ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 215|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇرلاردا زادى قانچە تور بىكەت بار؟ (سىتاتىستىكا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
53
تىللا
41
شۆھرەت
43
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 10:01:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام تورداشلار .
       تور بىر خىل يېڭىدىن گۈللەنگەن ئۈچۈر يەتكۈزۈش تېخنىكىسى ۋە ئۆز نۆۋىتىدە بىرخىل تاراتقۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانى ھەر جەھەتتىن تىز سۈرئەت بىلەن ئۆزگەرتمەكتە. بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇ سەپتە ئارقىدا قالماي كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە تىرىشىۋاتىمىز. ئۇنداقتا بىزدە زادى قانچىلىك تور بىكەت باردۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيادىكى دەرىجىسى بىر مىليۇننىڭ ئىچىگە كىرەلەيدىغانلىرى قانچىلىكتۇ؟ بىر تۈمەننىڭ ئىچىگە كىرگەنلىرى بارمۇ-يوق؟...  
بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش ئۇچۈن ئىزدەش ماتۇرلىرىغا ئىلتىجا قىلساق بولىدۇ، مىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىزدەش ماتۇرىدىن ئىرىشكەن جاۋاپلىرىم تۆۋەندىكىچە:  
2012-يىلى 12-ئايغىچە،  جۇڭگۇدىكى تور بىكەتلەرنىڭ سانى 2،680،000 يىللىق كۆپىيىشى   
380،000 يىللىق ئىشىش نىبىسىتى 16.8%
2006-يىلدىن بۇيانقى كۆپىيىش سىخىمىسى:   

سىخىمىدىن قارىغاندا بىكەت سانى 2009-يىلى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىققان، ئۇندىن كىيىنكى تۆۋەنلەش بولسا بەلكىم شۇ  يىلدىكى تور تىزگىنلىنىشتىن كىيىن كىلىپ چىققان بولىشىمۇ مۈمكىن.+  
ئۇنداق بولسا بىزدىكى ئۇيغۇرچە بىكەتلەرنىڭ سانى زادى قانچە؟  
ئەپسۇسكى ، بۇ توغرىلىق ئىزدەش بىكەتلىرىدىن قولغا چىققىدەك ماتىرىيال تېپىلمىدى. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك؟ ئەلۋەتتە ئۆزىمىز سىتاتىستىكا قىلىپ چىقىشىمىز كىرەك.   
شۇڭا مەن بىلتاپ تورى نامىدىن تور بىكەت قۇرغۇچىلارنى ۋە كەڭ تورداشلارنى بۇ خەيىرلىك ئىشقا تەكلىپ قىلىش قارارىغا كەلدىم. بۇ ئىشقا كۆڭۈل بولىدىغان تورداشلارنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ ئىشنىڭ پات پۇرسەتتە نەتىجىسى كۈرۈلىشىنى ھەممىمىز ئۈمۈت قىلىمىز ئەلۋەتتە.
سىتاتىستىكا قىلىش ئۈسۇلى، ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:  
1. بىلتاپ تورىغا كىرىپ ئۈستى ياكى ئاستىدىكى ئۇلانما قوشۇڭ دىگەن ئورۇندىن مۇناسىۋەتلىك بىكەتنىڭ قىسقارتىلغان نامى، تور ئادرىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئاندىن ئۇلانما تۈرىدىن "تور بىكەتلەر" دىگەننى تاللاپ يوللىۋەتسىڭىزلار بولىدۇ.  
2. بىكەتلەرنىڭ قايتا-قايتا قوشۇلۇپ، سىتاتىستىكىدا خاتالىق چىقماسلىقى ئۈچۈن بىكەت ئۇلانمىسىنى قوشۇشتىن ئىلگىرى بىلتاپ ئىزدەش كۆزنىكىگە قوشماقچى بولغان بىكەتنىڭ قىسقارتىلغان نامىنى  يېزىپ ئىزدىتىپ بېقىڭ، قوشۇلغان بولسا يەنە قوشۇپ يۈرمەڭ.   
3.  سىتاتىستىكا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى خۇلاسىلىنىپ ھەرقايسى نوپۇزلۇق بىكەتلەردە ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭغىچە بىلتاپ تورىنىڭ تور بىكەتلەر سەھىپىسىدىن قۇشۇلغان بىكەتلەرنى كۈرۈپ، سىتاتىستىكا قىلىپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.   
تورداشلارنى بۇ خەيرلىك ئىشقا تەكلىپ قىلىپ،بىلتاپ ئىنتىرنېرت ئۇچۇر كاتالوگى  
http://www.biltap.com  
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-7-30 17:29 , Processed in 0.068552 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش