كۆۋرۈك ئۇچۇر تورى ناھىيە-شەھەرلەردىن ۋاكالەتچى چاقىرىدۇ
كۆۋرۈك ئۇچۇر تورى (www.kowruk.com) ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى زىيارەتچىنىڭ IP ئادرېسىغا ئاساسەن يەرلىك ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان، خىزمەت ۋە خىزمەتچى ئىزدەش، ئۆز ئىجارىگە ئېلىش ۋە بېرىش، سودا ئۇچۇرلىرى، تەربىيىلىنىش ئۇچۇرلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدىغان ئۇچۇر بېكىتى. كۆۋرۈك تورى ئىلگىرىكى يىللاردا ئىنتېرنېت ئېلان بىرلەشمىسى(ad.kowruk.com) ئارقىلىق ئېرىشكەن تەجرىبىسى ۋە قارلۇق شىركىتىنىڭ تېخنىكا- باشقۇرۇش قوشۇنىغا تايىنىپ رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ، سېستىمىلاشقان، بىردىنبىر يەرلىككە يۈزلەنگەن زەنجىرسىمان ئۇچۇر گۇرۇپپىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە قاراپ ئىلگىرلىمەكتە.
رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى شەھەر ناھىيىلىرىگە قارىتىلغان ئېلان ۋە ئۇچۇرلارنى يىغىش، تارقىتىش ئىشىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە سېستىمىلىق ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن بىز ھەر بىر شەھەر-ناھىيىدىن پەقەت بىردىن ۋاكالەتچىنى كۆۋرۈك تورىنىڭ ئېلان-ئۇچۇر خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىش ۋاكالەتچىسى قىلىپ قوبۇل قىلماقچى. ناھىيە-شەھەرلەر، نوپۇس ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر قايسى ناھىيە-شەھەرلەردىكى مۇناسىۋەتلىك تورغا چىقىش ۋە ئاددى لايىھەلەش خىزمەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان تېخنىكا ۋە بازار ئېچىش ئىقتىدارى بار شىركەت ۋە ئۇچۇر مەركەزلىرىنى بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ناھىيە شەھەر ۋاكالەتچىلىكىنى ئېلىشقا چاقىرىمىز.
ئالاقىلىشىش تېلفونى : 0991-2877006
مەسئۇل: ئاينۇر ئەنۋەر 18609914890
ئەخمەتجان 1860991890
قارلۇق مېدىئا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئېنتىرنىت مۇلازىمەت بۆلۈمى
كۆۋرۈك ئۇچۇر تورى
2013-يىلى 3 - ئاينىڭ 31 -كۈنى |