ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1889|ئىنكاس: 13

[Linux] ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتىن - ئىشلىتىشلەرگىچە ( 3 قىسىم )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتىن - ئىشلىتىشلەرگىچە ( 1- قىسىم )
ئاپتورى: sebirqadir  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر ، مەن بۈگۈن ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتىن باشلاپ - تەڭشەپ ئىشلىتىشلەرگىچە تەپسىلى مەلۇمات بەرمەكچى ، كۆڭۈل قويغىنىڭلارغا رەھمەت ...
                                                                          ئۇيغۇرئىكىس– ئۇبۇنتۇ
                                                        مەشغۇلات سىستېمىسى  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم -ئەزىزلەر، بىرنەچچە يىلدىن بىرى ئۇبۇنتۇ ،ئۇيغۇرئىكىس دىگەن ئاتالمىلار بىلەن ئۇيغۇر توربىكەتلىرىدە تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى كۆپچىلىكنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى دىگەندەك تارتىپ كىتەلمەيۋاتىدۇ .بۇتولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولدى .ئەسلىدە بۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىق ساھاسىدىكى قەدىرلەشكە تىگىشلىك يېڭىلىق ئىدى .نىمەئۈچۈن قەدىرلەنمىدى ؟مەن بۇ سۇئالغا ئاددى قىلىپ مۇنداق جاۋاپ بىرىپ كەلدىم .ھەممىمىز كومپىيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى دىسە پەقەت ۋىندوۋىسنىلا تۇنۇپ كەلدۇق .شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرچىنى ئاساسەن قوللىمايدىغان بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىپ كۈنۈپ قالدۇق .ئۇيغۇرچىنى پۈتۈنلەي تۇنۇيدىغان ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىرەر قېتىم سىناپ كۈرۈشكەجۈرئەت قىلمىدۇق .سىناپ كۆرگەنلەر ۋىندوۋىسقا ئادەتلەنگەن مەشغۇلات ئۇسۇلىدىن چىقىپ كىتەلمەي ،تەڭشەشلەرنى ياخشى ئېلىپ بارالماي ،ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىگىنى كۈرۈپ بولالماي ۋاز كەچكەندەك قىلىمىز .
مەن بۇ يازمىنى تۈۋەندىكى سەۋەپلەر بىلەن تەييارلاۋاتىمەن .
ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سېستىمىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز .ئۇيغۇرچىنى خەلىقئارالىق تىللار قاتارىدا تۇنۇيدۇ.ۋىندوۋىسنىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان نۇرغۇن نوقسانلىرىغا خاتىمە بىرىلگەن .يېزىق كىرگۈزگىلى بولىدىغان ھارقانداق يەرگە ئۇيغۇرچىنى باشقا تىللارغا ئوخشاشلا يازغىلى بولىدۇ .ھەرقانداق يەردە ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى ئۆلچەملىك كۆرگىلى بولىدۇ .

ئۇيغۇرئىكىس ۋە ئۇبۇنتۇ ئەمىلىيەتتە بىر گەپ .پەرقى:ئۇبۇنتۇ بولسا خەلىقئاراغا ئورتاق تارقىتىلغان سېستىما ھۆججىتى .ئۇيغۇرئىكىس بولسا ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈپ تارقاتقان نۇسخا .مەيلى قايسىنى قاچىلىمايلى ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ .
بۇ سېستىمىنى قاچىلاش ۋىندوۋىسنى قاچىلاشقا ئوخشىمايدۇ .(ئاددى)مەن ئۇبۇنتۇ ياكى ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاش ۋەتەڭشەش ھەققىدە مۇنداق مەزمۇنلارنى تەييارلىدىم . پايدىلانغايسىلەر.
ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى ئىشلىتىش نىيىتىگە كىلىشىڭىز ئۈچۈن مۇنداق باھانە سەۋەپنى كۆرسىتىمەن.  بىر كومپىيۇتىرغا ۋىندوۋىس ۋە ئۇبۇنتۇنى قوش سىستېما قىلىپ قاچىلىۋېلىش سىزگە زور قۇلايلىق ئېلىپ كىلىدۇ .قىلچىلىك زىيان سالمايدۇ .
سىز بۇ باھانە سەۋەپتىن گۇمان قىلماسلىقىڭىز كېرەك .ئاندىن ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنىڭ ۋىندوۋىس ئىشلىتىشتىن ئاسان ئىكەنلىگىگە ئىشىنىشىڭىزكېرەك .قەتئى نىيەتكە كەلگەن چېغىڭىزدا تۈۋەندىكى تەرتىپلەر بويىچە قاچىلاش ۋە تەڭشەش مەشغۇلاتلىرىنى داۋانلاشتۇرسىڭىزلا ، ئىكرانىڭىزدا ئەزەلدىن تەسەۋۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ھەقىقى ئۇيغۇرچە سىستېمىنى كۈرەلەيسىز .تەخمىنەن ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ئايدىن كىيىن ۋىندوۋىستىن ئاغرىنىش ھىسياتى پەيدابولىدۇ . سىز پەقەت ئۇيۇنخۇمار ئادەم بولمىسىڭىزلا .
   ئەمىسەباشلاڭ !ئالدى بىلەن ubuntu-12.04.2-desktop-i386.iso نى ياكى uyghurix1.0.iso نى چۈشۈرۈڭ .(قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان نۇسخسى azade-uyghurix 1.4 نى چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ ، مەنزىل auyghurix.com )بۇنى گۇگىل ئىزدەش ماتۇرىدىن ئىزدىسىڭىزلا چۈشۈرەلەيسىز . ياكى مۇنۇ ئادرىسدىن چۈشۈرۈڭ : http://www.qutbeg.com/?page_id=2بۇ يەردە ئۇبۇنتۇنىڭ ھەرخىل نۇسخىلىرى بار ، ئەڭ مۇنتىزىم نۇسخىسى ئۇبۇنتۇ 12.04.2 . كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى پەۋقۇلئاددە ياخشى بولسا 12.10 ياكى 13.04 نى سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ .
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قانداق ئۇسۇلدا قاچىلاپ ئىشلىتىشنى قارار قىلىڭ .ۋىندوۋىس ئىچىدە مەۋھۇم سىستېما قىلىپ قاچىلامسىز؟ (كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى ئىلغارراق بولسا ، ياخشى ئىشلەيدۇ )
ۋىندوۋىس بىلەن قوش سىستېما قىلىپ قاچىلامسىز ؟(سىزنىڭ ئەسلىدىكى سىستېما ۋە باشقا ھىچنەرسىڭىزگە تەسىر قىلماستىن قاچىلىنىدۇ .)
كومپىيۇتىرىڭىزغا ئۇبۇنتۇنى ئايرىم قاچىلاپ ئىشلىتەمسىز؟
ئۇبۇنتۇنى قاچىلىماستىن سىناپ ئىشلىتەمسىز ؟
ئۇبۇنتۇنى بارماقدىسكا ياكى كۆچمە دىسكىغا قاچىلاپ، بىخەتەر ئىشلىتەمسىز ؟
تاللىۋېلىڭ!



ۋىندوۋىس        ئىچىگە مەۋھۇم سېستىما قىلىپ قاچىلاش        ئۇسۇلى                   xp        virtualbox  , win7  virtualbox   , win8  virtualbox          دىگەنلەرنى        ئۈزىڭىزگە ماس ھالدا ئىزدەپ چۈشۈرۈپ        قاچىلاڭ .ياكى بۇ دىتالنى مۇنۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ  http://yunpan.cn/QnSPEUkWIG6FIقاچىلانغاندىن كىيىن virtualbox نى قوزغىتىڭ .新建نى بېسىڭبىرىنچى رامكىغا ubuntu دەپ يازسىڭىز ، ئاستىدىكى رامكىلار ئاپتۇماتىك تاللىنىدۇ . ياكى قولدا تاللاپ بەرسەك بولىدۇ . 下一步 قىلىمىز ...كۆڭۈلدىكى ھالەتكە تەگمىسەكمۇ بولىدۇ ، 下一步 قىلىمىز ...رەسىمدىكىدەك تاللاپ 创建 قىلىمىز ...ھەرخىل تاللاشلار بار ، رەسىمدىكى ھالەتتە بولسىمۇ بولىدىكەن ( مەنمۇ بۇ ھەقتە ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس )  下一步 قىلىمىز ...下一步 قىلىمىز ...بۇ يەر مۇھىم ، سىز مەۋھۇم دىسكا رايۇنىنى C دىسكىغا (سىستېما رايۇنىغا ) قويماڭ . باشقا دىسكىلارغا خالىغان يەرگە بەلگۈلىسىڭىز بولىدۇ . ئاز بولغاندا 8گىگابايىت بولسۇن ، ئەھۋالغا قاراپ قانچىلىك چوڭ قىلسىڭىز بولىدۇ . دىسكىڭىز يەتكەنگە قەدەر . ئورۇننى بەلگۈلەش ئۈچۈن ، ئۈستىدىكى رامكىنىڭ ئودۇلىدىكى قىسقۇچ سىنبەلگۈسىنى چىكىپ ، قۇيىدىغان ئورۇننى تاللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ .创建 قىلىمىز ...مەۋھۇم سىستېما قاچىلايدىغان دىسكا قۇرۇلدى ، ئەمدى ئۇبۇنتۇنىڭ قايسى نۇسخىسىنى قاچىلاش ۋە بىرقىسىم تەڭشەشلەرنى قىلىمىز . 设置 نى باسىمىز ...بۇ يەردىن 存储نى باسىمىز...بۇ يەردە كۈرۈنگىنى بولسا ئۈستىدىكى مەۋھۇم نۇردىسكا ، ئاستىدىكى مەۋھۇم قاتتىق دىسكا .مەۋھۇم نۇردىسكىنى چەكسەك رەسىمدىكىدەك كۈرۈنىدۇ، ئوڭ تەرەپتىكى -----第二IDE دىگەننىڭ ئوڭ يېنىدىكى نۇردىسكا سىنبەلگۈسىنى چىكىپ ، بىز چۈشۈرۈۋالغان ئۇبۇنتۇ ياكى ئۇيغۇرئىكىس سىستېما ھۆججىتىنى تاللاپ بىرىمىز .تاللاپ بەرگەندىن كىيىن 确定 قىلىمىز ... ئاندىن 启动نى چىكىمىز .تاللىغىنىمىز ئۇيغۇرئىكىس 1.0 بولسا مۇشۇنداق كۈرۈنىدۇ . ( ئارلىقتا ئەسكەرتمە ئۇچۇرلار چىقسا نەزەرگە ئالماڭ .) بۇ يەردىن 2 - نى تاللايمىز - يەنى قاچىلاپ ئىشلىتىشنى تاللايمىز .بۇ كۆزنەك ئېچىلىدۇ ، سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈڭ ...بۇ قاچىلايدىغان تىلنى تاللاش رايۇنى ، بۇ يەردە 150 خىلدىن ئارتۇق تىل بار ، بىز ئۇيغۇرئىكىس 1.0 نى قاچىلىغان ۋاختىمىزدا بۇ يەردە مەيلى قايسى تىلنى تاللىمايلى سىستېما ئۇيغۇرچە قاچىلىنىدۇ . (ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلى سىستېما ھۆججىتىنى ئىشلەتكەن بولسا تاللىغان تىلنى ئاساس قىلىپ قاچىلايدۇ ، ) ئۇيغۇرچىنى تاللايلى ... ( سىز ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تاللىغان بولسىڭىز ئۈستىدىكى مۇشۇ كۆزنەك چىققانغا قەدەر ھىچنىمىگە تەگمەڭ، پەستىكى باسقۇچلار ئورتاق )بۇ يەردىن ئۇبۇنتۇنى ئورنىتىمەننى تاللايمىز ...بۇ يەنە ئەڭ دىققەت قىلىدىغان نوقتا ... ئەگەر سىز ئىشلىتۋاتقان تور  توربۆلگۈچتىن چىققان بولسا ( لىۇيوۋچىدىن چىققان بولسا) ، ئەسلىدە نۇرمال ئىشلىۋاتقان بولسىڭىز ، رەسىمدىكىدەك كۈرۈنىدۇ .تورنىڭ سۈپىتى تازا ئىشەنچىلىك بولمىسا تور سىمىنى ئېلىۋېتىڭ ، تورىڭىز نۇرمال بولسا مۇشۇ يەردىكى تاللايدىغان يەرنىڭ ھەممىنى تاللاڭ . ئەگەر ئىشلىتىۋاتقان تور تىزىملىتىپ كىرىدىغان تور بولسا ، مۇنداق تەڭشەيمىز ...يەنى ئىكراننىڭ ئۈستى تەرەپتىكى تور سىن بەلگۈسىنى چىكىپ ، چىققان تىزىملىكتىن ئەڭ ئاستىدىكىنى تاللايمىز ...مەسىلەن سىملىق كەڭ بەلۋاغلىق تور بولسا ، DSL نى تاللاپ ، Add (قوشۇش) نى چىكىمىز ...بۇ يەردە ئەڭ ئۈستىدىكى رامكىغا ئىختىيارى ئىسىم قويۇمىز ، پەستىكى 3 دانە رامكىنىڭ بىرىنجىسىگە بىزنى تور بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ بەرگەن ئىشلەتكۈچى ئاتى ( كەڭ بەلۋاغلىق تور نومۇرى ) نى يازىمىز ، ئىككىنجى رامكا بوش قالىدۇ . ئۈچىنچى رامكىغا كەڭ بەلۋاغلىق تورىمىزنىڭ ئىناۋەتلىك مەخپى نومۇرىنى يازىمىز . ئاندىن wired (سىملىق) نى چىكىمىز...بۇ يەردىن Device MAC address (ئۈسكىنە ماس ئادرىسى) دىن كۈرۈنۈپ تۇرغان مودىمنىڭ ئادرىسىنى تاللاپ قۇيىمىز . ساقلاش ( Save ) نى باسساق تامام .تورغا ئۇلانسا ئۈستىدىكى تور سىنبەلگۈسى بىربىرىگە قارشى قوشماق يۈنىلىش بەلگۈسىگە ئۆزگۈرىدۇ .مۇشۇ يەردىن ھەممىنى تاللاش قىلىپ داۋاملاشتۇرۇشنى باسىمىز ...كۈڭۈلدىكى ھالەتكە تەگمەستىن داۋاملاشتۇرىمىز ...بۇ يەردە كۆڭۈلدىكى ھالەتتە بىز قۇرغام مەۋھۇم دىسكىنىڭ سىغىمىغا ماس سان كۈرىنىدۇ . تەگمەستىن داۋاملاشتۇرىمىز ...بۇ يەردىن ئۇرۇمچى ياكى قەشقەرنى تاللاپ بەرگىلى بولىدۇ ...ۋەياكى باشقا يەرنى تاللىسىمۇ بولىدۇ ، بۇ  ۋاقىت رايۇنىنى بەلگۈلەپ بەرگىنىمىز ، ئۈرۈمچى ۋاختىنى ئىشلەتمەكچى بولساق ئالمۇتانى تاللىساقمۇ بولىدۇ . داۋاملاشتۇرىمىز ...ھەرىپ تاختا تاللايدىغان ئورۇن چىقىدۇ -ھەرىپتاختا ئۈچۈن  Englishus نىتاللاپ ، كىرگۈزگۈچ قاتارىدىن (english(us international with dead key نىتاللىساق بولىدۇ .
بۇنداقبولغاندا لاتىنچە ھەرىپ بىلەن ئىپادەقىلىنىدىغان ئۇيغۇر تىلىنىمۇ يازغىلىبولىدۇ . ( نىمىشقا ئۇيغۇرچىنى تاللىمايمىز دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن ، سەۋەبى تور ئادرىسلىرى ئۈچۈن لاتىنچە يازمىساق بولمايدۇ ئەمەسمۇ ؟ لېكىن سىستېمىغا كىرگەندىن 150 خىل تىلغا ماس كىلىدىغان كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ھەممىنى تاللىغىلى بولىدۇ )بۇ تىمامدا يوللىغىلى بولىدىغان قۇشۇمچە ھۆججەت ( رەسىم ) چەكلىمىسى تۇشۇپ قالدى ، كىيىنكى باسقۇچلارنى يېزىق ئارقىلىق بىر قۇرۇپ ئىزاھلاپ قۇياي ...داۋاملاشتۇرۇشنى باسساق ، ئىشلەتكۈچىنى تىزىملايدىغان كۆزنەك چىقىدۇ ، ئىشلەتكۈچى نامىمىز ، كومپىيۇتېرنىڭ ئىسمى ۋە مەخپى نومۇرىمىزنى ئىىتىيارى بەلگۈلەيمىز . سىستېمىغا كىرگەندە ئىم سورىسۇننى تاللاپ قويساق ياخشىراق .بۇ باسقۇچلاردىن كىيىن سىستېما قاچىلىنىپ بولغاندا سىستېمىنى قايتا قوزغىتىش  ئۇچۇرى چىقىدۇ .enter قىلسىڭىز سىستېما قايتا قوزغىلىدۇ . ئەگەر يەنىلا نۇردىسكىدىن قوزغىلىۋالسا ، مەۋھۇم نۇردىسكىدىكى دىسكىنى چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ .    بۇ قېتىم تۇنۇشتۇرغىنىم ئۇيغۇرئىكىس1.0 نى ئاساس قىلدى . ئۇبۇنتۇ نى قاچىلاشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش .كومپىيۇتېرغا ھەقىقى قاچىلاش ۋە تەڭشەش باسقۇچلىرىنى 2- قىسىم يازمامدىن كۆرگەيسىلەر .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-28 10:02:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتىن - ئىشلىتىشلەرگىچە ( 2- قىسىم )
ئاپتورى: sebirqadir  


ئالدىنقى قىسىمدا ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى ۋىندوۋىسنىڭ ئىچىگە مەۋھۇم سىستېما قىلىپ قاچىلاشتىن چۈشەنچە بەردىم. ئەمدىكى مەزمۇن ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى ھەقىقى قاچىلاش ھەققىدە بولسۇن ...
بىز ئۇيغۇرئىكىس1.0 (سىناق نۇسخا ) ياكى ئازادە ئۇيغۇرئىكىس 1.4 (ئۆزلەشتۈرۈلگەن نۇسخا) ۋە ياكى ئۇبۇنتۇنىڭ خەلىقئارلىق ئەسلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ، كومپىيۇتېرغا قانداق قاچىلاشنى ئويلىشىمىز .
ئۇبۇنتۇ 12.04 نى چۈشۈرگەن بولساق ، ۋىندوۋىسنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ . بۇ يەردە بىز ISO
ناملىق ھۆججەتنى ئاچقىلى بولىدىغان مەۋھۇم نۇردىسكا قوزغاتقۇچقا ھاجەت بولىمىز . بۇنىڭ ئۈچۈن UltraISO دىگەن پىرۇگىراممىنى  بۇ يەردىن http://yunpan.cn/QnLUJBIR4HNZz چۈشۈرۈپ قاچىلىساق بولىدۇ .
قاچىلاش جەريانىدا تاللاشقا بولىدىغان كاتەكلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللاش قىلىپ قويساق ، كومپىيۇتېردا مەۋھۇم نۇردىسكا قوزغاتقۇچمۇ پەيدا بولىدۇ ubuntu12.04.2.iso دىگەن ھۆججەتنى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چىكىمىز .



بۇ يەرنى تەڭشىگەندە سولدىكى بىرىنچى رامكا سىستېمىنى قاچىلايدىغان رايۇن ، قايسى رايۇننى تاللىساق بولىدۇ ، ئەسلى بار نەرسىلەرگە دەخلى قىلمايدۇ . مۇھىمى بىكار بوشلۇق بولىشى كېرەك . ئاستىدىكى رامكىنى 10GB دىن چوڭراق بەلگۈلەڭ .ئوڭ تەرەپتىكى بىرىنچى رامكىدىن ئۈزىڭىز تۇنۇيدىغان تىلنى تاللاڭ . ئاستىدىكى ئىشلەتكۈچى نامىڭىز ( ئىختىيارى )، ئاستىدىكى ئىككى كاتەككە مەخپى نومۇرنى ئوخشاش كىرگۈزۈپ ، 安装
نى باسىمىز . تامام بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش ئۇچۇرى چىقىدۇ . كومپىيۇتىرىڭىز قوش سىستېما بولدى دىگەن گەپ . ( ئەسكەرتىش ، ئۇبۇنتۇنى wubi ئارقىلىق قاچىلاش تەۋىسىيە قىلىنمايدىكەن ،
شۇڭا مەنمۇ تەۋىسسىيە قىلمايمەن )

ئەمدى ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇش ، نۇر دىسكىغا ئۇيۇش ۋە بۇ دىسكىلاردىن ئۇبۇنتۇنى سىناق ئىشلىتىش ياكى قاچىلاشنى بايان قىلىمەن .


ئوخشاشلا چۈشۈرۈۋالغان ISO ناملىق ھۆججەتنى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىدا چىكىمىز .
بارماق دىسكىغا ئويماقچى بولساق ---

用 UltraISO打开 نى تاللايمىز.

چىققان كۆزنەكتىن رەسىمدىكىنى باسىمىز .

بۇ يەردىن 启动 نى باسىمىز .

...写入硬盘 نى باسىمىز.

ئىشلەتمەكچى بولغان بارماق دىسكىنى چاتىمىز ( چېتىقلىق ھالەتتە بولسا بۇيەردە كۈرۈنىدۇ 4 گىگابايتتىن چوڭ دىسكا بولىشى كېرەك ) رەسىمدىكىدەك تاللاپ 格式化 قىلىمىز . بارماق دىسكىدىكى ھەممە نەرسە يويۇلىدۇ  .  تامام بولغاندىن كىيىن 写入 نى باسىمىز . قوزغاتقۇچ بارماق دىسكا ياسىلىدۇ .
بۇ بارماق دىسكا بىلەن ئۇبۇنتۇنى سىناق ئىشلەتكىلى ياكى قاچىلىغىلى بولىدۇ .


نۇردىسكىغا ئويۇش ئۈچۈن---  ئوخشاشلا چۈشۈرۈۋالغان ISO ناملىق ھۆججەتنى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىدا چىكىمىز .

刻录光盘 نى تاللايمىز .

بۇ يەردە ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلى نەشرىنى ئىشلەتكەن بولساق VCD دىسكىسى بولسىمۇ بولىدۇ .
سىغىمى يىتىشمىسە ئۇچۇر چىقىدۇ ، ئۇيغۇرئىكىس ئۈچۈن DVD دىسكىسى بولىشى كېرەك ، دىسكىنى سالغاندىن كىيىن ، 刻录 نى باسساق  ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش نۇر دىسكىسى پۈتىدۇ .

بىزدە قاچىلاش دىسكىسى بار بولدى .
بۇ دىسكىنى ۋىندوۋىسنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئىشلەتمەيمىز . بىزنىڭ مەقسىدىمىز كومپىيۇتېرنى مۇشۇ بارماق دىسكا ياكى نۇر دىسكىدىن قوزغىتىش . شۇڭا كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز . بارماق دىسكىنى ياكى نۇر دىسكىنى كومپىيۇتېرغا سالىمىز .
بەلكىم كومپىيۇتىرىمىز ئەسلىدىن نۇر دىسكا ياكى بارماق دىسكىلاردىن ئاۋال قوزغىلىدىغانغا تەڭشەكلىك بولىشى مۇمكىن . يەنىلا قاتتىق دىسكىدىن قوزغىلىۋېلىشىمۇ مۇمكىن .
ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتىكى ياكى بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ ئىشلىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم نوقتا دەل مۇشۇ مەسىلە بولىۋاتىدۇ . ۋىندوۋىسنى قاچىلاشتىمۇ شۇنداق .
بۇنى قانداق تەڭشەش كېرەك ؟
يەنى كومپىيۇتىرىمىز سىستىمىغا كىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بارماق دىسكىنى ياكى نۇر دىسكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك .
شۇنداق بولغاندا بارماق دىسكا ياكى نۇر دىسكىدا كومپىيۇتېرنى قوزغىتالايدىغان سىستېما بار بولسا ، كومپىيۇتېر شۇنىڭدىن ماس ھالدىكى سىستېمىغا كىرىدۇ . بۇ ۋاقىتتا قاتتىق دىسكا مۇھىم رول ئوينىمايدۇ .

كۆپىنچە كومپىيۇتېرلاردا F12 كۇنۇپكىسىنى باسساق ، كومپىيۇتېرنى قايسى ئۈسكىنىدىن قوزغىتىشنى تاللايدىغان تاللانما چىقىدۇ . ( USB قوزغىتىش تاللانمىسى يوق بولىشىمۇ مۇمكىن )
پەۋقۇلئاددە كومپىيۇتېرلاردا USB قوزغىتىشقا تەڭشىگىلى بولمىغاندىن باشقا ، ئاساسەن ھەممىدە تەڭشىگىلى بولىدۇ .

كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن ، بىرىنجى ئىكراندىن چىقىپ كىتىشتىن بورۇن del , F1 , F2 , ESC
قاتارلىق كۇنۇپكىلارنى بېسىش ئارقىلىق سىستېما تەڭشەك رايۇنىغا كىرگىلى بولىدۇ . ( كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسى تاختىسىغا قاراپ بۇ مەشغۇلاتلارمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن .)  بۇ ھەقتە تەپسىلى يازما يېزىشقا مەنمۇ ئامالسىز قالدىم ، دىمەكچى ، كومپىيۇتېردىن ياخشىراق خەۋىرى بولغان ئادەم شۇ يەردىكى ئىنگىلىسچە خەتلەرگە قاراپ
تەڭشەپ كىتەلەيدۇ . ئىنگىلىسچىنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئاسان . مەنمۇ ئىنگىلىسچىنى بىلمەيمەن ، ئەمما كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەزمۇنلارنى پەرىق قىلالايمەن .
بۇ يەرنى تەڭشەش ئۈچۈن يەنىلا دوستىڭىزدىن ياردەم سۇراڭ .ياكى كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ئەھۋالى بويىچە تىما ئاستىدا ئىنكاس قىلىڭ .

بۇ يەر تەڭشىلىپ بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتىرىمىز ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش ياكى سىناپ كۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدۇ .
كىيىنكى جەريانلار بىرىنچى قىسىم تىمىدىكى ئۇيغۇرئىكىسنى مەۋھۇم قىلىپ ئورنىتىش جەريانغا ئوخشايدۇ .

ئوخشىمايدىغان بىرلا يىرى بار . ئۇ بولسىمۇ ئۇبۇنتۇنى قايسى رايۇنغا قاچىلاش مەسىلىسى .

قاچىلاش قەدەم باسقۇچلىرى داۋاملىشىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك .
مەيلى قايسى تىلنى تاللىمايلى بۇ يەردە ئاز دىگەندە ئىككى تاللاش بولىدۇ . كومپىيۇتېردا ھىچقانداق سىستېما يوق ھالەتتە رەسىمدىكىدەك چىقىدۇ ، باشقا سىستېما بار بولسا 3 خىل تاللاش كۈرۈنىدۇ .
كۆڭۈلدىكى ھالەتتە بىرىنجى خىل تاللاش تاللاغلىق بولىدۇ .
باشقا سىستېما بار بولغان ھالەتتە


بۇ يەردىكىلەرنى مەنىسى (قانداق تىلنى تاللىغان بولىشىمىزدىن بىنەزەر) بىرىنچىسى: ئەسلىدىكى سېستىمىغا دەخلى قىلماستىن ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش .
ئىكىنچىسى: كومپىيۇتېردىكى بار بولغان ھەممىنى ئۈچۈرۈپ ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش .
ئۈچىنچىسى: تېىخنىكىلىق قاچىلاش .
(ئەسكەرتىش، مەن بۇنى چۈشىنىۋېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىپادىلەپ قويدۇم ، دەل كىلىدىغان تەرجىمىسى ئەمەس .)

بىز مۇشۇ ئۇسۇللاردىن بىرىنى جەزىملەشتۈرسەك بولىدۇ .كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۈزىڭىزنىڭ تېخنىكىسى بويىچە قارار قىلىڭ .جەزىم قىلالمىسىڭىز بىرىنچى ئۇسۇلنى تاللىسىڭىز بولىدۇ .

ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ .( مەن ئادەتتە چېقىلمايمەن ) ياكى تەڭدىن بۈلۈپ قويسىڭىز بولىدۇ .
[ بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر ئىش ، ئەگەر ۋىندوۋىس ئىچىدە تۇرۇپ مەلۇم بىر دىسكا رايۇنىنى پۈتۈنلەي بوش ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويسىڭىز ( فورماتلاپ ئەمەس ، دىسكا رايۇنىنى ئۈچۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ) ئۇبۇنتۇ ئاپتۇماتىك ھالدا شۇ بوش رايۇننى تاللايدىكەن ، بۇ ئۇسۇلنى سىناق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ ]  
بۇ يەردىن داۋاملاشتۇرۇشنى باسساق ، كومپىيۇتىرىمىزدا ئۇبۇنتۇ ئۈچۈن رايۇن تەييارلايدۇ .
3- خىل ، بۇتەجرىبىلىك ئىشلەتكۈچىلەرگە مۇۋاپىق كىلىدۇ .بۇيەردە بىز ئۇبۇنتۇ ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان رايۇننى بەلگۈلەپ بىرەلەيمىز ،يەنى بىز ئىشلەتمەكچى بولغان بىر رايۇننى بوش ھالەتكە كەلتۈرىمىز ، ئاندىن رايۇن قۇرۇپ چىقىمىز ، سېستىما قاچىلايدىغان رايۇننى  ext4 فورماتىدا،  /ئاستىغا قىلىپ بەلگۈلەيمىز . رايۇن چوڭلىقى ئەھۋالغا قاراپ 10GB دىن 50GB غىچەبولسا بولىدۇ .يەنە بىر swap رايۇنى قۇرۇپ چىقىمىز .بۇ رايۇننى كومپىيۇتىرىمىزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى بىلەن تەڭ قىلىپ تەڭشىسەك بولىدۇ.( ئەگەرقاتتىق دىسكىمىزنىڭ رايۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ساقلاپ قالمىساق بولمايدىغان نەرسىلەر بوپ قالسا ، قاچىلاش مەشغۇلاتىدىن چىكىنىپ، ۋىندوۋىسقا قايتا كىرىپ ، ھۆججەتلەرنى يۆتكەپ ، مەلۇم رايۇننى ئاق ھالەتكە كەلتۈرىۋېلىپ ، قاچىلاشنى قايتىدىن باشلىساق بولىدۇ .)
داۋامى 1 -قىسىم بىلەن پەرىقلەنمەيدۇ . شۇڭا بۇ يەردە قايتا يازمىدىم .
قاچىلىغىنىڭىز ئۇيغۇرئىكىس بولسا كۆڭۈلدىكى مەخپى نومۇرى uyghurix
ئازادە ئۇيغۇرئىكىس 1.4 بولسا auyghurix
بۇ ئىملارنى سىستېمىغا كىرگەندىن كىيىن خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالغىلى بولىدۇ .
ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا بولسا ئۈزىڭىز بەلگۈلەيسىز .
ئاخىرىدا ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ( ئويۇش ئەمەس ) ھەققىدە تەجرىبەمنى بايان قىلاي .
ئىنتايىن ئاددى ھەم بىخەتەر ئۇسۇل  كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ئىچىدكى قاتتىڭ دىسكىنى توكتىن ئۈزۈپ قۇيۇڭ .
.ئاندىن سىستېمىنى قاچىلىماقچى بولغان بارماق دىسكا ياكى كۆچمە دىسكىنى چېتىڭ .
كومپىيۇتېرنى ئۇبۇنتۇ قاچىلاش دىسكىسىدىن قوزغىتىڭ ( ئۈستىدىكى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا )
قاچىلاش جەريانى قاتتىق دىسكىغا قاچىلىغان بىلەن ئوخشاش .
ئۇبۇنتۇ قاچىلانغان بارماق دىسكا رايۇنىنى ۋىندوۋىستا ئاچماڭ . يۇيۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن .
چوڭراق دىسكا بولسا ئىككى رايۇنغا بۈلۈپ تەييارلاڭ . يەنى ۋىندوۋىستا تۇرۇپ ، بىر رايۇننى FAT32 قىلىپ فورماتلاڭ ،( بۇ رايۇننى ۋىندوۋىستا ۋە باشقا سېستىمىلاردا ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ .  )
ئۇبۇنتۇ قاچىلىماقچى بولغان رايۇننى بوش قۇيۇڭ ( رايۇننى ئۈچۈرۈش ئارقىلىق )
ئاندىن ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشنى باشلاپ ، بوش رايۇننى ئۇبۇنتۇ ئۈچۈن ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بۇ دىسكىدىن كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ نۇرمال ھەم بىخەتەر ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
كومپىيۇتېرنى ئۈچۈرگەندە ، ئۈچۈش باسقۇچى تامام بولماي تۇرۇپ ، بارماق دىسكىنى چىقىرىۋالماڭ . سىستېمىغا ياكى قاتتىق ئۈسكىنىگە زىيىنى بولىشى مۇمكىن .
بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن . بىر نەرسە يازماق خېلى تەس ئىشكەن  ، يازغۇچىلارنىڭ قەدرىگە يىتىۋاتىمەن .
كىيىنكى قىسىملاردا ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىغا كىرگەندىن كىيىنكى تەڭشەش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدە يازىمەن .
  چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا تىما ئاستىدا ئوتتىرىغا قويساڭلار بىلىدىغانلار جاۋاپ بىرەرمىز .



ۋاقتى: 2013-8-28 10:45:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن!ئۇبۇنتۇ توغرىسىدا يازغان تىمللىرىڭىزغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن.ھەمدە بۈگۈن-ئەتە ئىچىدە قوش سىستىما قىلىپ ئىشلىتىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم.بۇشاشماڭ!
ۋاقتى: 2013-8-28 10:46:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ سىزگە يازغان مۇزدەك ئىنكاسلىرىنى پەرۋايىڭىزغىمۇ ئېلىپ قويماپسىز،سىزدە ئۈمۈد بار!!!
ۋاقتى: 2013-8-28 20:24:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز،رەھمەت سىزگە.ئەمدى مەن يولۇققان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قوياي.مەن ئۇيغۇر ئىكىسنى قاچىلىيالمىدىم،چۈنكى ئۇنى قانداق قاچىلاشنى بىلمىدىم،چۈنكى ئۇنىڭ يا ۋۇبى دىگەن دىتالى يوقكەن،يا بارماق دىسكىغا ئويۇپ قوزغاتسام قوزغالمىدى،شۇڭا مۇشۇ جەھەتتە قىينالدىم.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-29 19:59:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتىن تەڭشەشلەرگىچە (3-قىسىم)
sebirqadir

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم                 
ئۇبۇنتۇنىڭ12.04.2 نەشرىنى قاچىلىغاندىن كىيىن تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك .ئۇيغۇرچە خەتلەرنى چىرايلىق كۆرسىتىش ۋە ئۇيغۇر تىلىنى تۇلۇق قاچىلاش ئۈچۈن يېڭىلانمىلارنى ئورنىتىش ئېلىپ بارىمىز .
سولدىكى كۆزنەكتىن تەكشۈرنى باسايلى ، ئاندىن يېڭىلانمىنى ئورناتنى باسايلى . ئىم سورايدۇ ، بۇ يەرگە ئۈزىمىز بەلگۈلىگەن ئىمنى كىرگۈزۈپ سالاھىيەت دەلىللەيمىز. يېڭىلامىلارنى ئورنىتىپ بولغۇچە باشقا يەرلەرنى كۆرگەچ تۇرايلى .
ئىكراننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگۈلەر (كومپىيۇتىرىڭىزدا
بەلكىم ئىكراننىڭ سول تەرىپىدە بولىشىمۇ مۇمكىن)بولسا سىز دائىم ئىشلىتىدىغان پىرۇگىراممىلارنىڭ تىزلەتمە شەكلى ۋە ھازىر ئىجرا بولىۋاتقان پىرۇگىراممىلاردۇر.بىزبۇ رايۇننى ‹ ئىجراچى › دەپ ئاتايدىكەنمىز.بۇيەردىكى سىنبەلگۈلەرنى چىقىرىۋەتكىلى ھەم باشقا پىرۇگىراممىلارنى بۇ يەرگە دائىم كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.چاشقىنەكنى سىنبەلگۈنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ بىر چەكسىڭىزشۇ پىرۇگىرامما ئېچىلىدۇ .چاشقىنەكنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى سىنبەلگۈ ئۈستىدەچەكسىڭىز باشقا تەپسىلاتلار بار .(ئىجراچىغا سولىۋەت ، ئىجراچىدىن چىقار ، ئاخىرلاشتۇر…..دىگەندەك)
[ھازىرخەتلەر چىرايلىق كۈرۈنمىدى ، يېڭىلاپ بولغاندىن كىيىن ئازراق تەڭشەپ قويساقلا بۇ مەسىلە ئوڭشىلىدۇ ]
ئىجراچىنى ئاپتۇماتىك يۇشۇرۇنىدىغان قىلىش ۋە سىنبەلگۈلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىگىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىكران ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ ، چىققان تىزىملىكتىن ئۈستەلئۈستى تەگلىكنى ئۆزگەرىت دىگەنگە كىرەيلى .چىققان كۆزنەكتىن ئۈستەلئۈستى تەگلىك رەسىمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ . بۇيەردىن ھەركەت دىگەننى باسايلى .
چىققان كۆزنەكتىن تاقاق دىگەننىئۇچۇق قا ئۆزگەرتىمىز .قارىساق ئىجراچى كۈرۈنمىدى .چاشقىنەكنى ئىكراننىڭ سول يانغا يېڭىنلاشتۇرساق ئىجراچى كۈرۈنىدۇ . چاشقىنەكنى يىراقلاشتۇرساق يۇشۇرۇنىدۇ .

مۇشۇ كۆزنەكتە تۇرۇپ ھەممە تەڭشەكلەر نى چىكەيلى .

كۈرۈنگىنى سىستېما تەڭشىگى رايۇنى .
ھازىرتەڭشەپ قۇيۇشقا تىگىشلىك جايلارنى تەڭشىگەچ تۇرايلى .
يۇرۇقلۇق ۋە قۇلۇپ نى ئاچايلى .

بۇيەردە   چاشقىنەك ياكى كۇنۇپكا تاختا 10مىنۇت ھەركەت قىلمىسا ئىكران ئۆزلىكىدىن تاقىلىدىغانغا تەڭشەلگەن. بۇ ئىقتىدارىنى يوق قىلغىلى ياكى ۋاقىتنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ .ھەرگىزنى تاللاپ قويساقمۇ بولىدۇ .ياكى ئۈزىمىزنىڭ ئىھتىياجى بويىچە تەڭشىسەك بولىدۇ . يەنەباشقا تەڭشەكلەرنى قىلىش ئۈچۈن ھەممەتەڭشەكلەرنى باسىلى .
ئۇيغۇرچەكىرگۈزگۈچنى تەڭشەپ باقايلى .
(سىستېىمابىلەن بىللە كەلگەن )
ھەرىپ تاختا جايلاشتۇرۇشى دىگەننى ئاچىمىز
بۇيەردىن + نى بېسىپ ، لازىم كىرگۈزگۈچلەرنى قۇشايلى.



قارىسىاق ئىكراننىڭ ئۈستى تەرەپتىكى چىشلىقچاق سىنبەلگۈسى (سىستېما سىن بەلگۈسى ) قىزىل رەڭدە تۇرىدۇ .بۇ - يېڭىلانمىلارنى ئورنىتىش تامام بولغانلىق ئۇچۇرى .ئىشلىتىۋاتقان تور سۈرئىتىگە قاراپ بۇ باسقۇچقا كىتىدىغان ۋاقىتمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .قىزىل رەڭلىك شۇ سىنبەلگۈنى چىكىپ باقىلى . يېڭىلانمىلارنى تاماملاش ئۈچۈن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش كېرەك ...دىگەننى بېسىپ ، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز .


كومپىيۇتېرنى بىر قېتىم قايتا قوزغىتىپ بولدۇق .سىسىتېمىغا كىرىشتە ئۈزىمىزنىڭ تىزىملىكىمىزدە كىرىمىز .مىھمان سالاھىيتىدە كىرسەك تەڭشەكلىرىمىز رول ئوينىمايدۇ .

ئەمدى يەنىلا سىستېما تەڭشىگىنى ئاچايلى .
يەنى ئىجراچىدىكى سىستېما تەڭشىگىنى باسىمىز (بىر چىكىمىز)
ئېچىلغان كۆزنەكتىن تىل قوللىنىشىنى ئاچىلى .(دائىم بىر چىكىمىز )

تىل قوللىنىشى تۇلۇق قاچىلانمىدى دەپ چىقسا ، قاچىلانى باسىمىز.

ئىم سورىسا داۋاملىق ئۈزىمىزنىڭ مەخپى نومۇرىنى كىرگۈزسەك بولىدۇ .



تىل تۇلۇق قاچىلاندى .(ئۇيغۇرتىلىمۇ تۇلۇق قاچىلاندى )
بىز يەنە خەنسۇچىغا ئىھتىياجلىق بولىمىز . بۇيەردىن تىل قۇشۇش ۋە چىقىرىۋېتىشتىن خەنسۇچىنى قۇشۇپ قۇيايلى .

خەنسۇچىنى قۇشۇش تاماملانغاندىن كىيىن ، تىللارنى ئۈزىمىزنىڭ ئىھتىياجى بويىچە تىزىۋالىمىز، يەنى تىل قوللىنىشى رايۇنىدىكىتىزىملىك ۋە كۆزنەكلەرنىڭ تىلى دىگەن يەردىن ئۇيغۇرچىنى بىرنچىگە ، خەنسۇچىنى ئىككىنجىگە ، ئىنگىلىسچىنى ئۈچۈنجىگە تىزىپ قويساق ، بۇ چاغدا بىزگە ئىمكاننىڭ بارىچە ئۇيغۇرچە ،  ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنمىغان بولسا خەنسۇچە ، خەنسۇچىمۇ قىلالمىسا ئىنگىلىسچە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.ماس تىلنى چاشقىنەكتە بېسىپ تۇرۇپ ، تىگىشلىك ئورۇنغا تارتىپ ئەكەپ قۇيىمىز .تارتقىلى بولمىسا بۇ كۆزنەكنى تاقىۋېتىپ ، قايتا ئاچساق بولىدۇ .
ئاندىنكىرگۈزگۈچ دىگەن يەردىن ibus نى تاللاپ قۇيىمىز . ئۇنىڭدىن كىيىن يەرلىك پىچىملارنى ئاچىمىز .پۈتكۈل سىستېمىدا قوللاننى باسىمىز .

تىللارنى تەڭشەش ھازىرچە تامام بولدى .

ئەمدى خەتنى سىلىقلاشتۇرايلى .
بۇباسقۇچقا كەلگەندە ئەڭ ياخشى بىر ئۇسۇل توردىن ئۇبۇنتۇ تۋېئاك (ubuntu tweak )نى قاچىلاش.  بۇنى مۇنداق ئاسانلا ھەل قىلىمىز .
كۇنۇپكا تاختىدا  Ctrl, Alt , T  لارنى تەڭلا بېسىڭ . بىركۆزنەك ئېچىلىدۇ .بۇ تېرمىنال دەپ ئاتىلىدۇ . بۇقۇرالنىڭ رولى بەك كۆپ .
تۈۋەندىكى ئۈچ قۇر بۇيرۇق جۈملىسىنى ئايرىم ئايرىم ئىجرا قىلساقلا بولىدۇ .
كۈچۈرۈپ چاپلىساقلا بولىدۇ
sudo add-apt-repository ppa:tualatrix/ppa

sudo apt-get update



sudo apt-get install ubuntu-tweak





كۈچۈرۈپ چاپلاپ ، Enterنى باسساق
[sudo]password for  بىلەن باشلانغان بىر قۇر چىقىدۇ .بۇ بىزدىن ئىم سورىغىنى .
ئۈزىمىزنىڭ مەخپى نومۇرىنى يازىمىز .
لېكىن بىز يازغان نەرسە كۈرۈنمەيدۇ .
توغرا يېزىپ   Enterنى باسساقلا بولىدۇ .
بۇنداق ئىم سۇراش ئۇبۇنتۇنىڭ كۆڭۈلدىكى ئالاھىدىلىگى .مۇشۇ بۇيىچە بۇ ئۈچ قۇر جۈملىنى تاماملايلى .
Press[ENTER] to continue or ctrl-c to cancel adding it
بۇيەردە  ENTERنى باسىمىز .


ئۈچىنچى قۇر جۈملىدە  
داۋاملاشتۇرامسىز[Y/n]؟دىگەن چىقىدۇ .
Yنى كىرگۈزۈپ   ENTERنى باسىلى .

Ubuntu-tweakقاچىلىنىپ بولدى .(ئىسىمىزدە بولسۇن ، يۇقاردىكى ۋە ئالدىمىزدىكى ھەممە باسقۇچلار تورغا ئۇلانغان مۇھىتتا تامام بولىدۇ )

بۇ دىتالنى نەدىن ئىجرا قىلىمىز .
ئىجراچىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى سىنبەلگە (باشتاختاماكانى )نى باسىلى . ئېچىلغان يەرگە tw نى يېزىپ باقىلى .

كومپىيۇتىرىمىزغا قاچىلانغان دىتاللار باش تاختا ماكانىدا كۈرۈندى .Ubuntu-tweak نى ئاچساق ئىنگىلىسچە كۈرۈندى .

بىرقېتىم تىزىمدىن چىقىپ ، قايتا كىرىپ ئاچساق خەنسۇچە كۈرۈندى ، دىمەك بۇ دىتال تېخى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان بولىشى مۇمكىن .

تىزىمدىن چىقىپ قايتا كىرىش ئۈچۈن ئىكران ئۈستى سول بۈرجەكتىكى (ياكى ئوڭ بۈرجەكتە )چىشلىقچاق سىنبەلگۈسىنى باسساق شۇ يەردە تىزىمدىن چىق دىگەن تاللانما بار .شۇنى باسساق بۇلىدۇ .

قايتا تىزىمغا كىرگەندىن كىيىن ئۇبۇنتۇ تۋېئاكنى ئېچىپ ، ئىزدەش رامكىسىغا foھەرپىنى كىرگۈزۈپ باقىلى .

خەت نۇسخىسىنى ئەمدى تەڭشەيمىز . خەت نۇسخسى字体 نى ئاچايلى .

Ukij cjk نى يېزىپ ئىزدىسەك بولىدۇ .
چىققان يەردىن بىرىنجى قۇردىكىنى تاللاپ ، تاللانى باسساق بولىدۇ .

مۇشۇ بويىچە تەڭشەپ قويساق ئۇيغۇرچە دىگەن ئۆلچەملىك كۈرۈنىدۇ .

مانا ئۇيغۇرچە خەت دىگەن مۇنداق يېزىلمامدۇ. كومپىيۇتېرنىڭ ھەممە يەردىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۆلچەملىك كۈرۈنىدىغان بولدى .

مۇھىم ئىشتىن بىرىنچى باسقۇچ تاماملاندى .

نۆۋەتتە توركۆرگۈ مەسىلىسى . ئۇبۇنتۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە ئوتتۈلكە (frefox)توركۆرگۈ قاچىلانغان . بۇتورگۈ ناھايىتى ئۇبدان ئىشلەيدۇ ، لېكىن ئۇيغۇرچىلاشماپتۇ ، شۇڭا بىز خىروم chromium        توركۆرگۈنى قاچىلايلى .
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇبۇنتۇ تۋېئاكنى ئاچايلى ، ياكى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىنمۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ .
ئۇبۇنتۇ تۋېئاك تا 应用 نى باسىلى .
بىردەم ساقلىساق بۇ يەردىكى دىتاللارنىڭ تىزىمى چىقىدۇ .بەك ساقلىتىپ قالسا يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن قاچىلىساقمۇ بولىدۇ .پەرقى، بۇ يەردە ئەڭ يېڭى نۇسخسىنى قاچىلىغىلى بولىدۇ .
Chromiumنى باسىلى .بۇيەردىكى كاتەكچىلەرنى تاللاش قىلىپ قۇيىمىز .ئىم سۇرايدۇ ، ئوخشاشلا ئىمنى كىرگۈزۈپ ، تاللاپ بولۇپ ،  更新   نى باسساق بولىدۇ .
بىردەم ساقلايلى ، ئارلىقتا ئۇچۇر كۆزنىگى چىقسا تەگمەستىن داۋاملاشتۇرنى باسساق بولىۋىرىدۇ .ئىم سورايدۇ .ئىمنى كىرگۈزۈپ دەلىللەيمىز.   قاچىلىنىلىپ بولغاندا يەنە بىر قېتىم تىزىمدىن چىقىپ كىرەيلى .

خىروم تور كۆرگىنى ئېچىپ باقايلى ، (باشتاختا ماكانىدىن ch دەپلا ئىزدىسەك چىقىدۇ .)

بۇرۇن گوگىل تور كۆرگۈنى تىزىملىتىپ ئىشلەتكەن بولساق ، بۇ يەردىمۇ شۇ تىزىم بۇيىچە ئىشلەتكىلى بولىدۇ .( يەنى ۋىندوۋىستىكى ياكى باشقا سىستېمىلاردىكىchromeتوركۆرگۈ بىلەن بىردەك ئىشلەيدۇ )
تىزىملىتىش ئۈچۈن signin نى باسىمىز .
بۇرۇنقى تىزىمىمىز بولمىسا بۇنى سەل تۇرۇپ سىناپ باقىلى ، ھازىر تىزىملىماستىن كۈرۈپ باقىلى .
google.com دەپ كىرگۈزۈپ ، ئۇيغۇرچە ئىزدەپ باقىلى .

ئۇيغۇرچەخەتلەر ئوقىغىلى بولغۇدەك كۈرۈندى .
لېكىن بۇنداق كۈرۈنسە رازى بولمايمىز . بۇمەسىلىنى مۇنداق ئوڭشاش كېرەك . ( ئۇبۇنتۇدا ھەممە پىرۇگراممىلارنىڭ باشقۇرۇش تىزىملىكلىرى بىرلا ئورۇندا يەنى ئىكرانىمىزنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بىر قۇردا چىقىدۇ )

خىروم تور كۆرگۈنىڭ مايىللىقىنى ئاچىمىز .
بۇ يەردىن بىر قىسىم تەڭشەكلەرنى تەڭشەپ قۇيايلى .
دائىم تور كۆرگۈنى ئاچقاندا گوگىل ئىزدەش بېتى ئېچىلسۇن .
قوزغالغاندا دىگەن يەردىن ئۈچىنجىنى تاللايمىز .ئېچىلغان يەرگە
نى كىرگۈزۈپ جەزىم قىلساق بولىدۇ .

قىياپەتدىگەن يەردىن  useclassic theme نى تاللايلى .ئۈچ تال كاتەكچىنىمۇ تاللاش قىلىپ قۇيايلى .
بىرىنچى كاتەكچىنىڭ ئاستىدىكى changeنى بېسىپ ،
ئۈزىمىزنىڭ ئامراق بېتىمىزنى باش بەت قىلىۋاساق بولىدۇ .

ئەمدى مۇشۇ بەتنىڭ ئاستىدىكى showadvanced settings نى چەكسەك ، يەنە ئىنچىكە تەڭشەيدىغان يەرلەر بار .

بۇ يەردىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن خەت نۇسخىلىرى دىگەننى باسىمىز .

خەت نۇسخىلىرىنى ukij cjk ۋە ئەڭ ئاستىدىكىنى ukij teng گە تەڭشەيمىز .
كودلاش دىگەن يەردىن  UTF-8نى تاللاپ تامام نى باسساق بولىدۇ .

چۈشۈرۈش دىگەن يەرنىمۇ ئۈزىمىز ئۆزگەرتىۋالغىلى بولىدۇ .ياكى چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى ھەر بىر ھۆججەتنىڭ ساقلاش ئورنىنى سورا نى تاللاش قىلىپ قويساقمۇ بولىدۇ .ياكى تەگمىسەكمۇ بولىدۇ .

ھەممىمىزگە مەلۇم ، گوگىل تور كۆرگۈلەرنىڭ تور بەتلەرنى ئاپتۇماتىك تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى بار.
ئەمما ئۇيغۇر تىلى تېخى بۇ ئىقتىدارغا ئىرىشىپ بولالمىدى .بىزباشقا تىللارنى خەنسۇچىغا تەرجىمە قىلىشقا تەڭشەپ تۇرايلى .ئەلۋەتتە باشقا تىللارغىمۇ تەڭشىگىلى بولىدۇ .
تىللار دىگەن يەردىن      languageand input دىگەننى باسىمىز .قوش دىگەننى بېسىپ ، ئادەتتىكى خەنسۇچىنى تاللايمىز .ئۈزىمىز ئىشلىتىدىغان تىلنى تارتىپ بىرىنجى ئورۇنغا قۇيۇپ قويساق بولىدۇ . (خەنسۇچىنى باشقا چىقىرىپ قويساق ، خەنسۇچە بولمىغان بەتلەرنى خەنسۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بىرىدۇ )
توركۆرگۈگە بولغان تەڭشەش تامام بولدى .
ئەمدى گوگىل ئىزدەش بېتىدىن ئۇيغۇرچە خەتنى كۈرۈپ باقىلى .
ئەمدى بولدى ، مۇشۇنداق بولىشى كېرەكتى .

ئۈزىمىزگە مەنسۇپ قىلىۋېلىش ئۈچۈن مۇنداق تەڭشەيمىز .
يېڭى بەتكۈچتىن بىرنى ئاچىمىز . Signin دىگەننى باسىمىز .بۇرۇنقى تىزىمىمىز بولمىسا ،  创建Google帐户  نى باسىلى
كاتەكلەرنى ئۈزىمىز ئۇنتۇپ قالمىغۇدەك قىلىپ تولدۇرىمىز .بۇرۇنقى بىر گوگىلخەت ئادرىسىمىز بولسا ،شۇ ئادرىسىمىزنى ئىشلەتسەك بولىدۇ .بۇنداق بولغاندا تېلفۇننى تىزىملىتىش زۈرۈر بولمايدۇ .

بۇ كۆزنەك چىقسا تىزىملاش مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ .

ئەمدى بايا بەلگۈلىگەن تىزىمىمىزدىكى مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ ، تىزىمغا كىرىمىز .
كىرىش دىگەننى باسقاندىن كىيىن ، دىققەت قىلىڭ،
يەنە قىلىدىغان ئىش بار …

تىزىمغا كىر   دىگەن يەردىن  advancedsync settings نى باسىمىز .

بۇ يەردە ھەممىنى قەدەمداشلا  دىگەن تاللاقلىقكەن .مۇشۇ بويىچە تۇرسا تور كۈرۈش جەريانىدىكى جىمى پائالىيىتىڭىز ۋە سانلىق مەلۇماتلىرىڭىز مۇشۇ تىزىمدا ساقلىنىدۇ . جەزىملەنى باسىلى .

ئەمدى بىز دائىملىق كۈرىدىغان بىكەتلەرنى خەتكۈش بالدىقىدا ساقلاپ قۇيالايمىز .ئەلۋەتتە تىزىملاتماي ئىشلەتسەكمۇ ساقلىغىلى بولىدۇ  . ئوخشىمايدىغان يىرى ، تىزىملاتقان ۋاخىتمىزدا  تەڭشىۋالغىنىمىز  بوشلۇقتا ساقلىنىدۇ .ھەرقانداق كومپىيۇتېردا ئىشلىتەلەيمىز .يەرلىك كومپىيۇتېر بىلەن ئالاقىسى بولمايدۇ . مەسىلەن، بۇ بەتنى خەتكۈچ بالدىقىغا ئەكىرەيلى.

قىسقۇچ ئىچىگە يەنە قىسقۇچلارنى قۇرايلى .

ياكى نۇرغۇن قىسقۇچ ۋە ئۇلانمىلارنى بىراقلا تەھرىرلەيلى .

يەنە بىر ئىقتىدار بۇ تور كۆرگۈنى بىر نەچچە تىزىمدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
جەريانى   ئىشلەتكۈچىلەر  دىگەن يەردىن addnew user نى بېسىڭ .خالىغانچەئىسىم قۇيۇڭ . قۇر نى باسقاندىن بىر يېڭى بەت ئېچىلىدۇ ،
بۇيەردە يەنە بىر تىزىم بىلەن كىرىسىز  ياكى يېڭى تىزىمدىن بىرنى ئاچالايسىز
مانا بۇ مىنىڭ  ئىشلىتىۋاتقان تىزىمىمدىكى كۈرۈنۈش .


خەت يازىدىغان يەرلەرگە ئۇيغۇرچە ياكى لاتىنچە ۋە ياكى خەنسۇچە يازماقچى بولغىنىمىزدا كىرگۈزگۈچلەرنى چاشقىنەك بىلەن تاللاپ زىرىككەن بولساق بۇنىڭمۇ ئامالى بار . قارىساق ئىكراننىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئىككى دانە كۇنۇپكا تاختا سىنبەلگۈسى باركەن . (مەن تەڭشىگەن يۇقارقى باسقۇچلار بۇيىچە بولغاندا شۇنداق كۈرۈنىدۇ ) ھازىر ئىشلەۋاتقىنى سىستېما بىلەن بىرگە كەلگەن كىرگۈزۈش ئۇسۇلى . بۇ ئۇسۇلدا ھەر بىر مەزمۇنغا كىرگۈزگۈچنى ئۈزىمىز تاللاپ بىرىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ .  

بىز يەنە بىر كۇنۇكا تاختا سىنبەلگۈسىنىڭ مايىللىقىنى ئاچايلى .

ئېچىلغان كۆزنەكتىن  كىرگۈزگۈچ نى باسىمىز .
ۋە ئاكتىپ كىرگۈزگۈچنى ئۆزلەشتۈر نى تاللاش قىلىپ قۇيايلى .  كىرگۈزگۈچ تاللاڭ دىگەننى باسساق خەنيۈ دىگەندىن باشقا ھىچنىمە يوقكەن .

بۇنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن تېرمىنالدا ماۋۇ بۇيرۇق جۈملىسىنى  ئىجرا قىلىلى
sudo apt-get install ibus-m17n

ياكى ئۇبۇنتۇيۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن ibus-m17n نى ئىزدەپ قاچىلىساقمۇ بولىدۇ . ئورنات نى باسىمىز .
ئەمدى نۇرغۇن كىرگۈزگۈچلەرنى قۇشالايمىز .
قوشماقچى بولغان كىرگۈزگۈچلەرنى تاللاپ ، قوش دىگەننى بېسىپ ، مايىللىقىمىز بويىچە تىزىپ قويساقلا بولىدۇ .
ئەمدىئادەتتىكى دىگەندىن كىيىنكى كىرگۈزگۈچ دىگەن يەرنى تەڭشەيلى .ھازىرقى ھالەتتە كۇنۇپكا تاختىدىن  Alt بىلەن Shift نى تەڭ باسساق
كىرگۈزگۈچلەرئالمىشىدۇ .(خەت يازغىلى بولىدىغان كۆزنەك ئۇچۇق بولغان ئەھۋالدا )  
بۇنى تېخمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ Control+Shift غائۆزگەرتىپ قويساق ياخشىراق تۇرىدىكەن .بۇنى تەڭشەش ئۈچۈن Alt+Shift_L نىڭ يېنىدىكى …
(چىكىت)نى باسايلى .
چىققان كۆزنەكتىن رەسىمدىكىدەك تاللاپ قوللان نى بېسىپ جەزىم قىلىمىز .

باشقا ھەممە كاتەكنى تاللاپ قۇيۇپ باقايلى  .
خەت نۇسخىسىنى ukij cjk غا ئۆزگەرتىپ قۇيايلى .

ئەمدى خەنزۇچە خەت يېزىپ باقىلى
Control+Shiftنى باسساق كىرگۈزگۈچلەر ئالمىشىدۇ . 我是人
بۇ يەردە بىر ئىشقا دىققەت قىلايلى . قونداقتىكى ئىككى كۇنۇپكا تاختا سىنبەلگۈسىنىڭ ھازىر تەڭشىگىنىمىز(ibus) سىستېما بىلەن بىللە كەلگەن كۇنۇپكا تاختىغا بېقىنىدۇ .شۇڭا ibus نى ئىشلىتىش ئۈچۈن سىستېما بىلەن بىللە كەلگەن كۇنۇپكا تاختىسىى سىنبەلگۈسىدىن
英语美国,国际,有死键 نى تاللاپ قۇيۇشقا توغرا كىلىدۇ .
ئەڭ مۇھىم ئىشنى تۈگەتتۇق .
ئەمدى تېرمىنالنى ئېچىپ
sudoapt-get update
sudoapt-get upgrade
بۇ ئىككى بۇيرۇق جۈملىسىنى ئايرىم -ئايرىم ئىجرا قىلىپ ، يەنە يېڭىلاشلار بولسا تۇلۇقلىۋىتەيلى .
بۇ ئىككى بۇيرۇقنى دائىم ئىشلىتىپ تۇرساق، سىستېمىمىز يېڭى ھالەتتە تۇرىدۇ .

ئەمدى كومپىيۇتىرىمىزدىكى نەرسىلەرنى كۈرۈپ باقايلى ،
ماكان مۇندەرىجە – كومپىيۇتىردىكى ھەممە نەرسىنى مۇشۇ يەردىن كۆرگىلى بولىدۇ .

ھۆججەت سىستېمىسى – بۇ يەرنى بەك چۈشىنىپ كەتمىسەكمۇ ھازىرچە چوڭ ئىش يوق . (مەنمۇ بۇ يەرلەرنى چۈشىنىپ باقمىدىم )
كىيىن سەۋىيىمىز ئاشقاندا بىلىپ قالىمىز .

كۈنەلسىڭىز ھەممە سىنبەلگۈنى تاق چىكىش بىلەن ئاچىدىغان قىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .
ھۆججەتنىڭ چوڭلىقى ۋە ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدىكى تۈرلەرنىڭ سانى كۈرىنىدىغان قىلىۋالساقمۇ بولىدۇ .

كومپىيۇتېر دىگەن سىنبەلگە يوقكەنغۇ دەۋاتامسىز ؟
ئۇمۇ بار ،  ئۈستەلئۈستىگە تىزلەتمە قىلىپ چىقىرىپ قويغىلىمۇ بولىدۇ .(ھەممە نەرسىنى )
كومپىيۇتىرىمىزدىكى دىسكىلار

ئۈستەلئۈستىگە سىنبەلگۈلەرنى مۇنداق قۇيىمىز
ئۇبۇنتۇ تۋېئاكنى ئاچىلى  -桌面图标نى باسىمىز
رەسىمدىكىدەك قىلىپ باقىلى

ئۇندىن باشقا بىز دائىم ئىشلىتىدىغان تور ئۇلانمىلىرىنىمۇ ئۈستەل ئۈستىگە قويغىلى بولىدۇ .
ئاتىنى ئۇيغۇرچە قىلىۋالساقمۇ بولىدۇ .

ئەمدى باشتاختا ماكانىدا نىمىلەر بار ، بىزگە يەنە نىمە لازىم ،كۈرۈپ باقىلى ...
ئىزدەش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئاساسى كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىدىغان ئوخشايمىز .

كومپىيۇتىرىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى ئىزدىگىلى بولىدۇ .

كىتاپلارنى، رەسىملەرنى ، ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى ، يازمىلارنى ئېچىپ باقىلى.

قويىلىۋاتقان ئۈن ھۆججىتىىنى قونداقتىكى ئۈنباشقۇرغۇچىدىن كونتىرول قىلالايمىز .  
كىتاپلارنى كۈرىدىغان دىتال سىستېما بىلەن بىللە قاچىلىنىدىكەن.

رەسىم كۈرىدىغان دىتالمۇ باركەن.

سىن ھۆججىتىنى ئېچىپ باقىلى

كەڭەيتىلگەن نامى datبولغان سىن ھۆججىتىدىن بىرنى ئېچىپ كۈرەيلى

توردىن پىرۇگىرامما ئىزدەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟ شۇنداق قىلىپ باقىلى ---

توردىن تاپالمىدى ، قويغىلى بولمامدۇ ؟
ياق، بۇنىڭمۇ ئامالى بار ، VLC  قويغۇنى قاچىلاپ باقىلى .يەنىلا ئۇبۇنتۇ تۋېئاكتىن ياكى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن  VLCدەپ ئىزدەپ قاچىلايمىز . ئەمدى قۇيۇپ باقىلى
باشقا پىرۇگىراممىدا ئاچنى تاللاپ  باشقا پىرۇگىراممىلارنى كۆرسەت نى باسىمىز .
ھەرقانداق سىن ھۆججىتىنى VLC تا قويغىلى بولىدۇ .

ئەمدى ئۇبۇنتۇنىڭ سىستېما تەۋىسسىيە قىلغان بۇلۇت بوشلۇققا ئىرىشىپ باقايلى . ubuntu one نى ئاچىمىز . ئورنات نى باسىمىز


بۇرۇنقى ھىساباتىمىز بولسا شۇ بۇيىچە كىرسەك بولىدۇ ، بولمىسا  تېخى ھىساباتىم يوق -خەتلىتەي نى باسىمىز .
چىققان كۆزنەكتە تىزىملاتساقمۇ بولىدۇ ،
ياكى بولمىسا ماۋۇ ئۇلىنشلاردىن بىۋاستە توريۈزىدە تىزىملاتساقمۇ بولىدۇ .تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن تىزىملاتقان نام ۋە مەخپى نومۇرىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىساقلا ئىشلىتەلەيمىز .




تىزىملاتقاندا  چ چ ئىلخەتكىمۇ تىزىملاتقىلى بولىدۇ . مەخپى نومۇر بەلگۈلىگەندە ئارىسىدا چۇقۇم ئاز بولغاندا بىر دانە چوڭ ھەرىپ ، ئاز دىگەندە بىر دانە رەقەم بۇلىشى كېرەك . سەككىزخانىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك .

ئىلخەتكە ئۇچۇر كىلىدۇ ، شۇ يەردىكى كودنى كۈچۈرۈپ ئەكىلىپ چاپلايمىز .

بۇ بوشلۇق دەسلەپتە 5GB بولىدۇ.كومپىيۇتىرىڭىزدىكى خالىغان قىسقۇچنى قەدەمداش قىلالايسىز.ھەم يەنە تور يۈزىدە بوشلۇقتىكى نەرسىلىرىڭىزنى ئىشلىتەلەيسىز . يەرلىك ئۈسكىنىلەرگە چۈشۈرەلەيسىز . دوسىتلىرىڭىزغا
يوللاپ بىرەلەيسىز .

يەنە قايسى دىتاللارنى قاچىلىساق بۇلار ---

  • ئىكران ئۈستىنى سىنغا ئېلىش دىتالى recordmydesktop
  • يەرشارىدىكى كىشىلەرنىڭ پاراڭ گۇرۇپپىسىغا كىرەلەيمىز         .         xchat-gnome
  • كۈندىلىك خاتىرە يېزىش دىتالى  almanah
  • لۇغەت قۇرالى  stardict
  • Synaptic  Package manager
  • بوشلۇقتىكى تېلفۇن ئۇرۇش دىتالى  akige               
  • نۇرغۇن تىزىملەردە ئىشلەتكىلى بولىدىغان مۇڭدىشىش قۇرالى kopete
  • يىراقتىكى ئۈستەلئۈستىگە باغلىنىش قۇرالى vinagre               
  • كومپىيۇتېرىمىزدىكى بىز قىلغان ئىشلارنى خاتىرلەيدۇ                            gnome-activity-journal
  • ئىنچىكە ئىزدەش قۇرالى catfish               
  • سىن ھۆججەتلىرىنى ھەرخىل ئۈسكىنىلەرگە ماس قىلىپ ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان قۇرال        arista
  • xchat-gnome بىلەن ئوخشاش يەنە بىر قۇرال  xchat               
  • زىھىن سىناش ئۇيۇنى gbrainy               
  • قۇلايلىق يازغۇچ leafpad               
  • يىنىك تور كۆرگۈ midori               
  • يەرلىك كومپىيۇتېردىكى يازما ۋە كىتاپلارنى بىلوگقا ئوخشاش باشقۇرغىلى بولىدىغان قۇرال zim              


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-29 19:59:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      

    يەنە بىر مۇڭدىشىش قۇرالى pidgin
            

    ئاۋال يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن pidgin دەپ ئىزدەپ ، چىققان pidgin ناملىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ باھا بىرىلگىنى بىز قاچىلايدىغىنى شۇ . ئورنات نى باسىمىز .

    pidgin  غا   چ چ   تىزىملاش ئىقتىدارىنى قۇشۇش         
           تېرمىنالدا بۇ بۇيرۇق جۈملىلىرىنى ئايرىم ئايرىم ئىجرا قىلىمىز .

sudo add-apt-repository ppa:lainme/pidgin-lwqq

sudo apt-get update

sudo apt-get install libpurple0 pidgin-lwqq

پىدگىن مۇڭداشقۇسىنى تەڭشەش ۋە تىزىملىكلەرنى قۇشۇش .دىتالنى قاچىلاپ بولغاندىن  تىزىمدىن چىقىپ قايتا كىرىمىز .ئاندىن باشتاختا ماكانىدىن pidgin نى قوزغىتىمىز.     Add باسىمىز .

كېلىشىم دىگەندىن webqqنى تاللايلى

مەۋجۇت چ چ نومۇرىمىزنى ۋە   چ چ مەخپى نومۇرىمىزنى تولدۇرۇپ قوش نى باسىمىز .

为了支持pidgin-lwqq的持续发展,

需要统计版本信息!只统计版本号!!,以下是相关信息:

注意:https://github.com/xiehuc/pidgin-lwqq/wiki/version-statistics

频率:每个版本的初次运行

Url:http://pidginlwqq.sinaapp.com/statics.php

POST:v=0.2a

Code:webqq.c:2862

بۇئۇچۇر چىقسا 确认نى باسساق بولىدۇ .

باشقا تىزىملىكلىرىمىزنى ، مىسال باشقا چ چ نومۇرلىرىمىزنىمۇ تىزىملىساق بولىدۇ ھەم بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ .بۇيەردە ياھو ، گوگىل تالىك ،

خوتمائىل لىۋې ، جاببار دىگەندەك باشقا تىزىملىرىمىزنىمۇ ئىشلىتەلەيمىز .




    potoshop        قا        ئوخشايدىغان رەسىم ئىشلەش دىتالى  Gimp
            

    تىلى        ئۇيغۇرچە         

    سكايىپ        skype

    پىرىسلاش        دىتالى 7ZIP               

            رەسىم        كۈرۈش قۇرالى shutter               

    مەۋھۇم        سىستېما باشقۇرۇش قۇرالى  Virtualbox               

    ئىلخەت        باشقۇرۇش قۇرالى Evolution               

    بوشلۇققا        ھۆججەت يوللاش دىتالى FileZilla               

يۇقاردىكى دىتاللارنى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن ئىزدەپ قاچىلىغىلى بولىدۇ . ئۇ يەردە يوقلىرى

ئۇبۇنتۇ تۋېئاكتا بار .

ئىھتىياجىڭىز بولسا قاچىلاڭ ، لازىم بولمىغاننى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدە ئورنىتىلغانلىرى دىگەن يەردىن تېپىپ چىقىرىۋەت دىگەننى بېسىپ ئۈچۈرىۋېتىڭ .


ئەمدى ئۇبۇنتۇدا باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنى تىزىملاشنى كۈرۈپ باقايلى .سىستېما تەڭشىگىنى ئاچىمىز .

ئىشلەتكۈچى ھىساباتىغا كىرىمىز

بۇ يەردىن قۇلۇپنى ئاچ نى باسىمىز ، ئىمنى كىرگۈزۈپ  دەلىللەيمىز . ئۈزىمىزنىڭ ھازىرقى تىزىمىمىزنى ۋە تىلىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز .

يېڭىدىن باشقا ئىشلەتكۈچى قۇرۇپ ، دەرىجىسىنى بەلگۈلىيەلەيمىز ، تىلىنى بەلگۈلىيەلەيمىز . +نى باسىمىز . بۇ يەردىكى ئۆلچەملىك دىگىنى سىزدىن تۈۋەن دەرىجىلىك ئەزا . كومپىيۇتىرىڭىزنى ئىشلىتەلەيدۇ ، ئەمما سىزنىڭ نەرسىلىرىڭىزنى باشقۇرالمايدۇ . ( زىيارەت قىلالمايدىغان قىلغىلىمۇ بولىدۇ ،

Home مۇندەرىجىدىكى  ئۈزىڭىزنىڭ نەرسىلىرىنى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر كۆرەلمەيدىغان قىلىپ ھوقۇقنى تەڭشەپ قويساقمۇ بولىدۇ )

يېڭى قۇرغان ئەزانىڭ تىلىنى خەنسۇچە قىلىپ بەلگۈلەپ باقىلى . ئاندىن ھىسابات چەكلەنگەن دىگەننى بېسىپ ئىم بەلگۈلەپ بىرىمىز

يەنە بىر ئىشلەتكۈچى قۇرۇپ تىلىنى ئىنگىلىسچە قىلىپ باقىلى .

تىل قوللىنىشىدا قۇشۇلغان تىللارنى  ئىشلەتكىلى بولىدۇ .


ئەمدى باشقا تىزىملاردا كىرىپ باقىلى .

يېڭى ئىشلەتكۈچى تىزىمىدا كىرگەندە سىستېما تىلى ماس ھالدا ئۆزگۈرىدۇ ، بىز تەڭشىگەن تەڭشەكلەر ئىشلىمەيدۇ ، يېڭى ئىشلەتكۈچى قىلغان ئىشلار سىزگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ . بىزنىڭ ھۆججەتلىرىمىزنى كۈرەلەيدۇ ، لېكىن تەھرىرلىيەلمەيدۇ ، ئەگەر ئۇنىڭ دەرىجىسى باشقۇرغۇچى بولسا ئاندىن بىز قىلغان ئىشلارنى قىلالايدۇ .

بۇ يازمىلىرىم ئۈزەمنىڭ بىلىش چەكلىمەم ئاساسىدا تەييارلانغان بولغاچقا ، نوقساندىن خالى بولىشى ناتايىن .

قېرىنداشلارنىڭ خاتا كەتكەن يەرلىرىمنى كۆرسىتىپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

مەن ئۇبۇنتۇ بىلەن رەسمى تۇنۇشقىلى تېخى بىر يىلمۇ بولمىدى ، ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە تىل قۇشۇش ئىشى 2008 - يىللاردا باشلىنىپ ، 2012 -يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مۇكەممەل ھالەتكە كەلگەن . يېڭىدىن پىرۇگىراممىلار

ۋۇجۇتقا كەپ تۇرىدۇ ، سىستېمىلارنىڭ ئىقتىدارلىرىدا يېڭىلىقلار توختاپ قالمايدۇ . ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇر تىلىنى قۇشۇش ئىشىمۇ توختاپ قالماي داۋام قىلغۇسى . بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار خەلىقنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشىدىن ئەلا بىلگەن قەھرىمانلار .  بىزنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ غېمىنى قىلىپ ئىزدىنىۋاتقان ئەشۇ ئەزىز كىشىلىرىمىزنىڭ

ئۈمىد - ئارمىنى قەدىرسىز قالمىغاي .

ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە قۇشۇش پائالىيەت جەريانلىرىنى  https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug

دىن بىلىشىڭىز مۇمكىن . سىزنىڭمۇ ھەسسە قۇشۇپ قويغىڭىز بولسا ، مۇشۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرالىشىڭىز مۇمكىن .


يەنە بىر ئىش ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا ، xchat-gnome  دىگەن پىرۇگىراممىنى قاچىلاپ ،

قوزغاتقاندىن كىيىن ، ئاسانلا خەلىقئاردىكى ئۇبۇنتۇ ۋە باشقا پاراڭ گۇرۇپىسسىغا كىرگىلى بولىدۇ .

ubuntu گۇرۇپپىسغا كىرىپ       join #ubuntu-uyghurix/  دىگەننى يېزىش رامكىسىغا كىرگۈزۈپ يوللىسا ، شۇ يەردە ئۇبۇنتۇ ھەققىدە ئۇيغۇرچە ئالاقىلەرنى ئېلىپ بارساق بولىدۇ . ئەلۋەتتە بۇ يەردە ھەركىم خالىغانچە پاراڭ گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلغىلى بولىدۇ .     مەسىلەن         join #ubuntu-uyghur/  

دەپ يوللىسا uyghur دەپ ئاتالغان پاراڭ گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدۇ .  باشقىلارمۇ مۇشۇ خەتنى كىرگۈزۈپ ،

گۇرۇپپىغا كىرەلەيدۇ .

ئۇبۇنتۇ ھەققىدە نۇرغۇن مەزمۇنلار بۇيەردە    www.qutbeg.com   www.uyghurix.org  www.uyghurix.net    www.uyghurix.biz        auyghurix.com

     كىيىنكى قېتىمدا ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇ سىستېمىسى ھەققىدە تەپسىلى سىن  ھۆججىتى تەييارلىماقچى بولىۋاتىمەن . ئاللا خالىسا بۇ سىن ماتىريالىنى كۆڭۈل قۇيۇپ تەييارلايمەن .

ھەممىڭىزلارگە تىنچ-ئامانلىق يار بولسۇن .
                                                               2013-يلى 29 -ئاۋغۇسىت
ۋاقتى: 2013-8-29 22:34:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
NINJA يوللىغان ۋاقتى  2013-8-28 18:24
بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز،رەھمەت سىزگە.ئەمدى مەن يولۇققان  ...

ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاش نىيتىگە كەلگىنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. بۇ مەسلىنى سىز مۇنداق ھەل قىلىپ بىقىڭ ؛ يەنى سىز ئۇيغۇرئىكىسنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇشتا ئاۋۋال كومپىيوتىرڭىزدا ئۇبۇنتۇ os مۇھىتى يارىتىپ ئاندىن ئۇيۇپ سىناپ بىقىڭ بۇنىڭدا ئىشەنچىلىك ھەم مۇقىم بۇلىدۇ.  
يەنى سىز ulraiso ۋە ئۇبۇنتۇ ئورگان بىتىدىن چۈشۈرگەن خالىغان بىر ئۈستەل يۈزى نۇسخسى بىلەن wubi.exe دىن پايدىلىنىپ ئۇبۇنتۇ os مۇھىتى يارىتىڭ ۋە ئۇبۇنتۇ شارائىتىدا باش تاختا ماكانىدىن usb  دەپ كىرگۈزۈپ چىققان دىتال ئارقىلىق ئۇيغۇرئىكىسنى ئۇيۇپ ئاندىن ئۇنى كومپىيۇتىرىڭىزغا چىتىپ كەڭ-كۇشادە قاچىلاشنى باشلىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ.  بۇ تۇغۇرلۇق ئازادە-ئۇيغۇرئىكىس بىلوگىدا بىر يازما بار.  
ۋاقتى: 2013-8-30 12:38:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begmurad يوللىغان ۋاقتى  2013-8-29 22:34
ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاش نىيتىگە كە ...

مەن ۋۇبى نى قاچىلاپ باقتىم،لىكىن تولۇق قاچىلانماي تۇرۇپلا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى،نۇرغۇن قىتىم سىنىدىم.ultraisoبىلەن بارماق دىسكىغا ئويۇپ قوزغاتسام تاللاش رامكىسى قوزغالدى،لىكىن تاللىغاندىن كىيىن داۋاملىق قوزغالمىدى.بۇنىڭدىكى سەۋەپ بەلكىم مىنىڭ كومپىيۇتېرىم ناچار ئوخشايدۇ دەپ قالدىم.
ۋاقتى: 2013-8-31 22:16:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
NINJA يوللىغان ۋاقتى  2013-8-30 10:38
مەن ۋۇبى نى قاچىلاپ باقتىم،لىكىن تولۇق قاچىلانماي تۇ ...

ۋۇبىي قاچىلاش بەك ئاسانتىغۇ؟.... سىز قانداق ۋۇبىي قىلدىڭىز؟......ultraiso بىلەنمۇ ياكى بىۋاستە پىرىستىن يەشتىڭىزمۇ؟  
ۋاقتى: 2013-9-1 00:59:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئېلكىتابلاپ قويدۇم، بۇ يەرلەردىن چۈشۈرۈۋېلىڭلار http://1000eb.com/ozam  ياكى http://good.gd/2722368.htm بۇنىڭ swf نۇسخىسى  http://good.gd/2722370.htm ياكى http://1000eb.com/ozan
ۋاقتى: 2013-9-1 11:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begmurad يوللىغان ۋاقتى  2013-8-31 22:16
ۋۇبىي قاچىلاش بەك ئاسانتىغۇ؟.... سىز قانداق ۋۇبىي قىلد ...

ئىككىلىسىنى قىلدىم.مۇمكىن بولسا سىز بىر سۈرەتلىك قىلىپ ئىشلەپ باقامسىز؟
ۋاقتى: 2013-9-1 22:19:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن بىر سىنلىق دەرس ئىشلەپ قۇيۇپتىكەنمەن wubi  تۇغۇرلۇق بۇ يەرگە ھەمبەھىرلەپ قۇيدۇم ياردىمى بۇلۇپ قالا...
ۋۇبىي ئۇسۇلدا ئۇبۇتنۇ قاچىلاش
ۋاقتى: 2013-9-1 22:25:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://auyghurix.com/?p=243  ياكى ماۋۇ ئادرىسقىلا كىرىڭە بىۋاستە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-7-31 21:03 , Processed in 0.176786 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat