ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 402|ئىنكاس: 12

پايدىلىق « يامان بولىدۇ» لار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3326
تىللا
3295
شۆھرەت
5625

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 22:37:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.«سەھەر تۇرمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
2.« ناشتا قىلماي سىرتقا چىقماڭ، يامان بولىدۇ»
3.« كېچىدە ئۆيدە يۇندا – ئەخلەتلەرنى ساقلىماڭ، يامان بولىدۇ»
4. «ئۆيگە مىھمان كەلگەندە مۈشۈكنى ‹پەش›، توخۇنى ‹تاخ› دىمەڭ، يامان بولىدۇ»
5. «مىھمانغا دەز كەتكەن چىنىدە تاماق (چاي) سۇنماڭ، يامان بولىدۇ»
6. «چاچىنى قۇرۇق تارىماڭ، يامان بولىدۇ»
7.« چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەڭ ، يامان بولىدۇ»
8. « چوڭلار بىلەن تاكاللاشماڭ، يامان بولىدۇ»
9. « سەھەر تۇرۇپ ئۆي سۈپۈرمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
10. « چوڭلاردىن بۇرۇن داستىخانغا قول ئۇزاتماڭ، يامان بولىدۇ»
11.« غەيۋەت قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
12.« كىشىلەرنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەڭ، يامان بولىدۇ»
13. « كىشىنىڭ ھەققىنى يىمەڭ، يامان بولىدۇ»
14. « قوشنىڭىز بىلەن ئىناق ئۆتمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
15. « تېپىۋالغان نەرسىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالماڭ، يامان بولىدۇ»
16.« يالغان سۆزلىمەڭ، يامان بولىدۇ»
17.« كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلمىسىڭىز، يامان بولىدۇ»
18.« ئۇياتلىق يەرلىرىڭىزنى ئېچىلىپ قالىدىغان كىيملەرنى كىيمەڭ، يامان بولىدۇ»
19.« تاماق ۋاقتىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەڭ، يامان بولىدۇ»
20.« باشقىلارنى قارتىپ قويۇپ كۇسۇرلاشماڭ، يامان بولىدۇ»
21.« چوڭلاردىن تۆر تالاشماڭ، يامان بولدۇ»
22.« ئوت ئوينىماڭ، يامان بولىدۇ»
23.« يولدا توغرا تۇرىۋالماڭ، يامان بولىدۇ»
24.« تاماق يەۋىتىپ گەپ قىلماڭ ، يامان بولدۇ»
25.« ئادەم بار يەردە تۈكۈرمەڭ، يامان بولدۇ»
26.« تاماق يەۋىتىپ بۇرنىڭىزنى تارتىماڭ، يامان بولىدۇ»
27.« باشقىلارنىڭ گىپىگە قوشۇق سالماڭ ، يامان بولىدۇ»
28.« جامائەت سورۇنىدا بۇرنىڭىزنى كوچىلىماڭ ، يامان بولىدۇ»
29.« ھاجەتخانىدىن چىقىپ قولىڭىزنى يۇمىسىڭىز، يامان بولىدۇ»
30.« قولىڭىزنى يۇماي تاماق يىمەڭ، يامان بولىدۇ»
31.« ئاتا- ئانىڭىزغا ئالىيىپ قارىماڭ، يامان بولىدۇ»
32.« ئۆلۈم پەتىسىگە رەڭلىك كىيم كىيىپ بارماڭ، يامان بولىدۇ»
33.« ھازىردارلارنىڭ ئالدىدا كۈلمەڭ، يامان بولىدۇ»
34.« ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئەخلەت تاشلىماڭ، يامان بولىدۇ»
35.« ئۆتنە ئالغان نەرسىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسىڭىز، يامان بولىدۇ»
36.« باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىماڭ، يامان بولىدۇ»
37.« سوخەنچىلىك قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
38.« ئاغىنىڭىزنىڭ خوتۇنىغا قارا سانىماڭ، يامان بولىدۇ»
39.« قېيىنئانىڭىزنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
40.« ھەسەتخورلۇق قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
41.« ئەر- خوتۇن جامائەت ئالدىدا سوقۇشسا، يامان بولىدۇ»
42.« بايلىق ياكى ئەمىلىڭىزنى كۆز-كۆز قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
43.« ھارام مال- دۇنياغا ئىگە بولۇشنى ئويلىماڭ، يامان بولىدۇ»
44.« ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلىماڭ، يامان بولىدۇ»
45.« باشقىلارنىڭ سالىمىنى ئېلىك ئالمىسىڭىز، يامان بولىدۇ»
46.« ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلمىسىڭىز، يامان بولىدۇ»
47.« مەكتەپتە ئوقۇمىسىڭىز، يامان بولىدۇ»
48.« باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالماڭ، يامان بولىدۇ»
49.« مېھماننى ئۇزاتقاندا ئىشىكنى قاتتىق ياپماڭ، يامان بولىدۇ»
50.« تاماقنى ئاۋاز چىقىرىپ يىمەڭ،يامان بولىدۇ»
51.« نان ئۇۋىقىغا دەسسمەڭ، يامان بولىدۇ»
52.« يىمەك- ئىچمەكنى ئىسراپ قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
53.« گۈل- گىياھلارنى قالايمىقان ئۈزمەڭ، يامان بولىدۇ»
54.« چوڭلاردىن يول تالاشماڭ، يامان بولىدۇ»
55.« باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمىسىڭز، يامان بولىدۇ»
56.« ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ قالماڭ، يامان بولىدۇ»
57.« بىر گەپنى تەكرار دەۋەرمەڭ ، يامان بولىدۇ»
58.« ئاتا- ئانىڭىز ۋە يۇرتىڭىزدىن نۇمۇس قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
59.« ياخشىلىق قىلىپ بولۇپ مىننەت قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
60.« بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ، يامان بولىدۇ»
61.« باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كوچىلىماڭ، يامان بولىدۇ»
62.« چاقىرمىغان يەرگە بارماڭ، يامان بولىدۇ»
63.« چاقىرغان يەردىن قالماڭ، يامان بولىدۇ»
64.« ئۇچرىمىغانغا سالام قىلماڭ ، يامان بولىدۇ»
65.« سورىمىغانغا جاۋاپ بەرمەڭ، يامان بولىدۇ»
66.« ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتماڭ، يامان بولىدۇ»
67.« ئاتا- ئانىڭىزنىڭ نەسھىتىنى ئۇنۇتماڭ يامان بولىدۇ»
68.« ئەل كۆزىچە گىرىم قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
69.« ئۆتكەن ئىشنى تەگىمەڭ، يامان بولىدۇ»
70.« باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بىسوراق تۇتماڭ، يامان بولىدۇ»
71.« ھەممىلا يەردە قىزىقچىلىق قىلىۋەرمەڭ، يامان بولىدۇ»
72.« ئېرىڭىزنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرماڭ، يامان بولىدۇ»
73.« خوتۇنىڭىزنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرماڭ، يامان بولىدۇ»
74.« ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ، يامان بولىدۇ»
75.« ئاجىزلارنى بوزەك قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
76.« چېقىمچىلىق قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
77.« باشقىلارغا ئورا كولىماڭ، يامان بولىدۇ»
78.« باشقىلارنى تەڭقىسلىقتا قويماڭ، يامان بولىدۇ»
79.« باشقىلارنى جامائەت ئالدىدا خىجالەت قىلماڭ، يامان بولىدۇ»
80.« گەپ توشىماڭ، يامان بولىدۇ»

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
773
تىللا
887
شۆھرەت
1418
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 02:26:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  يامان  بولۇدۇلار   جەمىيەت  ۋە ئائىلدە   ئومۇملاشقان   بولسا   جەمىيتىمىز  بۇنچىۋلا  بوپ  كەتمەستى  دەيمەن  ،    بىز  مەدەنىيلەشتۇق  دەپ  نۇرغۇرن   ئەدەپ  ئەخلاق   شەرمى  ھايا لىرمىزدىن   ئايرىلىپ  قالدۇق   ،    يەنە   قاچانغىچە   باشقىلارنىڭ   قارشىدا   خۇراپىلىق   ، قاتماللىق   مۇتەئەسسىپلىك   دەپ   قارلىۋاتقان   ئەدەپ   -  ئەخلاق  شەرمى ھايادىن   قېچىپ   تەرەققى   قىلارمىز   .    تەرەققى   قىلىپ   قەيەرگە  بارامىز   ،   بەلكىم   .......................... قاچانغىچە   باشقىلار  داپ  چېلىپ  بەرسە   ئۇسۇل   ئويناپ  يۈرەمىز   ؟

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
889
تىللا
753
شۆھرەت
1139
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 12:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ تىمىنى كۆرمىسىڭىز « يامان بولىدۇ»

بۇنى داۋاملاشتۇرۇپ قويايلى

81. سۇغا تەرەت قىلماڭ، يامان بولىدۇ.
82.دەرەخلەرنىڭ نوتىسىنى سۇندۇرماڭ، يامان بولىدۇ.
83.ئاچقۇچنى پىرقىرىتىپ ئوينىماڭ، يامان بولىدۇ.
84. ئۇستازىڭىزغا گەپ ياندۇرماڭ، يامان بولىدۇ.
85.قىبلە تەرەپكە قاراپ تەرەت قىلماڭ، يامان بولىدۇ.
86.ئەخلەت بىلەن كۈلنى ئارىلاشتۇرۇپ ئالماڭ، يامان بولىدۇ.
87. باشقىلارنى خالىغانچە ئوغرى تۇتماڭ، يامان بولىدۇ.
88. كۆرمىگەننى كۆردۈم دىمەڭ، يامان بولىدۇ.
89. ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرمەڭ، يامان بولىدۇ.
90. يەرگە ئۇرماڭ، يامان بولىدۇ.
91. قالايمىقان توپا سورىماڭ، يامان بولىدۇ.
92. چېچىڭىزنى كەسمەڭ، يامان بولىدۇ.
93. ئۆزىڭىزنى ئۇرماڭ، يامان بولىدۇ.
94. مال-چارۋىلارنى ئۇرماڭ، يامان بولىدۇ.
95. تاۋۇز-قوغۇن شاپىقىنى سۇغا تاشلىماڭ، يامان بولىدۇ.
96.تاۋۇز-قوغۇن شاپىقىنى، ئاياغنى دۈم قويماڭ، يامان بولىدۇ.
97. ئامانەتنى ئىگىسىگە تاپشۇرمىسىڭىز يامان بولىدۇ.
98. باشقىلارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىغا قارىماڭ، يامان بولىدۇ.
99. نامەھرەمنىڭ قولىنى تۇتماڭ، يامان بولىدۇ.
100. تۇزنى قالايمىقان تاشلىماڭ، يامان بولىدۇ
ھۆرۇنلۇق قىلماڭ ›  يامان  بولىدۇ.......................مىللەتنىڭ كەلگۇسى  ئۇچۇن  تىرىشىمىسىڭىز يامان بولىدۇ....................

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
tawlan12  ياخشى: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 20:22:35

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
434
تىللا
406
شۆھرەت
688
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 14:55:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن ھېچبولمىغاندا ياخشى بولمايدۇ!
alm+soft   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2446
تىللا
1955
شۆھرەت
3597
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 15:59:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان بولىدۇلار ›› لۇغىتى ياساپ چىقساق  بولىدىغان ئوخشايدۇ .  
ئاسىتىغا چچۈشەندۈرۈلىشى چىقىپ تۇرىدىغان ( پەننى جەھەتتىن چۈشەندۈرىدىغان)
ئەخلاقنى سېتىپ بايلىق سېتىۋالما !!!!!
ئەركىنلىكنى سېتىپ ھوقۇق سېتىۋالما  !!!!!!!!!!

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
45
تىللا
104
شۆھرەت
79
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 19:32:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alm+soft     توغرا دەيدۇ شۇنداق قىلىپ بىر ئەپ لاھىيلەپ قويساق بولغۇدەك
ئەخلاق توغرىسدا  ، ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسدا ، دىگەندەك سەھىپىگە تۇرغۇزۇپ
سىلەرنىڭچە

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2105
تىللا
1792
شۆھرەت
3152
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 19:53:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلاردىكى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ سەۋەبى

ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كۆپلىگەن«يامان بولىدۇ»لارنى ئاپىرىدە قىلغان.خەلقىمىز ئارىسىدىكى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ شەكىللىنىشى ،بىر تەرەپتىن روھى قاتلىمىمىزدا يۇغۇرۇلغان رەڭگارەڭ مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن بىزدىكى ئۇزاقتىن بۇيان ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان قائىدە -يوسۇنلىرىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر.بالىلىرىمىز چوڭ بولۇشقا باشلىغاندىن تارتىپلا ،چوڭلارنىڭ «يامان بولىدۇ» لارنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنمىسەكمۇ ، قانداقتۇر «يامانلىق»نىڭ پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شۇخىل سۆز -ھەرىكەتلەرنىڭ ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىمىزنى چەتكە ئالىدىغان بىر خىل روھى ھالەتنى شەكىللەندۈرۈۋالىمىز.


