ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1105|ئىنكاس: 3

كاللىنى مۇنداق ئىشلەتسىمۇ بولىدىكەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تېلېفۇننىڭ ئەنسىز ئاۋازى چۇشتىكى شېرىن ئۇيقۇمنى بۇزىۋەتتى .<كىمدۇ بۇچاغدا تىلفۇن بېرىپ ئادەمنى ئۇخلاتمىغان ؟>مىڭ تەسلىكتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ تۇرۇپكىنى ئالدىم:
_ياخشىمۇسىز ؟
_ئەنۋەرجانمۇ؟ تىچلىقمۇ، سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟
_سىزنى تونىيالمىدىمغۇ ،كىمۇ؟
_تونىيالمىدىڭىزمۇ؟ ياخشىراق ئەسلەپ بېقىڭ ،ئاغىنىلىرىڭىزنى بۇنداق ئۇنتۇپ كەتسىڭىز بولماس .
_راسىتلا تونىيالمىدىم.
_پادا باققاندا بىللە بولۇپ ،ياڭاق چاققاندا ئايرىلىدىغان ئېشنى قىلساق سەت تۇرامىكىن ئاغىنە.
       بۇ كىشىنى پەقەتلا ئېسىمگە ئالالمىدىم<توختا ،يېقىندا كىشلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرىغا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئېرىشىپ ئادەم ئالدايدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى .مۇشۇنداق كاززاپتىن بىرىگە ئۇچىرىغان بولماي يەنە،قېنى بىر سىناپ باقاي .>
_ھە سىز قاسىممۇ؟
_دەل تاپتىڭىز ،تاس قالدىڭىزھە تونىيالمىغىلى.قانداق ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟
ئۇ مېنى قىلتاققا چۈشتى،دەپ ئويلىدى بولغاي ،ئاۋازى باشقىچە جاللىنىپ كەتتى .بۇ قىزىل كۆزنىڭ مېنى ئالدىماقچى بولغىنىنى ئويلاپ قاتتىق غەزىپىم كەلدى.تېخى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مۇشىنىڭغا ئوخشاش ئالدامچىلار ئانامنىڭ 20مىڭ يۇەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەنىدى .<توختا ،ئۆزەمنى بېسىۋالاي ،ئۇنى بىر ئەخمەق قىلىپ ،ئاچچىقىمنى ئازىراق بولسىمۇ چىقىرىۋالمايدىغان بولسام .>
_قاسىم ،ھەجەپ ئۇزاق بوپتۇ كۆرۈشمىگىنىمىزگە ،سىزنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن .بايام تونىماي سەت بوپتۇ .
_شۇ، شۇ .ئالاقىلىشەلمىگەن بولساقمۇ سىزنى ئۆزۈمنىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنىلىرىدىن ھېساپلايمەن .
_مەنمۇ شۇ .تۇيۇقسىز تىلفۇن بېرىپ قاپسىز ،بىرەر مۇھىم ئىشىڭىز چىقىپ قالدىمۇ ؟ياردەم لازىم بولسا تارتىنماي دەڭ .
_رەھمەت سىزگە .ئەمىسە گەپنى ئەگىىتىپ يۈرمەي ،شۇ ئازىراق پۇل لازىم بوپ قالغانتى .
       ئەپت-بەشىرسىنى ئاشكارلىغان بۇ ئالدامچى توزىقىمغا قانداقلارچە چۇشۇپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالدى .
_قانچە پۇل لازىم بولسا دەڭ ،ياردەم قىلىمەن ،ئۆزىڭىزنى كۆرمىگەن بىلەن ئەھۋالىڭىزدىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم . ئاڭلىسام ئاتىڭىزنى ماشىنا سوقۇپ بەش پارچە قىلىۋېتىپتۇ ،دەيدۇ .تولىمۇ كېلىشمەسلىك بوپتۇ .
       ساختىپەز سۆزۈمدىن ھەيران قالغان بولسىمۇ ،ئۆزىنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ماڭا ماسلىشىشقا تىرىشىۋاتاتتى  .
_شۇ ، يولدىن كېسىپ ئۆتىمەن دەپ بېخەستىلىكتىن ....
_بىچارە ئانىڭىز ئاتىڭىزنىڭ  دەردىدە كېسىلى ئېغىرلاپ ئۆلەي دەپ قالدى دىيىشىدىغۇ.
_شۇ ،ھازىر ئانامنى دوختۇرخانىدا داۋالىتىۋاتىمىز .دوختۇر ئۈمىد چوڭ ئەمەس ،دەيدۇ.
_ھە...ھازىر كېسەل كۆرسىتىشكە بىر مۇنچە پۇل كېتىدۇ ئەمەسمۇ. ئايالىڭىزچۇ، ھازىرمۇ پۈتۈنلەي پالەچ ھالەتتە يېتىۋاتامدۇ؟  ئۇنى بېقىش ئېغىر كېلىپ ئاجىرىشىپ كەتمىگەنسىز ؟ساراڭ بولسىمۇ ،سىزگە ئۇزاق يىل ھەمراھ بولدى ،ئەمەسمۇ.
_ياق،ياق ئاجىرىشىپ كەتمىدىم، ھازىرمۇ بېقىۋاتىمەن .
_ياخشى ،خېلى ۋاپادار كەنسىز .كېلىشمەسلىك چوڭلار بىلەنلا كېتىپ بالىڭىز ساق قالسىچۇ-ھە!
  ئۇ ئاڭقىرالماي، نىمە دىيىشىنى بىلمەي قالدى. مەقسىتىمنى ،شەكلى ئۆزگەرگەن قارغىشلىرىمنى ھېس قىلدىمۇ -قانداق، ئاۋازى بارغانسىرى بوشاپ كېتىۋاتاتتى ،لېكىن ئۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئاخىرغىچە تىركەشتى .
_ ھە؟  قانداق دەيسىز ؟
_  بالىڭىزنى ئايروپىلاندىن چۈشۈپ كەتتى ،دىيىشىدىغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇدۇل ئېغىلغىلا چۈشۈپ ،تەخەيگە ئايلىنىپ قالغانلىقى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ .
بۇ ساختىپەز ئاخىرى تىل-ئاھانەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي ،<ئۆزۈڭنىڭ بالىسى تەخەي >دەپ تىلفۇننى قويىۋەتتى . تۇرۇپلا ئاچچىقىم چىققىندەك، ئانامنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بەرگەندەك يىنىكلەپلا  قالدىم .

ياشانغانلار گېزىتىدىن ئېلىندى.
ۋاقتى: 2013-6-30 23:50:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللا ئىشلىمىسە پۇت قولغا ئارام يوق دەپ ،  مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە كىشلەرنىڭ كاللىسى ئشلەپ كىتىپ ئەقلىگە ئارام قالمىدى دېسە .
ۋاقتى: 2013-7-1 20:27:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس، ئۇنداق رەزىل ئالدامچىلار بۇنچىلىك ئەخمەق قىلىشلارنى كۆتىنىڭ قىرىغىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ، يەنىلا سەگەك ۋە ئىھتىياتچان بولۇپ، ئالدامچىلاردىن پەخەس بولايلى.
ۋاقتى: 2013-7-1 21:26:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يۇمۇر ئەجەپ قىززىق كەن دىسە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 20:02 , Processed in 0.168661 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat