پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

مەن ئۆي كۆچتۈم

يوللىغۇچى: Nida| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-22 00:49| كۆرۈلۈشى: 125| ئىنكاس سانى: 7

«مەن ئۆي كۆچتۈم» دېسەم سەيناداشلار باشقىچە چۈشىنىپ قالمىغاي، ئۇزۇندىن بېرى، مەن ئۆزەمگە تەئەللۇق بىرەر تور بەت تۈزەي دەپ، ASP ۋە PHP لار بىلەن بەك كۆپ ھەپىلىشىپ كەتتىم، ئۇنداق قىلىپ باقىمەن، بۇنداق قىلىپ باقىمەن، ئىشقىلىپ بۇ ئىشقا بەك كۆپ زېھنىم ۋە ۋاقتىم كەتتى، كېيىنچە بلوگ ئىشلىتىپمۇ باقتىم، ئەمما يەنىلا قاملاشمىدى، ئاخىرى ۋاقتىنچە بىر ھەقسىز PHP لىق بوشلۇق تېپىپ شۇ يەرگە كۆچۈپ تۇردۇم. بۇرۇن ئىشلىتىپ، باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان تۆۋەندىكى تور بەت، بلوگلارنى ھەممىسى ئەمدى يېڭىلانمايدۇ.
ئەلسوفت تورى
تور كاتىپ تورى
نىدا بلوگى
«ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى» بلوگى
يېڭى ئۆيۈمنى تۆۋەندىكى ئادرېسلار بويىچە نورمال زىيارەت قىلالايسىز:
http://www.torkatip.com
http://torkatup.com
بۇلار نورمال ئېچىلمىسا بىۋاسىتە تۆۋەندىكى مەنزىلدىن ئېچىڭ:
http://torkatip.justfree.com/blog

بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەپ:
1-توربەت تۈزۈشكە ۋاقتىم كەتمەيدىكەن، كۆپرەك ۋاقتىمنى ئەسەر يېزىشقا ئاجرىتالايدىكەنمەن.
2-تور بەت ئاسراش دېگەندەك ئىشلار بەك قۇلايلىقكەن، چۈنكى مەن ئىشلەتكىنىم WordPress نىڭ ئۇيغۇرچىسى بولۇپ، ھەرخىل قىستۇرمىلارنى خالىغانچە قوشۇپ، قىسقارتىپ دېگەندەك ئىختىيارىمچە ئىشلىتەلەيدىكەنمەن، باشقۇرۇشمۇ بەك ئوڭاي ئىكەن.
3-ئەڭ مۇھىمى، ئەسەرلەرنى ئىمپورتلاش، ئېكىسپورتلاش ئىقتىدارى بولۇپ خالىغان ۋاقىتتا يوللىغانلىرىمنى زاپاسلاپ ياكى زاپاسلىغاننى كەينىگە ياندۇرۇپ ئىشلىتەلەيدىكەنمەن.
4-ماڭا ئەڭ ياققان بىر ئىش، Windows Live Writer نى ئىشلىتىپ، تورغا ئەسەر يوللىيالايدىكەنمەن، ئەسىرىم تورغا يوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قاتتىق دىسكامدىمۇ بىر نۇسخا ساقلىنىپ قالىدىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا، «ئاپلا» دەپ قالمايدىكەنمەن.
كېيىنچىرەك ئىشەنچىلىكرەك ھەقلىق بوشلۇقتىن بىرنى تېپىپ، ئاۋۇ تور ناملىرىنى مۇشۇنىڭغا مۇقىم قىلىپ باغلىۋېتىش ئويۇممۇ يوق ئەمەس.

يېڭى ئىنكاسلار

darwix ئۈلۈشكۈن  02:30
ئەپسۇس ،ھىچقايسىسى ئىچىلمىدى
Sezgurboy ئۈلۈشكۈن  14:38
ھەجەپ نوچى ئىسىم بوپتۇ ماۋۇ « توركاتىپ» دېگىنىڭىز.
ئىنتىلىمنىڭ يېڭى نەشرى قانچان چىقىدۇ؟
Sezgurboy ئۈلۈشكۈن  14:40
ېڭى ئۆيگە قۇرۇق كىرمىسەك بولىتى شۇنداقتىمۇ كىرىۋەردۇققۇ؟
راست، http://www.torkatip.com نىڭ بوشلۇقى ناچاركەن، مەزمۇن كۆرۈنمىدى.
http://torkatip.justfree.com/blog/ تېزكەن.
Intil ئۈلۈشكۈن  15:41
يېڭى ئۆي يېڭى ئادرىسقا مۇبارەك بولسۇن!
Omar14 ئۈلۈشكۈن  19:47
ئاۋۇ ئۈستىدىكى توركاتۇپ دېگەن ئىسىمغا قىزىقىپ قالدىم،
كاتۇپ ئۇيغۇر تېلىدا كاتۇپ دېگەن گەپ بارمۇ ؟
Intil تۈنۈگۈن  22:12
يولياردىكى ئۇلىنىشىنى «تور كاتىپ» دەپ ئۆزگەرتىپ قويدۇققۇ؟
Nida 2  سائەت ئالدىدا
ھەجەپ نوچى ئىسىم بوپتۇ ماۋۇ « توركاتىپ» دېگىنىڭىز.
ئىنتىلىمنىڭ يېڭى نەشرى قانچان چىقىدۇ؟
Sezgurboy يوللانغان ۋاقتى  2010-10-22 14:38

تېز سۈرئەتتە ئىشلەۋاتىمەن، پات يېقىندا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۈزى:

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-24 06:31.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.