ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1449|ئىنكاس: 13

بىلىك ماشىنا ئادىمى بىلەن پاراڭلىشىڭ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-10-15 14:53:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بىلىك ماشىنا ئادىمى بىلەن پاراڭلىشىڭ

بۇندىن ئىلگىرىكى تېمىللىرىمدا ئاساسەن توربەت ۋە قوللىنىلىشچان پىروگراممىلارنىڭ ئۈچۈنچى تەرەپ ئېغىزىدىن پايدىلىنىپ بىرەر پىروگرامما ياساش توغرىسىدا توختىلىپ كەلدىم، بۈگۈن  ئاشۇ تېمىللىرىمنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بىلىكنىڭ ماشىنا ئادىمىنى ئېلىپ كەلدىم.
دوستلار بەلكىم چ چ نىڭ ماشىنا ئادەم پىروگراممىسى بىلەن پاراڭلىشىپ باققان بولىشى مومكىن، مىنى ياسىغىنىم گوگېلنىڭ پاراڭلىشىش دىتالىنىڭ ماشىنا ئادىمى.
ئىسمى :bilikrobot
ئادىرىسى: bilikrobot@gmail.com
سىز بۇ ئادىرىسنى گوگېلنىڭ پاراڭلىشى دىتالى ئارقىلىق پاراڭغا تەكلىپ قىلىڭ ئاندىن خەت يېزىڭ، بۇ ماشىنا ئادەم سىز بىلەن پاراڭلىشىنى باشلايدۇ.
مەسىلەن تۈۋەندىكىدەك:



بۇ بىر ئاددىي بولغان پىروگرمما خالاس، لىكىن بىز بۇنى تەرەققى قىلدۈرساق بولىدۇ.
بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس بىر توربەت ياكى بىلوگنىڭ ماشىنا ئادىمىنى ياسىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇ ماشىنا ئادەمدىن يېڭى تېمىلارنى، كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلارنى سوراپ كۆرگىلى بولىدۇ، يەنە ئۇلارغا ئىنكاس يازغىلىلىمۇ بولىدۇ. يېڭى تىما يوللىغاندا يېڭى تېما يوللانغانلىقىنى ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ، ھازىرقى ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىدە گوگېلنىڭ پاراڭ دىتالى بار، ئۇ دىتال ھەرۋاقىت ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ، دىمەكچى سىزنىڭ ماشىنا ئادىمىڭىز تور بىتىڭىزگە ماقالە يوللانغان ھامان، بارلىق ئابونىتلىرىڭىزغا ئۇچۇر بىرىدۇ دىگەن گەپ.
مەن ئالدىنقى يازمامدا گوگېلنىڭ پاراڭلىشىش دىتالى ئارقىلىق بىلىككە ماقالە يوللاش، يوللانغان ماقالىلەرنى بىكەت ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىش ئىمكانىىتىنىڭ بارلىقىنى لىكىن بىزنىڭ تا ھازىغىچە پايدىلىنىپ كىتەلمىگەنلىكىمىزنى ئېيتىپ ئۆتكەن.
ماۋۇ كىچىك مىسال ئارقىلىق پىروگرامملىرىمىزنىڭ كاللىسى ئېچىلىپ قىزىقىشى قوزغۇلۇپ ئاشۇنداق بىر پىروگراممىنى يېزىپ چىقسا، بىز ھەممىمىز خوش بولاتتۇق، ئاشۇنداق ئۈمىد ۋە ئىشەنچىلەر بىلەن بۇ كىچىك پىروگراممىنى تور ئەھلىگە ئېلىپ كەلدىم، دوستلارنىڭ بۇ پىروگراممىنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە بۇ توغرىسىدا ئويلىغان خىياللىرىنى ئېيتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ئىلگىرى يوللىغان تېمىلار :
ئۇيغۇر بىكەتلىرى ۋە API ئېغىزى
API ئېغىزى ھەققىدە پاراڭ
تىۋىتېر، فېيسبوك ۋە گوگېل بۇز
يۈرەك سۆزلىرىم (Web OS ھەققىدە)
ۋاقتى: 2010-10-15 18:24:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى قانداق سىنايمىز؟ bilikrobot@gmail.com نى ئاچسام ھېسابىڭغا كىر دېدى، شۇنىڭغا كىرىشىمىز كېرەكمۇ؟ سەل تەسىلىيراق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.
ۋاقتى: 2010-10-15 19:13:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ سۇئاللارنى ئالدىن پىروگىراممىدا تىزىۋالغان مۇ ياكى بۇ پىروگىراممىنىڭ ئەقلى بۆلىكى بارمۇ مەسلەن سورالغان سۇئاللارغا ئۆزى ھۆكۇم قىلىپ دېگەندەك ئەگەر ئالدىن تەييارلانغان سۇئاللارغا بەلگىلەپ بەرگەن جاۋابنى يازسىلا بۇنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-10-15 21:27:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سورالغان سۇئاللارغا ئۆزى ھۆكۇم قىلىپ دېگەندەك ئەگەر ئالدىن تەييارلانغان سۇئاللارغا بەلگىلەپ بەرگەن جاۋابنى يازسىلا بۇنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق!!!
-----------------------
ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ، قىلچە ئەھمىيتى يوق نەرسىنى ياساپ خەقنىڭمۇ بېشى ئىششىپ قالمىدى، ھىچكىم تۇنۇشتۇرۇپ باقمىغان بىر بىلمنى تۇنۇشتۇرغىنىلا خېلى بىر ئەھمىيىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەگەر يەنە قايىل بولمىسىڭىز مەن تېخنىلىك ۋە ئىجدىمائىي ئەھمىيتىنى چۈشۈندۈرۈپ قويسام بولىدۇ.
ۋاقتى: 2010-10-15 23:23:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە شۇنداققۇ دەيمەن، سانلىق مەلۇمات ئامبىردكى تەييا گەپنى ياندۇرۇپ بەرسە كىرەك، ئۆزىگە ئەزا بولاي دىسە ئۇنمايدۇ تىخى....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-10-15 23:56:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلچە ئەھمىيىتى يوق
-------------
ئەھمىيىتى بولمىسا يوللامدا غوجام؟ بار بولغاچقا ياسىغاندۇ؟
ۋاقتى: 2010-10-16 03:41:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلار ئويلىغاننى بىز ئويلىيالماسلىقىمىز مۇمكىن. بۇنى ياسىغۇچى مەلۇم مەنزىلنى كۆزلەپ ياسىغان بولىشى مۇمكىن.  مەن تورداشلارنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ بېقىشىنى بولسا ئۆزىمۇ قول سېلىپ ياساپ بېقىشىنى ، توپلىغان تەجرىبە- ساۋاقلىرىدىن كۆپچىلىكنى بەھرىمەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2010-10-16 09:15:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  باشقا بىر يەردە مۇشۇ توربەت ماشىنا ئادىمى توغۇرلۇق بىر نەرسە ئوقۇغان سىز چۇشەندۇرۇپ قويىمەن دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەگەر سانداندىكى شۇ سۆزلەر بىلەن بولۇپ قالسا بۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ناھايىتى تار بولۇپ قالدۇ.
ۋاقتى: 2010-10-16 15:09:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋولقان ئەپەندىنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن.پىروگىرامما سانداندىن ئۇچۇرنى ئوقۇپلا بەرسە سىز قانداق مەزمۇندا ئۇچۇر يوللىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئۇ ماشىنا ئادەم پەقەت ئۆز ئامبىرىدىكى سۆزلەرنىلا چىقىرىپ بىرىدۇ........
ۋاقتى: 2010-10-16 16:54:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش بۈگۈن بۇيەردە سەل ئىگىز-پەس پاراڭ بولغىنى تۇرۇپتۇ، مەن ئازراق چۈشەنچە بىرەي.
1- بۇتىمىنىڭ ئەھمىيىتى مۇشۇنداق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى لىكىن بىز ئىشلەتمىگەنلىكىمىزنى، بولسا مۇشۇنى كىڭەيتىپ قۇرۇشقا كاللىسى يەتكەنلەرنى تېپىپ چىقىپ بىرلىكتە ياساشقا كىرىشىشكە چاقىرىق قىلىش.
2- بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ياسىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى:
بۇ پىروگرامما يوللانغان ۋاقىتتا ئىسمى ماشىنا ئادەم دەپ قويۇلغان، ھەرگىز ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم دەپ قويۇلمىغان، شۇڭا سىزگە مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ پاراڭ قىلىپ بىرەلمەيدۇ، بۇيەردىكى ماشىنا ئۇقۇمى پەقەت ئاپتوماتىك دىگەن سۆزگە يېقىن كىلىدۇ، ئارتۇقچە ئويلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا سىزگە ئاپتوماتىك خەت يوللاپ بەرگەنگە خوش بولۇڭ.
بۇ نەرسە بىزگە كاللىمىزنى ئىشلىتىپ بۇنى ئەقىللىق قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ساندانى بار يوقلىقىنى، سانداندا قانداق گەپ سۆزلەرنىڭ بار يوقلىقىنى دىيىشنى مەقسەت قىلمايدۇ.
قولىمىزدىن كەلسە بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىجابى يوللار بىلەن كىڭەيتەيلى، ئۆزىمىز ئۆگىنىپ يوللىمايمىز، يوللىغاننى ياراتماي ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق دەيمىز ...
قول قولنى يۇسا قول قۇپۇپ يۈزنى يۇيۇپتۇ دىگەن گەپ بار، كىشى ئۈگۈنۈپ تەجىربىسىنى دەپ بەرسە ئەھمىيىتى يوق دەپ كىشىگە سوغۇق سۇ سەپمەي، ياخشى بوپتۇ، قانداق قىلساق بۇنى بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايمىز؟ بۇنىڭغا نىمىلەر كىتىدۇ؟ سىز قەيەرگىچە ئىزدەندىڭىز؟ بۇنى قايسى ئۇسۇلدا قىلدىڭىز؟ ساندانىنى كىڭەيتىدىغان ئىشمۇ ياكى ، ئاشۇ سانداندىكى سۆزلەرنى ئانالىز قىلدىغان بىرەر پىروگرامما لازىممۇ؟...
دىگەندەك سۇئاللار بىلەن تىمىنى ئىجابى تەھلىل قىلىلى، ھازىرقى ۋاقتىمىز بىر بىرىمىزنىڭ قىلغىنىنى ياراتماي، چۆكۈردىغان، ياكى ئاران قىززىۋاتقان سورۇنلىرىمىزنى سوۋىتىدىغان، كىشىنى تېما يوللىغانغا تويغۇزدىغان ۋاقتىمىز ئەمەس.
(سەت بولدى، ئازراق سۆزلەپ سالدىم، ئېغىر كەلمىگەي) بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   Qutbilik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-10-16 16:58  

ۋاقتى: 2010-10-16 16:57:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  باشقا بىر يەردە مۇشۇ توربەت ماشىنا ئادىمى توغۇرلۇق بىر نەرسە ئوقۇغان سىز چۇشەندۇرۇپ قويىمەن دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ


سىزدىن  بىلەن مۇشۇ ماشىنا ئادەمنىڭ كەلگۈسى ۋە توربەتلەردىكى قوللىنىلىشى توغرىسىدا تەلىم ئالاي دىگەن، بولسا قورساقتىكىنى ئايىمىغايسىز...
ۋاقتى: 2010-10-16 19:16:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغان مەن ئۇستىدە ئېيتىلغان توربەت ماشىنا ئادىمى بىلەن مېنىڭ كاللامدىكى توربەت ماشنا ئادىمى ئۇقىمى ئوخشاش ئەمەس ئوخشايدۇ، ئۈستىدىكى گەپلىرىمنىڭ جاتىدا بولماي قالغان يەرلىرى بولسا ئېرغىر ئالمىغايسىلەر. ئەمدى مېنىڭ كاللامدىكى توربەت ئۇقۇمىنى دەپ باقاي، ماشنا ئادەمگە سۇئال قويغان ۋاقاتتا ئاشۇ جۈملىدىكى سۆزلەرنى ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى تەھلىل قىلىپ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جاۋابنى چىقىرىپ بەرسە. مەسلەن: بۇ ماشنا ئادەمدىن ئۇنىڭ يېشىنى سورىماقچى بولساق ھەرخىل جۈملىلەردە سورشىمىز مۇمكىن. سەن قانچە ياشقا كىردىڭ، سىز قانچە ياشقا كىردىڭ دېگەندەك. ئەمدى مۇشۇ جۈملىلەردىكى 2~3 كىچە ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ھۆكۇم قىلىپ جاۋابىنى چىقىرىپ بەرسە ، بۇ جۇملىدە ياش دېگەن بۇخەت چوقۇم بار ئەمدى ، لېكىن ئۈتىدىكى جۈملىلەردە قا قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ قالدى. مەن مۇنداق كود شەكلىدە يېزپ باقاي ھە.
if سۇئال=ياش or سۇئال=ياشقا then
مەن 0 ياشقا كىردىم.
end if
بۇيەردىكى ئاۋۇ سۇئال دېگەن بىر جۇملىنى ئۆزچىگە ئالىدۇ . ئەلۋەتتە ھەبىر خەتنى پارچىلاپ سانلار گۈرۇپسىغا ئېلېۋېلىپ ئاندىن ھۆكۇم قىلدىغان گەپ ، مەن ئازاراق بىلجىرلاپ قويدۇم .مېنىچە مۇشۇنداق بولغاندا ئاۋۇ سەن نەچچە ياش، سىز نەچچە ياش دېگەن سۇئاللارغا ئايرىم ھۆكۇم قىلىپ ئوتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق .بولسا باشقىلارمۇ ئويلىغىنى دەپ باقسا ،مەن ھېلىقى كۆرگەن ماشنا ئادەم توغرىسىدىكى تېمىنى ئىزدەپ باقاي تاپالىسام مۇشۇجايغا يوللاپ قويىمەن، لېكىن ئۇ خەنزۇلارنىڭ پىكرى ئۇيغۇرچىغا ماس كېلىشى ناتايىن ،شۇلارنىڭ شۇ نەرسىلىرىدىن ئازاراق بولسمۇ بىر نەرسە ئۈلگە قىلارمىز.
ۋاقتى: 2010-10-16 23:28:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
if سۇئال=ياش or سۇئال=ياشقا then
مەن 0 ياشقا كىردىم.
end if


بۇنداق شەرت جۈملىلەرنىڭ ھەممىنى يېزىپ بولغىنى بولمايدۇ، لىكىن سىز ئويلىغان ئۇسۇل توغرا. مۇشۇنداق شەرتلەردىن نۇرغۇنلىغاننى يېزىىشقا توغرا كىلىدۇ.
مەن بىر مىسال ئالاي ھە ؛
ئىسمىڭىزنىمە؟
«ئىسىم + ىڭىز  +نىمە» بولىدۇ، «ئىسىم » دىگەن خالىغانچە ئالمىشىپ كەلسە بولىدۇ، «نىمە» دىگەن سۇئال مەنىسىنى بىرىدۇ،بۇمۇ ئالمىشىپ كەلسە بولىدۇ، يەنى «ئىسمىڭ قانداق؟ »    «ئىسم + ىڭ + قانداق » دىگەندەك، بۇ ئىككى خىل سۇئالنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسى ئوخشاش، بۇنى كومپيۇتېرغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز دىگەندە ئالدىدا كەلگەن ئالماش بىلەن كەينىدە كەلگەن ئالماشلارنىڭ نىمە ئالماشلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلا چىقىمىز، ئاندىن ئۇلارغا ئوخشاش ئالماشلارنىڭ ھەممىنى تېپىپ چىقىپ بىر فورمىلا شەكىللەندۈرىمىز، مۇشۇ فورمىلاغا چۈشكەن سۇئاللارغا بىرىلىدىغان جاۋابلارنىڭ قانداق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنىمۇ فورمىلالاشتۇرىمىز، بۇ بەلكىم بىرگە بىر ماس بولىشى ۋە ياكى كۆپكە كۆپ ماس بولىشى مومكىن...
بۇيەردە يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى قۇشۇمچىلارنىڭ مەسىلىسى ، ئاجىزلىشىش مەسىلىسى، ھەرىپلەرنىڭ چۈشۈپ قېلىش مەسىلىسى، قېتىلىپ قېلىش مەسىلىسى دىگندەك ئىشلار قېتىلىدۇ، ئاخىرىدا بۇنى تەتقىق قىلىش بىر ئاددىي سانداننى تەييارلاش بولۇپ قالماي، تىلنى تەتقىق قىلىش بوپ قالىدۇ، دىمىسىمۇ تىلنى تەتقىق قىلماي تۇرۇپ ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ياساپ چىققىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدا بىز  تىلىمىزنى پۇختا بىلىدىغان، تىلىمىزنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى گىرامماتىكىلىق فورمىلاسىنى چىقىرىپ بىرەلەيدىغان تىلشۇناسلارغا موھتاج بولىمىز. تىلشۇناسلار بىلەن كالىسى ئوچۇق  پىروگراممىرلار بىرلەشسە، ئۇلارنى ئىقتىسادى جەھەتتىن يۆلەيدىغان ئورۇن بولسا بۇ ئىشلار ئاندىن ھوجۇتقا چىقىشى مومكىن، بولمىسا بىزدەك پارتىزانلار ئۇيەردىن بىر پاي ئوق بۇيەردىن بىر پاي ئوق ئېتىپ قويۇپ ئاخىرىنى چىقىرالماي قالىمىز. گەپنى قىسقا قىلسام بىز بىلىدىغان نەرسىلەر بەك ئاز، خەقلەر ياراتقان نەرسىلەر بەك كۆپ، بىز نۇرغۇن ساھەلەردە يتىم، ،گاس، گاچا، قارىغۇ...
شۇڭا دوستلارنىڭ بىرلىكتە ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بولسىمۇ بۇنداق تىمىلار ئۈچۈن ئاكتىپ ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   Qutbilik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-10-16 23:36  

ۋاقتى: 2010-10-17 12:00:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىزىغا چۈشۈپتۇ مانا، تورداشلار چۈشەنمىگەن جايلىرىنى ئەستايىدىل سورىسا، ئۇستازلار مانا مۇشۇنداق قىزغىن جاۋاپ بىرىدىغان گەپ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-5-7 01:35 , Processed in 0.175073 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat