ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1068|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇر ئەمەس..ئۇيغۇرلارغا ئىككى كەلىمە سۆز

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر ئەمەس..ئۇيغۇرلارغا ئىككى كەلىمە سۆز

بىركۈن تويغا بېرىپ قالدىم ...رېستۇرانغا،
تۆت-بەش چوكان پەيدا بولدى بۇ سورۇنغا.
غادايغانچە نەزەر تاشلاپ ھەر تەرەپكە..،
ئورۇن ئالدى ئارقامدىكى بىر ئورۇندا،

تويمۇ تېخى باشلانمىغان...ئادەممۇ ئازتى،
ھېچ بىرسىنى تونۇمايمەن...كەيپىممۇ ئۇچتى.
دوستۇم نوقۇپ شەرەت قىلىپ ئاڭلىغىن دېدى،
شۇنىڭ بىلەن  ئۇ گەپلەرگە نەزىرىم چۈشتى.

ئۇلار دېدى ئۇيغۇر دىگەن شۇنداق...پەس مىللەت..،
ئېيىتسا-ئېيىتسا تۈگۈمەسمىش...بارمىش مىڭ ئىللەت.
قوشنا مىللەت بەك ئۇلۇغمىش...ئۇلارنىڭ گېپى،
ئۇيغۇرلىقىدىن سەسكىنەرمىش..ئۆرە تىنىپ نەپرەت.

ئەرلىرىمىز بولۇمسىزمىش بىر-بىرىدىن سەت،
قوشنا مىللەت بەك پاكىزمىش،ئۈستى باشى رەت-رەت.
شۇنداق بولغاچ يات مىللەتتىن ئاشنىسى بارمىش،
زېرىككەندە ئىزدىشەرمىش يېزىشىپ خەت-پەت.

ئادەملىرىمىز  مەدىنيەتسىز بەك-بەك قالاقكەن،
يا داڭلىغۇدەك بىرەر داڭلىق ئالىممۇ يوقكەن.
بىزدەك قالاق مىللەتكە ئوخشىمىسۇن دەپ،
باللىرىنى ئۇيغۇرچىدا ئوقۇتمايدىكەن....

داۋامىنى ئاڭلاشقا كۆڭلۈم ئۇنمىدى...،
مىڭەم قايناپ يۈرەك سېلىپ ۋىجدان ئۆرتىدى.
نەچچە تەستەك سالاي دىدىم...يېشى بەك چوڭكەن..
يىقىلغىلى تاسلام قالدىم..دوستۇم يۆلىدى...

نىمە بولغاندۇ...دېيىشىپ ماڭا قاراشتى،
بىر-بىرىگە ھېجىيىشىپ مەسكەن دېيىشتى.
تىللاي دېدىم ۋە لېكىن نىمدەپ تىللايمەن،
غەزەپ بىلەن چەكچەيدىم ئۇلار بىلىشتى.

ئىپلاس دېدىم كۆڭلۈمدە...چىقىپلام كەتتىم،
بېرىپ بولغان شۇ تويدىن كىچىپلام كەتتىم.
ئۆيگە قانداق كەلگىنىممۇ ئىسىمدە يوق..،
تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالماي تولغۇنۇپ ياتتىم.

ئويلاپ كەتتىم تاڭ ئاتقۇچە زېھنىمنى قويۇپ،
سۆزلەپ كەتتىم ئۆز-ئۆزەمگە ئورنۇمدىن تۇرۇپ.
مىللىتىمدىن سەسكەنگەن ئاشۇ پەسلەرنى،
ئۇرمىغاندىمەن نىمىشقا تازا بىر تويۇپ.

مىللىتىمىز بەك پەس بولسا ئۆزەڭ كىمدۇر سەن؟!!!.
سەن شۇنداق بەك ئۇلۇغ بولساڭ خەلقى پەس دەمسەن!!!.
ئادەم دىگەن سەسكەنگەندىن يىراق تۇرىدۇ،
نىمدەپ يەنە بۇمىللەتنىڭ ئاش تۇزىنى يەيسەن؟!!!.

قايسى مىللەت سەن دىگەندەك بەك-بەك ياخشىكەن؟!!!،
قانداق ئۇلۇغ مەدىنيەتنى يارىتىپتىكەن!!!.
بىلەمسەن سەن دىگەن شۇ مەدىنيەتلەرنى؟!!!،
ئەجداتلىرىمىز كارۋان باشلاپ تارقىتىپتىكەن.

يات مىللەت بىزدىن قورقۇپ سىپىل ساپتىكەن،
قىزلىرىمىز نومۇس ئۈچۈن شېھىت بوپتىكەن.
ئالىملىرىمىز قەلەم بىلەن جاھان ئۆزگەرتكەچ،
بىز مىللەتتىن ئوتتۇر شەرىق ھەتتا غەرىپ ھاڭ-تاڭ قاپتىكەن.

تاغنى تاشلاپ سۇ باشلاپ ئۆستەڭ قىپتىكەن،
كۆچەت تىكىپ بۇ زىمىننى بوستان قىپتىكەن.
تۇز يەپ تۇرۇپ تۇز بەرگەننى نىمە تىللايسەن؟!!،
قېنى ئېيتە بۇ خەق ساڭا نىمە قىپتىكەن؟!!.

مەخمۇت-يۈسۈپ نىم شېھىت مەدىنيىتى مىراس قاپتىكەن،
شۇ زاتلارمۇ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپتىكەن.
مىللىتىڭدىن ئالىم يوقمۇ سەن بالاڭنى قىل،
ئېدىسۇننىمۇ ئانىسى ئالىم قىپتىكەن.

ئۆز ئىگىسىنى تالىغاننى ھايۋان دەپتىكەن،
نىجىس تېنى ئېسىلىپ قوزغۇن يەپتىكەن.
مىللىتىمنىڭ ئەرلىرى بولۇمسىز بولسا،
ئاناڭ سەندەك ئىپلاسنى نەدىن تېپتىكەن.

بۇرۇن ياۋلار قىرغىن قىلىپ ئامىن بولمىغان،
ئاپەت بولۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئامان قالمىغان.
شۇ چاغلاردا خەلقىمنىڭ كۈنى تەس ئىدى،
لېكىن قىزلار يات مىللەتكە ئىشتان سالمىغان.

خەلقىمىزدىن چىقىپتىكەن شىرمەت ئەركەكلەر،
ھېلىمۇ بار تالانىتلىق تۈمەن سەگەكلەر.
مىللىتىمىز ئەسلى ئىسىل  ئۇلۇغ بىر مىللەت،
بىز مىللەتنى پەس كۆرسەتكەن دەل شۇ سەندەكلەر.

ئەجداتلىرمىز كارۋان باشلاپ رىمغىچە بارغان،
مەدىنىيەت ئالمىشىشقا موھىم ئۇل سالغان.
مەدىنتەت قانداق نەرسە بىلمەيسەن شۇڭا ،
خەقنىڭ پوقى مىزلىك دەيسەن قاپ-قارا يالغان.

ئۇلار ھايات مىھنەتلىرىنى مۇقام قىپ چالغان،
ئەۋلاتلارنى ئويغانسۇن دەپ مەدىرىس سالغان.
ئاتاڭ،بوۋاڭ، خائىن،كۇپپار ،جوھۇت ئوخشايدۇ،
شۇڭا ساڭا ئىپلاسلىق ئۇدۇم بوپ قالغان.

مىللىتىڭدىن تاندۇردى نىمىنىڭ دەردى؟!!!..،
يات مىللەتكە ئاشنا بولساڭ نىمىسىنى بەردى؟!!!..
ئۇيغۇرلىقىڭدىن تېنىپ كەت ئۇمۇ مەيلىغۇ،
يەنە نىم دەپ تىللايسەن نىمىشقا زادى؟!!!.

ئۆز خەلقىڭنى تىللاپ بەرسەڭ نىمە پايدىسى؟!!!،
مىللىتىدىن يۈز ئۆرۈش نەنىڭ قائىدىسى؟!!!.
گۈزەل سىز دەپ دۆلىتىگە خانىش قىلسىمۇ،
بەرى بىر سەن ئۇلارنىڭ سېسىق مادىسى .

مىللىتىمدە ئەدەپ،ۋىجدان ھەممىسى تولۇق،
مەدىنىيەت مېۋىسى ھەممىدىن سۇلۇق.
سەندەكلەر يۈز ئۆرىسە پەرۋايىم پەلەك،
سەن پەس دىگەن بۇ مىللەت مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ.

قانداق بىر يۈرەك ئۇ سەندىكى يۈرەك؟!!!،
قېرىمامسەن-ئۆلمەمسەن؟ ئويلاپ باق كۆپرەك...
ئىپلاس تېنىڭنى كېپەنلەپ تاۋۇتۇڭ كۆتۈرۈپ،
ئۆلۈمىڭنى كۆمۈشكىمۇ يەنە بىز ئۇيغۇرلار كېرەك.

ئۆز-ئۆزۇمگە سۆزلەۋېرىپ ھالىمدىن كەتتىم،
قارىسام تاڭ ئېتىپتۇ ئۇخلاي دەپ ياتتىم.
بۇنداق ئىشنى كۆرمىگەنمۇ نېرىۋام چاتاقمۇ،
يەنە شۇ ئىشنى ئويلاپ خىيالغا پاتتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mizan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-9 13:12  

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-5-9 17:34:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ئېسىل يېزىپسىز .شۇ ئىپلاسلارنىڭ يۈرىكىگە نەشتەردەك سانجىلغىدەك بوپتۇ
ۋاقتى: 2013-5-9 17:53:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىي پۇراق كەمچىل، قايتا ئىشلەپ بېقىڭ.
ۋاقتى: 2013-5-9 17:57:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا !!!!!!!!     

   مىللىتىدىن تېنىپ يات مىللەتكە ئاشنا بولساڭ ، مىللىتىدىن تانغان سەندەك ئىپلاستىن ئاشناڭمۇ تانىدۇ. بىلىپ قوي ۋىجدان ، غۇرۇر، نۇمۇس بىلەن بىباھا گۆھەرسەن ، ئۇنىڭدىن ئايرىلساڭ ئەڭ پەس ،ئەڭ مەينەت نىجاسەت بولۇشقىمۇ سالاھىتىڭ توشمايدۇ. ھۇ ۋېجدانسىز زاتى پەس تۇزكورلار. تېخى ئەركەكلەرنى تىللايسەن ، ئەركەكلەر بولغاچ سەن بولغانسەن. ياكى ئاناڭ سېنى ساڭا ئوخشاش ئاشنا ئويناپ تېپېپتىكەنمۇ ؟ ھۇ.............................. نىجىس، نائەھلى، ھايۋانلار............ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   x11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-9 17:58  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-9 18:02:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
burkut1 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-9 17:53
شېئىرىي پۇراق كەمچىل، قايتا ئىشلەپ بېقىڭ.

كەچۈرۈڭ قېرىندىشىم.
مەنمۇ ئەسلا بىر شائىر بولمىغاچ ،شېرى پۇراق سەل كەمچىل بۇلۇپ قالدى.
رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-5-9 22:53:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى بەك ياخشى چىىقىپتۇ
ۋاقتى: 2013-5-10 11:03:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز . ماڭا بەك ياقتى . بىزنىڭ مەكتەپتە بىر قىز بار ئىدى . ئوقۇپ بەرسەم بولىدىكەن . تېخىمۇ تىرىشىڭ .
ۋاقتى: 2013-5-11 17:39:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:56 , Processed in 0.198585 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat