ھەممىزگە مەلۇم iOS سېستىمىى ئالمىنىڭ كۆچمە ئۈسكىنلىرىدىكى مەشغۇلات سۇپىسى.يەنى ئايفن، ئايپەدلەردەك ....ئەمما بۇ سېستمىدا ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچنىڭ بولماسلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بىز پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرۇش ۋە باشقا ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىگە تايىنىپ ئاندىن بۇ ئۈسكىنىلەردە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. شۇنداق قىلىپ نەق گەپكە كەلسەك بىز ئالمىغا توردا تەكلىپ يېزىپ ئالمىنى ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنى iOS سېستىمىسدا بارلىققا كەلتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلساق دەپ بۇ تىمىنى يازدىم. بۇ تەكلىپلەر بىلىك كۇلۇبىدا بىر قۇر مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپ ئاخىرقى خۇلاسىگە كەلدۇق. ھەم توردا كەڭ تەشۋىق قىلىشنى باشلىدۇق.
قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئىخچان ئەندىزە تەييارلاندى. پەقەت 2 مىنۇتنىلا سەرىپ قىلساق بىز ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتقان ئايفون ۋە ئايپەدەلەردە رەسىمىي يوسۇنداق ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئەمدى قانداق ئىنكاس قىلىشنى مەن رەسىملىك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي
================================
ئاۋال مۇنۇ ئادېرىسقا كىرىمىز
ئاندىن مۇنۇ رەسىم بويىچە تولدۇرىمىز
قىزىل كاتەككە ئېلىپ قويغاننىڭ ھەممىسىنى چوقۇم تولدۇرىمىز.
ئىسىمنى خالىغانچە تولدۇرۇڭ، ھەقىقىي بولسىمۇ بولىدۇ، بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما قەتئىي قاملاشمىغان گەپلەرنى ۋە ھەرىپلەر قاتارىنى يېزىپ قويماڭ.asdf دېگەندەك.
مەنچە ئېلخەتمۇ خالىغانچە بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەمما چوقۇم ئېلخەت شەكلىدە بولىشى كېرەك. ئالما بۇ ئىنكاسىمىزغا قارىتا بىزگە خەت قايتۇرۇپ يۈرمەيدۇ. پەقەت ئەستايىدىل ئوقۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا ئىنكاس قىلدۇ. شۇڭ ئېلخەتنى ئامال بار راست تولدۇرساق.
تىمىسىگە : Add Uyghur keyboard for iOS دەپ يازساق مەقسەت تىمىدىنلا چىقىپ تۇرىدىكەن.
تەكلىپ تۈرىگە مۇنۇ ئىككى خىل تاللاشنىڭ قايسىسى بولسا بولىۋېىرىدۇ .
بۇلار enhancment request ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىش تەكلىپى
ياكى Design/ease of use لايھىلەش/ ئاسان ئىشلىتىش
يۇقارقى ھەرئىككىلىسى بىزنىڭ مەقستىمىز تۈرىگە كىرىدىكەن. شۇڭا ئىنكاس تۈرىدىن مۇشۇ ئىككىنى تاللىساقمىكى دەيمەن. قالغانلىرى تازا ماس كەلمەيدىكەن.
مانا ماۋۇ ئىنكاسنى كۆچۈرۈپ چاپلىساقلا بولىدۇ.
ئىنكاس مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
.We need Uyghur keyboard for searching on the web ,sending text message, replying email etc.
Please add Uyghur keyboard for iOS
بۇ تېمىنى دوستلارغا تەشۋىق قىلىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۆۋەندىكىنى QQ لارغا ئىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.- IOS ke uyghurche konupka taxtisi qoshushqa awaz béring
- https://uyghur-archive.com/intil/home/thread-14553-1-1.html
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bihayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-10 13:35
|