ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 795|ئىنكاس: 7

قۇتبىلىك-يۈرەك سۆزۈم- مائۇسنى قولىمىزغا ئالايلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
256
تىللا
405
شۆھرەت
490

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان پىداكار داڭدار ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 13:07:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ DOS ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ Windows ﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻧﻪﻛﻠﯩﻚ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﯘﻕ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﯜﭺ -ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻞ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ XP,Vista,Win7 ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ،ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﭖ Xpﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺘﻰ، ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﻮﺩﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ Ubuntu ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ، ﺑﯘ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ Xp ﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﯗﻕ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ Ubuntu ﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯘﻧﻰ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻮﮒ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﯚﻟﯩﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺑﯩﻠﻮﮒ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻮﮔﺴﯩﭙﻮﺕ، ﺑﯩﻠﻮﮔﺒﯘﺱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻮﮔﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﻰ، ﻛﯩﻴﯩﻦ PJ ﺑﯩﻠﻮﮔﻘﺎ ﻛﯚﭼﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﯞﻭﺭﺩﭘﺮﯦﺴﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻠﻮﮔﮕﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻮﮒ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻭﺭﺩﭘﺮﯦﺲ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺩﺍ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ Ubuntu ﺋﯩﺸﻠﻪﺕ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ XP ﮬﺎﺟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ Xp ﻧﻰ ﺯﻭﺭﻟﯩﻐﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ Xpﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، Ubuntuﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭖ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰ.
ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﯧﯖﺸﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ، ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯘ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺪﺍ ﺗﻮﺭﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﻯ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ 10-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10- ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ Ubuntu ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺪﺍ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﻯ، ﻳﻪﻧﻪ ﮔﻮﮔﯧﻞ Chrome OS ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﯧﯖﯩﻼﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﮔﻮﮔﯧﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺪﺭﻭﻳﯩﺪ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ Chrome OS ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻰ ﮬﻪﻡ ﺗﯩﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻳﻪﻧﻪ IPV6 ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮﯓ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ،ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯧﺮﯨﺸﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ «ﺑﯘﻟﯘﺕ» ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻧﺪﺭﻭﻳﯩﺪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﺋﯜﺳﻜﯩﻨﻪ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ Web OS ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ «ﺑﯘﻟﯘﺕ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ  ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺳﺎﻗﻼﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺭ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯧﺘﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭ، ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺷﯘﻛﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘ «ﺑﯘﻟﯘﺕ» ﯞﻩ Web OS ﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻛﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯩﺪﻩﻙ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﻳﻮﻕ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﯘﺩﻩﻙ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﺑﺎﺭ ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﻤﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﻣﺎﯕﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﺎﮬﻪﮔﻪ ﺗﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺳﯘ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﺗﯘﻏﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﭼﻮﯓ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺗﺎ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ «ﺧﻪﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﺯ ﺋﯘﺧﻼﺵ» ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻣﺸﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﯞﯗﻣﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻥ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﮬﻪﻡ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،«ﺑﯘﻟﯘﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ» ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺗﯩﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﯩﺴﻪﻙ ﯞﻩ ﺋﯚﮔﻪﺗﻤﯩﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ، ﺑﯘ ﻣﻪﯞﮬﯘﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ «ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺭﻭﮬﻰ» ﺳﯘﺳﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺳﯘﻧﯘﻕ ﺑﯚﻟﯩﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ،ﺑﯘﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯘ «ﻣﻪﯞﮬﯘﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎ» ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺭﯨﻴﺎﺯﻩﺕ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﺩﻯ، ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﯩﺰ  ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﺴﺎﻕ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺗﻮﺭﺩﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ، ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯧﻴﯩﺪﺍﺵ ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺳﻪ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﮔﻪﻥ ﺩﯦﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ «ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ» ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﯘﺳﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯘﻧﯘﭘﻜﺎ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﯩﻨﻰ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺗﯜﻧﯩﻤﻪﻥ.
(ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﻮﮔﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ)

Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
13791
تىللا
18375
شۆھرەت
25085

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 14:03:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
... ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﯘﺩﻩﻙ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﺑﺎﺭ...

توغرا، بىزدە ھارماي- تالماي ئۆگۈنۈش ھەم ئۆز-ئارا ئۆگۈتۈش ئىمكانىيىتى بار.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
104
تىللا
174
شۆھرەت
159
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 15:14:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتبىلىك ئەپەندىمنىڭ تەشەببۇسى ئىنتايىن توغرا،سۈزىڭىز بەك تەسىر قىلدى.قۇلۇمدىن چوڭ ئىشلار كەلمىسىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىش كىلىدۇ.
قۇتبىلىك ئەپەندىمگە ھەم ئېنتىل تورىداماڭا ئوخشاش ھەۋەسكارلارنىڭ بىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان دوسلارگە رەخمەت.

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
302
تىللا
750
شۆھرەت
730

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 21:49:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قايسى خەت نۇسخىسىدا يېزىپ ئاندىن بۇيەرگە كۆچۈرۈلگەن تېما خەتلەر بەزى ھەرپلەر كاتەك كاتەكقۇ؟
100 كوي پۇل مۇكاپات
Dildar.cN تورنامى سىتىلىدۇ!
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2425
تىللا
2438
شۆھرەت
4521

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 22:23:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ، ﺑﯘ ﻣﻪﯞﮬﯘﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ «ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺭﻭﮬﻰ» ﺳﯘﺳﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺳﯘﻧﯘﻕ ﺑﯚﻟﯩﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ،ﺑﯘﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯘ «ﻣﻪﯞﮬﯘﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎ» ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺭﯨﻴﺎﺯﻩﺕ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﺩﻯ، ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﯩﺰ  ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﺴﺎﻕ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،

توغرا.ماڭىمۇ شۇنداق «سۇسلاپ قالغاندەك»بىلىنىۋاتىدۇ. باشقىنى دىمەي .مۇشۇ ئىنتىل سەيناسىنىلا مىسال قىلايلى.بۇرۇن قانداق ئىدى (ھازىرمۇ ناھايىتى ياخشى .بىراق بۇرۇنقى ھالىتىگە سېلىشتۇرساق ) بۇرۇن كۆڭلىگە ئۇلۇغ -ئارزۇ ئارمانلارنى پۇتكەن ئوغلانلىرىمىز يىغىلغان .ئەزالىرى ئۆگىنىشتىن -ئۆگىتىشتىن زېرىكمەيدىغان ،ئىنتىل دىسە ،تور ئەھلىنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان سەينا ئىدى .ھازىرمۇ شۇنداق تىرىشىۋاتقانلار بار ئەلۋەتتە .بىراق بۇرۇنقىدەك قىزىمايدىغان بولۇپ قالدى.
ئېسىمدە قالغانلاردىن بىر نەچچىسىنى ئاتاپ باقاي . بىزنىڭ «ئېينىشتىيىن » (نەزەرباي ) ئۇيازمىلىرى ھەر كۇنى دىگۇدەك بار ئىدى .
باھادىر ،دېھقان ئوغلى ....بۇلارنىڭ ئىشلىگەن دەرسلكلىرى ............
بىزنى زېرىكتۇرمەيدىغان ھارۇنكاممۇ ئۆزگەردى .بېشىدىكى دوپپىسىنى چۆرۇۋېتىپتۇ .دوپپىسى بولمىسا مەيلىغۇ ،بىزگە كېرىكى ئۆزى ئىدى .بىراق .........غىل -پال كۆرۇنۇپ قويۇپلا .....................

نىمىلا بولمىسۇن ئۆگىنىشكە ۋە ئۆگىتىشكە ئىشتىياق قىلغان مۇشۇ تورداشلىرىم ،مۇشۇ سەينا بولغاچقىلا كۆڭلۇم «خېلى »پۇتۇن .رەخمەت قېرىنداشلىرىم،رەخمەت ئىنتىل سەيناسى !!!!!
يەنىلا شۇ گەپ .تىرىشايلى .بۇرۇنقى شۇئار ھېلىھەم يادىمىزدا
                بىلگەننى دەڭ بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن
                            بىلمىگەننى سوراڭ بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن
ياخشىمۇ سىلەر قېرىنداشلار!!!
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-13 12:45:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىل، ئىنتىل، بىلىمگە ئىنتىل قىرىنداشلار!
uybag 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
84
تىللا
150
شۆھرەت
133
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-15 12:13:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ياخشى تىمىنى ئوقۇمىغلى ئۇزۇن بولۇپ كىتىپتۇ ،ئىنتىلنىڭ قايتىدىن ئىچلىشىنى قانچىلىك ئىتىزارلىق بىلەن كۈتكەن بولساق ،بۇرۇنقىدەك ھالەتكە كىلىشىنى شۇنچە ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىۋاتىمىز .

دەلىللەنگەن

ھەقىقەت

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
879
تىللا
4211
شۆھرەت
1357

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 00:58:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمگە ئىنتىلىدىغان ئادەملەر بىر قېتىم كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك تېما ئىكەن .
‹‹ ئىنتىل سەيناسى ›› ھەقىقەتەن بىر بىلىم باغچىسى ئىكەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-28 23:43 , Processed in 0.228196 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش