ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
يەرنى ئالدىغاننىڭ تاغىرى قۇرۇق.
كۆرۈش: 697|ئىنكاس: 4

ھۈنەر: ULY دا كىرگۈزگۈچ تەڭشىمەي Ö، ü، ë نى چىقىرىش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ULYدا كىرگۈزگۈچ تەڭشىمەي ئۆ، ئۈ، ئې نى چىقىرىش

ULYنى ئىشلىتىشنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئەھمىيىتىنى يەنە دەپ يۈرمىسەكمۇ نۇرغۇن تورداشلار بىلىدۇيۇ ئەمما « ئۆ، ئۈ، ئې » ھەرىپنى يېزىش ئۈچۈن كىرگۈزگۈچ تەڭشەشنى ئاۋارىچىلىق دەپ قارىغاچقا ULY نى ئۆلچەملىىك ئىشلىتىشنىڭ ئومۇملىشىش سۈرئىتى ئاستا بولۇۋاتىدۇ.
ULYئۆلچىمىدە بىز بىلىۋېلىشىمىز زۆرۈر بولغان 9 ھەرىپ تۆۋەندىكىدەك بولۇپ بۇ  9 ھەرىپنى بىلىۋالساق يازغان مەزمۇننى باشقىلار خاتا چۈشۈۋالمايدۇ ياكى باشقىچە مەنا بېرىپ قويمايدۇ.
ئە  E e
خ X x
ق Q q
چ CH ch
ش Sh sh
ژ Zh  zh
ئۆ Ö ö  
ئۈ Ü  ü
ئې  Ë  ë
سىز كىرگۈزگۈچ تەڭشەشنى بىلمىسىڭىز ياكى ئاۋارىچىلىق ھېس قىلسىڭىز مۇنداق قىلىڭ:
Alt كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكى سانلارنى بېسىپ ئاندىن Alt كۇنۇپكىسىنى قويۇپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
Alt+ 214 نى Ö باسسىڭىز چىقىدۇ ( دىققەت: كىچىك كۇنۇپكا تاختا رايونى ‹ ئوڭ تەرەپتىكى› سانلارنى بېسىشىڭىز كېرەك)
Alt+ 246  نى ö باسسىڭىز چىقىدۇ ( دىققەت: كىچىك كۇنۇپكا تاختا رايونى ‹ ئوڭ تەرەپتىكى› سانلارنى بېسىشىڭىز كېرەك)
Alt+ 220  نى Ü باسسىڭىز چىقىدۇ ( دىققەت: كىچىك كۇنۇپكا تاختا رايونى ‹ ئوڭ تەرەپتىكى› سانلارنى بېسىشىڭىز كېرەك)
Alt+ 252  نى ü باسسىڭىز چىقىدۇ ( دىققەت: كىچىك كۇنۇپكا تاختا رايونى ‹ ئوڭ تەرەپتىكى› سانلارنى بېسىشىڭىز كېرەك)
Alt+ 203  نى Ë باسسىڭىز چىقىدۇ ( دىققەت: كىچىك كۇنۇپكا تاختا رايونى ‹ ئوڭ تەرەپتىكى› سانلارنى بېسىشىڭىز كېرەك)
Alt+ 235  نى ë باسسىڭىز چىقىدۇ ( دىققەت: كىچىك كۇنۇپكا تاختا رايونى ‹ ئوڭ تەرەپتىكى› سانلارنى بېسىشىڭىز كېرەك)
ئەگەر Ö ö  ،  Ü  ü ،  Ë  ë لارنى كىرگۈزۈشكە ئىمكان بولمىغاندا ULY بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن Oo ، Uu، Ee نى ماس ھالدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ULY1.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bihayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-30 23:14  

ۋاقتى: 2013-7-8 12:56:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخىشى باشلىنىش
مەن ئۇزۇندىن بىرى بىر خيال قلىدىغان بوپ قالدىم . كومپۇتىر غا ئۇيغۇرچە خەت تۇنۇتۇلغىلى خېلى ئۇزۇن زامانلا بوپ قالدى بىراق  ئۇيغۇر يېزىقى كىرگۈزگۈچنىڭ ئىختىدارىدا ئۆزگرىش بولمىدى دەپ ئويلايمەن .
مەسلەن خەنسولارنىڭ كىرگۈزگۈچىسى ھازىرغا قەدەر يىلدىن يىلغا يېڭلىنىپ ئختتىدارى ئۆزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا  دەسلەپكى خەن يېزىق كىرگۈزگۈش بىلەن ھازىرقى سوگو كىرگۈچى ئارلىقىدا ئىقتىدار  پەرقى زور
مىنىڭ سۇئالىم نىمىشقا بىزنىڭ  يېزىق كىرگۈچلىرمىزنىڭ ئىختىدارى يڭلانمايدۇ .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-9 14:01:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2013-7-21 14:54:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ؟ مەنمۇ دوسلۇرۇم غايوللاپ؟قويدۇم؟
ۋاقتى: 2013-7-27 21:37:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقەپ ئەسقاتتا بۇ، يوللىغۇچىغا تەشەككۈر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2015-4-28 00:41 , Processed in 0.978129 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش