ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 338 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1123|ئىنكاس: 8

بالىلىقتىن ئەسلىمە--- كارتونلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    بۇ تېمىنى نۇر تورىدىن كۆچۈرۈپ كەلدىم .   تۆۋەندىكى فىلىملەر توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى تەپسىلاتلارنى بىلسەڭلار ئىنكاس شەكلىدە يوللاڭلار.تەڭ بەھىرلىنەيلى .  ئونتۇلۇپ قالغان باشقىلىرى بولسا تولۇقلاپ قوياسىلەر .     

  

             ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كارتون فىلىم ئۆزىدىكى نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ھەقىقىي ئادەم رول ئېلىپ چىققان فىلىملەردە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئاجايىپ تەسەۋۋۇرلارنى كارتون شەكلى ئارقىلىق روياپقا چىقىرىپ، ماكان ۋە زامان ھالقىغان ھالدا كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرالايدۇ. كارتون فىلىملەر بالىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماي، ياخشى ئىشلەنگەن كارتون فىلىملىرىنى بالىلارلا ئەمەس ئاتا ـ ئانىلارمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. ياخشى ئىشلەنگەن كارتون فىلىملىرى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ ـ يېتىلىشىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەن تۆۋەندە 90-يىللاردا كارتون ياقتۇرۇپ كۆرگەن كارتون فىلىملىرىمنى رەتلەپ چىقتىم. قېنى ئەمىسە، دوستلار، كارتون دۇنياسىغا بولغان سەپىرىمىزنى باشلاپ كەتسەك قانداق؟
  
一休.jpg

    1. ئەقىللىق يىشۇ فىلىمى: بۇ كارتون فىلىم بارلىق كىچىك دوستلارغىلا ئەمەس ئاتا ـ ئانىلارغىمۇ ئىنتايىن تۇنۇش. 298 قىسىملىق بۇ كارتون فىلىم 1975-يىلى ياپونىيەدە ئىشلەنگەن. فىلىمدە ئاساسلىقى ئېنگو ئىبادەتخانىسىدىكى كىچىك راھىب يىشۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىگە تايىنىپ ھەل قىلىش قىيىن بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقى ۋە نۇرغۇنلىغان نامرات، كەمبەغەل كىشىلەرگە ياردەم قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ

   篮球.jpg
2. ۋاسكىتبول ماھىرى: 101 قىسىملىق ۋاسكىتبول ماھىرى ناملىق كارتون فىلىممۇ ياپونىيەدە ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ فىلىم قۇيۇلغاندىن كيىن ياش ـ ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ۋاسكىتبول قىزغىنلىقى قوزغالغان، رۇكاۋا قاتارلىق باش پىرسوناژلار نۇرغۇنلىغان ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئوبراز بولۇپ قالغان.


狮子王.jpg
  3. شىر پادىشاھ: شىر پادىشاھ فىلىمىنى دېسنىي كارتون فىلىملىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسى دېيىشكە بولىدۇ، فىلىم قۇيۇلۇپ شۇ يىلىلا ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ بىر قانچە تۈردىكى چوڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ فىلىم ھازىرمۇ يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشمەكتە. فىلىمدە شىرچاق سېمبانىڭ كىچىكىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق مەسئولىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك، سېھرىي كۈچكە ئىگە باتۇر شىر بولۇپ پىشپ يېتىلىش جەريانى سۆزلەنگەن. بۇ فىلىم ئارىلىقىغا يەنە سەمىمىي دوستلۇق ۋە پاك مۇھەببەت قۇشۇپ تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق فىلىمنىڭ سېھرىي كۈچى يەنىمۇ ئاشۇرۇلغان.

猫和老鼠.jpg
  4. مۈشۈك ۋە چاشقان ناملىق كارتون فىلىم 1940 –يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرشىكەن كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى، 90-يىللاردا جۇڭگودا قۇيۇلغاندىن كىيىن، ئالتە ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئېلىمىزدىكى مۈشۈك ۋە چاشقان قىزغىنلىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەشمۇ تەس. بۇ فىلىم 1943-يىلدىن 1952-يىلغىچە ئىلگىرى ـ ئاخىر بولۇپ يەتتە تۈرلۈك ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئوسكار ئالتۇن ھەيكىلى مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن كارتون فىلىم مۇكاپاتى بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كارتون فىلىمنىڭ بىرى بولۇپ قالغان

marko.jpg
5. ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى: بۇ فىلىم ئىتالىيەلىك داڭلىق يازغۇچى ئېدموندو دې ئامىجىس (Edmondo De Amicis) نىڭ داڭلىق كلاسسىك ئەسىرى مۇھەببەت تەربىيەسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمدا ئاساسلىقى بىر ئۆسمۈرنىڭ ئاپىسىنى ئىزدەش جەريانىدا تۇرمۇشنىڭ ئىسسق ـ سوغاقلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ تاۋلىنىش جەريانى سۆزلەنگەن.

   古代.jpg
6. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا: كورىيە 39 قىسىملىق بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ناملىق بۇ كارتون فىلىم چاۋشيەن مىللىتى ئارىسىدىكى ھېكايىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ئىبى، گابىدىن ئىبارەت ئادەمگىمۇ، پەرىشتىلەرگىمۇ ئوخشاپ قالىدىغان ئىككى ئوماق بالا شۇنداقلا كۆكتاتقۇمۇ پەرشىتىلەرگىمۇ ئوخشاپ قالىدىغان بوۋاينىڭ ئىنسانىيەتكە ياردەملىشىپ قىلىپ بەرگەن ھەر بىر ئىشلىرى تەسۋىرلەنگەن. ۋە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىناق ـ ئىجىل بولۇشقا، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشكە، چاقىرغان.

  

名人故事.jpg
6. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا: كورىيە 39 قىسىملىق بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ناملىق بۇ كارتون فىلىم چاۋشيەن مىللىتى ئارىسىدىكى ھېكايىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ئىبى، گابىدىن ئىبارەت ئادەمگىمۇ، پەرىشتىلەرگىمۇ ئوخشاپ قالىدىغان ئىككى ئوماق بالا شۇنداقلا كۆكتاتقۇمۇ پەرشىتىلەرگىمۇ ئوخشاپ قالىدىغان بوۋاينىڭ ئىنسانىيەتكە ياردەملىشىپ قىلىپ بەرگەن ھەر بىر ئىشلىرى تەسۋىرلەنگەن. ۋە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىناق ـ ئىجىل بولۇشقا، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشكە، چاقىرغان.

heman.jpg
 8. خېيمەن ۋە ئالەمنىڭ خۇجايىنلىرى: 130 قىسىملىق بۇ كارتون فىلىم ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئاجايىپ ئۆزگىچە دۇنيا «ئېتېرنىيا» ۋە بۇ جايدىكى ئۇچقۇر تۇلپار، پىرىخون شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ پادىشاھى ئادام ۋە «ئىسكىلىت شاھ» قاتارلىقلار ئارىسىدىكى ھەققانىيەت يولىدىكى كۈرەش تەسۋىرلەنگەن.

  ئادامنىڭ بىر مەخپىيەتلىكى بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم «ھەي، مەن خېيمەن، ماڭا كۈچ ـ قۇۋەت ئاتا ـ قىلغىن» دېگەن ئەپسۇننى ئوقۇپ قىلىچىنى كۆتۈرۈپ ۋارقىرىغاندىن كېيىن، ئۇ «ئالەمدىكى غايەت زور شەخس خېيمەنگە ئايلىنىدۇ ۋە «ئىسكىلىت شاھ» بىلەن جەڭ قىلىدۇ.

哈审批.jpg
 9. خاسپىينىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتلىرى: بۇ فىلىمدا ئاساسلىقى تەددى خاسپىي ئىسىملىك بىر ئېيىقنىڭ سىرلىق خەرىتىدە تىلغا ئېلىنغان يەتتە پارچە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە خرۇستالنى ئىزدەش ئۈچۈن شېرىكلىرى بىلەن تۈرلۈك خىيىم ـ خەتەرلەرنى يەڭگەنلىكى ۋە نۇرغۇن دوستلارنىڭ ياردىمىگە ئېرشىكەنلىكى ئەڭ ئاخىرىدا جىنايەتچىلەر گۇروھىنىڭ سۇيقەستىنى بىتچىت قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ.  

   米姆.jpg

  10. كارتون فىلىم مىم.  (米姆)ياپونىيەدە ئىشلەنگەن 127 قىسىملىق كارتون فىلىم مىمدا ئاساسلىق ئىككى بۆلەك مەزمۇن سۆزلەنگەن بولۇپ، بىرىنچى بۆلىكىدە تارىختىكى داڭلىق ئالىملار، كەشپىياتچىلار ۋە ئالاقە تېخنىكىسى تەرەققىياتى قاتارلىقلار ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، بىلىم ئۆگۈتۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان. ئىككىنچى بۆلەكتە مىم ۋە يەتتە نەپەر بالىدىن تەشكىللەنگەن پەن ـ تېخنىكىلىق قىدرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ۋەقەلىكلىرى سۆزلەنگەن.

   dirakon  库鲁比.jpg
 11. خىسلەتلىك دراگون كۇلۇبى: دېسنىي شىركىتى ئىشلىگەن فىلىم بولۇپ، جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدا 40تىن ئارتۇق شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا كۈندە قۇيۇلغان. بۇ فىلىمنىڭ قۇيۇلۇشى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ۋە بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان

   三黑路.jpg
12. باتۇر سانخىلو: بۇ فىلىم ياپونىيەدە ئىشلەنگەن بولۇپ فىلىمدە ئاساسلىقى بىر ئۆسمۈرنىڭ دادىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر بالا ۋە بىر ئىتنىڭ ھەمراھلىقىدا موتوسىكىلىت مىنىپ دۇنيانى كېزىپ يەكچەشمە چامباشنى ئىزدىگەنلىكى ۋە قىساس ئېلىش ۋەقەلىكى سۆزلەنگەن.  


        مەنبە :   نۇر تورى   








  


   
ۋاقتى: 2013-8-15 21:38:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى چۈشۈرۈش  ياكى كۈرۈش ئادرىسى بارمىكىن دەپ ئالدىراپلا كىرىپتىمەن، راستىنلا ئادەمگە بالىلىق ۋاقىتلارنى ئەسلىتىدۇ بۇ فىلىملەر، بالام كارتۇن كۈرىمەن دەپ جىدەك قىلسا مۇشۇ نىڭغا ئوخشاش كارتۇن فىلىملەرنى تېپىپ بىللە كۈرۈشۈپمۇ بىرىمەن بەزىدە.
ۋاقتى: 2013-8-15 23:31:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىر ۋاقىتلاردىكى سېپارتىز تىز تاماقخانىسى دەپ بىر قىزىقارلىق فىلىم بارتى ،بۇلسا شۇنى بىر تىپىپ بەرگەن بولساڭلار!!!
ۋاقتى: 2013-8-16 10:14:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مۇشۇ ۋاسكىتبۇل ماھىرى دىگەن فىلىم بەك ياخشى جىمۇ لىكىن ئۇيغۇرچىسىنى پەققەت تاپالمايۋاتىمەن ياتېلۋىزۇردىمۇ قويمىدى بۇ خەق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-16 10:15  

ۋاقتى: 2013-8-16 16:34:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارتۇن فىلىم رامبو
QQ截图20130816162740.jpg

مەشھۇر كىشىلەر ھەققىدە ھىكايە

مەن مۇشۇ ئىكىسىنى تاپالىدىم


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-16 22:13:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ توغرا  توغرا  رامبونىڭكىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەنغۇ ؟  
ۋاقتى: 2013-8-18 17:42:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ...............قالتىسكەن
  بولسا مۇشۇ كارتونلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئويغۇرچە نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى بولغان بولسا ،ھەممىنى چۈشۈرۈپ ساقلىۋالغان بولسامزە  
ۋاقتى: 2014-9-25 23:47:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
101 تاغىل ئىت \ 101 نەپەر ئالا ئىت ( تۇنجى قىسمى)
1961- يىلى ئىشلەنگەن، خەنزۇچە ئاۋاز يولى بار

◎译  名 101斑点狗 / 101忠狗 / 宝贝历险记
◎片  名 One Hundred and One Dalmatians
◎年  代 1961
◎国  家 美国
◎类  别 动画/喜剧/冒险
◎语  言 英语
◎字  幕 中英双语字幕 国英音轨
◎IMDB评分 (7.2/10 from 82,126 users)
◎文件格式 X264 + AC3/MP4
◎视频尺寸 768X576/720X400
◎文件大小 1.42G/455M
◎导  演 克莱德·杰洛尼米 / 汉密尔顿·卢斯科 / 沃夫冈·雷瑟曼
◎主  演 罗德·泰勒 / Betty Lou Gerson / Martha Wentworth / 本·怀特 / Cate Bauer

  1. ftp://6vhao.com:6vhao.net@ftp15.66ys.org:2628/101斑点狗.BD国英音轨中英双字1024高清【6v电影域名被盗,新地址www.6vhao.net】.mkv
  2. ftp://6vhao.com:6vhao.net@ftp15.66ys.org:2628/101斑点狗【6v电影域名被盗,新地址www.6vhao.net】.mp4
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ۋاقتى: 2014-9-25 23:49:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
101 تاغىل ئىت \ 101 نەپەر ئالا ئىت ( داۋامى)
2003- يىلى ئىشلەنگەن، خەنزۇچە ئاۋاز يولى بار

◎译  名 101忠狗续集:伦敦大冒险
◎片  名 101 Dalmatians II: Patch's London Adventure
◎年  代 2003
◎国  家 美国
◎类  别 动画/喜剧/冒险
◎语  言 英语
◎字  幕 中英双语字幕 国粤英三音轨
◎IMDB评分 (5.6/10 from 3,024 users)
◎文件格式 X264 + AC3/MP4
◎视频尺寸 1024X576/720X400
◎文件大小 1.52G/423M
◎导  演 Jim Kammerud / Brian Smith
◎主  演 巴瑞·波斯威克 / 杰森·亚历山大 / 马丁·肖特 / 巴比·洛克伍德 / Susan Blakeslee / 萨缪尔·韦斯特

  1. ftp://6vhao.com:6vhao.net@ftp15.66ys.org:2628/101忠狗续集.BD国粤英三音轨中英双字1024高清【6v电影域名被盗,新地址www.6vhao.net】.mkv
  2. ftp://6vhao.com:6vhao.net@ftp15.66ys.org:2628/101忠狗续集.伦敦大冒险【6v电影域名被盗,新地址www.6vhao.net】.mp4
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

QQ旋风下载:http://urlxf.qq.com/?RJnm22R
网盘链接:http://pan.baidu.com/s/1dD6EDt3 密码:ek5l
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-3-17 20:07 , Processed in 0.204330 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat