ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1060|ئىنكاس: 1

بىرلىن مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تېبابەت رېتسىپلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گىرمانىيە بىرلىن مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمىي رېتسىپلىرى

قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىق پارچىلىرىنى گېرمانىيىنىڭ 3 – قېتىملىق، تۇرپان ئارخىئولوگىيە ئەترىتى تۇررپاندىن قولغا چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر بېرلىندا ساقلانماقتا.
    بۇ يازما يادىكارلىقلار، گەرچە قۇچۇ ( ئىدىقۇت ) ئۇيغۇر خانلىقى « ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ___ مىلادى 850 – يىلى قۇرۇلغان » دەۋرىدە كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە دورىگەرلىككە ئائىت تەجرىبىلەرگە قاراپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ۋە دورىگەرلىگىنىڭ ناھايىتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالالايمىز.
بۇ ھەقتە خەلقارالىق تارىخ تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە نوپوزلۇق تارىخ ژورناللىرىدىمۇ ( ئۇيغۇر قەدىمقى زامان مىللى تىبابىتى ۋە دورىگەرلىگى ھەققىدە ) ئاز بولمىغان تەتقىقات ماتىرياللىرى ئېلان قىلىنىپ خەلقارادا زور تەسر قوزغىغان. مەسىلەن : تۈركىيىلىك رەشىت رەخمەتى ئارات 1930 – يىلى SBAW ( بېرلىن پروسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كونفرېنسىيىسىدە قىلىنغان دوكلاتىنىڭ پەلسەپە تارخ قىسمى ) نىڭ 1، 451 __ 473 – بەتلىرىدە ۋە 1932 – يىل SBAW نىڭ 2، 401 __ 488 – بەتلىرىدە ئۆز تەتقىقاتىنى ئېلان قىلغان.
تۆۋەندە بۇنىڭدىن 1000 يىللار مۇقەددەم ئىلگىرى ئۇيغۇر ( ئىدىقۇتتا ) ئېلىدا قوللىنىلغان ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىگى ۋە رېتسىپلىرىنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئاز بىر بۆلەك قىسمىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. « بۇ يەردە ئاددى ھەم چۈشۈنۈشلۈك بولسۇن ئۈچۈن، قەدىمقى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار ئېلىنمىدى »
1 – بۇرۇن كېسەللىكىنىڭ داۋاسى

(1) بۇرۇن قانىغاننىڭ داۋاسى : ياش كۈنجۈت ئۇرىقىنى سوقۇپ، سۈيىنى چىقىرىپ بۇرۇنغا ئۈچ قېتىم تېمىتسا قان توختايدۇ. يەنە : كىرپە تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە قان توختايدۇ.
(2) بۇرۇن ئىچىگە ئۆسمە گۆش چىقىپ نەپەستىن قىينالسا، بۇرۇن ئاغرىسا __ قىزىل باغىر ( قىزىل مىس؟ ) بىلەن يار ئىككىسىنى يۇمشاق، ئاندىن ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ بۇرۇن ئىچىگە تىقىپ بەرسە ئۆسمە گۆش چۈشۈپ كىتىدۇ.
2 – يۈرەك سىقىلىش ۋە دەم سىقىلىشنىڭ داۋاسى

(1) يۈرەك سىقىلىش ۋە دەم بوغۇلۇشنىڭ داۋاس : ئانار ئۇرىغى، قارا تۇز، پىششىق سىڭىر، سىرىق چاكاندىلارنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ شورپا بىلەن ئىچىپ بەرسە يۈرەك سىقىلىش، دەم بوغۇلۇشنى داۋالايدۇ.
(2) توغراق يىلىمىنى يۇمشاق سوقۇپ بۇغۇزغا قۇمۇش بىلەن پۈركۈپ بەرسە ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ.
(3) قاربا تۇبىن يۇمغاقتىن ( بىر خىل دورا ئۆسۈملىگى ) ئىككى باقىرنى ( باقىر – مىسقال ) ئىككى باقىر پىششىق سىڭىر بىلەن قوشۇپ، ھەر كۈنى سەھەردە مۇسەللەس ياكى بوزا بىلەن ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىلىش ساقىيىدۇ.
(4) تۆگىنىڭ ئۆپكىسىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، دىمى سىقىلىىغان ئادەمگە ئىچۈرسە، دەم سىقىلىش ساقىيىدۇ.
3 . كۆز ئاغرىقىنىڭ داۋاسى

(1) قارا ياغاچ قوۋزىقىنى چوشقا ئۆتى، ئۆچكە ئۆتى، توشقان ئۆتى ( بۇ ئۈچىلىسىنىڭ قايسىسىلا بولسا بولىۋېرىدۇ ) بىلەن كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى سۇغا ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، تېز ساقىيىدۇ.
(2) كىمىكى كېچىسى ياخشى كۆرمىسە ( نامازشام قارغۇسى بولسا ) قارا ئۆچكىنىڭ يىتىم جىگىرىنىڭ ئىچىگە قارامۇچ سېلىپ ئوتقا كۆمۈپ، كۆپىگىنى ئېلىپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، كېچىسى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ.
(3) كەكلىك ئۆتىنى شېكەر بىلەن تەڭ ئۈلۈشتە قوشۇپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، كۆرمەس بولۇپ قالغان كۆز يەنە ئېچىلىدۇ، ساقىيىدۇ.
(4) كەكلىك ئۆتىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ مۇسەللەس ياكى بوزىغا قوشۇپ ئىچىپ بەرسىمۇ ( بۇنداق مۇسەللەس ياكى بوزىنى ئىچسە كىشىنى مەس قىلمايدۇ ) كۆرمەس بولۇپ قالغان كۆز ساقىيىدۇ.
(5) كۆز غۇۋالىشىپ كۆزدىن سوغاق ياش كۆپ ئاقسا، كالا ئۆتىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، كۆز ئېنىق كۆرىدىغان بولىدۇ.
(6) ئەگەر كۆزدىن ئىسسىق ياش ئاقسا، خام شېكەر بىلەن سېرىق ماڭگونى ئارىلاشتۇرۇپ ئىنەك مېيى بىلەن قوشۇپ بۇرۇنغا تۇتۇپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ قالىدۇ.
(7) توشقان مىڭىسى ۋە كالا ئوتىنى ( مۇشۇ يېرى ئېنىقسىز – كالا ئوتىمۇ ياكى كالا ئۆتىمۇ ئېنىق دىيىلمىگەن ) ئىنەك مېيى بىلەن قوشۇپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
(8) كۆز زورۇقۇپ ياشاڭغۇرىسا، بېلىق ئۆتىنى كۆزگە، ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
(9) كۆز زەخمىلىنىپ كۆرمەس بولۇپ قالسا، چۇۋىت ( مۇلەن ) نى سۇدا ئېزىپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ ئېچىلىپ كېتىدۇ.
4 . پۇت ئاغرىقىنىڭ داۋاسى

(1) كۈنجۈتنى قورۇپ ياخشى سوقۇپ، قوي سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاغرىغان يەرگە يېقىپ بەرسە، يەلدىن بولغان پۇت ئاغرىقى ئوڭلۇنىدۇ.
5 . زۇكامنىڭ داۋاسى

(1) ئەگەر كىمىكى تۇمۇ « زۇكام » تېگىپ ساقايمىسا، پىياز يىلتىزى بىلەن سامساق يىلتىزىنى سوقۇپ ئۇنىنى پاكىز ماي بىلەن يۇغۇرۇپ ئىسلانسا، ھەرقانداق تۇمۇ « زۇكام » غا پايدا قىلىدۇ.
(2) ئەگەر كىمىكى ئۈنى پۈتۈپ قېلىپ ئاۋازى چىقماس بولۇپ قالسا، بىر سۇڭچە ئۈزۈم تېلىنى دەل ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئىچىدىكى يۇمشىقىنى چىقىرۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە قىداي سىمىقىنى « قىداي سىمىقى __ بىر خىل دورا ئۆسۈملىگى » چالا – بولا سوقۇپ ئۈچ – تۆت چىمدىم قارامۇچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سېلىپ، ئاندىن ئۈزۈم تېلىنى جىپسىلاشتۇرۇپ يىپ بىلەن تېڭىپ، ئۇنىڭ سىرتىغا قەغەز يۆگەپ ئىسسىق كۈلگە كۆمۈپ، ئۈزۈم تېلىنىڭ يېرىلغان يېرى تۇتاشقاندىن كىيىن قەغەزنى سويۇۋېتىپ، ئوتتۇر چىش بىلەن چىشلەپ، ئېغىزنى ئاچماستىن شەربىتىنى ئىككى – ئۈچ قېتىم شورىسا، ئۈنى ئېچىلىپ كېتىدۇ.
6 . باش ئاغرىقىنىڭ داۋاسى

(1) قىزىل ۋە ئاق چىندانلارنى قارامۇچ، ئىنەك يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ.
(2) كۈنجۈت مېيى بىلەن ئىپارنى ئازراق قىزىتىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ.
(3) قىزىل چىندان، ئاق چىندان، قۇشدى « قۇشدى __ بىرخىل دارا ئۆسۈملىگى » تىۋىلغا، سېرىق كۆجىلەرنى ئىككى باقىر « باقىر __مىسقال » دىن ئارىلاشتۇرۇپ كۈنجۈت يېغى بىلەن يۇغۇرۇپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، باش ئاغرىقى توختايدۇ.
7 . قوتۇر كېسىلىنىڭ داۋاسى

(1) يۇلدۇرغان « يۇلدۇرغان ___ بىر خىل دورا ئۆسۈملىگى » نىڭ ياش چېچىگىنى يۇمشاق سوقۇپ بىر قوشۇق ئېلىپ، ئۇنى بىر ئاپقۇر قېتىققا قوشۇپ ئاچ قۇرساققا ئىچسە، قوتۇر كېسىلى ساقىيىپ كېتىدۇ.
(2) يەنە بىرى __ يولدۇرغاننىڭ قۇرۇق چېچىكىدىن بىر باقىر « باقىر _ سەر » نى يۇمشاق سوقۇپ ئۇسسىغاندا ئىچىپ بەرسىمۇ، قوتۇر كېسىلى ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەمما كۆپ ئىچىۋەتسە بولمايدۇ.
(3) چوشقا ئۆتىنى ئۇدا ئۈچ سەھەر ئاچ قۇرساققا ئىچىپ بەرسە، قوتۇر كېسىلى ساقىيىپ كېتىدۇ.
8 . مەيدە ئاغرىقىنىڭ داۋاسى

(1) نۇقۇتچا « نۇقۇتچا __ پۇرچاقنىڭ بىر خىلى » نى يۇمشاق سوقۇپ، سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، مەيدە ئاغرىقى ساقىيىپ كېتىدۇ.
9 . قولتۇق پۇراشنىڭ داۋاسى

(1) مەگەركى كىمنىڭ قولتۇغى پۇرىسا، ئۆپكىنى يانچىپ ئۇدا ئۈچ كۈن قولتۇغىغا يېقىپ « سۈرتۈپ » بەرسە قولتۇغى پۇرىمايدىغان بولىدۇ.
10 . يامان جاراھەتنىڭ داۋاسى

(1) قايسى كىشىگە يامان يارا « جاراھەت » چىقسا، نۇشۇدۇر يىلىمنى قۇرۇت بىلەن قوشۇپ، يارا ئۈستىگە يېقىپ بەرسە، ساقىيىپ كېتىدۇ.
(2) ئېغىز ئالمايۋاتقان يارىغا ئىنەكنىڭ، قوينۇڭ، مۈڭگۈزىنى سوقۇپ يېقىپ « سۈرتۈپ، سېپىپ » بەرسە، پات ئېغىز ئېلىپ ساقىيىپ كېتىدۇ.
(3) ئون يىللاپ ساقايمىغان جاراھەتكىمۇ ئۆپكىنى يانچىپ سۈرتۈپ « سېپىپ » بەرسە، ساقىيىپ كېتىدۇ. ناۋادا بۇنىڭدىمۇ ساقايمىسا، قارا ئۇننى يار تۇزى بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىرىنى جاراھەتكە تېڭىپ « چاپلاپ » بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ.
11 . يانپاش ئاغرىقىنىڭ داۋاسى

(1) قايسى كىشىنىڭ يانپىشى ئاغرىسا، ياۋا كەپتەرنىڭ مايىقىنى قارا ئۇن بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىرىنى يانپىشىغا ئۈچ كېچە يېقىپ « چاپلاپ » بەرسە، ساقىيىپ كېتىۇ.
12 . قورساق ئاغرىقىنىڭ داۋاسى

(1) قالغاچ ئوۋىسىدىكى توپىنى سۈت بىلەن قوشۇپ ئىچسە، ساقىيىدۇ.
(2) تولغاق بولۇپ ساقايمىسا، سۇڭ پىيازنىڭ پوستى بىلەن يىلتىزىنى سوقۇپ قېتىققا قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ساقىيىپ كېتىدۇ.
13 . چىش ئاغرىقىنىڭ داۋاسى

(1) ئۈچ ياشلىق قارا كالىنىڭ تېزىكىنى تاۋىدا قۇرۇتۇپ چىشقا ياقسا، ئاغرىق توختايدۇ.
(2) چىشنى قۇرۇت يىگەندە ئۈزۈم سىركىسى « ئاچچىق سۈيى » بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
(3) بىر مىسقال قارامۇچنى سىركە « ئاچچىق سۈ » بىلەن قاينىتىپ، سوۋۇتۇپ ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
(4) پىششىق سىڭىرنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
(5) سېرىق ئۆرۈك مېغىزىنى سوقۇپ مۇسەللەس بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسىمۇ چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
14 . تېرە كېسەلىنىڭ داۋاسى

(1) يۈزنى ئۇششاق دانىخورەك بېسىپ كەتسە، توخو تۇخۇمى بىلەن توخو ئۆتىنى يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە، دانىخورەك ساقىيىپ كېتىدۇ.
(2) كىمنىڭ تېنىگە سۆگەل چىقسا، ئىككى كۈنلۈك ئاينى كۆرگەندە يەرگە سىيىپ لېيىنى ئېلىپ سۆگەلگە سۈرتسە، سۆگەل يوقايدۇ.
(3) قايسى كىشى ئالا ئەت « پىسە » بوپ قالسا، بېدىياننى يېرىپ – ئېزىپ سۈيىنى پىسە بولغان يەرگە سۈرۈپ بەرسە، ئالا ئەت يوقايدۇ.
(4)تۆگە سۈيدىگىنى باشقا سۈرتسە، باشتىكى كېپەك يۇقۇلىدۇ.
15 . كاللىدىكى كېسەلنىڭ داۋاسى

(1) كىمنىڭ كەنجى ئوغلى ئاجىز بولۇپ قالسا، ئەشكەك توزى « بىر خىل دارا ئۆسۈملىگى » نى بېشىغا تېڭىپ بەرسە، ساغلام بولىدۇ.
(2) ساراڭ بولۇپ « ئېلىشىپ » قالغان ئادەمگە بۇغا مۈڭگىزىنى يۇمشاق سوقۇپ سۇ بىلەن قوشۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
16 . قۇلاق كېسىلىنىڭ داۋاسى

(1) قۇلاققا كىر توشۇپ قېلىپ ئاڭلاشقا تەسىر قىلسا، قارغۇ چاشقاننىڭ ئۆتىنى تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق ئېچىلىدۇ.
(2) ئۈلۈك مۈشۈكنىڭ يېغىنى ئېرىتىپ سۈرۈپ بەرسىمۇ، قۇلاق ئېچىلىدۇ.
17 . غالجىر كېسىلىنىڭ داۋاسى

(1) بۆرىنىڭ سۆڭىگى بىلەن تىلىنى قۇرۇتۇپ، غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىنىڭ بېششىغا سۈرتۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
(2) غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىگە، ئۇلارنىڭ مىڭىسىنى يىگۈزسە ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
18 . سىيگەك كېسىلىنىڭ داۋاسى

(1) سىيگەك كىشىگە تۆگە گۆشىنى ئارپا يارمىسى بىلەن قاينىتىپ ئۈگرە قىلىپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
(2) قايسى كىشىنىڭ تەرىتى قان كەلسە، ئۈژمە، قۇرۇق ئۈزۈم سۈيىنى ھەركۈنى سەھەردە ئىچۈرۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
(3) كىمىكى قان سىيىدىغان بولۇپ قالسا، پىيازنى پۇشۇرۇپ ھەسەلگە مىلاپ يەپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
19 . بەزگەك كېسىلىنىڭ داۋاسى

(1) بۆرە مايىقىنى كالا سۈيدىگى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە، ساقىيىپ كىتىدۇ.
20 . ئاياللارغا داۋا

(1) ھەيىزى كۆپ كىلىپ توختىمىغان ئايالغا زەپە، قۇناق ئۇنى، ئىپارلارنى مۇسەللەسكە قوشۇپ ئىچۈرسە، ساقىيىدۇ.
(2) ئايال كىشىنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىشتە ھەشقىپىچەك گۈلىدىن بەش باقىر « باقىر – مىسقال » نى سۇدا قاينىتىپسۈيىنى سۈزىۋېلىپ ياغ، سۈت بىلەن قاينىتىپ ئىچسە، سۈت كۆپىيىدۇ.
(3) ئېغىر ئاياق ئايال بوشىنالمىسا، دارچىننى سىماپ سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچسە، تۇغۇتى ئاسانلىشىدۇ. ئەگەر قوساقتىكى بالا ئۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، تېز چۈشۈپ كېتىدۇ.
(4) كىمىكى قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۋەتمەكچى بولسا، يېرىم باقىر ئاق كۈجە بىلەن بەش باقىر « باقىر – مىسقال » قارا كۈجىنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ شورپا بىلەن ئىچسە، ياكى قورۇلغان كۈنجۈت بىلەن يار تۇزىنى ئىسسىق سۇدا ئېزىپ ئىچسە بالا ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ.
(5) ئايال كىشى بالىنى چۈشۈرۋېتەي دىسە، ئىت سۈتىنى ئىچسۇن بالا تېز چۈشىدۇ، ناۋادا بالا ھەمرىيى چۈشمىسە، قىچا ئۇرىقىنى كۆيدۈرۈپ چاترىقىنى ئىسلاپ بەرسە، بالا ھەمرىيى تېز چۈشۈپ كېتىدۇ.
(6) كۆكسى ئىشىپ ئاغرىغان ئايال سېرىق ماڭگو، تېرىق ئۇنى، قۇلۇم گۈلى، ئاق ئۇن قاتارلىقلارنى ئادەم سۈتى بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىرىنى كۆكسىگە تېڭىپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.
(7) ئايال كىشىنىڭ كىندىگى ئاغرىسا، كەندىر شېخىنى ئۈچ پارچە قىلىپ كېسىپ بىر قاچا مۇسەللەس، ئىككى قاچا سۇ بىلەن قاينىتىپ، ئىنەك يېغى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كىندىگىگە يېقىپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ.
(8) ئايال كىشىنىڭ قۇرسىقىدىكى بالا ئۆلۈپ قالسا __ ئىت سۈتىنى مۇسەللەس بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئۈلۈك بالا تېز چۈشۈپ كېتىدۇ. ياكى بىر سەر ئىت سۈتىنى ئىچسىمۇ تېز چۈشۈپ كېتىدۇ.


مەنبە: كىتاپخۇمار بلوگىدىن

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-20 23:36:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       
تۇرپاندىن تېپىلغان ‹‹تېبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىقلارنىڭ پارچىسى››نىڭ تەرجىمىسى

‹‹تېبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىقلارنىڭ پارچىسى›› ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات؛
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىق  پارچىلىرىنى گېرمانىيەنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق تۇرپان ئارخولوگىيە ئەترىتى  تۇرپاندىن قولغا چۈشۈرۈپ  ئېلىپ كەتكەن ھازىر بېرلىندا ساقلانماقتا.
بۇ يادىكارلىق گەرچە قۇچۇ (ئىدىقۇت) ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە دورىگەرلىككە ئائىت تەجرىبىلەرگە قاراپ ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بىلەن دورىگەرلىكىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . شۇڭا بۇ ھەقتە ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك بىر مۇنچە مەسىلىلەر بار.
تۈركىيىلىك رەشىت رەھمەت ئاراتى 1930-يىلى   SBAW  ( بېرلىن پرۇسىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ كونفېرنسىيەسىدە قىلىنغان دوكلاتىنىڭ پەلسەپە تارىخ قىسمى) نىڭ 1، 451-473 بەتلىرىدە ۋە 1932-يىلى
SBAW 2  نىڭ 401-448- بەتلىرىدە بۇ ھەقتە ئۆز تەتقىقاتىنى ئېلان قىلغان.


يۈرەك سىقىلىش ۋە دەم بوغۇلۇشنىڭ داۋاسى ؛ ئانار ئۇرۇغى ، قارا تۇز ، پىششىق سىڭىر ، سىرىچاقان(سېرىق چاكاندا) لارنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ ، شورپا قىلىپ ئىچىپ بەرسە ، يۈرەك سىقىلىش ، دەم بوغۇلۇشنى ساقايتىدۇ.

قورساق ئاغرىقىغا ئەم (داۋا): ئىككى سۇڭۇك (مىقدار سۆز) ئۆچكە گۆشىنى بىر قاچا مۇسەللەس ، بىر قاچا سۇ بىلەن قاينىتىپ سۈيى سۇۋۇغاندىن كېيىن ئىچسە قورساق ئاغرىقى كېتىدۇ(توختايدۇ). (ئۇنىڭدىن باشقا) يەنە قارا چىڭسەيدىن تۆت باقىر (مىسقال؟) نى ۋە بىر بۇلۇڭ (چارەك؟) پاتمان قۇدۇنمۇقنى (؟) ئېرىتىپ ، ئاچ قورساققا ئىچىپ ئۇخلىسا قورساق ئاغرىقى توختايدۇ.

ئايال كىشى (قورسىقىدىكى) بالىنى چۈشۈرىۋېتەي دېسە ، ئىت سۈتىنى ئىچسۇن ، تىز چۈشىدۇ. بالا ھەمرىيى چۈشمىسە ، قىچا ئۇرۇغىنى كۆيدۈرۈپ چاترىغىنى ئىسلاپ بەرسە تېز چۈشىدۇ.

كۆز ئاغرىقىنىڭ ئەمى(داۋاسى): قارا ياغاچ قوۋزىقىنى ئادەم ئۆتى ، چوشقا ئۆتى ، ئۆچكە ئۆتى ، توشقان ئۆتى (بۇ تۆتىنىڭ قايسىسى بولسا بولىۋېرىدۇ) بىلەن كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ، كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە تېز ساقىيىدۇ.

كىمنىڭ قولتۇغى پۇرىسا ، ئۆپكىنى يەنجىپ ، ئۇدا ئۈچ كۈن قولتۇقىغا يېقىپ(سۈرتۈپ) بەرسە ، پۇرىمايدىغان بولىدۇ.

بەش – ئون يىلغىچە ساقايمىغان جاراھەتكىمۇ ، ئۆپكىنى يەنجىپ سۈرتۈپ بەرسە ، ساقىيىپ كېتىدۇ . ئەگەر بۇنىڭ بىلەنمۇ ساقايمىسا قارا ئۇننى يار تۇزى بىلەن يۇغۇرۇپ ، خېمىرنى جاراھەتكە تېڭىپ بەرسە ساقىيىدۇ.تۆت تادۇ

قايسى كىشى كېچىسى ياخشى كۆرمىسە ، (نامازشام قارىغۇسى بولۇپ قالسا) قارا ئۆچكىنىڭ يېتىم (ئوغلىقىنىڭ ) جىگىرىنىڭ ئىچىگە قارىمۇچ سېلىپ ، ئوتكا كۆمۈپ كۆپۈگىنى ئېلىپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە ، كېچىسى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ.

قايسى كىشىنىڭ سۈيدۈك يولى توسۇلۇپ قالغان بولسا ، تۈكلۈك ئۆرۈكنىڭ پوستىنى ئېلىپ ، سۈيدۈك يولىغا كىرگۈزسە ، سۈيدۈك يولى ئېچىلىدۇ.

قايسى كىشىنىڭ يانپېشى ئاغرىسا ، ياۋا كەپتەرنىڭ مايىقىنى قارا ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، يۇغۇرۇپ ، خېمىرىنى يانپېشىغا ئۈچ كۈن يېقىپ بەرسە ساقىيىدۇ.

ئېغىز ئالمايۋاتقان يارىغا  ئىنەكنىڭ ، قوينىڭ مۈڭگۈزىنى سوقۇپ يېقىپ بەرسە ، پات ئېغىز ئېلىپ ساقىيىپ كېتىدۇ.

تولغاق بولۇپ ساقايمىسا ، سۇڭپىيازنىڭ پوستى بىلەن يىلتىزىنى سوقۇپ قېتىققا قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ساقىيىدۇ.

چىش ئاغرىقىغا داۋا: ئۈچ ياشلىق قارا كالىنىڭ تېزىكىنى تاۋىدا قۇرۇتۇپ ، چىشقا ياقسا ئاغرىقى توختايدۇ.تۆرت تادۇ

قايسى كىشى ئالا ئەت (پىسە ) بولۇپ قالسا بېدىياننى يېرىپ ، ئىزىپ سۈيىنى پىسە بولغان يەرگە سۈرۈپ بەرسە ئالىسى يوقايدۇ .(پىسە ئاق كېسەلنى كۆرسىتىدۇ تۆت تادۇ).

كەكلىك ئۆتىنى شىكەر بىلەن تەڭ ئۆلۈشتە قوشۇپ ، كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە ، كۆرمەس بولۇپ قالغان كۆز يەنە ئېچىلىدۇ ، ساقىيىدۇ.

يەنە كەكلىك ئۆتىنى قۇرۇتۇپ ، مۇسەللەس ياكى بوزىغا قوشۇ ئىچىپ بەرسىمۇ(بۇنداق مۇسەللەس ياكى بوزا مەست قىلمايدۇ تۆت تادۇ) كۆرمەس بولۇپ قالغان كۆز ساقىيىدۇ.

تۆگە سۈيدۈكىنى باشقا سۈركىسە ، باشتىكى كېپەك يوقايدۇ.

ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەمگە بۇغا مۈڭگۈزىنى يۇمشاق سوقۇپ ، سۇ بىلەن قۇشۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ قالىدۇ.

قۇلاققا كىر توشۇپ قالسا ، قارىغۇ چاشقاننىڭ ئۆتىنى تېمىتىپ بەرسە ، قۇلاق ئېچىلىدۇ. يەنە ئۆلۈك مۈشۈكنىڭ  يېغىنى ئېرىتىپ ، سۈرۈپ بەرسىمۇ ئېچىلىدۇ. يەنە ئادەم گۆشىنى بۆرىلىك كۆز(؟) گە سۈرتسە ئېچىلىدۇ.

تۆگىنىڭ ئۆپكىسىنى قۇرۇتۇپ ، سوقۇپ ، تاسقاپ، دېمى سىقىلىدىغان كىشىگە ئىچۈرسە ساقىيىدۇ.

ئايال كىشىنىڭ قورسىغىدىكى بالىسى ئۆلۈپ قالسا ، بىر سەر ئىت سۈتىنى ئىچۈرسە ، چۈشۈپ كېتىدۇ.

غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىگە ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يېگۈزسە ياخشى بولۇپ قالىدۇ.

ئۈچ كۈنلۈك ئاچ قورساققا بىر قاچا زىغىر مېيى ئىچۈرسە ياخشى بولىدۇ ، كۆز قاراڭغۇلىشىپ ، كۆپ ياش ئاقسا ، زىغىر مېيىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

ھەيز كۆپ كېلىپ توختىمىغان ئايالغا ، زەپەر ، ئىپار ، قوناق ئۇنلىرىنى مۇسەللەسكە  قۇشۇپ ئىچۈرسە  ساقىيىدۇ.

يۈزىنى دانىخورەك بېسىپ كەتكەندە توخۇ تۇخۇمى بىلەن ئۆتىنى سۈرۈپ بەرسە يوقايدۇ.

چىشىنى قۇرت يېگەندە ئۈزۈم سىركىسى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرگەندە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

سىيگەك كىشىگە تۆگە گۆشىنى ئارپا يارمىسى بىلەن قاينىتىپ ئۈگرە قىلىپ بەرسە ئوڭشىلىدۇ.

كىمنىڭ تېنىگە سۈگەل چىقسا ، ئىككى كۈنلۈك ئاينى كۆرگەندە يەرگە سىيىپ لېيىنى ئېلىپ سۆگەلگە سۈرتسە سۆگەل يوقايدۇ.

بۆرىنىڭ سۆڭىكى بىلەن تىلىنى قۇرۇتۇپ ، غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىنىڭ بېشىغا سۈرتۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

قايسى كىشىگە يامان يارا چىقسا ، نۈشۈدۈر يىلىمىنى قۇرت بىلەن قۇشۇپ ، يارا ئۈستىگە سېپىپ بەرسە يارا ساقىيىدۇ.

تەرەتتە قان كەلگەننىڭ داۋاسى: ئۈژمە ، قۇرۇق ئۈزۈم سۈيىنى ھەر كۈنى سەھەردە ئىچۈرۈپ بەرسە  ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

كۆز داۋاسى باشلاندى: كۆز غۇۋالىشىپ كۆزدىن سوغاق ياش كۆپ ئاقسا ، كالا ئۆتىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە ، كۆز ئېنىق كۆرىدىغان بولىدۇ. يەنە داۋا: ئەگەر كۆزدىن ئىسسىق ياش ئاقسا ، خام شېكەر بىلەن سېرىق ماڭگونى ئارىلاشتۇرۇپ ئىنەك يېغى بىلەن قۇشۇپ بۇرۇنغا تۇتۇپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

يەنە داۋاسى : توشقان مېڭىسى ۋە كالا ئۆتىنى ئىنەك مېيى بىلەن قوشۇپ ، ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

يەنە داۋاسى : قىزىل چىندان ، ئاق چىندان ، قۇشدى(بىر خىل دورا ئۈسۈملۈكنىڭ نامى) ، تېۋىلغا، سېرىق كۈجىلەرنى ئىككى باقىردىن ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈنخۈت يېغى بىلەن يۇغۇرۇپ  ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە باش ئاغرىقى توختايدۇ.

قايسى ئايال قىردى كېچىرىر (مەنىسى ئېنىق ئەمەس) بولۇپ قالسا قالغاچ گۆشى يېسۇن ، يەنە زەپەر ، قوناق ئۇنى ، ئىپارلارنى مۇسەللەس بىلەن ئىچسۇن ، يارىشىدۇ( ساقىيىدۇ)

قورساق ئاغرىقىغا داۋا: قالغاچ ئۇۋىسىدىكى توپىنى سۈت بىلەن قۇشۇپ ئىچسە ساقىيىدۇ.

چىش ئاغرىقىغا داۋا: قارا كالا تېزىكىنى سىركە بىلەن قۇشۇپ ( ياكى) يايلاقتىكى  تۆگە مايىقى بىلەن قىزىل تۇزنى سۇقۇپ مۇسەللەس  بىلەن قۇشۇپ تاۋىدا ئىسسىتىپ بوز خالتىغا سېلىپ ، كۈنجۈت مېيى قۇشۇپ ، ئاغرىغان چىش ئۈستىگە يېقىپ بەرسە چىش ئاغرىقى توختايدۇ . يەنە سېرىق ئۈرۈك مېغىزىنى سۇقۇپ مۇسەللەس بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسىمۇ چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

بەزگەككە داۋا: بۆرى مايىقىنى كالا سۈيدۈكى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە ، ساقىيىدۇ.

كەنجى ئۇغۇل ئاجىز بولۇپ قالسا ، ئەشكەك تۇزى(بىر خىل ئۆسۈملۈك) نى بېشىغا تېڭىپ بەرسە ساغلام ئۆسىدۇ.

سۈتنى كۆپەيتىشنىڭ ئۇسۇلى: ھەشقىپىچەك گۈلىدىن بەش باقىرنى سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى سۈزۈۋېلىپ ياغ ، سۈت بىلەن قاينىتىپ ئىچسە سۈت كۆپىيىدۇ.

ئېغىر ئاياق ئايال بوشىنالمىسا ، دارچىننى سىماب سۈيى بىلەن قۇشۇپ ئىچسە تۇغۇتى ئوڭايلىشىدۇ. ئەگەر قورساقتىكى بالا ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ ، تېز چۈشۈپ كېتىدۇ.

يەنە داۋا : يىلان قاسرىقىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى مۇسەللەس بىلەن قۇشۇپ ئىچۈرسە  ، بالا ئاسان چۈشىدۇ.

كىمكى قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولسا ، يېرىم باقىر ئاق كۈجە بىلەن بەش باقىر قارا كۈجىنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ  شورپا  بىلەن ئىچسە ، يەنە قۇرۇق بارا(بولو؟) نى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە  ياكى قورۇلغان كۈنجۈت بىلەن يار تۇزىنى ئىسسىق سۇدا ئىزىپ ئىچسە  بالا ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. يىلان تېرىسى ، تۆت كوچىدىكى توپا، ھەسەل ۋە كالا ئۆتىنى سىركە بىلەن قۇشۇپ ئىچسە ، قورساقتىكى بالا ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ تېز چۈشۈپ كېتىدۇ. يەنە ئىت تۈكى ، توشقان تۈكىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى پىچاق ئۇچىدىكى توپا بىلەن قۇشۇپ سۇدا ئىزىپ ئىچسە ئوڭاي تۇغىدۇ.

كۆكسى ئىششىپ قالغان ئايال سېرىق ماڭگو ، تېرىق ئۇنى ، قۇلۇم گۈلى، ئاق ئۇن قاتارلىقلارنى ئادەم سۈتى بىلەن يۇغۇرۇپ ، خېمىرىنى كۆكسىگە تېڭىپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

ئايال كىشىنىڭ كىندىكى ئاغرىسا ، كەندىر شېخىنى ئۈچ پارچە قىلىپ كېسىپ ، بىر قاچا مۇسەللەس ، ئىككى قاچا سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىنەك يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كىندىكىگە يېقىپ بەرسە ساقىيىدۇ.

كىمگە شامال دارىپ كېتىپ كۆزى ، ئاغزى مايماق بولۇپ قالغان بولسا ، قۇندۇز قەھرىنى سۇدا ئىزىپ سۈرۈپ ، ئەينەككە قاراپ بەرسە ، تۈزىلىپ كېتىدۇ.

بۇرۇن قانىغانغا داۋا : (:) ياش كۈنجۈت ئۇرۇقىنى سۇقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ بۇرۇنغا ئۈچ قېتىم تېمىتسا قان توختايدۇ.


كىمىكى قان سىيىدىغان بولۇپ قالسا ، پىيازنى پىشۇرۇپ ، ھەسەلگە مىلەپ يەپ بەرسە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

بۇرۇن قانىغاندا داۋا : كىرپە تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە قان توختايدۇ ، يەنە داۋا:

ئېلان بېشى مونچاقنى (:)  كۆيدۈرۈپ ، يۇمشاق سوقۇپ بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە ، قان توختايدۇ. يەنە داۋا : كۈنجۈت يېغىنى ئۇپا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاندىن بۇرۇننى پاكىز يۇيۇپ ، بۇرۇنغا تۇتۇپ بەرسە قان ناھايىتى تېز توختايدۇ.

چىش ئاغرىقىغا داۋا: بىر مىسقال قارىمۇچنى سىركە بىلەن قاينىتىپ ، سۇۋۇتۇپ ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە چىش ئاغرىقى توختايدۇ . يەنە داۋا: پىششىق سىڭىزنى سۇ بىلەن قاينىتىپ  ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

پۇت ئاغرىقىغا داۋا : كۈنجۈتنى قورۇپ ياخشى سوقۇپ ، قوي سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاغرىغان يەرگە يېقىپ بەرسە ، يەلدىن بولغان پۇت ئاغرىقى ئوڭشىلىدۇ.

قورساقتا ئۆلۈپ قالغان بالىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى: ئىت سۈتىنى مۇسەللەس بىلەن ئىچىپ بەرسە ، چۈشۈپ كېتىدۇ.

بۇرۇن ئىچىگە ئۆسمە گۆش ئۈسۈپ ، نەپەس قىيىنلاشسا ، قىزىل باغىر(قىزىل مىس) بىلەن يار تۇزى ئىككىسىنى يۇمشاق سۇقۇپ ، ئاندىن ئۇنى ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ بۇرۇن ئىچىگە كىرگۈزۈپ بەرسە ، ئۆسمە گۆش چۈشۈپ كېتىدۇ .

تۇمۇ(زۇكام) تېگىپ ساقايمىسا ، پىياز يىلتىزى بىلەن سامساق يىلتىزىنى سوقۇپ ، ئۇنىنى پاكىز ماي بىلەن يۇغۇرۇپ ، ئىسلانسا ھەر قانداق تۇمۇغا پايدا قىلىدۇ.

كىمنىڭ ئۈنى پۈتۈپ قېلىپ ئاۋازى چىقماي قالسا ، بىر سۇڭچە ئۈزۈم شېخىنى دەل ئوتتۇرىدىن يېرىپ ، ئازراق ئويۇپ ئوتتۇرىسىنى ئوي قىلىپ ، ئۇنىڭ ئىچىگە قىداي سىمىقىنى (بىر خىل دورا ئۈسۈملۈكى) چالا – بۇلا سوقۇپ ، ئۈچ – تۆت چىمدىم بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سېلىپ ئاندىن ئۈزۈم شېخىنى جىپسىلاشتۇرۇپ  يىپ بىلەن تېڭىپ، ئۇنىڭ سىرتىغا قەغەز يۆگەپ ، ئىسسىق كۈلگە كۆمۈپ ، يېرىلغان يېرى تۇتاشقاندىن كېيىن قەغەزنى سۇيۇۋېتىپ ، ئوتتۇرا چىش بىلەن چىشلەپ ، ئېغىزنى ئاچماستىن شەرۋىتىنى ئىككى-ئۈچ قېتىم شورىسا ئۈنى ئېچىلىپ كېتىدۇ . بۇ سىنالغان داۋا.

كۆز ئاغرىقىنىڭ داۋاسى : كۆز زورۇقۇپ ياشاڭغۇرىسا ، بېلىق ئۆتىنى كۆزگە ، ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ .

كۆز زەخمىلىنىپ كۆرمەس بولۇپ قالسا ، چۇۋىت(مۇلەن)نى سۇدا ئىزىپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە ئوڭشىلىپ  كېتىدۇ.  

قىزىل  ۋە ئاق چىندانلارنى قارىمۇچ ، ئىنەك يېغى  بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە  ، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ ، يەنە داۋا ، كۈنجۈت مېيى بىلەن ئىپارنى ئازراق قىزىتىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە ساقىيىدۇ .

دەم سىقىلىشقا  داۋا : قارا تۇبىن يۇمغاقتىن(بىر خىل دورا ئۈسۈملۈكى) ئىككى باقىرنى ئىككى باقىر  پىششىق سىڭىز بىلەن قوشۇپ ، ھەر كۈنى سەھەردە بوزا ياكى مۇسەللەس بىلەن ئىچىپ بەرسە ، دەم سىقىلىش ساقىيىدۇ.

دوۋسۇن ئاغرىقىغا داۋا : قارا تۈۋى ئارىرى (؟) تېنبار يۇسى(؟) نى تۆگە سۈتى بىلەن تەڭ نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ  ئىزىپ ، ئۇنى بىر باقىر ياكى يېرىم باقىر ئىنەك سۈتىگە سېلىپ ئىچىپ بەرسە ، ساقىيىپ كېتىدۇ.

قوتۇرنىڭ داۋاسىدىن سۆز ئاچايلى : يولدۇرغان ( بىر خىل دورا ئۈسۈملۈكى)نىڭ ياش چېچىكىنى يۇمشاق سوقۇپ بىر قۇشۇقچە ئېلىپ ، ئۇنى بىر ئاپقۇر قېتىققا قوشۇپ ، ئاچ قورساققا ئىچسە ساقىيىپ كېتىدۇ .

يەنە يولدۇرغاننىڭ قۇرۇق چېچىكىدىن بىر باقىرنى يۇمشاق سوقۇپ ئۇسسىغاندا ئىچىپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ. لېكىن كۆپ ئىچىۋەتسە بولمايدۇ .

يەنە چىقۇ تېشىنى (؟) ئۇششاق سوقۇپ ئىزىپ ، مىس تاۋىدا سارغايغۇچە قورۇپ ، كۈنجۈت مېيىغا ئارىلاشتۇرۇپ سۈرتۈپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ. يەنە قۇتۇرنىڭ داۋاسى: چوشقا ئۆتىنى ئۇدا ئۈچ سەھەر ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە ، قوتۇر ساقىيىپ كېتىدۇ.

ئېغىز  يارىسىنىڭ داۋاسى  : بىر ئاز قۇرۇق سىرىنى(؟) پىشۇرۇپ ، بىر كىچە تالادا قۇيۇپ  سۇۋۇتۇپ ، ئىككىنچى كۈنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ ، يۇمشاق سۇقۇپ يارىغا سىپىپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ.

ئاتتىن يېقىلىپ ياكى قامچا يەپ ۋە ياكى تامدىن يېقىلىپ زەخمىلىنىپ ئىچىگە قان چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەرگە داۋا: تۇخۇ تۇىۇمىدەك توغراق يىلىمىنى يۇمشاق سۇقۇپ ....(ئەسلى نۇسخىدا ئۆچۈپ كەتكەن) بىلەن ئىچىپ بەرسە ئوڭشىلىپ  كېتىدۇ.

بۇ سىنالغان داۋا.

يەنە دەم سىقىلسا (توغراق يىلىمىنى ) يۇمشاق سۇقۇپ بۇغۇزغا قۇمۇش بىلەن پۈركۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

مەيدە ئاغرىقىغا داۋا: نۇقۇتچا(پۇرچاقنىڭ بىر خىلى) نى يۇمشاق سۇقۇپ ، سوغاق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە مەيدە ئاغرىقى ساقىيىپ كېتىدۇ.

بۇغۇز ئىچىگە يارا چىقىپ ئېغىز ئالمىسا تىڭشۇ(؟) نى كۈيدۈرۈپ كۈل قىلىپ بۇغۇز ئىچىگە پۈركىسە ، ئېغىز ئالىدۇ . ئۇ ئېغىزدىن پۈركۈلىدۇ. ئىچ سۈرۈشكە داۋا : ئىت ئۈزۈمىنىڭ قاسرىقىدىن بىر باقىر ، ئاق ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن بىر باقىر، ئۈزۈم يىلتىزىدىن بىر باقىر  ...قاچا  سۇغا بىر ...سېلىپ بىر قاچا قالغاندا  بۇ ئۈچ بۇ ...بىرگە سېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ، كىمىكى ...كەچتە ياتقاندا ئىچىشى كېرەك . بۇ سىنالغان داۋا.

ئايال كىشىنىڭ كۆكسى ئىششىپ ئاغرىسا تىڭ...نىڭ تۇ....نى پۇرچاقتەك (يۇمۇلاق) ....ئىچۈرۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ ........

قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

كۆكيال ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 08:08 , Processed in 0.139857 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat