- جۇغلانما
- 172
تىزىملاتقان2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
پروگىراممىرنىڭ ئەبجەش خىيالى (2)
ئەڭ چاتاق يامان بولغىنى يەنە بىرقسىم ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق سىستىما ھۆججەتلىرى بىرقسىم باشقا تىلدىكى سىستىملار بىلەن بىرلىشپ جىپىسلاشقان بۇلۇپ كۈزۈمگە بىر eotنى تۇنۇمىغان توربەتتەكلا كۈرۈنەتتى، مەن شۇلارنى نۇرمال چىقىدىغان قىلىش ئۇچۇن ئۇشۇ مەيداندا ئولتۇرۇپ بىرھازا ئۇيلاپ كىتەتتىم، دا بۇلارنى eot دىن قايتا ئوتكۈزۈپ قۇيغۇم كىلەتتى .ھەمدە بۇلارغا سىنىڭ 编码 بولسا utf-8جىمۇ دەپ جاراڭلىق ئاۋازدا ئەسكەرتىپ قۇيغۇم كىلەتتى .
ئەمىلى تۈرمۇشتا شۇنداق ئىنسانلارنى eot لىغىلى بولسا نىمە دىگەن ياخشى ھە !
ياكى بۇلارنى شۇھامان ئەلكاتىپنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسقۇسنى ئىشلىتىپ usp10.dll دىگەن ھۆججتىنى يېڭىلاپ باشقا تىلىدىكى خەت بىلەن يۇنىكودلۇق خەتلىرنىڭ ئارلىقىنى كەڭەيتىپ قايتا تۈزۇپ قۇيغۇم كىلەتتى ، ئەمما بۇلارننى تۈزۈپ چىققان ئاتا – ئانىسدەك پروگراممىرلار تۈزۈلمىگەن يەردە مەن قانداقمۇ تۈزۈپ چىقاي ھە ! دىمەك ئاشۇ ئاتا-ئانسى مەلۇم بىر فۇنكىسينى بىلمەي شۇ يۇنىكودلۇق سىستىملارنى تۈزۈش جەريانىدا ئانچە مۇنچە خىيال كىرگۈزگۈچىگە ئوخشاش يۇنىكود سىز قىلىپ تۈزۈپ خاتالىق چىقارغان بۇلىشى مۇمكىنمۇ!
بەزىدە مەن ئاشۇ (c:\)مەيداندا ئۇلتۇرۇپ بىرقسىم سىسىتىما ھۆججەتلرىنىڭ ئاجايىپ ئادەم قېلپىدىن چىققان مايمۇندەك ھەركەتلىرنى قىلىپ بىر –بىرسىگە گىرەلىشىپ ئاغزىدىن شالداملىرىنىڭ ئېقىشىغا قارارماي كىيىۋالغان كىيىملىرىدىن چىقىپ قالغان ئەزالىرنىڭ توختىماي بىر-بىرسىنىڭ بىريەرلىرگە سۈركۈلۈپ 主版نىڭ ئۈستىدىكى سۇۋۇتقۇچقا ئوخشاش ئىسسقلىق تارقىتۋاتقانلىقىنى ، ئاشۇ ئەزالىرنىڭ جىم تۇرماي بىريەرلىرنى مۇجۇم ئولتۇرغۇننى 开始 تىزىملىكى ئىچىدىكى 搜索 قىلدىغان يەردىن ئاختۇرۇغاندەك كۈرۇپ قالاتتىم . ئەممائۇلار غاپىسەتمۇ قىلمايتىم،يامان دىققىتىمنى قۇزغايتدىغان يىرى مەن ئاشۇ c:\windows\system32 ھۆججەتلارنىڭ ئىچىدىنwindows نىڭ 放大镜 سىنى ئىشقا سېلىپ بىرقىسم ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق سىستىما ھۆججەتلىرنىمۇبايقاپ قالاتتىم ،ئۇلار كۈزۇمگە بىر autorun ھۆججىتىدەك كۆرنەتتى ئۇلارنىڭ ھەركىتلىرى قايسى تىرويجان ۋىروسىنىڭ ھۆجۇمغا ئۇچۇراپ ئاشۇنداق مەدەنيەتنى ۋە شۇنداق قىلىقلارنى قۇبۇل قىلۋالدى ھىچ بىلمەيتىم ۋە ئۇيلاشقىمۇ پېتىنالمايتىم ئۇلارمۇ ئۈزىدىكى ئۇيغۇرچە يۇنىكودلىرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ باشقا ھۆججەتلەردەك ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى باشقا ھۆججەتتىن ئاشۇرۇپ قىلاتتى،بۇچاغلاردا مەن بۇلارغا قاراپ مائۇس ئارقىلىق يېڭى新建文件夹قۇرۇپ شۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ بىراقلا 桌面تارتىپ ئاپىرىپ回收站 گە تاشلىغۇم كىلەتتى،بۇنداق قىلمىسام ئۇلار قىينالماي قالاتتى چۇنكى ئۇلار桌面 ئۇياقتىن بۇياققا راسا مائۇس بىلەن سۆرەپ قۇيمىسام ئۇلار قىينالمايدۇ ئەمەسمۇ . ياكى مەن شۇھامان瑞星杀毒软件نى ئىشقا سېلىپ بۇلارنى تازلاپ چىقىرۋەتكىم كىلەتتىدە كاللامدا شۇلارنى ئويلايتىم ، بۇ(c:\) ئاستىدىكى ھۆججەتلەر بۇنداق تۇرسا (D:\),قاۋاقخانا (C:\),جەمىيەت (E:\)دىبا ۋە باشقادىسكائاستىدىكى ھۆججەتلەر قانداق بولماقچى ! بۇلارنى ئويلاپمۇ يەتكىلى بولمايدۇ . يابۇلارنىlformat تا ئۈچۈرۈپ تاشلىغىلى بولمىسا ! ھەي ..ھەي
ئەمىليەتتە تۇرمىشىمىزدا باشقىلارنى قارتىپ قۇيۇم ئۇچچۇق ئاشكارە بۇززۇق ئىشلارنى قىلۋاتقان كىشىلەرنى كومپىيۇتيىردىكى ئەخلەت ھۆججەتلارنى بىرتەرەپ قىلغاندەك قىلغىلى بولدىغان بولسا مەن چۇقۇم 文件割小子 دىگەن سىستىمىنى ھەقسز تۈزۇپ قۇيغان بۇلاتتىم ، ياكى文件批量修改器 دا ئاشۇبۇززۇق ئادەملەرنى ئۆزگەرتىپ قۇيغان بۇلاتتىم .پەقەت بولمىسا 格式化 قىلىپ يۇقاتقان بۇلاتتىم .
FINALDATA تىمۇ ئەسلىگە كەلمىسە نىمە دىگەن ياخشى !!!!!!!!!!!
، بۇC: نىڭ ئاستىدىكى بىرقىسم ھۆججەتلەرنىڭ ئازساندىكى قالايىم قانچىلىقى ئىدى خالاس . شۇتاپتا مەن مەيداندا ئولتۇرۇپ ھىرىپ قىلىپ يەنە ياتاققا كىرىپ يۇقارقى قالايىم قانچىلىقنى تازلاش ئۈچۈن كومپىيتىرنى قۇزغۇتۇپ C:\نى رەتلەپ قۇيسام يۇقاردىكى ئويغۇرچە يۇنىكودلۇق تىكىست ھۆججەتلىرى تۈزلۈپ قالار دەپ مائۇسنى تۇتۇپ 开始نىڭ ئىچىدىن管理工具نى ئاچاتتىم بۇنىڭ ئىچىدىن يەنە
计算机管理بۇ تۈرنىڭ ئىچىدىن磁盘管理نى ئېچىپ رەتلەش بۇيرىقى بىرەتتىم .كومپىيۇتىر شۇھامان بۇ ھۆججەتلەر ئىچىدىن خارەكتىرى بۇزۇلمىغان ياخشى ھۆججەتنى بىرخىل رەڭ بىلەن بۇزۇلغان ھۆججەتلارنى باشقا رەڭ بىلەن بۇياپ قۇياتتى . ئارقىدىن دىسكىنى رەتلەپ بولغاندىن كىيىن
مەن يەنە بىر پروگىرامما تۈزۈپ چىقاتتىم . بۇ پىرگىراممىنىڭ ئىسمى ئاپلا جىما ! ئىدى
بۇ ئاپلا جىما دىگەن پروگىرامما ئاجايىپ ئىدى . كودى مۇنداق يېزىلاتتى
پروگىرامما قۇزغالغاندا دىگەن ھادىسگە (Form_load)
) ئەگەر مەن ئەتە يىغىدىغان تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولسام if (
دەرھال ئۇچۇر رامكىسىغا "ھە ياخشى ئەمدى قانغۇدەك بىر ئۇخلايچۇ "؛
ئۇنداق بولمىسا
دەرھال ئۇچۇر رامكىسىغا "ئامال يۇق توكنى ئۈچۈرمەستىن ئاۋال ئىشلەپ چىقاي "؛
شۇنداق قىلىپ مەن بىر ھەپتىدىن بۇيان يېىغىلىپ قالغان ئىنگىلىسچە ، ياپۇنچە ، يەنە بىر بىرنىمىچە
تىللاردىكى تاپشۇرۇقىنى يۇقارقى كودلار ئارقىلىق ئۆز ئاناممۇ ماڭا ئۈگەتمىگەن تىللاردا ئومۈچىكنىڭ پۇتىدەك قىلىپ ئۇيغۇرچە ئەسلىيا، ئۇيغۇرچە يانتۇ ، ئۇيغۇرچە تاغدىن باغقا ، ئۇيغۇرچە بەك توم، بەك زىلۋا ۋەئەلپىدا تۈز خەت نۇسقىسى يەنە مۇشۇ چۈشەنمەيدىغان تىللار ئۈچۈن ئۈزۈم تۈزگەن جېنىم پىدا دىگەن خەت نۇسقۇللىردا تاپشۇرۇق دەپتەرنىڭ كاتاكلىرگە قىزىل تىروۇيگا ئۇينىغا ئۇخشاش پۇل زاۋۇتىنى ، تانكىنى . زۇڭبۇنى ..... تىزغانداق تىزىپ يازاتتىم تاپشۇرۇق دەپتەردىكى بۇ چىرايلىق خەت نۇسقىللىرى قالايىمقانلىقىدىن بىز ئۇيغۇرلار ھازىرقى توربىكەتلىدە ئىشلىتىۋاتقان خەت نۇسقۇسى ۋە رەسملىك ئېلاندەك كۆرنەتتى .
قارسام مىنىڭلا ئەمەس تاپشۇرۇق تەكشكۈرگەن مۇئەللىمنىڭ كۈزىنىمۇ ئالا- چەكمەن قىلىپ قۇياتتى دە مۇئەللىممۇ بۇ تاپشۇرۇقنى تەكشۇرمەن دىسە بىرمەيدان قىتىپ قىلىش ھادسىسى چىقىدىغىنى ئېنىق ئىدى، خەت يىزۋېىتپ تاپشۇرۇق دەپتەرىمگە قارايدىغان بولسان بۇۋاقتتا مەن ئۈزۈممۇ قايسى سۆزلىكنى قايسى خەت نۇسقۇستا يازغىنىمنى بىلمەيتىم ، دە ئويلايىتىم ئەسلى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خەت نۇسقىسى ئاللاقاچان يۇنىكودلۇق بۇلۇپ بولغان بولىسمۇئەمما بەزى توربەتتە ئىشلەتكەن خەت نۇسقىللىرمىز تېخى بىرلىكە كەلمىگەندىكەن ، مەنمۇ شۇنداق كۆپ خىل خەت نۇسقىسدا تاپشۇرۇق يازسام ياخشى ئەمەسمۇ ! مۇئەللىممۇ بۇ تاپشۇرۇقلىرىمدىكى خەتلەتنى ئۇقۇيالماي قالسا ئەلكاتىپ ، ئەلپىدا ، ئويغان ، خىيال ، يەنە مەن ئاشۇر ئەبجەش خەتلەر ئۈچۇن تۈزۈپ قۇيغان جېنىمپىدا دىگەن خەر نۇسقىلىرنى قاچىلاپ نۇرمال قىلىپ تەكشۈرۈپ قۇيا ! ئاپلا ئۇ مۇئەللىم يۇنىكودسىز سىستىمىدىن تۈزۈلگەن تورسا قانداق مۇ يۇنىكودلۇق خەت نۇسقىسىنى تۇنۇيالىسۇن !!! شۇنداق قىلىپ ھازىرمۇ يەنە كىلىپ ئۇيغۇر توربىكەتلىرمۇ ئاز ئەمەس،
بىزنىڭ سىنىپتىمۇ مەندەك كۆپ خىل خەت نۇسقۇللىرنى ئىشلىتىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ساۋاقداشلارمۇ ئاز ئەمەسدە !چۈنكى ئويغۇر توربىكەتچىلىكىىدە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇردىغىنى ناخشا –مۇزىكا توربىكىىتى ئەمەمسمۇ !!ھەرگىزمۇ بىلىم ئۈگۈندىغان توربىكەتلەرنى قۇرۇپ چىقمايمىز شۇڭامۇشۇنىڭغا بېقىپ بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلاردىمۇ ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇردىغىنى كۈچۈرمىچىلىك بۇلۇپ قالدى ، بىرساۋاقدېشىمىزنىڭ ئىشلىگەن تاپشۇرۇقىنى ھەممىمىز HD copyدىگەن سىستىمىدا پۈتۈنلەي ئۆزئەينى ئوخشاش قىلىپ كۈچۈرۈپ يازاتتۇق بۇ ۋاقىتتا ئاشۇ ساۋاقدىشىمىزنىڭ تاپشۇرقىدىكى بارلىق چىكىت ،پەش ۋە خەت نۇسقىللىرى بىلەن بارلىق ساۋاقداشلىرمنىڭ ئىشلەتكەن سۆزلىكىمىز ۋە يازغان خېتىمىز ئىسمىمىزدىن باشقا يەرلىرى ئوخشاش قىلىپ كوپىيە قىلناتتى ،پاھ بۇ HD copy دىگەن سىستىما نىمدىگەن ئىلغار ھە ! مەن بۇۋاقىتتا مۇنىلارنى ئويلايتىم بىز ئۇيغۇر توربىكەتچىلىكىدە ئۈزى مۇستەققىل بىر توربەت تۈزۈشنى بىلىدىغان ئادەملەر خىلى جىق ئەمما ئۈزى ئاشۇ asp نىمۇ بولسا جايلاپ ئۈگەنمەي
بىلمەي aspبىلدىغانلارنى توربەت ئويناپ قۇيدۇ . پروگىرامما ئويناپ قۇيدۇ دەپ مەسخىرە قىلدىغانلارنىڭ سانى بولسا ئاشۇ ھەقىقى توربەت تۈزۈشنى بىلىغان ئادەملەردىن نەچچە ھەسسە جىق ئۈزىمىز بىرئىشنى قىلىپ باقمايمىز باشقىلار قىلسا تۆت پۇتلاپ كۈلىمىز ھە!!!، ھازىريامان بولغىنى ئۇلار باشقىلارنىڭ يۇنىكود سىز قىلىپ تۈزۈپ قۇيغان توربەتلىنى ئاشۇ 200~300يۈەن پۇل ئۈچۈن يۇنىكودلۇق قىلىپ ئۈزىدىكى بارلىق يۇنىكودنى باشقلارنىڭ يۇنىكدسىز يەرلىرگە چاپلاپ ئۇيغۇر توربىكەتچىلىكىنى ئوخشاش بىرقىلىپ قىلىپ بىرەر يېڭىلىق يارتىدىغان ئىشلارنى قىلماي ئەكىسچە ئۈزىنى بىر ئۇلۇغ توربەت تۈزگۈچى ، ئاۋا ۋە بىزدەك ھەققى توربەت ۋە پروگىرامما تۈزگۇچىلارنى ئۇلۇغ قەلەندەر قىلىپ قۇيدى ، ئۇلار نىڭ ئېلانلىرنى توردىكى ئېلانلىرى بولسا ناھايتى قىزقارلىق ئىدى مەسلەن :
بىزدىن بۇشلۇق سېتىلۋالسىڭىز توربىكىتىڭىزنى ھەقسىز 5مىنىتتا ياساپ بىرمىز ، ھەمدە 100دانە توربەت سىزگە ھەقسىز سوغغا قىلىندۇ ! !!! ھەمدە توربىكىتمىزدە ئېلان قىلىپ بىرمىز . شىنىجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ناخشا،كىنو ، ئۇيۇن توربىكىتى ئىچىلدى تىزكىرىپ قانغۇچە ئويناڭ !!!! ۋە باشقا ............ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
بۇ ئېلانلار كۈزۈمگە ئاچىسىنى بىلەن توي قىلسىڭىز سېڭنىسىنى قۇشۇپ بىرمىز دىگەندەك كۈرنەتتى
مەن بۇ ئېلانلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق دەپتەرنىڭ كىيىنكى ۋارىقىغا مۇنداق پروگىرامما يېزىپ ساپتىمەن !
پروگىرامما قۇزغالغاندا دىگەن ھادىسگە (Form_load)
) ئەگەر مەن ئۈزۇم بىرپروگىراممىر تۇرۇپ ئۇلاردىن توربكەت ۋە بۇشلۇقى سېتىۋالسام if (
دەرھال ئۇچۇر رامكىسىغا "ھەي ھانناس 5 مىنىتتا توربىكىتىم مەن ئويلىغاندەك پۈتسە ، ۋاھ ھەقىقىتەن ئۇستىكەن ئۇلار شۇڭا تورغا قۇرۇقماي بەش مىنىتتا توربىكىتىڭىز پۈتىدۇ دەپ يېزىپتۇدە شۇڭا بارلىق ئۇيغۇر كارخانلىرى ۋە شىركەتلەر مۇشۇلارغا توربەت تۈزگۈزگىلى تۇرپتۇدە ، شۇڭا بىزدەك كەسپى توربىكەت ۋە سىستىما تۈزگۈچلەر نىڭ باشتىن ئاخىرى نەچچە ھەپتىدە تۈزگەن توربىكىتى 200يۈەنگە يارمايدىگەدە "؛
) ئەگەر مەن بۇشلۇقنىلا سېتىۋالسام if (
دەرھال ئۇچۇر رامكىسىغا "يەنە 50 يۈەن قۇشسىڭىز بىز سىزگە ئۈزىمىزتۈزگەن توربىكەت كودنى بىرمىز "
مەن مانا شۇنداق بىر پروگىراممىنى تاپشۇرققا يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئويلاپ باقايلى ئۇلارنىڭ توربىكەتلارگە بەرگەن ئېلارغا قاراپ ، ئۇلار راسلا شۇنداق aspدا 5 مىنۇتتا توربىكەت تۈزۈۇپ چىقالىسا
Visual Basic6.0 ,VB.NETنى %50 ئىشلىتىدۇ دىگەن گەپ دىمەك ئۇلار 5كۈندە ياكى 5ئايدا ئۇيغۇرچە مەلۇم بىر يۇمشاق دىتالنى بىمالال تۈزۈپ چىقتى دىگەن گەپ، ئەگەر ئۇلار PHP دا 5 مىنۇتتا
بىر توربەت تۈزۈپ چىقتى دىسەك . دىمەك ئۇلار Cتىلىدا 5يىل ئىچىدە بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر كىچىك تىپتىكى مەشخۇلىيەت سىستىمسى (WINDOWS) تۈزەلەيدۇ دىگەن گەپ . ئەگەر ئۇلارنى JSP دا 5 مىنۇتتا توربەت تۈزدى دىسەك خا ئۇنداقتا 3يىل ئىچىدە ئىرپان شىركىتى ۋە مەئەللىم شىركىتىدىن ئىلغاربولغان لۈغەتلەرنى تۈزۈپ چىقاتتى قېنى ئەمسە شۇلارنى قىلىپ بېقىڭلارچۇ؟؟؟ يامان يىرى بۇ 5مىنۇتتا ھەرقانداق توربىكەت تۈزدىغان نوچىلارنى ئامىرىكا مىكروسوفت شىركىتى تەكلىپ قىلىپ ئەكەتمەپتۇ ئۇلارغا سىلەردەك ئادەملار كېرەك تورسا ، يە ئۈزىڭلار شۇنداق يەرلەرگە كەتمەمسىلەر . شۇچاغدا بىز پروگىراممىرلارمۇ سىلەردىن سۈينەتتۇق . باشقىلارمۇ ئۈزى تۈزۈپ قۇيغان ئاشۇ يۇنىكودسىز توربىكەتلىرنىڭ كودنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىتىن بىزنى تىللاشتىن توختاپمۇ قالاتتى .
ئەگەر راسلا شۇنداق قىلالىساڭلار بارلىق جۇڭگۇ خەلىقى جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلار سىلەردىن پەخىرلەنمەيمىزمۇ ؟ ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ بىزگە ئېچىپ بەرگەن سىياسىتىمۇ شۇنداق ياخشغۇ !
قىنى مىكروسوفىتقا ماڭمامسىلەر ! نىمە پايدىسى ئاشۇ باشقا قېرىنداش مىللەت تۈزۈپ قۇيغان ھەقىسىز توربىكەت كودلىرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قۇيغاننىىڭ ، چاتاق چىقسا بۈزۇلغان يەرنى تاپالماي سەيپۇڭغا ئوخشاش ھىلى ئۇ يەرنى ھىلى بۇ يەرنى كۈچىلاپ . نىمە پايدىسى ئۇنداق چىدىماسلىق قىلغاننىڭ يە تەرجىمە قىلغان گىپىڭلار قۇلاشمىغان . يامان يىرى تەرجىمە قىلغان بىتىڭلارنىڭ ھەممسى
ناخشا . مۇزىكا ، كىنۇ . خا قايسڭلار تۇتۇپ بىر ئۇقۇ – ئۇقۇتۇش ، ئۈگۈتىش تۇرغرۇلۇق توربەتنى تەرجىمە قىلىپ باقتىڭلار ! ئىناۋەتنى شا شىدۇ قىلغان دىگەن شۇدە !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ھەي بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلارمۇ تاپشۇرۇقنى كۈچۈرۈپ ئىشلىسە بۇلىدىغان جىمۇ مەنمۇ ھازىر تاپشۇرۇنى ئىشلەپ بۇلالمىسام ئاپلا جىما ماۋۇ چىراغنى ماۋا لوجاڭ نىزە يەنە چىراغىىنى ئۈچۈردىدە
شۇنداق قىلىپ مۇشۇ خىياللارنى سۈرۈپ ئولتۇرسام تۇيۇقىسز ئەبگا توك ئۈچۈپ قالاتتى. مەن بۇۋاقىتتا ئۈزۈمنىڭOffice Word تا ئىشلەۋاتقان تاپشۇرۇقلىرىمنى保存 قىلالماي قالاتتىم دە ھەي كاساپەت ئەتە باشقا ساۋاقداشلاردىن HD copyدىگەن سىستىمىدىن پايدىنلىپ كوپىيە قىلاي خەپ چىراغ جىمۇ !!!
دەپلا ئورنىمغا چىقىپ ئوڭدىسغا يېتىپ ئوخلاشقا تەرييارلىق قىلىپ يەنە پىر پروگىرامما تۈزۈپ چىقاتتىم پۇ پروگىراممىنىڭ ئىسمى بولسا ناھايتى قىززىق ئىدى ، يەنى (ئازاپلىق ئاخشام) ئىدى . بۇ پروگىراممنىڭ ئوبىيكىتقا يۈزلىنىشچانلىق ناھايتى بەك يۇقۇرى بۇلۇپ . يۇقۇرلىغىدىن ئادەمگە ھۇزۇر بىغىشلاپ كىچىچە ئوخلاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بۇ پروگىرامما مۇنداق يېزلاتتى .
پروگىرامما قۇزغالغاندا دىگەن ھادىسگە (Form_load)
(ئەگەر قوشنا ياتاقتىكى دوسلار دۇتتار ، گىتتار چالسا if (
دەرھال ئۇچۇر رامكىسىغا "ھە ياخشى ئاڭلاپ مۇڭ لۇنۇپ ياتايچۇ "؛
(ئەگەر قوشنا ياتاقتىكى دوسلار دۇتتار ، گىتتار چالمىسا if (
دەرھال ئۇچۇر رامكىسىغا "خۇداغا شۇكۈرى بۈگۈن بىر تىنىچ ئوخلايدىغان بولدىم "؛
(ئەگەر قوشنا ياتاقتىكى دوسلار دۇتتار ، گىتتار چالماي ھاراق ، نىشە چالسا if (
دەرھال ئۇچۇر رامكىسىغا "ئاھ خۇدا يەنە بىركىچە ئۇيقۇسىز قالدىغان بولدۇم بەندەڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتاقىل ! "؛
(ئەگەر قوشنا ياتاقتىكى دوسلار ھەممسى تىنىچ ئۇخلاپ قالسا ھەمدە ئۈزۈمنىڭ ساۋاقداشلىرى ھاراق ، نىشە چالساif(
دەرھال ئۇچۇر رامكىسىغا "بۇگۈن بۇ بىنادا قىيامەت قايىم بولدىغان ئوخشايدۇ . خۇدا ساقلسۇن ! "؛
مانا يۇقارقىلار مەن ئوخلاشتىن ئاۋال تۈزىپ چىقىدىغان پروگىراممىنىڭ بىرقىسم تەرپى خالاس ، ھەممىنى بۇيەردە تۈزۈپ سالسام ئۇساۋاقداشلىرىم مىنىڭ ياتىغىمغا چىقىپ مىنىمۇ ئۈزىنىڭ كاللىسدا ئويلىغاندەك تۈزۈپ قۇيدىغانلىقى ئېنىقدە ...................................................
شۇنداق قىلىپ مەن بۇ پروگىراممىنى مۇشۇنداق تۈزگۈنۈمچە بىركىچىلىك بۇخاراغا كەتتىم . ئىشقىلىپ ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن ئون يىلىدىن بۇيان كومپىيۇتىرنىڭ ئالىدا ئولتۇرۇپ پروگىرامما تۈزگەنلىكىم ئۈچۈن كومپىيۇتىر مىنىڭ نىرۋامغا تەسىر قىلدىمۇ ، ئانچە –مۇنچە ئۇخلاۋىتىپ تۇيۇقسىز چۈجۈپ ئۇيغۇنۇپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدىم ، بۇنداق ئىش مەندىلا بار ئوخشايدۇدەپ ئويىلىسام باشقا پروگىرامما تۈزگۈچىلەردىمۇ بار ئىكەن . مەن شۇتاپتا چۈجۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ، قارسام قۇشنا ياتاقتىكى دوسلار مۇنداق پروگىرامما تۈزۈپتۇ:
پروگىرامما قۇزغالغاندا دىگەن ھادىسگە (Form_load)
(ئەگەر ئاداش سەن ماۋۇ بىررۇڭكىنى كۈتۈرۋەتمىسەك if (
دەرھال ئۇچۇر رامكىسىغا "ئۇغۇل بالا ئەمەس ! بۇ مىنىڭ ساڭا تۇتقان كۆڭلۈم ئىچە ئاداش "؛
(ئەگەر ئاداش سەن ماۋۇ نىشە نى بىر تاتمايدىغان بولساڭ if (
دەرھال ئۇچۇر رامكىسىغا "مىنىڭ جان جىگەر ئاغىنەم ئەمەس ! ئالە بىر تات بەك پەيزى بۇلىدۇ ! "؛
ئۇنداق بولمىسا
دەرھال ئۇچۇر رامكىسىغا "سىنىمۇ ئۇغۇل بالادەمدۇ . ئالى مەكتەپتە دىگەن ئىچىدۇ ، چىكىدۇ ئاداش سەن مەن ساۋاقداش كىلە ئاداش ئوينايلى . ئۈگۈنۈش قىلىپ نىمە كەپتۇ ھە ئاداش ، ئاتا – ئانىمىز تورسا نىمە قىلىمىز جاننى قيىناپ ئۈگۈنۈش قىلىپ . خوشە ! خوش ئەتىمىز ئۈچۈن كۈتۈرەيلى "؛
شۇ تاپتا مەن شۇ ئۇيقامدىن چۈجۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ، دە يۇقارقى پروگىراممىنىڭ باشقىلار تەرپىدىن تۈزلىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قىلىم كاللامدا مەن كۈندىزى پروگىرامما تۈزدىغان ۋاقىتمنى يېتىشتۈرەلمەي كومپىيۇتيىرنىڭ ۋاقتىنى نەچچە قېتىم كەينىگە سۈرۈپ كەچ بولمسكەن دە پروگىرامما تۈزۈپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاشقا تەمشىلىپ ئاخىرى چىدىماي ئوخلاپ قالدىغان تۇرسام ماۋۇ قۇشنا ياتاقتىكى ساۋاقداشلار مەندىن ئاشقان ئاشۇ كىچىلىك ۋاقىتنى ئۇلاپ ئازاپلىق ئاخشام دىگەن پروگىراممىنى پەيزاقىلدىغان ئاخشام دەپ تۈزۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ يەنە بىرھازا ئويلۇنۇپ كىتەتىم . دە يەنە ئويقۇغا كىتەتتىم .
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى داۋاملىق يېزىلدۇ . ئەسرسوفت
|
|