ئەمەلىيەتتە «يامان بولىدۇ»لار بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئەمەس . پەقەت ئۇنىڭ بەزىلىرى دىنىي تۈستە ئىپادىلەنسە بەزىلىرى خۇراپاتلىق ، يەنە بەزىلىرى تۇرمۇش ئادەتلىرى سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن:بىزدە چاچنى تۈگسە يامان بولىدۇ (بەختى تۈگۈلۈپ قالىدۇ) دەيدىغان گەپ بار.چاچنى تۈگسە راستىنىلا يامان بولامدۇ؟

بىزنىڭ گۈزەللىك قارىشىمىزدا چاچ ئەزەلدىن تارتىپلا گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى ھېسابلىنىپ كەلگەن. قىزلارنىڭ گۈزەللىكمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى بىلەن سۈپەتلىنىپ كەلگەن. چاچ گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى ھېسابلانغانىكەن،چاچنى تۈگۈپ قويۇش، ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل بىر تەرىپىنى يوشۇرۇپ قويغانلىقتۇر. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، بۇرۇندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، يىگىتلەر قىزلارنىڭ چېچىغا قاراپمۇ كۆيۈپ قالىدىغان ئىشلارمۇ ناھايىتى نۇرغۇن.شۇڭا چاچنىڭ تۈگۈپ قويۇلۇشى قىز بەختىنىڭ تۈگۈپ قويۇلغىنىدۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا،چاچنى تۈگۈپ قويسا راستىنىلا «يامان بولىدۇ» دېگەن مەنە چىقىدۇ.

داستىخاندا،پەرتۇققا قول سۈرتسە يامان بولىدۇ(كىشىلەر ئالدىدا ئەيىبى ئاشكارا بولىدۇ ) دېيىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاياللارنىڭ چېۋەرلىكى ئۆي تۇتۇشتىكى پاكىزلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭغا «ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ تۇتقان ئۆيىدىن كۆرۈنىدۇ»دېگەن سۆزمۇ دەلىل بولالايدۇ.بۇنىڭدىن سىرت خەلقىمىز ئارىسىدا پاكىزلىق ئالاھىدە ئۇلۇغلىنىدۇ.مانا شۇنداق ئەھۋالدا ،داستىخان ياكى پەرتۇققا قول سۈرتۈش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ئەلۋەتتە، شۇ ئايالنىڭ ئۆي تۇتۇشتىكى بىسەرەمجانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، چۈنكى داستىخان مېھمان ئالدىدا سېلىنىدۇ.پەرتۇقمۇ تاماق ئېتىشتە ئىشلىتىدىغان خاس نەرسە. شۇنداق ئىكەن داستىخان ۋە پەرتۇقلارغا قول سۈرتۈپ كىر قىلىۋېتىش باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارا قىلغانلىق ئەمەسمۇ ؟


ئاچقۇچ ئوينىسا يامان بولىدۇ(ۋەيرانچىلىققا قالىدۇ). ھەممىگە مەلۇمكى، ئاچقۇچ ھەرقانداق كىشىنىڭ مال-دۇنيالىرىنىڭ ساقلىغۇچىسى. ئادەملەر ھەرگىزمۇ ئەرزىمەس نەسىللەرگە قۇلۇپ سېلىپ ساقلىمايدۇ.ناۋادا بالىلار ئاچقۇچ ئويناپ تاسادىپىي ئۇنى يىتتۈرۈپ قويسا ئەنە شۇ مال دۇنيالار كاپالەتكە ئىگە بولماي قالىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،«ئاچقۇچ ئوينىسا يامان بولىدۇ » نىڭ مەنىسى، ئاچقۇچنىڭ يېتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مال-دۇنيا ياكى ئۆي جايلىرىنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.


كىچىك بالا تولا يىغلىسا يامان بولىدۇ( ئاتا-ئانىسى) ئاجرىشىپ كېتىدۇ.كىچىك بالا تولا يىغلىسا ئائىلىدە ھەقىقەتەن كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىدۇ.چۈنكى يىغا ئاۋازى ئاتا-ئانىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ.ئۇلارنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويىدۇ.بۇنىڭ بىلەن «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇ توقۇمىنى»دېگىنىدەك ، بالىدىن ئالالمىغان دەردىنى ئاتا-ئانىلار بىر-بىرىدىن ئېلىشىدۇ.نەتىجىدە بۇ خىل كۆڭۈلسىزلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر -بىرىدىن ئاجرىشىپ كېتىشىدەك يامان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ


سۇ چېچىپ چاقچاق قىلسا يامان بولىدۇ.(ئارىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالىدۇ). سۇ سوغۇق بولغاچقا، كىشىنى ئاسانلا ئەندىكتۈرۈۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۇ چېچىشىپ چاقچاق قىلىشقانلار ئارىسىدا كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.


نان دەسسىسە يامان بولىدۇ (قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ). نان دەسسىگەنگە قارىغۇ بولۇپ قېلىشىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق.لېكىن « نان دەسسىسە يامان بولىدۇ » دېيىش كىشىلەردە ئاشلىقنى قەدىرلەش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىق بولۇپ، بۇ بىزنىڭ ئاشلىقنى ئۇلۇغلاش ئېڭىمىزنىڭ مەھسۇلى.


يۇقىرىلاردىن باشقا ، ئارىمىزدىكى يەنە نۇرغۇن «يامان بولىدۇ »لار ئېتىقاد تۈسىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە، مەسىلەن ، قوشۇن تاۋۇز شاپىقىغا سىيسە يامان بولىدۇ ( مەرەز چىقىپ قالىدۇ ). قوغۇن تاۋۇز ئىنسانلارغا ئوزۇق بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ شاپىقى قوي كالىلارنىڭمۇ ياخشى ئوزۇقىدۇر. مانا مۇشۇنداق تۇرۇپ شاپاققا سىيسە ئۇنى بىزنىڭ گۆش مەنبەيىمىز بولغان قوي كالىلار يېسە ئەلۋەتتە « يامان بولىدۇ» دە.يەنە بىر تەرەپتىن ، كىشىلەر ئەخلەت تۆكىدىغان جايلارنى يامان روھلارنىڭ ماكانى دەپ قارايدۇ. شۇڭا، قوغۇن تاۋۇز شاپىقىنى تۆككەن يەرگە سىيىشنى يامان ئىش دەپ قارايدۇ .


زاۋال ۋاقتىدا ئۇخلىسا يامان بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئىسلام دىنى ئەقىدىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك .يەنى شام نامىزى دەل زاۋال ۋاقتىغا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا ،بۇ ۋاقىتتا ئۇخلىغان كىشى نامازنى تەرك ئەتكەن ھېسابلىنىدۇ.
شۇ سەۋەبتىن، زاۋال ۋاقتىدا ئۇخلىسا يامان بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.


سۇغا سىيسە يا تۈكۈرسە يامان بولىدۇ . سۇغا سىيگەنلىك ياكى تۈكۈرگەنلىك سۇنىڭ پاكىزلىقنى بۇلغىغانلىقتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل قاراش ئىلگىرىكىلەرنىڭ سۇنى ئۇلۇغلاش، سۇغا ئېتىقاد قىلىش ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىختا ئۆتكەن خاقانلارنىڭ «كۆل» نامىدا نام بېرىدىغان ( كۆلتېكىن،كۆلئېركىن دېگەنگە ئوخشاش ) ئەنئەنىلىرى بار. تارىخى داستانىمىز «ئوغۇزنامە »دە ، ئوغۇزخاننىڭ سۇ ئىلاھىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئوغلىغا دېڭىز دەپ ئات قويغانلىقى ،خەلق ئىچىدىكى رىۋايەت چۆچەكلەردە «سىرلىق»،«شىپالىق» سۇ بۇلاقلارنىڭ تەسۋىرلىنىشى قاتارلىقلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۇغا ئېتىقاد قالغانلىقتىن تىپىك ئىپادىسى. ھازىرقى رېئال تۇرمۇشىمىزدىمۇ « سۇ ئۈزۈپ چۈش كۆرسە غەم غۇسىدىن خالى بولىدۇ»، « سۇ يەتتە يۇمۇلسا ھالال»دېگەنگە ئوخشاش ئادەت چۈشەنچىلەر بىر .مانا بۇلارمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۇغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنىڭ ئىزناسى.

ئوتقا تۈكۈرسە يامان بولىدۇ . بۇ خىل قاراش ئوت ئېتىقادى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ يىراق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادىنىڭ شامان دىنىغا سىڭىپ ،شامان دىنى ئارقىلىق يېڭى ئىسلامىيەتكە ماسلىشىپ تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى .خەلقىمىزدە تويدا قىز كۆچۈرگەندە ئۆتتى ئاتلىتىدۇ.ئاغرىپ قالغاندا تەمەچ تىرىپ كېلىپ ئۆت كۆچۈرىدۇ.ئۆينىڭ چوڭلىرى جان ئۈزگەن ئۆيدە بىرنەچچە كۈن (بەزىدە قېرىق كۈن) چىراغ ئۆچۈرمەيدۇ.مانا بۇخىل ئادەتلەر ، جۈملىدىن ئوتقا تۈكۈرۈشنى يامان ئېلىشتىن ئىبارەت بۇخىل قاراشلارنىڭ ھەممىسى شامان دىنى ئېتىقادىدىن قالغان ئادەتلەردۇر.بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىزدە ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسە يامان بولىدۇ(ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆنى ئۇلۇغلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك )،ياغلىق چەگمىسە يامان بولىدۇ(ئىسلام دىنىدىكى «نامەھرەم بولىدۇ» قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك) .كۈلگە سۇ تۆكسە يامان بولىدۇ ، ئۆيگە ئەخلەت قوندۇرۇپ قويسا يامان بولىدۇ ... قاتارلىق نۇرغۇن «يامان بولىدۇ» لار بار.بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، بىزدىكى « يامان بولىدۇ» لار ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى خۇراپاتلىق قارىشى ئەمەس قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. خەلقىمىز « يامان بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق بەزى بىر ناچار قىلىقلارغا ۋەھىمىلىك تۈس بېرىپ، كىشىلەرنى شۇخىل ئىش -ھەركەتلەردىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرغان.

ئوكيان تورىدىن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2105
تىللا
1792
شۆھرەت
3152
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 19:56:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (شېئىر)
ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ


ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﯜﻟﻤﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،
ﺳﯜﺭﻣﻪ ﺳﯜﺭﻣﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﯓ ، ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﻪﻡ ،
ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﯜﺭﻣﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﭘﻪﺭﯨﺠﻪ ﺋﺎﺭﺗﺴﯘﻥ ،
ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻳﯜﺭﺳﻪ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻳﻜﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﺎﻻﻏﺎ ،
ﺑﯩﺮﺍﯞ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﺳﻪ - ﻛﺎﻻﭺ ﻛﯩﻴﺴﯘﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﯖﯩﺰ ،
ﺷﯩﺒﻠﯩﺖ ﻛﯩﻴﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﭘﻪﺭﯨﺠﻪ ،
ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﯓ ،
ﺗﯚﺕ ﻳﯘﺳﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﮬﺎﺭﺍﻕ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﻩﮔﻪ ﺋﻪﮔﻪﺭ ،
ﻧﺎﻥ ﻗﻮﻳﺴﯖﯩﺰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ .
ﺑﻮﻏﺎ ﺑﺎﻗﻤﺎﯓ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،
ﻛﻪﭺ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯚﻱ ﭼﯘﯞﯗﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ،
ﻛﯩﮕﯩﺰ ﻗﺎﻗﻤﺎﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﭺ ﻳﯜﺭﻣﻪﻛﻤﯘ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ،
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺩﯦﻤﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﻮﺯﯗﻗﯩﯖﯩﺰ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،
ﺳﺎﻣﺎﻥ ﺩﯦﻤﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

1992- ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻱ ﻏﯘﻟﺠﺎ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2105
تىللا
1792
شۆھرەت
3152
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 20:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر تىلىدىكى «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى
تۇرنىسا روزى


ئاساسىي مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گۈزەل ئەخلاق، پاك ئەقىدە بىلەن ياشاش قانۇنى، ئۆزىنى دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ماڭىدىغان بۈيۈك غايىسى، ئىسلام مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى، ئائىلە تەربىيىسىدە تۇتقان ئورنى قاتارلىق تەرەپلەر مىساللار ئارقىلىق تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر، يامان بولىدۇ، ئىنسان، ھايات
ئومۇملاشقان قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئەخلاق ئىجتىمائىي ئاڭ شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ مۇئەييەن جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان ھەرىكەت قىلىق ئۆلچەملىرى ۋە مىزانلىرىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «ئەخلاق» بىلەن بىر قاتاردا يەنە «ئەدەپ» ۋە «پەزىلەت» سۆزلىرىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئەخلاقتا ياخشىلىق ۋە يامانلىق، ھەققانىيەت ۋە شەخسىيەتچىلىك، ئادالەت بىلەن ئادالەتسىزلىك، سەمىمىيەت ۋە ساختىلىق قاتارلىق ئەخلاقى ئۇقۇملار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھەر خىل ھەرىكەت – قىلمىشلىرى باھالىنىدۇ. ھەر خىل شەكىلدىكى تەربىيە ئۇسۇلى ھەم جامائەت پىكرىنىڭ كۈچى ئارقىلىق كىشىلەردە مەلۇم خىلدىكى ئەقىدە، ئادەت ۋە ئەنئەنە شەكىللەندۈرۈلىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقى شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە ئەخلاق غايىسىنى، شەخسلەرنىڭ ئەخلاق ھەرىكىتى ۋە پەزىلىتىنى يەكۈنلىشىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەخلاقىدىكى تۈپ پرىنسىپلار ھەمدە ئەخلاق نورمىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ياكى ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى رېئاللىقتا كۆرسىتىشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
ئىنسانىيەت تارىخى ھەقىقەت بىلەن ئەپسانە، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ياخشى ئادەملەر بىلەن يامان ئادەملەر، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق ئوتتۇرىسىدا كۈرەش بولۇپ كەلگەن تارىختۇر. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئىنسانلارنىڭ ئەجدادىدىن باشلانغان. مەسىلەن، ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتنىڭ مەنئى قىلىنغان مېۋىسىنى يەپ جەننەتتىن قوغلانغاندىن تارتىپ، كىشىلەرنىڭ قىمار ئويناش، ئوغرىلىق قىلىش، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، بۇزۇقچىلىق قىلىش، ھاراق ئىچىش، ئۆزئارا ئۇرۇشۇش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئېتىقادىمىزغا خىلاپ ئىش- ھەرىكەت بولۇپ، ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئەخلاق ئەنئەنىسىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىق پەقەت خەلققە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنىلا كۆرسەتكەن ئەمەس. ياخشىلىق كىشىلەرگە ۋاسىتىلىك ھالەتتە ياخشى تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولغان ۋاپادارلىق، ھالاللىق، ئۇيات، ھۆرمەت، توغرىلىق، راستچىللىق ، ئىتتىپاقلىق، مېھماندوستلۇق، سېخىيلىق، ئاز ۋە ياخشى سۆزلەش، گەپ- سۆز ۋە ئىش- ھەرىكەتتىكى بىردەكلىك… قاتارلىق بىر قاتار ھەرىكەت- قىلىقلارنى، شۇنداقلا شەخسنىڭ ئېڭى ۋە مىجەزىدىكى غەيرەت- شىجائەت، ئەمگەكچانلىق، ئىلىم خۇمارلىق… قاتارلىقلارغا ئوخشاش ياخشى سۈپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يامانلىق بولسا خەلققە ئىقتىسادىي جەھەتتە زىيان كەلتۈرىدىغان ئىش- ھەرىكەتلەردىن باشقا، كىشىلەرنىڭ ، ئادىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ۋاپاسىزلىق، يالغانچىلىق، مۇناپىقلىق، پىتنىخورلۇق، بىئەدەپلىك قاتارلىق ھەرىكەت- قىلىقلارنى، شۇنداقلا شەخسنىڭ ئېڭى ۋە مىجەزىدىكى يالغانچىلىق، قوپاللىق، نومۇسنى بىلمەسلىك، ھۇرۇنلۇق، نادانلىق، ھەسەتخورلۇق… قاتارلىقلارغا ئوخشاش يامان سۈپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇرلار بۇ ئۆلچەملەرنى شەكىللەندۈرگەن چاغلىرىدا ئىسلام ئەخلاقى تەسىرىنى سىڭدۈرۈشتىن خالىي بولالمىغان. مەيلى تارىخىمىزدىكى ئەخلاقشۇناسلار بولسۇن ياكى خەلق بولسۇن، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى ئىزاھلىغاندا ئۇلارنى ئاخىرەتتىكى مۇكاپات ۋە جازاغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۆلچەملەرنى «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» كە ئوخشاش ئىسلام دەستۇرلىرىدىن ئالاقىدار نەقىللەرنى ئېلىپ قۇۋۋەتلىگەن. ئەلۋەتتە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ئەنئەنىسىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىق كاتېگورىيىلىرى تەۋەسىدىكى ئۆلچەملەرنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ، ھەتتا ھازىرقى دەۋردىمۇ مەلۇم جانلىقلىققا، ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە بولغانلىقىنى ۋە بولۇۋاتقانلىقىنى چەتكە قاقمايمىز. مەسىلەن، ھاراق ئىچىش ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى دەۋردە باشقىلار مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا يامان دەپ ئۆلچەلمەيتتى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇ يامانلىق تەرزدە ئۆلچەلدى. ھازىرقى دەۋردە ھاراق ئىچىشنى بەزى كىشىلەر يامان دەپ قارىسا، يەنە بەزى كىشىلەر ئەخلاققا مۇناسىۋەتسىز مەسىلە سۈپىتىدە تونۇماقتا.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆز ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنمەس ئىچكى مىزانى. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.
1. «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئەھمىيىتى
كىشىلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى چۈشەنچىگە كېلىشى ئەلۋەتتە مەدەنىيەت كاتېگورىيىسى بولغان دىنىي تەلىماتلاردىن باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزلىرىنى ۋە ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ چىقىشتا ئەھمىيىتى زور بولغان قانۇن- نىزاملارنى يېتىلدۈرۈپ، «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆز ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ ئۆزىنى تەربىيىلىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئادەم دېگەندە ئادەمگە لايىق ئەخلاق- پەزىلەت بولۇش كېرەك. بۇ ئەركىن قەلب ، مۇستەھكەم ئىرادە، يۈكسەك پەزىلەتنىڭ بىرلىكىدۇر.
ئادەمدىكى يۈكسەك پەزىلەت كىشىلەرنى چاقماق چاققان ياكى گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەن تەرزدە چۆچۈتمەيدۇ، بەلكى كىشىگە قاتتىق چۆچۈش بىلەن خۇشاللىقنى بىللە بېرىدۇ. ھەر بىر خەلق، ھەر بىر ئادەم ئۆزلىرىدىكى ئەقلىي ئىقتىدار تىپىنى، خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆستۈرۈش ۋە ئۇلۇغ نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاقلاشقان ئىلمىي نەتىجىلىرىنى ئىگىلەش، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ تەلىم- تەربىيىسىدە تالانت خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەسقاتىدىغان كونكرېت كۆرسەتمىلىرىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ، ھەر بىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تەربىيىلەش كېرەك.
ھەممىگە مەلۇم، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «زىيىنى بار، زىيانلىق، قورقۇنچلۇق، خەتەرلىك، ناچار، ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، دىننى جەھەتتىن بولسۇن ياكى پەننىي جەھەتتىن بولسۇن كىشىلەرنى يامان ئىش يامان ھەرىكەتلەردىن چەكلەيدۇ. «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆز گەرچە كونىلىق، خۇراپاتلىق تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مەڭگۈ «مۇنبەر»دىن چۈشمەي تەكىتلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى بالىلارنى ئەدەپ- ئەخلاقلىق تەربىيىلەش ، ئۇلارغا ياخشى ئىش، ياخشى خۇلقنى ئۆگىتىش، ئۇلارنى خاتا ئىش گۇناھتىن توسۇش ئۈچۈن ئائىلە تەربىيىسىدە كەم بولسا بولمايدۇ.
تاماققا تۈز لازىم بولغىنىدەك ئادەمگىمۇ تۈز لازىم. دۇنيادا ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەخلاق نىزاملىرى بار. بەزى ئەخلاق مەزمۇنلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق. شۇنىڭدەك ئەقىل ۋە قانۇننىڭ كۈچى يەتمىگەن «جايلار» غا ئەخلاقنىڭ كۈچى يېتىدۇ. ئادەمگە لازىم تۈز دەل ئەخلاق. بۇ يەردە تەشەببۇس قىلىنىۋاتقىنى مىللەت ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئەخلاق. چەكلىنىدىغىنى مىللەت ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىسىز، ناچار ئەخلاق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «ئاتا- ئانا ئۆز بالىسىغا ياخشى ئەدەپ- ئەخلاق ئۆگىتىشتىن ئوبدانراق ئوزۇق بېرەلمەيدۇ» دېگەن ئىكەن.
ئۇيغۇر مىللىتى ئىشنى ئۆزىنىڭ يەككە ئىرادىسى بويىچە ئەمەس، ئورتاق خاھىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا كۆنگەن بولغاچقا، نۇرغۇن نەرسىلەر مۇئەييەن ئاممىۋى ئاساستا ئاسانلا قوبۇل قىلىنىپ كېتىدۇ، ياكى ئىنكار قىلىنىدۇ. شۇڭا پسىخىكىمىزدا «قىزىپ- سوۋۇش» يادرولۇق بولۇپ، ئۇ باشقىلارنىڭ خاراكتېرىدىكى «چۇۋۇپ- توقۇش» ئەندىزىسى بىلەن چاڭلىشىپ بەكلا غەلىتىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىرەر يېڭىلىقنىڭ شەپىسىگە بولغان سەزگۈرلۈكىمىز يا ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىختىكى قوبۇل قىلىشىغا ئوخشىمايدىغان، يا زامانىۋى دۇنيانىڭ ئىلغار ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغان پەلىپەتىشلىك ۋە تېڭىرقاشقا ئوخشاپ قالدى.
ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى تەبىئەتكە باغلاپ تۇرۇپ چۈشەندۈرگەن. ئۇلار تەبىئەت بىلەن تەڭرىنىڭ، ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ، ئالەم بىلەن ئادەمنىڭ، شەيئىلەر بىلەن بىلىش جەريانىنىڭ، قانۇنىيەتلەر بىلەن بىلىش ھەقىقەتلىرىنىڭ، تەبىئەت رىتىمى بىلەن جەمئىيئيەت رىتىمىنىڭ بىردەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئادەمنى مۇشۇ بىرلىكلەر تەرەققىياتىدىكى يۇقىرى باسقۇچ ھېسابلىغان. مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا سەن كىم؟ نەدىن كەلدىڭ؟ نېمە قىلىپ نەگە كېتىسەن؟ دېگەن سوئال قويۇلىدۇ. بۇنداق سوئاللار ئارقىلىق ئۆزىنى بىلىپ ماڭماسلىق ۋە ئادەمنىڭ بۈيۈك ۋەزىپىسىنى ياقىلاپ ئىنسان كامالىتى ئۈچۈن ئىزدەنمەسلىك، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنى يوق قېتىۋېتىدىغان پاجىئەدۇر. مەسىلەن:
قىمارۋاز ئۇلار ئۆز غېمىدە يۈرۈپ، باشقىلارنىڭ خانىۋەيران بولۇپ كېتىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. ئوغرى، بۇلاڭچى، لۈكچەك بىلەنمۇ دوست بولىۋېرىدۇ، ئوينىغاندا پۇلنىڭ قانچىلىك كەتكەنلىكى بىلەن ھېسابلاشماي پۇلنى توپىدەك چاچىدۇ، ئۇتتۇرۋەتسە قەرز ئېلىپ ئوينايدۇ. قەرزگە بوغۇلۇپ، ئاخىرى ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىدۇ. ھەتتا جېنىنى تىكىشكىمۇ رازى بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. ئۇلار كىشىلىك پەزىلەتتە چۈشكۈنلىشىپ كەتكەچكە ئەخلاقىنى يوقىتىپ، ئىپپەت- نومۇسىنى بۇلغاپ، ئائىلە تەربىيىسىنى يوقىتىدۇ. ئۇلار ئاتا ۋەسىيىتىگە قۇلاق سالمىغاچقا، قىمار ئويناپ ۋەيران بولغاندا، كىشىلەر ئۇلارنى: «خۇدا ئۇرۇپتۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ روھى قورۇنۇپتۇ» دېيىشىدۇ. ئۇلاردا مەدەنىيەت بىلىمى بولغان تەقدىردىمۇ، ئېتىقاد بولمىغاچقا، ھەرقانداق رەزىللىككە سەۋەبچى بولىدۇ. دانىشمەنلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ بىلەن ھاۋادەك زۆرۈر بولغان ھېكمەتلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ. ھەتتا مەكتەپتە ئوقۇش، ئىلىم- پەن تەھسىل قىلىش، خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىشنى، ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ ئاكتىپ بىر ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، قورساق تۇيغۇزۇشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېلىپ، نەپسىنى قاندۇرىدىغان ھەرقانداق يەرگە چىۋىندەك قونىدۇ. بۇلار ئائىلە تەربىيىسىدىكى «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمىگەچكە، نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام، نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئاستىن- ئۇستۇن قىلىۋېتىپ، مىللىتىمىزنىڭ ئېتىقادىغا خىلاپ بولغان بولمىغۇر ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ۋە شۇغۇللانماقتا. بۇ بىزنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتىمىزگە خىلاپ بولۇپ، ئائىلىلەردە نورمالسىزلىق يۈز بەرمەكتە. شۇڭا ئۇلارغا ھالال بىلەن ھارامنىڭ، ياخشى بىلەن ياماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، «يامان بولىدۇ» دېگەن ئەنئەنىۋى سۆز ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنى قوزغىتىپ، ياشلارنىڭ پېشقەدەملەر ئالدىدىكى، بالىلارنىڭ ئاتا- ئانا ئالدىدىكى قەرزىنى، نومۇس ۋە ھۆرمەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك بولغۇچە ئاتا- ئانا، يۇرت- مەھەللە، ئانا ۋەتەنگە قەرزدار بولۇۋاتقانلىقىنى، قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىچىدە: مەن ئاتا- ئانامغا قەرزدار، مېنىڭ بۇ قىممەتلىك ھاياتىمنى ئاتا- ئانام بەرگەن، بىراق مەن ئۇلارغا نېمە بېرەلىدىم؟! مەن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەنگە، ئەل يۇرتقا قەرزدار دەپ ئۆزىگە ئۆزى سوئال قويالايدىغان قىلىش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا «ئۇستازى قانداق بولسا، شاگىرتى شۇنداق بولىدۇ» دېگەندەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
ۋەتەننى، مىللەتنى، ئۆزىنى چۈشەنمەسلىك نادانلىقنىڭ ئۇستىگە نادانلىق بولۇپ، ۋەتەن، مىللەت چۈشەنچىسى يوق ئادەملەر ئۆمۈر بويى نەپسىنىڭ تەقەززاسىدا ئۇتىدۇ. ھەتتا ئۇلۇغ ئالىملارنىمۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنكى قايغۇ- ھەسرەتلىك ماتەم خەۋەرلىرىدىن بىلىدۇ. بۇنداق ئادەم ئۆز يۇرتىغا ئۆزى مۇساپىر بولىدۇ. ئۇلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ بارا- بارا خۇددى ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىم بالىدەك تۆت تەرەپكە قاراپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاللىقانداق بىر روھ ئۇلارغا يېڭى ۋەھىمە ئەرۋاھلىرىنى ھەمراھ قىلىپ، «توۋا» قىلمىسا ئۇلارنى يەنە نادانلىقتىن ئىبارەت ياۋۇزلۇق بىلەن ئالاقزادە قىلىپ، تەپەككۇر جەھەتتە بارغانسېرى ئارقىغا چېكىندۈرۈۋېتىدۇ. تەپەككۇردا چېكىنىش، ئويغاق تەپەككۇر دۇلدۇللىرىغا تەتۈر قاراش، خەلقنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئەجەللىك جان ھالقىسى بولغانلىقتىن، بۇنداق ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئالدى بىلەن ۋەتەننى، مىللەتنى ئېتىقادىنى چۈشەندۈرۈپ، تەپەككۇردىكى نامراتلىقىنى يېڭىشى كېرەك.
2. «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدىكى رولى
ئائىلە جەمئىيئيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى. جەمئىيەتنى چوڭ بىنا دېسەك، ئائىلە شۇ بىنانىڭ بىر خىشى. بالىلارنىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ئاتا- ئانىلاردا. ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىللىق مېھرى بىلەن كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئىنچىكە، ئەستايىلدىن تەربىيىلەپ ، زېرىكمەي- تېرىكمەي ئۆگىتىپ، ۋۇجۇدىدا بارىنى بالىلارغا ئاتىغاندىلا سۈپەتلىك، ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەپ چىقالايدۇ.
بالىنى ياخشى تەربىيىلەش بىزنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىمىز ۋە پەرزىمىز. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «سىلەر ھەممىڭلار پادىچى، پادىچى بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ پادىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئاتا- ئانىمۇ ئۆز ئائىلىسىگە نىسبەتەن پادىچىغا ئوخشاش، ئۇمۇ ئائىلىسىدىن ئىبارەت بولغان بىر بۆلەك پادىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ» دېگەن ئىدى. ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلىملىك، تالانتلىق، قابىلىيەتلىك، پەزىلەتلىك سانسىزلىغان ئەۋلادلارغا باغلىق. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشالايدىغان ئەۋلادلار دەسلەپتە ئائىلىلەردىن تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىقىدۇ. شۇڭا بالىلارنى جەمئىيەتكە ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىلماسلىق، جەمئىيەتتە يەرگە قاراپ قالماسلىق ئۈچۈن ئائىلىدە بالىلارنى تەربىيىلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش، زېھىن ئىشلىتىش كېرەك.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم بىرلىكتە مەيدانغا كەلگەن. ئىسلام مەدەنىيىتى ئىلىم- مەرىپەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، كىشىلەرنى ئىلىم ئۆگىنىشكە ئۈندەيدۇ. مەسىلەن، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدە «ئىلىم» سۆزى 721 جايدا تىلغا ئېلىنغان. قۇرئاندىكى (68- سۈرە) دە ئاللا تۇنجى بولۇپ «قەلەم» نى ياراتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. «ئەلەق» سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايىتىنى «ئوقۇغىن»، «قەلەم بىلەن يازغىن»، «بىلمىگەننى ئۆگەن» دېگەن ئۈچ مۇقەددەس سۆزدىن باشلىغان. بۇلارغا ئاساسلانغاندا بىلىم ئۆگىنىش ئۇيغۇر ئەخلاقىدىكى مۇھىم تېما . شۇنداقلا ئەخلاقىي تەربىيىلىنىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلىدۇر. ئەخلاق بىلىم ئېلىشقا بېقىپ مەلۇم سۈپەت ۋە دەرىجىلەرگە ئىگە بولىدۇ. بىلىم ئىگىلىگەندە ئاندىن ھەق- ناھەقنى، ئاق- قارىنى، ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. بۇ «ئوقۇغىن»، «يازغىن»، « ئۆگەنگىن» دېگەن ئۈچ ئەڭگۈشتەر بىزنىڭ جىسمىمىزغا كۈچ، كاللىمىزغا ئەقىل بېرىدۇ.
بۈگۈنكى دەۋردە ئائىلىدىكى ئەنئەنىۋى ئادەتلەر ئاساسىدىكى تەلىم- تەربىيىدە، نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بالا تەربىيىلەشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى مۇناسىۋەتلىك بىلىم ئاساسىدا ئەتراپلىق تەربىيىلىمىگەنلىكتىن، ئادەم تەربىيىلەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولغان ئائىلە تەربىيىسىدە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن بالا تەربىيىلەشنىڭ ئومۇمىي قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلالماي، تەتۈر كوچىلاردا مېڭىپ، بالا تەربىيىلەشتە سەۋەنلىك يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بەزى ئاتا- ئانىلار بالىلارنى ئىقتىدار جەھەتتە تەربىيىلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاق جەھەتتە تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئائىلىلەردە بالىلار، ئاتا- ئانىلار ۋە جەمئىيئيەت كۈتكەندەك تەربىيىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئائىلىلەردە بالىلار ئاتا- ئانا ۋە ئۇستازلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماي، «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى، يامانغا يولۇقساڭ بالاسى» دېگەندەك يامانلارغا ئارىلىشىش، بەزىلىرىنىڭ دىلى يارا، بەزىلىرىنىڭ قولى قارا تەييار تاپلارغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. پۈتكۈل تارىخىمىزدا جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ ئەمگەك قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ۋەتىنى ئۈچۈن ئىشلەشكە تەييار تۇرۇش ئادىتىدە سۇسلاش بولۇپ، نەتىجىدە قىران يىگىت بولغاندىمۇ ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەتلەرنى زىممىسىگە ئالماي، گېزىرىپ يۈرىدىغان، تۈرلۈك يامان قىلىقلار ئارقىلىق «بالا ئەمەس، بالا» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلار پەيدا بولۇپ، پۈتكۈل مىللەتتە ۋاقتىدا تاڭمىسا يىرىڭلاپ كېتىدىغان يارىغا ئايلانماقتا. ھەر بىر ئاتا- ئانا ۋە بالا- چاقا ئۆز ئائىلىمىزگە قاراپ باقايلى، سەھەر تۇرۇپ ئىلمىي- ئىمان ئېيتىپ تىجارەت قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ شەرىپى بىلەن ياشاپ كەلگەن تۇرۇقلۇق، بۈگۈن نېمە قىلىۋاتىمىز؟ نەگىلا قارىساق ئەقلىمىزنى بۇلغاپ، كۆڭلىمىزنى قارا قىلىۋېتىدىغان خۇنۈك نەرسىلەر كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.
روشەنكى، ھازىر سودا خاراكتېرىدىكى پەسكەش ۋە چاكىنا مەدەنىيەت سورۇنلىرى، كىنو- تىلۋېزىيە فىلىملىرى ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىپ پارتلاپ كەتكۈدەك ئارقا- ئارقىدىن بېرىلىۋاتقان تېتىقسىز ئېلانلار، مۇزلىغان تاش شەھەرنىڭ ئەينەكتەك پېشانىلىرىگە ئېسىلغان نازنىنلارنىڭ كىيىمسىز سۈرەتلىرى ياش- ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلىمەكتە. ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر قىلىۋاتقان «ئۇرۇش- تالاش قىلىش، يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىش، لۈكچەكلەر پاراكەندە سېلىش، قاتىللىق قىلىپ ئادەم ئولتۇرۇش» تەك ئىشلار كىشىنى چۆچۈتىدۇ. كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن شەرم- ھايا كۆتۈرۈلۈپ ئېتىقادىمىز، روھىمىز غېرىبسىنماقتا. ئاتا- ئانىلار بالىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم غايىۋى بىر ئادەم بولۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتى ئۇنىڭ مەقسىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەقسەتسىز، نىشانسىز ھايات ھايات بولمايدۇ.
بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلارغا قارىتا ۋاپادار بولۇش، ياخشىلىق قىلىش، بويسۇنۇش، ھۆرمەتلەش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلىرى بار. مانا بۇ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ چاقىرىقى، ۋاپادارلىق ۋە ياخشىلىق قىلغاننى بىلىش خىسلەتلىرىنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئاتا- ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلىش، ئەخلاقسىزلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتى ۋە قىممىتىنىڭ بار يوقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاتا- ئانىلار «ئادەم قۇلاقتىن، ھايۋان تۇياقتىن» دېگەن تەلىم- تەربىيە ئۇسۇلىغا تولۇق ئەھمىيەت بېرىپ، «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆزنى بالىلارنىڭ قۇلىقىغا قۇيۇپ، ئۇلارنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرىنى كۆرگەندە مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق چەكلەپ تۇرۇش كېرەك. ئوغۇل- قىزلىرىمىزغا «مېنى ئاللا ياراتقان، ئاللا ھەرگىز ناچار نەرسىلەرنى ياراتمايدۇ. ئاللا ياراتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بۈيۈك، مەنمۇ شۇ بۈيۈكلەر ئىچىدىكى بىر بۈيۈكمەن» دېگەن ھەقىقەتنى تونۇتۇپ، ئۇلارنى مەن بەختلىك، مېنىڭ قەلبىمدە تەبىئىي مۇكەممەللىك، يوشۇرۇن ئىقتىدار بار. مەن ھاياتنى، ئىنسانىيەتنى ياخشى كۆرۈمەن ، مەن ئىززەت- ھۆرمىتىمنى، غۇرۇرۇمنى ساقلىيالايمەن «يامان بولىدىغان» ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمەن دەپ قەتئىي ئىشەنچىگە ئىگە قىلىش، ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى جانلىق ئىشلىتەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ تولىمۇ بەختلىك ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ روھى جەھەتتىن ساغلام بولىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش كېرەك.

داۋامى بار

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2105
تىللا
1792
شۆھرەت
3152
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 20:03:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى ماقالىنىڭ داۋامى

ئادەم ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدىن قىلمىشى بىلەن تۇغۇلمايدۇ، بەلكى ئىنسانلار ئۆز قىلمىشىنى ئۆزلىرى يارىتىدۇ. چۈنكى، شەيئىلا بولىدىكەن، شۇ شەيئىنى ياخشى ياكى يامان نەرسىگە ئايلاندۇرىدىغان خۇسۇسىيەت بولىدۇ. مەسىلەن، «ساداقەت» چىن كۆڭۈلدىن ئىپادىلەنگەن سەمىمىيلىك، ۋاپادارلىق، سادىقلىق بولۇپ، ئەزەلدىن ئۇ «ياخشىلىققا» خاس بىر خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە. «ساختىلىق» يالغانچىلىق، ياسالمىلىق، ساختا ئىش- ھەرىكەت بولۇپ، ئەزەلدىن «يامانلىق» قا خاس بىر خىل خۇسۇسىيەت ئىپادىلىنىدۇ. بەزى شەيئىلەر ئەسلىدىلا ياخشى بولغاچقا كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. بەزى شەيئىلەر ئەسلىدىنلا يامان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ قىلىشى قەتئىي مەنىي قىلىنىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئاتا- ئانىلىرىمىز بىرەرسىنىڭ بولمىغۇر ئىش ھەرىكەتلىرىنى كۆرسە ياكى گەپ- سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالسا، بالام ئۇنداق دېمەڭ، ياكى بولمىسا بۇنداق قىلماڭ «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆزنى قۇلىقىمىزغا قويۇپ، بۇنداق سەت گەپ قىلسىڭىز «ئاغزىڭىز مايماق» بولۇپ قالىدۇ، چوڭلارغا ئالايسىڭىز «كۆزىڭىز قارىغۇ » بولۇپ قالىدۇ، يالغان گەپ قىلسىڭىز «گىلىڭىزگە تىككەن» ئۇنۇپ قالىدۇ، خەقلەرنىڭ نەرسىلىرىنى سورىماي ئىلىۋالسىڭىز «قولىڭىز چولاق» بولۇپ قالىدۇ، ئىسراپخورلۇق قىلسىڭىز چوڭ بولغاندا «قەھەتچىلىكتە ئۆتىسىز»، ئاتا- ئانىسى بىلەن جاۋابلاشسا «زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالىدۇ»، قوينى تەپسىڭىز «پۇتىڭىز توكا» بولۇپ قالىدۇ، نان ئۇۋىقىنى دەسسىسىڭىز «كۆزىڭىز قارىغۇ » بولۇپ قالىدۇ، بېشىغا ياغلىق چەگمەي تاماق ئەتسە «ھارام» بولىدۇ، ئاتا- ئانىسىنى قاقشاتسا «دوزاخقا » چۈشىدۇ، قىز بالا كەچتە تالاغا چىقسا «جىن ئېلىپ» قاچىدۇ، (ھازىرقى جەمئىيئيەتتە كېچىلىرى كوچىلاردا تىمىسقىلاپ يۈرگەن قىزلارنى چىن ئېلىپ قېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئالۋاستىمۇ ئۇلاردىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى)، گۈلنى ئۈزسە خۇدايىم «پەرزەنت» بەرمەيدۇ دېگەندەك سۆزلەرنى مىسال قىلىپ، ھەر بىرىمىزنىڭ بولمىغۇر ئىش- ھەرىكەتلىرىنى «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆز ئاقىلىق چەكلەپ تۇراتتى.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئاشۇ «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆزنى «كونىلىق» دەپ تاشلىۋەتتۇقمۇ؟ ۋە ياكى باشقىلار بىزدىن تارتىۋالدىمۇ؟ ھازىر «ئۇنداق قىلسىڭىز يامان بولىدۇ بالام» دەپ ئوغۇل- قىزلىرىنى تەربىيىلەيدىغان ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئاتا- ئانىلار بالىلار تەربىيىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. چۈنكى ئاتا- ئانا ئوغۇل- قىز پەرزەنتلەرگە بىلىم، ئەدەپ- ئەخلاق پەزىلەتنى ئۆزى ئۆگىتىشى كېرەك. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» تە مۇنداق يازغان:
تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز- ئوغۇل،
ئاڭا تەربىيىچى سەن ئۆزۈڭلا بول.
ئوغۇل- قىزغا ئۆگەت بىلىم ۋە ئەدەپ،
بېرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيادا نەپ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ تەلىمى ھەر قانداق بىر ئاتا- ئانا ئۈچۈن بىر سىگنال. بىر مىللەتنىڭ يېتىشىپ چىققان ئالىملىرىدىن شۇ مىللەتنىڭ ساپاسىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاتا- ئانا جەمئىيئىيەتنىڭ مۇنبەت دالاسىغا ئېسىل، سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنى چاچقۇچى. ئائىلە بىر پارنىك، سورتلۇق، ئۈنۈمى يۇقىرى مايسىلاردىن مول ئۈنۈم ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئائىلە تەربىيىسىدە «ئۆزىنى تولۇق بىلگەنلەر ئەۋلىيا بولىدۇ» دېگەن ئەقىدە بويىچە «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆزنى ئاچقۇچ قىلىپ، تەبىئەت، جەمئىيئيەت ۋە تۇرمۇشتىكى قانۇنىي ھەقىقەتلەرنى بالىلارغا ئۆگىتىش كېرەك.
بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىنى ھەسەل ھەرىسىگە سېلىشتۇرۇپ باقايلى، ھەسەل ھەرىسىنىڭ مېڭىسىدە 900 نېرۋا بولىدۇ، ھەسەل ھەرىسى بۇ نېرۋىلارنىڭ ياردىمى بىلەن خۇددى جەڭگىۋار جەڭچىلەردەك رەتلىك ھەم ئۆزئارا دوستانىلىك بىلەن ھەسەل يېغىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ. ھەسەل ھەرىسى پەقەت ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق شۇنچە مۇرەككەپ پائالىيەتلەرنى بېجىرىپ، ھەسەل يېغىشنى ئۆگىنىدۇ. ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقىل- پاراسىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇھىتنى ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشى قانچە چوڭقۇر بولغانسېرى ھايات شۇنچە جانلىنىپ، ھاياتقا سۆيگۈ تۇغۇلىدۇ.
كىشىلەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى ياپيېشىل قارىغايلىقلارنى، ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈللەرنى كۆرگىنىدە ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا مەپتۇن بولىدۇ. كىشىلەر تەبىئەتتىكى گۈزەللىك ئالامەتلىرىگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە. كىشىلەر تەبىئەتتىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن كۆپرەك، ئادەملەر قىلغان ئۇلۇغ ئىش ۋە ياخشى ھەرىكەتلەرنى ھەقىقىي گۈزەللىك ھېسابلايدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ جەمئىيئىيەتكە ، ۋەتەنگە ۋە مىللەتكە قوشقان تۆھپىسى بىلەن قەدىرلىك بولىدۇ.
كىشىنىڭ نىيەت- ئىقبالى شۇ كىشىنىڭ پوزىتسىيە ۋە ئىشەنچىسىدە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، ھەر بىر ئاتا- ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ساغلام بەدەن، گۈزەل قەلب بولۇشى، ئەخلاق- پەزىلەتتە كامالەتكە يەتكەن بولۇشى، گەپ- سۆز، يۈرۈش- تۇرۇشتا ئۆزىنى تەربىيىلىشى، ئۆزىگە تەلەپچان بولۇشى، ئىشنى قانۇنلۇق قىلىشى، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزمەسلىكى، ئەخلاقسىز بولماسلىقى، جامائەتكە زىيان يەتكۈزمەسلىكى، ھەممە يەردە ئۆزىنى پاك تۇتۇشى ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇش ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتكەن، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان «يامان بولىدۇ» دېگەندەك تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە سۆزلەردىن پايدىلىنىپ، ئائىلىدە بالىلارغا بولغان تەلىم- تەربىيىنى كۈچەيتىش كېرەك.
21- ئەسىر كۈچلۈكلەرنى، ئىلىم- پەندە يۈكسەلگەنلەرنى تاللايدۇ. ئاجىزلارنى، بىلىمسىز، مەدەنىيەتسىز، قابىلىيەتسىزلەرنى شاللايدۇ. ھازىر بىر مىللەت ، بىر ئائىلە، بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى بىلىم بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. بىز چوقۇم بالىلىرىمىزنى ياخشى ئوقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى پەن- تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىشىگە يار-يۆلەك بولساق، بالىلىرىمىز ئۆگەنگەن بىلىمىدىن خەلققە ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان بىرەر ئۈنۈم ياراتسا، بالىلىرىمىز بەختتىن كۈلىدۇ، بىز بالىلىرىمىزنىڭ بەختىدىن پەخىرلىنىمىز خەلقىمىزمۇ پەخىرلىنىدۇ.
يېغىپ ئېيتقاندا قانداق ياشاش، قانداق ھايات كۆچۈرۈش، ھايات ئۈچۈن قۇياشتەك زۆرۈر بولغان تۇرمۇش يولىدا قانداق مېڭىش، ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋىجدان، غۇرۇر، ئېتىقادىغا ، تىرىشچانلىقىغا باغلىق. دۇنيا ئەسلى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلغان، بارلىق ئىزدىنىشلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسان ئۈچۈندۇر.
ئاخىرىدا بارلىق ئاتا- ئانىلارنىڭ شۇنداقلا ئوغۇل- قىزلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش سەپىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تڭلھكدھشلڭك بڭلدۇرىمان. نى تىلەش بىلەن بىرگە، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئىسلامدا «ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابنى بىر ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.
پايدىلانمىلار:
1. ئىسلامجان شىرىپ «ياشاش سەنئىتى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2003- يىل 1- نەشرى
2. تەرجىمە قىلغۇچىلار: ئىمىنجان سەيدىن، غوپۇرجان ئابدۇرېھىم ئەرەب ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى (1) «ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002- يىل 8- ئاي 1- نەشرى
3. يارمۇھەممەد تاھىر توغلۇق، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى «مەدەنىيەت كارۋانلىرى» 2004- يىل 8- ئاي 1- نەشرى
4. تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇللاجان كېرەم دىن مەدەنىيىتى خەزىنىسى «ئىسلام دىلىغا دائىر سوئال- جاۋابلار » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001- يىل 9- ئاي 1- نەشرى
5. شۈ يۈچى «مىللەت نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىل 7- ئاي 1- نەشرى (تەرجىمە نۇسخىسى)
ئاپتور: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات ئالىي تەتقىقاتچىسى
”بولاق“ ژورنىلىنىڭ(2010.2) سانىدىن ئېلىندى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2105
تىللا
1792
شۆھرەت
3152
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 20:05:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپام ئېيتقان « يامان بولىدۇ» لار
kuyax123



        مەن قانداقتۇر بىر مۇتەپپەككۇر ۋە ياكى بىلىمدان ئەمەسمەن. بەلكى، بىر ئاددى مۇنبەر ئەزاسى.مۇنبەر كۆرۈپ يۈرگىنىمگە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ،بىرە قېتىم تىما يۇللاپمۇ باقماپتىكەنمەن.پەقەت مۇنبەر ئارىلاپ ئۆزۈمگە ياققان تىمىلارنى كۆرۈپ بىلىم ئېلىپ،تۇرمۇش ياكى خىزمەت جەريانىدا پايدىلىنىپ كەلدىم ،خالاس.دېمەكچى بولغىنىم:پىكىرلىرىم تېرەن بولماي،تەپەككۈرۈم چولتا بولۇپ قالغۇدەك بولسا كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ۋە مۇۋاپىق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن...
     ئۆز گېپىمگە كەلسەم،قايسى كۈنى ئوغلۇمغا قولۇم تېگىپ كەتتى(ئۇرۇپ سالدىم).ئەسلى ئىش مۇنداق بولدى:ئوغلۇم بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرىدۇ.گەرچە ئۈگىنىش نەتىجىسى بەك ئالدىدا بولمىسىمۇ،ھەرھالدا يامان ئەمەس.شۇغىنىسى،ئۇ بەكلا ئويۇنپەز،ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ ئۇدۇل ئۆيگە كەلگىنىنى زادىلا بىلمەيمەن.كۆپ ۋاقىتلاردا ۋاسكىتبۇل ئۇينىغىلى بارىدۇ،ئازدىگەندىمۇ بىرە-ئىككى سائەت ئۇينىۋىلىپ ئاندىن قايتىپ كېلىدۇ،لىكىن،شۇنچىلىك ھېرىپ كېتىدىكىن،پۈتۈن بەدىنى چىلىق-چىلىق تەر،كىيىملىرى توپا-چاڭ،،يەنە كىلىپ ھەر قېتىمدا ئاز دېگەندىمۇ بىرە يېرى زەخمە!(تېخى كۆز ئەينىكىنىمۇ بىر قانچە قېتىم چىقىۋۇ ئالماشتۇرۇپ ئۈلگۈردۇق.)ئاشۇ ھالەتتە قايتىپ كېلىپ تامىقىنى يەپ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىگۈچە يېرىم كېچە بولىدۇ.بۇنداق ھارغىن ھالەتتە تاپشۇرۇقنىمۇ قانچىلىك كۆڭۈل قۇيۇپ ئىشلىمەكچىدى دەيسىلەر؟بىرقانچە قېتىم دادىسى ئىككىمىز چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ باقساقمۇ ھىچ ئۈنۈمى بولمىدى.ئاخىرى قايسى كۈنى چۈشتە ئۇنىڭغا:<<كەچتە توپ ئوينىماي ئۇدۇل قايتىپ كەل!ئىمتىھان تۈگىگىچە شۇنداق بولۇپ تۇرسۇن،ئىمتىھان تۈگىگەندە رايىڭچە بولىدۇ!>>دېدىم.پوزىتسىيىممۇ خېلى قەتئى ئىدى.ئەمما،كەچلىكى يەنە بىرە سائەت كېچىكىپ ھېرىپ-ئېچىپ، قارا تەرگە چۈمۈلۈپ دېگۈدەك قايتىپ كەلدى.ئۆزۈمنى ھەرقانچە تۇتۇۋالاي دېسەممۇ ئامال بولماي،ۋاقىرىشىپلا ئاخىرىدا شۇنداق زەربە بىلەن بىر كاچات سالدىم! نېمىسىنى ئېيتاي ئوغلۇم ئېسەدەپ يىغلاۋاتىدۇ ،يۈرىكىم شۇنچىلىك ئېچىشىپ كەتتى.كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ئىقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى توسۇپ قېلىشقىمۇ ئىلاجىم يوق ئىدى...
    ئۆزۈمنى تىنچلاندۇرماق بولۇپ سىرتقا چىقتىم-دە،ئاپامغا تېلېفۇن ئۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ،يىغلاپ كەتتىم.ئاپام جىمجىت تۇرۇپ گەپلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى،ئاندىن:<<ئۆزۈڭنى تۇتىۋالساڭ بوپتىكەن،بالىنى بىر كۈندىلا ئوڭشاپ كەتكىلى بولاتتىمۇ؟ئوغۇل بالىغا ئانا قول تەككۈزسە يامان بولىدۇ،قىزىم>>دېدى . يەنە بىر قاتار گەپلەرنى قېلىپ ماڭا ئوغلۇمغا قانداق تەربىيىدە بولۇش تۇغۇرلۇق سۆزلىدى.ماقۇل بولۇپ قايتىپ كىردىم.تۇغرا،ئانا دېگەن پەرزەنتنىڭ مەڭگۈلۈك غەمگۇزارى!ئۇ پەقەت مېھرىبانلىقنىڭ مەنبەسى بولىشى كېرەكتە!بالا ئۇرۇپ تەربىيەلەش،بالىنى بىزەرتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسقۇ ئاخىر!شۇنىڭغا يامان بولىدۇ-دە.كاللامدا مۇشۇنداق خىياللار توختىماي ئەگىيتتى.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپام ئېيتقان<<يامان بولىدۇ>>نىڭ سالمىقى بەكمۇ زور بولىۋاتاتتى.دېمىسىمۇ ئاپام بىز بەش بالىنى ئەزەلدىن ئۇرۇش ئەمەس ھەتتا قاتتىقراق تىللاپمۇ باقمىغان ئىدى.ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ قايناپ سۆزلەپ كەتمەيتتى،ئاللىقانداق چوڭ قائىدىلەرنى چۈشەندۈرۈپمۇ يۈرمەيتتى.بىراق،ئاز ھەم ساز قىلىپ <<يامان بولىدۇ>>دەيتتى. كىچىك چېغىمدا <<نان ئۇۋاقنى دەسسىسە يامان بولىدۇ،قۇش ئۇۋىسىنى بۇزسا يامان بولىدۇ،ئاتا-ئانىغا يانسا يامان بولىدۇ،كىشىنىڭ ھەققىنى يېسە يامان بولىدۇ،يالغان سۆزلىسە يامان بولىدۇ،ئەيىپناقنى مازاق قىلسا يامان بولىدۇ،سۇغا تەرەت قىلسا يامان بولىدۇ...>>دەك بىر تالاي <<يامان بولىدۇ>>لار بىلەن  ئاشلىقنى قەدىرلەشنى،مۇھىتنى ئاسراشنى،ئىكۇلۇگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى،ئىنسانپەرۋەرلىكنى ،ئەيتاۋۇر ئادىمىيلىكنى ئۈگۈنۈپتىكەنمەن.كىچىك چېغىمدا،<<نېمە ئۈچۈن يامان بولىدۇ؟قانداق يامان بولىدۇ؟>>دەپ سوراپ باقماپتىكەنمەن،بەلكىم ئاتا-ئانىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە چىن پۈتىدىغىنىم ئۈچۈن ئاپامنىڭ ئېيتقانلىرىدىن گۇمانلىنىپ باقمىغان بولسام كېرەك.چوڭ بولغاندىن كېيىن بولسا،ئاشۇ ۋۇجۇدۇمغا،پىكىر ئېقىمىمغا،تۇرمۇش پەلسەپىلىرىمگە تۇيدۇرماي سىڭىپ،مۈھۈر بولۇپ بېسىلىپ كەتكەن<<يامان بولىدۇ>>لارنىڭ بىز بەش بالىنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىك،ئىنسانىي تەبىئەتلىك بولۇپ چوڭ بولىشىمىزدىكى رۇلىنى تۆۋەن مۈلچەرلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن.
    مەن ھەر كۈنى ئوغلۇمغا چوڭ قائىدىلەرنى چۈشەندۈرۈپ،گەپ ئاڭلاشقا،ياخشى بالا بولۇشقا ئۈندىسەممۇ ئۇنىڭ ماڭا پەرۋامۇ قىلىپ قويمىغىنى،ئەمىلىيەتتە كىچىك بالىلارنىڭ چوڭ قائىدىلەرنى قوبۇل قىلالمايلا قالماستىن بەلكى،ئۇنىڭدىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ.ئەينى ۋاقىتتا،ئاپامنىڭ بۈگۈن مەن سۆزلەپ يۈرگەن بۇ چوڭ قائىدىلەرنى سۆزلىيەلمەسلىكى ناتايىن ئىدى.(ئاپاممۇ ئۇقۇمۇشلۇق ئايال بولۇپ،ئىزچىل ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەنئىدى)ھېلىھەممۇ ئۇ ماڭا <<بالا ئۇرساڭ يامان بولىدۇ>>دەۋاتىدۇ.شۇ ئەمەسمۇ،بالا ئۇرساڭ ئەلۋەتتە يامان بولىدۇ،بىرىنچىدىن،ئادەم ئۇرۇش جىنايەت،ئۇ ئاڭلىقلارنىڭ ۋاستىسى بولماسلىقى كېرەك،ئىككىنچىدىن،ئۇرساڭ بالاڭ سەن بىلەن قارشىلىشىدۇ،سەندىن بىزار بولىدۇ،سەن بىلەن پىكىرلەشمەيدىغان بولىدۇ،ئۈچىنچىدىن،<ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز> بالىڭىز ئادەم ئۇرۇشنى ئۈگىنىۋالىدۇ،قەلبىدىكى يۇمران مېھرى-شەپقەت تۇيغۇلىرى ئۆلۈشكە باشلايدۇ...مانا بۇ قاتار چوڭ قائىدىلەر ئاپام سۆزلەپ يۈرگەن ئاشۇ <<يامان بولىدۇ>>غا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئەمەسمۇ؟!
     شۇنداق،ئىلىم-پەن مىسلىسىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ،ئۇچۇر يەرشارىيلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،بالىلارنى بىر <<يامان بولىدۇ>>بىلەنلا تەربىيەلەپ قاتارغا قېتىپ كەتكىلى بولمىسىمۇ،ئىمان،ئەقىدە - ئىتىقادلىرىمىز بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بۇ<<يامان بولىدۇ>>لارنىڭ  سېھرىي كۈچىگە يەنىلا سەل قارىغىلى بولماسمىكىن دەپ ئويلايمەن.

مىسرانىمدىن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2105
تىللا
1792
شۆھرەت
3152
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 20:12:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

« يامان بولىدۇ » لاردىن تۇغۇلغان ئويلار
ئەركىن سابىر


  بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزدە ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان نۇرغۇن ئاددى ھېكمەتلىرىمىز بار ، بۇ ھېكمەتلەر قانۇن - تۈزۈملەر تېخى مۇكەممەللەشمىگەن ئەينى دەۋرلەردە پەرزەنتلەرنى ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاكتىپ رول ئويناپلا قالماي ، يەنە ئىبرەتلىك ساۋاقلارنىمۇ بەرگەن . لېكىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىرمۇنچە ھېكمەتلەر يوقالدى ، ئۇنتۇلدى ، يەنە بىر قىسىملىرى ئۇنتۇلۇش گىردابىۋا بېرىپ قېلىۋاتىدۇ . شۇڭا مەن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ ، بۇ ھېكمەتلەرنى قەلەمگە ئېلىپ يازما ھالەتتە ساقلاپ قېلىشنى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىدىم . مېنىڭ بۇ ماقالەمدە تىلغا ئالغانلىرىم ئاساسەن بىزدىكى « يامان بولىدۇ » لار بولۇپ ، بۇلار ئاشۇ ئاددى ھېكمەتلەرنىڭ بىر تەركىبى قىسمىدۇر .
  « يامان بولىدۇ » لار قارىماققا دىنىي تۈسنى ئالغاندەك كۆرۈنىدۇ ، ئەمىلىيەتتە بۇ « يامان بولىدۇ » لاردا كىشىلىك تۇرمۇش جەريانىدىكى نۇرغۇن تەجرىبە - ساۋاقلا يەكۈنلىنىپ ، بىر قىسىم تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمىي كۆز قاراشلار شەرھلەنگەن . مەن بۇ شەرھلەرنى كىچىك چاغدىكى مومامنىڭ تەنبىھلىرى ۋە كېيىنكى چاغلاردىكى چوڭلارنىڭ ئۈگۈت - تەربىيىلىرىنى ئاساس قىلغان ئاددى ۋە قىزىقارلىق ھىكايىلەر ئارقىلىق بەدىئى يوسۇندا بايان قىلدىم . لېكىن مېنىڭ ئىزدىنىشلىرىمنىڭ تازا تولۇق بولۇپ كېتىشى ناتايىن ، ھەرقايسى يۇرت ، مەھەللە كىشىلىرىنىڭ بىر قىسىم «يامان بولىدۇ » لار ھەققىدىكى شەرھى تەبىرلىرى ئوخشىماسلىقى مۈمكىن ، شۇڭا ئاتا - ئانىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كەم - كۈتە يەرلىرىنى ئۆزلىرى بىلىدىغان ياكى ئاڭلىغان مەزمۇندا تولۇقلاپ پايدىلىنىشىنى سورايمەن .

مومامنىڭ تەنبىھى

  كىچىك چاغلىرىمدا تولاراق موماملارنىڭ مەھەللىسىگە قېچىپ بېرىۋالاتتىم . سەۋەبى ، ئۇ مەھەللىدە بىللە ئوينايدىغان بالىلار جىق ئىدى . بىر كۈنى كەچلىكى مومام چاقىرىپ :
  - مەن سېنى مەشنىڭ كۈلىنى تۆكىۋەت دېسەم تېخى تۆكمەپسەنغۇ ؟ - دەپ سورىدى .
  مەن مومامنىڭ قاپىقىغا قاراپ قويۇپ ، تىرنىقىمنى تاتىلىغىنىمچە :
  - ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، - دېدىم .
  - سەن زادى ئويۇنغا تويمايسەن - دەپ خاپا بولدى مومام .
  - خاپا بولما موما ، مەن ھازىرلا تۆكىۋېتەي ، - دېدىم شۇئان .
  - بولمايدۇ ئەمدى - مومام قولىنى سىلكىدى گېپىمنى يىرىپ ، - نامازشامدىن كېيىن كۈل تۆكسە يامان بولىدۇ
  مومامنىڭ ئاشۇ «يامان  بولىدۇ » دەيدىغان گېپى ھەر قېتىم مېنى قورقۇنچقا سالاتتى ، چۈنكى مەن « يامان بولىدۇ » نى ئۆلۈم - يېتىم ، يىغا - زارە ھالىتىدە كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم . ھازىر بىلسەم نامازشامدىن كېيىن كۈل تۆكۈش ئۇنداق ئىش بولماي ، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدۇ دېگەندىن بىشارەت ئىكەن . كۈندۈزى كۈل ئارىسىدىكى چوغدىن چاۋا - چاتقالغا تۇتاشقان ئوتنى  ھەركىم كۆرىدۇ ھەمدە ۋاقتىدا ئۆچۈرىۋېتىدۇ ، ئەمما كېچىدە ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا كەتكەچكە ، ئوت ئۇلغۇيۇپ يانغىنغا ئايلىنىدۇ . شۇڭا « نامازشامدىن كېيىن كۈل تۆكسە يامان بولىدۇ » نىڭ يامان يېرى شۇ ئىكەن .

ئاكامنىڭ قورقۇنچى

  ياز كىرىش بىلەنلا مەھەللىمىز چىرايلىق بولۇپ كېتەتتى ، بولۇپمۇ مەھەللىمىزدىكى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان غول ئېرىقنىڭ بويىدىكى دەرەخلەر بۆلەكچىلا باراقسانلىشىپ ، ئەتراپقا قويۇق سايە تاشلايتتى . بىراق بىز يەنىلا ئويۇن قېپى بولغاچقا ، بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلىنىشنى ئانچە بىلمەيتتۇق ، ئەتىگەندىن - كەچكىچە شۇ دەرەخلەرگە يامىشىپ ئويناشتىن باشقا ئىشىمىز يوق ئىدى . بىر كۈنى ئاكام دەرەختىن پەسكە سېيرىلىپ چۈشتىدە ، ئېرىق بويىدا تۇرۇپلا سۇغا سىيگىلى تۇردى . مومام بىر چەتتە ئويۇنىمىزغا قىزىقىپ قاراپ ئولتۇراتتى . ئۇ ئاكامنىڭ سۇغا سىيۋاتقىنىنى كۆرۈپ ، دىڭگاھلاپ كەلگىنىچە ئاكامنىڭ كاسسىسىغا ھاسا بىلەن نەچچىنى سالدى .
  - ھۇي بەغەرەز ، سۇغا سىيسە يامان بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن ؟ - دەپ ۋارقىرىدى ئاندىن .
  ئاكام ھۆڭرەك ئېتىپ يىغلاپ كەتتى ، ئۇ تاياق يىگەنلىكتىن ئەمەس ، « يامان بولىدۇ » دېگەن گەپنى « ھازىرلا دەھشەتلىك ئىش يۈز بېرىدۇ » دېگەندەك مەنىدە چۈشەنگەنلىكتىن قورقۇپ يىغلىغان ئىدى .
  - ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن ، موما ؟ - دېدى ئاكام يىغلاپ تۇرۇپ .
  - بۇنىڭدىن كېيىن سۇغا سىيمىسەڭلا ھېچ ئىش بولمايدۇ ، - دېدى مومام ، كېيىن چۈشەنسەك ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ ئېرىق - ئۆستەڭ ۋە كۆللەرنىڭ سۈيىنى ئىچىپ كەلگەچكە ، ئەمەلىيەتتە « سۇغا سىيسەڭ يامان بولىدۇ » دېگەننىڭ مەنىسى ئەل - ئاۋام ئىچىدىغان سۇنى بۇلغايسەن دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن .

نان ھېكمىتى

  - ناننى بۇنداق ئۇۋۇتۇپ چاچساڭلار يامان بولىدۇ ، - دېدى مومام بىر كۈنى ھەممىمىزنى يىغىپ .
  - نېمىشقا يامان بولىدۇ ، موما ؟ - سورىدۇق بىز .
  - نان ئۇۋاقلىرىنى دەسسىۋالغانلار قارىغۇ بولىدۇ ، ئۇۋۇتۇپ چاچقانلارمۇ كور بولىدۇ ، - دەپ بىزگە بىرمۇنچە تەربىيە قىلدى مومام . ئۇ چاغلاردا ئويۇنغا بەك بېرىلىپ كەتكەچكە ، ئويۇن ۋاقتىدا تاماق يېيىشتىن قېچىپ ، يانچۇقلىرىمىزغا نان سېلىۋېلىپ شۇ ناننى غاجىلايدىغان خۇينى چقىرىۋالغانىدۇق .
  - ناننى داستىخاندا ئولتۇرۇپ پاكىز يەيدىغان ، كەلسە - كەلمەس يەردە ئۇۋۇتۇپ چاچسا يامان بولىدۇ بالىلىرىم ، بۇنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار ، - دېدى مومام ئاخىرىدا . مومام شۇ چاغدا دىلىمىزغا ئاشلىقنى قەدىرلەش ، بۇزۇپ - چېچىپ ئىسراپ قىلماسلىق توغرىسىدا ئىلىم سالغان ئىكەن . ئايھاي ، مومام رەھمەتلىك بۇنداق ھېكمەتلەرنى قەيەردىن ئاڭلىغان بولغىيتتىكىن ؟

سەن نېمە ؟

  - موما ، موما ، - دېدىم بىر كۈنى خۇددى چوڭ ئىشنى خەۋەر قىلماقچىدەك مومامنىڭ ئېتىكىگە يېپىشىپ .
  - ھە ، نېمە ؟ - سورىدى مومام ئېڭىشىپ .
  - ئاۋۇ ساتتار ماڭقىنى بىز بىلەن ئوينىمايسەن دېسەم ، ئۇ يىغلاپ ئۆيىگە كەتتى .
  - نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن ؟ - مومام بىردىنلا قاپىقىنى تۈردى ، - ئۇ ماڭقا بولسا سەن نېمە ؟
   - مەن ... مەن ، - دۇدۇقلىدىم جاۋاپ بېرەلمەي .
  - خەقنىڭ يامان گېپىنى قىلما ھەم ئۇنداق كەمسىتمە ، يامان بولىدۇ ، - دەپ مومام ماڭا تەنبىھ بەردى .
  - نېمىشقا يامان بولىدۇ ، موما ؟ - سورىدىم مەن .
  - خەقنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن بولىسەن ، ئاندىن ئۇرۇشىسىلەر ، ئاتا - ئانىلار ئارىغا كىرىدۇ ، مەھەللىدە ئىناقسىزلىق ، نىزا پەيدا بولىدۇ ، كېيىن سېنى « ئەسكى بالا ئىكەن » دەپ ھېچكىم ئارىغا ئالمايدۇ ، يالغۇز قالىسەن ، يالغۇز قالغان بالىنى جىنلار ئازدۇرۇپ دەشت - چۆللەرگە ئېلىپ كېتىدۇ .
  - ئۇنداق دىمىگىنە موما ، مەن قورقۇدىكەنمەن .
  - قورققان بولساڭ ، ئەمدى خەقنى ئۇنداق دېمە بولامدۇ ، - دېدى مومام بېشىمنى سىلاپ .
  مومامنىڭ « يامان بولىدۇ » سىنىڭ مەنىسىنى بەزىدە شۇ يەردىلا چۈشەندۈرۈپ تەربىيە قىلىدىغان چاغلىرىمۇ بولاتتى . ھازىر ئويلىسام مومىلىرىمىز شۇ دەۋرنىڭ ئالىملىرى ئىكەن .

زاۋال ۋاقتىدا يىغلىسا

  بىر كۈنى مومامنىڭ قوشنىسى زىۋەر ھەدەم ئۆيگە كىرىپ ، مومامغا نېمىلەرنىدۇر دەپ يىغلاپ كەتتى . مومام زىۋەر ھەدەمنىڭ گەپلىرىنى زەن قويۇپ ئاڭلىدى - يۇ ، ئەمما ئارقىدىن :
  - زاۋال ۋاقتى بولۇپ قالدى ، زاۋال ۋاقتىدا يىغلىسىڭىز يامان بولىدۇ ، بىر كىمنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەن بولىسىز ، - دېدى . زىۋەر ھەدەم دەرھال يىغىدىن توختاپ ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى . مومام ئۇنىڭغا يەنە بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى . مەن ئۇلارنىڭ دېيىشكەن گەپلىرىنى چۈشەنمەيتتىم .  ئەمما بايىقى « زاۋال ۋاقتىدا يىغلىسا يامان بولىدۇ ، بىر كىمنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەن بولىسىز » دېگەن گەپتىن تېنىم شۈركىنىپ كەتتى . كىرسىن لامپا يېقىلغان ئۆينىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىدىن قانداقتۇر بىر مەخلۇقلار كۆزلىرىنى پال - پال قىلىپ قاراۋاتقاندەك بىلىنەتتى . يەنە بۈگۈن كىمدۇر ئۆلۈپ قالىدىغاندەك تويغۇ كاللامغا كىرىۋالدى . شۇ قورقۇنچتا كېچىچە مومامنىڭ بوينىنى مەھكەم قۇچاقلاپ ياتتىم . لېكىن ئەجەپلىنىدىغان يېرىم « زۇۋال ۋاقتىدا يىغلىسىڭىز يامان بولىدۇ » دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ھازىرغىچە يېشەلمىدىم . بەلكىم ئۇ : كەچ بولۇپ مەھەللە جىمجىتلىققا چۆمگەندە يىغلىغان يىغا ھەممە ئادەمنى ئەنسىزچىلىككى سېلىپ قويىدۇ دېگەن مەنىدە ئېيتىلغاندۇ ياكى كەچتە يىغلىسىڭىز ، ئەتىسى قاپاقلىرىڭىز ئىششىغان ھالەتتە قوپىسىز ، ھەممە ئادەم چىرايىڭىزغا قارايدۇ ، نىمە بولغانلىقىنى سوراپ خىجىل قىلىدۇ دېگەن مەنىدە ئېيتىلغاندۇ . ئىشقىلىپ بۇ « يامان بولىدۇ » نىڭمۇ شۇنداقراق بىر مەنىسى باردۇر دەيمەن .

كەچتە تىرناق ئالسا

كەچلىك تاماق ۋاقتىدا مومامنىڭ تەنبىھلىرى يەنە باشلاندى :
  - قارىغىنا قوللىرىڭغا ، - دېدى مومام خاپا بولغاندەك ، - ئاشۇ مەينەت قوللىرىڭ بىلەن قانداقمۇ تاماق يايسەن ؟ تىرناقلىرىڭمۇ ئۆسۈپ بىر غېرىچ بولاي دەپتۇ   
  - قايچىنى تاپالمىدىم ، - دېدىم مەن باھانە كۆرسىتىپ .
  - دەرىزە تەكچىسىدە تۇرمامدۇ ، ئويۇنغا قىزىقىپ ياخشىراق قارىمىغانسە شۇ ، - دېدى مومام .
  مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ قايچىنى ئېلىپ كەلدىم .
  - نېمە قىلىسەم ئەمدى ؟ - سورىدى مومام ، - بۇ كەچتە تىرناق ئالساڭ يامان بولىدۇ . يۈگۈر ، قولۇڭنى پاكىز يۇيۇپ تامىقىڭنى يە ، تىرنىقىڭنى ئەتە كۈندۈزى ئال
  مەن مومامنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدىم . ئەمما كەچتە تىرناق ئالسا نېمىشقا يامان بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم . ئەسلىدە ئۇ كەملەردە ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنلاردا ئۆيدە جىن چىراق ياقىدىغان بولغاچقا ، ئۇنداق غۇۋا يورۇقتا تىرناق ئالسا بايقىماي قولىنى كېسىۋالىدىغان ۋە ئېلىنغان تىرناقلار چاچراپ كەتسە تاپالمايدىغان ئىشلار بولاتتىكەن . شۇڭا ئاتا - ئانىلىرىمىز « كەچتە تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ » دېگەن ھېكمەت ئارقىلىق كەچتە تىرناق ئېلىشقا چەك قويغانكەن .

. ئەڭ توغرىسى

بىر كۈنى كەچتە مومامغا :
   - موما ، بېشىمىزنى بۇياققا قىلىپ ياتايلىچۇ ، - دېدىم كۈن چىقىشنى شەرەت قىلىپ .
  - نېمىشقا شۇنداق دەيسەن ؟ -- سورىدى مومام .
  - دەرىزىدىن چۈشكەن يورۇقنى كۆرۈپ ياتاي دېگەن ...
  ئۇنداق ياتساق پۇتىمىز قىبلىگە قاراپ قالىدۇ ، پۇتنى قىبلىگە قارىتىپ ياتسا يامان بولىدۇ ، - دەپ چۈشەندۈردى مومام . شۇ چاغدا مومام بۇنىڭ مەنىسىنى دىنىي تۈستە چۈشەندۈرگەن ئىدى ۋە باشنى شىمالغا ، پۇتنى جەنۇپقا قارىتپ ياتسا ئەڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى . ئەمەلىيەتتە ، ئۇنىڭ مەلۇم ئىلمىي قىممىتى بارلىقىمۇ ئىلىم - پەندە شەرھلەندى . تىببى ئىلىمدا پۇتنى جەنۇپقا قارىتىپ ياتقاندا جەنۇبىي قۇتۇپ ماگنىت مەيدانىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن بەدەندە قان ئايلىنىش راۋانلىشىپ ، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى . ھازىر ، دىنىي تۈس ئالغان بەزى « يامان بولىدۇ » لارنىڭ يەنە ئىلمىي ئاساسى بارلىقىمۇ شۇ چاغلاردا مومىلىرىمىز بىلەر بولغىيمىتتى ؟ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن .

كېچىدە نەرسە يېسە ۋە تاماق ۋاقتىدا گەپ قىلسا

  - موما . ھەي موما ، ئۇخلاۋاتامسەن ؟ ھە دېمەيسەنغۇ ؟ - دەپ مومامنى كېچىدە چاقىردىم مەن .
  - ئوھۇش ، سەن بالىنى - دەپ غودۇڭشىدى مومام ئۇيقۇلۇقتا ، - ھە ، نېمە گېپىڭ بار ئىدى بۇ كېچىدە ئادەمنى ئويغىتىپ ، تالاغا چىقامتىڭ - يە ؟ - دەپ سورىدى ئارقىدىن .
  - قورسىقىم ئېچىپ ئۇخلىيالمايۋاتىمەن ، بىر نەرسە يەي دېگەن .
  - بولمايدۇ ، كېچىدە بىر نەرسە يېسە يامان بولىدۇ ، - دېدى مومام .
  مومام شۇنداق دېگەندىن كېيىن ، مەنمۇ قايتا ئۈنۈمنى چىقارمىدىم . ئەتىسى ناشتا ۋاقتىدا مومامدىن :
  - كېچىدە نەرسە يېسە قانداق يامان بولىدۇ ؟ - دېپ سورىدىم .
  - تاماق ۋاقتىدا گەپ قىلما يامان  بولىدۇ ، - دېدى مومام يەنە .
  ئارىدىن خېلى بىر پەس ئۆتۈپ مومام ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئېرىق بويىدا ئارام ئېلىپ ئولتۇردى . مەنمۇ ئويۇنغا چاپتىم .
  - توختا ، بېرى كەل ، - دەپ چاقىردى مومام ، - ئېسىڭدە چىڭ ساقلا ، كېچىدە نەرسە ( تاماق ) يېسە قانداق يامان بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرەي : ئۇنداق چاغدا نەرسە يېسەڭ ئۇۋاق ياكى چېچىندىلىرى ياتىدىغان يەرگە چېچىلىدۇ ، كۆرمەي دەسسەپ سالىسەن ؛ ئۇنىڭدىن يەۋاتقان تاماققا ئۆمۈچۈك ياكى چىۋىن چۈشۈپ قالغان بولسا كېچىدە كۆرمەي يەپ سالىسەن ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كېچىدە يېگەن تاماق ئاسان سىڭمەيدۇ ، ئەتىسى سېسىق كېكىرىپ قالىسەن ...
  مومام جىقلا گەپ قىلدى ، ئەمما ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ ھەممىسىنىلا ئىلمىي ئاساسى بار گەپلەر ئىدى ، مەن بۇنى كېيىن ھېس قىلدىم . ھازىر ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر بەدەن ئەزالىرنىڭ يېرىم كېچىگىچە يىمەكلىكلەردىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ، يېرىم كېچىدىن كېيىن كېرەكسىز تەركىپلەرنى چىقىرىۋېتىش ھەركىتىدە بولىدىغانلىقىنى ، شۇڭا كېچىدە يىمەكلىك يېسە بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىپ ، يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ۋە كېرەكسىز تەركىپلەرنى چىقىرۋېتىكە تەسىر يەتكۈزۈپ ، بەدەندە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىۋاتىدۇ . قەدىمكىلەرنىڭ « كېسەللىك ئېغىزدىن كىرىدۇ » دېگىنى دەل مۇشۇنداق ئىلمىي بولمىغان ئوزۇقلىنىشقا قارىتىلغان بولىشىمۇ مۈمكىن ، شۇڭا « كېچىدە نەرسە ( تاماق ) يېسە يامان بولىدۇ » دېيىش بۇ خىل ھالەتنى چەكلەشنى مەقسەت قىلسا كېرەك .
  مومام گېپىنى داۋاملاشتۇراتتى :
  - تاماق ۋاقتىدا گەپ قىلسا ئېغىزدىكى تاماق ھەر تەرەپكە چاچرايدۇ ، باشقىلارنىڭ قاچىسىدىكى تاماقنى بۇلغايدۇ ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەۋاتقان تاماق گالغا تۇرۇپ قالىدۇ ، بۇ بەك خەتەرلىك . شۇڭا كېچىدە نەرسە يېيىشتىن ، كۈندۈزى تاماق ۋاقتىدا گەپ قىلىشتىن ساقلان بالام ، ئۇقتۇڭمۇ ؟ - دېدى مومام ئاخىرىدا .
  - ئۇقتۇم ، - دېدىم مەن .

داۋامى بار

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2105
تىللا
1792
شۆھرەت
3152
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 20:12:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى ماقالىنىڭ داۋامى

ئادەمنى ئاتلىسا

  - بالىلار ، ھەي بالىلار ، باققا بېرىپ كېلەمدۇق ؟ - دەپ بىر كۈنى مىرزات بىزنى قىزىقتۇردى ، - ئاۋۇ سەيدۇللانىڭ ئۈرۈكى پىشاي دەپتۇ .
  - مەن بارمايمەن ، مومام خاپا بولىدۇ ، - دېدىم مەن ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىپ .
  - ئەخمەق ، موماڭغا ئۈرۈك ئەكىلىپ بەرسەڭ موماڭ خوش بولىدۇ .
  - ساپسېرىق پىشقان ئۈرۈكلەر دېگىنە ...
  بالىلار شۇنداق دەپ مېنى قىزىقتۇرۇپ ماڭدى . باغدىن قايتىپ كەلسەم ، مومام راستىنلا خاپا بولغان ئىكەن .
  - نەگە باردىڭ ؟ - دەپ سورىدى مومام قاپىقىنى تۈرۈپ ، - مەن سېنى يىراققا كەتمەي ئوينا دېگەنتىمغۇ ، ناياتىندىن بېرى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى
  -- ساڭا ئۈرۈك ئەكىلىپ بېرىمەن دەپ باققا بارغان ، - دېدىم مەن مومامنىڭ ئاچچىقىدىن قورقۇپ ئارانلا .
  - ئاكاڭ ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ ، يۈر ، بېرىپ كۆرۈپ كېلەيلى .
  مومام دوپپامدىكى ئۈرۈككە قاراپمۇ قويماي مېنىڭ ئېلىپ ماڭدى . ئۆيگە بارساق ئاكام راستىنلا ياتقان ئىكەن ، ئاپام بېشىدا يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ .
  - ئاخشام تاماق يەۋاتقاندا ئاغىينىلىرى ئوينايمىز دەپ چاقىرىپ كىرىپتىكەن ، شۇلار يەۋاتقان تامىقىغا بەك قاراپ كەتكەن ئىدى ، ئېچى كىرگەن چېغى ، كېچىدىن بۇيان ياندۇرۇپ چىقتى ، - دېدى ئاپام . مومام تۇرۇپ كېتىپ :
  - يۈگۈر ، سەن بېرىپ ئاۋۇ زىبىرنىساخاننى چاقىرىپ كەل ، ئاكاڭنى ئاشلاپ قويسۇن ، - دەپ مېنى بۇيرىدى مومام . مەن ئاكامنىڭ نېرى يېنىدا ئولتۇراتتىم ، ئىتتىكلا ئورنۇمدىن تۇردۇم - دە ، ئاكامنى ئاتلاپ بۇ ياققا ئۆتتۈم .
  - ھۇ ، ئەدەپسىز -  دېدى مومام پاچىقىمغا بىرنەچچىنى ئۇرغاندىن كېيىن ، - ياتقان ئادەمنى ئاتلىسا يامان بولىدۇ دەپ ساڭا نەچچە ئۈگەتتىم ، قۇلىقىڭدا نېمىشقا تۇتمايسەن ؟
  - ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، موما ...
  - ئەمدى يەنە ئادەمنى ئاتلىساڭ ، پۇتلىرىڭ قۇرۇپ كېتىدۇ ، ئۇقتۇڭمۇ ؟  
  - ئۇقتۇم موما ...
  مەن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم . ئەقلىمنى تاپقان چاغلاردا بىلدىمكى ، ئادەمنى ئۇلۇغلاش  ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ چوڭقۇر ئەقىدىسى ئىكەن ، شۇڭا ئادەمنى ئاتلىسا ، ئادەمگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرسا ، چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسە ، ئادەمگە قاراپ تۈكۈرسە ، سىيسە ، ئەسنىسە ئەدەپسىزلىك دەپ قارىلىدىكەن . ئەمما بۇنداق ئەدەپسىزلىكلەرنىڭ يەنە « يامان بولىدۇ » غا ياتىدىغان مەنىلىرىمۇ بار ئىكەن . مەن بۇ ھىكايەمدە ئادەمنى ئاتلىسا قانداق يامان بولىدىغانلىقى ھەققىدىلا توختىلىمەن ، قالغان مەزمۇنلارنى  چوڭلارنىڭ ئايرىم تەنبىھلىرى ئارقىلىپ چۈشەندۈرەي .
  ئادەمنى ئاتلىسا يامان بولىدىغانلىقى قانداقتۇر بىرچوڭ بالايىئاپەتتىن بىشارەت بولماي ، ئاددىيلا بىر مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، يەنى ئادەمنى ئاتلاپ ئۆتكىچە ئۇنىڭغا پۇتلىشىپ ئۈستىگە يىقىلىسەن ياكى ئۇنىڭ بىرەر يېرىنى دەسسىۋالىسەن ، بولۇپمۇ ئاغرىق ئادەمنىڭ ئۈستىگە يىقىلساڭ ياكى بىرەر يېرىنى دەسسىۋالساڭ ئۇنىڭ ئازابىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋېتىسەن دېگەندىن ئىبارەتتۇر . ئەمما كۆپىنچە ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا تەربىيە قىلغاندا بۇنى چۈشەندۈرمەيدۇ ، پەقەت « يامان بولىدۇ » دېگەن تومتاقلا گەپ بىلەن قورقۇتىدۇ ، خالاس .

ئادەمگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرسا ۋە ئۇھ تارتسا

  چوڭ ئاكامنى ئۆيلىمەكچى بولغاندا مەن خېلىلا ئەستىلىك بولۇپ قالغان ئىدىم . بۇ كۈز مەزگىلى ئىدى ، دەرەخلەردىن ئالتۇن رەڭ يوپۇرماقلار يەرگە چاچقۇ بولۇپ تۆكۈلۈپ تۇراتتى . مېھمانلار كېلىشتىن ئىلگىرى ھويلىمىزغا كىگىزلەر سېلىندى ، مومام كىگىزنىڭ تۆر تەرىپىگە ئۆتۈپ ئولتۇردى ، يۈگۈر - يېتىمگە مېڭىۋاتقانلارمۇ بىردەم ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىگىزنىڭ چەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشتى . بىر چاغدا تاغامنىڭ قىزى ئايەتبۈۋى ھەدەم « ئۇھ ، مەنمۇ بىردەم ئارام ئالايچۇ » دەپ بېرىپ ، دۈمبىسىنى ئولتۇرغانلار تەرەپكە قىلىپ ، پۇتلىرىنى كىگىزنىڭ سىرتىغا سوزۇپ ئولتۇردى .
  - ھەي ئەدەپسىز - دەپ ۋارقىرىدى مومام شۇئانلا ، - بۇ قانداق ئولتۇرۇش ئەمدى ، ئادەمگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرسا يامان بولىدۇ دېگەننى ئاڭلىمىغانما سەن ؟  
  - خاپا بولما موما ، - دېدى ئايەتبۈۋى ھەدەم قىزىرىپ ، ئۇ ئورنىدىن ئىتتىكلا تۇرۇپ كەتتى . مومامنىڭ دېيىشىچە ، مەيلى ئۆزىدىن چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ، ئادەمگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرسا يامان بولىدىكەن . بۇنىڭ مەنىسى ئېھتىمال ئادەمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ دېگەنلىك بولسا كېرەك .
  - يەنە ئېسىڭلاردا بولسۇن ، - دېدى مومام ھەممەيلەنگە ، - كىچىكلەر چوڭلارنىڭ ئالدىدا « ئۇھ » تارتسىمۇ يامان بولىدۇ . چوڭلارنىڭ ئالدىدا « ئۇھ » تارتىش « سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى قىلىپ ھېرىپ كەتتىم » دەپ مىننەت قىلغانلىق بولىدۇ . چوڭلار كۆڭلىگە ئالىدۇ ، مىننەت قىلغۇچى چوڭلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشىدۇ ، چوڭلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەنلەرنىڭ بەخت - تەلىيى ئوڭ بولمايدۇ ...
  چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن مومامنىڭ ئاغزىغا قاراپ شۈككىدى تۇراتتۇق . بەزى تۇققانلار ئۆزلىرىدىن  شۇنداق ئەيىپلەر ئۆتكەن چېغى قىزىرىپ كېتىشتى . بولۇپمۇ ئايەتبۈۋى ھەدەم مومامنىڭ ئالدىدا « ئۇھ » دەپ سالغىنى ۋە خەقكە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرغىنى ئۈچۈن ھەممىسىدىن بەك قىزىرىپ كەتتى .

چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسە

  مەھەللىمىزدە ئاپپاق ساقاللىق بوۋايلار بولىدىغان ، ياز كۈنلىرى ئۇلار قايسىدۇر بىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى ئۈژمە ياكى قارىياغاچ تۈۋىگە جەم بولۇپ سايىدىغاچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى . بىرلىرىنىڭ قولىدا قوتاز قويرۇقىدىن ئىشلەنگەن چىۋىن قورۇغۇچ ، بىرلىرىنىڭ قولىدا تال - چىۋىقتىن ئېتىلگەن شوپۇڭ . گەپلىرى سىلىق ، مۇلايىم ، خۇددى مەڭگۈ ئۆلمەي مۇشۇ مەھەللىدە زىننەت قوشىدىغاندەك  ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى .
  بىر كۈنى سەيدۇل ئۇلارنىڭ ئالدىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈپتۇ ، بۇنى كۆرگەن ھەسەن تاغا  ئۇنىڭ پاچىقىغا ھاسا بىلەن نەچچىنى ساپتۇ . ھەسەن تاغا بۇ ياققا كېلىۋاتقان ئىكەن .
  - ھۇ بەدبەخ ، داداڭ ساڭا چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسەڭ يامان بولىدۇ دېگەننى ئۈگەتمىگەنما ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ ئارقىدىن .
  مەن سەيدۇل دەپ بەرگەن گەپنى دادامغا ئېيتىۋىدىم دادام شۇئانلا :
  - بوۋايلارنىڭلا ئەمەس ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسە يامان بولىدۇ ، - دېدى .
  - قانداق يامان بولىدۇ ؟ - سورىدىم مەن يەنە .
  - ئۇنداق قىلىق ئادەملەرنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ ، ئۇنداقلار قارغىش ئالىدۇ . قارغىش ئالغانلارنىڭ پۇتى قۇرۇپ كېتىدۇ ، كۆزى ئەما بولۇپ قالىدۇ ياكى قولى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ ، ئىشقىلىپ بىرەر پىشكەللىككە ئۇچرايدۇ . شۇڭا بالام ئېسىڭدە بولسۇن ، سەن ھەتتا ئۆزۈڭدىن كىچىكلەرنىڭ ئالدىدىنمۇ توغرا ئۆتمە . چۈنكى كىچىكلەرمۇ ئادەم ، ئۇلارمۇ كۆڭلىگە ئالىدۇ ، - دەپ چۈشەندۈردى . ھازىر شۇ ئىشنى ئەسلىسەم ، مۇشۇ كۈنلەردە بۇنى بىلىدىغانلار زادى قانچىلىكتۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن .

. ئادەمگە قاراپ تۈكۈرسە

  قار قېلىن ياققان بىر قىشتا ئۆگزىلەرنىڭ قارلىرىنى تولا ئېرىغداپ ھېرىپلا قالدۇق ، سۇغۇقمۇ خېلىلا كۈچلۈك ئىدى . ئاپام بىز ئۆگزىگە ياماشقان ھامان مەشلەرگە ئوتنى جىقلا قالىۋېتەتتى ، بىز تۇرخۇندىن چىققان ئىستا قوللىرىمىزنى ئىسسىتاتتۇق . بىر كۈنى تۇرۇپلا دادامنىڭ دېگەن بىر گېپى ئېسىمگە كېلىپ قالدى . دادام بىزگە : « بۇ سوغۇقلار سوغۇقمۇ ، بىز كىچىك چاغلاردا تۈكۈرگەن تۈكۈرۈك يەرگە مۇز بولۇپ تورۇككىدە چۈشەتتى » دەپ بەرگەن ئىدى . مېنىڭ شۇ چاغدا سوغۇقنىڭ كۈچىنى سىناپ باققۇم كەلدى ۋە ئارقا - ئارقىدىن بىرنەچچىنى تۈكۈردۈم . ئالدىمدا قاراپ تۇرغان ئاكام بۇ قىلىقىمدىن ئاچچىقلاپ مېنى ئۇرۇپ كەتتى . كەچتە دادام ئاكام ئىككىمىزنىڭ جېدىلىنى سورىغاندا ئۇ :
  - ماڭاقاراپ تۈكۈرگەن ئىدى ، شۇڭا ئۇردۇم - دېدى .
  - تۈكۈرگەنگە نېمە بولاتتى ؟ - دېدىم مەن . دادام شۇئان مېنىڭكىنى خاتاغا چىقىرىپ :
  - ئادەمگە قاراپ تۈكۈرسە ( ۋە يەنە سىيسە ) يامان بولىدۇ ، - دېدى . ئادەم ئادەمنىڭ قاياشى ، ئادەملەر بىر - بىرىنى يىقىلسا يۆلەيدۇ ، شۇڭا ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئادەملەر ئۇلۇغ ھېساپلىنىدۇ . ئادەملەرنى ئۇلۇغ دەپ تۇرۇپ ، يەنە ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرسە . سىيسە قانداق بولىدۇ ؟
  دادام يەنە بىرمۇنچە ئىشلارنى چۈشەندۈردى ، دادامنىڭ چۈشەندۈرىشى ماڭا چوڭقۇر تەربىيە بولدى . شۇنىڭدىن تارتىپ مەن ئادەملەرنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۈگىنىۋالدىم .

ئادەمگە قاراپ كېرىلسە ، ئادەمگە قاراپ ئەسنىسە

  ئەتىياز كۈنلىرى نېمىشقىكىن ، ئادەم ئېزىلىپلا تۇرىدۇ . بەدەنمۇ ھېلىدىن ھېلىغا كىرىشىدۇ . شۇنداق چاغدا تازا بىر كېرىلىۋالسا ئادەم ھوزۇرلىنىپ قالىدۇ .
  بىر كۈنى بىزنىڭ ئىشىك ئالدىمىزدىكى ئورۇندۇقتا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرغان قوشنىمىز ياقۇپ ئاكامغا قاراپ كېرىلىۋىدىم ، ياقۇپ ئاكام خاپا بولۇپ سۆزلەپلا كەتتى .
  - ئادەمگە قاراپ كېرىلسە يامان بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار ، سەنزە چوڭ بولغانچە تازىمۇ بىر گومۇش بوپسەن - دېدى ئۇ .
  ياقۇپ ئاكامنىڭ گېپى ماڭا قوپال تەگسىمۇ ، ئۇنىڭغا قاراپ كېرىلگەن گۇناھىم ئۆزۈمدە بولغاچقا لام - جىم دېيەلمىدىم . چوڭلارنىڭ دېيىشىچە ئادەم ئادەمگە قاراپ كېرىلسە قوقىقى چاچرايمىشكەن . بىر ئادەمنىڭ قوقىقى يەنە بىر ئادەمگە چاچرىسا بەدەنلىرىنى بوشاشتۇرۇپ ، لاسسىدە قىلىپ قويارمىشكەن ، ئېغىرراق بولغاندا ئادەم بىر قىزىپ بىر تىترەپ يېتىپ قالارمىشكەن . بۇنىڭ راست - يالغانلىقىنى مېدىتسىنا ئىلمى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئەمما « ئادەمگە قاراپ ئەسنىسە يامان بولىدۇ » نىڭ ئىلمى ئاساسىغا قاراپ ، « ئادەمگە قاراپ كېرىلسە يامان بولىدۇ » غا بېرىلگەن تەبىرنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىپمۇ قالىمەن . ھازىر تىببى ئىلىم ساھەسىدە « ئەڭ تېز يۇقىدىغان كېسەللىك - ئەسنەك » دەپ كۆرسىتىلدى . ئادەم ئادەمگە قاراپ ئەسنىسە ئۇ شۇئانلا قارشى تەرەپكە يۇقىدىكەن . مەن بۇنى ئەمىلىيەتتە كۈزەتتىم ، توغرا چىقتى .

ئانادىيار تورىدىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-9-1 04:26 , Processed in 0.087195 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش