- جۇغلانما
- 8979
تىزىملاتقان2013-2-3
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
ئاستانە،6-ئاينىڭ 9-كۈنى،قازاقىستان ئاخبارات.
6-ئاينىڭ 8-كۇنى ئاستانە شەھرىدىكى ياۋرو-ئاسىيا مىللىي ئالىي ئوقۇلىدا''لاتىن يېزىقى: تەجىرىبە ۋە ھەمكارلىق''تېمىسىدا خەلقارالىق ئىلمىي تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى،بۇ يىغىنغا قازاقستان،تۈركىيە،ئەزەربايجان،ئۆزبىكىستان،قىرغىزىستان،تۈركمەنىستان ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسىسلەر قاتناشتى.
تۈركى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ،تارىخ پەنىنىڭ دوكتورى دارخان قىدىرالى تۈركلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى توغرىسىدا مۇنداق دىدى''1926-يىلى تۈركىي دۇنياسىدىكى ئۆلىمالار باكۇدا جەم بولۇپ،تۈركلەرگە ئورتاق يېزىق تۇزۇپ چىققان،مەن شۇ يىغىننىڭ ھۆججەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم.باكۇدا قوبۇل قىلىنغان ئورتاق يزىق 3يىل ۋاقىت ئىشلىتىلگەن،1929-يىلى تۈركىيە مۇشۇ ئېلىپبە ئاساس قىلىنغان لاتىن يېزىقىغا كۆچكەندىن كېيىن،بۇنىڭ كەلگۇسىنى پەرەز قىلغان سوۋىت ئىتتىپاقى تۈركىي خەلقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان مۇشۇ لاتىن يېزىقىنى دەرھال ئوزگەرتىۋەتتى''-دىدى.
دارخان قىدىرالى ''تۈركىي دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق قازاقىستاننىڭ ئورتاق لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشى بەل مۇھىم ئىكەنلىكىنى دېدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە،قىرغىزىستان ئالىملىرى قازاقىستان لاتىن يېزىقىغا كۆچسە، قىرغىزىستانمۇ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش ئىشىنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، قازاقستاننىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تۇركىيىمۇ قوللاپ كەلمەكتە، ئوتكەن ھەپتىدە، بېىشكەكتە تۇركىي ئاقساقاللىرى كېڭىشىنىڭ يىغىنىنى ئۆتكۇزدۇق، بۇ يىغىندا ،تۈركىي ئاقساقاللىرى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، تۈركىيە ئەلباشى مەمۇرىيىتىنىڭ مۇدىرى مۇستافا ئەسەن '' ئەگەر قازاقىستان 34 خەتلىك لاتىن يېزىقىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يېزىق تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئورتاق يېزىقى بولسا، بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قازاقىستان قوبۇل قىلغان لاتىن يېزىقىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرىمىز،ھازىرقى يېزىقىمىزنى 70يىلدىن كۆپرەك ئىشلەتكەن بولساقمۇ ، بۇنى بىزنىڭ ئالىملار قوبۇل قىلالايدۇ-دەپ مەلۇم قىلدى. ئوز ۋاقتىدا مۇستافا كامال ئاتاتۇرك يېزىق مەسلىسىدە ئورتاق بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى،بۇمۇ شۇنىڭ دەلىلى''-دىدىدارخان قىدىرالى.، راستىنى دېسەك تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى مەمۇرىيىتىنىڭ مۇدىرى تەرىپىدىن بۇنداق باياناتنىڭ ئىلان قىلىنىشى پەيدىن-پەي ئەمەس ئىدى.بۇنىڭدا قازاقىستاننىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشى چوڭ مەنپەئەتلەرنى بىرلەشتۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
قىسقىچە تەرجىمە قىلىندى.
مەنبە:http://www.inform.kz/arb/article/2564906
مىسرانىمدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-11 14:19
|
باھالاش
-
1
باھا خاتىرىسى
-
|