ئىنساپ بالىلار كۇتۇپخانىسىغاتەكلىپ
nergis
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئەجرىڭلاردىن گۈل ئۇنسۈن!
ماختاش سۆزلىرىدىن كۆپرەك ئازراق تەكلىپ بەرگۈم كەلدى. ئورۇنلۇق دەپ قارىساڭلار پايدىلىنارسىلەر.
بالىلار ئويۇنخانىسى بىلەن كىتاپخانىنىڭ بىر يەرگە جايلىشىشى تازا مۇۋاپىق بولمىغاندەك ھىس قىلدىم. بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ چىقىش نوقتىسى بىر بىرى بىلەن ماسلىشىپ بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش بولسىمۇ ئەمما بالىلارنىڭ خاراكتىرى جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئويۇنخانا نىسبەتەن جەلىپكار. بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ئىگىسىنىڭ بىر ياكى ئەمەسلىگىنى بىلمىدىم. ئەگەر مۇمكىن بولسا كىتاپخانىنى ئاۋاتلاشتۇرۇش ئۇچۈن باشقىچەئۇسۇل قوللانسا ئۈنۈمى ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن. مەسلەن، ھەرخىل ياش قورامىدىكى بالىلارنىڭ رەسىم كۆر گەزمىسى(ھەقسىز)،سىندىكى كۆرۇنۈشلەردىن كىتاپ جاھازىلىرىنىڭ ئۈستى ئاق تام پېتى ئىكەن.شۇيەرلەرگە بالىلارنىڭ سىزىپ كەلگەن رەسىملىرىنى ئېسىپ .بالىلارغا بۇ يەردە ئۇنىڭمۇ ئورنى بارلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش.مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئىگىسىگە قايتۇرۇۋەتسىمۇ ياكى خالىمىسا باشقىچە بىر تەرەپ قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. قەغەز قاتلاش ياكى قەغەز گۈل ياساشنى،كىسىشنى ئۆگىتىش ۋە ياخشى چىققانلىرى بىلەن دۇكان ئىچىنى بېزەپ بالىلاردا ئېتراپ قىلىنىش خوشاللىغى پەيدا قىلىش ، شۇ نىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى كىرگۈزۈش.مەلۇم بىر كىتاپتىكى ھىكاينى روللارغا بۆلۈپ بالىلار بىلەن بىللا ئويناش،ھىكايە كىتاپنى ھىسياتلىق،جانلىق ئوقۇپ بېرىش. بالىلارنىڭ سىزغان (بۆجىگەن) رەسىملىرىدىن كىتاپچىلارنى قولدا تۈزۈپ چىقىپ بالىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇپ قۇيۇش، ئۇلارغا چۈشەندۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭمۇ قارشى ئېلىنىدىغانلىغىنى ئېيتىش . رەڭسىز سىزىلغان رەسىملەرنى بوياش پائالىيىتى قىلىش... دىگەندەك ئۆي ئىچىدە قىلغىلى بۇلىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. مەلۇم بىر ھېيىت ياكى بايرام كۈنلىرىدىن بىرەر ئاي بۇرۇن ئۇقتۇرۇش چاپلاپ بالىلارنىڭ شۇ بايرام كۈنىگە ئاتاپ سىزغان رەسىملىرىنى يىغىپ بايرام كەلگەندە كىتاپخانا سىرتىغا ئېسىپ ئۆتكەن -كەچكەنلەرنىمۇ قىزىقتۇرۇپ كىتاپخانىنىڭ نامىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرسە بولىدۇ. |