ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ۋە زىيارەتچىلەر، ئۇزۇندىن بېرى روھلان تور بېكىتىنى قوللاپ كەلگەنلىكىڭىزلارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، روھلان تورى 2008-يىلى Rohlan.Cn نامىنى قوللىنىپ قۇرۇلغاندىن باشلاپ، 2010-يىلىغىچە ئىشلەتكەن بولۇپ، 2010-يىلى ئەسلىدىكى تور نامىنىڭ مۇقىمسىزلىقى سەۋەبلىك تور نامىنى Rohlan.Biz غا ئالماشتۇرغان ئىدى، مانا بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ مۇقىم تور ئادرىسى Www.Rohlan.Com غا ئالماشتۇرۇلدى.
Www.Rohlan.Com تور نامى 12 يىلدىن بۇيان ئامىرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ نامىدا مونۇپۇل ھالەتتە تور بېكەت ئېچىلماي ساقلاپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇ يىل (2013-يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنى) ۋاقتى توشۇپ ئۆچۈرلۈش باسقۇچىغا كىرگەندە بۇ تور نامىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم، ئەمما بۇ ئىسىم ئۆچۈرۈلمەي تۇرۇپلا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ۋە خەنزۇ قېرىنداشلىرىمىنىڭ كۆز تېكىشىگە دۇچ كەلدى، شۇنداق قىلپ ئاخىرى يەنىلا چەتئەللىكلەرنىڭ قولىغا چۈشتى، شۇ ئارىدا تاۋباۋدا دۇكان ئاچىدىغان بىرەيلەن مېنىڭ روھلان تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ، ئېلخەتكە ئۇچۇر قىلىپ، بۇ ئسىمنى چەتئەل بېكەتلىرىدە كىم ئاشتى قىلىپ سېتىۋاتقانلىقىنى، ماڭا ياردەملىشىپ ئېلىپ بىرەلەيدىغانلىقنى ئېيتتى، شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ تاۋباۋ ھېسابىغا ھېچ ئىككىلەنمەيلا دېگىنى بۇيىچە 1500 يۈەن ئۇرۇپ بەردىم، بەلكىم ئۇ خەنزۇ يولداش بۇنچىلىكمۇ ئالمىغاندۇ، ئەمما بۇ تور نام بىز ئۈچۈن يەنىلا ئەرزان توختىدى، شۇنداق قىلپ بۇ Www.Rohlan.Com تور نامى 2013-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى رەسمىي ھالدا مېنىڭ نامىمغا ئۆتتى، كېسىپ ئېيتالايمەنكى بۇ ئىسىم بىر قىسىم ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ قولىغا چۈشكەن بولسا 1500 ئەمەس 15000 دىن يۇقىرى باھا قويۇپ ئاسمانغا ئاساتتى ياكى بولمىسا قاملاشمىغان بەتتىن بىرنى ياساپلا روھلاننىڭ نامىنى ساتاتتى.
(شۇڭا بۇ يەردە كىچىككىنە تەۋسىيەم باركىن، تور نامىنى ئالدىن ئېلىپ قويغان بولسىڭىز ياكى ئۆچكەندىن كېيىن بالدۇر تىزىمنلىتىۋالغان بولسىڭىز ھەقىقىي ياخشى يولدا تور بېكەت ئاچىدىغانلار بولسا مۇۋاپىق باھادا سېتىپ بېرىڭ، ياخشى بولغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتتىن بىرى كۆپەيسە پايدىسى باركى زىيىنى يوق)
ئەلۋەتتە بۇ ئىسىم ئۆچۈرلۈشنىڭ ئالدى كەينىدە بۇ ئىسىمنى ماڭا ياردەملىشىپ ئېلىشىپ بەرمەكچى بولغان نۇرغۇنلىغان ياخشى نيەتلىك ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزمۇ ناھايىتى كۆپ .
ھاياجاندا كۆپ سۆزلەپ قويغاندەك قىلىمەن، {:5_171:} ، شۇنداق قىلپ ئاخىرى بۈگۈن بۇ Www.Rohlan.Com روھلان چېكىت كوم دېگەن تور نامىغا رەسمىي ئەن نۇمۇرى چقىپ ئىشلىتىلىدى، شۇڭا بارلىق تورداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن روھلان تور بېكىتىمىزگە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقىم ۋە مەڭگۈلۈك تور ئادرىسىمىز روھلان چېكىت كوم ( Www.Rohlan.Com ) نى بېسىپ كىرىشىنى، روھلان تور بېكىتى بىلەن ئۇزۇندىن بېرى ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان ۋە قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر قايسى تور بېكەت ئاتامانلىرى ۋە بلوگگىرلارنىڭ تور بېكىتىدىكى روھلان تورىنىڭ ئادرىسىنى Www.Rohlan.Com غا ئۆزگەرتىپ قۇيۇشىنى، ئېلان ئالماشتۇرغانلارنىڭ ئىمكان بار مەن بىلەن ئالاقىلىشپ بېكىتىگە ماس كېلىدىغان يېڭى ئېلان رەسىملىرىنى ئېلىۋېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
تۇغلۇق دوستانە ئۇلىنىش قىلىۋانغانلارنىڭ بۇ يېڭى تۇغنى چۈشۈرۈپ ئەسلىدىكىسى بىلەن ئالماشتۇرپ قۇيۇشىنى سورايمەن.
ھۆرمەت بىلەن روھلان تور بېكىتىدىن : ئادىل
2013-يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى |