ئاتمىش بىرىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، كۈمۈشنىڭ سىرتىقى كۆرۈنۈشى ئاپئاق بولسىمۇ، كۆپ تۇتۇلسا قارا يۇقتۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ئادەملەرنىڭ سۆزلىرى زاھىرىدا كۈمۈش كەبى ئاپئاق ۋە تازا كۈرۈنسىمۇ، لېكىن قايغۇ ۋە زىيان كەلتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ غەپلەتتە قالغان ساددا دىل ئادەمنڭ كۆڭلى قارىيدۇ، يامانلىشىدۇ. كۆرۈنۈشتە گۈزەل، ئەمما يامانلىق مىسالى بولغان ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلىرىگە ئەمەس، جەمئىيەتتە كەلتۈرگەن زىينىغا، يارىماس خۇلىقلىرىنىڭ قورقۇنچىلىق نەتىجىلىرىگە قاراڭ. كىچىككىنە بالا چوغنى (ئوتنى) سۆيىدۇ، كۆيدۈرسە دادلاپ يىغلايدۇ. نارەسسىدىلەر چوغدىن، ساددا دىل ئادەملەر بولسا ھىيلىگەر، نەيرەڭۋاز، مۇناپىقلاردىن كۆيىدۇ. ئاتىمىش ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، قىلغان بىرەر ياخشىلىقىڭىزنى تەكرارلاۋېرىپ ھەدەپ ماختىنىۋەرمەڭ. ئارڭىزلاردىكى قېرىنداشلىق، دوستلۇققا تاينىپ، ئۇلاردىن پايدا ئۈندۈرۈۋېلىش ئارزۇسىدا بولماڭ؛ ھېچكىمنى ئۇيالدۇرماڭ؛ ئۇياتلىق لەتىپلەرنى سۆزلىمەڭ؛ ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ رەھىمدىل بولۇڭ. ئۇلارنى ئۇرۇپ ئازار بېرىشتىن ساقلىنىڭ؛ «ياشقا چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن كىچىكلەر ئالدىدا نېمىلا دېسەم بولۇۋېرىدۇ» دەپ ئويلىماڭ. يىغلىشلاردا ھەر خىل مۇناسىۋەتسىز سوئال-جاۋاپلاردىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ، سۇئالىڭىزغا جاۋاب بىرىشنى خالىمىغان ئادەمنى «جاۋاب بەر» دەپ قىستىماڭ؛ ئەدەپ، تەربىيگە رىئايە قىلىڭ. ئاتمىش ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، تارازىنىڭ بىر پەللىسىدە ئىش، ئىككىنچى پەللىسىدە ئىجتىھات تۇرىدۇ. ئىجتىھات پەسەيسە، ئىش ئېغىرلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشقا ئەھمىيەت بىرىش، ئىجتىھات قىلىش، غەيرەت ۋە چىدام بىلەن ئىشلەش لازىم. كىمكى ئىجتىھات قىلماي ھورۇنلۇق كېسىلىگە چېلىقىپ قالسا، ھايات مەيدانىدا باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىپ، خار-زار بولۇپ ياشغۇسى. ئىنسان ئىشقا غەيرەت ۋەچىدام بىلەن كىرىشسە، ئۇنىڭغا بارلىق كۈچىنى سەرىپ قىلسا، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇلۇغلىنىدۇ، قۇۋۋىتىنىڭ دائىرسى كېڭىيۇر، ئىززەت ۋە ئابرۇيغا ئېرشۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ئىشنى، مەيلى كىچىككىنە بىرەر ئىش بولسىمۇ، چىن كۆڭۈل بىلەن ئىشلەپ، ئجتىھات سەرىپ ئەيلەش زۆرۈر. ئاتىمىش تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئۆز كەمچىلىكلىرىنى بىلىشنى ئىستىگەن كىشىلەر ئۈچۈن تۆت خىل يول باردۇر: بىرنچى يول__ كەمچىلىكىنى سېزىپ كۆرەلەيدىغان كامىل ئادەم بىلەن سۆھبەتلىشىپ تۇرۇشتۇر. ئىككىنچى يول__ سەمىمىي، خەيرىخاھ دوست تېپىپ، ئۆزىنىڭ قىلۋاتقان ئىشلىرىنى ئۇنڭغا ئېيتىپ، ئۆزىنى بولمىغۇر ئىش، ناچار يوللاردىن قايتۇرۇشنى ئۇنىڭدىن ئىلتىماس قىلىشتۇر. ئۈچىنچى يول__ كەمچىلىكلىرىنى دۈشمەنلەر ئاغزىدىن ئىشتىپ، ئۇلاردىن تېگىشلىك