ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 871|ئىنكاس: 0

لوپلۇقلار مەدەنىيىتى ھەققىدە()2

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىشى ئالدىنقى تېمىدا

لوپلۇقلار مەدەنىيىتى ھەققىدە

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم   

ئىقتىساد پەنلىرىدوكتۇرى دولقۇن قادىر بىلەن سۆھبەت
  
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم:  لوپنورلۇقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، قانتەركىبى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتىڭىز، ھەرقانداق بىر يۇرت خەلقىنىڭ ئۆزگىچەخاراكتىر ئالاھىدىكى بولىدۇ. لوپلۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكنېمە؟ سىزنىڭچە ئۇ قانداق ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن؟

      دولقۇن قادىر: ساددا، كەڭ قورساق، ئەمما رىقابەت ئېڭىسۇس بولۇش لوپلۇقلار خاراكتېرىنىڭ روشەن ئىپادىسى. جۇغراپىيەلىك شارائىت جەھەتتىنئېيتقاندا، لوپنور رايونىدا نوپوس ئاز، زېمىن كەڭرى. بۇ يەردىكى تەبىئىي بايلىقنوپوسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا يېتەرلىك، بېلىقچىلىق كۆلدە، دەريالاردا ئۆزلىكىدىنبولىدىغان بىر خىل ئىگىلىك شەكلى. ئۇنىڭغا مەخسۇس پەرۋىش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.چارۋىچىلىقمۇ باشقا ئىگىلىك شەكلىگە قارىغاندا ناتۇرال خاراكتېرى بىرقەدەر كۈچلۈكئىگىلىك.شۇڭا لوپلۇقلار بايلىقنى تالاشمىسىمۇ نۇپۇسقا يېتىدۇ، مەملىكەت بويىچەبىرنەچچە قېتىملىق چوڭ ئاچارچىلىقتىمۇ لوپلۇقلار ئانچە سورۇقچىلىق تارتمىغان.شۇنداق بولغاچقا لوپلۇقلار نىسبەتەن كەڭ قورساق كېلىدۇ، سىرتتىن كەلگەن ئىگىلىكتىكلىگۈچىلەرنى تېزلا ئۆز قوينىغا ئالىدۇ، ياقا يۇرتلۇق دەپ يەكلىمەيدۇ، تاريەرلىكچىلىك ئىدىيىسى سۇس، ھازىر لوپنوردا روناق تاپقان سودىگەرلەرنىڭ تولىسى تېگىلوپنورلۇق ئەمەس ،لېكىن ئۇلار لوپنورغا كېلىپ ناھايىتى تېزلا ئۆزلىشىپ كېتەلەيدۇ.  ئەمما لوپلۇقلار ئۇزۇن يىل ناتۇرال ئىگىلىكبىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەچكە ئۆزى سودا ياكى باشقا ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئىدىيە ئانچەكۈچلۈك ئەمەس، يەنى رېقابەت ئىدىيىسى ئاجىز بولۇشمۇ لوپلۇقلارنىڭ يەنە بىرئالاھىدىلىكى، ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى ئوڭاي تارتقۇزۇپ قويىدۇ.

ساددا خاراكتېر شەكىللىنىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى:كروران دۆلىتىنىڭ قۇمغا چۆكۈپ كېتىشى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ رايوندا قاتناشنىڭئۈزۈلۈپ قېلىشى بىلەن لوپلۇقلار نەچچە يۈز يىل بېكىنمە ھالەتتە ياشاپ كەلگەن. بۇخىل بېكىنمە ھالەتتە ياشاش ئۇلارغا ئاكتىپ ۋە پاسسىپ جەھەتتە تەسىر كۆرسەتكەن.پاسسىپ جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، لوپلۇقلار يېقىنقى بەش ئالتە يۈز يىلدىنبۇيان، دۇنيادا بولغان ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەرسىز قالغان. ئاكتىپ جەھەتتىنقارايدىغان بولساق، يىپەك يولىنىڭ ئېتىلىشى بىلەن لوپنور رايونى ئوتتۇرا ئەسىردەئۆز ئەتراپىدا يامرىغان نۇرغۇن فىئودانلىق ئىدىيە، مەزھەپلەر كۈرىشى، قەبىلىلەرئارا ئارتۇقچە زىددىيەت قاتارلىق نىسبەتەن قالاق بولغان فېئودانلىق ئىدىيەنىڭتەسىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان. دەل مۇشۇنداق تەسىر بولمىغانلىقتىن، يۇرتۋازلىق ،مەنپەئەتۋازلىق ، گۇرۇھۋازلىق قىلىدىغان ئىدىيە لوپلۇقلار مەدەنىيىتىگە ئانچەتەسىر قىلمىغان.

ئىگىلىك جەھەتتىنئالساق، لوپلۇقلار ئۇزۇندىن بۇيان، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، دېھقانچلىققاتارلىق نۇرغۇن ئىگىلىك شەكىللىرى بىلەن تەڭ شۇغۇللانغان. ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق،بېلىقچىلىق كەسپى تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان، يېڭى خەتەرلەرگە يولۇقۇپتۇرىدىغان كەسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت مەسىلىنى تىز ھەل قىلىپ تۇرىدىغانجەسۇر،  باتۇرانە، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشروھى شەكىللىنىدۇ. دېھقانچىلىق بولسا نىسبەتەن مۇقىم كەسىپ بولغانلىقى ئۈچۈندېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەۋملەردە ئېغىر بېسىق، ئىشلارنى پۇختاقىلىدىغان ئەستايىدىل خاراكتىر شەكىللىنىدۇ. لوپلۇقلار بۇ ئۈچ خىل ئىگىلىك شەكلىبىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكتىن بۇ ئىككى خاراكتېرنىڭ ھەممىسى ئۇلاردامۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ.

     ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم:   لوپنور رايونى يېقىنقى بەش ئالتە يۈز يىلدىنبۇيان سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. كېيىن ئېكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭبايقىشى ۋە كېيىنكى 100 يىللىق تەرەققىيات داۋامىدا سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغانئالاقە بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى. مۇشۇ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان  ئالاقىنىڭ نەچچە يۈز يىل ئۈزۈلۈپ قېلىشى باشقىلارغالوپلۇقلار مەدەنىيەتتىن ئايرىلغان بېكىك، قالاق ھالەتتە قالغان، دېگەن تەسىرنىبېرىشى مۇمكىن. سىزنىڭچە مۇشۇنداق دېيىشكە بولامدۇ؟

  دولقۇن قادىر: ھەقىقەتەن لوپلۇقلار ئاز دېگەندە بەش يۈز يىلدىن بۇيان سىرتقى دۇنيا بىلەنئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. لېكىن مېنىڭچە، بۇنى ئالدىراپ كەينىدە قالغانلىق،قالاقلىق دەپ ھۆكۈم چىقارساق توغرا بولماس، دەپ ئويلايمەن. ھەتتا دەل مۇشۇئايرىلىپ قالغانلىقى يەنە مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا ياخشى بولغان، دەپ ھېسابلايمەن.نېمىشقا دېگەندە، دەل مۇشۇ بەش يۈز يىل شەرق ئەللىرى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيارايونىدا فىئودانلىق ئىدىيە كۈچەيگەن، رايونلار كۈرىشى، زىددىيەتلەر ئەۋجىگەچىققان، دىنىي مەزھەپلەر كۈرىشى ئۇلغايغان، ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى ۋەسانائەت ئىنقىلاۋى ئاساسەن تەسىر قىلمىغان بەش يۈز يىل.  مۇشۇنداق فىئودانلىق ئىدىيە ئەگەر لوپنوررايونىغا سىڭىپ كىرگەن بولسا ئۇنىڭ تەسىرى قانداق بولاتتى. ئەگەر ئېچىۋېتىلگەنبولسا،  فىئودانلىق ئىدىيە، مەزھەپكۈرەشلىرى كۆپلەپ كىرگەن بولاتتى،ھەم لوپلۇقلارنىڭ خاراكتېرىگە بەزىبىز سەلبىيتامغىلارنى باسماي قالمايتتى، شۇڭا بېكىك ھالەتتە قالغىنى مېنىڭچە ياخشى بولغان،دەپ قارايمەن.  

بۇ يەردە مۇنداق بىرگەپكە ئىزاھات بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. زامانىۋىلىق دېگەن نېمە؟ ئىلغارلىق دېگەننېمە؟ سىزدە ئەگەر مۇكەممەل بىر گەۋدىۋى مەدەنىيەت ياكى باشقا ئەللەر، باشقامىللەتلەرگە ئۈلگە بۇلالىغۇدەك، ئۇلارنى بېسىپ چۈشەلەيدىغان بىر رامكا مەدەنىيىتىبولسا، بۇ ئەلۋەتتە ھەقىقىي ئىلغارلىق بولىدۇ. ئەگەر باشقىلارنى ئېشىپ چۈشەلمەي،ئۇ نىسبەتەن قالاق ھالەتتىكى رامكا بولسا، ئۇ ئەكسىچە سىزنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتكەكىرگەندىن كېيىنكى تېخىمۇ ئىلغار ئىدىيەلەرنى قۇبۇل قىلىشىڭىزغا بەلكىم توسالغۇبولۇشى مۇمكىن.  مەن دېققەت قىلسام لوپلۇقلارئۇزۇن يىل بېكىك ھالەتتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن  چوڭ شەھەرلەردە، چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان ۋەخىزمەت قىلىۋاتقان لوپلۇقلار ئىلغار نەرسىلەرنى نىسبەتەن تىز قۇبۇل قىلالايدىغانئالاھىدىلىككە ئىگە. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا يېڭى نەرسىگە توسالغۇ بولىدىغانكونا رامكا يوق. لېكىن شۇنىڭغىمۇ دېققەت قىلىش كېرەككى،كاللا نىسبەتەن ئوچۇق،رامكا بولمىغان ئىكەن، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ياخشى تەرەپلىرى ھەم يامان تەرەپلىرىبولۇشى مۇمكىن،شۇڭا قانداق قىلىپ ئۆز مەدەنىيىتىدىكى ئېسىل ئەنئەنىلەرنى بايقاش ۋەچىڭ تۇرۇش، يېڭى مەدەنىيەتتىكى ناچار نەرسىلەرنى ئايرىۋېتىپ قوبۇل مېغىزىنى قىلىشئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە.

         ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم:  بىزنىڭ ئىلگىرى ئاڭلىغىنىمىزدا، كروران مەدەنىيىتى،لوپلۇقلار مەدەنىيىتىنى لوپنور ناھىيەسىگە تەۋە دېيىلەتتى، كېيىن بەزى كىتاب ماتېرىياللارغاقارىساق كروران، لوپلۇقلار مەدەنىيىتى يەنە چاقىلىق ناھىيەسىگە باغلاپچۈشەندۈرىدىغان بەزى ماقالىلەرنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇڭا سىز كروران مەدەنىيىتى،لوپلۇقلار مەدەنىيىتى بىلەن لوپنور، چاقىلىقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدەچۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسىڭىز؟

       دولقۇن قادىر: بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە. بايا دەپ ئۆتتۇق،تارىختا لوپ مەدەنىيەتچەمبىرىكى ھازىرقى لوپنورنى مەركەز قىلغان ھالدا چاقىلىق، چەرچەن،بۈگۈر قاتارلىقبىرنەچچە يۇرتلارنىڭ دائىرىسىگە تارالغان،ئۆلكە ئازاد بولغاندىن كېيىن كرورانخارابىلىقى ۋە لوپنور كۆلىنىڭ ئورنى ئىزچىل ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسەنىڭ تەۋەسىدە بولغان،ھەمئىلىم ساھەسىدىكىلەرمۇ كروران خارابىلىقى، لوپلۇقلار مەدەنىيىتىنى لوپنور بىلەنباغلاپ چۈشەندۈرگەن.كېيىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئوتلاق ئايرىشمۇناسىۋىتى بىلەن كروران خارابىلىقى ۋە لوپنۇر كۆلى رايونىدا چاقىلىق ناھىيەسىنىڭچارۋىلىرى نىسبەتەن كۆپ ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭكېلىشتۈرۈشى بىلەن كروران خارابىلىقى ۋە لوپنۇر كۆلى رايونى لوپنۇر ناھىيەسىدىنئايرىلىپ،مەمۇرىي تەۋەلىك جەھەتتىن چاقىلىق ناھىيەسىگە تەۋە قىلىنىپتىكەن. بۇھەقتە شاھىد ئادەملەر بار. شۇنىڭدىن كېيىن، چاقىلىق ناھىيەسى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىنتارتىپ خەلققىچە كروران خارابىلىقى ۋە لوپنۇر كۆلى رايونىغا ياخشى ئىگىدارچىلىققىلىپ، ھازىرغىچە ئاڭلىشىمچە نەچچە قېتىم كرورانشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمەيىغىنلىرىنى ئېچىپ، قوغداش ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ. چاقىلىق ناھىيەسىدىكىخەلق ئارىسىدىن چىققان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار، تارىخچىلار كروران، لوپلۇقلار مەدەنىيىتىتوغرىلىق بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدى، كىتابلارنىمۇ نەشىر قىلدۇردى. بۇبىر ياخشى ئىش. بۇنى تەڭ تەتقىق قىلساق، تەڭ ئۈگەنسەك بولىدىغان بىر تېما،بۇجەھەتتە چاقىلىق ناھىيەسىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز.

لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز كۆرگەن بىرھادىسە، كروران تارىخى ۋە لوپ مەدەنىيىتىنى قارىماققا مەقسەتلىك ھالدا چاقىلىققايېقىنلاشتۇرۇپ، لوپنۇردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئىلمىي مەسىلىلەرگە سەل يۇرتۋازلىق ئىدىيىسىئارىلىشىپ قالغان ئەسەرلەرنى كۆرۈپ قالدۇق. مېنىڭچە، بۇ ئىلمىي ئەخلاققا توغراكەلمەيدىغان بىر ئىش. چۈنكى مەمۇرىي تەۋەلىكنىڭ ئۆگىرىشى يېقىنقى زاماندىكى گەپ، بۇناھىيەلەر ئارا تالىشىپ يۈرىدىغان ئىش ئەمەس. مەيلى قايسى ناھىيەگە تەۋە بولسۇن،ئالدى بىلەن كروران مەدەنىيىتى پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ بۈيۈك قەدىمىي مەدەنىيەت  مىراسى، ھەممىمىز تەڭ قوغدايدىغان، تەڭ تەتقىققىلىدىغان چوڭ تېما. بۇنىڭغا بىز بەزى يەرلىك ئىدىيەنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭگېپىنى دەۋالىدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ناھىيەسىگە تەۋە قىلىۋالىدىغان يۇرتۋازلىق،ناھىيەۋازلىق ئىدىيەلىرىنى ئىلمىي ئەسەرلەرگە ئارىلاشتۇرىۋالساق بۇ ئىلمىيئەخلاققا يات بىر ئىش، دەپ ئويلايمەن. شۇڭا، مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ كرورانمەدەنىيىتىگە، لوپ مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدىن قاراپ، پۈتۈن ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مىراسى سۈپىتىدە تەڭ قوغدىساق، تەڭ تەتقىق قىلساق،ئاخىرى بۇنىبىرلىكتە كۆتۈرۈپ  «كرورانشۇناسلىق» ئىلمىنىبەرپا قىلالىساق، ھەممىمىزگە ياخشى دەپ قارايمەن.

ئابدۇرۇسۇلئابدۇرېھىم: دولقۇن بۈگۈن سىز بىلەن لوپنور، لوپلۇقلار مەدەنىيىتىھەققىدە پىكىرلەشكىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق،تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن، رەھمەت سىزگە.

ئەسلى مەنبەسى:شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى 2013-يىللىق 4-سانى
مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى        http://www.loptekin.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:32 , Processed in 0.113565 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat