ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 989|ئىنكاس: 7

بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-31 15:00:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟

ئاپتۇر: بىلگەجان




جەمئىيتىمىزدە بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىغا قارىتا ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەر مەۋجۇت. گەرچە ئىلىم-پەن ساھەسىدە بالىنىڭ جىنسنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقىلى نەچچە ئون يىللار بولغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قېلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانىنىڭ قىز تۇغۇشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىقىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەتتا ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
پات- پاتلا ئەر- ئاياللارنىڭ پەرزەنتىنىڭ قىز بولۇشى تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ھەم بۇ مەسىلىنىڭ جەمئىيتىمىزدە خىلى ئېغىر ئىكەنلىكى ئېنىق. بىزنىڭ تارىختىن بۇيان مەيلى دىننىي جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى مىللىي ئۆرپ- ئادىتىمىزدە بولسۇن ئوغۇل پەرزەنتنى چوڭ كۆرۈپ قىز پەرزەنتنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئەنئەنىمىز يوق ئىدى. بەلكىم بۇمۇ باشقىلاردىن يۇققان بىر يېڭى كىسەل بولسا كېرەك. بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر تېما يوللاپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم. مەن كۆپىيىش بىئولوگىيەسى كەسپىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ ئىلمىي كۆز قاراشلىرى ياكى سۇئاللىرى بولسا ئورتاقلىشىشنى قارشى ئالىمەن. تۆۋەندە بالىنىڭ جېنسىنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن:

ئاۋۋال ئىككى كەلىمە ھېكايە ئاڭلايسىلەر. غەرب دۇنياسىدا چوڭ-كىچىك، توڭ-پىششىق ھەممەيلەن دىگۈدەك بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىنىڭ ئاتا تەرەپتىن بەلگىلىنىدىغانلىغىنى بىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ بەك ئەقىللىق بولۇشىدىن كۆرە بىر تارىخى شەخىس ۋە ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەنگىلىيە پادىشاھى ھېنرى (1547-VIII (1491 تارىختىكى داڭلىق پادىشاھلارنىڭ بىرى، بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ ئەنگىليە باش چېركاۋىنىڭ رېم كاتولىگ چىركاۋىدىن ئايرىلىپ چىقىشىدىكى رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇنىڭ 6 قېتىم ئۆيلەنگەنلىكى ۋە بۇ تويلارنىڭ قانداق بىر ئاقىۋەتتە ئاياغلاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ توغرىدا تۆۋەندىكى قوشاق تارقالغان:
King Henry the Eighth,to six wives he was wedded.One died, one survived,two divorced, two beheaded.
بۇ قوشاقنىڭ مەزمۇنى پادىشاھ ھېنرى سەككىزنىڭ 6 قېتىم توي قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى بىلەن ئاجراشقانلىقى، يەنە ئىككىسىنى قەتلى قىلغانلىقى، بىرىنىڭ تۇغۇتتا ئۆزى ئۆلۈپ،ئالتىنچىسىنىڭ پادىشاھ ئۆلگەندىن كىيىن ھايات قالغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئەمەلىي ۋەقە بولۇپ، پادىشاھ ھېنرى 8 بۇ ئاياللاردىن ئاجرىشىش ياكى ئۆلتۈرۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇلارنىڭ بىرمۇ ئوغۇل تۇغمىغانلىقى، بۇزۇقچىلىق قىلغانلىغى ۋە ئۇنىڭغا مۇتلەق بويسۇنۇش پوزىتسىيەسىدە بولمىغانلىغى ئىدى. دەل قىز تۇغدى دەپ ئاجراشقاندىن كىيىن ئالغان ئاياللىرىمۇ توختىماي قىز تۇغقان. پەقەت تۇغۇتتا ئۆلگەن ئايالى جەيىن سەيمۇردىن بولغان بىردىنبىر ئوغلى ئۇنىڭ تەخىت ۋارىسى بولغان. ھېنرى 8 نىڭ ئاياللىرىنى ئوغۇل تۇغمىدى دەپ ئەيىپلەپ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن باشقا ئاياللىرىنىڭمۇ توختىماي قىز تۇغقانلىقى كىشىلەرگە تۇنجى قېتىم بالىنىڭ قىز-ئوغۇل بولۇشى بەلكىم ئايال كىشىگە مۇناسىۋەتىسىز بولۇشى مۇمكىن دىگەن دەسلەپكى قاراشنى پەيدا قىلغان.

ئەمدى نەق گەپكە كىلەيلى:
جىنسنىڭ بەلگىلىنىشى ئككى مۇھىم ھالقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى جېنسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى، ئككىنچىسى مېڭىنىڭ جېنىسقا ئايرىلىشى. ئادەتتە، ئىنساننىڭ ھاياتى  ئاتىلىق ئىسپېرما ھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم (يەنى زېگوتا) نىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. گەرچەنۇرغۇن كىشىلەر تۆرەلمە يېتىلىپ بىر نەچچە ئايلىق بولغۇچە بىر ھاياتلىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلمىسىمۇ، لىكىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆزى تولۇق بىر تۆرەلمە ۋە بالا ھەمرىيى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا، ئاخېرىدا بىر يىتىلگەن جانلىققا ئايلىنىش پوتىنسىئالىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايمىز.  جېنىسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى دېگىنىمىز ئاتىلىق ئىسپېرماھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىرىككەندە جىنسىي خىروموسوملارنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن باشقا بارلىق ھۈجەيرىلەردەجەمئىي 23 جۈپ خىروموسوم بار بولۇپ بۇنىڭ22 جۈپى تەن (جېنىسسىز) خىروموسومى، بىرجۈپى جىنىسلىق خىروموسومدۇر. ئىسپېرما ۋەتۇخۇم ھۈجەيرىلىرى ئالاھىدە ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇلاردا پەقەت 23 تال خىروموسوم بولىدۇ. ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرىدە 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن  بىر تال بىر تال X ياكىY خىروموسومى بولىدۇ. تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدە بولسا 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال X خىروموسوم بولۇپ، Y خىروموسوم مەۋجۇت بولمايدۇ. دىمەك ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولۇش جەريانىدا ئىسپېرما ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى مۇكەممەل بولغان 23جۈپ خىروموسومغا ئىگەقىلىدۇ. بۇ جەرياندا تۆرەلمە جېنسىنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى تاماملىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر Y خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە ئوغۇل بولۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ ئەگەر X خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە قىز بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ كەلگۈسىدە ئوغۇل بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن Y خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم(XY)دىن تەركىب تاپىدۇ؛ قىز بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن X خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم (XX) دىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، پەقەت ۋە پەقەت ئاتىدىن كىلىدىغان Y خىروموسومنىڭلا جىنىسنى بەلگىلەش ئىقتىدارى بار. ئەمما قايسى خىللىق خىروموسومغا ئىگە ئىسپىرمنىڭ تۇخۇم بىلەن بىرلىشىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ ھەم بۇ ئەرنىڭ بەدەن ساپاسى ياكى باشقا ئامىللار بىلەن زىچ باغلىنىشى يوق.
مېڭىنىڭ جىنىسقا ئايرىلىشى جەريانىدا XY تىپلىق (ئوغۇل) تۆرەلمە تەرەققىي قىلىپ مېڭە يېتىلگەندىن كىيىن، كۆپىيىش ئورگانلىرى شەكىللىنىش جەريانىدا ئىپتىدائىي كۆپىيىش ئورگانلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلىرىنىڭ Y خىروموسومىدىكى گېنلار قوزغىلىپ ئەرلىك جېنسىي ھورمونلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەم مۇشۇ ھورمونلارنىڭ تەسىرىدە مېڭە ئۆز جىنسىنى تونۇپ يىتىدۇ. XX تىپلىق تۆرەلمە بەدىنىدە ئەرلىك جېنسىي ھورمون ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان بولغاچقا، تەبئىي ھالدا مېڭە ئاياللىق جىنىسنى تونۇيدۇ. شۇڭا تۆرەلمە مەزگىلىدىلا مېڭە جىنىسقا ئاساسەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. مېڭىنىڭ تۆرەلمە مەزگىلىدە ئۆز (گېنتىكىلىق) جىنسىنى توغرا تونۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ جەريان ئاساسلىقى ھورمون ۋە باشقا تۆرەلمە مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مېڭىنىڭ ئۆز جىنسىنى تونۇش جەريانى گېنتىكىلىق ئامىلدىن بەكرەك ئېپىگېنتىكىلىق (گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇھىت ئامىللىرى) ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئىلىپ بېرىلىدۇ. بۇ بىرقەدەر يېڭى تەتقىقات ساھەسى بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەر داۋاملاشماقتا. بۇ توغرىدا بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوخشاش جىنسلىقلارغا قىزىقىشنىڭ تۆرەلمە يىتىلگەندىلا بەلگىلىنىپ بولۇشى مۇمكىنلىكىگە بەزىبىر ئىسپاتلارنى تەمىنلىگەن بولۇپ، شۇنداقتىمۇ كىشىلەرنىڭ بۇ مەسلىگە بولغان قارىشى قارىمۇ-قارشىلىققا تولغان. بۇ بىز ھازىرچە بۇ تىمىدا قىزىقىدىغان مەسلە بولمىغاچقا ئارتۇق توختالمايمەن.
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشىدا ئانىنىڭ ھىچقانداق بىۋاستە تەسىرى يوق، بەلكى ئاتا تەرەپتىن "تاساددىپىي" ھالدا بەلگىلىنىدۇ. ھازىرغىچە ئىنسانلار تېخى بالىنىڭ جىنسىنى تەبئىي ھالدا ئۆز ئىختىيارى بويىچە تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئەلۋەتتە، تەن سىرتىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا يىتىلگەن تۆرەلمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا. دىمەك، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇپ قىلىشىنى مەيلى ئەردىن ياكى ئايالدىن كۆرۈش بەكمۇ بىمەنىلىك. ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئاز- تولا بېلىمگە ئىگە بولۇشىنى، ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

(2013-يىلى قەھرىتان، ئامرىكا)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bihayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-31 15:03  

ۋاقتى: 2013-11-1 16:35:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېمىڭىز ماڭا بەك يارىدى جۇمۇ ،رەخمەت ھە    مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى قەيەردىن تاپقىلى بۇلا .
ۋاقتى: 2013-11-1 20:54:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yasin يوللىغان ۋاقتى  2013-11-1 16:35
ما تېمىڭىز ماڭا بەك يارىدى جۇمۇ ،رەخمەت ھە    مۇشۇنداق ي ...

سۇيۇملۇك پەيخەمبىر  مىز شۇنداق  دىگەن ئەرلەر دېققانغا ئوخشايدۇ  زىراتگارلىققا يەنى  يەرگە نىمە تىرسا شۇنى  ئالىدۇ
ۋاقتى: 2013-11-5 13:11:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى بىر خۇدا ئۈزى بىلىدۇ.ھەدىس كىتاپلاردا.ۋە قۇرئان كېرىمدە.بالىنىڭ قىز ئۇغۇللىقىنى.ئەتە نىمە ئىش بۇلۇشنى.زاماننىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر زات بىلمەيدۇ دىيىلگەن.بۇ توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ سەلللاھۇ ئەلەيھىسسالاممۇ دەپ ئۆتكەن.بىلىپ بىلمەي ئىمانىمىزدىن ئاجراپ كەتمەيلى پەن ھەرقانچە تەرەققى قىلسىمۇ .بىز باش قاتۇرۇدىغان ئىشلار ئەمەس بۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-26 13:46:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىن ۋە پەندە بالىنىڭ قىز-ئوغۇللۇقى توغرىسىدا (مەۋلانا، بىلگەجان)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،

بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى ھەققىقىدە دىنىمىزدا ۋە پەننىي ئىلىمدا ئوخشاش قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنى ھەممە كىشىنىڭ چۈشىنىشى ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا ئىلگىرى مۇنبەردە يوللانغان مۇناسىۋەتلىك تېما-ئىنكاسلار يۇغۇرلۇپ ئايرىم تېما قىلىپ يوللاندى. مەزكۇر تېمىدا بىلگەجان پەننىي نۇقتىدىن بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ; مەۋلانا بالىنىڭ قىز-ئوغۇللۇقى ۋە بۇنىڭغا ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا دىننىي نۇقتىدىن مۇھىم چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇشۇنداق پەن ۋە دىن بىر-بىرىنى قۇۋۋەتلەيدىغان، بىر-بىرىنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ بىر قەدەم يورۇتۇپ بېرىدىغان، بىرلىككە كەلگەن قاراشنى ئوقۇغاندىن كىيىن، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللۇقى توغرىسىدىكى خاتا كۆز-قاراشلارغا خاتىمە بېرىلسىكەن، دېگەن ئۈمىدتىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: مەۋلانا ۋە بىلگەجان


پەننىي نۇقتىنەزەر:
تېمادىكى « بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟  » غا قاراڭ

جىنسنىڭ بەلگىلىنىشى ئككى مۇھىم ھالقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى جېنسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى، ئككىنچىسى مېڭىنىڭ جىنىسقا ئايرىلىشى. ئادەتتە، ئىنساننىڭ ھاياتى ئاتىلىق ئىسپېرما ھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم (يەنى زىگوتا) نىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. گەرچەنۇرغۇن كىشىلەر تۆرەلمە يېتىلىپ بىر نەچچە ئايلىق بولغۇچە بىر ھاياتلىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلمىسىمۇ، لىكىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆزى تولۇق بىر تۆرەلمە ۋە بالا ھەمرىيى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا، ئاخېرىدا بىر يىتىلگەن جانلىققا ئايلىنىش پوتىنسىئالىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايمىز. جېنىسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى دېگىنىمىز ئاتىلىق ئىسپېرماھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىرىككەندە جىنسىي خىروموسوملارنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن باشقا بارلىق ھۈجەيرىلەردەجەمئىي 23 جۈپ خىروموسوم بار بولۇپ بۇنىڭ22 جۈپى تەن (جېنىسسىز) خىروموسومى، بىرجۈپى جىنىسلىق خىروموسومدۇر. ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىلىرى ئالاھىدە ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇلاردا پەقەت 23 تال خىروموسوم بولىدۇ. ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرىدە 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال بىر تال X ياكىY خىروموسومى بولىدۇ. تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدە بولسا 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال X خىروموسوم بولۇپ، Y خىروموسوم مەۋجۇت بولمايدۇ. دىمەك ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولۇش جەريانىدا ئىسپېرما ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى مۇكەممەل بولغان 23جۈپ خىروموسومغا ئىگەقىلىدۇ. بۇ جەرياندا تۆرەلمە جېنسىنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى تاماملىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر Y خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە ئوغۇل بولۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ ئەگەر X خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە قىز بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ كەلگۈسىدە ئوغۇل بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن Y خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم(XY)دىن تەركىب تاپىدۇ؛ قىز بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن X خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم (XX) دىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، پەقەت ۋە پەقەت ئاتىدىن كىلىدىغان Y خىروموسومنىڭلا جىنىسنى بەلگىلەش ئىقتىدارى بار. ئەمما قايسى خىللىق خىروموسومغا ئىگە ئىسپىرمنىڭ تۇخۇم بىلەن بىرلىشىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ ھەم بۇ ئەرنىڭ بەدەن ساپاسى ياكى باشقا ئامىللار بىلەن زىچ باغلىنىشى يوق.
مېڭىنىڭ جىنىسقا ئايرىلىشى جەريانىدا XY تىپلىق (ئوغۇل) تۆرەلمە تەرەققىي قىلىپ مېڭە يېتىلگەندىن كىيىن، كۆپىيىش ئورگانلىرى شەكىللىنىش جەريانىدا ئىپتىدائىي كۆپىيىش ئورگانلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلىرىنىڭ Y خىروموسومىدىكى گېنلار قوزغىلىپ ئەرلىك جېنسىي ھورمونلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەم مۇشۇ ھورمونلارنىڭ تەسىرىدە مېڭە ئۆز جىنسىنى تونۇپ يىتىدۇ. XX تىپلىق تۆرەلمە بەدىنىدە ئەرلىك جېنسىي ھورمون ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان بولغاچقا، تەبئىي ھالدا مېڭە ئاياللىق جىنىسنى تونۇيدۇ. شۇڭا تۆرەلمە مەزگىلىدىلا مېڭە جىنىسقا ئاساسەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. مېڭىنىڭ تۆرەلمە مەزگىلىدە ئۆز (گېنتىكىلىق) جىنسىنى توغرا تونۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ جەريان ئاساسلىقى ھورمون ۋە باشقا تۆرەلمە مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مېڭىنىڭ ئۆز جىنسىنى تونۇش جەريانى گېنتىكىلىق ئامىلدىن بەكرەك ئېپىگېنتىكىلىق (گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇھىت ئامىللىرى) ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئىلىپ بېرىلىدۇ. بۇ بىرقەدەر يېڭى تەتقىقات ساھەسى بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەر داۋاملاشماقتا.
خۇلاسىلىغاندا، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشى "تاساددىپىي" ھالدا بەلگىلىنىدۇ.  دىمەك، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇپ قىلىشىنى مەيلى ئەردىن ياكى ئايالدىن كۆرۈش بەكمۇ بىمەنىلىك. ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئاز- تولا بېلىمگە ئىگە بولۇشىنى، ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

دىننىي نۇقتىنەزەر:

« (مەۋلانا) كەمتۈكلۈك ئەقىلدىمۇ ياكى ساپادىمۇ؟» غا قاراڭ

ئىلگىرى بۇ تېمىڭىزنى كۆرگىنىمدە قىزىقىش ئېچىدە بىر ئوقۇپ چىققىنىم ئېسىمدە. ئۇشبۇ ماقالىڭىزنىڭ خۇلاسىسى بولسا، نۆۋەتتە ساغلام ئەقىلنىڭ مەھسۇلى بىلەن، سەھىھ نەقىلنىڭ نەتېجىىسىنىڭ زىت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم نۇقتا بىلەن خۇلاسىلەنگەن بولۇپ، پەن نۇقتىسىدىن پاكىتلىق ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ خۇلاسىڭىزنى قۇرئاندا كەلگەن مەشھۇر بەش غەيبنىڭ بىرى بولغان قورساقتىكىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ بىلىدۇ دېگەن ئايەتنىڭ مەنىلىرىدىن بىرىگە قارىتا ئۇنىڭ ئىلمى ھەقىقەتلىرىدىن بىر جۈزئىسى قىلىشقا يارايدىغانلىقىنى تېلغا ئىلىش مۇمكىن.
مۇسۇلمان ئۈچۈن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا غەيبنى بىلگۈچى زات. ئاللاھ ئەگەردە بىرەر غەيبى نەرسىنى تىلغا ئىلىپ ئۇنى ئۆزىلا بىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ئەھۋالدا، بۇ غەيبكە قارىتا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنساننىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا كىرىدىغان ھەرقانداق نىسپى غەيبنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە مەخسۇس قىلغان غەيبلەر قاتارىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ چۈشۈنىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. قەدىمدە، ھازىرقىدەك تىببى تەرەققىيات بولمىغان مەزگىللەردە، يۇقىرىقى غەيبنى شەرھىلىگۈچىلەر قورساقتىكى بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشىنى ئاللاھ بىلىدۇ دېگەنلىك دەپ شۇ دەۋىرنىڭ ئىلمى مەلۇماتىنىڭ سەۋىيسىگە يارىشا ئىزاھلىغان بولۇپ، قارايدىغان بولساق دەۋرىمىزگە كېلىپ بۇ غەيبنىڭ غەيب بولماي قېلىشى بۇ يەردە ئاللاھنىڭ ئۇشبۇ غەيبنى تىلغا ئىلىشىدا باشقا بىر نۇقتا كۆزدە تۇتۇغلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ئېھتىمال ئاشۇ غەيب تۆرەلمىنىڭ ئانىنىڭ رەھمىدە   ئوغۇل ياكى قىز بولۇپ بەلگىلىنىشىدە ئۇنىڭغا سەۋەب بولغۇچى ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىغا باقمىغان شەكىلدە تىببى پەن نۇقتىسىدىن تاسادىپى، ئىسلام دىنى ئەقىدە نۇقتىسىدىن بولسا، ئاللاھنىڭ ئىختىيارلىقى ۋە بەلگىلەپ بىرىشى ئاساسىدا يۈز بىرىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇنى بەلگىلەشتىكى غەيبنىڭ سىرىنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىدەك ئېھتىماللىقنىمۇ يېراق سانىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بەرسە كېرەك. شۇنداقتىمۇ تىب ئىلىملىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، پەن ئىلىملىرىنىڭ ئىزچىل يېڭى بايقاش ۋە يىڭى-يېڭى كەشپىياتلارغا ئىگە بولىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئاللاھ كۆزدە تۇتقان بۇ غەيبنى چوقۇم مۇشۇ شۇ دەپ كىسىپ ئىيتقىلى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. بەلكىم، نەتېجىدە ئاللاھ ئۇنى غەيب دېگەن ئىكەن، ئۇنىڭ غەيب ھالىتىنى يوقاتماي مۇشۇنداق خاسلىقنى ساقلىشىمۇ ئىلاھى بايانغا ئەڭ مۇناسىپ ئىش بولىشى مۇمكىن. نېمىلا بولمىسۇن، قۇرئانى ۋە ئىلاھى ھەقىقەتلەرگە زىت كەلمەيدىغان، ئەكسىچە ئىلاھى ھەقىقەتلەرنى ئىزاھلاپ بىرىدىغان، ئىسپاتلايدىغان، بەلكى قوللايدىغان  ۋە تەكىدلەيدىغان بۇ خىلدىكى ئىلمى نەتېجىلەرنىڭ مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىلىپ ئىيتقاندا ھۆرمەتكە، قوبۇللۇققا ئېرىشىشى ۋە قارشى ئىلىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يۇقىرىقى مەسىلىنىڭ جەمىيتىمىزگە چىتىشلىق قىسمىغا كەلسەك، خۇددى سىز ئىيتقاندەك بىئولوگىيە ئىلمىدا پەرزەتنىڭ قىز بولۇپ تۇغۇلىشى ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى ۋە سەۋەب قىلىشى ئاساسىدا ئانىنىڭ رەھمىسىدە بەلگىلىلى بولىدىغان ئىش ئەمەسلىكىدەك ھەقىقەتلەرنىڭ چىقىشى، جەمىيتىمىزدىكى قىزلارنىڭ دۇنياغا كىلىشىنى قارشى ئالماسلىق، بۇنىڭ سەۋەبكارىنى نادانلارچە يەنە شۇ ئايال كىشىگە (ئانىغا) ئارتىپ قويۇشتەك سەلبى ھادىسىلەرنىڭ خوراپىيلىقتىن باشقا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
شۇنداقلا بۇ مەسىلە سىز ئىيتقاندەك دىن نۇقتىسىدىنمۇ چەكلەنگەندۇر. ئۇنداقتا، دېنىمىزنىڭ بۇ ھەقتە قانداق قارايدىغانلىقىغا نەزەر سالايلى:
قارايدىغان بولساق، ئۇشبۇ دىن 1400 يىل ئاۋۋال ئىنسانلاردا ئەۋج ئالغان، پەقەت ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىلا ئەمەس، شۇ دەۋىردىكى يەر شارى خاراكتىرىنى ئالغان بۇ خىل خوراپىيلىققا ۋە بۇنىڭ تۈرتكىسىدە چىققان رەزىللىكلەرگە ۋە ئىنسانلىق ئۈچۈن قەبىھ جىنايەت سانىلىدىغان ناچار قىلمىشلارغا رەددىيە بەرگەن بولۇپ، خۇسۇسەن دەۋرىمىزدىكى ھامىلىنىڭ قىز بولۇپ تۇغۇلىشىنى ئايالدىن كۆرۈشتەك خوراپىي خاھىشمۇ ئىسلامدىن ئاۋۋالقى جاھىلىيەت دەۋرىدە بار ئىدى. ئىسلام دىنى قىز-ئاياللارنىڭ قىز بولۇپ تۇغۇلىشىدىن تارتىپ، تاكى ياشاپ ئۆلگەنگە قەدەر ئەر جىنىسىنىڭ خورلاش، كەمسىتىش ۋە زۇلۇم قىلىش ئوبېكتى بولۇپ ئايلانغان بىر جەمىيەتتە ئورتاغا چىققان، شۇنداقلا يەر شارىدىكى ھەر قايسى ئىقلىملار ئېچىدە ئەڭ رەزىل ۋاستىنى قوللىنىدىغان بىر خەلق ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، شۇ جەمىيەت ئارىسىدا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئېلان ئەتكەن مۇددەتتىن باشلاپ قارشى تۇرغان تۇنجى ئىجتىمائى رەزىللىكلەردىن بىرى قىزلارنى تىرك كۆمۈش قىلمىشى بولغان ئىدى.
ئىسلام دىنى ئىلىپ بارغان ئىسلاھاتلار تۈرتكىسىدە قىزبالىنىڭ ئوغۇل بالىغا ئوخشاش دۇنياغا ئاپىرىدە بولىشى بىر نېمەت سۈپىتىدە ئىتىبارغا ئېلىندى. ئۇلار جەمىيەتتە قىز بولۇش سۈپىتى بىلەن تەلىم-تەربىيە ۋە بارلىق جەھەتلەردە ئاتا-ئانىلىرى ياكى شۇلار ئورنىدا تۇرىدىغان شەخىسلەر تەرپىدىن ئۇلار ئۈچۈن ئىگىدارچىلىق قىلىنىپ ئاسىرلىشى، ئۇلارنىڭ تەربىيسىنىڭ ياخشى قىلىنىشى بۇيرۇلدى. ھەتتا، مۇشۇنداق ياخشى قىلالىغانلارنىڭ مۇكاپاتى جەننەت بولىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەرلەرمۇ بىرىلدى. شۇنداقلا، ئايال كىشى بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىقتىسادى تەمىناتى ئەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىش بىلەن بىرگە،  ئايال ئۈستىدە ئەرنىڭ قانداق ھەق-ھوقۇقلىرى بېكىتىلگەن بولسا، ئايالنىڭمۇ ئەرنىڭ ئۈستىدە ھەق-ھوقۇقلىرى بېكىتىلدى. ئانىلىق سۈپىتى بىلەن ئۇ ئاتىغا ئوخشاشلا ھۆرمەت ۋە شان شەرەپ ئىگىسى، بەلكى، دەرېجىگە تېزىلغاندا ياخشىلىق قىلىشتا ئاۋۋال بىرىنچى بولۇپ باشلاش ئوبېكتى قىلىپ بېكىتىلدى. يەنى، ئاشۇنداق بىر قاراڭغۇ جەمىيەتتە قىز-ئاياللار مەيلى پەرزەنتلىك ۋەياكى ئاياللىق، ۋەياكى ئانىلىق سۈپىتىدە بولسۇن ھېچ بىر ئىتىباردىن بەھىرلىنەلمەيدىغان بىر شارائىتتا ئەلۋەتتە جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىنىڭ ئىدىيە سېستىمىسىغا ئورناپ كەتكەن ئاياللىقنى كەمسىتىش ھادىسىسى قارىغۇلارچە ھالدا بىر خىل خوراپاتلىققا چىن پۈتۈشكە ئىلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ دەل قىز ياكى ئوغۇل توغۇشتا سەۋەبكارىنى ئايال كىشىگە يۈكلەش بولغان ئىدى. يەنى، قىزلارنىڭ دۇنيادا مەۋجۇت بولىشىنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇشتىن سىرت ئۇنىڭ دۇنياغا قىز بولۇپ تاللىنىشى ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ئەھۋالدىمۇ ئۇنىڭ سەۋەپچىسى يەنە شۇ ئايال قىلىپ كۆرستىلىپ ئاڭا گۇناھ ئارتىلىپ خورلىنىشى جاھالەتنىڭ ئەڭ تىپىك نامايەندىسى ئىدى. شۇڭىلاشقا، قۇرئان كەرىم مانا مۇشۇنداق خاھىشتىكى جاھالەت ئىنسانلىرىنى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقىدىغان، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر بۈلۈك كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرى قاتارىدا ئەيبلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خوش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ. يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا (تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ) ئۇلارنىڭ ھۆكمى (يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشى) ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ!. ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار (ئوغۇلنى ياخشى كۆرۈپ، قىزنى يامان كۆرۈش، خوتۇنى ئوغۇل تۇغسا خۇشال بولۇپ، قىز تۇغسا ئاچچىقى كېلىش، ئار ـ نومۇستىن ۋە كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ، قىزلارنى تىرىك كۈمۈشكە ئوخشاش) يامان سۈپەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ بولسا ئەڭ ئالىي خىسلەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن (چاپسان) جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ھالاك بولۇش) ۋاقتى كەلگەندە قىلچە ۋاقىتمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، (ۋاقتى كەلمىسە) قىلچە ۋاقىتمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى يامان كۆرۈدىغاننى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بىلەن جۆيلۈيدۇ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (دوزاختا) تاشلىنىپ قالغۇچىلاردۇر»[نەھل سۈرىسى 58-ئايەتتىن 62-ئايەتكىچە.]
مانا بۇ ئايەتتە خۇددى يالغان سۆزلەش، ۋەدىدە تۇرماسلىق، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش كەبى ناچار قىلمىشلارنىڭ مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرى دەپ كۆرسىتىلگىنى كەبى، قىز-ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈش، كەمسىتىش، ئۇلارنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن ئارامسىزلىنىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ جازاسىغا يولۇققۇچىلارنىڭ سۈپەتلىرى قاتارىدا تىلغا ئالدى ۋە بۇلارنى قەبىھ قىلمىشلار ئىكەنلىكى بىلەن ئەيىبلەپ كايىدى.
بۇنىڭغا ئاساسەن شۇنداق دىيىش مۇمكىنكى، ئەر-ئايال دەپ ئايرىماي جەمىيەتتە كۆپلەپ يەر ئالغان بىلىمسىزلىك، ساپاسىزلىق تۈرتكىسىدە، كىشىلەردە مۇشۇنداق خوراپاتلىقنىڭ ئەۋج ئىلىنىشى تەنقىدلىنىشكە، ئۆزگەرتىلىش ۋە ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىكتۇر. بۇ خىل خوراپاتلىق كەينىگە كىرىپ ئايال كىشىگە ناھەق مۇئامىلىلەرنى قىلىپ ئۇلارغا ئازار بىرىش بولسا، ھەقىقەتەنمۇ دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپ، ناچار قىلمىشلاردۇر.
ئەينى دەۋر جاھىلىيەت دەۋرىدە مۇشۇنداق خوراپاتلىققا قارشى تۇرغان بىر دىننىڭ ئىتىقادچىلىرى مۇشۇ دەۋرگە كىلىپ يەنە بىلىپ بىلمەي ئاشۇ خىل جاھىلىيەتنىڭ ئىشلىرىنى تەقلىد قىلىشقا قاراپ ماڭغانلىقى بىر نۇقتىدىن ئۇلارنىڭ بىلىم-ساپاسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تۆۋەنلىكىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر نۇقتىدىن ئۇلاردا ئۆز ئەقىدىسىگە ۋە ئاللاھقا بولغان ئىتىقادىنىڭمۇ سۇس ۋە ئاجىزلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، مۇئمىن كىشى ئۆزىگە بىرىلگەن ھەر بىر نەرسىنى نېمەت دەپ بىلىشى، قانداق نېمە بىرىلىشىدىن قەتئىينەزەر نېمەتلا بولىدىكەن، ئۇنى ئەرزىمەس نەرسە سۈپىتىدە كۆرمەستىن ئاللاھنىڭ ئىنئامى سۈپىتىدە كۆرۈپ قەدىرلىشى ئۇنىڭ ئىمانلىق بۇرچلىرىدىندۇر. قاچانكى، ئۇ بېرىلگەن نېمەتتىن ئۆزىنى قاچۇرسا، ئۇنى ئەرزىمەس نەرسىدەك كۆرۈپ شۇكرانە ئورنىغا كايىش، ئارامسىزلىنىش، رازى بولماسلىقتەك ئىشلارغا باش ئۇرسا، دېمەك بۇ ئاللاھقا ھەقىقى تۈردە تەسلىم بولمىغانلىقنىڭ، ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە رازى بولمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى ھىسابلىنىدۇ. يەنە چىڭ يېرىگە بارساق، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارىتا يوشۇرۇن ئىتىراز قىلىش تەرپىنىمۇ ئىلىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى ھەم يوق ئەمەستۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىگە، قىز، خالىغان كىشىگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى قۇرئان كەرىمنىڭ روشەن ئايەتلىرىدە ئىنىق ئىيتىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئايەتتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ.ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر.»[شۇرا سۈرىسى 49-50-ئايەتلەر.]
دېمەك، قىز بولسۇن، ئوغۇل بولسۇن، ھەر بىرى ئاللاھنىڭ بەندىسىگە خالاپ بەرگەن ئىنئامىدۇر. ئۇلاردىن ھەر بىرى پەرۋىش قىلىش، تەربىيەلەش ۋە چوڭ قىلىشتا ئۆزىگە يارىشا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تەلەپ قىلىدۇ. قىز بالىدىن ئوغۇل بالىنى ئەۋزەل كۆرۈش، ئوغۇل بالىغا قارىتا ئەھمىيەتنى كۈچەيتىپ، قىز بالىغا سەل قاراش، ئۇلارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئوخشاشلا نېمەتكە رازى بولمىغانلىق، ھەم جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئەمىلىنى قىلغانلىق سانىلىدۇ.
مانا بۇ ئىشلار ئەۋج ئالىدىكەن، ۋاقتىدا ئىسلاھ قىلىنمايدىكەن ۋە تونۇش توغرلانمايدىكەن بۇ ئىشلارغا قوشۇلۇپ تەدرىجى جاھالەتنىڭ باشقا كارتىنلىرىنىڭمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدە ئەگىشىپ پەيدا بولىشىنى يېراق سانىغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئىلگىركى قورساقتىكى ھامىلىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقىنى بىلەلمەيدىغان دەۋرلەردە قىز بالا تۇغۇلغاندىن كىين تىرك كۆمۈلگەن بولسا، بىلىش ئىمكانىيتى ھازىرلانغان بۇ دەۋىردە، يەنە كېلىپ پۇل ئۈچۈن كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە ئىختىيارلىق ھىسابىدا ئازغىنا پۇل بىلەن قانۇنلىق شەكىلدە ھەرخىل ۋاستىلار بىلەن قىز بالىنى قورساقتىلا بىر تەرەپ قېلىۋېتىش، ئۇنى زېمىنغا ئەمەس، ئەۋرەز يوللىرىغا يۇشۇرۇن كۆمىۋېتىشلەرگە ئوخشاش قەبىھ خەۋەرلەرنىڭ قۇلاقلىرىمىزغا كىرىپ تۇرىشى بۇنىڭ مىسالىدۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنى جاھالەتتىن ۋە جاھىلىيەت ئاسارەتلىرىدىن ساقلىسۇن!

ئەسكەرتىش: دىننىي نۇقتىنەزەرنىڭ ئاستىدا چۈشەندۈرۈلۈشى پەقەت بۇ قىسمىنى مەۋلانا پەننىي نۇقتىنەزەرنى ئوقۇغاندىن كىين يېزىپ چىققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچقانداق سەۋەپ يوق.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-26 13:48:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(مەۋلانا) كەمتۈكلۈك ئەقىلدىمۇ ياكى ساپادىمۇ؟
جەمىيىتىمىز گەرچە ئايال كىشىنىڭ تەلىم-تەربىيە، بىلىم-ساپا ۋە ئىجادكارلىق جەھەتلەردىكى ھەق-ھوقۇقىغا سەل قارايدىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بەزىلەر بۇ جەھەتتىكى نۇقسانلىقنىڭ ئايال كىشىنىڭ ساپاسىدا ئىكەنلىكىگە ئانچە قايىل بولغۇسى كەلمەيدۇ.
ھالبۇكى، بۇ خىل ئەيىب يالغۇز بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدىلا كۆرۈلىۋاتقان بولماستىن، بەلكى، ئەينى ۋەزىيەتتە زامانىۋىلاشقان غەرب جەمىيىتىنىمۇ بۇخىل ئەھۋالدىن خالى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. غەرب جەمىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئەرلەرگە قارىتا ھەرخىل ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتقا مۇناسىۋەتلىك پىكىر، نەزەرىيە ۋە پرىنسىپ قاتارلىقلارنىڭ تولۇق ئىمكانىيەتلەر ئىچىدە تەمىنلىنىشى، ئەكسىچە ئاياللارنىڭ يۇقىرىقىلاردىن بەھىرلىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن بولىشى قاتارلىقلار بۇنىڭ دەلىلىدۇر.
بۇنداق دېسەك، بەزىلەر: «ھېچ قىلمىسا غەرب جەمىيىتىدە ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىش خىزمىتى يولغا قويۇلۇپ، بۇ ساھەدە كۆرۈنەرلىك باسقۇچلار بېسىپ ئۆتۈلدى، بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدە بولسا، بۇ ساھەلەر تېخىچە ئۆز ئورنىدىن قىمىر قىلغىنى يوق، ئاز تولا ئىلگىرلەش يولغا قويۇلدى دېگەندىمۇ سۈرئەت ئىنتايىن ئاستا، تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بوشلۇقلار خىلى بار»- دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق تېزلا سۆزىمىزگە رەددىيە قايتۇرۇپ ئۈلگۈرىشى مۇمكىن.
ئەمما بىز، ئىنساپ نۇقتىسىدىن، شۇنداقلا ھەقىقەتنى ئۆز ئورنىدا تەجەللى تاپقۇزۇش نۇقتىسىدىن بۇخىل ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرىدىغان بولساق، ھەقىقەتەنمۇ ئاياللارنىڭ بىلىم-ساپاسى ۋە ئۇلاردىن قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنىڭ تۆۋەن بولىشىدەك نۇقسانلىقنىڭ بىزدە نىسبەتەن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ.
بىز بۇلارنى تېلغا ئېلىشتا ئۆزىمىزنى ئۆزگىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ جەھەتتىكى نۇقسانلىقنىڭ يالغۇز بىزدىلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، سەۋىيە جەھەتتىنمۇ ئىلىپ ئىيتقاندا ئارىمىزدا پەرقلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەي بولمايدۇ.
بىراق، بۇ يەردە ئوتتۇرغا تاشلاشقا ئەرزىيدىغان مۇنداق بىر سوئال مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ: بۇ يەردىكى نۇقسانلىقنىڭ كېلىپ چېقىشىغا ئاياللارنى يېتەكلەپ مېڭىۋاتقان ساپا سەۋەبچىمۇ ۋەياكى ئۇلار ئەقىدە قىلىپ كەلگەن ئىدىلوگىيە سەۋەبچىمۇ؟
يەنە بىر مەنە ئارقىلىق ئىپادىلىسەك: بۇ يەردىكى نۇقسانلىقنىڭ ئورتىغا چىقىشىغا ئىسلام دىنى سەۋەبچىمۇ ۋەياكى بىزنىڭ ئىسلام كۆرسەتمىلىرىنى خاتا تەتبىقلىشىمىز ۋە ئىسلامنىڭ ھەقىقەتچىل پىكىرلىرىدىن ئۆزىمىزنى يېراقلاشتۇرۇشىمىز سەۋەبچىمۇ؟- دېگەندىن ئىبارەت.
ھەق گەپنى قىلغاندا، جەمىيىتىمىزدە ئايال كىشى مەيلى ئۈنۈم يارىتىش جەھەتتىن بولسۇن ۋەياكى ئۈگۈتۈلگەننى قوبۇل قىلىش جەھەتتىن بولسۇن؛ ساپا ۋە بىلىم قۇرۇلما جەھەتتە كەمسىتىلىشكە ئۇچرىماقتا. بۇنداق بولىشىدا ئايال كىشىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ساپالىقلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان خەلقئارالاشقان ئامىللار سەۋەب بولغان بولسا، يەنە بىر نۇقتىدىن يۇقىرىقىلارغا توسقۇن بولۇۋاتقان ۋە بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە مەنسۇپ بىر قاتار ئامىللار ئاساسى رول ئويناپ كەلدى.
شۇڭىلاشقا، بىز بۇ خۇسۇستا مۇنداق بىر مۇھىم نۇقتىنى ئېنىق ئەسكەرتمەكچىمىز. ئۇ بولسىمۇ، بىزنىڭ بۇخىل ئەھۋالىمىز بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ قىلچە ئالاقىسىنىڭ يوقلىقىدۇر.
ئەمەلىيەتتە، ئۆزگىلەر ئىسلامنىڭ ناھەق ئەيىبلىنىشىنىڭ سەۋەبكارى بولغىنى كەبى، بىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ ناھەق ئەيىبلىنىشىگە سەۋەب بولۇپ كەلدۇق.
باشقىلار بىزنىڭ تەرەققىيات جەھەتتىكى ئارقىدا قېلىشىمىز ۋە ئىسلامنى چۈشەنمەسلىكىمىزنى ئىسلام دىنىغا ئارتىپ قويۇش، ھەمدە تەرەققىياتنىڭ ھەقىقى توسقۇنىنى ئىسلام دىنى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئارقىلىق بۇ دىنغا زۇلۇم قىلغان بولسا، بىز قوپۇپ ئىسلام كۆرسەتمىلىرىنى توغرا تەتبىقلىماي دىنىمىزنى زۇلۇمغا ئۇچراتماقتىمىز.

ئەقىل كەمتۈكلۈكى بىلەن ساپانىڭ كەمتۈكلۈكى ئارىسىدكى مۇناسىۋەت


جەمىيىتىمىزدە: «تەپەككۇر قابىلىيتى دېگەن: ئۇ بىر ئىقتىدار بولۇپ، ئىرسىيەتتىن كەلگەن نەرسە. ئۇنى ئالغا باستۇرۇش ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ چارىسى يوق» دېگەندەك قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چېقىشى، ئەمەلىيەتتە ساپانىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار جۈملىسىدىندۇر.
مانا بۇ ئەر ۋە ئايالنى تەڭ چېقىش قىلىپ ئېيتىلغان سۆز بولۇپ، ھالبۇكى، بۇخىل پىكىر يۆلىنىشىنىڭ خاتا يۆنىلىش ئىكەنلىكى ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ چىقىلغان، شۇنداقلا، تەپەككۇرنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئۈگۈتۈش يولى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى، چېنىقتۇرۇش ۋە ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق يۈكسەلدۈرگىلى بولىدىغان، بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە نەرسە ئىكەنلىكىمۇ ئاللىقاچان مۇئەييەنلىشىپ بولغان ئىدى.
شۇنداقلا يەنە، تەپەككۇرنىڭ ساھەسى پەقەت كەشپىيات خاراكتىردىكى ئىشلاردا ۋە چېگىش مەسىلىلەردىلا نامايان بولىدۇ-دەيدىغان يۆلىنىشنىڭمۇ خاتا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغىنىدەك، تەپەككۇرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ خۇددى مۇرەككەپ ئىشلار ئۈستىدە خىزمەت قىلدۇرۇلغىنى كەبى، ئاددى ئىشلاردىمۇ قوللىنىلىدىغانلىقى، يەنە ئۇنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ساھەسى دائىرىسىگە ئالالايدىغانلىقى ئىسپاتلانغاندۇر.
مانا بۇلار، تۈرلۈك جەمئىيەتلەردە يۈز بېرىۋاتقان ساپا ۋە ئىجادكارلىقنىڭ تۆۋەنلەپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ كېلىۋاتقان كىرزىسلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھېچبىر جەمئىيەت بۇخىل ئەھۋالدىن خالى بولالىغان ئەمەس.
ئەمما ئايال كىشىگە كەلسەك، ئۇ فىزولوگىيىلىك تەن قۇرۇلما جەھەتتىن ۋە ئىچكى ئامىللار نۇقتىسىدىن خاس ئالاھىدە تەبىئەتكە ئىگە بولۇپ، بۇلار ئادەتتە: ھامىلە قىلىش، بالا تۇغۇش ۋە پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
مانا بۇلار، بەزىدە ئايال كىشىنى ئۆزىنىڭ تالانت-قابلىيىتىنى نامايان قىلىش ۋە ئۆزگىلەرنىڭ ئىجادى مەھسۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە باشقا بىر قاتار ساھەلەردە مەخسۇس شۇغۇللىنىشىغا توسالغۇ بولغۇچى رېئاللىق بىلەن يۈزلىشىشكە مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ.
گەرچە ھەرقايسى جەمىيەت بۇ مەسىللەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقىلارنى ئومۇمى جەھەتتىن ھەرقانداق بىر جەمئىيەتكە تەتبىقلىشىمىز تامامەن مۇمكىن.
لېكىن جەمىئىيتىمىزدىكى، بولۇپمۇ ئاياللارغا ئالاقىدار ئەڭ چوڭ تۈگۈنلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنى ئەقلى قىسقا دەپ قاراش، شۇنداقلا بۇ ئىدىيە سايىسىدە ئايال كىشىنىڭ بىلىم-ساپادا ئۇتۇق قازىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئىشەنچىسىنى يەرگە ئۇرۇش ۋە بۇ ئىشەنچنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرۇتۇش قاتارلىقلاردۇر.
مانا بۇخىل يۆلىنىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىس[1] ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، نۇرغۇنلار بۇ ھەدىسنى ئوخشىمىغان يۆلىنىشتە ئىزاھلاپ كەلدى.
ھەتتا دىن دۈشمەنلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللار ھەققىدە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن پۇتاق ئىزدەش ئۈچۈن ئۇشبۇ ھەدىسنى ئاياللارنىڭ نادان قىلىشىدىكى، ھەمدە ئۇلارنىڭ مەدەنى ۋە ئىلمى ساپا جەھەتتىن ئارقىدا قىلىشىدىكى تۈپكى سەۋەب- دېگەننى داۋراڭ قىلىشتى. ئەمەلىيەتتە، بۇخىل دەۋانىڭ خاتا ئىكەنلىكى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن مەلۇم:
- قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن <ئەقىل> ئىبارىسىدە، ئاخىرەتنى تونۇپ يېتىش ۋە توغرا يولغا ئەگىشىش ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، شۇڭىلاشقا ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ئاڭقىرمىغان ۋە بارار جايىنىڭ دوزاخ بولىشىدىن ھەزەر ئەيلىمىگەن كىشى مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ئوخشاشلا كەم ئەقىل سانىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
- ئۇشبۇ ھەدىس ئاياللاردا يۈز بىرىدىغان بىر قاتار ئەمەللەرنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، بۇ ئەمەللەر ئىچىدە تولا لەنەت ئوقۇش، ئېرىگە تۇزكورلۇق قىلىش ۋە پىتنە قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئاقىۋەتتە دوزاختا ئازابتا قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلار ھەم بار. گەرچە، بۇخىل ئەمەللەر ئەقلى كەمتۈكلۈكنىڭ ئالامىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەمەللەر يالغۇز ئايال كىشىگىلا خاسلانغان بولمايدۇ. بەلكى، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن؛ يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى كىم قىلسا، شۇ بىردەك كەم ئەقىلدۇر.
- ھەدىستە يەنە، ئايال كىشىنىڭ بەزىدە ئەقىللىق بىر ئەرنىمۇ ئۆزىنىڭ دېگەن يېرىگە ئەكىلەلەيدىغانلىقى تىلغا ئىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئايال كىشىنىڭ قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭ توزىقىغا چۈشكەن ئەرنىڭمۇ شۇنچە ھوشيار بولىشىغا قارىماي ئەقلىنىڭ كەمتۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت بار.
- قۇرئان كەرىم كاپىرلار ھەققىدە توختالغىنىدا ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىدا ئەقىل سۈپىتىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. مەلۇمكى، كاپىرلار ئارىسىدا دانالارمۇ، ئەقىللىقلارمۇ ۋە ئالىملارمۇ بار ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ھەرقاچان ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىگە (يەنى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ۋەھيىگە، قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان دىنغا ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟...(كاپىرلار ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاستۇر، (ھەقنى سۆزلەشتىن) گاچىدۇر، (ھەقنى كۆرۈشتىن) كوردۇر، ئۇلار (ۋەز ـ نەسىھەتنى چۈشەنمەيدۇ.»[2] دېمەك، ئۇلارنىڭ يۇقىرىقىدەك سۈپەتلەرگە ئىگە بولغىنى ئەقىل سۈپتىنىڭمۇ ئۇلارغا ياراشمايدىغانلىقىغا ئىشارەتتۇر. مانا بۇ ئەھۋاللار، ئۇلاردىكى ئەقلى كەمتۈكلۈك بولماي نېمە؟
خۇلاسە شۇكى، يۇقىرىقى ھەدىس ئەقىل كەمتۈكلۈكىنىڭ ئايال كىشىنىڭ ئەسلى تەبىئىيىتىدە خاراكتېرلەنگەن بىر ئىش ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى ئەمەستۇر. بەلكى بۇ، ئۇنىڭ ئەقلىگە تەسىر كۆرسەتكۈچى بىر قاتار ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەقىل كەمتۈكلۈكى ئايال كىشىگە خاس تەبىئەت بولمىغىنىدەك، ئەكسىچە بىز بۇلارنى ئەر كىشىگىمۇ ئوخشاش شەكىلدە تەتبىقلىيالايمىز.
چۈنكى، ئىسلام دىنى ئەر ۋە ئايال كىشىنى بەجا كەلتۈرۈش، ھەمدە جازا ياكى مۇكاپاتلاش نۇقتىسىدىن ئۇلارنى شەرىئەت ئالدىدا ئوخشاش باراۋەر مەسئۇلىيەت ئىگىسى قىلغاندۇر. ناۋادا ئايال كىشى ئەركىشىگە نىسبەتەن ئەقلى كەمتۈك بولىدىغان بولسا، مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش ۋە شۇنىڭغا كۆرە ساۋاب ياكى جازالاش قاتارلىق ئىشلاردا شەرىئەت قانداقمۇ ئەر بىلەن ئايالنى ئوخشاش شەكىلدە مەسئۇلىيەت ئىگىسى قىلىپ تەيىنلىسۇن؟ ھالبۇكى، شەرىئەتتە ئەقلى كەمتۈك بىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىنمۇ ئەقلى مۇكەممەل بولغان بىرىگە تەكلىپ قىلىنغان ئىشنىڭ ئۆز ئەينى تەكلىپ قىلىنمايدىغان ۋە ئىككىسىدىن ئوخشاش مىقداردا ھېساب ئىلىنمايدىغان تۇرسا؟!
دېمەك، بىز بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، ئايال كىشىنىڭ بىلىم-ساپا جەھەتتىكى ئىجادىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ھەقىقى توسالغۇلار دەل بىزنىڭ رېئاللىقىمىز ۋە بىز يۈكلىۋالغان خاتا ئىدىيىلىرىمىزدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.
شۇڭىلاشقا بىز، مانا بۇخىل توسالغۇلارنى توغرا بولغان، ھەمدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە ئىزچىل بولۇشنى ئۆزىگە زىچ ھەمراھ قىلغان ئەمەلىي ساپا يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنمىقىمىز زۆرۈر. ھەمدە بىز، ئاياللارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يولىدىكى ھەقىقى توسالغۇلار بىلەن، ئۇلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلىگۈچى ئامىللار ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىشىمىز، شۇنداقلا دىققىتىمىزنى ئەقلى كەمتۈكلۈك ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يوقۇتۇشتەك خىيالى توسالغۇلارغا ئەمەس، بەلكى رىئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەلىي توسالغۇلارنى يېڭىشكە قارىتىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.
مۇشۇ خىل تەڭپۇڭلۇق خىزمىتى مادامىكى شەرىئەتكە ئۇيغۇنلا بولىدىكەن، ھەمدە ئۇنىڭ كۆزلىگەن باشقا مەقسەتلىرىمىزگە يېتىشىگە ئەكىس تەسىرى بولمايدىكەن؛ چوقۇمكى بىز، بۇخىل تەڭپۇڭلۇق خىزمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەرگە جىددى تەرىزدە موھتاج بولماي تۇرالمايمىز.

ئاپتور: ئەزىز مۇھەممەد ئەبۇ خەلەف
مەۋلانا تەرجىمىسى



.........................................
[2] ئاپتور بۇ يەردە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسنى كۆزدە تۇتقان: ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاياللار جامائەسى، سەدىقە قىلىڭلار، ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىڭلار، مەن دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم»، دېۋىدى. ئۇلاردىن بىر ئايال: «نېمە ئۈچۈن دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپرەكى بىزدىن بولىدۇ؟» دېدى، رەسۇلۇللاھ: «سىلەر تولا قارغايسىلەر، ئەرلىرىڭلارنىڭ ھەققىدىن تانىسىلەر، سىلەردىنمۇ كالتە پەم ۋە دىنى كەمتۈك، ھەر قانداق ئەقىللىق كىشىنىڭمۇ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئادەملەرنى كۆرمىدىم»، دېدى. ئۇ ئايال: «ئەقىل ۋە دىننىڭ كەمتۈكلۈكى نېمە؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئىككى ئايالنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ بىر ئەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا باراۋەر بولىدىغانلىقى ۋە ھەر ئايدا نەچچە كۈن ناماز ئوقۇيالمايدىغانلىقى»، دېدى.
[2] بەقەرە سۈرىسى 170-171-ئايەتلەر.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-26 13:49:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىئىي تۇغۇتمۇ ياكى ئوپراتسىيەمۇ؟

تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە




تۇغۇت - ئانا ۋە بالا ھاياتىدىكى ئەڭ مۆجىزىلىك ۋە ئەڭ مۇھىم بىر ھادىسە بولۇپ، بۇ ئانا ۋە بالىغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز مۇھىم بىر ئىش چۈنكى تۇغۇت ئارقىلىق ئانىنىڭ بەدىنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇنلىغان فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئاياقلاشتۇرۇپ، نورمال فىزىئولوگىيلىك ھالەتكە قايتىدۇ؛ پەقەت تۇغۇت جەريانىدىلا يۈز بېرىدىغان ئالاھىدە ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئانىنىڭ فىزىئولوگىيىسىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن مېڭىسى، پىسخىكىسىىمۇ مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىدۇ؛ بالىغا نىسبەتەن تۇغۇتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشى ياكى قالالماسلىقى، ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ئەھۋالدىمۇ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ھاياتىدىكى بىر ئۆمۈر ساغلاملىقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق بولغانىكەن، ئاتا-ئانا بولغۇچى ۋە دوختۇر-سىستىرالار يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كۆز ئىچىپ، ئاللاھ مەرھەممىتى بىلەن پەقەت بىردىنبىر ئۆزىگە خاس بىر ئىنسان سۈپتىدە دۇنيا ئىنسانلىرىغا قوشۇلىشىدەك بۇ مۇھىم ئىشقا ئالاھىدە تەييارلىقتا تۇرۇشى ۋە تۇغۇت جەريانىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەر تەرەپتىن كۈچ چىقىرىشى بىر زۆرۈرىيەت ۋە باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۆرەلمەشۇناسلىق ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، ئاتا بەدىنىدىن كەلگەن ئىسپرما ھۈجەيرىسىنىڭ ئانا بەدىنىدىكى (ياكى تەن سىرتىدا) تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرۇشى بىر يېڭى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى بولۇپ بۇ مۆجىزىلەرگە تولغان كۆپيىىشتىن ئىبارەت بىئولوگىيلىك ھادىسە جانلىقلارنىڭ ئەڭ تۈپكى خۇسۇسىيتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەردىكى قىممەت قاراشلىرى ۋە دىنلارنىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆزى بىر ھاياتلىق دېگەن قاراشنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم گەرچە ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىر كىچىك ھۈجەيرىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، بۇ ھۈجەيرە بارلىق جانلىقلار ھۈجەيرىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئالاھىدە ھۈجەيرە، ئۇ توختىماي بۆلۈنۈپ باشقا ھېچقانداق ھۈجەيرىدە يوق بىر رەۋىشتە تۆرەلمە، ئاندىن كىين بالا ھەمرىيى ۋە ھامىلىنى ھاسىل قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا تۇغۇتتىن ئىبارەت ھالقىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ بىر يېڭى جانلىقنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشىغا يېتەرلىك بولغان بارلىق ئېرسىي ئۇچۇرلار ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. نۇرغۇن جەمئىيەتلەردە ھامىلە يېتىلىپ بىر ئاي، 40 كۈن ياكى 3 ئاي دېگەندەك ئوخشىمىغان ھامىلدارلىق مەزگىللىرىدە ئاندىن بىر ھەقىقىي جانلىق دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئۇرۇقلانغان تۇخۇم تېخى بۆلۈنۈپ ئىككى ھۈجەيرىلىك تۆرەلمىنىمۇ ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن بىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن ئېيتقاندا جانلىققا تەبىر بىرىدىغان بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولىدۇ. ئەپسۇسكى، ئىنسانلار جەمئىيتىدە شۇنداق مۆجىزىلەر بىلەن تولغان بىر ھاياتلىق ئۇزۇن ئۆتمەي نۇرغۇن ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى زورلاپ چۈشۈرۋىتىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى دەسلەپكى تۆرەلمە يېتىلىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ ئانا بالىياتقۇسىغا ئورۇنلىشىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى گېنتىكىلىق، ھورمۇنلۇق، پاتولوگىيىلىك بىنورماللىقلار ۋە ياكى تەبئىي ھادىسىلەر تۈپەيلى ئانىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئامېرىكىدا تەخمىنەن 10-20% تۇغۇت بالىنىڭ تەبئىي چۈشۈپ كېتىشى بويىچە ئاخىرلىشىدۇ. مۇشۇنداق خەتەرلەردىن ئامان قېلىپ تۇغۇت باسقۇچىغا يېتىپ بارالايدىغان بالىلار ئامېرىكىدا ئومۇمىي تۇغۇتنىڭ 60% نى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم بولۇپ، دۆلىتىمىزدە بۇ ساننىڭ بۇنىڭدىن كۆپ تۆۋەنلىكىنى كۆپ مۇنازىرىسىز ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى پەرەز قىلالايدۇ. دېمەك، تۇغۇلۇش نېسىپ بولۇش ئالدىدا تۇرغان تەلەيلىك ھامىلىلەرنىڭ ساق سالامەت تۇغۇلۇشى ھەقىقەتەنمۇ ھەر قانداق ساغلاملىق مەسلىلىرىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ ئاممىباپ يازمامدا ناھايىتى مۇرەككەپ ئىجتىمائىي، سىياسىي، دىننىي مەسىلىلەرگە چېتىشلىق بولغان تۇغۇتنىڭ ئالدى كەينىدىكى باشقا بارلىق ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ، پەقەت ۋە پەقەت تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللاشتىكى بىر قىسىم بىلىملىرىم ۋە كۆز-قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمەن. ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار دوختۇرخانىلاردا تۇغۇلىدىغان بولۇپ، ئانىلارنىڭ تۇغۇت شەكلىنى تاللاشتىكى چۈشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ياكى دوختۇرلارنىڭ ئانىلارغا ئەڭ ماس كىلىدىغان تۇغۇت ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلماسلىقى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال. ئۇنداق بولسا، بىز بۇ يەردە دوختورخانىلارنىڭ قانداق قارار چىقىرىشىنى ۋە بۇ جەھەتتىكى نارازىلىقلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇغۇت شەكلىنى تاللاشتىكى (ئۆز ئىختىيارلىقىڭىزدا دەپ پەرەز قىلىنغاندا) بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى. (مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى، ھېچقانداق پايدىلىنىش ماتىرىيالىدىن پايدىلانمىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە يەتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇچۇرلارغا پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىش پىكىرى سۈپىتىدە مۇئامىلىدە بولۇشۇڭلارنى سورايمەن).

تۇغۇت ئۇسۇلىنى چوڭ جەھەتتىن ئۆزى تۇغۇش ياكى ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۆزى تۇغۇشنى ئۆز ئىچىدىن يەنە تەبئىي تۇغۇش، ناركوز دورىسى ئىشىلىتىپ تۇغۇش دېگەن ئىككى مۇھىم تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن. ئامېرىكىدا ئادەتتە مۇمكىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئانىنىڭ ئۆزى تۇغۇشىنى تاللىشى تەۋسىيە قىلىنىدىغان بولۇپ، پەقەت بالىنىڭ تۇغۇت جەريانىدا ھاياتىغا خەۋىپ يېتىش ئېھتىمالى چوڭ بولغاندا ياكى ھامىلدارلىق جەريانىدىكى مەلۇم كېسەللىكلەر تۈپەيلى ئانىنىڭ بەدىنى تەبئىي تۇغۇشقا شارائىتى يار بەرمىسە، ئانىدىن بالىغا مەلۇم كېسەللىكلەر يۇقۇپ قېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغاندا... دېگەندەك ئەھۋاللاردا ئوپراتسىيە ئۇسۇلى تېخمۇ ماس كېلىدىغان ئۇسۇل سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا ئالدىنقى قېتىملىق تۇغۇتتىكى يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوپراتسىيە قىلىنغان بولسا، شۇ قېتىملىق تۇغۇتتىمۇ ئانىنىڭ ئوپراتسىيە ئۇسۇلىنى تاللىشىغا توغرا كىلىدۇ. نۇرغۇن ئانىلار دەسلەپ ئۆزى تۇغۇشنى تاللىغان بولسىمۇ، ئەمما تۇغۇت جەريانىدىكى ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان قېينچىلىقلار تۈپەيلى تۇغۇت باشلىنىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ئوپراتسىيە ئۇسۇلىنى تاللىشىغا توغرا كىلىدىغان ئەھۋلمۇ بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا قايسى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللاشنىڭ ئانا ۋە بالىغا نىسبەتەن قانداق بىۋاستە باغلىنىشلىقى بار؟ تۇغۇت تەتقىقاتچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئىمكانقەدەر ئانىلارنىڭ ئۆزى تۇغۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال نورمال تۇغۇت جەريانىنى چۈشىنىۋىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. تۇغۇتنىڭ زادى قانداق جەريانلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئۆزى تۇغىدىغان ۋە پۈتۈنلەي تەبئىي تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللىغان ئانىلارنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرىمەن.

نورمال تۇغۇت مەزگىلى 38 ھەپتىدىن 42 ھەپتىگىچە بولۇپ، ئەگەر بالا 38 ھەپتىدىن بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالسا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە بۇنىڭ بىر قاتار سەلىبىي تەسىرلىرى بولىدۇ (بۇ نۇقتىدا ئايرىم تېما يېزىپ توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ)؛ ئەگەر 42 ھەپتىگىچىمۇ ھەقىقىي تولغاق كەلمىسە، ئۇ ھالدا بۇ كەينىگە سوزۇلغان تۇغۇت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئىندۇكسىيىلەش (دورا ئارقىلىق تولغاق كەلتۈرۈش ئۇسۇلى) ئارقىلىق بالىنىڭ تۇغۇلۇشى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە بۇنىڭ ئادەتتە كۆپ زېيىنى بولمايدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئانىلار ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئادەتتە ئايلىقى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بىلىدىغان بولۇپ، دەماللىققا قايسى كۈنى قورساقتا قالغانلىقىنى بەلگىلەش مۇمكىن بولمىغاچقا، تۇغۇت دوختۇرلىرى ئانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتملىق ئايلىق كۆرگەن كۈنىنى تۇغۇتنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى دەپ ھېسابلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بالا بۇ كۈندىن ئاز دېگەندە 2 ھەپتە كېيىن قورساقتا قالىدۇ چۈنكى ئاياللارنىڭ تۇخۇمى ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلى كۆپىنچە ئايلىقتىن ساقىيىپ بىر ھەپتىدىن 10 كۈنگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كىلىدۇ. تۇغۇتنىڭ قانداق باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپىيىش بىئولوگىيە ئالىملىرى ناھايتى كۆپ تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق ئاخىرى بىر ئورتاق قاراشقا كەلگەن بولۇپ، بالىنىڭ قاچان تۇغۇلۇشى بالا مېڭىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن سېگناللارنىڭ ئانا فىزىئولوگىيسىگە تەسىر قىلىش بىلەن باشلىنىدىغانلىقى نۇرغۇنلىغان پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغان. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنى ئىنسانلاردا ئىشلەش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن دەسلەپ قوي، مايمۇن قاتارلىق ھامىلدارلىق جەريانى ئىنسانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ ھايۋانلاردىن بىلىنگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىنسانلاردىمۇ ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىكى ئېتراپ قىلىنغان. بۇنى بىر ئاز تەپسىلىي چۈشەندۈرسەم، ھامىلدارلىقنىڭ فىزىئولوگىيلىك جەريانىنى ھورمۇنلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنىڭ مەسئۇلى دېيىش تامامەن توغرا بولۇپ، ئانىلارنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سېزىك تارتىشى ۋە قورسىقىنىڭ بىئارام بولۇپ كۆڭلى ئىلىشىشى دەسلەپ ھامىلدارلىقنىڭ نورمال ساقلىنىپ (چۈشۈپ كەتمەي) مېڭىشىدا ئەڭ مۇھىم رولى ئوينايدىغان ئانىلىق ھورمۇن پىروگىستېرون ۋە ئېستىروگىن مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشىنىڭ نەتىجىسى بولسا، ئوتتۇرا مەزگىلدە ھامىلدارلىقنىڭ بىر قەدەر راھەت داۋملىشىشى، پىروگىستېرون مىقدارىنىڭ ئاللىقاچان مەلۇم تۇراقلىق مىقدارغا يېتىپ، ئېستىروگىن مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن بولغان. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە بولسا، ئانىلاردىكى بىئارام بولۇش ۋە براكىستون-ھىكىس تولغىقى (يالغان تولغاق) دەپ ئاتىلىدىغان تولغاقنىڭ يۈز بېرىشى دەل تۆرەلمە مېڭىسى ھىپوسالامۇس قىسمىنىڭ فۇنكىسيىسىنى جارى قىلدۇرغىدەك پىشىپ يېتىلىپ كۆپ مىقداردا روھىي بېسىم ھورمۇنى كورتىزولنى كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىپ ۋە ئانا قېنىغا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئانا تېنىنىڭ فىزىئولوگىيىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىشكە باشلىغانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. قىسقارتىپ ئيېتسام، دەل ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىلە مېڭىسى ئالدى بىلەن ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتنى سېزىشكە ياردەم بېرىدىغان ھىپوسالامۇس دەپ ئاتالغان پۈتۈن بەدەندىكى بىردىنبر ھەم نېرۋا ھۈجەيرىلىك ھەم ئىچكى ئاجراتما ھۈجەيرىلىك خۇسۇسىيەتنى ھازىرلىغان مېڭە رايونىنىڭ (ئورنى: بۇرۇننىڭ تۆشۈكىدىن قولىنى ئۇدۇلغا تىقسا سۆڭەكلەر يوق ئەھۋالدا قولنىڭ ئۇچى ھىپوسالامۇسقا بېرىپ توختايدۇ، دېمەك مېڭىنىڭ ئىچكى ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كىلىدۇ) قوزغىلىشى بىلەن قوماندان ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھامىلە بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ زور مىقداردا كورتىزول ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نەق يۇقىرى مىقداردىكى كورتىزول ھامىلەنىڭ ھېچقانداق فۇنكىسىيە ئۆتىمەيدىغان ئۆپكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قانداق دېگەندە، كورتىزول ئۆپكىدىن سىرفاكتىنىت دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىللىق ھورمۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى غىدىقلايدۇ ۋە مۇشۇ ئاقسىلنىڭ ياردىمىدە ئۆپكە ھۈجەيرىلىرى ئاخىرقى يېتىلىش باسقۇچىنى تاماملاپ فۇنكىسىيەگە ئىگە، پىشىپ يېتىلگەن ئۆپكىگە ئايلىنالايدۇ. كورتىزولنىڭ باشقا بارلىق ئەزالاردىمۇ ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنى ئاستىلىتىپ فۇنكىسيەلىك ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رولى بارلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان تەجىرىبخانىدىكى پىروفىسورۇم بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ ماقالە ئېلان قىلغان. شۇنداق قىلىپ كورتىزول ھامىلىنىڭ ئەزا-ئورگانلىرىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئانا تېنىگە قان ئارقىلىق ئۆتۈپ ئانا بەدىنىدىكى پىروگېستىروننى ئېستىروگېنغا ئايلاندۇرغان ئېنزىملارنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداق قىلىپ تولغاق كەلتۈرۈش رولىغا ئىگە ئېستىروگېننىڭ مىقدارى ئېشىپ پىروگېستېروننىڭ مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن ھالەتكە كەلگەندە بالياتقۇ تېمىدا تولغاق باشلىنىدۇ. تولغاقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئېستروگېن مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىر تەرەپتىن ئانا بەدىنىدىن كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىغانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تۇيۇقسىز ئۆرلىگەن ئېستىروگېننىڭ زور بىر بۆلۈكى ھامىلە ھەمرىيىدىن كەلگەن. ئېستىروگېن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بالياتقۇ تېمى دىۋارىدا PGF2a  دەپ ئاتىلىدىغان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پىروستاگلاندىن تۈرىدىكى خېمىيلىك ماددىلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ-دە تولغاققا لازىم بولىدىغان قاننىڭ تېخىمۇ راۋان بالياتقۇغا يىغىلىشى (ئەمەليەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانا بەدىنىدىكى قاننىڭ 60% ئاللىقاچان بالياتقۇغا يىغىلغان بولىدۇ) ۋە تولغاقنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.  تولغاق باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بالىنىڭ باش سۈيى يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك ھامىلە بالا ھەمرىيىنىڭ ئىچىدىكى ناھايتىي خېلىۋەت ۋە كاتتا بىر قەسىردە ياشايدىغان بولۇپ بالا ھەمرىيىنىڭ ئىچىنىڭ ئەمەلىيەتتە 70% تەك ھەجىمى سۇ بولۇپ بالا ھەمرىيىنىڭ ئۈچ قەۋىتى ئىچىدىكى ئەڭ ئىچكىرى قەۋىتى بولغان ئامنىيوندا بالا ئامنىيون سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىچىدە لەيلەپ تۇرغان ھالاتتە ياشايدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن بالا تۇغۇلغاندا سۇدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ كەتكەن ئەتتەك رەڭگى ناھايىتى سىدام بولىدۇ) ۋە دەل مۇشۇ ئامنىيون  قەۋىتىنىڭ تولغاق باشلانغاندا يېرىلىشى بىلەن ئامنىيون سۇيۇقلۇقىنىڭ ھامىلە يولىدىن سىرتقا تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىقىش ھادىسىسىنى بالنىڭ باش سۈيى يېرىلىش دەيمىز. باش سۈيى يېرىلىشنىڭ ئەھمىيتى زور بولۇپ، بۇ سۇيۇقلۇق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كەتكەندىن كىينلا تولغان ھەقىقىي تۇردە بالىغا بىۋاستە تەسىر قىلىپ بالىنىڭ بالياتقۇ تېشىغا يۆتكلىشىگە زور ياردىمى بولىدۇ.  تولغاق باشلىنىپ ئاستا-ئاستا كۈچىيىشكە باشلىغاندىن كىيىن ھامىلە بېشى توختىماي بالياتقۇنىڭ تېشىدىكى ھامىلدارلىق يولىغا تېگىپ ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە رىلەكسىن دەپ ئاتىلىدىغان قاتتىق مۇسكۇللارنى بوشىتىش رولىغا ئىگە ماددىلارنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ماددىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھامىلە يولىنىڭ بالياتقۇنىڭ تۆۋەن قىسمىغا جايلاشقان دوختۇرلار مانچە سانتىمېتىر ئېچىلىپتۇ دەيدىغان قىسمىنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇ جەرياندا ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ھادىسە يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بالياتقۇ تېمىدىكى موسكۇللارنىڭ توختىماي قىسقىرىىشى نەتىجىسىدە تولغاقنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئانا مېڭىسى بۇنى سېزىپ ناھايىتى ئالاھىدە رولغا ئىگە بولغان، «مۇھەببەت ھورمۇنى» دەپ ئاتالغان ئوكسىتوسېن دەپ ئاتىلىدىغان ھورمۇننى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ ھورمۇن دۇنيادىكى ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ كۈچلۈك مۇسكۇل قىسقارتىش رولىغا ئىگە خېمىيىلىك ماددا بولۇپ، ئوكسىتوسېننىڭ قويۇپ بېرىلىشى تولغاقنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ. بۇ چاغدا ئەڭ ئازاپلىق تولغاق باشلىنىدۇ ۋە بۇ چاغدىكى مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشى دەرىجىسى باشقا ھەر قانداق ئەھۋلدىكىدىن يۇقىرى بولۇپ تارتىشىپ قالىدىغان كېسەللەردە كۆرۈلىدىغان مۇسكۇل قىسقىرىشىدىن نەچچە يۈز ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ قانچىلىك ئازاپلىق بولىدىغانلىقىنى پەقەت مۇشۇ جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان ئانىلارلا بىلەلەيدۇ (ئانىلارنىڭ ئاتىلاردىنمۇ ئۇلۇغ بولۇشى بەلكىم مۇشۇ يەردىن باشلانسا كېرەك). شۇ قەدەر ماسلاشقان ۋە بىر-بىرىگە ئۇلاشقان ھادىسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە جىپسىلىشىپ ناھايىتى سىستىمىلىق ھالدا ھورمۇنلارنىڭ قاتتىق ۋاقىت بويىچە كونتىرول قىلىشى ئاستىدا بوۋاقنىڭ ئاخىرى ساق-سالامەت تۇغۇلۇشى ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ جەرياندىكى يەنە بىر كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ھادىسە بولسا بالىنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن سۈت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باشلىنىشىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى بولۇپ، بۇمۇ تۇغۇتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىلارنىڭ ئەمچەك بېزى توختىماي يوغىنايدىغان بولۇپ، بۇ ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخرىقى مەزگىلىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ چۈنكى دەل ئانىلىق ھورمۇن ئېستروگېننىڭ سۇ يىغىش ۋە ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمچەك بېزىنىڭ بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇغىنىسى، ئېستىروگېننىڭ يەنە بىر رولى سۈت ئاجىرىلىپ چىقىشىنى چەكلەش بولۇپ، بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي بالا ھەمرىيىمۇ تۇغۇلىدۇ (چۈشىدۇ) ۋە شۇنىڭ بىلەن ئېستىروگېننىڭ مەنبەسى ئۈزۈلىدۇ، دە- بۇ خىل چەكلەش كۈچى رولىنى يوقىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، مۇھەببەت ھورمۇنى ئوكىستوسېن مېڭىدىن پرولاكتىن دەپ ئاتىلىدىغان سۈت ئاجىرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇننى ئاجىرىتىپ چىقىرىدىغان بولغاچقا بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئانا بەدىنى سۈت ئاجىرىتىپ چىقىشقا نەق تەييار بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭىمۇ ئادەتتە تېخى يەڭگىمىگەن ئايال (ياكى باشقا جانلىقلار) دىن سۈت ئاجىرىلىپ چىققىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئوكسىتوسېننىڭ يەنە بىر رولى ئانا مېڭىسىدىن بىر خىل مېھىر-مۇھەببەت سېزىمىنى ئويغىتىدىغان بولۇپ، دەل شۇ سېزىمنىڭ تۈرتكىسىدە ئانا مەيلى قانچىلىك ھېرىپ كەتسۇن، ئومۇمەن تۇغۇپ بولغان مەزگىلدە كاللىسىدىكى بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى بوۋىقى بولۇپ ھەرقانداق ئىش ئانا دېققىتىنى بالىسىنى ئېمىتىشتىن بەكرەك تارتالمايدۇ ۋە شۇ مېنۇتتىن باشلاپ بىر ئايال ھەقىقىي ئانىغا ئايلىنىدۇ.

ئەمدى گەپكە قايتىپ كەلسەك، ئۆزى تۇغقان ئانىلار نورمال ئەھۋالدا يۇقىرىدىكى باسقۇچلارنىڭ ھەممىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيسىدىن تارتىپ روھىي ھالىتىگىچە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ئانا بولۇشقا فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ھەقىقىي تەييار بولىدۇ. ئانىلار تۇغۇت جەريانىدا ناركوز قىلىشنى تاللىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاشلا مۇشۇ جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىدىغان بولۇپ (ئۆزى سەزسۇن-سەزمىسۇن)، ئوپراتسىيە قىلغاندىكى تۇغۇت جەريانى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ئوپراتسىيە قىلىش زۆرۈر بولغاندا بالا ۋە ئانىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر مەشغۇلات بولسىمۇ، تۇغۇت جەريانىدا چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئوپراتسىيەدىن ساقلىنىش ئانا ۋە بالىنىڭ كىيىنكى ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇھىم. ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغقاندا ئانا بەدىنى يۇقاردىكى فىزىئولوگىيىلىك، ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھېچقايسىسى ياكى بىر قىسىمىنى باشتىن كەچۈرمەيدىغان بولغانلىغى، يەنە كىلىپ بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ناركوز ئوكۇلى ئىشىلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئوپراتسىيە قىلىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق زىيانلىق تەرەپلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، ئوپراتسىيە قىلغان ئاياللاردىن سۈت كېچىكىپ چىقىدۇ ۋە سۈت چىقىشنىڭ سەل تەسكە توختايدىغانلىقى بايقالغان. نورمال ئەھۋالدا سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوكسىتوسېن ۋە پرولاكتىنلار ئوپراتسىيە جەريانىدا ئانا بەدىنىدىن قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن سەل تۆۋەنرەك مىقداردا قويۇپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، شۇنداق ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشى فىزىئولوگىيىلىك قانۇنىيەتلەرگە مۇناسىپ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوپراتسىيە نىسبەتەن ئاسانراق تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئوپراتسىيەدىن كىيىنكى ساقىيىشقا نورمال تۇغۇتتىن ئەسلىگە كىلىشكە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ ۋە بىر قەدەر ئازاپلىق بولىدۇ. ئانا دەماللىققا بالىنى ئىمىتىشكە ئىمكانىيتى بولماي قىلىپ، ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئانا سۈتىدە ئەمەس پاراشوكتا بېقىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. بوۋاقلار ئۈچۈن دەسلەپكى 4 ئايدا ئانا سۈتىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە بىردىبىر يېمەكلىك بولۇشى كېرەكلىكى سانسىزلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئىسپاتلانغان بىر ئىش بولغاچقا بۇنىڭ تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شەخسەن ئانىلارنىڭ ئىمكانقەدەر ئۆزى تۇغۇش يولىنى تاللىشىنى، پەقەت زۆرۈر تېپىلغان شارائىت ئاستىدا ئاندىن ئوپراتسىيە قىلىشنى تاللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاخىرىدا ھەر بىر ھامىلدار ئانىنىڭ ھامىلدار مەزگىلىنىڭ كۆيۈنۈش، ھۆرمەت ۋە ئازادىچىلىك ئىچىدە ئەڭ ساغلام بولغان ئوزۇقلىنىشقا شارائىتىغا ئېرشىپ ئۆتۈشىنى، شۇ ئارقىلىق ھامىلىگە روھىي ۋە ئوزۇقلۇق بېسىمىدىن خالىي ياخشى بىر ئازادە بالياتقۇ مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ئارقىلىق ئەڭ ساغلام بوۋاق تۇغۇشىنى، شۇنداقلا تۇغۇت ئۇسۇلىنى ئىلمىي تاللاش ئىمكانىيتىگە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن.

بارچە ئانىلار ۋە كىلەچەكنىڭ ئانىلىرىغا ئەڭ ئالىي ھۆرمەت سالىمىمنى يوللاپ،

  
بىلگەجان (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)

2014-يىلى ئۈمىد ئېيىنىڭ 20-كۈنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-26 13:53:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاقنى ئېمىتىش ياكى سۈت پاراشوكىدا بېقىش توغرىسىدا


تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە


بۇ ماقالەمدە ئاۋۋال ئامېرىكىدا ئانا سۈتى ۋە سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىش توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بىرەى، ئاندىن ئانىنىڭ تۇغۇتلۇق ۋە ئەمدۈرۈش مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇقىنىڭ مۇھىملىقى توغرىىسدا توختىلاي. ئاخىرىدا سۈت پاراشوكىدا بىقىشىنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى توغرىسىدىكى يۈزلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىر نەچچىنى مىسال ئىلىپ سۆزلەپ بىرەي.

ئامېرىكىدا ئىلگىرى سۈت پاراشوكىدا بوۋاقلارنى بېقىش ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولۇپ، 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا چوڭلار ۋە بالىلاردىكى سېمىزلىك كېسىلىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كىتىشى تۈپەيلى، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىزدەشنى باشلىدى ۋە نۇرغۇن ئامىللارنى تىپىپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە بوۋاقلارنىڭ سۈت پاراشوكىدا بىقىلىشىمۇ سېمىزلىكنىڭ يامراپ كتىشىدىكى بىر ئامىل ئىكەنلىكى ئېنقلاپ چىقىلدى. بولۇپمۇ 2001-يىلى خارۋارد ئۇنىۋىرستىتىدىكى Metthew W. Gillman باشچىلىقىدىكى تەتقىقاتچىلار دۇنياغا داڭلىق مىدىتسنا ژورنىلى بولغان ئامېرىكا مىدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى ژورنىلى، Journal of American Medical Association, JAMA دا «بوۋاق مەزگىلىدە ئېمىتلىگەن ئۆسمۈرلەردىكى ئېغىرلىقى ئېشىپ كىتىش خەۋىپى، Risk of overweight among adolescents who were breastfed as infants » ماۋزۇسىدىكى ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن كىشىلەرنىڭ بۇ مەسلىگە سەزگۈرلىكى زور دەرىجىدە ئېشىشقا باشلىغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېمىتلگەن بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئېغىرلىق ئېشىپ كىتىش خەۋىپى سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بالىلاردىن مۇتلەق تۆۋەن بولغان. ئەگەر بىر مەزگىل ئېمىتىلىپ ئاندىن سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان ياكى باشتىن ئاخىر سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بالىلاردا ئېغىرلىق ئېشىپ كىتىش ۋە سېمىزلىك كېىسىلى نىسبىتى پەقەت ئېمىتىلگەن بالىلاردىن يۇقىرى بولغان. بۇ مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ بۇ مەسلىگە بولغان قارىشىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان (1).
بۈگۈنگە كەلگەندە، ئامرىكىدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئامال بار ئېمىتىشنى تاللايدۇ. ئادەتتە بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۇلارنى ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر، كىينىچە ئايدا بىر دوختۇرغا تەكشۈرتۈش تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا، دوختۇر بالىنى قانداق ئوزۇقلارندۇرۇش توغرىسىدا تەپسلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. دەسلەپكى 6 ئايدا پەقەت ۋە پەقەت ئانا سۈتىلا بىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. سېمىزلىك ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى سۈت كۆپ چىقمايدىغان ئاياللار ياكى ئېمىتىش ئىمكانىيىتى يوق ئاياللاردىن باشقىلارغا سۈپ پاراشوكى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بىلىشىمچە بىر قىسىم ئامېرىكىلىق ئانىلار قولايلىق بولۇشى تۈپەيلى يەنىلا سۈت پاراشوكى ئىشلىتىدۇ. ئامېرىكىدا بالىلار ئىشلەتسە بولىدىغان نەرسىلەرگە قاتتىق چەك قويۇپ ئىلغار سۈپەت ۋە ئەڭ بىخەتەر بولۇشى كۆپ قاتلاملىق نازارەت ئاستىدا بولغاچقا، ئنتايىن ئاز ساندا سۈت پاراشوكىغا مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەر كۆرۈلىدۇ. ھەتتا تىرناق ئالغۇچتىن تارتىپ بەدەن سوپۇنى ۋە بارلىق يىمەكلىكلەر مەخسۇس بالىلار ئۈچۈنلا ئىشلەپچىقىرىلىپ سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەندىن كىيىن ئاندىن بازارغا سېلىنىدۇ. شۇڭا، بالىلار سۈت پاراشوكى ۋە باشقا بالىلار مەھسۇلاتلىرى بەكمۇ ئىشەنچلىك. لىكىن شۇنداقتىمۇ ئەڭ ياخشى سۈت پاراشوكىمۇ ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىغى قايتا-قايتىلاپ تەكىتلىنىپ بالىلارنىڭ ئېمىتىلىشىنى كۈچەپ تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردە كۆرسىتىلىشىچە دەسلەپكى 3-4 ئاي ئېمىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزگىلى بولۇپ، مۇشۇ مەزگىلدە ئېمىتلمىگەن بالىلارنىڭ ئومۇمىي تەن سالامەتلىكى ئېمىتىلگەن بالىلاردىن روشەن ناچارراق بولىدۇ.

ئانا سۈتىنى بوتۇلكىدا بېرىش بىلەن بوۋاقنىڭ ئېمىشى ئارىسىدىمۇ پەرقلەر مەۋجۇت. ئانا سۈتىنى بوتولكىدا بىرىش ئەلۋەتتە سۈت پاراشوكىدا باققاندىن كۆپ ئەۋزەل، لىكىن يەنىلا ئېمىتكەندەك ياخشى ئەمەس. ئامرىكىلا ئەمەس ئەنگىلىيە، كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئالىملارمۇ تەتقىق قىلغاندىن كىيىن ئاندىن ئوتتۇرىغا چىققان گەپ بۇ. مىنىڭ دىگەنلىرىم ھەرگىزمۇ نوقۇل ئامرىكىلىقلار ئارىسىدا مودا بولۇۋاتقان ئىش ياكى گەپ-سۆزلەر ئەمەس بەلكى ھەممىسى تەجىرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلانغا ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن گەپلەر. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى مۇنداق:

بالا ئېمىش جەريانىدا ئانا مىڭىسىدىكى ھىپوسالامۇس، hypothalamus دىگەن قىسىمدىن ئوكىستوسىن، oxytocin ياكى يەرلىك تىلدا مۇھەببەت ھورمۇنى، love hormone ۋە پرولاكتىن prolactin دەپ ئاتالغان سۈت كۆپەيتىدىغان ئىنتايىن مۇھىم روللارغا ئىگە ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىلىپ بالا ئېمىش جەريانىدا ئاندىن سۈتكە قوشۇلىدىغان بولغاچقا، ئانا كۆكرىكىنى مەلۇم ئەسۋابلار بىلەن غىدىقلاپ مىخانىكىلىق سىقىپ چىقىرىلغان سۈت بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا ئانا كۆكسىنى شوراش جەريانىدا بالىنىڭمۇ مېڭە نىۋرونلىرى غىدىقلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ بالىنىڭ پىسخىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. ئانىلىرىمىز يىڭى ئانىلارغا دائىم دەيدىغۇ بالىنى ئېمىتكەندە بىشىنى سىلاپ بىرىڭ يۇمىلاق بولىدۇ دەپ، بۇ بەكلا دانا بىر ئىش، بەزىدە شۇلارنى ھەقىقىي ئالىممىكىن دەپ قالىمەن، چۈنكى باشىنىڭ يۇمىلاق بولۇشى باشقا گەپ، لىكىن بالىنىڭ بىشىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە بالىنىڭ كەينى مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

بەزى ئانىلار مەندىن سۈت چىقمىدى، شۇڭا ئامال يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەليەتتە، سۈت چىقمايدىغان ياكى يىتىشمەيدىغان ئاياللار باشقا جايلاردا ئەمەس ئافرىقىدىكى ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ئەڭ ناچار جايلاردىكى ئاياللاردىمۇ ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئەلۋەتتە بالىنى ئوپراتىسيە ئارقىلىق تۇغقان بولسا ئۇنىڭ ھۆكۈمى باشقا چۈنكى بالا تۇغۇلۇش جەريانىدا ھەر تولغاقتا سېگناللار مىڭىگە بىرىپ يەنە شۇ سۈت ئاجىرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھورمۇنلارنى سېنتىزلاش ۋە قانغا قويۇپ بىرىشكە تۈرتكە بولىدۇ، شۇنداق بولغاچقا تۇغۇشقا بىر كۈن قالغان ئايالنى باشقا بىر بىر نەچچە ياشلىق بالا ئەمسىمۇ، ساغسىمۇ ئالدىراپ سۈت چىقمايدۇ بەلكى بالا تۇغۇلغان دەقىقىدىن باشلاپلا كىچىككىنە نارسىدە كۈچسىز شورىسىمۇ سۈت ئۆزلۈكىدىن ئېقىپ چىقىدۇ. دەل شۇ ئازاپلىق تولغاق جەريانىدا ئانا مېڭىسى ئانا مېھرىگە تويۇنىدۇ (مەسىلەن ئوكسىتوسىن، مۇھەببەت ھورمۇنىنىڭ مىقدارى نەچچە ئون ھەسسە ئاشىدۇ، بۇ ھورمۇن ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش جەريانىدىمۇ مىقدارى ئاشىدىغان بولغاچقا كىشىنى خۇشھال قىلىدۇ)، ۋە بالىنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ھاياتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تەييارلىقلارنى كۆرىدۇ. ئەگەر ئوپراتسىيە قىلىنسا، ناركوز تەركىبدىكى خېمىيىلىك ماددىلار دەل شۇ نىۋرونلارنى سەزمەس قىلىش ئارقىلىق ناركوزلاش مەقسىتىگە يىتىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئوپراتىسيە قىلىپ تۇغقان ئاياللارنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىشى تەبىئىي تۇغقان ئاياللاردىن ئومۇمىي جەھەتتىن سەل ناچارراق بولىدۇ ھەم سۈت ئىشلەپچىقىرىش دەسلىپىدە سەل كېچىكىپ باشلىنىدۇ.

سۈت ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى بوۋاق بىلەن ئانا ئوتتۇرىسىدىكى چەكسىز ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا، يەنى بال ئەممىسە سۈت تىزلا كېسىلىدۇ، بالا قانچە كۆپ ئەمسە شۇنچە كۆپ سۈت ئىشلەپچىىقىرىلىدۇ، ئەگەر يىڭى ئانىلار دەسلىپىدە ئېمىتىشتە ئازراق قىينچىلىققا دۇچ كەلسىلا بەل قويۇۋىتىپ ئېمىتىشتىن ۋاز كەچمەسلىكى لازىم. ئامرىكىدا دوختۇرخانىدا چىقىش ئالدىدا ۋە چىققاندىن كىيىن مەخسۇس «ئېمىتىش مەسلىھەتچىلىرى» دەپ كەسىپ نامى بىلەن ئاتالغان سېستىرالار دوختۇرخانىدا ۋە ئۆيىڭىزگىچە كىلىپ ئانىلارغا توغرا ئۇسۇلدا بوۋاقنى ئېمىتىشنى مەشىق قىلدۇرىدۇ. ھەم تۇغۇتتىن بۇرۇن ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچى مەيلى يىڭى ياكى كونا بولسۇن چوقۇم تۇغۇت تەييارلىقى ۋە بالا بېقىش دەرسىلىرىگە پۇل تۆلەپ دوختۇرخانىدا ئاز دىگەندە ئىككى ئاي (ھەپتىدە ئىككى سائەت) دەرسىكە قاتنىشىشى شەرت. مۇشۇ جەرياندا تۆرەلمىنىڭ يىتىلىشى ۋە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق ۋە تۇغۇتتىن كىيىن ئۇچرايدىغان مەسلىلەر توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولىدۇ. قسقىسى، سېمىزلىك كېسىلى ۋە ھەددىن زىيادە قان ياكى ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كېسىللىكلىرىگە گېرىپتار بولمىغان، ئوپراتسىيە قىلىنمىغان ئاياللاردا سۈت يىتىشمەلىك دەيدىغان ئىش تىگى-تەكتىدىن مەۋجۇت ئەمەس. ئىلىم-پەندە بىر تۆرەلمىنى ئىنتايىن ماھارەتلىك بىر پارازىتقا ئوخشىتىدۇ (تۆرەلمە پارازىت دىمەكچى ئەمەسمەن، خاپا بولۇشماي گىپىمنى توغرا چۈشەنسەڭلار، پەقەت ياشاش ئۇسۇلىنى مىسال قىلىۋاتىمەن) چۈنكى تۆرەلمە ۋە بالا ھەمرىيى ئانا بەدىنىگە سىلىروئىد ۋە باشقا تىپتىكى ھورمۇنلارنى قويۇپ بىرىش ۋە سېگناللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئانا بەدىنىدە بار ھەرقانداق ئوزۇقلۇقنى ئۆزىگە ئاۋۋال تەقسىم قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، گىلۇكوزا تۆرەلمە ئۆسۈشىدىكى ئېنىرگىيە مەنبەسى بولغاچقا ئۇ ئانا بەدىنى گىلۇكوزىنى ئۆز بەدىنىگە قوبۇل قىلىشتا مۇھىم بولغان ئىنسۇلىن دىگەن ھورمۇنغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئانا قېنىدىكى گىلۇكوزىنى ئىمكانقەدەر تۆرەلمىگە كۆپلەپ يەتكۈزۈش مەقسىتىگە يىتىدۇ. بۇ جەرياندا ئاتىدىن كەلگەن گېنلار مۇھىم رول ئوينايدۇ. بوۋاقمۇ ھەم شۇنداق، بوۋاق كۆپلەپ ئىمىش ئارقىلىق ئانا بەدىنىدىكى ئۆزىگە ئېھتىياجلىق بارلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ ئالالايدۇ. مەسىلەن، بالا چىش چىقىش جەريانىدا ۋە ئۆسۈپ يىتىلىشتە كۆپلەپ كالتىسىيغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئۆزىگە لازىمىلىقىنى بىر ئاماللار بىلەن چوقۇم سۈتتىن سۈمۈرۈپ ئالىدۇ، ئەگەر ئانا بەدىنىدە كالتىسي ھەددىدىن زىيادە كەمچىل بولسا، ئانىنىڭ چىش ۋە سۆڭەكلىردىكى كالتىسىيمۇ پارچىلىنىپ بالىغا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدىمۇ بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، يەنى ئەگەر ئانا سۈت قاتارلىق كالتىسي مول يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلمىسا، تۆرەلمە ئانىنىڭ چىشىنى ئاغرىتىدىغان قىلپ قويالايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئانىسىغا دىمەكچى بولغىنىنى (ماڭا كۆپلەپ ئوزۇقلۇق، كالتىسي ۋە ۋىتامىنلار لازىم دىگەننى) يەتكۈزىدۇ.شۇ مەزگىلدە چىشى ئاغرىپ قالغان ئاياللار ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك، بولمىسا يا ئۇ مەزگىلدە چىشىنى تارتىۋەتكىلى بولمايدۇ يا دورا يىيىشكە بولمايدۇ، بەكمۇ ئازاپلىق. بۇ ئادەملەرلا ئەمەس باشقا نۇرغۇن جانلىقلاردىمۇ ئاساسەن ئوخشاش ساقلىنىپ قالغان. ھامىلە ۋە بوۋاق شۇنداق ئۆز ئېھتياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئانىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىسىنى بۇزۇش بەدىلىگە بولسىمۇ دىگىنىنى ئالىدۇكى، ئەكسىچە ئانا بەدىنىنى ھچقانداق پايدىلىق نەرسە بىلەن تەمىنىلىمەيدۇ، شۇنداق بولغاچقا بۇ مۇناسىۋەتنى پارازىتلىق مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىش مۇمكىن.

ئانىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قانچىلىك مىقداردا ۋە قانداق تۈردىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى تۆرەلمىنىڭ ساغلام يىتىلىشى ۋە بالىنىڭ دەسلەپكى ۋە بىر ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقى ئۈچۈن ئويلاپ يەتكۈسىز تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلەلەيدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى مەلۇم يىمەكلىككە سېزىك تۇتۇشمۇ تۆرەلمىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى بولىدۇ، شۇڭا يىگۈسى كەلگەن يىمەكلەرنى يىيىش مۇھىم. لىكىن ئادەتتە ئاقسىل مىقدارى كۆپ پۇرچاق، سۈت، گۆش، تۇخۇم ۋە تالا تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ۋە ۋىتامىن تەركىبى مول بولغان مېۋە، كۆكتات تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ھامىلە ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغانلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئەكسىچە يۇقىرى قەنىت، يۇقىرى ماي مىقدارى بار يىمەكلىكلەردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش لازىم.

ئامېرىكىدا بارلىق ھامىلدار ئاياللار قورساق كۆتۈرۈشتىن بۇرن، ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىللىرىنىڭ ھەممىسىدە ۋىتامىن تولۇقلايدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە بۇ بەك ئومۇملاشقان. ھەم قان يىتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى بار ئانىلار چوقۇم تۆمۈر تولۇقلايدىغان دورىلارنىمۇ قوشۇم ئىستىمال قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. كۆپ خىل ھامىلدارلىق ۋىتامىن تولۇقلىمىسنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر تىز سۈمۈرۈلىدىغان تىپتىكى تۆمۈر بولغاچقا، بەزى ئاياللاردا ئاشقازاننى بئارام قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئاستا سۈمۈرۈلىدىغان تۆمۈر تولۇقلىمىسىنى ئىستىمال قىلسا ياخشىراق ھېس قىلىدۇ. مەخسۇس ھامىلدار ئاياللار ئۈچۈن ياسالغان كۆپ خىل ۋىتامىنلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولغان دورىلارنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر تۇرمۇشتا قېينچىلىقىڭىز بولسا، ئۇلار ھەقسىز شۇ خىل دورىلارنى تارقىتىپ بىرىدۇ. بەزى شىتاتلاردا كىرىمى سەل تۆۋەنرەك كىشىلەر ئۈچۈن يىمەكلىك كارتىسى تارقىتىپ بىرىدىغان بولۇپ، بەلگىلەنگەن يىمەكلىلەردىن بەلگۈلۈك مىقدرادا پۇل تۆلىمەي سېىتۋالغۇلى بولىدۇ.
ئاقسىل ۋە ئومۇمىي ئوزۇقلۇق يىتىشمەيدىغان ئانىلارنىڭ تۆرەلمىگە ئىلىپ كىلىدىغان يامان تەسىرلىرىنى بىلىدىغانلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن، لىكىن شۇنىمۇ بىلىۋىلىش كىرەككى، ھەددىدىن زىيادە كۆپ ياكى يۇقىرى ئېنرگىەلىك يىمەكلىكنىڭ تۆرەلمىگە بولغان تەسىرىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن يامان. بولۇپمۇ بەدەن ئېغرلىقى نورمالدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئامال بار ئازاق يىيىشى كىرەك. چۈنكى، ئېشىپ كەتكەن ئوزۇقلۇق مىقدارى تۆرەلمىنڭ ئەزا ئورگانلىرىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، كەلگۈسىدە بالىنىڭ سېمىزلىك كېسىلى، ياغلىق جىگەر كېسىلى، 2 تىپلىق دىئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئىېھتىماللىقىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ.

ئەڭ مۇھىم بولغىنى بالىنى بىر ئاماللار بىلەن ئوغۇز سۈتى (بالا تۇغۇلغاندىن كىيىنكى 72 سائەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلدىغان قويۇقراق سۇس سارغۇچ سۈت) نى ئەمدۈرۈش كىرەك. چۈنكى ئوغۇز سۈتىدە كۆپ مىقداردا ئاتىبىيوتىك، كېسەلگە قارشى ئېلىمىنېتلار ۋە رېلاكسىن، relaxin قاتارلىق مۇھىم ھورمۇنلار بار بولغاچقا بالىنىڭ ساغلام بولۇشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بوۋاق پەقەت دەسلەپكى 48-72 سائەت ئىچىدىلا ئوغۇز سۈتى تەركىبىدىكى يۇقىرى مولىكۇلالىق ئىممۇنىت شارچىسىمان ئاقسىللىرىنى، Immunoglobulin شۇ پىتى قوبۇل قىلىش ئىقتدارىغا ئىگە. شۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە بوۋاق بەدىنىدىكى شۇ خىل سىستىما ئېتىلىپ قالىدۇ.

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۆت ئايلىقتىن بۇرۇن ئانا سۈتىدىن باشقا يىمەكلىلەرنى ئىستىمال قىلغان بوۋاقلار كىيىن ساغلام بولمىغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى شەكىللەندۈرۋىلىشى ئېتىمالى يۇقىرى ئىكەن، ئەكسىچە دەسلەپكى ئۇچ ياكى تۆت ئايدا پۈتۈنلەي ئېىمىتلگەن بالىلارنىڭ يەسلى يىشىدا كۆكتاتلارنى ئېمىتىلمىگەن تەڭ ياشتىكى بالىلاردىن كۆپ ئىستىمال قىلىدىكەن (2). ئۇنىڭدىن باشقا ئېمىتلىگەن بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بوۋاقلارغا قارىغاندا ئىچ سۈرۈش، ئۈچەي ئىچكى دىۋار ياللۇغى ۋە 2 تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى مۇتلەق تۆۋەن بولغان. ھەمدە ئېمىتىش مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى (بىر ياشتىن بۇرۇن، چۈنكى 12-18 ئايدىن كىيىن ئېمىتىشنىڭ ئۈنۈمى زور ئەمەس) ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەن (3). سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىت سىستمىسىمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىممۇنىت ھۆجەيرىلىرى ئىككىلەمچى (adaptive) ئىممۇنىت سىستىمىسى تەرەپكە ئېغىپ تەرەققىي قىلىدىكەن (4). شۇنداق بولغاچقا سۈت پاراشوكىدا باققان بالىلاردا دەسلەپكى ئىممۇنىت رىئاكسىيىسي ئىېمىتلگەن بوۋاقلاردەك كۈچلۈك بولمىغاچ ئاغرىپ قىلىش قېتىم سانى كۆپرەك بولىدىكەن. سېمىز بالىلار ئىچىدە، سۈت پاراشوكىدا بىقىلغانلىرىنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكى ئېمىتىلگەن بالىلاردىن تۆۋەن بولۇپ، بۇنداق بالىلارنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش سېمىزلىكتىكى ئېمىتىلگەن بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان 2-تىپلىق دىئابىتقا گېرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن (5). يەنە سۈت پاراشوكى تەركىبىدە باشقا جانلىقلارنىڭ ئاقسىللىرى كۆپ بولغاچقا، سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بالىلار ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكلىرىگە ئېمىتىلگەن بالىلاردىن يۇقىرى نىسبەتتە گىرىپتار بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك بولغانلىرىدىن 1 تىپلىق دىئابىت كېسىلى (ئىنسۇلىنغا تايىنىدىغان) مۇ بار ئىكەن (6). بۇلار مەن ئوقۇغان يۈزلىگەن مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىلار ئىچىدىكى ئاساسلىق بىر قانچىسىلا خالاس. دىمەك، سۈت پاراشوكىدا بىقىش بوۋاقنى ئېمىتكەنگە قارىغاندا نۇرغۇن يىتەرسىزلىكلەرگە ئىگە. شۇڭا، مەن ئانىلارنىڭ ئىمكانقەدەر ئۆزى تەبىئىي تۇغۇشنى تاللىشىنى ۋە بالىنى ئۆزى سۈتىنى ئېىمىتىپ چوڭ قىلىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.

ئانا ئوزۇقلۇقى مەيلى ھامىلە مەزگىلى ۋە ياكى ئېمىتىش مەزگىلىدە بولسۇن بالىنڭ ساغلاملىقىدا بەك زور رول ئوينايدۇ. چۈنكى ئانا ئوزۇقلۇقى ھامىلە مۇھىتى ۋە نارسىدە يىتىلىش باسقۇچىدا ئېپىگىنتىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى كونتىرول قىلالايدۇ ھەتتا بۇنى كىينىكى ئەۋلادقا ئېرسىيەت قالدۇرالايدۇ. يىقىنىقى تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتلىشىچە، پەقەت ئانىنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىلا ئەمەس ئاتىنىڭ، ھەتتا بوۋا-مومىنىڭ ئوزۇقلۇنۇش ئەھۋالىمۇ بالىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. شۇڭا ساغلام ئوزۇقلىنىش ۋە نورمال بەدەن ئېغرلىقىنى ساقلىشىمىز كىيىنكى ئەۋلادلار ساغلاملىقى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم.

ئۆزى تۇغقان ئاياللارنىڭ ناركوز دورىسى ئىشلىتىشىگە كەلسەك، ئادەتتە ئومۇرتقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يۇلۇنغا يىڭنە تىقىپ (يىڭنە تۇغۇت جەريانىدا باشتىن ئاخىر شۇ يەردە تۇرىدۇ) تۆۋەن بەدەننى مەس قىلىدىغان ئۇسۇلى ياكى ۋىنا تومۇرىغا ئۇرۇلىدىغان 5-10 مىنۇتلۇق ئاغرىق سەزدۈرمەيدىغان ئوكۇلنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇلارنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىرى بولمايدۇ. چۈنكى ناركوز دورىلىرى ئادەتتە anesthetic (مۇسكۇللارنىڭ مىدىرلىيالماس قىلىدىغىنى) ياكى analgesic (نىرۋانى سەزمەس قىلىدىغىنى) دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ئوپراتسىيەدە general anesthetic (ئومۇميۈزلۈك ناركوز) دەپ ئاتىلىدىغان ناركوز ئۇسۇلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، چوڭ مېڭە پۈتۈنلەي سەزمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ناھايتى كۈچلۈك چوك مېڭىنى تورموزلىغۇچى ماددىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خېلى دەل تۇغۇت ئوپراتسىيىسى جەريانىدا قوللىنىلدىغان ئۇسۇل بولغاچقا مېڭە ھىچنىمىنى سەزمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپراتىسيە قىلىدىغان تۇغۇتتا، تولغاق باشلىنىشتىن بۇرۇن ياكى قىسمەن ئەھۋاللاردە تولغاق باشلىنىپ ئۇزۇن بولمايلا قورساقنى يېرىپ بالىنى ئالىدىغان بولغاچقا، مېڭە تەبئىي تۇغۇتتىكى تولغاقنى باشتىن كەچۈرمەيدۇ.

چوڭلارنىڭ نۇرغۇن سۆزلىرىنىڭ ھېكىمىتى بارلىقىغا ئىشىنىمەن، لىكىن بەزىلىرى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆزلىرى بالا ئۈچۈن نىمە ياخشى بولسا شۇنى قىلىمىز دەپ تۇرۇپ خاتا ھالدا بىلىپ-بىلمەي قىلىدىغان ئىلمىيلىكى يوق، پايدىسىز ئىشلارمۇ بار. بوۋاقنى تۇغۇلغاندىن كىيىنلا ئېغىزلاندۇرۇشنى ئىلمىي ئەمەس دەپ قارايمەن. بالىلارنىڭ ھەددىن زىيادە چوڭ ياكى كىچىك تۇغۇلۇشى ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق، شۇنداقلا بوۋاق مەزگىلىدە ھەددىدىن زىيادە سېمىز بولۇپ كىتىشىمۇ ياخشى ئەمەس. ئامرىكىدا ھەر قىتىم تەكشۈرۈتكىلى ئاپارغاندا بالىنىڭ تەڭ ياشتىكى بالىلار ئىچىدە ئېغىرلىقى ۋە بوي ئېگىزلىكىنىڭ قانچە پىرسەنىت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى دەپ بىرىدۇ ۋە ئانىنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ. ئەگەر بوۋاق ئېغىرلىقى 85% يۇقىرى بولۇپ كەتسە ياخشى ئەمەس چۈنكى مۇشۇ بالىلاردا كەلگۈسىدە كۆپلىگەن مىتابولىزىملىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

ئاخىرىدا ھەر بىر ئانا ۋە بالىنىڭ ساغلام بولۇشىنى تىلەيمەن!


بىلگەجان (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)


پايدىلىنىش ماتىرىيالى:

(1).        Gillman MW, Rifas-Shiman SL, Camargo CA et al. Risk of overweight among adolescents who were breastfed as infants. JAMA, 285(19), 2461-2467 (2001).
(2) Burnier D, Dubois L, Girard M. Exclusive breastfeeding duration and later intake of vegetables in preschool children. Eur J Clin Nutr, 65(2), 196-202 (2011).
(3) Le Huërou-Luron I, Blat S, Boudry G. Breast- v. formula-feeding: impacts on the digestive tract and immediate and long-term health effects. Nutr Res Rev, 23(1), 23-36 (2010).
(4) Andersson Y, Hammarström ML, Lönnerdal B, Graverholt G, Fält H, Hernell O. Formula feeding skews immune cell composition toward adaptive immunity compared to breastfeeding. J Immunol, 183(7), 4322-4328 (2009).
(5) Manco M, Alterio A, Bugianesi E et al. Insulin dynamics of breast- or formula-fed overweight and obese children. J Am Coll Nutr, 30(1), 29-38 (2011).
(6) Knip M, Virtanen SM, Akerblom HK. Infant feeding and the risk of type 1 diabetes. Am J Clin Nutr, 91(5), 1506S-1513S (2010)



~~~~~~~~~~~~
يۇقارقى تېمىلارنىڭ تور مەنبەسى، ئىزدىنىش، مىسرانىم قاتارلىق ئۇيغۇرچە توربەتلەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 03:59 , Processed in 0.143934 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat