Ghost دىگەن نېمە ؟
Ghost (ئەرۋاھ) يۇمشاق دېتالى بولسا ئامرىكا symantec شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان قاتتىق دېسكا ئۇچۇرلىرىنى زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرالى بۇلۇپ، FAT16، FAT32، NTFS قاتارلىق نۇرغۇنلىغان فورماتتىكى دېسكا رايۇنلىرىنى قوللايدۇ. ئۇنى يەنە كېلونلاش دېتالى دەپمۇ ئاتايمىز. كېڭەيتىلگەن نامى .gho بۇلىدۇ.
Ghost نى قاچىلاش ۋە قوزغىتىش
ghost يۇمشاق دېتالى ئاساسەن Dos مۇھىتىدا ئېجرا بۇلىدىغان بۇلۇپ، ئېجرا ھۆججىتىنى بارماق دېسكىغا ياكى ئوپتىك دېسكىغا قاچىلاپ، كومپيوتېرنى قوزغىتىش دېسكىسى ئارقىلىق Dos مۇھىتتا قوزغىتىپ ئېجرا قىلساق بۇلىدۇ.
قوزغالغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈش:
كۆزنەكتە ok باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكى بىر قاتار تىزىملىك كۆرۈنىدۇ، تىزىملىكى خەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاستىدىن ئۈستىگە سانىغاندا Quit (چېكىنىش) ، Options (تاللاش) ، Peer to Peer (نوقتىدىن نوقتىغا، يەنى تور ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ) ، Local (يەرلىك كومپيوتېر دېسكىنى كۆرسىتىدۇ).
بىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغىنىمىز Local تىزىملىكى بۇلۇپ، بۇ تېزىملىكتە 3 دانە تارماق تىزىملىك بار، ئۇلار Disk (پۈتكۈل قاتتىق دېسكىنى زاپاسلاش ياكى ئەسلىگە قايتۇرۇش) ، Partition (دىسكا رايۇننى زاپاسلاش ياكى ئەسلىگە قايتۇرۇش) ، Check (قاتتىق دېسكىنى تەكشۈرۈش) بۇلۇپ، بىز ئالدىنقى ئىككى تۈرىنى كۆپرەك ئىشلىتىمىز.
بۇ دېتالدا كۆپ ئۇچرايدىغان بەزى ئېنگىلىزچە سۆزلىكلەرنىڭ مەنىسى بىلىۋالايلى: Disk (قاتتىق دېسكا)، Partition (دېسكا رايۇنى)، Image (زاپاس ھۆججەت، يەنى كېڭەيتىلگەن نامى .gho بولغان ھۆججەت)، To ( مەلۇم ئورۇنغا زاپاسلاش )، From (زاپاس ھۆججەتتىن ئەسلىگە قايتۇرۇش). تۆۋەندە بۇ ئىككى تۈر ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ ئۆتەيلى: 1. Partition تىزىملىكى بىلەن تونۇشۇش
ghost-Partition
رەسىمدە كۆرسىتلگەندەك Partition تىزىمكتە 3 دانە تارماق تىزىملىك بار، ئۇلار: 1) To Partion : مەلۇم دېسكا رايۇنى (ئادەتتە مەنبە رايۇن ياكى 源分区 دەپ ئاتايمىز) نى يەنە بىر رايۇن (نېشان رايۇن ياكى 目标分区 دەپ ئاتايمىز) غا بارلىق ئۇچۇرلىرىنى كۆچۈرۈش. (نېشان رايۇننىڭ سىغىمى چوقۇم مەنبە رايۇننىڭ سىغىمىغا تەڭ ياكى ئونىڭدىن چوڭ بۇلۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ)
2) To Image : مەلۇم دېسكا رايۇنى (ئادەتتە مەنبە رايۇن ياكى 源分区 دەپ ئاتايمىز) نىڭ زاپاس ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىش.
3) From Image : زاپاس ھۆججەت (بۇرۇن زاپاسلاپ قويغان كېڭەيتىلگەن نامى .gho بولغان ھۆججەت) ئارقىلىق دېسكا رايۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
2. Disk تىزىملىكى بىلەن تونۇشۇش
رەسىمدە كۆرسىتلگەندەك Disk تىزىمكتە 3 دانە تارماق تىزىملىك بار، ئۇلار: 1) To Disk : مەلۇم قاتتىق دېسكا (ئادەتتە مەنبە دېسكا ياكى 源硬盘 دەپ ئاتايمىز) نى يەنە بىر قاتتىق (نېشان دېسكا ياكى 目标硬盘 دەپ ئاتايمىز) غا بارلىق ئۇچۇرلىرىنى كۆچۈرۈش. (نېشان قاتتىق دېسكنىڭ سىغىمى چوقۇم مەنبە قاتتىق دېسكىنىڭ سىغىمىغا تەڭ ياكى ئونىڭدىن چوڭ بۇلۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ)
2) To Image : مەلۇم قاتتىق دېسكا (ئادەتتە مەنبە دېسكا ياكى 源硬盘 دەپ ئاتايمىز) نىڭ زاپاس ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىش.
3) From Image : زاپاس ھۆججەت (بۇرۇن زاپاسلاپ قويغان كېڭەيتىلگەن نامى .gho بولغان ھۆججەت) ئارقىلىق قاتتىق دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
دەرسلىك فېلىم ئىشلىنىۋاتىدۇ، پات ئارىدا تولۇقلاپ يوللىنىدۇ ….
مەنبەسى: http://www.qeyser.biz/?p=441 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا keysarjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-4 22:50
|