ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 105|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر ھەققىدە تېلىۋىزىيەدە سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1240
تىللا
1181
شۆھرەت
1779
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى <<چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر >>پروگراممىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر ئاساسى تېما قىلىنغان <<توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنايلى>>تېمىسىدىكى مەخسۇس سۆھبەت


ئەسسالامۇئەلەيكوم تورداشلار ھەممىڭلارنىڭ توردىكى ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىڭلارنىڭ يېڭى مەزمۇن، يېڭى مەنا ۋە يېڭى بىلىملەر تويۇنىشىغا ، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچۇر تاشيولىدىكى  پائالىيىتىمىز ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تېخىمۇ نەپ بىرىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىشىغا تىلەكداشمىز.
ئېنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سېڭىپ كېرىشى بىلەن ئېنتېرنېت تورى كۈندىلىك ئالاقە،خىزمەت ، ئۈگىنىش ۋە تۇرمۇشتا ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى،تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇچۇر دۇنياسىدا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى،نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشى ھەم يېقىنقى يىللاردىن بويان مودا بولىۋاتقان مىكرو بلوگ، ئۈندىدارغا ئوخشاش ئېنتېرنېت ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ، تورداشلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قاراشلىرى ، پايدىلىنىشى جەمئىيەتتىكى قىززىق نوقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ئەڭ قىززىق نوقتىلارنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقىشتا ئاۋانگارت رولىنى ئويناۋاتقان ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر ››پروگراممىسىدا بۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 21:00دا  ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى مەرھابانىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ماتىماتىكا ۋە سىستىما پەنلىرى ئىنىستىتوتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،شىنجاڭ چىندىل كومپيۇتېر تەربىيلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېكرام مەمتىمىن مۇئەللىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنايلى››تېمىسىدىكى مەخسۇس زىيارەت فىلىم قويۇلدى.

مەزكۇر زىيارەت فىلىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى 超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ

http://v.youku.com/v_show/id_XNTczMjM2MTg0.html

سۆھبەت جەريانىدىن كىسىلگەن رەسىملەر




زىيارەت جەريانىدا ئېكرام مەمتىمىن مۇئەللىم  ۋە مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ئەپەندىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ،تورداشلارنىڭ ھەرقايسى تور بېكەتلەردىن قانداق پايدىلىنىشى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرچە مىكرو بلوگ، ئۈندىدارلارنى ئىشلىتىشتىكى ياخشى تەرەپلەر،تورداشلارنىڭ توردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرخىل تەسىرلىك ئىشلار،مىھىر-مۇھاببەتلىك ھېكايىلەرنى  ۋە توردىكى بىر قىسىم يالغان -ياۋىداق سۆزلەرنى تارقىتىدىغان تورداشلار ۋە پىتنە -پاساتلار ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى.بۇ قېتىملىق زىيارەتكە تاماششىبىنلار سۈپىتىدە ھەرقايسى ئۇنىۋېرېستېتلاردىن كەلگەن بىر قىسىم پروفىسسورلار ۋە ئېنتېرنېت تەرەققىياتىغا قىززىقىدىغان تورداشلار قاتناشقان بولۇپ ئۇلار زىيارەت جەريانىدا سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىد-ئارزۇلىرى ۋە ھىس قىلغان كەمچىلىك،ئارتۇقچىلىقلارنى سۆزلەپ ،ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى  بىرىپ ئۆتتى.





بۇ قېتىملىق سۆھبەت بۇ ھەپتە جەريانىدا تېلىۋىزوردا يەنە بىر قانچە قېتىم قويۇلىدىغان بولۇپ،تور ئارقىلىق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان تورداشلارغا قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە بىز بۇ زىيارەت فىلىمنى مۇنبەرگە يوللاپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.



كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 20 - كۈنى



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-7-26 21:46 , Processed in 0.065676 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش