ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 727|ئىنكاس: 0

لوپلۇقلار مەدەنىيىتى ھەققىدە(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


لوپلۇقلار مەدەنىيىتى ھەققىدە

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم   

ئىقتىساد پەنلىرىدوكتۇرى دولقۇن قادىر بىلەن سۆھبەت

يۇرتىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونى تارىختا يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا بەلۋىبىغا جايلىشىشتەكئالاھىدىلىكى، كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىن، كۆپ خىل ئادەملەر توپىنىڭ ئۇچرىشىشنۇقتىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر، بۇ يەردە تارىخى ئۇزۇننۇرغۇن مەدەنىيەتلىك يۇرتلار بار. بىز مۇشۇ جايلارنىڭ تارىختىكى ئورنى، ئۇنىڭبۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە بۇ توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنىڭ  زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلماقتىمىز. كروران گۈزىلىنىڭتېپىلىشى، لوپنۇر كۆلىنىڭ ماكانى بولۇشتەك خاسىيىتى بىلەن  تونۇشلۇق بولغان لوپنۇر ناھىيەسىدە ئۆتكەن يىلىئۆكتەبىردە «تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمەيىغىنى» ئېچىلدى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن تەڭ لوپنۇر ۋە لوپلۇقلارغابولغان قىزىقىش، تەتقىقات يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەنبىز بۇ ساندا مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ مۇخبىرى ئابدۇرۇسۇلئابدۇرېھىمنىڭ بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى، لوپنور خەلقىنىڭئۆتمۈشتىكى ئەھۋالى ۋە بۈگۈنكى لوپلۇقلارنىڭ خاراكتېرى قاتارلىق مەسىلىلەر  ھەققىدە مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭكاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى دولقۇن قادىر بىلەن ئۆتكۈزگەنسۆھبىتىنى دېققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

     ئابدۇرۇسۇلئابدۇرېھىم: دولقۇن ئەپەندى، ياخشىمۇسىز!

دولقۇن قادىر: ياخشىمۇسىز.

ئابدۇرۇسۇلئابدۇرېھىم: ھەممەيلەنگە مەلۇم، لوپنۇر دىيارىمىزدا تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى،مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن تونۇلغان بىر ماكان. تارىختىمۇ نۇرغۇنئىكىسپىدىتسىيەچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ،قەدىمكى كروران ئېلى، لوپلۇقلار، لوپنۇر كۆلىھەققىدە نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. يېقىندىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسىئۆزىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە تارىخ، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ لوپنۇرناھىيەسىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم ئەھمىيەتلىكپائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە لوپنۇردا «تۇنجىنۆۋەتلىك شىنجاڭ لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» لوپنۇرناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇقئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كونكرېت تەشكىللىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىكئېچىلدى. بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئالىم، مۇتەخەسىس،تەتقىقاتچىلار قاتناشتى. لوپنۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە ياخشى ئىلمىي مۇھاكىمىلەرقانات يايدۇرۇلدى. سىز ئۆزىڭىز لوپنۇردىن چىققان بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتىڭىزبىلەن لوپنۇر ناھىيەسىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار دەپ قارايسىز؟

دولقۇن قادىر: مەن سۆھبەتنى باشلاشتىن بۇرۇن لوپنور ھەققىدىكى مۇنداق ئىككى ئۇقۇمغا ئىزاھبېرىۋېتەي، بىرىنچىسى،مەن بۇ سۆھبەتنى «لوپنورلۇقلار مەدەنىيىتى» دەپ ئەمەس،«لوپمەدەنىيىتى»،ياكى«لوپلۇقلار مەدەنىيىتى» دېگەن نام بىلەن داۋاملاشتۇرۇشنىخالايمەن، چۈنكى لوپنور دېگەن يېقىنقى زاماندا قويۇلغان ناھىيە ئىسمى، ئەگەر بىزنىسبەتەن  ئايرىم بىر مەدەنىيەت دېمەكچىبولىدىكەنمىز، لوپ ياكى لوپلۇقلار(لوپتۇقلار) مەدەنىيىتى دېسەك پۇت تىرەپتۇرالايدۇ، چۇنكى ئالدىنقى ئۇقۇم بىر مەمۇرىي ناھىيەنى كۆرسىتىدۇ، كېيىنكى ئۇقۇمبۇلسا،لوپنور ناھىيەسىنىلا ئەمەس،ئەتراپتىكى چاقىلىق،چەرچەن،بۈگۈر،كۇچا،كورلاقاتارلىق يۇرتلارنىڭ بىر قىسىم لوپقا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ھەقىقىي لوپ مەدەنىيىتى چەمبىرىكىنى كۆسىتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇقېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننى لوپنور ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغانبولغاچقا ناھىيە تەۋەلىكىنى ئاساس قىلغانلىقىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئىككىنچىسى،ھازىر ئورتاق ئىشلىتىلىۋاتقان «لوپنۇر» دېگەن سۆزدە ئىملا خاتالىقى بار، ئەسلىتوغرىسى«لوپنور» بولۇشى كېرەك. پاكىت شۇكى،بۇ يۇرت تارىختىن بېرى لوپ دەپ ئاتىلىپكەلگەن، يېڭى زاماندا خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىگە ئوخشاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، لوپ دېگەنسۆزگە موڭغۇلچە كۆل مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «نور» دېگەن سۆز قوشۇپ ياسالغان. كېيىنئېغىز تىلىدا «نور»سۆزى«نۇر»غا ئۆزگىرىپ ھازىرقى «لوپنۇر»غا ئايلىنىپ قالدى، شۇڭاتوغرىسى «لوپنور» بولۇشى كېرەك. قارىسىڭىز بولىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومرايونلۇق تىل-يېزىق كومىتىتى2009-  يىلىتەييارلاپ نەشردىن چىققان ھازىرقى ئەڭ نوپۇزلۇق لوغەت«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيتىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»نىڭ 598- بېتىدە «لوپنور»دېگەن سۆز بار. نۆۋەتتە بارلىقمەتبۇئات ۋە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە لوپنۇر دېگەن خاتا سۆز ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، شۇڭامەن لوپنور ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە  بۇسۆزنى توغرىلاپ ئىشلىتىشتە باشلامچى بولۇش ھەققىدە سەمىمىي تەكلىپ بېرىمەن.

ئەمدى سۆھبەتكەكەلسەك، مەن لوپنور ناھىيەسى، لوپلۇقلار ھەققىدە بولۇۋاتقان مەدەنىيەت، مائارىپجەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئۇزۇندىن بۇيان دېققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. لوپنورناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان بىرنەچچە قېتىملىق يەرلىك مەدەنىيەت، يەرلىكسەنئەتكە ئائىت پائالىيەتلەر لوپ مەدەنىيىتى، سەنئىتىنى ئالغا ئىتتىرىشتە ناھايىتىتۈرتكىلىك رول ئوينىدى.مەسىلەن، لوپنور ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئون نەچچەيىلدىن بۇيان، لوپنورنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە مۇنداق بىرقانچە ئەھمىيەتلىك ئىشنىروياپقا چىقاردى.

2000-يىللارنىڭباشلىرىدا لوپنور ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ ئاجرىتىپ ۋە تەشكىللەپ «لوپنورخەلق ناخشىلىرى» دېگەن ئىككى قىسىملىق پىلاستىنكىنى ئىشلەپ مىللەتلەر ئۈن-سىننەشىرىياتىدا نەشىر قىلدۇردى. ئەينى ۋاقىتتىكى تېخنىكا ۋە باشقا چەكلىمىلىكلەرنىھېسابقا ئالمىغاندا، ئومۇمىي جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان  مەھسۇلات دېيىشكە بولاتتى. ئۇ شۇ چاغدا لوپنورخەلق ناخشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئىچىدە بىر مۇستەقىل ناخشا سىستېمىسىبولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىدە ئايرىم سەھنىگەچىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىدى. بۇ ناخشا پلاستىنكىسى چىقىشتىن بۇرۇن لوپنورخەلق ناخشىلىرى ئەمەلىيەتتە خەلق قوشاقلىرى سۈپىتىدە چارۋىچىلار، دېھقانلارنىڭئېتىز-قىر ئۆيلىرىدە ئېيتىلىپ كەلگەن ۋە شۇ تەرىقىدە ساقلىنىپ قالغان، شۇ قېتىملىقرەتلىنىشتە قوشاق ئامىللىرى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ ئۆلچەملىك خەلق ناخشىسى ھالىتىگەكىردى. بۇ ھەقتە پروفېسسور ئابدۇكېرىم ئوسمان، تۇرسۇن كېرەم مۇئەللىم ۋەتۇردىنىياز ئەپەندىلەرنىڭ تۆھپىسى چوڭ. لوپنور خەلق ناخشىلارنىڭ سانى كۆپبولمىسىمۇ، رېتىم، مۇزىكا، ئاھاڭدارلىق جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن نەشردىنچىقىشى بىلەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى،ھەم بىرمەھەل لوپنور خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

ھازىر نەشىرىياتىمىزدۆلەت دەرىجىلىك بىر نەشر تۈرىنى ئىشلەۋاتىمىز. بۇنىڭدا بىز ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىقايتىدىن رەتلەپ توققۇز رايون بويىچە ئاۋازغا ئېلىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئارىسىدا لوپنورخەلق ناخشىلىرى مۇستەقىل خەلق ناخشىلىرى سىستېمىسى بولۇپ، ئايرىم بىر ئورۇنغا ئىگەبولدى. بۇمۇ شۇ ئىككى پىلاستىنكا ئاساسىدا يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۈلدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، بىرنەچچەيىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەينى كەينىدىن مەشرەپ ئىشلىنىپ،«جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى» دېگەن نامدا 31 قىسىملىق مەشرەپ يورۇقلۇققا چىقتى. ئەنەشۇ مەشرەپلەرنىڭ ئىچىدە «لوپنور گۈلخان مەشرىپى»مۇ بار. بۇ مەشرەپ لوپنور خەلقناخشىلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، ئېلانقىلىنغاندىن كېيىن ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. كېيىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەنھەرقايسى يۇرت مەشرەپلىرىنى باھالاش مەملىكەتلىك يىغىنىدا «لوپنور گۈلخانمەشىرىپى» تۇلپار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

لوپنور ھەققىدە داغدۇغاپەيدا قىلغان ئۈچىنچى ئىش مۇشۇ قېتىم ئېچىلغان لوپنورلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىيمۇھاكىمە يىغىنى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككەئىگە بولۇپ، سەنئەت، تىل، تارىخ، فولكلور قاتارلىق ھەرقايسى ساھەگە مۇناسىۋەتلىكبولغان ئونىۋېرساللىقى كۈچلۈك بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولدى ، ھەملوپنور مەدەنىيىتى، لوپنور سەنئىتى، لوپنور تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىشجەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىلغان يەنە بىر قەدەم بولدى. مەن يىغىنغا ھەر ساھەدىكىئالىم، مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆپلەپ ئىشتىراك قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم، ھەمدە لوپنورلۇقلارنىڭئۆزى ھەققىدە ئويلانغانلىقىدىن  سۆيۈندۈم.  

ئابدۇرۇسۇلئابدۇرېھىم:  لوپنور ئۆتمۈشتەياكى بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزدىكى ۋە چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن ئالىم، تەتقىقاتچىلارنىئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلگەن. لوپنور ۋە لوپلۇقلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ بۇنچە كۈچكۈكبولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ نېمە دەپ قارايسىز؟

دولقۇن قادىر:  بىرىنچى، لوپنورنىڭ ئۆزگىچە تارىخى.ھەممىگەمەلۇم، ئۇزۇن ئۆتمۈشتە لوپنور دىيارىدا قەدىمىي كروران دۆلىتى مەۋجۇت بولغان،يەنەكېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى، قۇملارنىڭ كۆچۈشى قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن بۇ دۆلەتيوقاپ كەتكەن. كېيىن سىۋېن ھېدىن قاتارلىق ئىكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭ بايقىشى بىلەنقايتىدىن دۇنياغا تونۇلغاندىن كېيىن، ئىلىم دۇنياسىدا كروران دۆلىتى ۋە كروراندۆلىتى جايلاشقان لوپنورغا نىسبەتەن زور قىزىقىش پەيدا بولغان،چۈنكى بۇ رايونئەينى ۋاقىتتا يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدىكى مۇھىم بىر ئۆتەڭ بولغاچقا،ئاسىيا-ياۋروپا مەدەنىيەت مۇناسىۋېتىنىڭ ئۆتۈشۈشىدىكى نۇرغۇن تارىخىي ئۇچۇرلارمۇشۇ جايغا كۆمۈلۈپ قالغان، شۇڭا تارىخچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئىككىنچى،لوپنورنىڭ ئۆزىگە خاس ئىشلەپچىقىرىش شەكلى. لوپنوردا تارىختىن ھازىرغىچە بېلىقچىلىق،چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولغان، ئىشلەپچىقىرىششەكلىنىڭ كۆپ خىللىقى مەدەنىيەت تىندۇرمىسىدا تەبىئىيكى نۇرغۇن ئۆزگىچىلىكلەرنىئېلىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بېلىقچىلىق مەدەنىيىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقائەرزىيدۇ. ئۈچىنچى، شىۋە ئالاھىدىلىكى. تىلشۇناسلىقتا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىئۈچ دىيالىكتقا، يەنى مەركىزىي دىيالىكت، خوتەن دىيالىكتى، لوپنور دىيالىكتى، دەپبۆلىدۇ.ئەمەلىيەتتە لوپنور دىيالىكتى مۇشۇ ئۈچ دىيالىكت ئىچىدە ئىشلىتىدىغان ئادەمسانى ئەڭ ئاز بولغان دىيالىتىك ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى نوپوس بويىچە ھېسابلىغاندائۈچ تۈمەندىن ئارتۇق ئادەم مۇشۇ دىيالىكتتا سۆزلىشىدۇ دەيمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچتۈمەندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىچىدە لوپنور ناھىيەسىنىڭ دۆڭقوتان قاتارلىقجايلىرىدىكى بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئادەم بۇ دىيالىكتنى كۈچلۈك ئىشلىتىدۇ. لوپنورنىڭناھىيە بازىرى ۋە باشقا جايلىرىدا نۇرغۇن ئادەم يەنىلا مەركىزىي دىيالىكتتاسۆزلىشىدۇ. دىيالىكت ئىشلىتىش جەھەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر نوپوسىنىڭ ئاران %0.4 نىئىگەللەيدۇ. لېكىن بۇ دىيالىكتتا سۆزلىشىدىغانلار ئاز بولغان بىلەن بۇ دىيالىكتنىڭتىل، تارىخ، فونىما جەھەتتىكى ئالاھىدىكى پەۋقۇلادە روشەن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىئايرىم بىر دىيالىكىت دەپ ئايرىغان. تۆتىنچى، ئۆزگىچە خەلق ناخشىلىرى. لوپنور خەلقناخشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئالاھىدە روشەن، باشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ خەلق ناخشىلىرىدىنئوبدانلا پەرقلىق، ھەتتا لوپنور خەلق ناخشىلىرىنىڭ كۈي ئالاھىدىلىكىدەۋېنگىرىيەنىڭ خەلق ئاھاڭلىرىغا ئوخشايدىغان ئالاھىدىكىلەر بار دەيدىغان قاراشلارمۇبار .

دېمەك، لوپنور رايونىتارىخ، تىل، سەنئەت، سودا قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزىگەمۇجەسسەملىگەن. شۇڭا سىرلىقلىقى تېخىمۇ ئېشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنمۇتەخەسىسلەر قىزىقىدىغان بىر قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.   

      ئابدۇرۇسۇلئابدۇرېھىم:  ھازىرقى لوپنور تارىختىكىكروران مەملىكىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن داڭلىق. كروران مەملىكىتى جۇغراپىيەتلىك سەۋەبلەرتۈپەيلىدىن خارابىگە ئايلاندى. ئەمدى بۇ يەردىكى بىر مەسىلە-ئەنە شۇ كرورانمەملىكىتىدە يارىتىلغان كروران مەدەنىيىتى بىلەن ھازىرقى لوپلۇقلار مەدەنىيىتىنىڭئالاقىسى بارمۇ يوق، بار بولسا قانداق ئالاقە؟

     دولقۇن قادىر: مېنىڭچە، قەدىمكى كروران مەدەنىيىتىبىلەن ھازىرقى لوپلۇقلار مەدەنىيىتىدە چوقۇم بىر تارىخىي باغلىنىش بار، بىررايوندا بولۇپ ئۆتكەن تارىخنىڭ چوقۇم ئالدى كەينىلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇ. بۇ ھەقتەمەن ئىككى خىل رادىكال كۆزقاراشنى قوللىمايمەن. بىرىنچى،قەدىمكى كروران مەدەنىيىتىئايرىم بىر مەدەنىيەت، بۈگۈنكى لوپلۇقلار مەدەنىيىتى ئايرىم بىر مەدەنىيەت، بۇئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق تارىخىي باغلىنىش يوق، دەپ قارايدىغانكۆز قاراش بار ئىكەن،بۇ مېنىڭچە توغرا ئەمەس. چۈنكى قەدىمكى زاماندا قۇملۇقرايونلىرىدا قاتناش ئالاقىسى ئىنتايىن ئەپسىز، بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بېرىشئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، نۇرغۇن مۇشەققەت چېكىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنداق بولغانئىكەن، ئۇ يەردىكى ئادەم، ئۇ يەردىكى مەدەنىيەت بىر يەرگە تۇيۇقسىز ئۇچۇپ كەتمەيدۇياكى تۇيۇقسىز يىراق يەرگە كېتىپ قالمايدۇ. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭمەدەنىيىتى نۇرغۇن جەھەتتە ھازىرقى لوپلۇقلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن مۇقەررەر بىرمۇناسىۋىتى بولىدۇ. ئاڭلىسام كۇچادىمۇ مۇشۇنداق قاملاشمىغان بەزى پاراڭ باركەن، يەنىقەدىمكى كۈسەن مەدەنىيىتى بىلەن ھازىرقى كۇچا مەدەنىيىتى ئىككى خىل مەدەنىيەت، بىر-بىرىبىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دەيدىغان، بۇمۇ ئوخشاش زاكۇنغا چۈشىدۇ. ئىككىنچى،بۇنى يەنە تاق مىللەت نۇقتىسىدىن كروران مەدەنىيىتى ھازىرقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭبىۋاستە ئەجدادىي مەدەنىيىتى، دەپ قارىۋالساقمۇ ئىلمىي بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىككىئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن  مەدەنىيەت، ئۇ ۋاقىتتا ھازىرقى زامان مەنىسىدىكىمىللەت ئۇقۇمى تېخى شەكىللەنمىگەن. ئۇ ۋاقىتلار مىللەتلەر قەبىلە شەكلىدە ئارىلىشىۋاتقان،ئۆزگىرىۋاتقان، نۇرغۇن تارىخلار بولۇپ ئۆتكەن دەۋر، ھازىرقى زامان مەنىسىدىكىمىللەت ئۇقۇمى تېخى مىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئىش. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا،قەدىمكى كروران مەدەنىيىتى بىلەن ھازىرقى لوپلۇقلار مەدەنىيىتىنىڭ چوقۇم بىرباغلىنىشى بار. لېكىن بۇ خىل باغلىنىش ئۇزاق تارىختىكى نۇرغۇنئۆزگىرىش،تەرەققىياتلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن باغلىنىش، دەپ قارايمىز.

     ئابدۇرۇسۇلئابدۇرېھىم:   ماتېرىياللاردىن كۆرۈشىمىزچە، لوپلۇقلارنىڭكېلىپ چىقىشى، قان تەركىبى ھەققىدە نۇرغۇن كۆزقاراشلار بار ئىكەن. بەزىلەرقىرغىزلارغا يېقىن دەيدىكەن، يەنە بەزىلەر موڭغۇللارغا يېقىن دەيدىكەن، يەنە باشقامىللەتلەرگە يېقىن دەيدىغانلارمۇ باركەن، لوپلۇقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، قان تەركىبىمەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

       دولقۇن قادىر: ھەقىقەتەن ئىلىم ساھەسىدە مەيلىئىنسانشۇناسلىق، مەيلى دىنشۇناسلىق ۋە مەيلى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن بولسۇن لوپنوررايونىدا ياشاپ ئۆتكەن خەلقنىڭ تارىخى، قان تەركىبى، كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ھەر خىلكۆزقاراش بار. مەسىلەن: ھازىرقى لوپلۇقلار قەدىمكى موڭغۇل تىپىدىكى مىللەتلەرنىڭكىيىنكى ئەۋلادى، دەپ قارايدىغانلار؛ لوپلۇقلارنىڭ قان تەركىبىدە ئارىيانلارنىڭقېنى كۆپرەك، دەپ قارايدىغانلار؛ ئافغانلارنىڭ قان تەركىبى كۆپرەك، دەپقارايدىغانلار بار. يەنە بەزىلەر قىرغىزلارنىڭ قان تەركىبى بىلەن باغلاپ،قىرغىزلارغا يېقىنلاشتۇرۇپ قارايدىغانلار بار. بىز لوپلۇقلارنىڭ قان تەركىبىجەھەتتە بايىقىغا ئوخشاشلا مۇنداق ئىككى خىل بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشقا قارشىتۇرىمىز. بىرىنچى، تارىختا لوپنور رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن باشقا قەبىلىلەر، باشقامىللەتلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن لوپنورلۇقلارنى ئۇيغۇردىن يىراقلاشتۇرىدىغان، ھېلى ئۇمىللەت، ھېلى بۇ مىللەت، دەپ باقىدىغان پوزىتسىيە جەھەتتىكى رادىكاللىققا قارشىتۇرىمىز. لوپنور رايونىدا ئىككى ئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرى نۇرغۇن قەبىلىلەرنىڭ ياشاپئۆتكەنلىكى ئېنىق. لېكىن، تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى، يەنى ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەپ، ھازىرقى زامانئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغانلىقى بۇ بىر تارىخىي مۇقەررەرلىك. شۇڭابۇ خىل ئۇيغۇردىن يىراقلاشتۇرىدىغان پوزىتسىيە ئىلمىي پوزىتسىيە ئەمەس. ئىككىنچى،قەدىمدەتارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى بولغاچقا،ئاسىيا-ياۋرۇپا ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن قويۇق بولغان. شۇڭامەدەنىيەت، سودا، دىن، سەنئەت قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردە كەڭ دائىرىلىك  مەدەنىيەت ئالاقىسى بولغان. نۇرغۇن مىللەت،نۇرغۇن مەدەنىيەت، نۇرغۇن قان تەركىبىنىڭ ئارىلىشىشىدىن شەكىللەنگەن بۇ خىل ئەبجەشمەدەنىيەتتىن ئارتۇقچە ئەنسىرەيدىغان، ياكى قان تەركىبىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولۇشىدىنزىيادە ئېھتىيات قىلىدىغان مۇنداق كۆزقاراشمۇ مېنىڭچە سەل ئارتۇقچە. چۈنكى،مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان رايونلاردا باشقا مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيەت، سودائالاقىسى بولىدۇ. مەدەنىيەت تەرەققىي قىلماي، بېكىنمە ھالەتتە قالغان رايونلارغاباشقىلارمۇ كەلمەيدۇ، باشقا مىللەتلەرمۇ ئالاقە قىلمايدۇ. دېمەك، ئالاقىنىڭ قويۇقبولۇشى، باشقا مىللەتلەرنىڭ كېلىپ-كېتىپ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى بىر رايون مەدەنىيىتىنىڭتەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئىلغارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن،بۈگۈنكى دۇنيادا ئامېرىكائىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتە نۇرغۇن ئىلغارلىققا ئېرىشتى،ئامېرىكا مىللىتىنىڭئۆزىمۇ بىر ئەبجەش مىللەت. ئۇلار پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى، ئىلغارنەرسىلىرىنى كەڭ قوساقلىق بىلەن قۇبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ، نۇرغۇن جەھەتتە ئالاقەقويۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا مەدەنىيىتى ناھايىتى كۆپ تەرەققىياتقا ئېرىشتى. دېمەكتەرەققىيات بولۇش ئۈچۈن ئالاقە بولىدۇ،ئالاقە بولغاندىن كېيىن ئارىلىشىشتىنساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە،بۇ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق دېگەنگەپ ئەمەس. دېمەكچىمەنكى،كۆنۈپ قالغان تۇرغۇن بىر خىل ھالەتنى  مەڭگۈ تەكىتلەشمۇ تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئېيتقاندائىلغار كۆزقاراش ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت دېگەن بۇ مەسىلىگەقارىتا، ھازىرقى لوپنور رايونىدا قەدىمدە نۇرغۇن مەدەنىيەتنىڭ  ئۇچراشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز. بۇمەدەنىيەتنىڭ ئىلغارلىقىنىڭ ئىپادىسى، ھەم يەنە مۇشۇ نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئىلغارتەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ غالىب كېلىپشەكىللەنگەنلىكىنىمۇ تەكىتلەيمىز.

  ئاخىرى بار
ئەسلى مەنبەسى:شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى 2013-يىللىق 4-سانى
مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى        http://www.loptekin.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:28 , Processed in 0.134774 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat