ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1496|ئىنكاس: 7

mp4 پىچىمدىكى خەلق ناخشىلىرىنىڭ MV سىنى چۈشۈرۈڭ ( كۆرۈڭ، ئاڭلاڭ)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىزدىنىشتىكى پىنھام يوللىغان بۇ ناخشىلارنى كۆرسىڭىز ھوزۇرلىنىسىز، چۈشۈرۈپ ساقلىۋېلىشقا ئەرزىيدۇ.

مىراجىخان ناملىق بۇ پىلاستىنكا كۇچار ناھىيلىك ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ ئىشلىگەن پىلاستىنكا بولۇپ ، شىنجاڭ ئىزگىل سىتودىيىسى ، بۇ پىلاستىنكىدىكى بارلىق ناخشىلارنىڭ رىژىسورلوق ، سىنارىيە يېزىش ، ئوپىراتورلۇق ، مۇنتاژلىق قاتارلىق خىزمەتلىرىنى مۇستەققىل تاماملىغان . پىلاستىنكىدىكى 14 يۈرۈش MV غا قاتناشقان ئاكتىيورلارنىڭ كىيىم - كېچىكى ۋە مەيدان ، كۆرۈنۈشلەرنى ئىزگىل شىركىتى ئۆزى مۇستەققىل پىلانلاپ ئۇرۇنلاشتۇرغان بولۇپ ، MV ئىشلىنىش سەۋىيىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى . ھەتتا ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر MV چىلىقىدا ئىشلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى MV دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن .
ئىزگىل سىتۇدىيىسى بۇ MV لارنى ئىشلەش ئۈچۈن ھازىرقى دەۋىردىكى ئەڭ زامانىۋى ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەن بولۇپ ، كۆرۈنۈشلەرنىڭ سۈزۈكلۈكى ئالاھىدە سۈزۈك بولۇشتىن تاشقىرى ، كۆرۈنۈشلەرنىڭ رەڭ قاتلىمى تولىمۇ ئىنچكە ۋە رەڭدار چىققان  . ئوپىراتورلارنىڭمۇ  سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ ، دىيارىمىزدىىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كەسپى ئوپىراتورلاردىن دېسەكمۇ لاپ كەتمەس دەپ ئويلايمەن . (دوستۇم بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس دەۋاتمايمەن )
ئەمدى فىلىمنىڭ رېژىسورلىقى ، سىنارىستلىقى ۋە مۇنتاژلىقىدەك ئەدەبىي تەرەپلىرىگە كەلسەك ، فىلىمنى تاھىر ھامۇت ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلاپ تۇتقان بولۇپ ، ھەر بىر ناخشىنىڭ كىلىپ چىقىش جەريانى ۋە پىرسۇناژلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەل ئەنئەنىلىرىنى ئىنىچكە ھالقىلىرىغىچە ئېنق گەۋدىلەندۈرۈشكە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن .
ئومۇمەن ، بۇ فىلىملەر بەدىئيلىكى ۋە تېخنىكلىق تەرەپلىردە ئۇيغۇر MV چىلىقىغا بىر ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن دىيىشكە بولىدۇ .
ئۇيۇشتۇرغۇچى : كۇچار ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى
رېژىسور ، سىنارىست  : تاھىر ھامۇت
ئوپىراتور : ئادىل ھامۇت (تۈمەن) ، قۇربان ئەلى
فىلىملەر ئەڭ سۈزۈك (超清) ھالەتتە يوللانغان بولۇپ ، تور سۈرئىتىڭىز يىتىشكەن ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ سۈزۈك ھالىتىنى تاللاپ كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

مىراجىخان http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzU5Mzk2.html
دادەي http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzU4OTgw.html
بۇلبۇلجان http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzU4ODAw.html
ئۇچلىماڭ بىلەگىمنى http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzYxODk2.html
دەردىڭ يامان http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzYyMTIw.html
سۇلتان بۇغراخان http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzYyNDYw.html
ئامان جۆرىلەر http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzY0ODUy.html
بالىخان دادەي http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzY0OTM2.html
فورمالى http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzY1ODI0.html
كارىز ناخشىسى  http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzY4MTMy.html
تومۇچۇغۇم سايرايدۇ http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzY4Mzky.html
گۇليارىخان http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzcxNDY4.html
ئاغۇ بۇلاقنىڭ تاغلىرى     http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzc1MzQ0.html

مەن بۇ دىتالدا چۈشۈرۈۋالدىم   FLV چۈشۈرۈش دىتالى FLVDownloader-xmlbar بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   burkut1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-30 12:53  

ۋاقتى: 2013-9-1 09:07:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇچالىق باللا ئەسلى نۇسخىسىنى تەمىنلىمەمسىلەر؟؟؟
ۋاقتى: 2013-9-1 09:51:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maarip يوللىغان ۋاقتى  2013-9-1 09:07
كۇچالىق باللا ئەسلى نۇسخىسىنى تەمىنلىمەمسىلەر؟؟؟

mp4 پىچىمدىكىنى چۈشۈردۈم. ھەقىقەتەن سۈزۈككەن.
ۋاقتى: 2013-9-1 10:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bihayat يوللىغان ۋاقتى  2013-9-1 09:51
mp4 پىچىمدىكىنى چۈشۈردۈم. ھەقىقەتەن سۈزۈككەن.

مەن چۈشۈرسەم FLV چۈشتىغۇ؟ www.yinyuetai.com دا بارمىكەن؟
ۋاقتى: 2013-9-1 10:41:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maarip يوللىغان ۋاقتى  2013-9-1 10:10
مەن چۈشۈرسەم FLV چۈشتىغۇ؟ www.yinyuetai.com دا بارمىكەن؟

تېمىنىڭ ئاستىدىكى دىتالدا چۈشۈردۈم، سۈزۈكنى چۈشۈرۈشنى تاللىسام mp4 چۈشتى.
ۋاقتى: 2013-9-22 13:28:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  چۈشرەلمىدىم     يوللىغان دىتالڭىز    قاملاشمىدى     دوسلار بولسا   تېخمۇ ياىشى دىتالنى تەۋسىيە قېلىڭلار  
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-29 19:48:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
trojan يوللىغان ۋاقتى  2013-9-22 13:28
مەن  چۈشرەلمىدىم     يوللىغان دىتالڭىز    قاملاشمىدى     د ...

سەينادىن « تور چۈشۈ » دەپلا ئىزدەڭ، چۈشۈرگۈچ تولا.
ۋاقتى: 2014-6-1 21:14:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەممىنى چۈشۈرىۋالدىم.رەھمەت يوللانما ئىگىسى!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 01:44 , Processed in 0.155410 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش