ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 759|ئىنكاس: 6

«ئىرپان»بېلىق بېقىشتىن ياردەم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنتىل ئەھلى،مەن نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر بېلىق قاچىسى بىلەن 10-12تال بېلىق ئېلىپ ئىچ پۇشقىغا بېقىپ باقاي دىگەندىم،بىراق بۇ كاساپەتنى بېقىش توغرىلىق ھېچقانداق ساۋادىم يوق،بەزىلەر 3كۈندە بىر يەم بېرىسەن .سۇلىرىنى ئالماشتۇرمىساڭمۇ سۇ پومپىسى ئارقىلىق ئۆزى تازلايدۇ دەيدۇ بىراق مەن بېلىقلارنىڭ يەم تاشلاپ بەرسەم ئاچ كۆزلۈك بىلەن يەملەرگە ئېتىلىشىغا قاراپ كۈندە يەم بەرگەنتىم  نىمە بولدىكىن تاڭ كۈندە بىر ئىككى دىن ئۇخلاپ قالغىلى تۇردى.شۇڭا ئىنتىلدىكى بېلىق بېقىپ باققان تورداشلارنىڭ تەجىربىلىرىن ئايىماسلىقىن ئۆمىد قىلىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   irpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-3 13:54  

ۋاقتى: 2013-7-3 13:58:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياردەم : ئالتۇن بېلىقنى قانداق باقىمىز؟ نىڭ 6- 9- قەۋەتلىرىگە قاراڭ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-3 16:07:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىز گە
ۋاقتى: 2013-7-4 19:35:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلىق قاچىڭىز قانچىلىك چۆڭ، قانداق بېلىق ؟
ۋاقتى: 2013-7-7 00:26:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ايپەدتە ىنكاس يىزىش قولايسىز بوپ قالدى ..... ماڭا چچ دا خەت يىزىڭ .... مەندە بىلىق توغۇرلۇق تەجىربە خېلى مول
ۋاقتى: 2013-12-22 17:11:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن بېلىق قاچىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىگى قانچىلىك،باققىنىڭىز قانداق بېلىق بۇنى تەپسىلى دەڭ،شۇندىلا باشقىلار سىزگە ئېنىق جاۋاپ بېرەلەيدۇ.مەنمۇ بېلىق بېقىۋاتقىلى 15يىلدىن ئېشىپتۇ،ئاز تولا تەجىربەم بار.مېنىڭ بېقىۋاتقىنىم بېقىش ئەڭ قىيىن دەپ قارالغان ئىسسىق سۇ بېلىقى،خەنزۇچە 七彩 دەپ ئاتىلىدىكەن،كىچىككىنە چېغىدىن باشلاپ بىر قوللۇق باققان،مانا ئىككى يىل بولدى،ئەمدى چوڭ بولۇپ ،تۇخۇم تۇغۇپ بېلىجان چىقارغىلى تۇردى.
ئالدى بىلەن بىلىۋالىدىغىنىڭىز:
1.بەزى بېلىقلارنى بىرگە بېقىشقا بولمايدۇ،بېلىق سېتىۋالغاندا بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ.
2.ئەگەر بېقىۋاتقىنىڭىز سوغۇق سۇ بېلىقى بولسا بېلىق قاچىسىدىكى سۇنىڭ تېمپىراتۇرۇسى بەك يۇقۇرى بولۇپ كەتمەسلىگىە دىققەت قىلىڭ،ئادەتتە 22گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا بولدى،سۇ بەك سوغۇق بولسا سوغۇق سۇ بېلىقى دىيىلگەندىمۇ ئوخشاشلا چىدىمايدۇ.ناۋادا ئىسسىق سۇ بېلىقى بولسا بېلىق قاچىسىغا سۇ ئىسسىتىش ئەسۋابى ئورنىتىشىڭىز لازىم،چۈنكى ئىسسىق سۇ بېلىقلىرى ئومۇمەن سەل نازۇك كېلىدۇ،بىر سوتكا ئىچىدىكى سۇنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى 2گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىگى لازىم،بولمىسا ئاسانلا زۇكام بولىدۇ دە ۋاختىدا داۋالىيالمىسىڭىز ئاسانلا ئۆلۈپ قالىدۇ.مېنىڭ ھە قىلىش ئۇسۇلۇم بولسا،سۇ پومپىسى 24سائەت توختىماي سۇنى سۈزۈلدۈرۈپ تۇرىدۇ،سۇ ئىسسىتقۇچمۇ ھەم شۇنداق،سۇنىڭ تېمپۇېاتۇرىسىنى ئاپتوماتىك تەڭشەپ تۇرىدۇ.مېنىڭ بېقىۋاتقان بېلىقلىرىم ئادەتتە سۇنىڭ تېمپۇراتۇرىسى 30گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
3.سۇ ئالماشتۇرۇش: ئەگەر بېلىق قاچىڭىزدا سۇ پومپىسى بولسا ئادەتتە 3كۈندە بىر قېتىم سۇ ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ،ئالماشتۇرغاندا دىققەت قىلىدىغان بىرنەچچە نۇقتا:(1) سۇنى بىراقلا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ،بۇنداق بولغاندا سۇ سۈپىتىدە ئۆزگۈرۈش چوڭ بولىدۇ دە بېىلىقلار يېڭى بىر مۇھىتقا ماسلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ،شۇڭا ئادەتتە ئۈچتىن بىر قىسمىنى ،ئەگەر سۇ بەك مەينەت بوپ كەتمىگەن بولسا بەشتىن بىر قىسمىنى ئالماشتۇرسىڭىزلا كۇپايە.(2) مۈمكىن بولسا بىر كېچە تۇرغۇزۇلغان(شارائىت يار بەرسە ئوكسېگن بېرىلگەن ياكى ئاپتاپقا سېلىنغان)سۇ بولسا تېخى ياخشى،ئەڭ مۇھىمى سۇنىڭ تېمپۇراتۇرۇسى بېلىق قاچىسىدىكى سۇ بىلەن ئوخشاش ياكى سەل يۇقۇرى(2گىرادۇس) بولسا مۇۋاپىق.سوغۇق سۇنى بىۋاستە بېلىق قاچىسىغا قۇيۇشقا بولمايدۇ.
3.يەم بېرىش:يەم بەرگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:بېلىق ئادەتتە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمايدۇ،كۆپىنچە يەنى كۆپ يەۋېلىشتىن ئۆلۈپ قالىدۇ.شۇڭا يەم بەرگەندە بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ.ئادەتتە كۈندە 2قېتىم ،ھەر قېتىمدا يەپ بولالىغۇدەك بەرسىڭىزلا كۇپايە.
قىسقىسى بېلىق بېقىش بىر ئاۋارىچىلىق ،بۇنى پەقەت ئاۋارىچىلىق ھېس قىلمايدىغانلار باقسا بولىدۇ،لېكىن بۇمۇ بىر خىل ئىشتىن سىرتقى ھەۋەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2013-12-22 21:53:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىلىق بىقىش ھەۋەسكارى  .ئوتكەندە يىڭى ئوي سىتىۋالغان تەييار بىلىق قاچىسى بار ئىكەن.1.5مىتىرلىق، 3 تال ئالتۇن بىلىق بىقىپ قويدۇم لىكىن بەك تويمايدۇ 2 كۇندە ياكى 3 كۇندە كىچىك يىمەكلىكىنى سىلىپ قۇيىمەن.يەنە 3 خىل ھەم سۇزىدىغان ،تاسقايدىغان ۋە پۇركۇيدىغان ماتوردىن بىرنى ئالغان .三合一过滤器 دەپ 13wلىق ئىكەن،ئالغاندا دىققەن قىلماپتىمەن،ئەسلىدە 40لىقنى ئالسام بوپتىكەن.بەزىدە بىلىق ئاق كىسەلگە گىرىپتال بۇلىدىكەن دورىسى بار ئىكەن تۇكەپ قۇيىمەن، ئاساسلىق سۇنى ئالماشتۇرۇش ئىكەن. مانىڭغا قاراپ بىقىڭ.
http://item.taobao.com/item.htm? ... &id=10192756819
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 07:30 , Processed in 0.166340 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat