- توردا
- 177 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-9
- تىزىملاتقان
- 2011-5-19
- شۆھرەت
- 792
- تىللا
- 715
- تۆھپە
- 394
- ھوقۇقى
- 40
- جۇغلانما
- 2807
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 109
- تېما
- 23
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 2346
 
- تۆھپە
- 394
- تىللا
- 715
- شۆھرەت
- 792
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار :
تۆۋەندە مەن «يۇنىكود » نى قوللىمايدىغان بەزى دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغىرسىدا ئازىراق توختىلاي. ھازىر بەلكىم « ئۇنداق يۇنىكود نى قوللىمايدىغان دېتاللارغا ھاجىتىمىز چۈشمەيدۇ ...» دېيىشىڭىز مۇمكىن ... ياق ! بۇنى سىز ئۆز شارائىتىڭىز بويىچىلا ئويلىسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ ... مۇھىمى بۇ دېتالغا سەرىپ قىلغان ۋاقىت ۋە زېھىن بولماستىن بەلكى سىزنىڭ بۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلىشىڭىزدا . ھەل قىلىش چارىسى ئەڭ مۇھىمدۇر . بۇ سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۇتۇقلىرىڭىزدا ياخشى ياردەمچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ... بولدى قۇرۇق گەپنى قويۇپ ، نەق گەپكە كېلەيلى .
بەلكىم ئارىمىزدا بۇ توغۇرسىدا ئىزدىنۋاتقانلار بار بولىشى مۇمكىن ، مەن ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسام . توردىن ماتىرىيال كۆرسەم بۇ ئويۇن خەنزۇچىنىمۇ قوللىمايدىكەن . شۇڭا توردىن ئۈنۈملۈك ئۇسۇل تاپالماي ئۆزۈم تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى پەرەز قىلىپ كۆردۈم .
1. بۇ ئويۇن مۇنداقچە ئېيىتقاندا فونت تونىمايدىكەن . بەلكىم بۇ ئاشۇ ئويۇننىڭ ئىچكى كودى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن . يەنى بەزى دېتاللارنىڭ قوزغىلىش ھادىسىسىگە فونت تەڭشەيدىغان كود يېزىلىدۇ . شۇڭا بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قۇراللىرى بىلەن ئۇيغۇرچە فونتلارغا تەڭشىگىنىمىز بىكارغا كېتىدۇ . شۇڭا بۇنىڭدا ئاسىمبىل تىلنىڭ ياردىمى ئەۋزەل . ئەگەر بۇنى بىلمەي قالسىڭىز چوڭ چاتاق يوق يەنە باشقىچە چارە قوللانساقمۇ بولىدۇ . يەنى باشقا پىروگرامما تىللىرىدىن پايدىلىنىمىز . مەسىلەن بۇنى vb6 دىن پايدىلىنىپ ھەل قىلساق: بىز مەلۇم پىروگرامما تۈزەيمىز . بۇ خىل پىروگرامما ئەڭ ئاۋال ئىجرا بولۇپ سىزنىڭ دېتالىڭىزنى قوزغىتىدۇ . بۇ پىروگراممنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى كۆزنەكنىڭ hWnd قىممىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ يۈزىدىكى بارلىق كونتروللارنىڭ فونتىنى ماس فونتقا تەڭشەيدۇ . بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئۆلچەمسىز يېزىق ئىشلىتىلىدۇ . (بۇنى مەن تېخى قىلىپ باقمىدىم .ئەگەر بۇنى قىلغىلى بولسىا بەزى ئاۋارچىلىقلار كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن . ئەمما بۇنىڭمۇ ھەل قىلىش چارىلىرى تېپىلىدۇ ...)
2. سېستىما خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىش. ئاشۇ دېتال پايدىلانغان خەت نۇسخىسىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك . ئاندىن نامى ئوخشاش بولغان يەنە بىر ئۆلچەمسىز يېزىق ياساپ چىقىمىز . ئاندىن يەنە يوقىردا ئېيتىلغاندەك يەنە بىر پىروگرامما ياساپ چىقىپ بۇ پىروگرامما ئارقىلىق يوقىردا ياسىغان فونتنى تىزىملايدىغان، پىروگرامما ئاخىرلاشقاندا فونتنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ ، ئەسلىدىكى فونتنى يەنە تىزىملىككە قايتۇردىغان قىلىمىز .
يوقىردا ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم . بەلكىم ئارىمىزدا مەن تىلغا ئالغان بىر نەچچە مەسلىگە ئېسىلۋالىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن . ئەمما مەسلىنى يەنىمۇ چوڭقۇرراق ئويلاپ بېقىڭ . ئەمدى قالدى ئىشلار سىلەرگە قالدى . باشقىچە ئىلمىي كۆزقارىشى بارلارنى قارشى ئالىمەن |
|