- توردا
- 137 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-26
- تىزىملاتقان
- 2012-2-21
- شۆھرەت
- 1994
- تىللا
- 1005
- تۆھپە
- 1183
- ھوقۇقى
- 80
- جۇغلانما
- 6650
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 474
- تېما
- 111
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 3948
- تۆھپە
- 1183
- تىللا
- 1005
- شۆھرەت
- 1994
|
ئىشقىلىپ يېڭى يانفون بازارغا سېلىنغان ھامانلا، ئۆزىدىن بۇرۇن بازارغا سېلىنغان كونا نۇسخىدىكى يانفونلارنىڭ باھاسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، 4-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، سامسۇڭ S4 يانفونى، HTC One يانفونى، نوكىيا Lumia 920T يانفونى، شۇنداقلا LG نىڭ Optimus G Pro يانفونى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يېڭى يانفونلار سېتىلىشقا باشلىدى ۋە ياكى ئالدىن زاكاز قىلىشنى باشلىدى. بۇ يانفونلارنىڭ بازارغا سېلىنىپ سېتىلىشقا باشلىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدا بەزىبىر < خىمىيىلىك رېئاكسىيلەر> نى پەيدا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەر قايسى داڭلىق ماركىلىق يانفونلارنىڭ بايراقدار نۇسخىلىق يانفونلىرىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن بولۇپ، چۈنكى بۇ يانفونلار ئۆز شىركىتى بازارغا سالغان يېڭى يانفونلىرىغا بازار بىكارلاپ بېرىشى لازىم ۋە ياكى ئۆزىنىڭ رىقابەتچى مەھسۇلاتلىرى بىلەن بولغان بەيگىدە < چارچاپ قالغان> بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. شۇڭلاشقا، 4-ئاينىڭ باشلىرىدىلا باھاسى 4000 يۇەن ئەتراپىدا سېتىلغان يانفونلارنىڭ باھاسى يۇقارقى يېڭى يانفون نۇسخىلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، زور دەرىجىدە باھانى چۈشۈرۈپ سېتىش پائالىيىتى تەشكىللەپ سېتىلىشقا باشلىغانىدى.
ئەلۋەتتە، بۇ باھاسى چۈشكەن يانفونلارنىڭ رەت تەرتىپىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغىنى يەنىلا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يانفونلىرى بولۇپ، بۇمۇ ئاساسىي جەھەتتىن بىر خىل ئادەت بولۇپ قالغانىدى، چۈنكى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يانفونلىرىنىڭ باھاسى ئەسلىدىنلا خېلى قىممەت بولغاچقا، شۇڭا بۇ يانفونلارنىڭ باھاسى ئازراق تۆۋەنلىتىلسىلا، باشقا يانفونلارنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە نىسبەتەن بەكرەك تەسىر قىلاتتى. تۆۋەندە، بىز بىرلىكتە 4-ئايدا باھاسى چۈشكەن يانفونلارنى شۇنداقلا قايسى يانفونلارنىڭ باھاسىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
سامسۇڭ W2013 يانفونى
ئەسلى باھاسى: 14998 يۇەن
تۆۋەنلىگەن باھاسى: 3798 يۇەن
ھازىرقى باھاسى: 11800 يۇەن
باھاسى چۈشۈرۈلگەن يانفونلارنىڭ رەت تەرتىپىدە ھامان سامسۇڭ شىركىتىنىڭ W يۈرۈشلۈك يانفونلىرى ئالدىنقى ئۈچ يانفوننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان بولۇپ، چۈنكى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بۇ يانفونلىرىنىڭ باھاسى ئەسلىدىلا ئون مىڭ يۇەنلىك قىلىپ بېكىتىلگەن بولغاچقا، بۇ يانفونلارنىڭ باھاسى ئازراقلا چۈشۈرۈلسە، شۇ ھامان باشقا ئادەتتىكى يانفونلارنىڭ چۈشۈرۈلگەن باھاسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، شۇڭلاشقا بۇ يانفونلار باھاسى ئەڭ چۈشۈرۈلگەن يانفونلارنىڭ ئالدى بولۇپ قالغان. ئىلگىرى بۇ خىل باھاسى چۈشۈرۈلگەن يانفونلارنىڭ ئەڭ ئالدى بولالايدىغان يانفونلاردىن يەنە نوكىيا شىركىتىنىڭ 8 يۈرۈشلۈك يانفونلىرى شۇنداقلا موتورولا شىركىتىنىڭ Aura يانفونلىرى ھەم كۇپەي يانفونلىرىنىڭ ئايرىم يانفونلىرى بولۇپ قالاتتى. لېكىن يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، باھاسى ئەڭ زور دەرىجىدە چۈشكەن يانفونلار رەت تەرتىپىنىڭ ئەڭ ئالدىنى يەنىلا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يانفونلىرى ئىگەللەيدىغان بولدى. سامسۇڭ W2013 يانفونىنىڭ 4-ئاينىڭ دەسلىپىدىكى سېتىلىش باھاسى بولسا 14998 يۇەنگە يەتكەن بولۇپ، لېكىن بىر ئايغا يېقىن باھا تەڭشەش ئارقىلىق، بۇ يانفوننىڭ باھاسى ھازىرقى 11800 يۇەنگە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى باھا پەرقى ئادەمنى ھەيرن قالدۇرغۇدەك دەرىجىدىكى 3798 يۇەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ چۈشۈرۈشتىن بۇرۇنقى باھاسى بىلەن باھاسى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى باھا پەرقىلا ئادەتتىكى بىر قىسىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ سېتىلىش باھاسىدىنمۇ ئۆرە بولۇپ كەتكەن.
بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق پارامېتىرى
ئېكران چوڭلۇقى: 3.7 دىيۇم
سېزىمچانلىقى:800x480 پېكسىل
بىر تەرەپ قىلغۇچىسى: سامسۇڭ تۆت يادرولۇق Exynos 4412
ئىچكى سىغىمى:2GB
ساقلاش بوشلۇقى:16GB
كامىراسى:8 مىليون پېكسىل
مەشغۇلات سېستىمىسى: Android
باتارىيە توك سىغىمچانلىقى:1820mAh
ھازىرقى باھاسى:11800 يۇەن
قارا بۆلجۈرگەن Z10 يانفونى
ئەسلى باھاسى: 4680 يۇەن
تۆۋەنلىگەن باھاسى: 900 يۇەن
ھازىرقى باھاسى: 3780 يۇەن
قارا بۆلجۈرگەننىڭ Z10 يانفونىنى ئادەتتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار قاتارىدا سانىغاندا، بۇ يانفون باھاسىنىڭ چۈشۈشى جەھەتتە يانفونلارنىڭ چولپىنى بولۇپ قالغانىدى. بۇ يانفوننىڭ باھاسى تېخى 3-ئايدىلا 2000 يۇەندەك چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ باھاسى 4-ئايدا يەنە شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ باھاسى ئەسلىدىكى 4680 يۇەندىن تۆۋەنلەپ ھازىرقى 3780 يۇەنگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ ئۇتتۇرىدىكى چۈشۈرۈلگەن باھا پەرقى 900 يۇەنگە يەتكەن. لېكىن قارا بۆلجۈرگەن Z10 يانفونىنى يەنە كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىر سېتىۋىلىشقا ئەرزىمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ باھاسى يەنىلا قىممەت ھېساپلىنىدۇ. بۇ يانفون ھازىرچە پەقەت يېڭى يانفون ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان شۇنداقلا پۇلى ئازلىق قىلمايدىغان پۇلدار دوستلارنىڭ سېتىۋېلىشىغا ماس كېلىدۇ خالاس. ھازىر 3780 يۇەنگە خېلى كۆپلىگەن يۇقىرى سەپلەنمىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ، لېكىن قارا بۆلجۈرگەن Z10 يانفونىنىڭ سەپلەنمىلىرى بۇ باھاغا راستىنلا ئەرزىمەيدۇ.
بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق پارامېتىرى
ئېكران چوڭلۇقى:4.2 دىيۇم
سېزىمچانلىقى:1280x768 پېكسىل
بىر تەرەپ قىلغۇچىسى: گاۋتۇڭ Adreno225
ئىچكى سىغىمى:2GB
ساقلاش بوشلۇقى:16GB
كامىراسى:8 مىليون پېكسىل
مەشغۇلات سېستىمىسى: BlackBerry OS 10
باتارىيە توك سىغىمچانلىقى:1800mAh
ھازىرقى باھاسى:3780 يۇەن
HTC 8X يانفونى
نەچچە قېتىملىق شىددەت بىلەن باھاسى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، HTC 8X يانفونىنىڭ ئىقتىدار باھا سەپلەنمىسى ھازىر خېلى ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ يانفوننىڭ چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەن نۇسىخىلىقىنىڭ باھاسى 2199 يۇەنگە چۈشۈپ قالغان. بۇ يانفوننىڭ قانۇنلۇق نۇسخىلىقىنىڭ باھاسىمۇ 2400 يۇەن ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ باھاسى ھازىرچە Lumia 820 يانفونىنىڭ باھاسى بىلەن يېقىنلاشقان ئىدى. لېكىن ئېكرانىنىڭ سۈزۈكلۈكى، ئىقتىدار سەپلەنمىسى شۇنداقلا تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى ھەم ئىشلىنىش ھۈنەر سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئالغاندا، بۇ يانفون نوكىيا Lumia 820 يانفونىنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلالايدىغان ھالغا يەتكەن.
بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق پارامېتىرى
ئېكران چوڭلۇقى:4.3 دىيۇم
سېزىمچانلىقى:1280x720 پېكسىل
بىر تەرەپ قىلغۇچىسى: گاۋتۇڭ قوش يادرولۇق راۋلۇڭ
ئىچكى سىغىمى:1GB
ساقلاش بوشلۇقى:16GB
كامىراسى:8 مىليون پېكسىل
مەشغۇلات سېستىمىسى: Windows Phone 8
باتارىيە توك سىغىمچانلىقى:1800mAh
ھازىرقى باھاسى:2199 يۇەن
LG Optimus G Pro يانفونى
ئەسلى باھاسى: 4500 يۇەن ئەتراپىدا
تۆۋەنلىگەن باھاسى: 691 يۇەن
ھازىرقى باھاسى: 3799 يۇەن
بۇ يانفوننىڭ باھاسى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، ھەر قېتىملىق باھاسى چۈشۈرۈلگەن يانفونلار رەت تەرتىپىدە بۇ يانفوننىڭ ئىسمى بىزگە ھەمىشە ھەمراھ بولۇپلا كەلدى. بۇ يانفون دەسلەپتە بازارغا سېلىنغان ۋاقىتتىكى باھاسى تەخمىنەن 4500 يۇەن ئەتراپىدا سېتىلغان بولۇپ، لېكىن بۇ يانفوننىڭ باھاسى قىسقىغىنا نەچچە ئون كۈن ئىچىدىلا 700 يۇەندەك تۆۋەنلەپ، ھازىرقى 3799 يۇەنگە چۈشۈپ قالدى. ھازىر بۇ يانفوننىڭ باھاسى ئۆزىنىڭ رىقابەتچى يانفونى-Note2 نىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك بولۇپ قالغان. لېكىن Note2 يانفونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، LG Optimus G Pro يانفونىنىڭ سەپلەنمىلىرى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىدار جەھەتتىن ھەمىشە سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدۇ. بۇ يانفوننىڭ ئېكرانى تېخىمۇ ياخشى، بىر تەرەپ قىلغۇچىسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، باتارىيىسى تېخىمۇ چوڭ، يانفون گەۋدىسىنىڭ گىرۋىكى تېخىمۇ تار بولغان بولۇپ، ھەقىقەتەن سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان يانفون بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق پارامېتىرى
ئېكران چوڭلۇقى:5.5 دىيۇم
سېزىمچانلىقى:1920x1080 پېكسىل
بىر تەرەپ قىلغۇچىسى: 1.7GHz لىق تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ
ئىچكى سىغىمى:2GB
ساقلاش بوشلۇقى:16GB
كامىراسى:13 مىليون پېكسىل
مەشغۇلات سېستىمىسى: Android
باتارىيە توك سىغىمچانلىقى:3150mAh
ھازىرقى باھاسى:3799 يۇەن
نوكىيا Lumia 920 يانفونى
ئەسلى باھاسى: 3850 يۇەن
تۆۋەنلىگەن باھاسى: 651 يۇەن
ھازىرقى باھاسى: 3299 يۇەن
نوكىيا Lumia 920 يانفونىنىڭ قانۇنلۇق نۇسىخىسىنىڭ باھاسى 4-ئايدا تېخىمۇ زور دەرىجىدە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە Lumia 920 يانفونىنىڭ باھاسى 3299 يۇەنگە چۈشۈپ قالغان، بۇ يانفوننىڭ باھاسىنىڭ 3000 يۇەنلىك ئۆتكەلدىنمۇ بۆسۈپ ئۆتۈشىنى بىز تەشنالىق بىلەن كۈتىمىز. نوكىيا Lumia 920 يانفونى نۆۋەتتە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Windows Phone 8 مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن ۋەكىللىك يانفونلاردىن بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ مەيلى ئېكرانى، كامىراسى، سەپلەنمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئالايلى، ئۇ يەنىلا Windows Phone 8 مەشغۇلات سېستىمىلىق يانفونلارنىڭ ئەڭ ئالدى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ شۇنداقلا WP سېستىمىلىق يانفونلارنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.
بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق پارامېتىرى
ئېكران چوڭلۇقى:4.5 دىيۇم
سېزىمچانلىقى:1280x768 پېكسىل
بىر تەرەپ قىلغۇچىسى: گاۋتۇڭ قوش يادرولۇق راۋلۇڭ
ئىچكى سىغىمى:1GB
ساقلاش بوشلۇقى:32GB
كامىراسى:8 مىليون 700 مىڭ پېكسىل
مەشغۇلات سېستىمىسى: Windows Phone 8
باتارىيە توك سىغىمچانلىقى:2000mAh
ھازىرقى باھاسى:3299 يۇەن
HTC Butterfly يانفونى
ئەسلى باھاسى: 4232 يۇەن
تۆۋەنلىگەن باھاسى: 552 يۇەن
ھازىرقى باھاسى: 3680 يۇەن
بۇ يانفون بولسا HTC تۇغى ئاستىدىكى 2-نۇمۇرلۇق يانفون بولۇپ، ئۇنىڭ سەپلەنمىلىرى HTC One يانفونىدىنلا كېيىن تۇرىدۇ. نۆۋەتتە Butterfly يانفونىنىڭ باھاسى 3680 يۇەنگە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ باھا سەپلەنمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلغار سەۋىيىدە بولۇپ ھېساپلىنىدىغان يانفونغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆرە باھا بولۇپ ھېساپلانمايدۇ. 4-ئاينىڭ باشلىرىدا بۇ يانفون ئەسلى باھادا 4232 يۇەندىن سېتىلغانىدى. ھازىر بازار تېپىۋاتقان HTC One يانفونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، HTC Butterfly يانفونىنىڭ ھېچقانداق قېلىشقۇچىلىكى يوق بولۇپ، بۇ يانفونلارنىڭ ياسىلىش ھۈنەر سەنئىتى شۇنداقلا تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى جەھەتتە، ھەممىسىنىڭلا ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى بار ئىدى. ئەگەر سىز HTC One يانفونىنىڭ پۈتۈنلەي مېتال قاپلىق گەۋدىسىنى ياقتۇرمىسڭىز، ئۇنداقتا باھاسى تېخىمۇ ئەرزان بولغان Butterfly يانفونى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.
بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق پارامېتىرى
ئېكران چوڭلۇقى:5.0 دىيۇم
سېزىمچانلىقى:1920x1080 پېكسىل
بىر تەرەپ قىلغۇچىسى: گاۋتۇڭ قوش يادرولۇق راۋلۇڭ
ئىچكى سىغىمى:2GB
ساقلاش بوشلۇقى:16GB
كامىراسى:8 مىليون پېكسىل
مەشغۇلات سېستىمىسى: Android
باتارىيە توك سىغىمچانلىقى:2020mAh
ھازىرقى باھاسى:3680 يۇەن
سونىي L36h يانفونى
ئەسلى باھاسى: 4232 يۇەن
تۆۋەنلىگەن باھاسى: 552 يۇەن
ھازىرقى باھاسى: 3680 يۇەن
بۇ يانفون بولسا HTC تۇغى ئاستىدىكى 2-نۇمۇرلۇق يانفون بولۇپ، ئۇنىڭ سەپلەنمىلىرى HTC One يانفونىدىنلا كېيىن تۇرىدۇ. نۆۋەتتە Butterfly يانفونىنىڭ باھاسى 3680 يۇەنگە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ باھا سەپلەنمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلغار سەۋىيىدە بولۇپ ھېساپلىنىدىغان يانفونغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆرە باھا بولۇپ ھېساپلانمايدۇ. 4-ئاينىڭ باشلىرىدا بۇ يانفون ئەسلى باھادا 4232 يۇەندىن سېتىلغانىدى. ھازىر بازار تېپىۋاتقان HTC One يانفونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، HTC Butterfly يانفونىنىڭ ھېچقانداق قېلىشقۇچىلىكى يوق بولۇپ، بۇ يانفونلارنىڭ ياسىلىش ھۈنەر سەنئىتى شۇنداقلا تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى جەھەتتە، ھەممىسىنىڭلا ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى بار ئىدى. ئەگەر سىز HTC One يانفونىنىڭ پۈتۈنلەي مېتال قاپلىق گەۋدىسىنى ياقتۇرمىسڭىز، ئۇنداقتا باھاسى تېخىمۇ ئەرزان بولغان Butterfly يانفونى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.
بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق پارامېتىرى
ئېكران چوڭلۇقى:5.0 دىيۇم
سېزىمچانلىقى:1920x1080 پېكسىل
بىر تەرەپ قىلغۇچىسى: گاۋتۇڭ قوش يادرولۇق راۋلۇڭ
ئىچكى سىغىمى:2GB
ساقلاش بوشلۇقى:16GB
كامىراسى:8 مىليون پېكسىل
مەشغۇلات سېستىمىسى: Android
باتارىيە توك سىغىمچانلىقى:2020mAh
ھازىرقى باھاسى:3680 يۇەن
سونىي L36h يانفونى
ئەسلى باھاسى: 3899 يۇەن
تۆۋەنلىگەن باھاسى: 509 يۇەن
ھازىرقى باھاسى: 3390 يۇەن
L36h يانفونى كۆپچىلىككە ناھايىتى تونۇش بولۇپ، بۇ يانفون نۆۋەتتە ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ گەۋدىسى ئۈچتىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ ( يەنى سۇدىن، جىجىلىپ كېتىشتىن، توپا تۇماندىن مۇداپىئەلىنىشنى كۆرسىتىدۇ-تەھرىردىن) ، يانفون گەۋدىسى ئىنتايىن نېپىز بولۇپ، 1080P لىق ئېكران سەپلەنگەن، يانفونغا يەنە مىليون پېكسللىق كامىرا ئىشىتىلگەن بولۇپ، تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئىگە قىلىنغان بۇ يانفون سونىي شىركىتىنىڭ سامسۇڭ شۇنداقلا HTC يانفونلىرىغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان كۈچلۈك قورالى بولالايتتى. بۇ يانفوننىڭ ھازىرقى باھاسى 3390 يۇەن بولۇپ، 4-ئاينىڭ باشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا 500 يۇەنگە يېقىن چۈشۈرۈلگەنىدى. بۇ يانفوننىڭ باھاسىنى باشقا ماركىدىكى بايراقدار يانفونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەقىقەتەن ئىنتايىن تۆۋەن باھا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. سونىي يانفونلىرىنىڭ لايىھىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ياسىلىش ھۈنەر سەنئىتىمۇ ناھايىتى ئىلغار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچتىن مۇداپىئەلىنش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەگەر سىز ياپونىيە ماللىرىنى چەتكە قاقمىسىڭىز، ئۇنداقتا L36h يانفونى سىزنىڭ سېتىۋىلىشنى ئويلىشىشىڭىزغا ئەڭ ئەرزىيدىغان يانفونلاردىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق پارامېتىرى
ئېكران چوڭلۇقى:5.0 دىيۇم
سېزىمچانلىقى:1920x1080 پېكسىل
بىر تەرەپ قىلغۇچىسى: گاۋتۇڭ تۆت يادرولۇق Snapdragon
ئىچكى سىغىمى:2GB
ساقلاش بوشلۇقى:16GB
كامىراسى:13مىليون 100 مىڭ پېكسىل
مەشغۇلات سېستىمىسى: Android
باتارىيە توك سىغىمچانلىقى:2330mAh
ھازىرقى باھاسى:3390 يۇەن
Neuxs 4 يانفونى
ئەسلى باھاسى: 2580 يۇەن
تۆۋەنلىگەن باھاسى: 430 يۇەن
ھازىرقى باھاسى: 2150 يۇەن
Neuxs 4 يانفونىنىڭ مال مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى توغرىسىدىكى بەس مۇنازىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىر مەزگىل بولغان بولۇپ، گەرچە بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق بىر جاۋاب بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇ يانفوننىڭ مال بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ئادەتكە ئايلىنىپ قالغانىدى. لېكىن گەرچە بۇ يانفوننىڭ مال بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى نورمال ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمىدى. بۇ يانفوننىڭ باھاسى 4-ئاينىڭ باشلىرىدىكى 2500 يۇەن ئەتراپىدىن ھازىرقى 2150 يۇەنگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ باھا خېلى ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىپ كەلگەن بولغاچقا، ھازىرچە نىسبەتەن مۇقىم باھا بولۇپ قالغان. Neuxs 4 يانفونىنىڭ سەپلەنمىلىرى ناھايىتى ئىلغار بولۇپ، سېستىما جەھەتتىنمۇ ھەر ۋاقىت گوگۇلنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئىلغارلاشتۇرغىلى بولىدۇ. گوگۇل شىركىتىنىڭ ئىپتىدائىي ھالەتتىكى ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىشنى ئويلايدىغان دوستلار بۇ يانفوننى سېتىۋالسا بولىدۇ.
بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق پارامېتىرى
ئېكران چوڭلۇقى:4.7 دىيۇم
سېزىمچانلىقى:11280×768پېكسىل
بىر تەرەپ قىلغۇچىسى: گاۋتۇڭ تۆت يادرولۇق Snapdragon
ئىچكى سىغىمى:2GB
ساقلاش بوشلۇقى:8GB/16GB
كامىراسى:8 مىليون پېكسىل
مەشغۇلات سېستىمىسى: Android
باتارىيە توك سىغىمچانلىقى:2100mAh
ھازىرقى باھاسى:2150 يۇەن
سامسۇڭ S3 يانفونى
ئەسلى باھاسى: 2700 يۇەن
تۆۋەنلىگەن باھاسى: 400 يۇەن
ھازىرقى باھاسى: 2300 يۇەن
سامسۇڭنىڭ S3 يانفونى بىلەن Note 2 يانفونى ئىزچىل ھالدا ئەڭ بازارلىق بولۇۋاتقان Android يانفونلىرىدىن بولۇپ، بۇ ئىككى يانفوننىڭ باھاسىمۇ ئىزچىل ھالدا چۈشمەي تۇرغانىدى، لېكىن سامسۇڭ S4 يانفونىنىڭ ئېلان قىلىنىشى شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان 1080P لىق يانفونلارنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، سامسۇڭ S3 يانفونىنىڭ < ئەڭ ياخشى Android يانفونى> دېگەن قالپىقىمۇ تەۋرىنىشكە باشلاپ، ئۇنىڭ باھاسىمۇ ئەگىشىپلا چۈشۈشكە باشلىدى. نۆۋەتتە S3 يانفونىنىڭ باھاسى 2300 يۇەنگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ كورىيە ھەم ياپونىيە نۇسخىسىدىكىنىڭ باھاسى تېخىمۇ تۆۋەن سېتىلماقتا.
بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق پارامېتىرى
ئېكران چوڭلۇقى:4.8 دىيۇم
سېزىمچانلىقى:1280x720 پېكسىل
بىر تەرەپ قىلغۇچىسى: سامسۇڭ تۆت يادرولۇق Exynos 4412
ئىچكى سىغىمى:1GB
ساقلاش بوشلۇقى:16GB
كامىراسى:8 مىليون پېكسىل
مەشغۇلات سېستىمىسى: Android
باتارىيە توك سىغىمچانلىقى:2100mAh
ھازىرقى باھاسى:2300 يۇەن
سامسۇڭ Note 2 يانفونى
ئەسلى باھاسى: 3599 يۇەن
تۆۋەنلىگەن باھاسى: 349 يۇەن
ھازىرقى باھاسى: 3250 يۇەن
سامسۇڭ Note 2 يانفونىنىڭ باھاسى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يانفون گەۋدىسىگە ئوخشاشلا زومىگەر بولۇپ، بۇ يانفون بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، باھاسى ئىزىچىل ھالدا 4000 يۇەن ئەتراپىدا داۋاملاشقان بولۇپ، نەچچە ئايدىمۇ ئىزچىل ھالدا چۈشمەي كەلگەنىدى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، Note 2 يانفونىنىڭ بىر مەزگىل مال بىلەن تەمىنلىشى قىس بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تېخى ئۇنىڭ باھاسى 4100 يۇەنگىمۇ ئۆرلەپ كەتكەنىدى. Note 2 يانفونىنىڭ باھاسىنىڭ بىر ئاز بوشىشى بولسا 3-ئايدىن باشلانغان بولۇپ، باھاسى بارا بارا تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى سېتىلىش باھاسى 3250 يۇەنگە چۈشۈپ قالغانىدى. بەزى يانفون تىجارەتچىلىرى تېخى يېقىندا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن باھانى ئېلان قىلغان.
بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق پارامېتىرى
ئېكران چوڭلۇقى:5.5 دىيۇم
سېزىمچانلىقى:1280x720 پېكسىل
بىر تەرەپ قىلغۇچىسى: سامسۇڭ تۆت يادرولۇق Exynos 4412
ئىچكى سىغىمى:2GB
ساقلاش بوشلۇقى:16GB
كامىراسى:8 مىليون پېكسىل
مەشغۇلات سېستىمىسى: Android
باتارىيە توك سىغىمچانلىقى:3100mAh
ھازىرقى باھاسى:3250 يۇەن
|
|