پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

(چاقىرىق!) كومپيۇتېردىن مۇكاپاتلىق يازما يوللاش مۇسابىقىسى !

يوللىغۇچى: Tirish| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-23 12:53| كۆرۈلۈشى: 153| ئىنكاس سانى: 6

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!


ئەگەر مۇنبەرنىڭ ئۈنۈملىرى سەۋەپلىك تېمىنى تولۇق كۆرەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ PDF نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ: http://www.tirish.cn/Musabiqe_elan.pdf


ئىلاۋە:
تىرىشچانلار تورى قورۇلغاندىن باشلاپ پايدىلىق ئىلىم تارقىتىشنى مەقسەت قىلىپ كىچىكلىكتىن زورىيىپ مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە بىلىم ماكانى بولۇپ شەكىللەندى. ئەلۋەتتە، تىرىشچانلار تورىنىڭ بۈگۈنى كەڭ بىلىمخۇمار قىرىنداشلارنىڭ قوللىشى بىلەن قولغا كەلگەن بولسا، كەلگۈسى يەنىلا بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆيۈنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. دىيارىمىزدا تور ئىچىلغاندىن بىرى ئۇيغۇرچە تورلاردىكى تۇرغۇنلۇقنى يوقۇتۇش ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا مۇكەممەل ئۈگىنىش سورۇنى يارىتىپ بىرىش شۇنداقلا كەڭ ئىلىم تارقاتقۇچى ئۇستاز-ھەۋەسكارلارنىڭ ئەمگىكىگە رەھمەت ئىيتىش يۈزىسىدىن تۇنجى بولۇپ مۇكاپاتلىق «بىلىم يازمىسى» توپلاش پائالىيىتى تەشكىللەشنى ئويلىشىپ كەڭ دوستلارغا يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمىز. ئىشىنىمىزكى كەڭ بىلىمخۇمار دوستلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ پائالىيەت غەلبىلىك باشلىنىپ ئۇتۇقلۇق ئاياغلاشقۇسى.

خوش، ئۇنداقتا بۇ قىتىملىق پائالىيىتىمىزنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرىشىگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن.

*******************

تىرىشچانلار تورى باشلامچىلىق ئورنىدا تۇرۇپ باشلىغان بۇ پائالىيەت بارلىق تورداشلارغا قارىتىلغان بولۇپ مەزمۇن بىردەك ئۇيغۇرچە بولۇش شۇنداقلا كومپيۇتېر تىخنىكىسىغا ئائىت يازما بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. (بۇ مۇسابىقىدىن بارلىققا كەلگەن كومپيۇتېر بىلىملىرى يازمىلىرى نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ... بۇ مۇسابىقە سورۇنى يەنى كومپيۇتېر قامۇس سەھىپىسى نېمە مەقسەتتە قۇرۇلدى؟... بۇلارغا قارىتا چۈشەنچە ئىزدىسىڭىز ‹‹ ئۇيغۇرچە ساۋادىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا سىزنىڭمۇ رولىڭىز بار! ›› ناملىق تېمىغا كۆز يۈگۈرتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. )

مەزكۇر تېمىنى ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى خەۋەرسىز قالمىسۇن.


*****************
مۇھىم مەزمۇن:

1. مۇكاپات بويۇمى؛

2. ئالاھىدە مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى؛

3. ھەر قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتى؛

4. مۇكاپات تەسسىس قىلىش ئۆلچىمى


5. مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلغان سەھىپە تۈرلىرى

6. يوللىنىدىغان تېمىلارغا قويۇلىدىغان ئۆلچەملەر

7. ھەرقايسى تور بېكەت قۇرغۇچىلارغا دوستانە ئۇچۇر

******************


1. مۇكاپات بويۇمى: نەخ پۇل ۋە مۇنبەر پۇلى بولىدۇ.

ئالاھىدە مۇكاپات : 1 نەپەر مۇكاپات سوممىسى: 100 يۈەن.

1- دەرىجىلىك مۇكاپات: 2 نەپەر؛ مۇكاپات سوممىسى: 50 يۈەن.

2- دەرىجىلىك مۇكاپات : 3 نەپەر؛ مۇكاپات سوممىسى: 30 يۈەن.

3- دەرىجىلىك مۇكاپات : 4 نەپەر؛ مۇكاپات سوممىسى : 20 يۈەن.

رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى: مۇنبەر پۇلى (ئەلۋەتتە مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاش پەقەت تىرىشچانلار تورىدىكى ئەزالارغىلا ئەمەلىيلىشەلەيدۇ. باشقا مۇنبەردىكىلەرگە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئاجىزمىز...)

نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش سانى: جەمئىي 10 نەپەر.

مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاش سانى: 10+ X نەپەر.

******************



2. ئالاھىدە مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى:

ئۇدا ئۈچ ئاي :

ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە: 300 يۈەن تارقىتىلىدۇ.(ئۈچىنچى ئايلىق مۇكاپات ئىچىدە)

1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە: 150 يۈەن تارقىتىلىدۇ.(ئۈچىنچى ئايلىق مۇكاپات ئىچىدە)

2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە: 90 يۈەن تارقىتىلىدۇ.(ئۈچىنچى ئايلىق مۇكاپات ئىچىدە)

3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە: 60 يۈەن تارقىتىلىدۇ.(ئۈچىنچى ئايلىق مۇكاپات ئىچىدە)

يەنى بۇ ئايدا نورمال مۇكاپات سوممىسىنىڭ 3 ھەسسى بويىچە مۇكاپاتلىنىسىز دېگەن گەپ.

*****************



3. مۇسابىقە باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتى:

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى: مۇشۇ تېما ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ.

ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 11- ئاينىڭ 27- كۈنى.

تەكشۈرۈپ، باھالاش، مۇكاپات سوممىسىنى رەسمىيلەشتۈرۈش ئىشلىرى قوشۇلۇپ ئىنشائاللاھ شۇ ئاينىڭ 30-كۈنى رەسمىي ئاخىرلىشىپ، كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقە باسقۇچى باشلىنىدۇ.

يەنى 2- قىتىملىق مۇسابىقە 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بولىدۇ. كىيىنكى باسقۇچ مۇسابىقىمۇ مۇشۇ يۇسۇندا داۋام ئېتىدۇ. ئىنشائاللاھ!

****************



4. مۇكاپات تەسسىس قىلىش ئۆلچىمى: تېما سانى ۋە مەزمۇن پۈتۈنلۈكى ئاساس قىلىنىدۇ. تىما يازغۇچىلاردىن يەنە تىمىدا تىيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا يۈزلەنگەن ئۈزلۈكسىزلىكنى ساقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

تېما سانى جەھەتتە:

مۇسابىقىگە يوللىنىدىغان تېما چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىجادىي تېمىسى بولۇش ئالدىنقى شەرت قىلىنغاندىن سىرت يەنە سان جەھەتتە

ئالاھىدە مۇكاپات : 45 تېمىغا يەتكەن بولىشى.

1- دەرىجىلىك مۇكاپات: 30 تېمىغا يەتكەن بولىشى.

2- دەرىجىلىك مۇكاپات :20 تېمىغا يەتكەن بولىشى.

3- دەرىجىلىك مۇكاپات :10 تېمىغا يەتكەن بولىشى كېرەك. شۇ شەرتكە توشقانلار سالاھىيىتى يەتكەن دەرىجە بويىچە تاللاشقا نامزات قىلىنىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى: بۇ پائالىيەت جەريانىدا يوللانغان بارلىق تېمىلار ئاممىۋى بىلىم تارقىتىش خاراكتىرلىك بولغاچقا نەشىر ھوقۇقى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپ مەزمۇنلار بىردەك چەكلىنىدۇ. يوللانغان مەزمۇنلار قامۇس بىتىدە كەڭ بىلىمخۇمارلارغا ھەقسىز ئىچىۋىتىلگەندىن سىرىت ھەقسىز ھالدا، خەلقىمىزگە ھەر ئايدا بىر سان ئېلىكترونلۇق ژورنال قىلىپ تارقىتىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى كومپيۇتېر بىلىملىرىنى توپلاش مەقسەت قىلغانمىز، شۇڭا بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللانغان تېمىلارنىڭ كىيىنكى يۆتكەپ ئىشلىتىش مەنبەسى تىرىشچانلار تورى نامىدا بولىدۇ. شۇنداقلا تىرىشچانلار تورى بۇ مەزمۇنلارنى سودا خاراكتىرىنى ئالغان پائالىيەتكە قاتناشتۇرمايدۇ. ھەم قاتناشتۇرۇشنى چەكلەيدۇ. ئىلگىرى يوللانغان يازما بولسا مەنبەنى چوقۇم تىرىشچانلار تورى دەپ ئەسكەرتىشنى ئۈمۈد قىلىمىز. شۇڭلاشقا باشقا ھەرقانداق شەخىس-تەشكىل ياكى تور بەت بىلەن ئەسەر ھوقۇقى ماجراسىغا سەۋەب بولىدىغان تېمىلارنى يوللاشنى قەتئىي چەكلەيمىز.

****************



5. مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلغان سەھىپە تۈرلىرى:

مەشغۇلات سېستىمىسى، ASP بىلىملىرى، PHP بىلىملىرى، Html/Css بىلىملىرى، Mysql/Mssql بىلىملىرى، VB/ VB.NET بىلىملىرى، #C بىلىملىرى، ++C/C بىلىملىرى، Photoshop بىلىملىرى، Flash بىلىملىرى، OFFICE بىلىملىرى، 3DMAX بىلىملىرى، يانفون بىلىملىرى... دېگەندەك كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە بولىدۇ. (مەزكۇر تور بەتتىن سىز تاللىماقچى بولغان تۈرنى تاپالماي قالسىڭىز باشقا تۈردىكى بىلىملەر دېگەن تۈر ئىچىگە يازسىڭىز بولىۋېرىدۇ.)


****************



6. يوللىنىدىغان تېمىلارغا قويۇلىدىغان ئۆلچەملەر:

1. بۇ مۇسابىقىگە يوللىنىدىغان تېما پەقەت ۋە پەقەت يازمىچە تېما بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. (سۈرەتلىك تېما يوللاش ئىنشائاللاھ كېيىنكى مۇسابىقە تۈرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.)

2. تېما ئىچىدە رەسىم قوشۇلسا بولىدۇ.

3. تېما يوللىغۇچى مەيلى قايسى خىل مەزمۇن يىزىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىزچىللىقنى ساقلىشى، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا ئۆتۈشى كېرەك.يەنى ئاپتورنىڭ يازمىسىدىن كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارى چوقۇم ئىنىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدىغان بولسۇن . بىر تۈرنى تۇتقان ئىكەنسىز، ئەڭ كامىدا بەش تېما مۇشۇ سەھىپە توغۇرلۇق بولسۇن. بۇ يازمىن داۋاملاشتۇرۇش ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا كېيىنكى ئاپتورغا ئېنىق بىر باشلانما بولىدىغان بولسۇن.

4. قايسى تۈرنى تاللىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، مەزكۇر تۈرنىڭ تۇنجى تېمىسىدا بىر بۆلۈك مەزمۇننى شۇ تۈر توغۇرلۇق چۈشەنچە بېرىشكە ئاجرىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. مەسىلەن: Photoshop نى تاللانغان بولسا، ئۇنداقتا ئەڭ ئاۋۋال بىر ئىككى جۈملە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، بۇ دېتالنىڭ ئاساسلىقى رەسىم بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئەسكەرتىلىشى كېرەك. ئەگەر #C نى تاللانغان بولسا، بۇ تىل پروگرامما لاھىيلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يەنە نېمە مۇھىتنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى... ئەسكەرتىش كېرەك دېگەندەك.

5. مەزمۇن پۈتۈنلۈكىگە دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. قانداقتۇر تېما سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر پۈتۈنلۈكتىكى تىما قەستەن پارچىلانماسلىقنى ئەسكەرتىمىز.

6. ئەگەر ئوخشاش بىر مەزمۇن ئىككى قېتىم يوللانغان بولسا، مەزمۇنى تولۇق بولغىنى تاللىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرىت تاللاش ئۇسۇللىرى ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ بولىدۇ. شۇڭا تورداشلاردىن تېما يولاشتىن بۇرۇن ئىزدەپ كۆرۈپ بىقىپ ئاندىن قارا قىلىشىنى سەمىمىي ئەسكەرتىمىز.

7. كەڭ ھەۋەسكارلانىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ پىكىر-تەكلىپ بىرىشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.شۇنداقلا ئېھىتىياجغا قاراپ يېڭى تۈرلەرنى قوشۇشنى ئويلىشىمىز.

8. بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى تىرىشچانلار تورىغا تەۋە بولىدۇ.

مەزكۇر تېما ھەرقايسى تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللانسا بولىدۇ. مۇسابىقە مەيدانى Www.Tirish.Cn/Computer دە ۋە مۇشۇ تىمىنىڭ تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى ئەسلى تىما ئاسىتغا ئىنكاس شەكلىدە يوللانسىمۇ بولىدۇ. سورۇنىمىز قابىلىيىتى بارلارغا ھەر ۋاقىت ئوچۇق تۇرىدۇ ئىنشائاللاھ! مەزكۇر قامۇس سەھىپىسى نېمە مەقسەتتە يوللاندى، بۇنىڭدىن يىغىلغان تېما ماتىرياللار نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ... بۇ توغۇرلۇق چۈشەنچىگە ئېرىشەي دېسىڭىز، نەزىرىڭىز http://www.tirish.cn/bbs/viewthread.php?tid=1877 بۇ تېمىدا بولسۇن.

****************



7. ھەرقايسى تور بېكەت قۇرغۇچىلارغا دوستانە ئۇچۇر:

ھەر قايسى تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى، بىزنى قوللاپ بېرىشىنى، خەلقىمىزنىڭ پايدىلىق ئىلىم بىلەن ئۇچرىشىشىغا قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشىنى سەمىمىي ئىلتىماس قىلىمىز.

خالىسىڭىز بۇ تېمىنى تەشۋىق سۈپىتىدە تور بېتىڭىزدە كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئورۇنغا قويۇپ بەرگەيسىز.





نۆۋەتتە مەزكۇر پائالىيەتكە ھەمكارلاشقانلار (ھەمكارلاشقۇچىلار داۋاملىق قوشۇلىدۇ.):


ئىنتىل ئەپەندى قوشۇلسا، ئىنتىلنىمۇ قوشۇپ قويىلى.




تىرىشچانلار تورى --- پايدىلىق ئىلىم تارقىتىش مەركىزى


2010- يىلى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى




يېڭى ئىنكاسلار

iskilit 3  كۈن ئالدىدا
تور سودىسىغا ئائىت بولسىمۇ بولامدۇ
Elpida 3  كۈن ئالدىدا
نېمىدېگەن ياخشى،مەن جىق نەرسە بىلمەيمەن.لېكىن مەن بىلگىنىمنى بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرۈشۈم مۇمكىن....
    • Tirish: ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ...شۆھرەت + 3 2
Tirish 3  كۈن ئالدىدا
تور سودىسىغا ئائىت بولسىمۇ بولامدۇ
iskilit يوللانغان ۋاقتى  2010-10-23 20:42


ئەلۋەتتە بولىدۇ. مۇمكىن بولسا تەلەپتە ئوتتۇرغا قويغاندەك سېستىمىلىق بولسۇن. مەيلى ھېساۋات ئىلتىماس قىلىش، تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش دېگەندىن تارتىپ، توردا پۇلنى ئېلىشقىچە بولامدۇ دېگەندەك. ئىزچىللىق، سېستىمىلىق بولسۇن دېمەكچى.
ibrat ئۈلۈشكۈن  01:41
ھەي........... مەن نىم قىلالايمەن؟ ئۇيغۇرچىنىغۇ بىلىمەن، لىكىن ئۇنىڭلىق بىلەن نىم قىلالىشىم مومكىن، خەنزۇچە بىلىملەردىن پايدىلنىپ قىلساق قاملاشماس ھەقاچان.......
irpan ئۈلۈشكۈن  11:10
ھەي........... مەن نىم قىلالايمەن؟ ئۇيغۇرچىنىغۇ بىلىمەن، ل ...
ibrat يوللانغان ۋاقتى  2010-10-24 01:41


ئۇيغۇرچى بىلەن مۇشۇنداق ئىنكاس يازالايسىز .ئاددىسى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ

ibrat ئۈلۈشكۈن  22:46
ما گەپنىڭ جىنى باكەن، قويۇپ قويسا ماڭالىغۇدەك

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-26 09:51.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.