ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 170|ئىنكاس: 4

تاۋباۋدا دۇكان ئاچماقچى بولغانلار(چوقۇم كۆرۈڭ)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
55
تىللا
64
شۆھرەت
74
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 03:57:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئېچىشتىكى بىرىنچى قەدەم، ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش

تاۋباۋدا ئالدامچىلار ناھايىتى كۆپ، ئۇلار مەخسۇس يېڭىدىن سودىغا كىرىشكەن دۇكاندارلارغا كۆز تىكىپلا تۇرىدۇ. سىز دۇكان ئاچقان بىرىنچى كۈنىلا بىرەرسى دۇكىنىڭىزدىن، تىلىفونغا پۇل قاچىلىشى ياكى  QB (چ چ پۇلى) قاچىلىشى مۇمكىن. سىز بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولۇپ، خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ. ئۇ ئىنىقلا  %95 ئالدامچى بولۇپ ، سىزگە بىر ئۇلىنىش ئادىرىسىنى ئەۋەتىدۇ،  ئۇ ئەۋەتكەن ئۇلىنىش ئادىرىسى ئالدامچىلار ياساپ چىققان بېلىق تۇتىدىغان تور بېكىتى بولۇپ، سىز ھەرگىزمۇ قىزىقىپ چېكىپ سالماڭ. چەكسىڭىز ھېساب نومۇرىڭىز ئاسانلا  ئوغرىلىنىپ كېتىدۇ، پۇل تۆلەش گۆھىرى ئىچىدىكى بارلىق پۇلىڭىزنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ. ھەر قانداق ناتونۇش ئادەم  ئەۋەتكەن ئۇلىنىش ئادىرىسىنى چەكمەڭ . قەتئىي ئېسىڭىزدە بولسۇن!!!

يېڭىدىن ئېچىلغان دۇكانلاردا، دەسلەپكى نەچچە كۈن ئىچىدە ھەقىقىي مال سېتىۋىلىش  مەقسىتىدىكى خېرىدار ھەرگىزمۇ ئاكتىپلىق بىلەن سىزنى ئىزدەپ، پۇل قاچىلىمايدۇ ياكى دۇكىنىڭىزدىن مال سىتىۋالمايدۇ، كەلگەن تۇنجى خىرىدارنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ. بىز دەسلەپكى مەزگىلدە تەييارلىقنى ياخشى قىلىشىمىز،  ھەرگىزمۇ دۇكان ئاچقان ئايدىلا ئايلىق كىرىمنى نەچچە مىڭ يۈەن قىلىشنى ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش، تاۋباۋدا دۇكان ئېچىشتىكى بىرىنچى قەدەم ھىسابلىنىدۇ. ئالدىنىپ قالغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق.

ئالدامچىلار بىر قېتىمدىلا 10 دانە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مال بۇيرۇتۇپ، ئۆزلىرى ئالدىن تەييارلىۋالغان  فوتوشۇپ PS شەكلىدىكى بىر پارچە رەسىمنى ئىشلەپ، پۇل تۆلەپ بولغانلىق ئىسپات رەسىمنى تەييار قىلىپ سىزگە ئەۋەتىدۇ، سىزگە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى دېسە ياكى خەت ساندۇقىڭىزغا ئەۋەتسە (ھەممىسى يالغان)، سىز سېتىلىپ بولغان تاۋارلار《已卖出的宝贝》 بېتىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ ، ھەقىقىي پۇل تاپشۇرغان تاپشۇرمىغانلىقىغا قاراپ چىقىڭ.
ئىككى يىل مۇقەددەم مەن تاۋبادا دۇكان ئاچقان تۇنجى كۈنۈم مۇشۇ ئەھۋالغا يولۇقۇپ،ئالدانغان، بىر قىسىم پۇللىرىم نامەرتلەرگە يەمچۈك بوپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭدىن كىيىن مەنمۇ موللا بوپ كەتتىم، نەپ چىقمىغان يەردىن ئالدامچىلارمۇ زىرىكتى بولغاي....
    سىز ھوشيار بولىشىڭىز كېرەكمۇ يوق!!!
ئومۇملاشتۇرغاندا، بىرلا قېتىمدا 100 يۈەنلىك مالدىن 10 نى بۇيرۇتقان بولسا جەزمەن يالغان، تاپشۇرغان پۇلى 100 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئالدامچى. سودا پۇرسىتى كەلگەن تەغدىردىمۇ، ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك. بىزدىكى يۇمشاق دېتال ئاپتوماتىك پۇل قاچىلايدۇ، بىز پەقەت تەلەپ بويىچە ئاپتوماتىك پۇل قاچىلاش ئىقتىدارىنى ئىچىپ قويساقلا بولىدۇ. قولدا مەشغۇلات قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. يېڭىدىن دۇكان ئاچقان دۇكاندارلار قولدا مەشغۇلات قىلىپ پۇل قاچىلاپ بىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
سودا خاتىرىسىگە ئېنىق قاراپ چىقىش، سېتىلغان تاۋارلار قاتارىدىكى ئېنىق ھالەتنى كۆرۈپ، خېرىدارنىڭ پۇل تاپشۇرغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن مالنى سېلىپ بېرىش كېرەك.( خېرىدار پۇل تاپشۇرغان بولسا، مال سېلىشقا كۆرسەتمە بېرىلىدۇ.) ئەگەر خاتالىشىپ قېلىشتىن  ئەنسىرىسىڭىز، بىۋاستە ھالدا  «سېتىلىپ بولغان تاۋارلار» ــــ « مال سېلىشنى كۈتىۋاتىدۇ»دىگەن يەرگە قاراڭ. پەقەت مۇۋاپپىقىيەتلىك پۇل تاپشۇرۇلغان  سېتىش تالونى بۇ يەردە كۆرىنىدۇ.
پۇل تاپشۇرۇلغان تاپشۇرۇلمىغانلىقىنى قانداق كۆرگىلى بولىدۇ؟
«دۇكاندارمەركىزى» 《卖家中心》 ـــــ «مەن دۇكاندار»《我是卖家》 ـــــ «سېتىلغان تاۋارلار»《已卖出的宝贝》 دىگەن يەرنى چېكىڭ.





شۇ يەردە سودىلىشىش ھالىتىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر «خېرىدارنىڭ پۇل تاپشۇرىشىنى كۈتىۋاتىدۇ»《等待买家付款》 دىگەن رامكا كۆرۈنسە، تېخى پۇل تاپشۇرۇلمىغان بولىدۇ.




    «خىرىدار پۇل تاپشۇرۇپ بولدى»《买家已付款》 دېگەن رامكا كۆرۈنسە،   «خىرىدار پۇل تاپشۇرۇپ بولدى» 《买家已付款》 دېگەن رامكىنىڭ ئاسىتىدا كۆك رەڭدىكى «مال ئەۋەتىش» 《发货》دېگەن كۇنۇپكىنى كۆرىسىز. پۇل تاپشۇرۇپ بولغان، «مال ئەۋەتىش» كۇنۇپكىسى كۆرۈنگەن ھالەت پۇل تاپشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.




دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1.ئەمدىلا دۇكان ئېچىشىڭىزغا بىرەرسى سىزدىن نەچچە يۈز QB (چ چ پۇلى) ياكى نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭ يۈەن تىلىفۇن پۇلى قاچىلىماقچى بولسا، ئۇ چوقۇم ئالدامچى، ئۇنى بىۋاستە قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋىتىڭ! ياكى ياقتۇرغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بىردەم ئوينىشىپ گەپكە سالسىڭىزمۇ بولىدۇ.   

2.يۇمشاق دېتالغا كەلسەك، سىزگە ئۇلىنىش شەكلى ئەۋەتىلگەن بولسا، ھەرگىز چەكمەڭ. ۋىرۇس بولمىغان تەغدىردىمۇ چوقۇم بېلىق تۇتىدىغان تور بېكىتى (ئاتالغۇنى چۈشىنەلمىسىڭىز بەيدۇدىن钓鱼网站 دەپ ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.)

3.ئۇ سىزنى ئەرز قىلىمەن دېسە قورقۇپ قالماڭ، ئالدامچىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق نەيراڭۋازلىق قىلىدۇ. دەرھال قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋىتىڭ، سودىلىشىشنى رەت قىلىڭ، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ، ئۇ سىزنى ئەرز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ، قانداقلا ئىش يۈز بەرسە تاۋباۋ ساقچىلىرىنى ئىزدەڭ، ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىپ قويىمەن دەپ نوچىلىق قىلماڭ.

4 .باشقىلارغا ئىشىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمى ۋە خەت ساندۇقىنى ئەۋەتىپ بەرمەڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز پەقەت ئۆزىڭىز سېتىپ چىقارغان تاۋارلارنىڭ ھالىتىنى كۆرسىڭىزلا بولدى، سېستىما ئاپتوماتىك مەشخۇلات ئىلىپ بارالايدىغان بولۇپ، قولدا مەشغۇلات قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىز دىيىشكە تېگىشلىك سۆز، ياخشىمۇ سىز، سىز سىتىۋالماقچى بولغان تاۋارغا پۇل تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن سېستىما سىزگە ئاپتوماتىك مال ئىۋەتىدۇ، دىسىڭىزلا بولدى.

5.دۇكان ئاچقان دەسلەپكى مەزگىلدە نۇرغۇن ئالدامچىلارغا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ھېچقىسى يوق ھۇشيار بولسىڭىزلا بولىدۇ.

مەنبە :
تورسودا مۇنبىرى       تورسودا بىلوگى

تورسودا بىلىملىرى جەمگاھى      [color

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
932
تىللا
982
شۆھرەت
1471

تۆھپە ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 10:10:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  سىزگە  يېڭى  بىلىمكەن  بۇ  ؟  

Rank: 4

تۆھپە
127
تىللا
288
شۆھرەت
233
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 13:23:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كۆپ رەخمەت جۇمۇ ياخشى تىماكەن بۇ يەنە موشۇنداق تىما بولسا كۆپرەك يوللاپ تۇرغايسىز

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
55
تىللا
64
شۆھرەت
74
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 14:56:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
asaddulla يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 13:23
سىزگە كۆپ رەخمەت جۇمۇ ياخشى تىماكەن بۇ يەنە موشۇنداق ت ...

سىزگىمۇ رەھمەت قىرىندىشىم، ئاللا خالىسا يەنىمۇ ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرىمەن
تورسودا بىلىملىرى جەمگاھى      [color

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
364
تىللا
320
شۆھرەت
533
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 18:33:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىمىكەن بۇ . ئىھتىيات قىلايلى قېرىنداشلار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-27 12:21 , Processed in 0.061413 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش