقنى ساقلاش
ئىشلىتىلىشى: مېڭە ۋە يۈرەك ئاجىزلىقى، بىھۇشلۇق قاتارلىقلاردا ھەمدە مۇھىم دورا ياسالمىلىرىدا تەڭشىگۈچ، تەسىرىنى كۈچەيتكۈچى سۈپتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: لوبوبى كەبىر، خېمىر مەرۋايىت، خىمىر گاۋزىبان، جاۋارىش قانىسە، ھەببى سالاجىت


ئەنگۇرى شىپا

خۇسۇسىيتى : تۇتۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، قۇرۇتۇش، تارقىتىش
ئىشلىتىلىشى: جىگەر، ئاشقازان، كاناي، بۆرەك ياللۇغلىرى ھەمدە سۇلۇق ئىششىق، گال ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: مەزى بىزى ئىچىملىگى، ئەرقى ئەنگۇر شىپا


ئەنزىرۇت

خۇسۇسىيتى : توسالغۇلارنى ئىچىش، يەل تارقىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئارتۇقچە بەلغەمنى سۈرۈش، يارىلارنى قۇرۇتۇش
ئىشلىتىلىشى: ھەرخىل بوغۇم ئاغرىقلىرى، ئولتۇرۇغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، قۇلاق ياللۇغى، ھەرخىل جاراھەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ھەببى سىماب


غارىقۇن

خۇسۇسىيتى : بۇزۇق خىلىتلارنى چىقىرىش، زەھەر قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش
ئىشلىتىلىشى: بەلغەمدىن بولغان قىزىتما، باش ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرى، زىققا، يەرقان، كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ھەببى سىماب، ھەببى غارىقۇن


گۇڭگۇرت

خۇسۇسىيتى : تارقتىىش، قىزىتىش، قۇرۇتۇش، يۇمشىتىش، قان تازىلاش، جاراسىم ئۆلتۈرۈش
ئىشلىتىلىشى: بوۋاسىر، سوڭى چىقىش، زىققە، بوغۇم ئاغرىش، قان تۈكۈرۈش، قىچىشقاق، قۇرۇق تەمرەتكە، تىرناق ئاقىرىش، داغ، قۇبا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: مەلھىمى ئەمراز، مەلھىمى كىبىرىت، ھەببى كىبىرىت


ئىپار

خۇسۇسىيتى : رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەپ تەبىئىي ھارارەتنى كۈچەيتىش، كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش، قوزغىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سىپازما قايتۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش
ئىشلىتىلىشى: يۈرەك ۋە مېڭىنىڭ ئاجىزلىقى، مالىخۇلىيا، سەرئى، ھېستىرىيە، دۆيلىنىش، ئۇنۇتقاقلىق، پالەچ، لەقۋا، سەكتە، رەئىشە، كۆك يۆتەل، تارتىشىپ قىلىش، چىيقان، يارىلىنىش، باھنىڭ ئاجىزلاپ مېڭىشى، باش ئاغرىش قاتارلىق ئومومىي بەدەن ئاجىزلىقىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: داۋايى مىسكى، لوبوبى كەبىر، ھەببى سالاجىت


ئىزخىر

خۇسۇسىيتى : توسالغۇلارنى ئېچىپ ئىششىق قايتۇرۇش، ئۇخلىتىش، ئىشتىھانى ئىچىش ھەمدە تۇتۇش
ئىشلىتىلىشى: پالەچ، لەقۋا، بوغۇم ئاغرىقى، بەل ئاغرىقى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: قەنىت سىيىش كىسىلى كۇمۇلىچى


كاسىنە ئۇرۇقى

خۇسۇسىيتى : توسالغۇلارنى ئىچىپ، سۈيدۈك ھەيدەش، قان تازىلاش
ئىشلىتىلىشى: جىگەردە توسالغۇ پەيدا بولۇش، يەرقان، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: دىنار شەربىتى، ئۆت ياللۇغى ئىچىملىگى


كەھرىبا

خۇسۇسىيتى : ئىچ توختۇتۇش، قان توختۇتۇش، كۆڭۈلنى ئېچىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش
ئىشلىتىلىشى: قانلىق ئىسھال، ئىچكى- تاشقى ئەزالارنىڭ قانىشى، ناچار ماددىلارنىڭ ئاشقازانغا قۇيۇلۇشى، سۈيدۈكنىڭ كۆيۈپ كېلىشى، ئاشقازان بۆرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: داۋايى مىسكى، لوبوبى كەبىر، ھەببى سالاجىت، سۇپۇپى كەھرىبا


كۆپۈكى دەريا

خۇسۇسىيتى : ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەش، قان توختىتىش، جاراھەتنى پۈتتۈرۈش، تراخۇام دانچىلىرىنى يوقىتىش، ئاق خۇننى توختىتىش
ئىشلىتىلىشى: 12بارماق ئۈچەي يارىسى، سىل، ھەرخىل ئەزالار قانىشى، كۆز يارىسى، قۇلاق يىرىڭداش، سەپكۈن، داغ، مۇدۇر، ئىستىسقا قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: سۇپۇپى بىخ مارجان


كۇمۇش ۋەرەق

خۇسۇسىيتى : كۆڭۈلنى ئېچىش، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش
ئىشلىتىلىشى: مېڭە ئاغرىش، خەفەقان، ئاشقازان ئاجىزلىقى ۋە كۆز ئاغرىشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: لوبوبى كەبىر، خىمىر گاۋزىبان، جاۋارىش قانىسە


لىمۇن

خۇسۇسىيتى : قىزىتمىنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قويۇق خىلىتلارنى تارقىتىش
ئىشلىتىلىشى: ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك تىترەش، باش ئاغرىش، يۇقۇملۇق ئىسسىق زۇكام، دانىخورەك قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: سىركەنجىۋىل شەربىتى


لىسانۇل ئەساپىر

خۇسۇسىيتى : يەللەرنى تارقىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش
ئىشلىتىلىشى: نېرۋا ئاجىزلىقى، كونا يۆتەل، بەل ئاغرىش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، باھ ئاجىزلىقى، كۆپ ئىھتىلام بولۇش قاتارلىقلاردا ئىشلىتلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ئىتىرپىل كەبىر

مەرۋايىت

خۇسۇسىيتى : رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، كۆرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش، قان توختىتىش
ئىشلىتىلىشى: روھىي تۆۋەنلىك، خەفەقان، ئېھتىلام، ئاق خۇن ۋە قانلىق ئىسھال، بوۋاسىر، قىزىل- چىچەك، داغ، يىرىڭلىق جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: داۋايى مىسكى، لوبوبى كەبىر، خىمىر مەرۋايىت، خىمىر گاۋزىبان، ھەببى سالاجىت


مەستىكى رۇمى

خۇسۇسىيتى : رەئىس ئەزالار ۋە ئاشقازاننى كۈچەيتىش، يۇمشىتىش، يەل تارقتىش، پارقىرىتىش، قاتۇرۇش، ئىغىزنى خۇشبۇي قىلىش
ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىچ ئۆتكۈ، چىش تۈۋى بۇزۇلۇشى، ئېغىز پۇراش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: مائول ھەسەل شەربىتى، لوبوبى كەبىر، مۇقەۋۋى مەدى، ئايرەج پەيقىرا، ھەببى سۆرىنجان


موزا

خۇسۇسىيتى : قورۇش، قۇرۇتۇش، تۇتۇش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش
ئىشلىتىلىشى: ھەرخىل ئىششىق ۋە جاراھەتلەر، كونا ۋە قانلىق ئىسھال، ئاق خۇن كېلىش، بەش ئەزا يارىلىرى، تەمرەتكە، سەپكۈن، چاچ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەردە مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: بىخ مارجان، سۇپۇپى سەندەل


مۇقەل

خۇسۇسىيتى : پارقىرىتىش، تارتىشىش، يۇمشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، نېرۋا- پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىپ بەلغەم بوشىتىش
ئىشلىتىلىشى: پالەچ، لەقۋا، رەئىشە، ھەرخىل بوغۇملار ئاغرىقى، بوۋاسىر، خانازىر قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ھەببى سىماب، ھەببى مۇقەل


نىشاستە

خۇسۇسىيتى : بەلغەم پىشۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، قۇرۇتۇش، قان توختىتىش
ئىشلىتىلىشى: ئۆپكە سىلى، تولغاق ۋە ھەرخىل جاراھەتلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ھەببى سىماب، سۇپۇپى سۇئال


