ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1046|ئىنكاس: 2

ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە كۆكتاتلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە كۆكتاتلار



نۇرغۇنلىغان ئوزۇقلۇقشۇناسلار ۋە ھۆسن تۈزەش مۇتەخەسىسلىرى كىشلەرگە كۆكتاتنى كۆپ يەپ بېرىشنى ئەسكەرتىدۇ. كۆكتاتنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ۋىتامىنلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار .كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ  بەرسە  قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىشقارلىق دەرىجىسىنى ئاشۇردۇ .تېرىنى ساغلاملاشتۇرۇپ گۈزەللەشتۈردۇ .ئۇنىڭدىن باشقا بەزى كۆكتاتلارنىڭ ئالاھىدە تېرە ئاسراش رولى بار .  



تۆۋەندە ھۆسن تۈزەش رولىغا ئىگە بىر نەچچە تۈرلۈك كۆكتات تونۇشتۇرۇلىدۇ.  


1.تەرخەمەك



  تەرخەمەكنىڭ تېرىنى قورۇش ۋە قورۇق يوقىتىش رولى بار بۇلۇپ، تېرىسى قارا ئادەملەرگە نىسبەتەن ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولدۇ .يەنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى يۈز يۇيۇشتىن ئىلگىرى تەرخەمەكنى يالپاق توغراپ يۈزگە سۈركەپ،بىر نەچچە مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۋەتسە يۈزدىكى قارا داغلارنى چۈشۈردۇ.



2. شوخلا   



   *شوخلا   شىرنىسىگە ئازراق ئاق ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ يۈز،قول ۋە بىلەككە سۈركىسە تېرىنى ئاقارتىدۇ ۋە يۇمشاق قىلىدۇ . بولۇپمۇ دانىخورەك چىققان يۈزگە ئىشلەتسە يۈزدىكى ماينى تۈگتىپ ،يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .  

  * ئىسسىق سۇ بىلەن يۈزنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ ،پاكىز سۈرتكەندىن كېيىن چالا پىشقان پەمدۇرنى سىقىپ سۈينى چىقىرىپ ،يۈزگە سۈركەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن پاكىز سۇدا يۇيۇۋەتسە ۋە شۇ تەرىقىدە ئەتگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن سۈرتسە يۈزنى پارقىراق،نۇرلۇق قىلدۇ .


   3. كاۋا قورۇق يوقىتىدىغان ۋە تېرىنى سىلىقلاشتۇردىغان ياخشى كۆكتات .  



* كاۋىنى قىرىپ ،شىرنىسىنى چىقىرىپ، ئازراق ھەسەل ۋە سۇ قوشۇپ يۈزگە سۈركەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن يۇيۇپ ،بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەپتىدە 5 ~ 3 قېتىمغىچە داۋاملاشتۇرغاندا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولدۇ .  
*كاۋىنى ئاقلاپ،ياپىلاق توغراپ ،ئۇنىڭغا تەڭ مىقتاردا سۇ ۋە سېرىق ھاراق قوشۇپ ئېزىپ،مەلھەم بولغۇچە قاينىتىپ، ھەر كۈنى كەچتە يۈزىگە سۈركەپ،ئەتىسى ئەتىگەندە يۇيىۋەتسە بولىدۇ.  
*ئاچچىق كاۋىنى ئېزىپ، شىرنىسنى چىقىرىپ ،تېرىگە سۈركىسە ھۆل تەمرەتكىنى يوقىتىپ، قۇرت ئۆلتۈردۇ.تەمرەتكىنى داۋالاپ قىچىشىشنى تۈگىتىدۇ.
  

4.ياڭيۇ   




  ياڭيۇنى ئاقلاپ ئەزگەندىن كېيىن ،تۇخۇم سېرىقى بىلەن سۈت ئارلاشتۇرۇپ ،ئۇماچسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ ،ئاندىن مۇۋاپىق دەرجىدە قىزىتىپ،ئۇنى يۈزگە سۈركەپ 20 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۈ بىلەن يۇيۇۋەتكەندە قۇرغاق تېرە يۇمرانلىشىپ  ،سىلىقلىشىپ، ئىلاستىكىىلىققا ئىگە بولدۇ

5.سەۋزە



*كۈندە بىر ئىستاكان سەۋزە شىرنىسىنى ئىچسە تېرىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ.
*يېڭى سەۋزىنى ئېزىپ ،شىرنىسنى چىقىرىپ ،ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈزگە سۈركەپ ،قورغاندىن كېيىن ئۆسۈملۈك مېيى سۈركەلگەن قولياغلىق بىلەن سەپكۈن بار جاينى يېنىك ئۇرۇپ بەرگەندە يۈزدىكى سەپكۇننى چۈشۈرۈشتە بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.  
*ئىككى باش سەۋزىنى قىرىپ،بىر قوشۇق ياڭيۇ تالقىنى ۋە بىر دانە تۈخۈم سېرقى قوشۇپ ئارلاشتۇرۇپ،ئۇنى يۈزگە سۈركەپ 20 مىنىتتىن كېيىن ئاۋۋال ئلمان سۈدا،كېيىن سوغۇق سۈدا پاكىز يۇيۇۋەتكەندە تېرىنى يۇمران،پارقىراق قىلىدۇ.


6. سامساق  

   

بىر چىش سامساقنى ئېزىپ ،بىر قوشۇق ھەسەل (ياكى تۇخۇم سېرقى ) قوشۇپ ،ئۇن بىلەن ئارلازتۇرۇپ 10 سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ،يۈزنى پاكىز يۇيۇپ سۈركەپ تەخمىنەن ئىككى مىنۇت ئەتىراپىدا تۇرغۇزۇپ ،ئىسىسىق سۈدا يۇيۇۋەتسە ،سامساقنىڭ پۇرقى چىقىپ كىتىدۇ . ئۇنىڭدىن ئارتۇق تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ.بو خىل ئۇسۇل بىلەن يۈزنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،تېرىنى قىزىل ،سىلىق قىلغىلى بولىدۇ.



7.ئاخۇنباش(گۈمبەدەك،موگو)   



ئاخۇنباش(گۈمبەدەك،موگو) تەركىبىدە18 خىل ئامىنۇ كىسلاتاسى ۋە مول مىنېرال ماددىلار بىلەن مىكرو ئېلمېنىتلار بار . ئاخۇنباش(گۈمبەدەك،موگو)دىن ئىبارەت بو يىگىلى  بولدىغان يۇقىرى ئاقسىللىق زەمبۇرۇغىنى دائىم يىسە ،ئورگانىزىم تۇقۇلمىلرىنىڭ ‹‹قورلۇش ماتېرىيالى›› نى ئۈلۈكسىز تۇلۇقلاپ ،تېرىنى ئوزوقلۇققا ئىگە قىلىش ئارقىلىق سىلىق ۋە يۇمشاق  قىلغىلى ،چاچلارنى قارا ھەم پارقىراق قىلغىلى بولىدۇ. ئاخۇنباش(گۈمبەدەك،موگو)ىڭ تەركىبىدىكى مىكرو ئېلىېمېنتلار   ۋە مول ۋىتامىن 12 ب ،ۋىتامىن د، ۋىتامىن  ئا  قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىنىڭ رۇخسارىنى گۈزەللەشتۈردىغان، چاچنى ئاسرايدىغان ۋە ئوزۇقلاندۇرىدىغان ياخشى ماتېرىياللار  بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ،موگۇ ھەققەتەنمۇ ھۆسن گۈزەللەشتۇرىدىغان ئېسىل يېمەكلىك بولۇشقا موناسىپ


8.ئاق تۇرۇپ  



    ئاق تۇرۇپنىڭ پوستىنى ئېزىپ ،شىرنىسىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تەڭ مىقداردا قايناق سۇ قوشوپ يۈز يوسا ،تېرە سۈزۈك ۋە سىلىق بولىدۇ .  




             مەنبە:شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرياتى نەزىر قىلغان   «ئۇيغۇر تېبابىتىدە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش» دېگەن كىتابتىن  ئېلىندى!

مىسرانىمدىن: گۈلچۈشى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alwasti1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-28 10:28  

ۋاقتى: 2013-8-28 12:44:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا  كۆپ رەخمەت
ۋاقتى: 2013-9-29 21:09:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرايلىق بولۇشنىڭ بىر نەچچە خىل سىرلىرى
كۆزىڭىزگە يىڭناسقۇ چىقىپ قالسا:
پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سويىۋىتىپ ،قولياغلىققا ئوراپ يىڭناسقۇنىڭ ئۈستىدىن ئىسسىق ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ،ئىسسىق سۇغا چىلانغان پاكىز لاتا بىلەن بىر نەچچە قىتىم سۈرتۈپ بەرسىڭىز يىڭناسقۇ ئوڭايلا يوقاپ كىتىدۇ.
ئەگەر تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى يۈزىڭىزگە داغ چۈشۈپ قالغان بولسا، چامغۇر ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقداردا يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،تۇخۇمنىڭ ئىقىغا ئىلىشتۈرۈپ مەلھەم قىلىپ،ئاخشىمى ياتار ۋاقتىدا يۈزىنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كىيىن يۈزگە سۈركەپ بەرسە،يۈزدىكى داغنى چۈشۈرىدۇ.
يۈز يۇيىدىغان سۇغا بىر قانچە تامچە ئاچچقىسۇنى تىمىتىۋەتسە يۈزنى سىلىق قىلىپ ئاقارتىدۇ.
پىياز سۈيىنى يۈزگە چىپىپ بەرسە رەڭگى-رويىنى چىرايلىق قىلىدۇ.
ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشتىكى ئاددىي رىستىپلار
1.خولۇنجاننى سوقۇپ تاسقاپ،زەيتۇن يىغى ياكى ياسىمەن يىغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا،تىرىنى ياشارتىپ،تىرىدىكى قورۇقنى يوقىتىدۇ ۋە داغلارنى چۈشۈرىدۇ.
2.چامغۇر ئۇرۇقىنى سوقۇپ،كۈنجۈت يىغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ،يەرلىك ئورۇنغا چاپسا،تىرىنى ياشارتىپ، تىرىدىكى قورۇقنى يوقىتىدۇ ۋە داغلارنى چۈشۈرىدۇ.
3.بادام مىغىزىنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى قاش ۋە كىرپىككە سۈرمە قىلىپ تارتسا،تۈك بەزلىرىگە قۇۋەت بىرىپ،قاش،كىرپىكلەرنى ئۆستۈرىدۇ ۋە قارايتىدۇ.
4.قۇرۇتۇلغان تۇخۇم ئىقىنى سوقۇپ،ئۇپا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ،تەكشى ئارلاشتۇرۇپ دانخورەك ئۈستىگە باسسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ گۈل يىغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ دانخورەك ئۈستىگە چاپسا،ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
5.تولۇق پىشقان تاتلىق قوغۇن مىغىزىنى ئىزىپ،شۇ قوغۇننىڭ سۈيىگە تەكشى ئارلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا،تۇغۇتتىن كىيىنكى داغنى چۈشۈرىدۇ،چىراتىدىكى قورۇقلارنى يوقىتىپ،يۈز تىرىسىنى پارقىرىتىدۇ ۋە سىلىقلاشتۇرىدۇ.
6.يەرلىك سەۋزىنى ئۇششاق توغراپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ قاينىتىپ،كۈندە بىر قانچە قىتىم سەۋزە قاينىتىلغان سۇ ھورىدا يۈزىنى ھورلاندۇرسا،داغنى چۈشۈرۈپ چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
7.لاچىندانىدىن 10 گرام،ناۋاتتىن 100 گرام ئىلىپ،سوقۇپ تاسقاپ تەييارلاپ كۈندە 3قىتىم،ھەر قىتىمدا 20گرامدىن ئىستىمال قىلسا،تىرىنى پارقىرىتىپ،چىراينى جۇلالاشتۇرىدۇ.
8.تۇخۇم ئىقىدا نىشالا چىقىرىپ،يۈز قىسمىغا چاپسا،يۈز تىرىسىنى سىلىقلاشتۇرۇپ پارقىرىتىدۇ.
9.ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىنى ئىزىپ،تۇخۇم ئىقى بىلەن خىمىر قىلىپ بىر ئاي ئەتراپىدا ھەركۈنى بىر ۋاخ يۈزىگە سۈرتسە،يۈزىدىكى سەپكۈن يوقىلىدۇ.
10.لىمۇننىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى تىرىسىگەچاپسا،تىرە يۈزىدىكى سەپكۈن،داغ،ئاق داغ ۋە دانخورەكلەرگە شىپا بولىدۇ.
11.تەرخەمەك (خوڭگا)نى ئوتتۇرىسىدىن ئىككى پارچەقىلىپ،كۈندە 15مىنۇت ئەتراپىدا يۈزگە سۈرتۈشنى بىر ئاي داۋاملاشتۇرسا،يۈزدىكى سەپكۈن يوقىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 08:22 , Processed in 0.132075 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat