توردا پۇل تېپىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، بۈگۈن يەنە سىلەر بىلەن يەنە شۇ <پۇل> توغرىسىدا ئازراق بىر نەرسە دىيىشكۈم كەپقالدى. شوڭا ئۆزەمنىڭ ماتىرىياللاردىن كۆرگىنىم ھەم ئىزدەنگەنلىرىمدىن ئازراق بىر نەرسە دەپ باقاي دەپ يەنە ئىكران ئالدىغا كەپقالدىم...
خوش، ئۇنداقتا شۇ پۇلنى قانداق تاپىمىز؟ جېق پۇلىمىز بولسا ئىگىز-ئىگىز بىنالارنى سالساق ۋاھ، ئۆينىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان بۈگۈنكىدەك پەيتتە بۇ بىر پۇرسەت ئىدى. ئەپسۇس، ھەممىمىز ئىگىز بىنالارنىڭ لاھىيىسىنى كۆڭلىمىزدە پۈكۈپ قويدۇق. يەنە تېخى ھەشەمەتلىك داچىمىزنىڭ ئاستىغا شۇنداق ئىسىل ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىمۇ ئويلىشىپ قويدۇق. لىكىن...
بەس. قۇرۇق ئارزۇغا ئېۋۇ دوقمۇشتىكى ھېپىزىخانمۇ بىر تەخسە لەڭپۇڭنى نىسىگە بەرمەيدىكەن. قوساق ئاچقاندا قۇرۇق گەپكە تويمايدىكەن. بىز ھازىر ئىكران ئالدىدا ئولتۇرغانكەنمىز، مۇشۇ ئىكراندىن پايدىلىنىپمۇ پۇل تاپقىلى بولامدۇ - يوق دىگەن مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.
ئۇنداقتا زادى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ كىرىم قىلغىلى بولامدۇ - يوق؟ مەن بۇ ھەقتە ئۆزەمنىڭ كۆرگەن ماتىرىياللىرىمدىن، ئەمىلىي تەجىرىبەمدىن ئاز-تولا بىر نەرسە دەپ باقاي:
1- توردا سودا قىلىش.
بۇنىڭدا سىز دۇكان ئىجارىسى تۆلىمەيسىز، ئىشەنچىلىك بېرەر سودا تورى بىلەن ھەمكارلىشىپ تارماق دۇكان ئاچسىڭىزمۇ، ياكى ئۆز ئالدىڭىزغا مۇستەقىل سودا تورى قۇرۇپ باشقىلارنىڭ ھە ئۆزىڭىزنىڭ تاۋارلىرىنى تور ئارقىلىق سېتىپ چىقارسىڭىز بولىدۇ. تور سودىسىدا ئادەتتە دۇكان ئىجارىسى، ئىسكىلات ھەققى، پىركازچىك...ۋاھاكازالارنىڭ غەلۋىسى بولمىغاچقا، يەنە كىلىپ سىز مالنى بىۋاستە كىرگۈزىدىغان بولغاچقا باھاسى دۇكان-سارايلاردىن كۆپ پەرىقلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىنى، ھەم كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوبرازىڭىزنى تىكلەپ ئىشەنچىلىك، ياخشى مۇلازىمەتنى تاللىسىڭىز ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ خېرىدارلىرىڭىز ئۆزلۈكسىز كۆپىيىدۇ. سىزنىڭ تور بىتىڭىزدە تارماق دۇكان ئاچقان ئابونتلىرىڭىز سىز تارتىدىغان جاپالارنىڭ كۆپ قىسىمىنى يىنىكلتىىدۇ. ئۇلارغا ئىش ھەققى بەرمەيسىز. پەقەت مال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيسىز. ھەم سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتكە كېپىللىك قىلسىڭىزلا سىزنىڭ سېستىمىڭىز ئۆزلىكىدىن كېڭىيىپ بارىدۇ، ۋە تەدىرىجى زورىيىدۇ. ئاندىن كۈنلەر ئۈتۈپ سىز ئىسسىق يوتقاندا ئۇخلاپ ياتقاندىمۇ سىزنىڭ بانكا ھىساۋاتىڭىزغا كىرىۋېرىدۇ. دۇكاندىكى ماللىرىڭىز يامغۇردا قالمايدۇ. بېسىلىپ قالمايدۇ. بۇ سېستىما تىپىدىكى ئېگىلىك تىكلەشنىڭ بىر خىلى.
2 - تور بەت قۇرۇپ تور ئېلانى ئارقىلىق كىرىم قىلىش.
بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە كومپيۇتېر بىلىمى ۋە تور ئىلمىگە نىسبەتەن ئارتۇقچىلىقىڭىز ھەم ئەمەلىي ئىقتىدارىڭىز ، قانۇن-تۈزۈم، باشقۇرۇش ئېڭى بۇلىشى كېرەك. سىز تور بىتىڭىزنى قۇرۇپ چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ باشقۇرىلىشى ھەم بەت شەكلىنىڭ كۆركەملىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى تەڭ تۇتۇپ ماڭالىسڭىز، سىزنىڭ زىيارەتچىلىرىڭىز كۆپىيىپ ئاۋاتلىشىپ بارىدۇ، جەلىپ قىلىش كۈچى بولىدۇ. بۇ ھالەتكە يەتكەندە سىز ھەر قايسى كارخانا شىركەتلەرنىڭ تەشۋىقات ئېلانى، تور ئېلانى قاتارلىقلارنى قويسىڭىز بۇنىڭدىنمۇ بەلگىلىك كىرىم ۋە ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سىزنىڭ تور بەت لاھىيىلەش ئىقتىدارىڭىز ئۆزگىچە بولسا شىركەت - كارخانىلار سىزنى ئۆزلىرىنىڭ كارخانا تور بىتىنى ئىشلىتىدۇ، ياكى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇپ قوش ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز. شەخسىي بلوگلىرىڭىزنىمۇ كۆركەم قىلىپ بىزەپ، باشقىلارنى جەلىپ قىلالىغىدەك ياخشى تىمىلارنى يوللاپ Google AdSense قا ئوخاش ئېلان تور بىكەتلىرىنىڭ ئېلانىنى قويسىڭىزمۇ زىيارەت قىلغان IP سانىغا قاراپ سىزگە ئېلان ھەققى بېرىدۇ
3 - تور ئارقىلىق ماقالە يوللاپ پۇل تېپىش.
بۇنىڭدا سىزنىڭ ئۈنۋېرسال ساپايىڭىز بۇلىشى ھەم يازمىلىرىڭىزنىڭ بەلگىلىك قىممىتى بۇلىشى، كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىغا ئەرزىيدىغان ئەقەللىسى ئاز-تولا ئىقتىسادىي قىممىتى بۇلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا سىز بۇ نىشانىڭىزغا يېتەلەيسىز. سىزنىڭ ماقالىڭىڭىزنى ئېلان قىلغان تور بىكەت سىزنىڭ تىمىڭىزنىڭ كۈرۈلۈش سانى بۇيىچە ھىساپلاپ ھەق بېرىدۇ. ياكى خەت سانى بۇيىچە ھىساپلاپ ئىش ھەققى بېرىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىز ئالدىنقى قېتىم توردا ھىساۋات ئېچىش ھەم ئېلان تور بەتلىرىگە تىزىملىتىش ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. بۇ قېتىم تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئېلاننى قايسى ئۇسۇلدا چىكىش، قانداق مەشغۇلات قىلىش خۇسۇسىدا چۈشەنچە بېرىمەن. كىرىمىڭىزنى قايسى دەرىجىگە يەتكۈزۈش، قايسى ئۇسۇلدا كۆپرەك پۇل تېپىش سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە باغلىق، ناۋادا خەنزۇ تىلىغا پىششىق بولسىڭىز تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا مەشغۇلات قىلىپ ئۈنۈم يارىتالايسىز. مەن تۆۋەندە خەنزۇ تىل سەۋىيىسى پەقەتلا يوق دىيەرلىك دوستلارغا قولايلىق بۇلغان مەشغۇلات جەريانىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
ئوخشىمىغان ئېلان تور بەتلىرى تىزىملىتىپ كىرىش بىلەنلا سىزگە 100 ~ 2000 غىچە جوغلانما نومۇر ھەدىيە قىلىدۇ. بۇ نۇمۇرلار ئارقىلىق سىز شەخسى تور بىكەتلىرىڭىزنى ئېلان تور بىتىگە قۇيۇپ ئۇنى تەشۋىق قىلىش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز، ھەمدە ئۇنى داۋاملىق كۆپەيتىپ ئاخىرىدا خەلىق پۇلىغا ئايلاندۇرۇپ ئالىپاي ھىساۋى ئارقىلىق بانكا كارتىڭىزغا يوللىيالايسىز. بىز ئېلان تور بەتلىرىگە تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۈرۈنىدۇ. سىز قىزىل بەلگە قۇيۇلغان 1- كۆزنەك ياكى 2-كۆزنەك ئارقىلىق مەشغۇلاتقا كىرىشىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
1- رەسىم چوڭايتىپ كۈرۈش http://filer.blogbus.com/5985073/resource_5985073_1281166975.jpg بىز 1- نى تاللايلى: بۇ چاغدا تۆۋەندىكى بەت يۈزى كۈرۈنىدۇ. سىز مەيلى مەن سىزىپ قويغان دائىرە ئارقىلىق قىزىل رەڭدە يېزىلغان 1 ۋە 2 كۇنۇپكا رايۇنىنى بېسىپ بىۋاستە ئېلان چىكىش بىتىگە كىرسىڭىزمۇ ياكى بولمىسا قىزىل دائىرىنىڭ ئاستىدىكى 6 دانە كۇنۇپكا بۇيرۇقى ئارقىلىق ئېلان چىكىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ. قېنى ئەمىسە مەرھەممەت:
2- رەسىم چوڭايتىپ كۈرۈش http://filer.blogbus.com/5985073/resource_5985073_1281166182z.jpg تۆۋەندە كۈرۈنگىنى ئېلاننى بىۋاستە كۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۈنۈم يارىتىش. سىز قىزىل بەلگە قۇيۇلغان رايۇن تىزىملىگىدىكى ئېلان تىمىسىنى چىكىۋەتسىڭىزلا ئىش تامام. بۇ مەشغۇلاتتا مەجبۇرى ئېلان كۈرۈش كودى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ، سىز ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپ باشقا مەشغۇلات قىلالمايسىز. ھىچبولمىغاندا 5 سىكۇنت. 3- رەسىم چوڭايتىپ كۈرۈش http://filer.blogbus.com/5985073/resource_5985073_12811662088.jpg 5 سىكۇنتتىن كىيىن ئاپتۇماتىك ئەسلىگە قايتىپ تۆۋەندىكى ئۇچۇر چىقىدۇ. <بۇ مەشغۇلاتىڭىز ئۈنۈملۈك بولدى، پۇل ھىساۋاتىڭىزغا كىردى! > دىگەن مەنىدە. سىز ئاستىدىكى مۇقىملاشتۇرۇش دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىۋېتىپ مەشغۇلاتىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بۇلۇۋېرىدۇ. 4- رەسىم يۇقىرىدا ئېلاننى بىۋاستە كۈرۈپ پۇل تېپىش ئۇسۇلى چۈشەندۈرۈلدى. ئەمدى ئېلان بەت ئادىرىس ۋە ئېلان تىمىسىنى چاپلاش ئۇسۇلىدا ئېلان چىكىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىمەن. بىز 2 رەسىمدىكى 2 -قىزىل خەت يېزىلغان رايۇن كۇنۇپكىسىنى چىكىپ ئېلاننى ئادىرىس چاپلاپ كۈرۈش بىتىگە كىرىمىز. ئاندىن سول تەرەپتىكى گىراپىك ئىچىگە يېزىلغان ئېلان تىمىسىنى چەكسەك يەنە بىر كىچىك كۆزنەك چىقىدۇ. بىز رەسىمدىكى تەرتىپ بۇيىچە ئاۋال ئۈستىدىكى ئېچىش دىگەن خەتنى چىكىپ ئېلان بىتىگە كىرىمىز، ئاندىن يېڭىدىن ئېچىلغان بەتنىڭ ئۇلىنىش ئادىرىسىنى 2- رەقىمىنىڭ ئۇدۇلىغا، مەزكۇر بەتتىكى كۈرۈنەرلىك ئۇرۇندا كۆزگە چېلىقىپ تۇرغان ئېلان تىمىسىنى كۈچۈرۈپ 3- رەقىمىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بوش ئۇرۇنغا چاپلاپ ئاستىدىكى مۇقىملاش كۇنۇپكىسىنى چىكىۋەتسەكلا ئىش تامام. 5- رەسىم
چوڭايتىپ كۈرۈش http://filer.blogbus.com/5985073/resource_5985073_1281166239k.jpg
بۇنىڭدا قىسمەن ھاللاردا ئېلان ئىچىگە ئېلان قىستۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ بېرىدىغان پۇلى بىۋاستە كۈرۈش ئۇسۇلىدىن كۆپرەك. بۇ چاغدا سىز سەۋرىچانلىق بىلەن بىر قەدەم ئىچكىرىلەپ كىرىپ يۇقارقى مەشغۇلاتنى قىلسىڭىزلا بولىدۇ. باشقا 4 خىل ئۇسۇلىنىڭ بېرىدىغان پۇلى ھەسسىلەپ كۆپ. ئەمما بۇنىڭ جەريانىمۇ مۇرەككەپ. سىز قالغان 4 تۈرىنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز مەن بىلەن بىۋاستە پاراڭلاشسىڭىز بولىدۇ. 6- رەسىم چوڭايتىپ كۈرۈش http://filer.blogbus.com/5985073/resource_5985073_12811762352.jpg
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالدىنقى باسقۇچلاردا بىز ئېلان چىكىش بەتلىرىگە قانداق كىرىش، قانداق ھىساۋات تۇرغۇزۇش ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. ئۇنداقتا خوش- ھەممىمىز شۇ ئەجىر قىلىپ تاپقان پۇلنى قانداق قىلىپ بانكا ھىساۋاتىمىزغا يۈتكەشنى خىيال قىلىپ باقتۇقمۇ يوق؟! مەن بۈگۈن مەخسۇس مۇشۇ ھەقتە ساۋات سۆزلەپ بەرمەكچى. چۈنكى جان دىگەن ئامانەت، بېشىنى باشلاپ قۇيۇپ ئاخىرىنى چىقىرالماسلىق بەك ئازاپ...
ئۇنداقتا بىز سىناپ باقايلى. بىز ئېلان چىكىش بىتىگە كىرگەندىن كىيىن ئاۋال مۇنداق بىر كۆزنەك بىلەن ئۇچرىشىمىز:1-رەسىم چوڭايتىپ كۈرۈش: http://filer.blogbus.com/5985073/resource_5985073_12813284530.jpg يۇقىرىقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 2- كۆرسەتمە: ئۇ - سىز ئالىپاي<支付宝> ھىساۋى ئارقىلىق تور بانكىڭىزدىن ئېلان بىتىگە پۇل قاچىلاپ ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى تور بىتىدىكى مەھسۇلات ئۇچۇرى... دىگەندەك ئېلان تەشۋىقات ئىشلىرىڭىز غا مەبلەخ سالىدىغان چاغدا ئىشلەتسىڭز بولىدۇ. لىكىن بىز ھازىرچە پۇل چىقىم قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى كىرىم قىلغۇچى بولغانكەنمىز بۇ توغرىسىدا سۆزلىمەيمەن. شوڭا سىز 1- كۆرسەتمىدىكى ھىساۋاتنى يۈتكەش دىگەن كۆرسەتمىنى بېسىڭ. 2-رەسىم
چوڭايتىپ كۈرۈش: http://filer.blogbus.com/5985073/resource_5985073_1281328473n.jpg سىز ئۈستىدىكى قىزىل ئىستىرىلكا سىزىلغان بوش كاتەكچىگە تور ھىساۋىڭىزدىكى يۈتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان پۇلنىڭ سوممىسىنى يازىسىز. ئەگەر سىزنىڭ ئالىپاي<支付宝> دا مەسىلە بولسا ئالدىراپ كەتمەي ئوڭ تەرەپتىكى ھىساۋات نۇمۇرىنى ئۆزگەرتىش دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ ماتىرىيالىڭىزنى خاتاسىز ھالەتتە توغرىلاڭ، بولمىسا كىيىن پۇلىڭىز باشقا ياققا قېچىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئالىپاي<支付宝> ھىساۋىڭىزدا مەسىلە بولمىسا بىۋاستە سول تەرەپتىكى قىزىل-كۆك بەلگە قۇيۇلغان مۇقىملاشتۇرۇش دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ ھىساۋاتىڭىزنى يۈتكەڭ. خوش بىز شۇنداق قىلىپ تور ھىساۋىمىزدىكى ئېلان چىكىپ كىرىم قىلغان پۇلىمىزنى تور بانكا ھىساۋىمىزغا يۈتكىۋەتتۇق. ئادەتتە نورمال بولسا 24 سائەت ئىچىدە سىزنىڭ پۇلىڭىز تور بانكا ھىساۋاتىڭىزغا يۈتكىلىدۇ، سىز ئىلىكتىرۇنلۇق خەت ساندۇقىڭىزنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرسىڭىز سېستىما سىزگە پۇلىڭىزنىڭ يۈتكەلگەنلىك ئۇقتۇرىشىنى ئەۋەتىدۇ. ئۇنداقتا ھەممىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن!