نۆشۈدۈر

خۇسۇسىيتى : ئارام بىرىش، شىللىق پەردىلەرنى قوزغىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئۈچەي- ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ۋە سەپرانى تارقىتىش
ئىشلىتىلىشى: يەرقان، ئىستىسقا، كاناي ۋە ئۆپكە ياللۇغى، چىقىق، ھەزىم ئاجىزلىقى، بەرەس ۋە چاقا- مۇدۇرلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ھەببى كىبىرىت


فەرفىيۇن

خۇسۇسىيتى : پارقىرىتىش، يۇمشىتىش، كۆيدۈرۈش، قىزىتىش، ھەيز ماڭدۇرۇش، بەلغەمنى سۈرۈش
ئىشلىتىلىشى: پالەچ، لەقۋا، تەشەننۇچ، ئىستىرخا، رەئىشە، باش قېيىش، ئىرقىننىسا، بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ھەببى سالاجىت، مەلھىمى فەرفىيۇن


پىرسىياۋشان

خۇسۇسىيتى : مۆتىدىل ئىششىق تارقىتىش، يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش، پارقىرىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، بەلغەم چىقىرىش، بەدەننى تازىلاش، ھەيز ۋە سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەمنى لايىقلاشتۇرۇش، قۇرۇتۇش
ئىشلىتىلىشى: كۆكرەك ۋە ئۆپكىگە دائىر كېسەللىكلەر، سىيىشنىڭ قىيىنلىشىشى، ھەيز توختاپ قېىلىش، چاچ-ساقاللارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، باش ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: زۇفا شەربىتى


قارا ھېلىلە

خۇسۇسىيتى : قان تازىلاش، ھەزىمنى كۈچەيتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش
ئىشلىتىلىشى: نېرۋا ئاجىزلىقى، بوۋاسىر، چاچ ئاقىرىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: مەجۇنى كۇندۇر، ئىتىرپىل كەبىر، ئىتىرپىل كەشنىز، قەنىت سىيىش كىسىلى كۇمۇلىچى، سۇپۇپى ھەلىيلە سىيا


پىلە غوزىسى

خۇسۇسىيتى : مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ كۆڭۈلنى ئېچىش، بەلغەم چىقىرىش، پارقىرىتىش
ئىشلىتىلىشى: نېرۋا ئاجىزلىقى، خەفەقان، يۆتەل، زىققە، كۆز ياشاڭغۇراش، كۆزگە جاراھەت چىقىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ئەبرىشىم شەربىتى


قۇندۇز قەھرى

خۇسۇسىيتى : نېرۋىنى جانلاندۇرۇش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سپازمىنى بوشىتىش، تارقتىىش، قۇرۇتۇش، قىزىتىش، يۇمشىتىش، پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، ھەيز ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش
ئىشلىتىلىشى: ھېستىرىيە، سەرئى، دۆيلىنىش، زىققە، رەئىشە، پالەچ، ئۇيقۇسىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، خۇن چىگىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: قۇستى يېغى، خىمىر گاۋزىبان، جاۋارىش قانىسە


قۇستە

خۇسۇسىيتى : روھىي قۇۋۋەتنى ئورغۇتۇش، بۇزۇق ماددىلارنى چىقىرىش
ئىشلىتىلىشى: لەقۋا، ئۇنۇتقاقلىق، زىققا، داغ، سەپكۈن، تەمرەتكە، ئۈچەي قۇرتى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ
ياسالمىلىرى: قۇستى يىغى


ئۇستىقۇددۇس

خۇسۇسىيتى : بەلغەم بوشىتىش، مېڭىنى تازىلاش، پەي- نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازاننى كۈچەيتىش
ئىشلىتىلىشى: پالەچ، لەقۋا، رەئىشە، تۇتقاقلىق، نەزلە، ئۇنۇتقاقلىق، بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: مەسھايى زەپران، خىمرى گاۋزىبان


خىيارشەنبەر

خۇسۇسىيتى : كۆكرەكنى يۇمشىتىش، سۈرۈش، ئىششىق ياندۇرۇش، بالا ۋە بالا ھەمراھىنى چۈشۈرۈش
ئىشلىتىلىشى: گال ۋە كۆكرەكنىڭ يىرىكلىكى، زىققە، جىگەر ياللۇغى، خۇن چىگىلىش، قەۋزىيەت، بوغۇم ئاغرىقى ھەمدە ھەرخىل ياللۇغلارنى قايتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: شاھتەرە شەربىتى، مەتبۇخى شاھتەرە، مەتبۇخى خىيارشەنبەر

ئادەمگىياھ

خۇسۇسىيتى : زېھنىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، تال ۋە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، تەبىئىي قۇۋۋەتنى تولدۇرۇش، ساپ قان ھاسىل قىلىش
ئىشلىتىلىشى: ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، پۈتۈن بەدەن ئاجىزلىقى، باھ ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: لوبوبى كەبىر


ئانار پوستى

خۇسۇسىيتى : پەينى چىڭىتىش، جاراسىملارنى ئۆلتۈرۈش، ئىچ سۈرۈش ۋە قاناشنى توختىتىش، مەنىنى قويۇقلىتىش
ئىشلىتىلىشى: قونا ئىسھال، ھەرخىل ئەزالاردىن قان كېلىش، مەنى سۇيۇلۇپ كېتىش، ئۈچەي مەددىسى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: سۇپۇپى ئەھمەر


ئامىلە

خۇسۇسىيتى : رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازاننىڭ تۇتۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، چاچنى قارايتىش، ئىچ قاتۇرۇش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش
ئىشلىتىلىشى: ئومومىي بەدەن ئاجىزلىقى، خەپەقان، ئاشقازان ۋە كۆز خىزمىتىنىڭ ناچارلىقى، پالەچ، لەقۋا قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: مەتبۇخى شاھتەرە، چاچ مىيى، ماددەتول ھايات، مەجۇنى مۇقەۋۋى مەدى، ئامىلە نۆشدارى، ئىتىرپىل كەشنىز، ھەببى مۇقىل


قەلەمپۇر

خۇسۇسىيتى : تىنىچلاندۇرۇش، قىزارتىش، خۇشبۇي قىلىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، يەلنى يوقىتىش
ئىشلىتىلىشى: چىش ئاغرىقى، ھەزىم بۇزۇلۇش، قورساق ئېسىلىش، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ
ياسالمىلىرى: مائۇل ھەسەل شەرىبىتى، لوبوبى كەبىر، مەجۇنى ئازاراقى، ئامىلە نۆشدارى، مەسھايى زەپران، خىمىر مەرۋايىت، ھەببى ئازاراقى، سۇپۇپى بادرەھمى، قەلەمپۇر تىنىكتۇرىسى


سانا

خۇسۇسىيتى : كۆيگەن خىلىتلارنى سۈرۈپ چىقىرىش، مېڭىنى تازىلاش، بەدەننىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە سىڭىش، تېرىنى پارقىرىتىش، رەئىس ئەزالارنى كۈچەيتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش
ئىشلىتىلىشى: ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتنى ھەمدە قويۇق بەلغەم ۋە سەۋدادىن بولغان سەرئى، شەقىقە، جۇنۇن، كونا باش ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى، زىققە، قۇلۇنجى، ئىرقۇننەسا، تەشەننۇج، پىل پۈت كېسەللىكى، ۋېنا تومۇرلىرىنىڭ ئەگرى- بۈگرى بولۇپ قېلىشى، قىچىشقاق، دانخورەك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: مەتبۇخى سۆرىنجان، مەتبۇخى شاھتەرە، مەتبۇخى ئەپتىمۇن، مەجۇنى ئۆشبە، ئىتىرپىل ئەپتىمۇن، سۇپۇپى سۆرىنجان


مەنبەسى -www.xipagar.com
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-21 12:03:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياسالمىلىرى ھەققىدە


ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورا ياسالمىلىرى دورىلارنىڭ تەبىئىيىتى ۋە داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇئەييەن تەييارلاش قائىدە-ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ھەرخىل شەكىلدە تەييارلانغان دورا ياسالمىلىرىغا قارىتىلغان. ئۇ، دورا شەكىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

1.قويۇق دورا ياسالمىلىرى
2.قاتتىق دورا ياسالمىلىرى
3.سۇيۇق دورا ياسالمىلىرى
4.تالقان دورا ياسالمىلىرى

يۇقىرىدىكى تۆت چوڭ تۈردىكى دورا ياسالمىلىرى يەنە تەركىبى، ياساش ئۇسۇلى، ئىشلىتىش ئورنى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە تەسىرى، ھەتتا تەمى قاتارلىقلارغا ئاساسەن كۆپ خىلغا، جەمئىي تۆۋەندىكىدەك 60 نەچچە خىلغا بۆلىنىدۇ.

بىرىنچى، قويۇق دورا ياسالمىلىرى

1.تەرياقلار (زەھەر قايتۇرغۇچىلار)
2.جەۋارىشلار
3.خېمىرلار
4.زىمادلار(چاپمالار)
5.گۈلقەنىتلەر
6.لۇبۇبلار (تەركىبىگە مېغىز قېتىلغان دورىلار)
7.لوئۇقلار(يالانچۇقلار- يالاپ ياكى شۈمۈپ ئېستىمال قىلىدىغان قويۇق دورا ياسالمىسى)
8.مەرھەملەر
9.مەئجۇنلەر
10.مۇفەررىھلار(كۆڭۈلنى خوشلاندۇرغۇچى دورىلار كۆپرەك چۈشىدىغان ھالۋىسىمان دورا ياسالمىلار)
11.ئىترىيفېيلار
12.ئىيارەجلەر(ئاچچىق تەملىك دورا ياسالمىلىرى)

ئىككىنچى، قاتتىق دورا ياسالمىلىرى

1.    بانادۇقلار
2.    شىيافلار(شامچە دورىلار)
3.    فەتىلىلەر(پىلكۈچلەر)
4.    فەرزىجىلەر
5.    قۇرسلار(توقۇچاقلار)
6.    ھەبلەر(كۇمىلاچلار)



ئۈچىنچى، سۇيۇق دورا ياسالمىلىرى

1.ئەرەقلەر(پارلاندۇرۇپ ياسالغان ياسالمىلار)
2.تىزابلار(كىسلاتالىق سۇيۇقلۇقلار)
3.پاشۇيىلار
4.رەۋغەنلەر
5.سىركەنجىبىنلەر
6.شەربەتلەر
7.قوتۇرلار(تامچىلار)
8.لوئابلار
9.مەتبۇخلار(قايناتمىلار)
10.   مۇراببالار
11.   نۇقۇئلار(چىلانمىلار)
12.   ھوقنەلەر(كىلىزمىلار)
13.   ئوكۇللار

تۆتىنچى، تالقان دورا ياسالمىلىرى

1.زورۇرلار(سەپمىلەر)
2.سۇفۇفلار(تالقانلار)
3.سۇنۇنلار(چىش تالقانلىرى)
4.كوھلىلار(سۈرمىلەر)
دورا ياسالمىلىرىنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك خىللىرىمۇ بار:

