ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 294|ئىنكاس: 4

ئالتۇن باھاسىنى كىم ئىگىز -پەس قىلىۋاتىدۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
2219
تىللا
1755
شۆھرەت
3558
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 18:03:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورى: 1miskal
يىقىندىن بىرى ئالتۇن باھاسى بىر كۈن ئىچىدىلا 100 نۇقتا چۈشۈپ كەتسە يەنە ئەتىسىلا 70-80 نۇقتا ئاشىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلدى . بولۇپمۇ يىقىنقى بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ تەۋرىنىش ھالىتى بۇرۇنقى تۇراقلىق ئەھۋالنى بۇزۇپ تاشلاپ بەكرەك شاشلىشىپ كەتتى .ئالتۇن 1590 دوللاردىن ئىككى كۈن ئىچىدىلا دەھشەت چۈشۈپ 1320 نوقتىغا شۇڭغۇپ ھەر گىرامىدا 40 يۈەن چۈشۈپ كەتكەندە ئالتۇن باھاسىنىڭ مۇنداق چوڭ چۈشۈپ كەتكىننى بىلمىگەن ئادەم قالمىدى،لېكىن يەنە قىسقىغىنا بىر ھەپتىدە ئالتۇن باھاسى تېزلىك بىلەن ئىشىپ1400 نوقتىدىن ئىشىپ كەتتى . مانا ھازىر 1480 نوقتىغا چىقتى .
ئايىغى چاققان خىرىدارلار ئالتۇن چۈشكەن ۋاقىتتا ھەر گىرامىنى 300 يۈەندىن خىلىلا تۆۋەن زىبۇ -زىننەت ياكى خام ئالتۇن ئىلىۋىلىشتى . يەنە بىر قىسىم خېرىدارلار ئالتۇن چۈشۈپ كىتىپتۇ دەپ بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈپ پۇلنى راسلاپ بازارغا كىلىپ بولغۇچە ئالتۇن يەنە ئىشىپ بولدى . مۇشۇ چۈشكەن پۇرسەتتە خام ئالتۇندىن خىلى كۆپ سىتىۋېلىپ تۆت -بەش كۈن ساقلاپ خىل ياخشى ئىقتىسادى قىممەت ياراتقانلارمۇ يۇق ئەمەس . قىسقىسى پۇرسەت چاققاننىڭ بولدى .
زادى ئالتۇن باھاسىنى كىم ئېگىز -پەس قىلىۋاتىدۇ ؟
ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈپ ئۆرلىشىگە نېمە سەۋەب بولىدۇ ؟
مەن ئۇزاق يىل ئالتۇن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش چۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزەتتىم . يىقىندا قەرەللىك مال سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ھەم ئىقتىسادى بىلىمى مول شىركەت خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئالتۇننىڭ ئىشىش چۈشۈش قانۇنيەتلىرى توغرىسىدا ئاز - تولا ساۋاتقا ئىگە بولدۇم .
ئالتۇن باھاسى نېمە ئۈچۈن ئېگىز-پەس بولىدۇ ؟
ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار نېمە ؟ مەن بۇ جەھەتتە خىلى ئىزدەندىم .
ئۇيغۇر ئالتۇن تورى . نىيۇ يۇرك ئالتۇن بازىرى تورى ، شىنلاڭ تورى ، كۆكلەن بىز تورى قاتارلىق ئالتۇنغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تورلاردىن  ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئىزلەپ تاپتىم .
ھەم ئۇزۇن يىللىق كۆز قاراش ۋە تەجرىبەم بويىچە ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تىپىپ چىقتىم .
1. دوللارنىڭ يۆنىلىشى
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئالتۇن تەتۈر تاناسىپ ھالەتتە بولىدۇ .
يەنى ، پۇل قىممىتى قانچە يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ئالتۇن باھاسى مۇقەررەر چۈشىدۇ . پۇل قىممىتى چۈشۇپ پۇل پاخاللاشسا ئالتۇن ئاشىدۇ .
2. سىياسى قالايمىقانچىلىق . دۆلەتلەر ئارا ياكى رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشلار
بۇ ئامىل ئالتۇن باھاسىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان مۇھىم بىر ئامىل .
3. نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ چۈشىشى .
نېفىت بىلەن ئالتۇن باھاسى ئوڭ تاناسىپ بولۇپ نېفىت باھاسى ئۆسسە ئالتۇنمۇ ئىشىپ ماڭىدۇ .
4. ھەر قايسى بانكىلاردىكى ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارى .
مۇشۇ يىل 1- ئايدا ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى كۆپ مىقداردا بازارنى ئالتۇن بىلەن تەمىنلىدى .
شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى .
5. بانكىلارنىڭ پۇل ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈش- ئۆستۈرمەسلىكى.
بانكا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقسىتىدە ئۆسۈم ئۆستۈرگەندە ئالتۇن باھاسى ئازراق چۈشىدۇ
6. جۇڭگو ، ھىندىستان ، روسىيە قاتارلىق ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى . .
بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى (بولۇپمۇ ھىندىستاننىڭ ) بەك چوڭ بولۇپ بۇ ئامىلمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ
ئېششىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ .
7. ئىقتىسادى كرىزىس .
بۇ ئامىلمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىشىپ چۈشۈشىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل
مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە مۇشۇ 7 تۈرلۈك ئامىلدىن باشقىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئېگىز- پەس بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ .
ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار مۇشۇ 7 تۈلۈك ئامىلنى ئويلۇشۇپ مال سېتىۋالغاندا زىياندىن ساقلىنالايدۇ

مەنبە ؛ بىر مىسقال ئىقتىساد تورى

ئەسكەرتىش: ئەسلى ئاپتور سادىر قىلغان ئىملا خاتالىقلىرى قىسمەن تۈزۈتۈلدى.
بىلسەم يازىمەن، بىلمىسەم سورايمەن

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
80
تىللا
135
شۆھرەت
136
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 22:15:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا  تىگىشلىك  ئىشكەن  بۇ  بىراق  ئالتۇن  باھاسىنىڭ  ئۆسۈۋېرىشى پۇل  پاخاللىشىشىمىكىن
http://pahrim.uyblog.cn

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
364
تىللا
320
شۆھرەت
533
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 08:39:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئالتۇن سودىسى قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان دوسلىرىم بار ئىدى.  ئوقۇپ بېرەي بۇ تىمىنى ئۇلارغا . كۆپ رەھمەت
yasin   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1098
تىللا
1677
شۆھرەت
2085

تەشۋىقات ئاكتىپ تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 16:44:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بىردەم ئۈسسە بىردەم چۈشۈپ ئالتۇننىڭ باھاسى ،بىلىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
2219
تىللا
1755
شۆھرەت
3558
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئالامەت چۈشۈپتۇغۇ؟ خام ئالتۇننىڭ گىرامىنىڭ باھاسى  272.69 يۈەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-27 11:13 , Processed in 0.060720 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش