ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 108|ئىنكاس: 3

قاپلان تور كۆرگۈچىسىنىڭ 2013-يىللىق رەسمى نەشىرى ئېلان قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
85
تىللا
90
شۆھرەت
115
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 16:33:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپلان تور كۆرگۈچىسى جىنشەن تور شىركىتى مەخسۇس ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە تور سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان قوش يادرولۇق تور كۆرگۈچ بولۇپ، بىخەتەر ۋە تېز بولۇشتەك ئىككى خىل ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
نۆۋەتتە بۇ تور كۆرگۈچنىڭ 2013-يىللىق ئەڭ يېڭى نەشىرى V3.0  ئېلان قىلىندى، يېڭى نەشىردە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر بار:
بىخەتەرلىك مەركىزى يېڭىدىن قۇرۇلدى، كۆرۈنمە يۈزى يېڭىلاندى؛
مەخپى نۇمۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى؛
شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداش تەرەپلەردە ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛
يېڭىدىن مىكروبىلوگ ھېساباتىنى قوغداش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛
ئادرىس قىسقۇچ رامكىسى يېڭىدىن قوشۇلدى؛
چۈشۈرۈلگەن ماتىرىياللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەسكەرتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛
تېزلەتمە كۇنۇپكا  Alt + Q ئارقىلىق تېزىملىك تولدۇرۇش، Alt + 1 ئارقىلىق تېزىملىك ساقلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛
تور كۆرگۈچنىڭ ئىچكى سېغىمنى ئىگەللەش كەمچىلىكى تۈزىتىلدى؛
تور كۆرگۈچىنىڭ قوزغىلىشى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى؛
ئادرىس رامكىسىدىكى ئاپتوماتىك ھاسىل بولغان تورئادرىسلىرىنى يۇيۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛
ئۇلىنىش ئادرىسى ئۈستىدە مائوس ئوڭ كۇنۇپكىسى ئارقىلىق قاپلان ئارقىلىق چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛
قىسمەن JS كودلىرىنىڭ تورغا چىقىش سۈرئىتىگە تەسىر قىلىشى تۈپەيلى كىلىپ چىقىدىغان  بەت قېتىپ قىلىش مەسىلىسى تۈزىتىلدى؛
Win8 سىستېمىسى ئاستىدا خەت كىرگۈزگۈچ قوزغالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.
يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈش[url]http://d.union.ijinshan.com/liebao/link/ksbinstaller_66_18599.exe[/url]

Rank: 4

تۆھپە
222
تىللا
294
شۆھرەت
368
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 09:39:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نىمىشقا Internet Explorer دىن باشقا تور كۆرگۈ نى ئىشلىتىپ باقمايدىغاندىمەن؟

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
284
تىللا
872
شۆھرەت
754
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 23:46:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  بۇنىمۇ .ىشلىتىپ باقاي!

Rank: 2

تۆھپە
27
تىللا
18
شۆھرەت
14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 11:08:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تور كۆرگۈچ مەن ئىشلىتىۋاتقىلى خىلى ئۇزۇن بولدى......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-9 00:14 , Processed in 0.058680 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش