ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 212|ئىنكاس: 7

ئۇلىنىڭ تورى قۇرۇلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
23
تىللا
20
شۆھرەت
14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 23:14:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم دوستلار!
ئۇيغۇر توربەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئەلا مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە يېڭىدىن بىر ئۇلىنىش تور بىكىتى ــ  « ئۇلىنىڭ تورى » قۇرۇلدى. بىكىتىمىز ھەر قايسى تۈردىكى بىكەتلەر بىلەن سەمىمىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ئاساسىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا ئەلا مۇلازىمەت ئىلىپ بارىدۇ.
1. ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەر قايسى تۈردىكى بىكەتلەر بىلەن سەمىمىي ئۇلىنىش ئالماشتۇرىدۇ.
2. بىكىتىمىز تەۋسىيە ئۇچۇر كۆزنىكىدە ئۇچۇرلىرىڭىزنى ھەقسىز تەۋسىيە قىلىپ بىرىدۇ.
3. ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئاساسىدا بىكەتلەرنىڭ لوگو،  بىكەت نامى قاتارلىقلارنى بىكىتىمىزنىڭ لوگو ئورنى، تەۋسىيە بىكەتلەر ، شەرەپ تاختىسى قاتارلىق ئورۇنلىرىدا ھەقسىز تەۋسىيە قىلىپ بىرىدۇ.
4. بىكىتىمىزنىڭ ئىلان رەسىمىنى قويۇپ بەرگەن بىكەتلەر بىلەن ھەقسىز ئىلان ھەمكارلىقى ئورنىتىدۇ ( ۋاقتى ئالاھىدە بولمىغان ئەھۋالدا قارشى تەرەپ ھەمكارلىقنى توختاتقان ۋاقتىغىچە داۋاملىشىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا بىكەت ئىگىلىرىگە ئۇختۇرۇش قىلىنىدۇ)
5.  بىكىتىمىز شەرەپ تاختىسى ئاستىدىكى 4 ئىلان كۆزنىكىنى ئاممىۋى ئىلان كۆزنىكى سۈپتىدە مەخسۇس ئاجراتتى. ( ئومۇمەن، جەمئىيىتىمىزدىكى ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنىڭ مۇراجەتنامە، ئادەم ئىزدەش ئىلانى، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى ئىش - پائالىيەتلەر قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ئىلانلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ.تور بىكەتلەردىكى مۇشۇنداق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)
6. بىكىتىمىز باش بەت ئۈستىگە «  قىززىق نوقتا،  تەۋسىيە،  بىلوگ » قاتارلىق سەھىپىلەردىكى ھەركەتچان  كۆزنەك ئورنىدا ھەر قايسى بىكەتلەرنىڭ خەۋەر، تەۋسىيە يازمىلار، نادىر مەزمۇنلار، ئۇندىن باشقا بىلوگ تۈرىدىكى بىكەتلەرنىڭ يازمىلىرىنى ھەقسىز كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بىكەت ئىگىلىرى بەت ئاستىدىكى « بىكەت ( ئۇچۇر ) قوشۇش » تۈرىنى چىكىپ بىكەت قوشقانغا ئوخشاش يازما تىمىسى ۋە يازما ئادرىسىنى يوللىسا تەستىقلىنىپ بۇ ئۇرۇنغا چىقىرىلىدۇ.
7. بىكىتىمىز ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلغان بىكەتلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە تېز تەستىقلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەستىقلىنىشكە مۇۋاپىق كەلمىگەن بىكەتلەرگە سەۋەبى ئۇقتۇرۇلۇپ، يېقىندىن ياردەمدە بولىدۇ.
8. بىكىتىمىز بەت سىستىمىسى ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلغان بىكەتلەرنى چىكىلىش جۇغلانمىسىغا ( بىكىتىڭىزدىن بىكىتىمىزگە چىكىلىپ كىرگەن ۋە بىكىتىمىزدىن چىكىلىپ بىكىىتىڭىزغا كىرگەن قېتىم سانى نىسبىتىغا ) قارىتا ئاپتۇماتىك تىزىش ئىقتىدارىنى قوللانغان بولۇپ، بۇ ئىقتىدار داۋاملىق ئوچۇق ھالەتتە قويۇلىدۇ.
بىكىتىمىز تېخى يېڭىدىن قۇرۇلغان بولغاچقا بىكەت تۈزۈلۈشى ۋە بەزى ئىقتىدارلىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇندىن كىيىن داۋاملىق تۈزۈتۈلۈپ، يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلىدۇ ھەم قوشۇلۇۋاتىدۇ. ھەر قايسى بىكەت ئاتامانلىرنىڭ قوللاپ - قۇۋەتلىشىنى سورايمىز.
بىكىتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئادىرىسى :  www.ulinig.com
بىكىتىمىز تۇغ ئادىرىسى : http://ulinig.com/ulinig.gif         

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
563
تىللا
875
شۆھرەت
1043

تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 10:45:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزىر ئۇيغۇر تور بېكەتلىرنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن قانداق تور بېكەتلە كۆپ دىسە  ئۇلىنىش تور بېكىتى بىلەن  ناخشا  مۇزىكا  تور  بېكىتى  ئاڭ كۆپ
ئۇلىنىش تور بېكىتىنى ئۇلىنىش كوم سىن ياخشى كوم دىگەن لە كونتىرول قىلۋالدى
مەنچە باشقە خىل تور بېكەت قۇرسىڭىز بوپتىكەن  شەخسى كۆز قاراش ھە بۇ
مەسلەن torhumar uyghurbak دىگەندەك كۇلۇپلار بولسا تېخىمۇ ياخشى  بۇلاتتى سىزگە ئەگىشىدىغانلامۇ كۆپ بۇلاتتى

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
502
تىللا
380
شۆھرەت
813

تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 14:52:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور بىكەت قورسىڭىز قارشى ئالىمىز ئەمما نىمانداق نۇمۇسزىلىق بۇ ulinix.cnنى مىڭكى دەپلا كۇرچۇرۋاپتىغۇ كىشىلەرنىڭ خەكىنى يىيىشتىن باشقا ئىش قىلسىڭىز بولمامدۇ . سىز باشقا بىر خىلدىكى مۇنبەر ياكى كىنو مۇزىكا تورى قۇرسىڭىز بولاتىغۇ

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
349
تىللا
414
شۆھرەت
537
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 01:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تور بېكەتنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىق، يېڭىلىقى بارلىقىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم...

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1966
تىللا
1556
شۆھرەت
3167
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 03:07:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ulinig بىلەن ulining نىڭ پەرقى باردۇ؟

Rank: 4

تۆھپە
163
تىللا
215
شۆھرەت
263
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 10:40:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلىنىگ دەپ بېسىپ بولغىچە ھەممە ئادەم ئۇلىنىش دەپلا باسىدۇ ھازىر .
ھازىر داڭلىق بوپ خەق دائىم كىرىدغان . ulinix.com ulinix.cn ulnix.com  yahxi.com لار بار . كۈنۈپ كەتتى .يۇقىردا دىگەندەك باشقا تور بەت قۇرۇڭ. بەرىبىر بۇ پېتى 500 زىيارەتچىمۇ يىغالمايسىز. مۇمكىن ئەمەس زادى. ئۇ زىيارەتچىلىرىڭىز ئۈچۈن يا سىز كىرىم قىلالمايسىز. ھەقسىز قويۇلدۇ دەپسىز. ھەقلىق مەڭگۈ قىلالمايسىز بۇ تور نامىڭىزدا .
شۇڭا پايدىلىق باشقا تور قۇرۇڭ

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
386
تىللا
390
شۆھرەت
651
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 13:47:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلىنىش تورى قۇرغانمۇ بىر ھەۋەس ، بىز ئۇنداق دەپ توسۇپ بولامايمىز . ئۇلىنىش كوم س ن ، بۇ ئىككى ئۇلىنىش بەتلەر ھازىر ئالدىنقى ئورۇندا ، سىز ئەگەردە ئادەم يېغىمەن دىسىڭىز ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشمايمەن دىيەلمەيسىز ،ئۇلىنىش بەت قۇردىم دىگىنىڭىز ئۇلار بىلەن قارشىلاشقىنىڭىز خالاس ، لېكىن ھازىر ulinix.com     ulinix.cn    تورى  بۇ ئىككى ئۇلىنىش بەتتىن باشقا ئۇلىنىش بەتلەرنىڭ لوگوسى ياكى ئېلانى بار بەتلەر بوپ قالسا بېتىدىن ئۆچۈرۈپ،تازلاش ئېلىپ بېرلىۋاتىدۇ ....
ئۇلىنىش تورىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى پەقەت ئۇلىنىش قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش ھەم كۈچ تىجەيدۇ مەزمۇن يېڭىلايمەن دەپ ئاۋارە بولمايدۇ .
ھازىر تور بېكەتلەر ئارىسىدا ئادەمنى ئەڭ قارىتىدىغىنى يەنىلا بىلوگ بېكەتلەر - پايدىسىمۇ كۆپ  ! ناخشا بېكەتلىرىمۇ خېلى بولدى تەرەققى قىلمايۋاتىدۇ !

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
366
تىللا
637
شۆھرەت
713
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 18:40:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  خەتنى خاتا بېسىپ قالسام كىرىپ قېلىشىم مۇمكىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-4-1 15:42 , Processed in 0.128350 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش