ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 826|ئىنكاس: 2

‏كېسەل كۆرسىتىشنى ئۇقامسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاپتورى: قۇتاد مۇنبىرىدىن ئەرك4040

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
‏مەن بولسام شىنجاڭ تىببى ئونۋېرسىتىتىنىڭ  ئوقۇش پۈتتۈرەي دەپ قالغان ئوقۇغۇچىسى ،پاراكتىكا قىلىش جەريانىدا  كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىشتىكى بىر قىسىم ئاددى ساۋاتلارنىمۇ ئۇقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم ،مەن تۆۋەندە بىر قىسم دوختۇرخانىغاۋە كىسەل كۆرسىتىشكە ئائىت ئاددى بىلىملەردىن ئورتاقلىشاي دەپ ئويلىدىم.
‏1-ھەرقانداق بىر  ئونىۋېرسال دوختۇرخانا ئادەتتە ئامبۇلاتۇرىيە،بالنىست،جىددى قۇتقۇزۇش ئۈچ قىسمدىن تەركىپ تاپىدۇ. بالنىسىتتىكى دوختۇرلار ئادەتتە ھەر ھەپتىدە بىرنەچچە كۈندىن ئامبۇلاتورىيەدە نۆۋەتتە تۇرۇپ كېسەل كۆرىدۇ. ئامبۇلاتۇرىيە ھەم بالنىستتا ئادەتتە ئىچكى بۆلۈم(چوڭ دوختۇرخانىلاردايەنە ئچكى بۆلۈمنى نىرۋا ئچكى بۆلۈم ،ھەزىم ئچكى بۆلۈم،نەپەس ئچكى بۆلۈم ،يۈرەك ئچكى بۆلۈم،رىماتىزىم ،يەنى سۆڭەك ئچكى بۆلۈم،ئىچكى ئاجراتما بۆلۈم ) ،تاشقى بۆلۈم (نىرۋا تاشقى بۆلۈم ،يۈرەك تاشقى بۆلۈم ....قاتارلىق )،تۇغۇت بۆلۈم(ئاياللار بۆلۈم بىلەن تۇغۇت بۆلۈم ئوخشىمايدۇ،تۇغۇت بۆلۈم تەۋەللۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ئاياللار بۆلۈم ئاياللىق ئەزالار بىلەن مۇنسىۋەتلىك)بەش ئەزا بۆلۈم دىگەندەك بۆلۈملەر بولىدۇ.ئامبۇلاتورىيە بولسابىمارغا ئاددى بىر-ئىككى خىل تەكشۈرۈش بىلەن دىئاگنۇز قۇيۇلىدىغان يەنى كىسىلىنى تېپىپ دۇرا بېرىپ كەتكۈزىۋېتىدىغان ،دورا بىلەن ساقىيىش ئھتىمالى بولمىغانلارغا بالنىستقا ئالىدىغان ئورۇن  .بالنىست بولسا ئامبۇلاتورىيەدە  ئاددى تەكشۈرۈشلەر بىلەن دىئاگنۇز قويغىلى بولمايدىغان ياكى ئادەتتىكى ئۇسۇل بىلەن ساقايمايدىغانلارنى ،ئوپېراتسىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن  دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ داۋالايدىغان ئۇرۇن .
بۇ يەردە كۆپچىلىكىمىز تاشقى بۆلۈم بىلەن ئچكى بۆلۈمنى ئايرىيالماسلىقىمىز مۇمكىن ،تاشقى بۆلۈم دىگىنىمىز ئادەم بەدىنىنىڭ ئچىنى تاشقىرىغا ئوخشاش ‏ ئېچىپ داۋلايدىغان بۆلۈملەر يەنى بىز ئادەتتە دەيدىغان پىچاق تۇتىدىغان دوختۇرلار مۇشۇ بۆلۈملەردە ئشلەيدۇ. مەسلەن كىلاپان يەڭگۈشلەيدىغان يۈرەك تاشقى بۆلۈم ،سۆڭەككە گاڭبەن (تەركىبى پولات ئەمەس،بەلكى تېتان مېتالى )قاقىدىغان سۆڭەك بۆلۈم ،ئۆتتىكى تاشنى ئالىدىغان جىگەر - ئۆت بۆلۈم،ئېزىق چىشنى تارتىدىغان چىش بۆلۈم  .....قاتارلىقلار
‏ئىچكى بۆلۈم بولسا  دورا -ئۇكۇل بىلەن داۋالايدىغان بۆلۈملەرمەسلەن قان بېسىم  قاندىكى ماينى داۋالايدىغان يۈرەك ئچكى بۆلۈم ، زۇكامنى داۋالايدىغان نەپەس ئچكى بۆلۈم ،دىيابىت كىسىلىنى داۋالايدىغان ئچكى ئاجراتما بۆلۈم ،سۆڭەك شالاڭلىق ۋە رىماتىزىمنى داۋالايدىغان سۆڭەك ئچكى  بۆلۈم.... قاتارلىقلار.

‏سىز مەيلى قانداق كىسەل بولسىڭىز ئەڭ ئاۋال كىسەل ئەھۋالىڭىزغا قاراپ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغان ،مەلۇم ئەزاسىدىن قان توختىماي چىقىۋاتقان  يۈرىكى بىنورمال سوقۇۋاتقان ۋەياكى نەپسى قىسىلىۋاتقانلارجىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىرىشىڭىز ،ئۇنداق ئېغىر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئامبۇلاتورىيەگە  كىرىشىڭىز كىرەك .
2-‏ئەمدى كىسەل كۆرسىتىش تەرتىۋىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن :ئاۋال ئۆزىڭىز كۆرۈنمەكچى بولغان بۆلۈمدىكى دوختۇرنىڭ نۇمۇرىنى ئالىسىز ،بۇ نۇمۇر دەل دوختۇر سىزگە كىسىلىڭىزگە ئات قويۇپ دورا يېزىپ بەرگەننىڭ ھەققى  ،ئاندىن نۆۋىتىڭىز كەلگەندە ئۆزىڭىز نۇمۇرىنى ئالغان دوختۇر نىڭ يېنىغا كىرىپ  ئەھۋالىڭىزنى ئېيتىسىز ،دوختۇر  دىگەن سۆزىڭىزگە ۋە سىزدىكى ئالامەتلەرگە قاراپ دىياگنۇز  قويىدۇ يەنى كىسىلىڭىزنىڭ  نىمىلىكىنى سىزگە ئېيتىپ بىرىدۇ ياكى مۇناسىۋەتلىك مۇناسىۋەتسىز تەكشۈرۈشلەرنى  بۇيرۇيدۇ،سىز دوختۇر يېزىپ بەرگەن  قەغەزنى  نۇمۇر ئالغان كۆزنەككە ئاپىرىپ پۇلىنى تاپشۇرۇپ  ئۇدۇل بېرىپ تەكشۈرۈشنى  قىلىپ ،نەتىجىسىنى  ئېلىپ ئاۋالقى دوختۇرىڭىزغا  كۆرسەتسىڭىز دورا يېزىپ بىرىدۇ ،ئەگەر دورا يېزىپ بەرسە    پۇل تۆلەيدىغان  كۆزنەككە بېرىپ تۆلەپ  دۇرىنى دورىخانىدىن ئېلىپكەتسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر كېسىلىڭىز دورا بىلەن ساقايمىغۇدەك بولسا بالنىستتا ياتىدىغان تالۇن يېزىپ بېرىدۇ،‏سىز تالۇننى ئېلىپ  بالنىسىت بىناسىىىنىڭ ئۆزىڭىز كۆرۈنگەن بۆلۈمىگەبېرىپ دوختۇردىن ياتىدىغان كارىۋات بار -يوقلۇقىنى سورىۋېلىپ بالنىست بىناسىنىڭ   بىرىنچى قەۋىتىدە دوختۇرخانىدا يېتىش رەسمىيتىنى بىجىرسىڭىز بولىدۇ،بىجىگەندە سىزدىن يۇقىرىسى 200يۇەن تۆۋىنى 50يۇەن ياجىڭ يەنى دوختۇرخانا مۈلكى بۇزۇلۇپ كىتىپ قالسا دەپ زاكالەت  ھەمكارلىق داۋالىنىش كارتىسى ياكى ھەرقانداق ھۇكۇمەت ئاتچۇت قىلىدىغان كارتا كىنىشكە ،ۋە داۋالىنىشقا كىتىدىغان پۇلنى تاپشۇرىسىز   .ئۇنىڭدىن باشقا  دوختۇرخانىدا يېتىش داۋامىداناھىيەلىك دوختۇرخانىدا يېتىشىڭىز ئۈچۈن يىزىلىق دوختۇرخانىدىن ،ۋىلايەتلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىدا يېتىش ئۈچۈنناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ  بىز نىڭ مەزكۇر كىسەلنى داۋالاشقا ماغدۇرىمىز يەتمىدى دىگەن خەتنى چىرايلىق قىلىپ ئېيتقاندا يۆتكەش قەغىزى  ئېلىپ كىلىشىڭىز كىرەك ،ئۇنداق بولمىغاندا مەيلى يىزا -ھەمكارلىق داۋالاش ياكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى بولسۇن ،ھىچقايسسى سىزنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلمايدۇ .
‏ئەمدى بالنىستقا كىرىپ بولدىڭىز ،شۇنىڭ بىلەن سىز كىرگەن  كۈننىڭ ئەتىسى ياكى شۇ كۈنى سەھەردە  سىزدىن قان چوڭ كىچىك تەرەت  قاترلىقلاردىن تەكشۈرۈشنى باشلاپ كېسىلىڭىزگە ئىسىم قويغۇدەك ئاساسقا  بولغاندىن كىيىن ئاندىن  شۇنىڭغا ماس داۋالاشنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن  بالنىستتىن چىقىشنى سىزگە ئېيتىدۇ ،بۇ جەرياندا بىر قانچە قېتىم پۇل تۆلەيسىز ،پۇل تۆلىگەن تالۇننى ناھايىتى ياخشى  ساقلىشىڭىز كىرەك ،چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ،پۇل تۆلىگەنلىك ئىسپاتى ،ھەممىمىزگەمەلۇم ،دوختۇرخانا ناھايىتى خېرىدارى كۆپ ئورۇن ،شۇنچە كۆپ ئادەمدىن پۇل ئالغۇچە خاتالىق چىقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ. بالنىستتىن چىقىش رەسمىيتىنى بىجىرىپ بولغاندىن كىيىن دوختۇرخانىنىڭ مەخسۇس كىسەللىك ئارخىۋىنى نۇسخىلايدىغان ئۇرنىغا بېرىپ  ئارخىپنى نۇسخىلىتىۋېلىڭ ،ئارخىپنىڭ سانى سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ سانىدىن بىرى كەم بولۇشى كىرەك ،چۈنكى يىزا ھەمكارلىق داۋالاش ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى  بالنىستتىن چىققاندا ئاتچۇت قىلىپ بېرىلىدۇ ،ئـاتچۇت نىسبىتى داۋالىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.
ۋاقتى: 2013-6-2 18:17:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى تەپسىلى چۈشەندۈرۇپسىز . رەھمەت سىزگە . ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .
ۋاقتى: 2013-6-3 10:31:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە!تەپسلى بۇلۇپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 21:55 , Processed in 0.131681 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat