- توردا
- 32 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-10
- تىزىملاتقان
- 2010-7-29
- شۆھرەت
- 481
- تىللا
- 385
- تۆھپە
- 254
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 1697
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 96
- تېما
- 11
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 123
- تۆھپە
- 254
- تىللا
- 385
- شۆھرەت
- 481
|
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى(يا پانا!!!ئەسىر ھالقىغان ئادەملەر جۇمۇ بىز!!!) Sony دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيۇن ماشىنىسى بىر مەزگىل دەۋىر سۈرگەن ئىدى.كومپىيوتېردىن ئىبارەت بۇ مەخلۇق دىيارىمىزغا 2000-يىللاردىن كىيىن سىڭىپ كىرگەن بولغاچقا ئۇ چاغلاردا بۇ ئاجايىباتنى پەقەت بانكا قاتارلىق يۇقۇرى دەرىجىلك ھىسابات ئۇرۇنلىرىدا ئۇچرىتىپ قالاتتۇق.بىزدەك ئۇيۇن ھەۋەسكارلىرى بولسا ھەرسائىتىگە 3يۇەن تۆلەپ Sony دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيۇن ماشىنىسىدىن دەردىمىزنى ئالاتتۇق.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كومپىيوتېر تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىزنى كومپىيوتېر ئۇيۇنلىرى رەڭگا-رەڭ ئۇيۇن دۇنياسىغا باشلاپ كىردى.شۇنىڭ بىلەن 90-يىللاردا مۇدا بولغان Sony دىن ئىبارەت بۇ دوستىمىز بىزدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىششىقا باشلىدى.
يېقىندا خەنزۇچە تورلاردا بۇ ئۇيۇن ماشىنىسى توغرۇلۇق بۇلىۋاتقان بەس-مۇنازىرىلەرنى ئۇچىراتتىم ۋە بالىلىق چاغلىرىمدىكى شۇ ئەسلىملەرنىڭ قىزقتۇرىشى ئارقىسىدا بىردانە Sony ئاپاراتى تاپتىم.
توردا بۇ ئاپاراتنىڭ ئۇيۇنلىرنى تاپماق بىرقەدەر تەس ئىكەن.چۈنكى Sony شىركىتىمۇ بىكار تۇرماي بۇ ئاپاراتنىڭ2-،3- نۇسقىللىرىنى بازارغا ساپتۇ.بىزنىڭ ئوينغانلىرىمىز1-نۇسقىنىڭ ئۇيۇنلىرى بولغاچقا چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى خېلى ئۇزۇن ئىزدەشكە توغرا كەلدى.ئاخىرى توك ئىشەكتىن يىتەرلىك ئۇيۇن مەنبەسىنى تاپتىم.
ئادىرىسى:http://www.verycd.com/topics/47245/
بۇ ئۇيۇنلارنىڭ قىسقىچە كۈرۈنىشى:
توك ئىشەكنىڭ ماتىريال چۈشۈرۈش تىزلىكى دىگەندەك تىز ئەمەس!تاقەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.لىكىن بۇنىڭمۇ ئامالى بار ئىكەن.بۇ ھەقتە ئايرىم تىما يوللىنىدۇ.
ئەمدى ئۇيۇننى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن قانداق قىلىپ نۇر تەخسىگە ئۇيۇپ Sony ئاپاراتىدا ئويناش مەسىلىسى قالدى.مەن 百度,搜狗قاتارلىق ئىزدەش بىكەتلىرىدىن ماتىريال ئاقتۇرۇپ Nero,alcholقاتارلىق دىسكا ئۇيۇش يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ 刻录光盘映像ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ دىسكىغا ئۇيۇپ باقتىم. Sony ئاپاراتىغا بۇرۇن ئىشلەنگەن ئوپتىك كۆز ئىشلىتىلگەن بولغاچقا دىسكا ئۇقۇش تىزلىكىنى 8،ياكى16قىلىپ تەڭشەش كىرەك ئىكەن.مىنىڭ دىسكا ئويغۇچىمدا ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇنىڭغا تەڭشىيەلمىدىم.پەقەت24 تىنلا باشلىنىدۇ.شۇڭا ئويغان دىسكىلارنى Sony ئۇقۇيالمىدى.
بۇ تۈردىكى ئۇيۇنلارغا قىزقىدىغان تورداشلارنى بىلوگىمغا ھەمكارلىققا تەكلىپ قىلىمەن.ھازىرقى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە بۇ ھەقتە بىرمۇ تىما كۆرمىدىم.تەجرىبىسى بار تورداشلارنىڭ بىرلكتە ھەل قلىشىپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بلوگ ئادىرىسىم:http://marhaba11.blogbus.com/
ئاخرىدا تورداشلارنىڭ بۇرۇن يوللىغان ئاستدىكى تىمامنى ئۇقۇپ بېقىپ ياردەم بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
https://uyghur-archive.com/intil/home/thread-1195-1-1.html
|
|