تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟

يوللىغۇچى: Intil| يوللانغان ۋاقتى: 2010-7-25 00:14| كۆرۈلۈشى: 472| ئىنكاس سانى: 32

تۆۋەندە بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان ئەمما بىلمىسەك بولمايدىغان ئاتالغۇلاردىن 157 سى يوللاندى.
بۇ ئاتالغۇلارنى ھەر بىرىمىز بىلىۋېلىشىمىز ۋە ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.

بىلىدىغانلىرىڭىزنى يوللاڭ بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن.

1- توقۇم
2- ئىگەر
3- توقۇناق
4- جۇمبۇ
5- خەندەك
6- تاقا
7- چۇلۋۇر
8- قامچا
9- دەررە
10- قازى
11- چوقا
12- ئۇچۇلۇق
13- خەندەك
14- دۇبۇلغا
15- ساۋۇت
16- غەلۋىر
17- ئەلگەك
18- ئۆتكەمە
19- قىسماق
20- قاپقان
21- جىلە
22- سۇپۇر
23- گەزنە
24- تۈكچە
25- خۇرجۇن
26- چۇراڭ
27- مىشكاپ
28- تورۇز
29- پىيما
30- چورۇق
31- مورا
32- تەكچە
33- تەڭلە
34- كاساڭ
35- كاسا
36- جام
37- كۇلۇڭ
38- لاخشىگىر
39- كۆسەي
40- يەڭلىك
41- زۇۋۇلا
42- كاكچا
43- توقاچ
44- قاتلىما
45- گىردە
46- گۆش
47- گىردە
48- قىژماق
49- چىگىردەك
50- زاغرا
51- كىگىز
52- شىرداق
53- گىلەم
54- زەدىۋال
55- پەدىۋال
56- تاۋاق
57- كوزا
58- كۈپ
59- جاكا
60- خام
61- گەزمال
62- بۆز
63- يەكتەك
64- تون
65- پەرىجە
66- جىلىتكە
67- تەلپەك
68- تامبال
69- چوغ
70- كۈل
71- ئوتقاش-
72- گۈلخان
73- كات
74- جىنچىراغ
75- پەنەر
76- سۇپا
77- مېھراپ
78- پىشايۋان
79- لىم
80- جەگە
81- ۋاسا
82- ھاراق(ئۆي)
83- ئايۋان
84- ساراي
85- قازناق
86- بالىخانا
87- دەھلىز
88- پەگاھ
89- تۆر
90- تەكىي
91- ياستۇق
92- شۈمەك
93- چۈك(ۋاللەي)
94- ئېغىل
95- قوتان
96- كاتەك
97- قۇما
98- قىغ
99- ماياق
100- تىزەك
101- زەمبىل
102- ھەلەپ
103- سامان
104- پاخال
105- ساخال
106- چاۋار
107- كۈنجىرە
108- رەۋەندە
109- پوكانچى
110- بۆتچى
111- باققال
112- بىدىك
113- سالاچى
114- شەرەنداز
115- دەللال
116- باجا
117- جۇۋان
118- چوكان
119- سىكىلەك
120- كەمپىر
121- موزاي
122- كالا
123- ئۆكۈز
124- ئىنەك
125- بۇقا
126- پاخلان
127- قوشقار
128- ساغلىق
129- ئىرىك
130- قوزا
131- تۆل
132- تىكە
133- ئوغلاق
134- بوتىلاق
135- تاي
136- ئايغىر
137- بايتال
138- خىچىر
139- تەخەي
140- ئۇستۇرا
141- كاپلىغۇچ
142- كۆمەچ
143- قاق
144- گۆلە
145- مونەك
146- غوراپ
147- غوجۇم
148- بەگە
149- تىلىم
150- كاسا
151- سويما
152- كۇس
153- بادرا
154- چىۋىق
155- بونجا
156- يېرىندا
157- جىرىم

يېڭى ئىنكاسلار

Sezgurboy 2010-8-10 20:15
مەن بىر دەپ باقاي

1- توقۇم -ئىشەكنىڭ ئىگىرى
2- ئىگەر- ئاتنىڭ ئۈستىدىكى ئورۇندۇق
3- توقۇناق- ئارقاننىڭ چىگىش جايى
4- جۇمبۇ  -   ئىشەكنىڭ بوينىدىكى نەرسە
5- خەندەك - سىپىلنىڭ تېشىىكى ئايلانما ئۆستەڭ ( سۇ بار ياكى يوق)
6- تاقا-     ئات-ئىشەكنىڭ پۇتىنىڭ تۆمۈر پاشنىسى
9- دەررە - ئادەم جازالايدىغان قورال
10- قازى- سوتچى
11- چوقا- ئۇلاق ھارۋىسىنىڭ ئۈستىدىكى...
16- غەلۋىر- دانلىق زىرائەت تاسقايدىغان نەرسە
17- ئەلگەك- ئۇن تاسقايدىغان
19- قىسماق- ئوۋچىلار قۇش تۇتىدىغان نەرسە
20- قاپقان- ئوۋچىلار ھايۋان تۇتىدىغان نەرسە
22- سۇپۇر- ئۇن تاسقاش، خېمىر يۇغۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان داسقان.
23- گەزنە- ناۋايلار ئىشلىتىدىغان نان ئالقىنى
24- تۈكچە- ناۋاي نانغا گۈل چىكىدىغان نەرسە
25- خۇرجۇن- دۇنيادىكى تۇنجى چامادان ( سومكا)
37- كۇلۇڭ- ئوچاقتىكى ئوتنىڭ كۈلىنى تارتىپ قويىدىغان جاي
38- لاخشىگىر- چوغ قىسقۇچ
39- كۆسەي- ئوت چوخچىلىغۇچ
48- قىژماق- تاماقنىڭ كۆيىكى
52- شىرداق- گۈللۈك كىگىز ( كىگىزنىڭ ئەتلىسى:lol )
53- گىلەم- نەقىشلىك كىگىز

جىقكەن بۇ. قالغىنىنى كېيىن يازاي.
Adil 2010-8-11 01:06
بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىزگە ئوخشاش سەھرا بالىلىرى كۈندە ئاڭلاپ تۇرىدىغان سۆزلەر ئىكەن .
Intil 2010-8-11 01:09
ھازىر ساپ ئۇيغۇر تىلى ئاشۇ گۈزەل سەھرالاردا بار. شۇڭا بۇنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
Omar14 2010-8-11 07:55
ۋاي خۇدايىم بۇ نىمىشتۇ.....مەن جىقلىرىنى بىلمەيدىكانمىنا ...
بەزىلىرىنىغۇ روماندا ئوقۇغان ...........:$
Omar14 2010-8-11 07:56
خلى ئاڭلاپتىكەنمەن لىكىن مەنىسىنى .....:$:$
Intil 2010-8-11 13:46
ئاۋال سەزگۈر چالا قويغىنىنى تولۇقلايلى.
8- قامچا- ھارۋىغا قاتىدىغان ياكى قاتناش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھايۋانلارنى باشقۇرۇدىغان، تىرە شوينا نى تاياققا باغلاپ  ياسالغان قورال.
9- دەررە- تىرە بىلەن ياسالغان گۇناھكارنى ئۇرىدىغان قورال.
12- ئۇچۇلۇق- ئات، ئىشەكنىڭ يېپىنچىسى ( يۈك ئارتىشتىن بۇرۇن ئۇچۇلۇق ياپىدۇ)
13- خەندەك ( بۇ 5- بىلەن تەكرار بوپ قاپتۇ)
14- دۇبۇلغا- جەڭچىلەر بېشىغا كىيىدىغان تۆمۈر كىيىم
15- ساۋۇت- جەڭ كىيىمى.
18- ئۆتكەمە- ئەلگەكتىن شالاڭ، غەلۋىردىن قېلىنراق بولغان، تاسقاش ( ئىلغاش ) قورالى.
21- جىلە-   
26- چۇراڭ
27- مىشكاپ

28- تورۇز- بۇنى قەشقەردە توروزا دەپمۇ قويىدۇ. يەرلىكتە بۇرۇن ئىلشىتىدىغان چوكىلىق جىڭ.
29- پىيما- يۇڭنى چىڭداپ ياسالغان ( قۇيۇلغان) قىشلىق ئاياق (ئۆتۈك)
30- چورۇق- ئوت-چۆپتە توقۇلغان ئاياق ( ھازىرقى كىپىش، توشەي دەۋالغىنىمىز شۇ)
31- مورا- ئۆيدىكى ئوچاقنىڭ ئىسىنى سىرتقا چىقىرىدىغان، تامنىڭ ئارىسىدىكى ئىس يولى.
32- تەكچە- تامنى ئويۇپ ياسالغان، تۇرمۇش بۇيۇمىنى قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان جاي ( ئىشىكى يوق جاۋەن، ئىشكاپ)
33- تەڭلە- ياغاچنى ئويۇپ ياسالغان. خىمىر يۇغۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان داس.
34- كاساڭ- ياغاچتا ياسالغان چوڭراق قاچا.
35- كاسا- بۇمۇ ياغاچتا ياسالغان قاچا.
36- جام- شاراپ ئىچىشكە ئىشلىتىلىدىغان نەرسە.
40- يەڭلىك- تونۇرغا نان ياپقاندا بىلەكنى ئوتتىن ساقلاش ئۈچۈن قولغا كىيىۋالىدىغان نەرسە.
41- زۇۋۇلا- نان. مانتا، چۆچۈرە دېگەندەك تاماقلارنىڭ ھەر دانىسى ئۈچۈن ئالدىن بۆلۈۋالىدىغان خىمىر.
42- كاكچا- بۇ نىپىز ھەم چوڭ نانغۇ دەيمەن. ( خوتەن تەۋەسىدە ئىشلىتىلىدىغان چوڭ نان)
43- توقاچ- چوڭلۇقى مۇۋاپىق كەلگەن نان. ( گىردە نان ئەمەس)
44- قاتلىما- ياغ بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تونۇرغا يېپىپ پىشۇرۇلغان نان.
45- گىردە- ئوتتۇرىسى ئويمان توم نان.
46- گۆش گىردە- ئارىسىغا گۆش قوشۇپ پىشۇرۇلغان گىردە نان.
47- گۆش گىردە- ئارىسىغا گۆش قوشۇپ پىشۇرۇلغان گىردە نان.
49- چىگىردەك- قوينىڭ يېغىنى قاينىتىشتىن قالغان ياغ دانىچىسى.
50- زاغرا- قوناق ئۇنىدا ياپقان نان.
51- كىگىز- قوي يۇڭىنى چىڭداپ ياسالغان، ئۆي- جاينىڭ سېلىنچىسى. يۇڭ ئەدىيال، مىترو دېگەندەكلەر گە ئوخشاش.

مەنمۇ بۇلارنى تولۇق شەرھىلەپ بىرەلمىگۈدەكمەن. خاتا كەتكەن جايلىرىنى تورداشلار تۈزەتسە بولىدۇ.
Intil 2010-8-11 14:01
بىر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ بۇلارنى رەسىملىك قىلساق بولغۇدەك.
yahxiukax 2010-8-11 15:02
1- توقۇم                ئىشەككە مىنىپ سەپەرگە چىققاندا ئادەمنىڭ كاسىسى ئاغرىماسلىقى ئۈچۈن ئىشەك ئۈستىگە قۇيۇلىدىغان شال پاخىلىنى ئىچىگە قۇيۇپ ياسالغان نەرسە( ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ، ئۇر تۇقۇمغا)
2- ئىگەر              ئاتقا مىنگەندە ئىشلىتىدىغان ۋە مىنگۈچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئات ئۈستىدىكى ئۇرۇندۇق
3- توقۇناق         بۇرۇنقى ئاتا بوۋېلىرىمىز يۈك توشۇغاندا ئىشلەتكەن قاتتق ياغاچتىن ياسالغان ئىلمەك، ئادەتتە ئارغامچا ئۇچچىغا باغلاپ ئىشلىتىدۇ.(مەن سىنى دەپ توقۇناق بالا غا قالدىم دىگەن گەپ بار)
4- جۇمبۇ           ئات ،ئىشەك ، قېچىر قاتارلىقلارنى ھارۋىغا قاتقاندا ئات،ئىشەكنىڭ بوينىغا سالىدىغان ئىچىگە شال پاخىلى تىقىلغان يۇمىلاق نەرسە ، بۇنڭ ئالاھىدىكى: ئات ئىشەكنىڭ كوكسىنى يېغىر بولىشتىن ساقلاش،
5- خەندەك       بۇ گەپلەنى كىنولاردا ئاڭلىغان لىكىن چوڭلارنىڭ ئىشلىتىپ باققىننى ئاڭلىمىدىم.
6- تاقا             ئات،ئىشەك، قېچىر قاتارلىقلارنىڭ پاچىقىنى ئاسراش ئۈچۈن ياسالغان يېرىم چەمبەر شەكىلدىكى تۈمۈر.
7- چۇلۋۇر        بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەپ بىرەلمىگۈدەكمەن، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەك كۆپ.
8- قامچا          ئات ئىشەكلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تاياق ئۇچچىغا خۇرۇم چەمە قاتاررلىقلاردا ياسىلدىغان قۇرال.
9- دەررە          بۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان بولساممۇ كۈرۈپ باقمىدىم، چۈنكى ھازىر دەررە ئۇرۇدىغان قانۇن بۇ يەردە ئىشلىمەي دۇ.
10- قازى         ھۆكىمىتىمىزدىن بۇرۇنقى ئاتا بوۋېلىرىمىز دەۋرىدىكى ھاكىم.
11- چوقا         ئات،ئىشەك ھارۋېلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تۇتقۇچىسى. ئادەتتە بۇنىڭ شەكلى (^) مۇشۇنداق ياسىلىدۇ.
12- ئۇچۇلۇق   بۇ گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىكەن مەن.
13- خەندەك   
14- دۇبۇلغا     بۇرۇنقى ئاتا بوۋېلىرىمىز قىلىچ، نەيزە بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا ئىشلەتكەن تۈمۈر باش كىيىم.
15- ساۋۇت     بۇرۇنقى ئاتا بوۋېلىرىمىز قىلىچ، نەيزە بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا ئىشلەتكەن تۈمۈر كىيىم.
16- غەلۋىر      خامان تەپكەندە ، ۋە ئات ئۇلاغلارغا يەم بەرگەندە تۇپا تازلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ( ياغاچنى يۇمىلاق شەكىلدە ئىگىپ ئاستىغا تور مىخلانغان نەرسە)
17- ئەلگەك    تاش تۈگمەندە تارىتقان ئۇننى تاسقاشقا ئىشلىتىلدۇ.
18- ئۆتكەمە   شال ، بۇغداي،قۇناقلارنى ئەخلەت چاۋا قاتارلىقلاردىن ئايرىشقا ئىشلىتىلدۇ (ئادەتتە بۇنىڭ تۈشۈكى غەلۋىر،ئەلگەكتىن چوڭ)
19- قىسماق    كەپتەر،قۇشقاچ، ۋە باشقا قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ.
20- قاپقان     چوڭ ھايۋانلارنى يەنى تۈلكە، توڭغۇز، جەرەن قاتارلىقلارنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلدۇ.
21- جىلە       ياۋا ئۆردەك ، ياۋا غاز، ياۋايى قۇشلارنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلدىغان يىپ( يەنى ياۋايى قۇشلارنىڭ ماڭار يولىغا قۇيۇپ قويۇلىدۇ)
22- سۇپۇر    بۇرۇنقى ئانىلىرمىز ئۇن تاسقايدىغان ۋە خېمىر يۇغۇرۇپ ئۈن كىسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان قېلىن رەخىت.
23- گەزنە     ناۋاي ۋە ئائىلىدە تۇنۇرغا نان چاپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
24- تۈكچە     نانىڭ يۈزىگە ئۇرۇپ ناننىڭ چىرايلىق ۋە تىز پىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان مىخلىق توخماق( بىزنىڭ بۇ يەردە بۇنى تۈكۈچ دەيدۇ، بۇ ئىككى خىل بولۇپ ،بىرخىلىنى تۇخۇ پېيىدىن ياسايدۇ ئۇنى كاكچا نانغا ئىشلىتىدۇ. يەنە بىرخىلىنى ياغاچچى ئۇستاملار ياسايدۇ ئۇنى توم  نان (توقاچ) قا ئىشلىتىدۇ)
25- خۇرجۇن   بۇرۇنقى ئاتا بوۋېلىرىمىز سەپەرگە چىققاندا يىمەكلىك سالىدىغان سومكىسى، مۇرىسىگە ئارتىۋېلىپلا يولغا چىقىدۇ. ( ھازىر بۇنى شۇ تىلەمچىلەر ئىشلىتىدۇ)
26- چۇراڭ     بۇ تۇشۇكى يوغان نەرسىلەرگە قارىتىلغان سۆز ( چۇراڭ سىۋېتىڭلىنى نېرى تارتىڭلا دىگەندەك)
27- مىشكاپ    بۇنىڭ مەنىسىنى بىلمىدىم
28- تورۇز       ئادەم ئالدىغىلى بولمايدىغان جىڭ ( ئۆشرە بىرەي دىسە تورۇزىڭىز كامكەن دەيدىكەن سىز)
29- پىيما      كىگىز دە ياسالغان ئۈتۈك
30- چورۇق   چىغ ۋە تىرە قاتارلىقلاردا ياسالغان ئاياغ

