ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 127|ئىنكاس: 1

ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
86
تىللا
121
شۆھرەت
109

تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 00:44:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت




رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ




جاپاكەش دىھقان ئاتا-ئانىلار ھال-كۈنىڭلار قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ قانداق بولۇشى ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋتلىك بولغاچقا بالدۇرراق ئۆزۈڭلار كۈتكەن تۇرمۇشقا يېتىشىڭلار مېنى ھەرۋاقىت ئويلاندۇرىدۇ.ئەمما شىنجاڭنىڭ ھەممە يىزىلىرىدا ئەمەس بەلكى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ  قىسمەن يىزىلىرىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشۇغا كۆڭۈل بولمەسلىكى ھەردەم بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ئازاپلايدۇ. پېقىر تۆۋەندىكىدەك كۈچلۈك بىر ئىلتىجا بىلەن ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا بۇ مۇراجىئەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.يۈرەك سۆزلىرىمنى يېقىندا بىر دىھقان ئاتا-ئانىنىڭ ئۆيىدە بولغان ئەھۋاللاردىن باشلاي:
  بىز ئوندەك ئوقۇتقۇچى مەكتەپكە كەلمىگىنىگە خېلى بولغان بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە ئائىلە سۆھبىتىگە باردۇق.ئۇنىڭ ئاتىسى بىزگە ئانچە خۇش چىراي ئېچىپ كەتمىدى.بىز ئۇنىڭغا بالىنىڭ ھازىرقى يېشىدا ئوقۇمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئائىلە قىىيىنچىلىقىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى، ئەمما بىلىمسىزلىك ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۇق.بىراق ئۇ «مېنى ئاتام ئوقۇتمىغان، ئاتامنىمۇ ئاتىسى ئوقۇتماپتىكەن، شۇڭا مەنمۇ بالامنى ئوقۇتمايمەن!» دەۋاتىدۇ.بىز يەنە بىر تالاي كاپىشىدۇق،بىراق ئۇ گەپلىرىمىزدىن ھىچ تەسىرلەنمىدى. قايسى بىر تىلىۋىزىيە ئىلانىدا «ئوقىغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ» دىيىلىدۇ.سەھرادىكى دادىلار قاچانمۇ مۇنۇ يىراقىنى كۆرەر دادىدەك دىيەلەيدىغان بولار؟! دىگەنلەرنى ئويلاپ پوق يىگەندەك بولۇپ ئۆيدىن چىقىتۇق.
يىزىلاردىكى ئەشۇ قەدىردان ئاتا-ئانىلار،ھازىر قىسمەن يىزا مائارىپىمىزدا ئەڭ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكى،ئوقۇغۇ چىلارنىڭ  مەكتەپكە كەلمەسلىكى بولىۋاتىدۇ.بۇنىڭغا كەڭ يىزا ئوقۇتقۇچىلىرى زور كۈچتە خىزمەت ئىشلەپ تىرىشىۋاتىدۇ.يەرلىك ھۆكىمەتلەرمۇ قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ مەكتەپكە جەلىپ قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ چارە-تەدبىر كۆرۇپ ھەل قىلىۋاتىدۇ.ئەمما دىھقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى، بىلىمگە،ئوقۇتۇشقا بولغان تۇنۇشى يىتەرلىك بولمىغاچقا كىيىنكى ئۆپكىدىن ھازىرقى كاناينى ئەۋزەل كۆرۇپ باللىرىنى ئائىلە ئىشلىرىغا ،ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ ھۈنەرلەرگە بىرىۋاتىدۇ.مەنمۇ بىر يىزىدا ئىشلەيدىغان خەلق ئوقۇتقۇچىسى،مەن ھەرۋاقىت ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆپلەپ بىلىم ئىلىشىنى،ئاخىرغىچە ئوقۇشىنى ئويلايمەن. مەن ئىشلەۋاتقان بۇ يەردە مۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت:بىرى،شۇنداق ئوقۇغۇسى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيالمايدۇ.يەنە بىرى، ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى ياخشى ئەمەس،بۇلارمۇ ئاقىۋەت يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقىيالمايدۇ.قانداقلا بولمىسۇن ئاخىرى ھىساپتا ئاتا-ئانىلارنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ بالىنى ئوقۇ دىسە ئوقۇيدۇ بولمىسا ئوقۇمايدۇ.قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئوقۇش ئوقۇماسلىقى سىلەرگە باغلىق بولغاچقا سىلەرگە ئىلتىجا قىلاي باللىرىڭلار ئوقۇسۇن،ئائىلە قىيىنچىلىقى پەقەت بىر مەزگىللىكلا.سىلەر تا ھازىرغىچە قىلىپ تۇگىتەلمەيۋاتقان ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى بالىلار تىخىمۇ تۈگىتەلمەيدۇ.ئەمما ئۇلار بىلىم ئىگەللەپ ئاندىن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشسە ئىشنىڭ ئۈنىمى ۋە سۈپىتى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى بولىدۇ.
ھازىر پارتىيە-ھۆكىمەت بارلىق مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمىنى مائارىپقا بولۇپمۇ يىزا مائارىپىغا ئىشلىتىۋتىدۇ.بەلكىم دىھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ مەكتەپلەرگە كىلىپ باقمىغان بولىشىڭلار مۇمكىن،مەكتەپلەرنىڭ قىياپىتى ئىلگىركىدىن ئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدۇ.رەت-رەت،ئىگىز بىنالارمۇ يىزا مەكتەپلىرىدە قەد كۆتۇرۇپ ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ،مىھرىبان ئوقۇتقۇچىلار، پارتىيە-ھۆكىمەتنىڭ چەكسىز غەمخورلىقى كەڭ يىزا ئوقۇغۇچىللىرىنى ھەرۋاقىت خاتىرجەم ئوقۇش پۇرسىتىگە نائىل قىلدى.بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇ ئىسىل مۇھىتتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ئەشۇ مۇھىتقا ماسلاشمايۋاتىدۇ.شۇنداق بولسىمۇ بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇلارى شۇ بۇلغاندىن كىيىن دەپ ئىككىلىنىپ قالمايمىز،ھەرزامان ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئىدىيىسىنى يۇقۇرلىتىشقا ، ئاڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۇرۇشكە تىرىشىمىز.بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىمسىز، قاراقورساق بولۇپ قىلىشىنى خالىمايمىز.چۈنكى ھازىرقى شارائىت تۇلىمۇ ئەۋزەل،ئۇلار ئەشۇ مۇھىتتا،مۇشۇنداق شارائىتتا ئوقۇۋالمىسا قاچان ئوقۇيدۇ.شۇڭا سۆيۇملۇك ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئوقۇتۇشتىن ھەرگىز يالتىيىپ قالماڭلار! سىلەر كىچە-كۈندۇز پەرزەنتىڭلارنىڭ گۈزەل كەلگۇسىنى، بەختىيار تۇرمۇش كەچۇرىشىنى ئويلايسىلەرغۇ؟ئۇلاردىن كۈتكەن گۈزەل ئىستىقبال دەل ئەشۇ بىلىم نۇرىنى تارقىتىدىغان مەكتەپلەردە.شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا ئۇلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەيسىلەر؟«بالىمىز ئوقۇپ ئالىم بولامتى» دەيسىلەر،بىز ئالىم قىلىشقا تىرىشىمىز،ئەمما ئۆز نىنىنى ئۆزى تىپىپ يىيىەلەيدىغان ياراملىق،ھەقىقى بىر ۋىجدان ئىگىسى بولۇشمۇ ئەۋزەل ئىشقۇ.تۈزۈك ئادەم بولالماي ياشاپ كىلىۋاتقانلارمۇ كۆپقۇ؟ سىلەر بالىرىڭلارنىڭ پاك دىيانەتلىك،دۇرۇس نىيەتلىك، كۈيۇمچان،راۋۇرۇس بىر ئادەم بولىشىنى تىلەيسىلەرغۇ؟ھازىر قىسمەن ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ ،يامان يولدىن قايتماي،ئاتا-ئانىلىرىنى زار-زار يىغلىتىپ جەمىيىتكە يۈك بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىسىلەر،بۇ ئەسكىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى جىقراق ئوقىمىغان،مەكتەپ يۇزى كۆرمىگەنلەردىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟!
مەن بىلىمەن ،سىلەر ھەرگىزمۇ ئۆز پۇشتۇڭلارنىڭ قاپ يۈرەك چوڭ بولۇپ، كۆزۇڭلاردىن نادامەت يىشى ئاقتۇرىشىنى خالىمايسىلەر.تۈۋەندە مەن سىلەرگە ئەمدىلا 7-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچۇم يازغان«بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر» ناملىق شېئرىنى ئوقۇپ بىرەي:

بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،
يۈرىكىنى تۈتۈن قاپلاپ كەتمىسۇن.        
ئۇلارنىڭمۇ ئىچىلىشقا ھەققى بار،
غۇنچە تۇرۇپ دىلى ئازاپ چەكمىسۇن.

بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،
يۇرۇپ كەتسۇن قەبرە تامام نادانلىق.
ئاقىل ئۇۋا سالغان ئەزىز ماكانغا ،
قانات سۆرەپ كىللەلمەيدۇ زاۋانلىق.

بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،
غۇرۇر،ۋاپا،ۋىجدان بىلەن ياشىسۇن.
ئۇلارمۇ بىر ئوت چاقنىتىپ ئەقلىدىن،
كۆزۇڭلارنى ئىپتىخاردا ياشلىسۇن.



   قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بىشڭلارنى قاتۇرىۋاتقان، بالىلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىككە سەۋەپ بولىۋاتقان ئېتىز-ئېرىق ئىشى باللىرىڭلارنى ئوقۇتقاندىن كىيىن تىخىمۇ ئاسانلىشىدۇ،قولايلىشىدۇ.ئەگەر بالىلار ئوقۇمىسا ئۇلاردا نە غورور،نە ۋىجدان،نە كۆيۇم يىتلمەي سىلەرنى بىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆزىنىمۇ قوغداپ قالالمايدۇ.سىز ئوقۇتسىڭىز،قوشنىڭىز ئوقۇتسا،تۇققانلىرىڭىز ئوقۇتسا ئۇ چاغدا يىزىمىزدا ئىقساسلىقىلار كۆپىيىپ يىزىمىزنىڭ تەرەققىياتمۇ ئالغا سىلجىيدۇ.ھەممىمىزگە جاپا تۇيۇلغان ئىشلار ئاسانلىشىدۇ.ئۇنداق بولمىسا نىمىشقا ھۆكمەت شۇنچە كۆپ پۇللارنى بالىلارنى ئوقۇتۇشقا ،ياخشى تەربىيلەشكە سەرپ قىلىدۇ؟! قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بىشڭلارنى سلكىۋىتىڭلار،پەرزەنتىڭلارنىڭ ئىستىقبالى بىلەن ئويناشماڭلار ،گەرچە بالىلار سىلەرنىڭ بولسىمۇ ئۇ يەنىلا جەمىئيەتكە تايىنىپ ياشايدۇ.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،پارتىيە- ھۆكىمەتنىڭ،پۇتكۈل جەمىئيەتنىڭ بالىلارنى ئوقۇتۇشقا قانچىلىك كۈچەۋاتقانلىقىنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭلار.بالىلارنى ئوقۇتۇش سىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ،بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،كەڭ جەمىئيەتنىڭ ۋىجدانى بۇرچى.شۇڭا بالىلار ئوقۇپ قالسۇن ، ئوبدان ئوقۇپ سىلەردىن كىيىن قالسىمۇ تىنەپ-تەمتىرىمەي ئۆزىنىڭ گۈزەل بەختىنى تاپالايدىغان بولسۇن!!
(ئاپتۇر يۇپۇرغا ناھيىە 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە)

ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈش : بايقاش مائارىپ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-4 00:45  

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
606
تىللا
483
شۆھرەت
993

تەشۋىقات ئاكتىپ تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 23:49:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىشلار يزىلاردا% 1گىمۇ يەتمەيدۇ خازىر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-11 02:04 , Processed in 0.117173 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش