يېقىندا كومپىيۇتۇرۇمدىكى بىر يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان Segati ماركىلىق 500 جىلىق قاتتىق دېسكام توشۇپ كەتكەنلىكتىن ئۇنى 1TB لىق يېڭى قاتتىق دېسكىغا ئالماشتۇرماقچى بولدۇم. ھەمدە يېڭى قاتتىق دېسكىغا سېستىما قاچىلاپ كومپىيۇتۇرۇمغا سالدىم. ئاندىن ئەسلىدىكى 500جىلىق قاتتىق دېسكامدىكى ماتىرياللىرىمنى يېڭى دېسكىغا كۆچۈرىۋېلىش مەخسىدىدە ئۇنىمۇ كومپىيۇتۇرۇمغا سېلىپ قوزغاتسام كومپىيۇتۇرۇم يېڭى قاتتىق دېسكىدىن نۇرمال قوزغالدى. شۇنىڭ بىلەن كونا قاتتىق دېسكىدىكى ماتىرياللىرىمنى يېڭى قاتتىق دېسكىغا كۆچۈرۈش مەشخۇلاتى ئېلىپ باردىم. ماتىريال كۆچۈرلىۋاتقان چاغدا كەچ بولۇپ كېتىپ ئەتىسى يەنە شۇ كۆچۈرۈش مەشخۇلاتىنى قىلىش ئۈچۈن كومپىيۇتۇرۇمنى قوزغۇتۇپ تۇرسام تۇيۇقسىز توك كېتىپ قالدى.(توك كەتكەن چاغدا تېخى ئوقۇش،يېزىش مەخۇلاتى قىلىنمىغان ئىدى).شۇندىن كېيىن كومپىيۇتۇرۇمنى قوزغاتسام كومپىيۇتۇرۇم نۇرمال سېستىمىغا كىرەلمىدى. كېيىن Winpe دىن قوزغۇتۇش... قاتارلىق بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى سىناپ باققان بولساممۇ يەنىلا كومپىيۇتۇرۇمنى قوزغىتالمىدىم. كومپىيۇتۇرۇم يېڭى قاتتىق دېسكىدا پۈتۈنلەي نۇرمال. كونا قاتتىق دېسكىدا زادىلا قوزغالمايدۇ. لىكىن يېڭى ۋە كونا 2 دېسكىنى بىرلەشتۈرۈپ سالسام كومپىيۇتۇرۇم يېڭى دېسكىدىن تەستە قوزغىلىدۇ، يېڭى ۋە كونا دېسكىدىكى بارلىق رايۇنلار كۆرىنىدۇ. كونا دېسكىدىكى رايۇنلارنىڭ سىغىمىنىمۇ ئۆلچەپ كۆرگىلى بولىدۇ،لىكىن كونا دېسكىدىكى ھەرقانداق بىر رايۇننى زادىلا ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ دېسكىنىىڭD ۋە G رايۇنىدا رايۇنىدا 150 جى ئەتراپىدا بەك موھىم ماتىرياللىرىم بار ئىدى. شۇ ماتىرياللىرىمنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ھەممىدىن موھىم ئىدى. مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇققان دوسلار ۋە ئۇستازلار ياردەم قىلغان بولساڭلار. |