1.              ئابىزەنلەر: دورىلارنىڭ قاينىتىلغان سۈيىگە بىمارنى ئولتۇرغۇزۇپ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دورا ياسالمىسى.
2.              ئەتۈسلەر: دورىلارنى سوقۇپ ياكى سوقماي پۇرىتىپ چۈشكۈرتۈش ئارقىلىق دىماغنى ئاچىدىغان دورا ياسالمىسى.
3.              بوخۇرلار: دورىلارنى قىزىتىپ كۆيدۈرۈپ ياكى قاينىتىپ ھورىغا ئەزالارنى بۇسلاپ كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورا ياسالمىسى.
4.              بورودلار: كۆزگە تېمىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان يەنە بىر خىل ياغ دورا ياسالمىسى.
5.              تەدھىنلار: سىرتتىن ياغلاش ئۈچۈن تەييارلانغان يەنە بىر خىل ياغ دورا ياسالمىسى.
6.              تىلالار: دورىلارنى سۇ تېمىتىلغان مېتال ياكى تاشلارغا سۈرۈپ چىقارغان تاتىقىنى ھۆل ۋە سوغۇق پېتى بەدەنگە سۈرتىدىغان دورا ياسالمىسى.
7.              جەۋھەرىلەر: بۇ دورىلار كىرىستاللاشتۇرۇپ تەييارلانغان يېڭى بىر خىل تالقان دورا ياسالمىسى.
8.              داۋائلار: بۇ ھەرخىل شەكىللەردە تەييارلىنىدىغان، مەلۇم دورا نامى ياكى مەلۇم كېسەللىك نامى بىلەن ئاتىلىدىغان دورا ياسالمىسى.
9.              سەكۇبلەر: كۆز ئەتراپىغا ئاستا قويۇپ، يۇيۇش ئۈچۈن تەييارلانغان سۇيۇق دورا ياسالمىسى.
10.         سۇئۇتلار: بۇرۇنغا تېمىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان سۇيۇق دورا ياسالمىسى.
11.         شەمۇملار: بۇرۇنغا يۇرۇتۇش ئۈچۈن تەييارلانغان دورا ياسالمىسى.
12.         غەر-غەرەلەر: ئېغىز چايقاش ئۈچۈن تەييارلانغان سۇيۇق دورا ياسالمىسى.
13.         فۇلۇنيالار: بىر خىل مۇرەككەپ قويۇق دورا ياسالمىسى.
14.         كاپسۇللار: بەزى تالقان دورىلارنى ئىشلىتىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن كاپسۇللارغا قاچلاپ تەييارلانغان يېڭى بىر خىل دورا ياسالمىسى.
15.         كەشكابلار: دورىلارنى ئارپا سۈيىگە چىلاپ، چىلانما مەخسۇس زۇكام ئۈچۈن تەييارلانغان سۇيۇق دورا ياسالمىسى.
16.         كەمەدلەر: ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەرنى قىزىتىپ ئەزالارغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلانغان دورا ياسالمىسى.
17.         لەخلەخەلەر: دورىلارنى چالا سوقۇپ پۇرىتىش ئارقىلىق سەرسامنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورا ياسالمىسى.
18.         مائۇلار: گۆش، ھەسەل، مېۋە ۋە دورىلارنى سىقىپ ياكى قاينىتىپ تەييارلانغان دورا ياسالمىسى.
19.         مەز-مەزەلەر: بۇرۇنغا ئېلىپ چايقاش ئۈچۈن تەييارلانغان دورا ياسالمىسى.
20.         مۇسەللەسلەر: ئۈزۈم، تاۋۇز قاتارلىقلاردىن ئېچىتىپ تەييارلانغان سۇيۇق دورا ياسالمىسى.
21.         نوپۇخلار: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ بۇرۇنغا پۈركۈش ئۈچۈن تەييارلانغان تالقان دورا ياسالمىسى.
22.         نوتۇللار: دورىلار قايناتمىسىنى باش ۋە بەدەنگە ئاستا-ئاستا قويۇش ئۈچۈن تەييارلانغان دورا ياسالمىسى.
23.         ھومۇللار: نەم دورىلارنى داكىغا سۈرتۈپ چوڭ يارىلار ئېغىزىغا تىقىپ قويۇلىدىغان دورا ياسالمىسى.
24.         ۋوجۇرلار: دورىلار سويۇقلۇقنى تېمىتىپ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ گېلىغا تېمىتىش ئارقىلىق سەرئىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورا ياسالمىسى.
25.         ئىنكىبابلار: دورىلارنى قاينىتىپ ھورىنى مەلۇم ئەزاغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلانغان دورا ياسالمىسى.
26.         ئىچىلىدىغان سۇيۇقلۇقلار: ھەجىمى ئازايتىلىپ، مەخسۇس ئامپۇللارغا قاچىلاپ تەييارلانغان يېڭى بىر خىل ئىچىلىدىغان دورا ياسالمىسى.
27.         ياقۇتلار: بۇ، ياقۇتلار باش دورا قىلىنىپ ھەرخىل شەكىللەردە تەييارلىنىدىغان، ياقۇتلار ۋە ئىجاد قىلغۇچىلارنىڭ نامى ھەمدە دورىنىڭ تەسىرى بىلەن ئاتىلىدىغان دورا ياسالمىسىدۇر.
تەييارلىغۇچى:مارالبېشى ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانسى تۈر-تەتقىقات ئىشخانسىدىن:
            كىرەمجان ئوبۇل

مەنبە:ئۇيغۇر تبابەتچىلىك قامۇسىدىن ئېلنپ،رەتلەپ چىقىلدى.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-21 12:10:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى
ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىككەبولغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە ھەر قايسى ئەزا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپ-ئۇسۇللىرىنى مەخسۇس «ئۇيغۇر تىبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمى»دەرىسلىكىدە سۆزلەنگەنلىگى ئۈچۈن بۇ ھەقتە تەپسىلى توختالمايمىز.پەقەت مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر،شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە پۈتۈنلۈك بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ ئومۇمى پىرىنسىپلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.
1. مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى
مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر-ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تۈزۈلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگۈرۈش بولماستىن بىرەر غەيرى ماددا (غەيرى تەبىئى خىلىت )نىڭ سەۋەبىدىن ياكى نۇرمالسىز كەيپىياتلارنىڭ تەسىردىن شۇ ئەزانىڭ مىزاجىدا ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭ مەخسىس خىزمىتىنىڭ توسقۇنلىققا ئۇچرىشىدىن ئىبارەت.
مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، خىلىتسىز مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئومۇمى داۋالاش پىرىنسىپى تۆۋەندىكىچە:
1)خىلىتسىز مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى
خىلىتسىز مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن كېسەللىك سەۋەبىنى ئىنقلاپ چىقىپ، كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىش ھەم كېسەللىكنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان نۇرمالسىز كەيپىياتلارغا قارىتا قارمۇ-قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مىزاجنى تەڭشەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.مەسىلەن:ئەگەر كېسەللىك خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بولسا ئۇنىڭغا قارىتا سوغۇقلۇق قىلىش،ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەك-ئېچمەك ۋە دورىلارنى ئىشلىتىش، سۇۋۇتقۇچى چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2)خىلىتلىق مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى
خىلىتلىق مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا بىمارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ كېسەللىككە سەۋەپچى بولغان غەيرى تەبىئى خىلىتنى ئىنىقلاپ چىققاندىن كىيىن، ئالدى بىلەن شۇ خىلىتنىڭ مۇنزىچى(پۇشۇرغۇچىسى) بېرىلىپ، ماددا پىشقان ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، شۇ خىل مۇنزىچنىڭ تەركىبىگە كېسەللىەككە سەۋەپچى بولغان خىلىتنىڭ مۇسھىلى ( سۈرگۈ دورىسى) قوشۇپ بىرىلىپ، كېسەللىك ماددىسى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. ئاندىن كىيىن ئاساسلىق داۋالىغۇچى، مەخسۇس ياكى ئومۇمى بەدەننى كۇچلاندۇرغۇچى دورىلارنى بىرىش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
خىلىتلىق مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئەگەر كېسەللىككە سەۋەپچى بولغان ئامىل غەيرى تەبىئى سەپرا خىلىتى، غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتى ياكى غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتلىرى بولسا ئۇلارغا قارىتا ماس ھالدىكى خىلىتنىڭ مۇنزىچ مۇسھىللىرى بىرىلىپ كېسەللىككە سەۋەپچى بولغان غەيرى تەبىئى خىلىت بەدەندىن تازىلىنىدۇ. ئەگەر كېسەللىك قان خىلىتىدىن بولغان بولسا بۇنىڭغا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل بىرىلمەيدۇ. پەقەت قان تازىلىغۇچى، قان پەيدا قىلغۇچى، قاننى جانلاندۇرغۇچى، قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتكۈچى، قاننى سۇيۇلدۇرغۇچى، قان خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ.ئەگەر قان خىلىتىغا باشقا غەيرى تەبىئى خىلىتلارنىڭ ئارلىشىپ قېلىشىدىن كېسەللىك كىلىپ چىققان بولسا بۇنى داۋالاشتا قوشۇلغان نۇرمالسىز خىلىتنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىللىرى قوشۇپ بىرىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2.شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى
شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر- ھەرخىل ئىچكى تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزا توقۇلمىلارنىڭ تەبىئى تۈزىلىشىنىڭ غەيرى تەبىئى ھالەتكە ئۆزگىرىپ كىتىشى بىلەن فىزىلوگىيلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرنى ئالغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە ئەزالارنىڭ پۈتۈنلىكىدە ھىچقانداق ئۆزگۈرەۈش بولماي، پەقەت شەكلى بۇزۇلۇپ فىزلوگىيىلىك خىزمىتى توسقۇنلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ. شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئاساسلىقى خىلتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن كىلپ چىقىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى داۋالاشتا، خىلتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپىغا ئوخشاش، ئالدى بىلەن كېسەللىككە سەۋەبچى بولغان غەيرى تەبئىي خلىتنى ئىنىقلاپ، شۇ خىلىتنىڭ مۇنزىچىغا كېسەللىكنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن بىر قىسىم ئاساسلىق داۋالىغۇچى دورىلار قوشۇپ بىرىلىدۇ. مەسلەن: ئەگەر كېسەللىك ياللۇغلىنشلىق كېسەللىكلەر بولسا مۇنزىچ تەركىبىگە ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار قۇشۇپ بىرىلدۇ.ئەگەر تاش كېسەللىكى بولسا مۇنزىچ تەركىبىگە بىر قىسىم تاش پارچىلىغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن ماددا پىشىش ئالامەتلىرى كۈرۈلگەندە شۇ مۇنزىچ نۇسقىغا كېسەللىكە سەۋەبچى بولغان خىلىتنىڭ مۇسھىلى قۇشۇپ بىرىلىپ كېسەللىك ماددىسىنى بەدەندىن تازىلىندۇ. كېسەللىك ماددىسى بەدەندىن تازىلنىپ بولغاندىن كىيىن ئاساسلىق داۋالىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنى روھى جەھەتتىن خاتىرجەم قىلش، ھەركەت-ئارام ئېلىش، ئۇيقۇ-ئويغاقلىق ۋە يېمەك-ئېچمەكلەر تەرتىپكە سېلنىدۇ.شۇنىڭدەك مۇۋاپىق ئۇزۇقلۇقلار بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇپ بىر قىسىم ئۇزۇقلۇقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە لوڭقا قۇيۇش، قان ئېلىش،داغلاش، ھورداش، ئارشاڭغا چۈشۈرۈش، قۇمغاكۈمۈش، ئاپتاپقا سېلىش....قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ مۇۋاپىق كىلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنلىدۇ. ئاخىرىدا مەخسۇس ئەزا ياكى ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلىگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ .
3. پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى
پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ھەرخىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەزا-تۇقۇلمىلارنىڭ پۈتۈنلۈكى بۇزۇلۇپ، خىزمەت توسقۇنلۇققا ئۇچراشدىن كىلىپ چىققان كېسەللىكلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى تاشقى سەۋەبلەردىن ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، يىقىلىش، بېسىلىش قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ئامىللار تۈپەيلىدىن ئەزالاردا زەخمىلنىش، جاراھەتلىنىش يۈز بىرىدۇ.ئىچكى سەۋەبلەردىن بولسا ئاساسلىقى خىلىتلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۇفۇنەتلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققانلىرىدىن سىرت باشقىلىرى ئاساسلىقى خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىرلىشىپ تەرەققى قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
شۇڭا پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئەگەر كېسەللىك پەۋقۇلئاددە تاشقى سەۋەبلەر(ئۇرۇلۇش، سۇقۇلۇش، يىقىلىش....) دىن يۈز بەرگەن بولۇپ، زەخمىلىنىش ئېغىر بولسا ئوپراتسىيە قىلىش، تېڭىش ئۇسۇلى قوللىنىلدۇ. ئەگەر زەخمىلنىش ئېغىر بولمىسا ھەم شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن، خىلتلارنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشدىن كىلىپ چىققان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن، خىلتلارنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن كىلىپ چىققان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا قان توختاتقۇچى، زەخمىنى پۈتتۈرگۈچى، قان تازىلىغۇچى، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، ئارتۇق گۆشلەرنى يىگۈچى، زەخمە-جاراھەت پۈتتۈرگۈچى، جاراسىملارنى ئۆلتۈرگۈچى دورىلارئىچى- سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا، تېڭىش، زىمات چېپىش، داغلاش، ئارشاڭغا چۈشۈرۈش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، سوغۇق ئۆتكۈزۈش، دورا سېپىش....قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ مۇۋاپىق كىلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلدۇ ھەم يېمەك-ئېچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ مۇۋاپىق ئۇزۇقلۇقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، مەخسۇس ئەزا ياكى ئۇمۇمى بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى كۈچىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .     
مەنبە ajmftp.gotoip3.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 07:06 , Processed in 0.150308 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat