ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 132|ئىنكاس: 3

5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

muhpul 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
751
تىللا
1767
شۆھرەت
1788

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت داڭدار پىداكار تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 20:12:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار !

2873661720110505215657086.jpg


ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى
«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» تەبرىكلىنىدۇ.



تېمىسى:ئورتاق مەدەنىيەت ئورتاق خۇشاللىق
题目:共同的文化 共同的欢乐
Subject: Same Culture Same Merriment
يىتەكچى ئىدىيە: «مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات»
主导思想:文化与发展
Guiding Cogitation: Culture and development
ئوتتۇرىغا قويغۇچى: تاھىر ئىمىن



doppa.jpg


ئۇيۇشتۇرغۇچى :شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى ،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتتۇتى ،شىنجاڭ مەدەنىيەت
قوللىغۇچى ئورۇنلار : شىنجاڭ دەرمان سودا چەكلىك شىركىتى، ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ فۇرقان بىئو-پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى
قانۇنى مەسلىھەتچى :ياسىنجان تەلئەت

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى قوللاپ مەدەت بەرگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر:
-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى:

1-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى غەيرى ماددى مەدەنىيەت قوغداش ئشخانىسى
2-شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەتلەر فولكلور تەتقىقات مەركىزى
3-شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى


جامائەت ئەربابلىرى:
مىجىت ناسىر،ئىمىن تۇرسۇن،ئسلامجان شىرىف ،ئابدۇقادىر جالالىدىن .

تەتقىقاتچى خادىملار:
ئابدۇكىرىم راخمان،ئابدۇبەسىر شۇكۇرى ،راھىلە داۋۇت (دوكتۇر،ئاسپىرانىت يىتەكچىسى)،ھەسەنجان ئابلىز (دوكتۇر)،قاتارلىقلار

كارخانىلار :
شىنجاڭ دەرمان سودا چەكلىك شىركىتى،ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ فۇرقان بىئو-پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى.


يۇقارقى مەزمۇنلار گۇگىل تورىدىن ئىزدەپ تېپىلغان...





‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››ھەققىدە...





2009-يىلى 5-ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››ئىلتىماس قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سۆھبەتكە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەشەببۇس قىلغۇچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-فولكلور تەتقىقاتچىلىرى (تەتقىقاتچى ھەم جامائەت ئەربابى –ئىمىن تۇرسۇن، ژۇرنالست ۋە ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى ئسلامجان شرىپ بەشكىرەمى ،دوكتۇر يىتەكچىسى ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ئابدۇبەسر شۈكۈرى ، يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات پىروففىسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى،دوكتۇر، دوتسنېت ھەسەنجان ئابلىز، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتچىسى ئالىم يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق قاتارلىقلار )، فۇرقان شىركىتىنىڭ سابىق دېرىكتورى (مۇھەممەد ئەمىن)، دەرمان شېركىتى دېرىكتور ئابلاجان ۋە ئىزچىلار شېركىتى ۋەكىللىرى، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى›› پىدائىيلىرى قاتنىشىپ، دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مىللىي ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيتى ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى ، تەشۋىقات چارىلىرى ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ماددى مەدەنيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات ئشىخانىسى ۋە شنجاڭ ئۇنىۋىرسېتىتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى مۇناسۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە تەتقىقاتچىلار يوليورۇق بەردى.


سۆھبەت «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى»نىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە تارىخىي قىممىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلىنىپ،«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى» نى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىش چارىسى ۋە دوپپا مەدەنىيتىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھمىيتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا قىزغىن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سۆھبەتتە يەنە «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى تەپسلىي ئۇسۇللار ۋە بۇ ھەقتە ئشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسى تونۇشتۇرۇلدى.


«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نىڭ تەشەببۇسچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى 2007-يىلىدىن بۇيانقى دوپپا مەدەنىيىتى، دوپپا قول-ھۈنەر سەنئىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت تۈرىگە ئىلتىماس قىلىنىش ئەھۋالى، ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى غەيرى ماددى مەدەنىيەتلەرنى قوغداش تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ يېقىندىن بۇيان قوللىغان خىزمەتلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئەل ئارىسدىكى ئىجتىمائىي بايرام سۈپىتىدە«دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» تەسس قىلىش لايىھەسنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق خوشاللىقى ئۈچۈن بىر ھەسسە قوشۇش ئۈمىدى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسلەتتى ۋە بۇنى قوللاپ كەلگەن رەھبەرلەر، تەتقىقاتچىلار، كارخانىچىلارغا سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۇردى.


سۆھبەتتە تەتقىقاتچى، جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى سۆز قىلىپ بۇ خىل يېڭىچە مەدەنىيەت ھادىسسنى مۇئەييەنلەشتۇردى ۋە ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان بۇ پائالىيەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ۋە يوليۇرۇقلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ۋە ياشلار ئارىسدا «دوپپا مەدەنىيىتى» ئېڭىنى كۈچەيتىشنىڭ توغرا ھەم ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا ئاپىرىن ئېيتتى.


«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى ژۇرنالىست ۋە مۇتەپەككۇر ئسلامجان شىرىپ بەشكىرەمى ئەپەندى «دوپپا مەدەنىيتى»نى ئاممىۋىيلىققا ئىگە قىلىشنىڭ ئاساسلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ «قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى»نىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىكى ئشلىگەن خىزمەتلىرى ئاساسىدا تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.


شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىن تەتقىقاتچى ۋە پىروففىسور ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى «دوپپا» دىن ئىبارەت بۇ بىر مۇكەممەل سېستىمىنىڭ باش-ئاخىرى ھەققىدە مەزمۇنلۇق پىكىرقىلىپ،«دوپپا مەدەنىيتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ، بارلىق مەدەنىيەت سۆيەر كىشنىڭ مەجبۇرىيتى، ئۇنى چوقۇم ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش، كەڭ ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشتۈرۈپ، جەمىئىيەت ئۈچۈن بىركىشلىك ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى، ئىقتىسادىي ئاساس، مەمۇرى يوليورۇق، تەشۋىقات ئەمەلىيتى ۋە ئىجراچى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر تۇتاش ھەرىكەتلىنىشى زۆرۈر» دەپ كۆرسەتتى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر قاتار كونكىرىت چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتېتى فىلولوگىيە ئنىستىتۇتىنىڭ پىروففىسورى ، تەتقىقاتچى، دوكتۇر يىتەكچىسسى ئابدۇبەسىرشۈكۈرى ئەپەندى «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى ھەرساھەنىڭ قەتئىي قوللىشى كېرەك بولغان خاسىيەتلىك چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشى ئىناقلىقى، تەرەققىياتى ،شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئشلىرى، مىللىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيتى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، غەيرى ماددى مەدەنىيەت تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۆزكۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


ئۇيغۇر كىيم-كىچەك تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ھەسەنجان ئابلىز بۇ ھەقتە تىخىمۇ كونكىرىت ۋە ئنچىكە بولغان ئىلمىي خىزمەتلەرنىڭ ئشلىنىشى كېرەكلىكىنى، دوپپا مەدەنىيتىنڭ پەقەت بىز كۆرىۋاتقان ئاددىي شەكىل ۋە جىسملا ئەمەس نۇرغۇن مەدەنىيەت، سەنئەت، پەلسەپىۋىي مەنىلەرگە، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھميەتلەرگە تويۇنغان بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىينكى تەتقىقات يۆنىلىشىدە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيتىنىڭ سالمىقى ھەققىدە توختالدى.


تونۇلغان مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي مائارىپىنىڭ تىنماس تۆھپىكارى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ھەقىقەتەن بۈيۈك مەدھىيەگە لايىق مەدەنىيەت تىپى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاستا-ئاستا جەۋلان بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دوپپا مەدەنىيتى» دىن ئىبارەت مىللىي تاشقى كىملىكنىڭ ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۇردى.


ئادۋوكات ،دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ قانۇنى مەسلىھەتچىسى ياسىنجان تەلئەت«دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تەكىتلىدى ۋە بارلىق ئاممىۋىيلىققا ياتىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسىغا دائىر قانۇن ۋە سىياسەتلەر ھەققىدە سۆز قىلدى.


شۇ قېتىمقى چاي سۆھبىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەمەلىي قوللىغان شىنجاڭ فورقان بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتۇرى مۇھەممەت ئەمىن ئەپەندى دوپپا مەدەنىيتىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن شەخس ۋە كارخانىلارنىڭ ئەمەلى كۈچ بىلەن قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شىنجاڭ دەرمان چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئابلاجان ئەپەندى «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى ئەل ئارىسدىكى بايرامدىن يەنە بىر دەرىجە كۆتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ«نان مەدەنىيىتى بايرىمى» نى تەستىقلىتىش جەريانىنى تونۇشتۇردى.


بىر قانچە داڭلىق تور بىكەت مەسئوللىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ مەدەنىيەت پائالىيتىنى پائال تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۈرۈمچى نشان ئېلانچىلىق چەكلىك شىركىتى ئېلان ۋە لايىھە ئشلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەرجىمە باشقارمىسىدىن تۇرغۇن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، شىنجاڭ مىللىي بىڭتۈەن سفەندىن زاكىرجان مىجىت سىددىق ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسى 5-قانال ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىدىن ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى ، شىنجاڭ گۈلقەقە يىمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى مۇھەممەت رىشات ھاجى ئەپەندى، ئىزچىلار سودا شىركىتىدىن بەختىيار، شىنجاڭ سىرتىق باسمچىلىق شېركىتىدىن ئادىل ئالىم توغراق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 21-باشلانغۇچ مەكتەپتىن نۇرمۇھەممەت ئىمىن كۈنقۇت، ۋىيخۇلىياڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىۋىدىن تۇرسۇنجان ئابلىمىت قاتارلىق ياش ۋە ئوتتۇرا ياش قوللىغۇچىلارمۇ قاتناشتى ۋە پىكىر بايان قىلدى.


مەزكۇر پائالىيەت جۇڭگو مەركىزى خەلق رادىئو ئستانسسنىڭ جۇڭگوغا نەزەر پىروگراممىسى ۋە شۇ چاغدىكى كۆپ قىسم ئۇيغۇرچە يىتەكچى تور بېكەتلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسغا تارقىلىپ، ئۇيغۇر تاشقى كىملىكى ۋە مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇشبۇ ئۇچۇردىن كۆپچىلىككە ئۈمىد ئىلىپ كەلدى. شنجاڭ تىلىۋىزىيە ئستانسسنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى باشتىن-ئاخىر ‹‹دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››نى ئۆز پىروگراممىلىرىدىكى مىللى ئەنئەنىگە بولغان يېقىنلىق ۋە ئۆزلىرى دوپپا كىيش بىلەن ،‹‹دوپپا مەدەنىيتى›› ھەققىدە مەخسۇس پىروگىرامما ئىشلەش بىلەن قوللىدى.


2010- يىلىغا نەزەر

دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى تەشۋىقات خىزمەتچىلىرى ۋە 2009-يىلىدىكى پائالىيەتتىن زەرەتلەنگەن ‹‹خالىس ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىدائىيلىرى›› تۈرتكىسدە ئايرىم كارخانا،شەخس،مەكتەپ قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇنلار «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى تەبرىكلەشتى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىدائىيلىرى گەرچە سانى ئاز بولسىمۇ،ساپ نىيىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن ئېغىزچە تەشۋىقات،تور ماتېرىيالى يوللاپ بىرىش،قىسقا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دوپپا بايرىمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچىدى. بىيجىڭدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەشتى. ئانا يۇرتىمىزدا تور ئۈزۈلگەن چاغلاردا ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىردىنبىر خۇشاللىق ۋە ئۈمىد يېلىنجىسى ئۆزلىرىنىڭ مىللى كىملىكىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىردىنبىر ۋاستىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» بولغانلىقىنى دوستلار ھاياجان ئىچىدە تىلغا ئىلىشتى،ئەسلەشتى. شنجاڭ مالىيە ئېقتساد ئۇنىۋېرسىتېتى، شنجاڭ قەشقەر توققۇزاق ناھىيە ئاۋات ئوتتۇرا مەكتىۋى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى دوپپا كىيشپ ،دوپپا بايرىمىنى ئەڭ مەنىلىك ھالدا تەبرىكلەشتى. ئۈرۈمچى گۈلقەقە ئارامگاھى بارلىق ئشچى-خىزمەتچىلىرى ، ئۈرۈمچى ئەزھەر تېخنىكا مەكتىۋى، ئۈرۈمچى ئنتىلىش تېخنىكا مەكتىۋى مەسئۇللىرى دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەشتى. غۇلجا شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئىلغار ياشلار دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى ئۇيغۇر مەدەنىيتى ھەققىدە ئويلىنىش، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش بىلەن تەبرىكلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دوپپا كىيشىپ تەبرىكلەشتى ۋە پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى.


2011-يىلىغا نەزەر

2011 -يىلى دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ئوخشاشلا شەخس، كارخانا ئورۇن ۋە ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ئەل ئارا ئىجتىمائىي ۋە ئىختىيارىي بايرام شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەممە كىشى ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ياتىدىغان، مىللىي كىملىكىنى، مىللىي قىممەت قارىشىنى ئىپادە قىلىدىغان خاسلىقلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇيغۇر ئەقىلدارلىرى داۋاملىق بۇ كۈننى «ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش كۈنى-يەنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» قىلىشقا قانۇنىي كاپالەت ئېلىش ئۈچۈن تىرىشسا، كەڭ جەمئىيەت ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ھازىرلاش ئۈچۈن تىرىشىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.


مەنبە : مىسرانىم مۇنبىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhpul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 18:13  

بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى ، ئەسكى تامنىڭ قىشلىرى ...

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
359
تىللا
993
شۆھرەت
768
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 21:17:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار  قىلغىنىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
361
تىللا
315
شۆھرەت
527
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 21:49:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار خەلقئارالىق ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1178
تىللا
994
شۆھرەت
1982

ئاكتىپ تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 00:30:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا بارا-بارا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى ئومۇملاشسىكەن .. ئەسلىدىنغۇ بۇ ھەممىسى قانۇنلۇق مەدەنىيەت ئىدى .
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغانلىقىدىن،ئىسلامنىڭ دىنىم بولغانلىقىدىن،مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبىرىم بولغانلىقىدىن مەمنۇنمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-22 12:47 , Processed in 0.065079 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش