- توردا
- 59 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-22
- تىزىملاتقان
- 2011-7-2
- شۆھرەت
- 517
- تىللا
- 277
- تۆھپە
- 277
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 1666
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 78
- تېما
- 15
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 2542
- تۆھپە
- 277
- تىللا
- 277
- شۆھرەت
- 517
|
نۇرغۇن كىشىلەر تور بىكەت دىگەن نىمە؟ دەپ سۇئال سورىشىدۇ! جاۋابى ناھايتتى ئاددى، تور بىكەت دىگەن بىر يۇمشاق دېتال، شۇڭا توربىكەت قۇرۇشنىڭ ئۆزى يۇمشاق دېتال ياساشنىڭ بىر تۈرى.
شەخسى تور بىكەتلەرنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ توربىكەتكە بولغان كۆزقارشىنى ئۆزگەرتىپ قويغان، ئەمەلىيەتتە شەخسى توربىكەتلەر بىر رەسىم سىزىش تاختىسى خالاس، مۇئەييەن مەقسەتكە، مۇكەممەللىككە، كېڭىيىشچانلىققا ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرىلىدۇ.
سودا تىپىدىكى توربىكەتلەر بولسا بىر يۈرۈشلەشكەن يۇمشاق دېتال، بىر خىزمەت سۇپىسى، بىخەتەرلىككە، ئىزچىللىققا ئىگە بولغان بىر قۇرۇلما.
تورتىپىدىكى يۇمتاللارنىڭ قۇرۇلىشى ئاساسلىقى C/S ۋە B/S دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئوخشاش دىيىشكىمۇ بولىدۇ. C/S بولسا، Clien/Server نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى، بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان QQ ۋە MSN غا ئوخشاش تورتىپىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەمىنلەش توربىكەتلىرىدىن چۈشۈرۈپ، كومپىيۇتېرغا قاچىلاش ئارقىلىق ئابونت بۆلىكىدە ئاندىن ئىجرا بولىدۇ، مۇلازىمىتىر بۆلىكى بولسا چوڭ تىپتىكى مۇلازىمىتىر ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ قوللىشى ئاساسىدا بولىدۇ.
C/S تىپىدىكى سېستىمىلارنىڭ ئابونىت بۆلىكىدىكى كۆرنۈشى خۇددى بىر قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر تورغا يۈزلەنگە پروگىرامما، بارلىق خىزمەت قىلىش جەريانى تورئارقىلىق بولىدۇ.
B/S بولسا Brower/Server نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى، توركۆرگۈچتە ئىجرا بولىدىغان سېستىمىلار. بىز داۋاملىق كۆرۈپ كېلىۋاتقان بارلىق توربىكەتلەر. بىر پەقەت تور كۆرگۈچنى قوزغۇتۇش ئارقىلىقلا كۆرەلەيمىز. مەسىلەن: IE, Firefox, Opera قاتارلىق تور كۆرگۈچلەر. توربىكەت مۇلازىمىتىرى بولسا قوللىنىشچان مۇلازىمىتىر ۋە ساندان مۇلازىمىتىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ. B/S تىپىدىكى سېستىمىلارنىڭ ئابونت بۆلىكىدىكى كىرىش كۆزنىكى «ئىجادىيەت» بلوگىنىڭ ئەزالار كىرىش كۆزنىكىدەك بولىدۇ.
B/S تىپىدىكى سېستىمىلارنى ئابونتلار تور كۆرگۈچكە مۇناسىۋەتلىك ئادىرىسلارنى (URL) كىرگۈزۈش ئارقىلىق توربىكەت مۇلاىمىتىرىنى زىيارەت قىلىدۇ، ئاندىن توربىكەت مۇلازىمىتىرى ئابونتلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك نەتىجىنى Html ھالىتىدە ئابونتلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ، ئابونتلارنىڭ مەشخۇلاتى پۈتۈنلەي توركۆرگۈچ ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرقىسىم لوگىكىلىق مەشخۇلاتلار كۆرۈنمە بەتتە ئېلىپ بېرىلسا، يەنە بىرقىسىم ئاساسلىق ھېساپلاش مەشخۇلاتلىرى مۇلازىمىتىردا خىزمەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئابونتلار كومپىيۇتېرىنىڭ يۈكى يىنىكلەپ نۇرغۇن قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
B/S تىپىدىكى سېستىمىلار بولسا internet نىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ C/S تىپىدىكى سېستىمىلاردىن ئۆزگىرىپ چىققان ياكى تەرەققىي قىلىپ چىققان دىيىشكە بولىدۇ. B/S تىپىدىكى سېستىمىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى: ۋاقىت ئورۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. سىز پەقەت internet بار بولغان ئەھۋالدا خالىغانچە زىيارەت قىلالايدىغان، ئورتاقلىشىشچانلىقى يۇقىرى، يېڭىلىنىشى تىز، تەننەرخى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
توربىكىتىمىز ئاساسلىقى B/S تىپىدىكى سېستىمىلارنى ئاساس قىلىپ يازما ئېلان قىلىدۇ، ئەمما توربىكەت ياساشقا ھەرگىز سەل قارىماڭ، تور بىكەت پروگىراممىسى B/S تىپىدىكى سېستىمىلارنىڭ پەقەت بىر قىسىمى خالاس.
PHP ھەۋەسكارلىرى بلوگىدىن ئېلىندى
www.aliphp.com
تەۋپىق مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى تور-تېخنىكا گورۇپىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Sezgur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-17 12:28
|
-
3
باھا خاتىرىسى
-
|