ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 338 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 4229|ئىنكاس: 21

windows8 نىڭ ئوغرىسىنى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ياسىغۇچىلار بۇنى ئاڭلاڭ

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن windows8 نىڭ ئوغرى نەشرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش، تورىدا ئېلان قىلىنىشنى چەكلەش ھەققىدە بىر تېما ئېلان قىلغان ئىدىم.
Windows 8 نى ھەقسىز ئىشلىتىش ھەققىدىكى تېمىلار قۇبۇل قىلىنمايدۇ
http://www.rohlan.com/thread-25513-1-1.html

بىز تىلىمىزدا ئاھ ئانا تىل، ئۇيغۇرتىلى ئۆلمىسۇن دەپ داۋراڭ سېلىشنى بىلىمىز يۇ، ئالدىمىزغا كەلگەن پۇرسەتنى كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپلا ئۇ گەپلەرنى بىر قۇرۇق شۇئارغا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىمىز.
تور بېكىتىگە windows 8 ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا windows 8 نى ھەقسىز ئىشلىتىش، windows 8 نى ھەقسىز ئاكتىپلاش ھەققدىكى تېمىلاردىن بىر نەچچىسى يوللانغان بولۇپ، ھەممىسى بىردەك ئۆچۈرۈلگەن ئىدى، مۇشۇ يېقىندا يەنە بىر كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ ئۆزىنىڭ نەسلىنى ئۇنۇتقان بىرى قوپۇپ، windows 8 نىڭ ghost نۇسخىسىنى ياساپ، تور بېكەتلەردە بولۇشىغا تەشۋىق قىلىپ تارقاتقىلى تۇرۇپتۇ، بۇ تور بېكىتىنى تەشۋىق قىلىپ، زىيارەتچى توپلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس (ئۇ سىستېمىغا تور بېكىتىگە ئائىت رەسىم، ئېلان، ئادرىس،... لارنى قوشۇپ تارقىتىشى ئېنىقلا گەپ)، تور بېكەتنى تەشۋىق قىلغۇلۇق، ئەمما ۋىجدان، غورۇر، كىملىكىنى ئۇنتۇپ، مەنپەئەت قوغلىشىپ، بىزنى قوللاۋاتقانلارنى ئورىغا ئىتتىرىش بەدىلىگە ئۆز پۇتىمىزغا پالتا چېپىش بىر ئەقىل ئېگىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.

تۆۋەندىكى ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ windows 8  نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان رادىئو سۆھبىتىنى چۈشۈرۈپ ئاڭلاپ بېقىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈن ئايرىم تېما شەكلىدە يوللىدىم.
سىغىمى 14 مىگابايت كېلىدۇ، بۇنى چوقۇم چۈشۈرۈپ ئاڭلاڭ، ناخشا تىڭشىغاننىڭ ئورنىدا ئاڭلاڭ، چۈشىنەلمىسىڭىز ياكى ھەزىم قىلالمىسىڭىز قايتا-قايتا ئاڭلاڭ، ھەمدە مۇشۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ساختا نەشىردىكى windows 8 نىڭ ghsot نۇسخىسىنى ئىشلەش، ئىشلىتىش، تارقىتىش قىلمىشىڭىزنى توختىتىڭ.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://url.cn/KIRGQ3

يەنە بىر گەپنى ئەسكەرتىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ ماۋۇ windows 8نىڭ ئوغرىسىنى ئىشلىگەنلەرگە:
ناۋادا ئالىم ئەھەت ئەپەندى ياكى مىكروسوفت شىركىتىدىكىلەر بۇنى بايقاپ،  بەلكىم سىزدىن نەچچە مىليۇن زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ئەلۋەتتە شۇنىڭ ئىچىدە.

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2014-4-21 18:15

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-10-8 12:20:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى قوغدىشىمىز كىرەك.
ۋاقتى: 2013-10-10 00:42:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا بۇ تىما تورداشلارغا تازا ياقمىدىمۇ نىمە.ئادەتتىكى تىمىلارغا ئىنكاس دىگەننى تۈكۈۋېتىدىغانلار.بەلكى كورگەن بۇلۇشى مۇمكىن بىرەرسى بىر نەرسە دىمەپتۇ.ئاخىرىنى دىمەيلا قۇياي............
ۋاقتى: 2013-10-10 02:00:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bahadir يوللىغان ۋاقتى  2013-10-10 00:42
قارىغاندا بۇ تىما تورداشلارغا تازا ياقمىدىمۇ نىمە.ئاد ...

  دىمىسىمۇ بۇ تېمىغا بولغان ئىنكاس بەك سۇز .خۇددى ھېچكىمگە خوشياقمىغاندەكلا ...................
تورداشلارنى كۆرمەي قالمىسۇن دەپ يورۇتۇلۇپ قويۇلدى ،تامغىلاندى .بىراقزە بۇنىڭ ئۈنىمى بولمىدى .خۇددى چارشەنبە چۈشتىن كېيىن يېرىم كۈن سىياسى ئۆگىنىش قىلغاندەكلا ......................
   
    ئەگەر مەزكور تېما  «  ھەقسىز تورغا چىقىڭ »  ياكى «  تور بەتتىن پۇل تېپىش » ................دىگەندەك تېما بولغان بولسىدى بۇ چاغقىچە نەچچە يۈز قېتىم چېكىلگەن بولاتتى .  

  قېرىنداشلىرىم سىلەرگە تەۋسىيەم بولسۇن!!  ئاۋۇ ئۈن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ بىر ئاڭلاپ قويۇڭلار .بەك ياخشى دەيمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-11 01:20:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ezamen يوللىغان ۋاقتى  2013-10-10 13:21
كەچۈرۈڭلار، بۇنى دوستانە تەكلىپ دەپ بىلگەيسىلەر:
ئالى ...

تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەمەت.
1. windows8 نىڭ گېپى بولىۋاتقان يەردە باشقا سىستېمىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئورنى يوق دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ رىياسەتچى قايسى تېمىدىن ئېغىز ئاچسا شۇ توغرىلىق سۆزلەيدىغان گەپ.
2. شىركەتتىكىلەرنىڭ تۆھپىسىنى تىلغا ئالغان سۆزلەر بار، ئۇنى ئەيىپ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
3. بەلكىم ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ سالغاندىمەن، ئەمما مەن بۇ يەردە ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئۈستىڭىزدىن مەن تەرجىمە قىلغان سىستېمىنى سېتىۋالماي ئوغۇرلقچە ئىشلىتىپسەن دەپ ئەرز قىلىدۇ دېمەكچى ئەمەسمەن، بەلكى دۆلىتىمىزنىڭمۇ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىغا قارىتا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى ، مۇشۇ پېتىدا ئوغرى نەشىردىكى بۇيۇملارنى ئىشلىتپ كۆنۈپ قالسا ھامان بىر كۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچى خالاس.
4. %30 مۇ پۈتمىدى دېگەننى سىزنىڭ نېمىگە ئاساسەن ئېيتقانلىقىڭىزن ھېچ بىلىپ بولالمىدىم.

نۇقسانسىز ئادەم، نۇقسانسىز تېما بولمىغىنىدەك، بۇ تېمامدىمۇ بىر قىسىم مۇۋاپىق بولىغان جايلار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىزمۇ ئاخرىدا دەپ ئۆتۈپ كەتكىنىڭىزدەك خۇلاسە مۇشۇنداق ئۇغرى نەشىرنى ئىشلىتىشكە قارىش تۇرۇش، باشقىلارنى ياخشى يولغا باشلاش تۈپكى مەقسەت قىلىنغان.
ۋاقتى: 2013-10-11 15:30:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ezamen يوللىغان ۋاقتى  2013-10-10 13:21
كەچۈرۈڭلار، بۇنى دوستانە تەكلىپ دەپ بىلگەيسىلەر:
ئالى ...

مۇشۇ تېما شۇمۇ؟  ئۇيغۇر كومپيۇتېر- تورچىلىقىدىكى سەردار- باھادىرلار
ۋاقتى: 2013-10-11 15:36:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل ئۈچۈن قىلغانلارمۇ، خالىس قىلغانلارمۇ ئوخشاشلا مىللىتىمىز ئۈچۈن قىلدى. LibreOffice نىڭكىنى پۈتۈنلەي خالىس قىلدۇق. office15 نىڭ ( ھەقللىق ) ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ پۈتەي دەپ قالدى.
ھازىرقى مەسىلە مۇشۇ ھەقلىق خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىلەن خالىس قىلىۋاتقانلار ئارىسىدا ئاتالغۇ- سۆز بىرلىكى ھاسىل قىلىش.
ۋاقتى: 2013-10-12 00:19:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا بولمىسۇن .ئۇيغۇرچە دېتاللارىمىز ئۈچۈن كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ كومپىيوتىر ئالدىدا كىچى-كىچىلەپ دۈمچەكلىشىپ كەتكەن ئۇستازلىرىمىزنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز.ئۇلار ھەق بەر دىمىدى خالىغىنىمىزچە چۈشۈرۈپ ئىشلەتتۇق.يۇقۇردىكىezamen  قېرىندىشىمنىڭ ئىنكاسىنى مەن قوللايمەن.ئارىمىزدا خالىس ىىزمەت قىلۋاتقانلار ھەقىقەتەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.مىنىڭمۇ ئىنكاسىمدىن ئوغرى نەشىرنى ياكى ھەقسىزنى ئىشلىتەيلى دىمەكچى ئەمەس .جاپا چىكۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى قوللاپ قۇۋەتلەپ .ھەقلىق بولسا ھەقلىق بۇيچە .ھەقسىزبولسا ھەقسىز بۇيچە ئىشلەتكىنىمىز تۈزۈك.يەنە بىر گەپ يانچۇقىدا پۇلى بارلارنىڭ گەپ سۈزى باشقىچە بۇلىدۇ .يوقلارنىڭ تېخىمۇ باشقىچە.ھەممە تەرەپنى مۇۋاپىق ئويلاشقان ياخشىمىكىن دەيمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bahadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-12 00:20  

ۋاقتى: 2013-12-2 14:23:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام بۇ سېستىمىلارنى xp دىن تارتىپwin7 غىچە ئوغرى نەشرىنى يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن،پۇلغا ئېلىپ ئىشلىتەي دىسەم يەنىلا شۇ ئىقتىسات مەسىلىسى!،ئۇنىڭ ئۈستىگە توردا موت نەشرى تۆكمە تۇرسا .ھەتتا كومپىيوتېر بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان 5 يۈئەنلىك ئوغرى نەشىرنى ئېلىشقىمۇ چىدىمىدىم، توردا بىكالىق تۇرسا نىمە قىلىمەن پۇلغا ئېلىپ!.ئاڭلىسام win8 نىڭمۇ ئوغرى نەشرى كومپىيوتېر بازارلىرىدا بار ئىمىش. ھازىرقى باھاسى 1000 نەچچە يۈز يۈئەنگە ئەسلى نەشىرنى ھەرگىز ئالمايمەن!،توردا موت نەشرىمۇ  باردۇر بەلكىم، شۇنى تاپالىسام ئىشلىتىمەن،5يۈئەنگە ئوغرى نەشرىنى ئېلىپ نىمە كەپتۇ ئەمدى!. قېنى تورداشلار دەپ بېقىڭلارچۇ! ماڭا ئوخشاش ئويلايدىغانلاردىن سان-ساناقسىز.ھازىرقىwin8 نى ئالغان پۇلغا راۋرۇس بىر كومپىيوتېر سېتىۋالغىلى بولىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ئېيىغا ئاران ئىككى ئۈچ مىڭ يۈئەن پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى قامداپ كىلىۋاتقان ئادەملەرگە بۇ باھا ھەقىقەتەن ئېغىر كىلىدۇ،ئانا تىل يىزىقىمىزنى قوللاش.قوغداش ئۈچۈن پىدائىلارچە پۇل خەجلەي دىسەكمۇ قۇلىمىزدىن كەلمەيدۇ.ھەم ئائىلىمىزگە بېسىم بولىدۇ.
ئەھۋال مانا مۇشۇنداق. مىكروسوفىتمۇ مىنىڭچە ھەرگىز تىل يىزىقىمىزنى ئەمەس ئۈزىنىڭ بازار ئەھۋالىنى كۆزدە تۈتۈپ ئالىم ئەھەت ئەپەندىنى قوللىغان بولىشى ئېنىق.يەنە كىلىپ دۆلىتىمىزدە ئوغرى نەشىردىكى نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ھەمممە ئادەمگە ئادەت بۇلۇپ قالغان،ئىقتىسادى ئەھۋالنىمۇ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. سىز،مەن،ئۇ بىرلىشىپ تىليىزىقىمىزنى قوغداش،قوللاش ئۈچۈن پۇلغا ئالدۇقمۇ دەيلى،باشقىلار شۇنداق قىلارمۇ؟!!
ۋاقتى: 2014-1-2 00:27:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sapardax يوللىغان ۋاقتى  2013-12-2 14:23
مەن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام بۇ سېستىمىلارنى xp دىن تارت ...

توغرا دەيسىز ئۇنداقلار چىقىشىمۇ مۇمكىن بەلكى چىقماسلىقىمۇ مۇمكىن باھاسى راسلا قىممەت تۇرسا. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقى نەشىرىنى پۇلغا سېتىۋېلىپ ئىشلىتىغانلارغا قارىغاندا ئوغرى نەشىرىنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ بولىشى مۇمكىن چۈنكى بىكارلىق نەرسىنى كىمنىڭمۇ ئىشلەتكىسى كەلمىسۇن؟
ۋاقتى: 2014-1-15 11:51:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنى دەپ كەلسە مۇشۇ مۇنبەردە بىرەر تېمىدىكى دىتاللارنى نەخ پۇلغا ئەمەس بەلكى مۇنبەر پۇلىغا ئېلىڭ دىسىمۇ «ۋايجان......» دەيدىغانلار نۇرغۇن تۇرسا . كۆزنەك 8 نى 1000 سومغا سېتىۋىلىشقا قانداقمۇ چىدىسۇن ! لىكىن مېنىڭ تەۋسىيەم : يەنىلا ئامال بولسا ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلىتەيلى ، ئامرىكىلىقنىڭ مۇشۇ سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ كۆنگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشتەك ئېسىل ئادەتلىرىنىمۇ ئامال بار ئۆزلەشتۈرۈپ كۆنۈپ كىتەيلى . بۇنداق دىسەم بىز خەقنى چۈشۈرگەنلىك ئەمەس بەلكى ئامرىكا بازارلىرىدا مۇشۇنداق بىر سېستىما يېڭى نەشىردىن چىقسا كىشىلەر شۇ شىركەتلەرنى قوللاش يۈزىسىدىن گەرچە ئىشلەتمىسىمۇ سېتىۋىلىپ ئۆيىگە تىزىپ قويۇشقىمۇ رازى بولىدىكەن ئەمەسمۇ .
ۋاقتى: 2014-1-15 16:20:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم دوسلار. ezamen .دىگەن  قېرىندىشىمىز  ناھايىتى توغرا پىكىر بايان قىلىپتۇ. ۋە باشقا قېرىنداشلامۇ بەكلا ياخشى ئىنكاسلارنى يېزىپتۇ .win8 نىڭ تارقىتىلىشى بىلەن بەزى بىر ئاز ساندىكى win8 نى پۇلغا سېتىۋالالىغان تەڭداشسىز مۆتىۋەر چوڭ سۈپەت  كىشىنىڭ ھەققىنى يىمەيدىغان دۇنيادا تەڭدىشى يوق ئالىجاناپ كىشىلەر .پەقەت مۇشۇwin8 نى پۇلغا ئالالغنلارلا .يەنى  يۇقارقى مۆتىۋەر لەرلا ئۇيغۇركەن .قالغان كىشىلەر  win8 نىڭ ھەقسىز نەشرىنى ئىشلەتكۈچىلەر نۇمۇسسىز كىشىنىڭ ھەققىدىن  قورقمايدىغان ئەسكى ئۇيغۇر بۇلۇشقا سالاھىيىتى توشمايدىغان كىشىلەر ئىكەن .سىز قاچانلاردا شۇنداق ئالىجاناپ بۇلۇپ كەتتىڭىز؟ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمە قىلىۋاتقان ئۇستازلار شۇنچە جاپا چىكىپ تۇرۇپمۇ سىزدەك ئۇنچە تولغىنىپ .سوزۇلۇپ. يىرتىلىپ كەتمىگەن تۇرسا.سىلەرگە نىمە قۇيۇپتۇ تۇغۇت بۆلمىدىكى ھامىلدار ئاياللاردەك كۈچەپ؟ win8 نىڭ ھەقسىز نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار يالغۇز بىزلا ئەمەسقۇ؟ ھەر ئادەمنىڭ ئىھتىياجى ھەرخىل بۇلدۇ .تۇرمۇشمۇ  ھەم شۇنداق .مەنwin8 نى ھەقسىز ئىشلىتىش يەخشى دىمەيمەن مۇۋاپىق بولسا  ئالىمەن 1000سوم ۋەياكى1999سومغا مەنمۇ سېتىۋالالايمەن .لىكىن بۇنچىلا پولغا ھەرگىزمۇ سېتىۋالمايمەن .win8 نى ھەقسىز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سىلە ئويلىغاندەك ئۇنچە  پەسكەشمۇ  ئەمەستۇ.win8 نى پۇلغا ئالغانمەن دەپلا كىشىلەرنى ھاقارەتلىمەڭلا.چىداپ تۇرۇڭلا .باشقىلامۇ  چۇقۇم  سېتىۋالدۇ.سىز سېتىۋالغىلىمۇ تېخى بىرە  ئەسىربولمىدى ھەقچان .سىلەر سېتىۋالغاننى ئۈزۈڭلار ئىشلىتىسىلەر.باشقىلار ئىشلەتمەيدۇ.بۇ يالغۇز ئالىم ئەھەت ئەپەندىمنىڭ شەخسى شىركىتىمۇ ئەمەستۇ .شۇنداق بولغاندىمۇ ئالىم ئەھەت ئەپەندىممۇ ئۆزخەلقىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدۇ ئەلۋەتتە .باشقىلانى كەمسىتىپ ھاقارەتلىمەي .ئىناق .ئىتتىپاق. كۈيۈمچان خەلىقلەردىن بۇلايلى دوسلا..ئىچى تارلىق ياخشى ياخشى ئادەت ئەمەس ...................ئەسلى ئىنكاس يازماي دەپ ئۇزۇندىن بىرى يازمىغان .دوسلار .توغرا چۈشىنەسىلە.{:korey:}{:korey:}{:korey:}
ۋاقتى: 2014-2-6 16:35:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ قوللايمەن
ۋاقتى: 2014-2-6 23:38:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇغرى نەشىرىنىڭ قانداق زىيىنى بار,بەلكىم ئۇيغۇرچىنى ئەسلى نۇسخىسىدەك ياخشى قوللىمىسا كېرەك.
ۋاقتى: 2014-2-7 17:09:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي باللا،بىر تەكلىپىم بار ئاڭلامسىلە؟بۇ كۆزنەك 8 يا ئويۇننى تۈزۈك قوللىمىسا يا ئەرزانراق بولمىسا نىمە قىلىسىلە ئىشلىتىپ؟كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق دىسەڭلار ئەنە ئۇبۇنتۇ بار،ئالما بار،شۇلارنى ئىشلەتمەمسىلە،ئۇيغۇرچىسى بار دىسەڭلار ئۇبۇنتۇ بار،ھەممە نەرسە تەل تۇرسا نىمە قىلىمىز ئوغرى ئاتىلىپ؟يا پۇلغا سىتىۋىلىپ ئىشلىتەيلى،پۇل بولمىسا باشقا سىستىمىلارنى ئىشلىتەيلى،ئوغرى نۇسخىسىنى بۇ ئىشلار بىسىقىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندە ئىشلەتسەكمۇ ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگىمۇ مىكروسوفتقىمۇ ھار كەلمەيدۇ ئەمەسمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-3-17 16:41 , Processed in 0.189374 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat