- توردا
- 3 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-12
- تىزىملاتقان
- 2011-2-4
- شۆھرەت
- 120
- تىللا
- 96
- تۆھپە
- 89
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 447
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 22
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1586
- تۆھپە
- 89
- تىللا
- 96
- شۆھرەت
- 120
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇسىلەر!
مېھرىبان قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت : قېرىندىشىمىز ئەسقەرجان ياردەمگە مۇھتاج
ئاللاھ ھەر قىسمەت،تەقدىر بىلەن بىزنى سىناپ تۇرىدۇ. سەۋىر، ئىرادە، مۇھەببەت ئالدىدا ھەرقانداق مۈشكىلات بىزگە باش ئىگىدۇ. دوسلارنىڭ ياردىمى ۋە تەسەللىسى بىلەن ئىشلىرىمىز تېخىمىۇ ئاسانلىشىدۇ. ئاللا ھەممىمىزنىڭ ئىشنى ئاسان قىلىسۇن!
ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيسىنىڭ ئۈچقات بازىرىدا ھالال ھۈنەر كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئەمدىلا 22ياشقا كىرگەن ئەسقەر گايىت 2013يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بىر خېرىدارىنىڭ ئۆيىگە دەرۋازا بېكىتىپ بەرگىلى بېرىپ قايتىش يولىدا بەخىتكە قارشى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئېغىر دەرىجىدە يارلىنىپ ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 2- دوختۇرخانىدا ھۇشسىز يېتىۋاتىدۇ.
ئەسقەر گايىت كىچىكىدىنلا ئاتا-ئاناسىدىن يىتىم قالغان بولۇپ ئانىسى 5 ياش ۋاقتىدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ،دادىسى 15 ياش ۋاقتىدا قاتناش ۋەقەسى بىلەن تۇگەپ كەتكەن بولۇپ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ھىمايسىدە چوڭ بولغان. ئۆز تىرىشچانلىقىغا ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ ھۈنەر-كەسىپنىڭ ئىگىسى بولغان ھەمدە بەختلىك ئائىلە قۇرغان . يىتمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دىگەندەك تۇرمۇشى ئەمدىلا ئىزىغا چۈشكەن ئەسقەر گايىت قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ سەكراتتا ياتماقتا ! ھازىر ئۇنىڭ ھەركۈنلۈك داۋالىنىش خىراجىتى 10مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بۇلىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ تاپقان-تەرگىنى، مال-مۈلىكى، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ يىغىپ-تۆشىگىنى بولۇپ بارلىق پۇللار تۈگەپ ئۇنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىگە پەقەت ئامال بولمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يەڭگىش ئالدىدا تۇرغان ئايالى نىمە قىلارىنى بىلمەي تېڭىرقىماقتا! تېخى دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بالىسى دادىسىز قېلىش خەۋپى ئىچىدە تۇرماقتا! قېرىنداشلار بۇ ناتىۋانلارغا سېخى قوللىرىمىزنى سۇنۇپ قۇيايلى. يتىمنىڭ بالىسى يىتىم بۇلۇپ قالمىسۇن ! بۇ دۇنيا سېخىلارنىڭ قولى بىلەن تېخىمۇ گۈزەل ! قەلىبتىن قەلىبگە ،قولدىن قولغا تارقالغان زەررىچە نۇرلار يىغىلىپ بۇ كىچىككىنە ئائىلىگە يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئاللا ھەممىزنىڭ مۈشكىلىنى ئاسان قىلسۇن!
ئەسقەر گايىت ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 2-دوختۇرخانا تاشقى كىسەللىكلەر بىناسى 13-قەۋەت كۆزىتىش ئۆيى 8-كارۋاتتا جىددى قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى: سىيىت (بىمارنىڭ تاغىسى) 15099145262
ئايگۇل ئوسمان (ئايالى) 18699735580
بانكا كارتا نۇمۇرى : 6221888910005846376 (پوچتا بانكىسى)
6210082014933635 (يېزا ئامانەت قەرىز كوپراتىپى)
تەپسىلاتىنى ئەلنەزەر تور بېكىتىدىن كۆرۋالغايسىلەر!
http://www.alnazar.com/murajat/
|
|