- توردا
- 137 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-26
- تىزىملاتقان
- 2012-2-21
- شۆھرەت
- 1994
- تىللا
- 1005
- تۆھپە
- 1183
- ھوقۇقى
- 80
- جۇغلانما
- 6650
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 474
- تېما
- 111
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 3948
- تۆھپە
- 1183
- تىللا
- 1005
- شۆھرەت
- 1994
|
بەش مىسقال زەنچىۋىلنى يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ ، قارا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچكۈزسە ، بالىلارنىڭ دىمى سىقىلىش (كۆكيۆتەل) قا مەنپەئەت قىلىدۇ .
* بىر باش پىيازنى ئاقلاپ، يەنچىپ ، ئۈچ مىسقال شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن بىر سەر قايناقسۇ قويۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۇدا ئىككى كۈن ئىچكۈزسە، بالىلارنىڭ يۆتىلىگە ۋە دىمى سىقىلىشىغا تېز مەنپەئەت قىلىدۇ .
* ئاخشىمى يىغلاپ ئۇخلىمىغان بالىلارنىڭ كىندىكىگە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر چىمدىم پەمىل چاينى چايناپ چاپلاپ ، داكا بىلەن ئوراپ قويۇپ ، ئەتىسى ئېلىۋەتسە بولىدۇ .بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، بالىلار كېچىسى يىغلىمايدىغان بولىدۇ .
* بىرتال سۇڭپىياز يىلتىزىنى ئېزىپ ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بالىلارنىڭ كىندىكىگە چېپىپ، داكا بىلەن تېڭىپ ، ئەتىسى ئېلىۋەتسە بولىدۇ ، بۇ ئۇسۇلنى 4 _ 5 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە بالىلار كېچىسى ئورنىغا سىيمەيدىغان بولىدۇ .
* بىر باش سامساقنى پوستى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈپ، يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئۇنىڭغا شېكەر سېلىپ ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئىچكۈزسە ، بوۋاقلاردىكى ئىچى سۈرۈش، قورسىقى كۆپۈشنى داۋالايدۇ .
*توخو تاشلىقىنىڭ ئىچكى سېرىق پەردىسىنى يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ پىشۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم تاماقتىن بۇرۇن يەپ بېرىشنى ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرسا ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ
|
|