قالغىنىغا كىيىن جاۋاپ يازاي ئىشىم چىقىپ قالدى

باھا سۆز

ياخشى: 5.0

Sezgurboy   يوللانغان ۋاقتى 2010-8-12 11:51

ياخشى: 5
Sezgurboy 2010-8-12 11:51
باللار ھە- ھۇ دەپ پۈتتۈرۈۋىتىلى بۇنى.
tekin 2010-8-12 14:07
55.زەدىۋال- تامنىڭ بېقىنىغا تارتىلىدىغان رەخت، تامغا گىلەم ئاسقاننى كۆرگەنمۇ؟ گىلىمى يوقلار سۇپىنىڭ يۇقىرىسىغلا، ياكى سۇپىسى
بولمىسا ئۆينىڭ ئاستىدىن تەخمىنەن  بىر مېتىر ئىگىزلىككىچە تارتىدىغان رەخت، ھازىرقى بىنا ئۆيلەردىكى پارنىڭ ئېگىزلىكىگە تەڭ، ھەم شۇنچىلىك تارتىلىدۇ(ئۆينىڭ ئىچكى ئايلانمىسى تولۇق ئايلاندۇرۇلۇپ تارتىلىدىغان گۈللۈك رەخت)
56.تاۋاق- ساپالدىن ياسالغان چىنە ياكى قاچا، بۇ نەرسىنى ئىشلەتسىڭىز تاماق سوۋۇتۇشتىن غەم يىمەيسىز، ئاتا- بوۋىلىرىمىز بىكاردىن- بىكار ئىشلەتكەن ئەمەس ئۇنى.
  57.58كوزا-كۈپ-  بۇمۇ ساپالدىن ياسالغان سۇ ياكى باشقا سۇيۇق  نەرسىلەرنى ساقلاشتا ئىشلىتىلىدىغان بويۇم.كۈپ دېگىنى كوزىدىن چوڭراق، خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغاندىكى ئېدىش شۇ، مەن كىرسەممۇ پاتىمەن ئۇنىڭغا. بۇ نەرسىنى ئادەتتە ئۇزاق ساقلايدىغان مەسىلەن تۇز ياكى چىلىغان سەي قاتارلىقلارنى ساقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ، بىزنىڭ مەھەلىدە ئادەتتە سۇ ساقلايمىز، تەبىئى توڭلاتقۇ دىسەكمۇ بولىدۇ.
59-جاكا- بوۋاقلارنىڭ تەرەت قاچىسى، بۆشۈكنىڭ ئاستىغا ئورنىتىلىدۇ.بۇمۇ ساپالدىن ياسىلىدۇ.
60-خام- ساپ پاختىدىن توقۇلغان رەخىت، قولدا توقۇلىدۇ، مۇشۇ يەرگە بىر قىستۇرما سۈرەت چىقىرىپ قوياي دىگەن، 30-40- يىللاردىكى كىيىم كېچەكلەر ئاساسەن ئاشۇنىڭداقىلىناتتىكەن.
61.گەزمال-مېنىڭچە رەختنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى. توقۇپ چىقىرىلغان رەخىت.
62.بۆز- ساپ پاختىدىن توقۇلغان خامدىن سىلىقراق رەخىت.
63. يەكتەك- ئەرلەرنىڭ كۆڭلىكى، ئادەتتىكى كۆڭلەكتىن ئۇزۇنراق كېلىدۇ.(ئاياللارنىڭكىدەك ئۇزۇن ئەمەس جۇمۇ،ھازىرقى hep-hopچىلار كىيىۋالىدىغاندەك بەلدىن سەل تۆۋەنگە ئىشىپ تۇرىدىغان كۆڭلەك)
64.تون- بۇنى چۈشەندۈرمىسەممۇ بولار،ئۇزۇن چاپاننى(رەخىتى ئالاھىدە)شۇنداق دەيدۇ.
65.پەرىجە- نەسىردىن ئەپەندىنىڭ كىنوسىنى كۆرگەنلەر ئاسانلا چۈشىنىدۇ بۇنى، بۇ خىل ئۈست كىيىمدە ياقا، يەڭدىن باشقا ئالاھىدىلىك يوق، لېكىن بىرسى بولسا بىر ئۆمۈر كىيىشكە يېتىدۇ،(چاقچاق قىلمىدىم،بۇخىل كىيىمنىڭ رەختى ئالاھىدە چىداملىق، بەزىلىرىنىڭ ئىنتايىن نەپىس كىلىدۇ)
66.جىلىتكە-يېڭى يوق ئۈست كىيىم(ھازىرقىسى)جۇيازا دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىرسى بار تېخى، قىشتا كىيىدىغان پاختىلىقىنى شۇنداق ئاتايمىز.
67.تەلپەك- تۇماق، ياكى شۇنىغا ئوخشاپراق كېتىدىغان باش كىيىم.
68.تامبال-ئىشتان،(ئىغى بار ئىشتان، كىچىك باللار كىيىدىغان ئاچىماق ئىشتان ئەمەس)
69.چوغ- تېخى ئۆچمىگەن، يېلىنجاپ تۇرغان ئوتۇن ياكى كۆمۈرگە تۇتىشىپ تۇرغاندىكى ئوت.
70.كۈل.ئۆچكەن چوغ، ياكى ئوتنىڭ قالدۇقى.
71.ئوتقاش- مەشئەل
72.گۈلخان- چوڭراق دائىرىگە ئوتۇن،شاخ-شۇمبىلارنى دۆۋىلەپ ھاسىل قىلىنىدىغان ئوت دۆۋىسى.
73.كات- بۇ مەخسۇس ئاشلىق ساقلايدىغان ياغاچتىن ياسىلىدىغان ئامبار، بىر كاتقا تەخمىنەن بىر توننا ئەتراپىدا ئاشلىق سىڭىدۇ، شەكلى پاراللىلپېپىد شەكىلدە، بىر ياكى ئىككى ئىغىزى بولىدۇ.
74.جىنچىراغ-بۇرۇن توك يوق زاماندا ئىشلىتىلگەن، پاختىدىن پىلىك ئېشىپ،قوي مېيى، ياكى ئۆسۈملۈك مېيىنى يېقىلغۇ قىلىپ ئىشلىتىلگەن چىراق،يەرلىك شام، پىلىك- پاختىنى قول قول بىلەن ئىشىقلاپ ياسىلىدىغان يىپ.
75.پەنەر-بۇ بىزگە سوۋىتتىن كىرگەنغۇ دەيمەن، كىرسىننى يېقىلغۇ قىلىدىغان چىراق.
76.سۇپا-ئۆي ياكى پېشايۋاننىڭ ئاستىغا يەردىن40-50سانتىمىتى ئېگىزلىكتە تام قوپۇرۇلۇپ تۆت تەرىپى توشۇلۇپ ئوتتۇرىسىغا توپقا قۇيۇلۇپ تىندۇرۇلىغان قەدىمكى كىرىسلو.
77.مىھراب-ئۆينىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر يېىرى، بولسا مۇشۇيەرگىمۇ رەسىم قىستۇرىدىغان ئىشكەن، ئۆيدىكى قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى تىزىش ئۈچۈن تامنى ئويۇپ ياسىلىدىغان تەكچە.
78.پىشايۋان،ئۆينىڭ ئالدىغا ياسىلىدىغان لەمپە شەكىللىك ئىمارەت، بۇ ئۇيغۇر ئۆيلىرىدە بولمىسا بولمايدىغان قۇرۇلما. چەللە دەپ يەنە بىرسى بار . بۇ سەل قول ئىلىكىدە يوقىراقىلار، شاخ-شۇمبا بىلەن ياسىۋالىدىغان پىشايۋان دىسەكمۇ بولىدۇ.
79.لىم- تۈۋرۈك
80.جەگە-ۋاسا-ھاراق- بۇنىڭ ھەممىسىنى بىرلا چۈشەندۈرسەم ئاسانراق، جەگە دىگىنىمىز ئۆينىڭ <<خا>> دەپ ئاتىلىدىغان قىسمىنىڭ ئۈستىدىكى ياغاچ، ۋاسا بولسا جەگىنىڭ ئۈستىگە تىزىلىدىغان ئۇزۇنلۇقى35-45سانتېمىتىر كېلىدىغان ياغاچ. ھاراق بولسا ئۆينىڭ تام ئۈستىگە
جەگىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن قويۇلىدىغان ياغاچ.
81.ئايۋان-ساراي. دەھلىز-  مەخسۇس مىھمان كۈتۈشكە ئىشلىتىلىدىغان چوڭراق، كاتتا ياسالغان ئۆي.
82.قازناق، بۇنىڭ بىرىنچى رولى ئۆيدىكى ئامبار، يەنە بىرى غۇسلى قىلىش ئۈچۈن ياسىلىدىغان ، ئاي كۈننىڭ يورۇقى چۈشمەيدىغان مۇنچا.
ئىچىگە تاشتىن قوپۇرۇلۇپ ئۈستىگە تاختاي يېپىلىپ يەر ئاستى سۇ يولى ياسىلىدۇ.
83.بالىخانا- ئوينىڭ دەرۋازىسى ياكى ئۆگزىسىگە ياسالغان ئۆي، ياكى كىچىكرەك قىلىپ ياسالغان ئۆي.
84.پەگاھ-تۆر-- پەگاھ دىگىنىمىز سۇپىغا چىقىدىغان . ياكى ئۆينىڭ پول قىسمى، تۆر دىگەندە ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنىڭ ئوڭ قول تەرىپىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك مىھماننى باشلايدىغان ئورۇن، ياكى سۇپىنىڭ ئۈستىدىكى ئەزىز مىھمانغا راسلانغان ئالاھىدە ئورۇن. مىھمان بولغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا ،سەھرالىقلار قائىدە ئۇقمايدىكەن دەپ رەنجىيمىز جۇمۇ.
85. تەسۋىي- (مەن مۇشۇنداق چۈشەندىم) سۈرە-ئايەت ئوقۇغاندا بىللە سىرىپ ئوقۇيدىغان مارجان، ئادەتتە سانى 39-ياكى41بولىدۇ.بۇ ھەرخىل دىندا بار نەرسە ، تاڭسىڭ،شاسىڭلارنىڭمۇ مۇشۇنداق نەرسىلىرى بارغۇ...
86.ياستۇق-ئاخشىمى ئۇخلىغاندا باش تەرەپنىڭ ئاستىغا قويۇلىدىغان بويۇم، بۇنىڭمۇ تۈرى 5-6خىل بولىدۇ.
87.شۈمەك-بوۋاقلارنىڭ  كىچىك تەرەت تۇرىبىسى،(ئۆتكەندە بىر خەنزۇ دوستۇم بىلەن ئۆستەڭ بويىدا بازار ئايلانغىچە مۇشۇ نەرسە ئۇچراپ قېلىپ، مەندىن نىمە بۇ دەپ سوراپ تۇرىۋالدى، مەن نىمىدەپ چۈشەندۈرۈشۈمنى بىلمەي، ئاخىرى  سۈيدۈك راۋانلاشتۇرىدىغان تۇرىبا دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇ تېخى تاماكا چېكىدىغان نەرسە بولسا دادامغا بىرنى ئالغاچ كىتەي دىگەن دەىۋىدى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدى.) خەنزۇچىسى ئىككىلا خەت، ئوغۇللار بىلەن قىزلارنى ئايرىم بولىدۇ، ئوغۇللارنىڭ غاڭزىغا ئوخشايدۇ.ياغاچتىن ياسىلىدۇ، قىزلارنىڭ سەل سىپتا تۈزرەك كېلىدۇ، سۆڭەكتىن ياسىلىدۇ.
سەل چارچاپ قالدىم داۋامىنى كىيىن يازاي. مۇشۇنداق نەرسىلەرنى بىلمەي يەنە ئۆزىنى نوچى چاغلايدىغان ئاQ لار بەك كۆپ ئارىمىزدا، لېكىن بىز ئۇلار بىلگەننى بىلىمىز، بىلمىسەك تىرىشىۋاتىمىز، ئەممە بىز سەھرالىق، ئۇلار............



باھا سۆز

Sezgurboy   يوللانغان ۋاقتى 2010-8-12 19:11

ئوغۇل بالا ئەركەك. يارايسىز.
tekin 2010-8-12 17:49
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   tekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-8-12 20:37  

88.چۈك-(ۋاللەي)- بۇ ئۇيغۇر باللار ئويۇنىلىرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ھازىرقى كالتەك توپقا ئوخشاپ كېتىدۇ، ھەر قايسى يۇرىتلاردا ئاتىلىشى ۋە ئويناش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدىكەن، ئادەتتە بىرتال كالتەك بىلەن بالىسى(چۈك) نى ئۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇن. ھازىر ھىچكىم ئوينىمايدۇ.
89. ئىغىل، قوتان- بۇ ھەر ئىككىسى بىر- بىرىنىڭ ۋارىيانتى بولۇپ- چارۋا-ماللارنىڭ ئۆيى.
90.كاتەك- توخۇنىڭ ياكى ئۆيدە بېقىلىدىغان قۇش ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن ياساپ بىرىلگەن تۇرالغۇسىنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى.
91.قۇما- كەپتەرنىڭ كاتىكى.
92.قىغ-ماياق- تىزەك- بۇنىڭ ھەممىسى ھايۋانلارنىڭ(ئادەملەرنىڭمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چىقىرىندىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان شارائىت ۋە ،ئوخشىمىغان زامان -ماكاندىكى ئاتىلىشى.
93.زەمبىل- سۆگەت ياكى يولغۇن-توغراق چىۋىقلىرىدىن توقۇلىدىغان، ھازىرقى زاماندىكى جىرغا شەكىللىك، نەرسە-كىرەك توشۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمان.
94.سامان- بۇغداينىڭ غولىنى خاماندا يۇمىشتىپ ئاندىن، شامالغا سېلىپ توپا -توزۇندىلىرىنى ئايرىپ بولغاندىن كىيىن ھايۋانلارغا (ئوتخۇر)يەم-خەشەك ئورنىدا تەييارلانغان نەرسە، -ھەلەپ- دەل شۇ سامانغا كېپەك ،كۈجۈرە دىگەنلەرنى ئارلاشتۇرۇپ ئىتىلىدىغان، يەم-خەشەك.
95.پاخال- بۇغداي- ياكى شال خامان قىلىنغاندا  سامان ھالىتىگە يەتمىگەن غول قىسمى.
96.چاۋار- ئوتۇنننىڭ ئۇۋىقى.
97.كۈنجىرە- مايلىق زىرائەتلەرنى جۇۋاز ياكى جۇۋازغا ئوخشاش ماي ئايرىيدىغان مىخانىكىلىق قۇرۇلمىلار ئارقىلىق تەركىبىدىكى ماي سىقىپ چىقىرىۋىلىنغاندىن كىيىن قىپ قالغان قىسمى.جۇۋاز- ماي ئايرىشتا ئىشلىتىلىدىغان يىرىم ئاپتوماتىك قۇرۇلما، بۇنى بىر ئىككى ئىغىز سۆز بىلەن چۈشەندۈرمەك قىيىن، ۋاقتىنچە مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي.
98.رەۋەندە- مەخسۇس تۈگمەن ھەيدەيدىغان، ياكى ئاشلىق بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئادەم.
99.پوكانچى-
100.بۆتچى-
101.باققال- مىۋە -چىۋە ساتىدىغان سودىگەر.
102.بىدىك-سالاچى- مال بازىرىدا ئېلىم-سىتىمغا ئارلىشىپ ئارىدىن پايدا ئالىدىغان كىشى،دەللال.
103.شەرەنداز-
104.باجا-  ئاچا سىڭىللارنىڭ ئەرلىرى.مەسىلەن مېنىڭ ئىككى قىزىم بولسا ،مەن ئۇلارنى ئىككى يىگىتكە ياتلىق قىلغان بولسام، ئۇلار كىيىنلىككە تۇغقان سانىلىپ باجا دىيىلىدۇ.
105.توي قىلغان، ئكزىنى توختاتقان ئايال كىشى.
106.سىكىلەك-چاچنىڭ چىكە قىسمى، بەزىدە سۈپەتلەش مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ.
107.كەمپىر- بوۋايلارنىڭ رەپىقىسىنى ئاتىغاندا ئىشلىتىدىغان سۆزى.
108.موزاي،كالا،ئۆكۈز،ئىنەك، بۇقا- ھەممىسى كالا ئائىلىسىدىكىلەر- موزاي، كالىنىڭ بالىسى، ئىنەك- موزاينىڭ ئانىسى، بۇقا- موزاينىڭ دادىسى،ئىنەكنىڭ يولدىشى، ئۆكۈز- مەخسۇس يەر ھەيدەش ئۈچۈن ئۆندۈرۈلگەن بۇقا.
109.پاقلان،قوچقار،ساغلىق،ئىرىك،قوزا=تۆل--- قوي ئائىلىسىدىكىلەر،پاقلان=قوزا=تۆل-قوينىڭ بالىسى ۋە ئۇنىڭ ئوخشىمىغان ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىدىكى نامى، ساغلىق -قوزىنىڭ ئانىسى،قوچقار-قوزىنىڭ دادىسى، ئىرىك- ئاقتا قىلىنغان قوچقار.
110.تىكە،ئوغىلاق- ئۆچكە ئائىلىسىدىكىلەر، ئوغىلاق ئۆچكىنىڭ بالىسى،تىكە-(دەماللىققا ئىسىمگە كەلمەي قويدى)
111.تاي،ئايغىر،بايتال-ئات ئائىلىسىدىكىلەر،تاي- ئاتنىڭ بالىسى، بايتال، ئاتنىڭ ئانىسى،(ئايغىر بۇنىڭغا دادامدىن سوراپ بىرنىمە دەي)
112.ئۇستۇرا- بۇرۇن ماۋۇ tirg چىقماستا ئەجداتلىرىمىز ئىشلەتكەن ساقال ئېلىشتا، چاچ چۈشۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان سايمان.كاپلىغۇچ- ئۇستۇرىنى بىلەشتە(تىغىنى ئۆتكۈرلىتىش ئۈچۈن) ئىشلىتىدىغان نەرسە.
113.كۆمەچ- خىمىرنى تونۇرغا نان قىلىپ ياقماي، چوغدا پىشۇرغان يىمەكلىك.
114.گۈلە-قاق-- ئۆرۈك ياكى شاپتۇلنىڭ پىشقان مىۋىسىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتقاندىن كىيىن تەييارلانغان قۇرۇق يىمەكلىك.
115.مونەك-
116.غوراپ-
117.غۇجۇم-
118.بەگە-
119.تىلىم- قوغۇن ياكى تاۋۇز يىگەندىكى پارچىلانغان قىسمى، پارچىلاش بىرلىكى.
120.كاسا- قوغۇن ياكى تاۋۇزنى ئىككى پارچە قىلغاندا ھەر بىر پارچىسى بىر كاسا بولىدۇ، يەنەبىر مەنىسى، داس سۆڭەك جايلاشقان قىسىم (بەدەننىڭ)، يەنە بىر مەنىسى ياغاچتىن ياسالغان چىنە.
121.سويما- پىشمىغان قوغۇن ياكى تاۋۇزنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى. (ئادەمنىڭ پىشمىغانلىرىنى ئاتاشتا قوللىنىلىدىغان سۈپەت)
122.كۇس=سويما- پىشمىغان قوغۇننى مۇشۇنداق ئاتايدۇ.
123.بادىرا-دەل-دەرەخلەرنىڭ پاقالچەكچىلىك كېلىدىغان شېخى، ياكى غولى.
124.چىۋىق-دەل-دەرەخلەرنىڭ كىچىك شاخچىسى.
125.بونجا- جىرىم- دەل -دەرەخلەرنىڭ تېخى يەرگە تىكىلمىگەن چاغدىكىسىنى جىرىم دەيمىز.( باشقا يەرگە كۆچۈرسە بولغۇدەك يوغىنىغانلىرىنى)
يېتىلمىگەن دەرەخنى بونجا دەيمىز.
126.يېرىندا- ئويۇنننىڭ پارچىسى.
خوش،شۇنداق قىلىپ بەزى سۆزلۈكلەرنى بىر يەرگە يىغىپ دىگەندەك قىلىپ ئاران مۇشۇنچىلىك بوپتۇ،  يازالمىغانلىرىمنى دادامدىن سوراپ تولۇقلاپ قوياي، كىيىن مەن مۇشۇنىڭغا ئىھتىياجلىق بولىمەن، ئېنتىل ئەپەندى پىخسىقلىق قىلماي بىرەلا!!!

باھا سۆز

ياخشى: 5.0

BiLiMYaR   يوللانغان ۋاقتى 2010-8-14 15:40

ياخشى: 5
خو ئوغۇل بالا ~
Sezgurboy 2010-8-12 19:13
بىر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ بۇلارنى رەسىملىك قىلساق بولغۇد ...
Intil يوللانغان ۋاقتى  2010-8-11 14:01

شۇنداق قىلالىساق چوڭ ئىش بولاتتى.
tekin 2010-8-12 19:45
ئارتۇقچە ماختىۋىتىپسىز، مەن ھامان بىر كۈنى بۇنى بىلمىگەنلەرگە ،بىلەلمىگەنلەرگە تونۇتىمەن، توردا مۇشۇ توغرىسىدا پايدىلىنىش ماتىريالى يوق بولۇۋاتىدۇ، ئېنتىل ئەپەندى- نېمىشقا مېنىڭ iuyghur دېگەن ئىسىمنى ئالغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك قىلامسىز؟
adminbiz 2010-8-12 20:06
ئىنكاس قايتۇرۇش tekin نىڭ تېمىسى
مەن تېخى سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى ئەمدى كۆردۈم.


   

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-10 05:48.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.