ئالىپاي<支付宝> ھىساۋى ئادەتتە تور بانكا ھىساۋاتى ئېچىش، توردا مال سېتىۋېلىش، تور ئارقىلىق باشقىلار بىلەن پۇل ئوبۇرت قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلاردا قولايلىق بولغان تور بانكا ھىساۋاتى. سىز ئىكتىرۇنلۇق خەت ساندۇقى ئادىرىسىڭىز ئارقىلىق تور بانكا ھىساۋاتىنى ئاچالايسىز، ھەم بانكىدا ئۆچرەت ساقلاپ تۇرماي كومپيۇتېر ئالدىدا تۇرۇپلا پۇل مۇئامىلە كەسپىنى بىجىرەلەيسىز. ئەمدى گەپنىڭ ئۈزىگە كەلسەك: 1-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن سول تەرەپتىكى قىزىل ئىستىرىلكا بانكا ئامانەت كارتىڭىزدىن تور بانكىڭىزغا پۇل قاچىلاپ توردا مال سېتىۋېلىش، ياكى شۇنىڭدەك تۈرلۈك ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى پۇلىمىز كۆپىيىپ بايلار قاتارىغا كىرگەندە ئاندىن سۆزلىشەيلى. ھازىرچە تور بانكىڭىزدىكى پۇلنى بانكا ئامانەت كارتىڭىزغا يۈتكەپ نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي. شوڭا سىز ئوڭ تەرەپتىكى كۆك سىزىلغان پۇلنى يۈتكەشنى ئىلتىماس قىلىش دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىڭ.
1- رەسىم
چوڭايتىپ كۈرۈش: http://filer.blogbus.com/5985073/resource_5985073_1281330439i.jpg 2- رەسىم چوڭايتىپ كۈرۈش: http://filer.blogbus.com/5985073/resource_5985073_1281330455f.jpg تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن <支付宝密码> ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئالىپاي<支付宝> بىتىگە تىزىملىتىپ كىرىدىغان مەخپى نۇمۇرىڭىز ئەمەس. سىز <支付宝> غا تىزىملىتىپ كىرگەن چاغدا سىزدىن تور بانكىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خۇددى QQ بىجىرگەندە 二代保护密码 تەلەپ قىلغانغا ئوخشاش سىزدىن بىر <支付宝密码> ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەرگە تولدۇرىدىغىنىمىز دەل شۇ 2- پارۇل. چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئالىپاي<支付宝> تور بانكا ھىساۋات نۇمۇرىڭىزنى باشقىلارنىڭ بىلىۋېلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇرغۇزىلىدۇ.
ئەگەر سىز ئالىپاي<支付宝> ھىساۋاتىنى ئالماشتۇرماقچى ياكى بانكا ئامانەت كارتا نۇمۇرىنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز ئوڭ تەرەپتىكى قايتىپ ماتىرىيال ئۆرگەرتىش دىگەن جاينى بېسىپ ماتىرىيالىڭىزنى ئۆزگەرتىپ مۇقىمپاشتۇرۇڭ. ناۋادا باشقا مەسىلە بولمىسا ئۇدۇللا سول تەرەپتىكى مۇقىملاشتۇرۇش دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىۋەتسىڭىز تامام. ئالىپاي<支付宝> تور بانكىسى 48 سائەت ئىچىدە سىزنىڭ پۇلىڭىزنى بانكا ئامانەت كارتىڭىزغا يوللاپ سىزگە ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ. 3- رەسىم چوڭايتىپ كۈرۈش:
http://filer.blogbus.com/5985073/resource_5985073_1281330471v.jpg
ئەگەر يۇقارقى تەرەپلەردە يەنىلا چۈشىنەلمەي قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭلار مۇشۇ بلوگنىڭ ئاستىدا كوت-كوت نۇمۇرۇم بار. قۇشۇۋېلىپ سورىساڭلارمۇ ياكى بىۋاستە تېلىفۇن قىلساڭلارمۇ بولىدۇ<13999826724>. ئەمىسە كىيىنكى باسقۇچلىق چەتئەل تور بەتلىرىدە ئېلان چىكىپ كىرىم قىلىش دىگەن تىمىدا كۈرۈشەيلى...ھەممىڭلارغا ئامەت يار بولغاي
رەسىم كۆرۈنمىسە http://iktisat.blogbus.com/logs/73990232.html
|