خۇلاسە چىقىرشتۇر. تۆتىنچى يول__ كىشىلەر بىلەن ئارلىشىپ، بەزى ئادەملەردە كۆرۈلگەن يامان قىلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك. خەلىقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچىرىغان يامانلارنىڭ قىلىقلىرى سېنىڭدە بار بولسا، ئۇنى تۈزەتكەيسەن. ئاتمىش بەشىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت بىلدۈر ۋە ئىتائەت قىل. ئاقىل ۋە دانا پەرزەنىت ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىنى كەم-كۈتسىز ئادا قىلۇر. ئەگەر سەن ئۇلارنى ھۆرمەتلەشتە نوقسانلىق بولساڭ، نامىڭ ياخشىلىق بىلەن يادلانمىغاي. ئۆز پەرزەنتىلىرىڭنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئىستىسەڭ، سەنمۇ ئاتا-ئاناڭغا ياخشى مۇئامىلدە بولغىن. پەرزەنتىنى يېمىش، ئاتا-ئانىنى دەرەخ دەپ پەرەز قىلايلۇقكى، دەرەخ قانچە ياخشى پەرۋىش قىلىنسا، ئۇنىڭ يېمىشى شۇنچە ياخشى ۋە تاتلىق بولۇر. ئاتمىش ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، شۇنى چۈشەنگىنكى، ئاتا-ئاناڭ سېنى تەربىيە قىلىپ ئۆستۈردى، بۇ يولدا كۆپ مۇشەققەت چەكتى. ئۇلار ساڭا ھېچقاچان يامانلىقنى راۋا كۆرمەيدۇ، سېنىڭ بەخىت-سائادەتلىك بولۇشۇڭنى تىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ مۆھتىرەم زاتلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى بىجا كەلتۈرۈشكە غەيرەت قىل. ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئاغرىتما. ئوچۇق يۈزلۈك، شېرىن سۆزلۈك بول. ئۇلارنىڭ ھاللىرىدىن دائىم خەۋەر ئېلىپ تۇر، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ موھتاجلىقتا قالدۇرما. ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن رازى قىلىپ، دۇئالىرىنى ئېلشىقا تىرىش. مانا شۇ گۈزەل خىسلەتلىرىڭ بىلەن ئىززەت ۋە شاراپەت ھاسىل قىلۇرسەن. ئاتمىش يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، چىن سۆزنى يوشۇرما، چىن، توغرا سۆزنى ئېيتالايدىغان تىلنى يالغان بىلەن بۇلغىما؛ يالغانچى ئادەم ئەمەس، يالغان سۆزلەش ئەركەكنىڭ ئىشى ئەمەس؛ يالغان سۆز كىشىنى ئابرۇيسىز قىلىدۇ؛ تىلىڭنى ئۆز ئىختىيارىڭدا ساقلىغىن، سۆزۈڭنى ئېھتىيات بىلەن دېگىن؛ ئۆز ئورنىدا ئېيتىلدىغان سۆزنى ئېيىت، يوشۇرما، ئورۇنسىز ئېيتىلدىغان سۆزدىن قاچ، يېقىن يولىما؛ بەزى سۆز باركى، ئېيىتقۇچىنىڭ تېنىگە جان كىرىگۈزىدۇ؛ يەنە بەزى سۆز باركى، ئېيتىقۇچىنىڭ بېشىنى يەرگە سۆرەيدۇ؛ تىلىڭ بىلەن دىلىڭنى بىر تۇت؛ سۆزنى كۆڭۈلدە پىشۇرمىغۇچە تىلغا كەلتۈرمە، ئەقىللىق كىشى چىن، توغرا سۆزدىن قايتىماس، ئەمما ھەممىلا چىن سۆزنى ئېيتىۋېرىش ئەقىللىق كىشنىڭ ئىشى ئەمەس. ئاتمىش سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، دۇنيادا ئىنسان بالسى يېڭەلمەيدىغان نەرسە بولماس، شۇنۇڭ ئۈچۈن ئەسلا قورقماي، ئۆزۈڭگە بېرىلگەن كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى سەرىپ قىلىپ ئالغا ئىنتىل. بەخىت-سائادەت ئاسماندىن چۈشىدۇ ياكى تۇيۇقسىز ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، دەپ ئويلما. ئەگەر شۇنداق ئويلىساڭ، نادانلاردىن سانىلسەن. سۆزۈمنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشا! بەخىت تەلىيىم-يوق، دەپ زارلانغۇچىلاردىن بولۇپ قالما. غەيرەت قىلساڭ، مۇرادىڭ ھاسىل بولۇر. ئىنسان ئۆزىنىڭ بەخىت يازمىشىنى ئۆزى يازىدۇ. ئۆزۈڭنى پەسىتلەر جۈمىلسىگە چۈشۈرمە. ئېھتىمال، بەزى ئىشلىرىڭ تىلگىڭدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن ئۈمىدسىزلەنمەي، غەيرەت-جاسارىتىڭنى يەنىمۇ ئۇرغۇت. ئاتمىش توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرگە، ماددىي بېزەكلەرگە ئالدىنىپ كەتمە. تەرەققىي ئېتىشكە، پەزىلەت ئىگىسى بولۇشقا ئىنتىل. ئەتراپىڭغا نەزەر كۆزۈڭ بىلەن باق. زاماننىڭ ئۇلۇغ ئالىم، پازىللىرىنىڭ تەرجىمھاللىرىنى، ئومۇمەن ئىنسانلارنىڭ قەدىمكى ۋە يېڭى تارىخنى دىققەت بىلەن ئۆگەن. بۇلار سېىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، پازىللىق، يۈكسەكلىك ھاسىل قىلشقا يېتەكلەيدۇ ۋەھايات يولۇڭدا ھەقىقىي رەھبرىڭ بولىدۇ. يەتمىشىنىچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، چىن، مۇكەممەل تەربىيلىك ئىنسان باشقىلارغا ھېچبىر ئازار بەرمەيدۇ، تەكەببۇلۇق قىلمايدۇ، ھېچكىمگە ھاقارەت كۆزى بىلەن باقمايدۇ، يالغان سۆزلىمەيدۇ، راستىچىل بولىدۇ. ئۆزىدىن چوڭلارغا ھۆرمەتلىك، كىچىكلەرگە شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك، كۈلەر يۈزلۈك، تاتلىق سۆزلۈك ۋە خۇش مۇئامىللىك بولىدۇ. ۋەدىسىدە تۇرىدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدۇ. ئېغۋا، غەيۋەت، مۇناپىقلىقتىن ئۆزىنى ساقلايدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ھۆرمىتىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارنى رازى قىلىشقا ھەر زامان تىرىشىدۇ. قېرىنداش__ ئۇرۇقلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەتلىك بولىدۇ. قوشنىلىرىنى رەنجىتمەيدۇ، ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. يامان يوللاردىن، يارىماس ئىشلاردىن، بولمىغۇر ھەركەتلەردىن ساقلىنىدۇ. مانا شۇلارغا ئوخشاش گۈزەل خىسلەتلەر مۇكەممەل تەربىيلىك ئىنسانلاردا بولىدۇ. يەتمىش بىرىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئىززەت قانائەتتىن ھاسىل بولۇر. ھاجەتلەرنىڭ راۋا بولۇشى ئىپپەت، يەنى پەرھىزكارلىقتىن ئەمەلگەئاشۇر. ئىپپەت__ يامان ئىشلاردىن ساقلانغانلىقنىڭ يېمىشىدۇر. سر-ئەسرارىڭنىڭ ئاشكارلانماسلىقى باشقىلارنىڭ سىرلىرىنى ئاشكارلىماسلقىڭغا باغلىقتۇر. رىزىق زور كەسىپ ۋە ھەرىكەت بىلەن ھاسىل بولۇر. دوستلۇق-ئوچۇق يۈزلۈك دەرىخنىڭ، دۈشمەنلىك_جاڭجال دەرىخنىڭ مېۋىسىدۇر. ئۇلۇغلۇق ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلىك، كەمتەرلىك ئۇرۇقىدىن ئۈنۈر. ئىلىم-كەسىپ كۆڭۈل قويغانلىقتىن، توغرىلىقتىن ھاسىل بولۇر. توغرىلق بەخت-سائادەتكە ئېلىپ بارۇر. تۇرمۇشنىڭ كۆرىكى تەربىيە ۋە ئەدەپ بىلەن ھاسىل بولۇر. يەتمىش ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، تەمەگەرلىكتىن خارۇ-زارلىق كېلىپ چىقۇر. گىنە-ئاداۋەت يامان پېئىل-ئەتۋاردىن، غەزەپ جاھالەتتىن كېلىپ چىقۇر. ئايرىلىش كۆپ كەمسىتىش ۋە ھاقارەتتىن كېلىپ چىقۇر. ئىشەنچىسىزلىك ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقۇر.
يالغانچى كىشىدىن ۋاپا كۈتمە. توغرا سۆز كۆڭۈلگە قاتتىق ۋە ئاچچىق تېگىدۇ. ئادەم ياخشىلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىق قايتۇرىدۇ، كىمنىڭ ئەسلى پاك ۋە ساپ بولسا، ئۇ ئادەم ئەلگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. يەتىمىش ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ۋاقىتتۇر. پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلنىلسا ئالتۇن تېپىلۇر. ۋاقىتىنى بىكار ئۆتكۈزمەك ئالتۇننى قولدىن بېرىپ قويماقتۇر. ئەقىللىق كىشى ۋاقىتنى زادىلا بوش ئۆتكۈزمەيدۇ. كونىلار: «ئىش ۋاقتىدا قورۇق سۆز قىلىپ پۈرسەتنى ئۆتكۈزۋەتكەن كىشى، ئاقىۋەتتە ئاچ قېلىپ يىغلار» دەيدۇ. ۋاقىتتىن پايدىلنىپ ياقۇتلار تاپقىلى بولۇر، ئەمما ياقۇتلار بىلەن ۋاقىتنى تاپقىلى بولماس. ئەقىللىق ياشلار ياشلىق چېغىنى بىكار ئۆتكۈزۋەتمەستىن، تىرشىپ ئوقۇپ، ئىلىم-ھۈنەر ئىگىلەيدۇ، غەيرەت بىلەن ئىشلەيدۇ. قىممەتلىك ياشلىقنى ھورۇنلۇق قىلىپ لاغايلاپ ئۆتكۈزۈش ئەقىللىق ياشلارنىڭ ئىشى ئەمەس. يەتىمىش تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ھەقىقىي دوسىت تاپالىساڭ ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق مۇئاملدە بول: دوستلۇققا سادىق بول، خيانەت قىلما؛ كۆڭلىڭدىكى دوستلۇق مۇھەببىتىنى قولۇڭ ۋە تىلىڭ بىلەن كۆرسەت؛ دوستۇڭنىڭ سىرىنى ئاشكارلاشتىن ساقلان؛ ئۇنىڭ يېنىدا باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلما؛ دوستۇڭ مۇھتاجلقتا قالسا، ئۇنڭغا دەرھال ياردەملەش؛ ئۇنڭدىن بىرەر ئەيىب يۈز بەرسە، بىرەر خالىي جايدا ئۇنڭغا دەپ، يۇمشاقلىق بىلەن نەسىھەت قىل؛ ئەگەر دوستۇڭ سېنىڭ ئەيبىڭنى ئېيتىپ ساڭا نەسىھەت قىلسا، ئۇنىڭدىن مىننەتدار بول؛ دوستۇڭغا يالغان سۆزلىمە؛ ئۇنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوستلاشما؛ دوستۇڭنىڭ بېشىغا بىرەر مۈشكۈل ئىش چۈشسە، قايغۇلۇق ھادىسە يۈز بەرسە، ئۇنى شۇ مۈشكۈلاتتىن، قايغۇدىن قۇتقۇزۇشقا جان-دىلىڭ بىلەن تىرشقىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك بول. يەتمىش بەشىنىچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەرپىدىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپلەرنى تولۇقى بىلەن ئورۇنلاشقا ئىنتىلىڭ، غەيرەتلىك ۋە چىداملىق بولۇڭ.
باشقىلاردىن ئازار يېگەن كىشى ئۈچ خىل ھالدىن تاشقىرى بولماس: بىرىنچى خىل ھال، باشقىلارنىڭ قىلغان يامانلىقى باراۋېرىدە ياخشىلىق قىلۇر، بۇ ئالىيجاناب كىشلەر خىسلتىدۇر؛ ئىككىنچى خىل ھال، باشقىلارنىڭ يامانلىقىغا ياخشىلىق قىلمىسمۇ، ئۇنىڭغا يامانلىق تىلمەس، بۇ ھەقىقەتچى ئادەملەر خىسلتىدۇر؛ ئۈچنچى خىل ھال، باشقىلارنىڭ قىلغان يامانلىقى باراۋېرىدە ئۇنڭغا يامانلىق قىلۇر، بۇ پاسىقلار ئىللىتدۇر. يامانلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلماق، قىلالمىسا، ئەپۇ قىلماق گۈزەل خىسلەتلەردىن سانىلۇر. يەتىمىش ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، گۈزەل خۇلىقلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ئادەمگەرچىلىكتۇر. ئادەم يېيىش، ئىچىش، يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆز قىلىش بىلەنلا ئادەم ئەمەس. ئادەمگەرچىلىك ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا ھۆرمەت، كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىپ، ئادەملەرگە قولۇڭدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەقىللىق ۋە گۈزەل خۇلقلۇق بالىلار پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنلا كۆزلىمەي، باشقىلارغىمۇ پايدا يەتكۈزىدۇ. ئۆزلىرىگە مۇناسىپ كۆرگەن نەرسىنى ئۆزگىلەرگىمۇ مۇناسىپ كۆرىدۇ. ئۆزرلىرىگە ماقۇل كۆرمىگەن نەرسىنى باشقىلارغىمۇ ماقۇل كۆرمەيدۇ. بىر كىمنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشسە، ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ ياردەم بېرىدۇ. يەتمىش يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئۆزىگە مۇناسىپ بولمىغان ئىشقا كىرىشكەن كىشى ئاخىر شەرمەندە بولۇر. ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق كىشىسى، ھەر يىغلىشنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ سۆزى باردۇر. ئاقىل كىشى ئۆز ھۈنىرىگە ۋە ئۆزىگە مۇناسىپ ئىشقا كىرىشۇر. تەبئەت ئۇستىخانىسىدا ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە لايىق كىيىمى تىكىلگەن، ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە يارىشا لىباسى پىچىلگەن. ئۆتۈكچى دوپپا تىكىمەن دېسە، بۇزۇپ قويۇر، تېبابەتتىن خەۋەرسىز كىشى تېۋىپلىق قلسا، كېسەلنىڭ جېنىغا زامىن بولۇر. «قۇشقاچ سويسىمۇ قاسساپ سويسۇن» دەپ بىكار ئېيتىمغان. يەتمىش سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئىشلەپ ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن يەردە ئوت-چۆپلەردىن باشقا ھېچنىمە ئۈنمىگەنگە ئوخشاش، ھېچبىر ئىش قىلمايدىغان ھۇرۇن كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ، خەلىق ئۈچۈنمۇ مەنپەئەت يەتكۈزمەيدۇ. شۇنۇڭ ئۈچۈن ھۇرۇن بىكار تەلەپ بولماي، غەيرەتلىك ۋە ئىشەنچىلىك بولۇڭ. تىرشچانلىقىڭىز ۋە ئىش-ئەمەلىيتىڭىز بەرىكىتىدىن جەمئىيەتنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇڭ؛ ھېچ نەرسىسى يوق كىشى كەمبەغەل ئەمەس، ھۈنىرى، ئىنتلىشى، تىرىشچانلىقى يوق كىشىلەر كەمبەغەلدۇر. غەيرەتلىك تىرىشچان كىشىگە ئىش ئەھلى ھەر دائىم ياردەم بېرىدۇ. ياخشى ۋە باياشاد تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن پەقەت ئۆز كۈچىڭىز ۋە تىرشچانلىقىڭىزغىلا تاينىڭكى، باشقىلارغا يۆلنىۋالماڭ. يەتمىش توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ھۇرۇنلۇق ۋە نەپىس ئارزۇسى ئاقىسدىن يۈرۈش كىشىگە كىسەللىك كەلتۈرۈپ، تېنىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ، يوقسۇزلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنى ئوبدان چۈشىنىپ، ھېچ ۋاقىت بىكار يۈرمەڭ، ئۆز رىزقى-روزىڭىزنى ئىزدەڭ، بىلڭكى، بۇ دۇنيادا ھېچكىمگە ئاسماندىن ئالتۇن ياغمىغان، يەردىن كۈمۈش ئۈنۈپ چقمىغان. ئالتۇن-كۈمۈش سىزنىڭ ئىنتىلىش، تىرشچانلىقىڭىز، غەيرەت ۋە چىدامچانلىقىڭىز، كۆڭۈل قۇيۇپ ئىخلاس بىلەن قىلغان ئىشىڭىز ۋە ئۇنىڭ بەرگەن يېمىشىدۇر. سەكسىنىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئەدەپ ۋە ئىھتىياج بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ھەممە مەقسەتلەر ھاسىل بولۇر، ئوچۇق يۈزلۈك ۋە شېرىن سۆزلۈك دوستلۇق ۋە مۇھەببەتكە دەلىلدۇر. شۇڭلاشقا ھەممە كىشى بىلەن ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ مۇئامىلە قىلىڭ، خۇشخۇي، خۇش چىراي بولۇڭ؛ بىرەر ئىش تۈپەيلى خاپلىنىپ، ئاچچىقىڭىز كېلىپ تۇرغان چاغدا ھېچكىم بىلەن سۆزلەشمەڭ، ئاچچقىڭىز بېسىلغۇچە سەۋر قىلىڭ. باشقىلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرۈڭ. ھەر بىر ئىشتا پىكىر قىلىش ۋە ئېتبار بىرىشنى ئۇنتۇماڭ؛ ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ باردى-كەلدى قىلىپ يۈرۈڭ، لېكىن كىمنىلا كۆرسىڭىز تەكشۈرمەي-تېگىنى بىلمەيلا ئېغىز-بۇرۇن يالشىپ، دوسىت بولۇۋالماڭ. ھەر بىر ئىشتا ھۆر پىكىرلىك، توغرا سۆزلۈك بولۇڭ، تىلىڭىز بىلەن دىلىڭىز بىردەك بولسۇن. سەكسەن بىرىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، قوپال مۇئامىللىك كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىسگە ياخشى مۇئامىلە بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇڭ. باشقىلارنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئىستىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ مۇئامىلىڭىزنىڭ ئۇلارنىڭكىدىن ياخشىراق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىڭ؛ ئۆزىڭىزدىن كىچىكلەرنى خورلىماڭ. ئەقلىڭىز ۋە مەرتىۋىڭىز بىلەن ماختانماڭ، بەلكى ئۆز مەرتىۋىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەرتىۋىلىرىنى ياخشى چۈشىنىپ، ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا مۇئامىلە قىلىڭ؛ باشقىلارنىڭ سىزگە گۈزەل مۇئامىلە قىلىشنى ئىستىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۇلارغا گۈزەل مۇئامىلە قىلىڭ. ئۇلار بىلەن مۇھەببەتلىك بولۇشىڭىز سەۋەبلىك، سىزنىڭ ئابرويىڭىز چۈشۈپ كەتمەيدۇ. سەكسەن ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،باشقىلارغا ياخشى ئىشلارنى سۆزلەڭ، يامان ئىشلارنى يۇشۇرۇڭ. ئادەملەر بىلەن شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭكى، ئۇلار ھاياتلىقىڭىزدا سىزنى ھۆرمەتلىسۇن، ۋاپات بولغاندىن كىيىن سىزنى ئەسلەپ قايغۇرسۇن؛ ناھايىتى زۆزۈر بولۇپ قالغان چاغدىلا باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا بولىدۇ، ئادەتتىكى چاغلاردا باشقىلارغا يۈك بولۇپ ئارتىلۋېلىش يارىماس قىلىقتۇر. شۇڭا باشقىلارغا ئۆز ئېغىرلىقىڭىزنى سالماڭ، ئۇلارنىڭ مال-بايلىقىغا تەمە كۆزىڭىز بىلەن باقماڭ. ئۆز رىزقىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىشلەپ تېپىپ يەڭ؛ بىرەر ئىشنى قىلشقا سۆز بەرگەن بولسىڭىز، سۆزىڭىزنىڭ ھۆددىسدىن چىقىڭ، ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلىڭ. كىم بىلەن دوست بولغان بولسىڭىز، دوستلۇققا سادىق بولۇڭ. كىشىلەرنىڭ شادلىقىغا شادلىنىپ، قايغۇسىغا قايغۇرۇڭ. ئۆزىڭىز سۆيمىگەن نەرسىنى باشقىلارغا راۋا كۆرمەڭ. سەكسەن ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، جەمئىيەت مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭ. بۇ يولدا سەرىپ قىلىغان ۋاقتىڭىزنى زايا كەتتى دەپ قارىماڭ، چۈنكى باشقىلارنى سۆيۈش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىش ئۇلۇغلۇق ۋە ئادەمگەرچىلىك بەلگىسىدۇر.
قەلىبلەردە ئاداۋەتنى يوشۇرۇش خۇددى كۈل ئاستىدا چوغ يوشۇرغاندەك بولىدۇ.
بىراۋنىڭ ساڭ رەھمەت-تازىم قىلىپ يۈرگىندىن كۆرە، شاڭا بېقىنىپ ياشىغىنى مىڭ ئەۋزەل. باشقىلاردا ساڭا نسبەتەن ھاجەتمەنلىك تۇيغۇسى بولمىسا، سېنى بىر ئۆمۈر ھۆرمەتلەپ كېتىشىمۇ ناتايىن. سەكسەن تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق غەزىپىڭنى ئۈچۈرگىن. ئۆز ئەيبىڭنى بىلىۋېلىشقا خۇددى دۈشمىنىڭ ئۇنى بلىشكە قىزىققاندەك قىزىققىن. كشىلەرگە باھا بىرىشتە ھەرگىز ئۇنڭ پۇل-مېلى، يۈز-ئابروينى ھېسابقا ئالما. باياشادلىققا، شەھۋەتكە بېرىلمە، يۈكسەك غايە، ئىستەكلىرىڭ بولسۇن. ھاياتىڭ ھەرگىز قورساق تويغۇزۇش ۋە شەھۋىتىڭنى قاندۇرۇشقىلا بېغىشلانمىسۇن، چۈنكى قۇرسىقى بىلەن شەھۋەت غېمىدىن باشقا غېمى يوق ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇ ئىككى جايدىن چىققان نەرسىدىن ئارتۇق بولمايدۇ. سەكسەن بەشىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئىرادىلىك ئادەم__ ئاخىرقى ھېسابتا غەلبىگە ئېرىشكۈچىدۇر. ئىرادە بولسا، ئىشەنچمۇ كۈچىيدۇ، ئەقىل-پاراسەتنىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرغىلى ھەمدە كەسىپتە ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.
ھەقىقىي قەدىر-قىممەت ھاياتلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئۇ ئادەمنڭ كىشلىك قەدىر-قىممىتىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، ئادەمنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش سۈپىتىنمۇ نامايان قىلىدۇ.
چېقىمچىلىق قىلىپ ئادەملەرنى بىر-بىرىگە دۈشمەنلەشتۈرگەن كىشىلەر ئەڭ يارىماس، ئەڭ يامان كىشىلەردۇر. سەكسەن ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئىلاجىڭنىڭ بارىچە ئۈزۈڭگە دۈشمەن كۆپەيتىمە. بىرەر كىشى ساڭا دۈشمەنلىك قىلىشقا باشلىسا، سەن ئۇنىڭغا مەرھەمەت كۆزۈڭ بىلەن قارا، كۆڭلىنى ئال. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى دوستلىرىڭ قاتارىغا قوشۇلىدۇ. دوستلىرىڭنى شەپقەت ۋە مەرھىمىتىڭ بىلەن خۇشال قىل. شۇندىلا ئۇلار سېنىڭدىن ئايرىلماي، سەمىمىي دوستلىرىڭ بولۇپ قالىدۇ.
مۇلايىم كىشنىڭ ئۈچ بەلگىسى بار: بىرىنچى، سۆرۈن تەلەت، زەھەر سۆزلۈك كىشىلەر ئۇنىڭغا قوپال سۆزلىسىمۇ، ئۇ ياخشىلىق قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، قەھر-غەزەپ ئوتى ئۇچقۇنلاشقا باشلىغاندا ئۇ چىشىنى چىشىغا باسىدۇ؛ ئۈچىنچى، بىرەرسىدىن ئۆزىگە زىيان يەتكەندە ئۇنى جازالاشقا كۈچى يەتسىمۇ، ئاچچىقىنى يۈتىدۇ. سەكسەن يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئەگەر بىرەر ھاجەتمەننىڭ ساڭا ھاجىتى چۈشسە، ئۇ ھاجەتمەننىڭ ساڭا ياكى دىنىڭغا زەرىرى يەتمىسە، بايلىقىڭغا ، يەنى پۇل-مېلىڭغا تەسىر كۆرسەتمىسە، ئۇ كىشنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىل، قورۇق قول ياندۇرمىغىن، ھەم ئۇ ھاجەتمەننى يالغانچى دەپ گۇمان قىلما. ئەگەر ئۇ، يەنى ھاجەتمەن سېنىڭ ياخشى كىشى ئىكەنلىكىڭگە ئىشەنمىسە، ھاجىتىنى تىلەپ ئالدىڭغا كەلمەس ئىدى. شۇنى بىلگىنكى، ساڭا ھاجىتى چۈشكەن ھەر قانداق ھاجەتمەن سېنىڭ ئەسىرىڭدۇر. دەر ھەقىقەت، ھاجەتمەنلىك__ ئەسىرلىكنىڭ ئىككىنچى مەرتىۋىسىدۇر. شۇڭا ئەسىرلەرگە ھەم رەھىم قىلغايسەن! ئەسىرنى ئۆلتۈرۈش مۇۋاپىق ئەمەس. سەكسەن سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، كىشىلەرنىڭ خىزمەتكارلىرىغا خۇش مۇئامىلدە بول. ئىچىڭ بىلەن تېشىڭنى توغىرلىق بىلەن بېزە. دىلىڭ بىلەن ھەركتىڭ ئوخشاش بولسۇن. ئىمكان بار ناماز ئۆتەش، روزا تۇتۇش قاتارلىق ئادا قىلىشقا تېگشلىك قائىدىلەرنى ئادا قىلىشقا تىرىش. كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلدە تىلىڭ تاتلىق بولسۇن. كوچا-كويلاردا، يەنى بازارلاردا تولا لاغايلاپ يۈرمە. ئاۋام ئارىسىدا ئەزىز بولغايسەن. يامان-يالغانلاردىن پەرھىز قىل. سۆزلىگەندە سۆز مۇنبىرىنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرىنى ساقلا. تەكەببورلۇق قىلما، يالغان ئېيتىماق قاتارلىق بولمىغۇر قىلىقلاردىن يىراق بول. خەلىقنى ئۆزۈڭ قىلغان ۋە قىلالايدىغان ئىشقا باشلا. شۇندىلا ئىنساپ-دىيانەتلىك كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالايسەن! سەكسەن توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئىلىمنى ئوبدان ئۈگەن ۋە ئۆگەنگەنلىرىڭنى ياخشى ئىبارىلەر ئارقىلىق ئادا قىل، يەنى باشقىلارغا يەتكۈز. ئىلىم ئۆگۈنۈش ۋە ئۆگۈتۈش يولىدا خىجىل بولما. ئەمما ھېچ ۋاقىت يالغان ئېيتىما. بەزىدە ئاگاھلاندۇر، بەزىدە سۆيۈندۇر. سۆز قىلغاندا تولاراق ئۆزۈڭ ھۆددىسدىن چىقالايدىغان ۋە ئوبدان بىلدىغان سۆزلەرنى دېگىن. مۇنازىرىگە، يەنى دە-تالاشقا سالدىغان، دەلىل-ئىسپاتى بولمىغان سۆزلەرنى دېيىشتىن ساقلان! چۈنكى، دە-تالاشقا سالدىغان، دەلىل-ئىسپاتى بولمىغان سۆزلەر كىشىنى ئۇياتقا قالدۇرىدۇ. توقسۇنىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، قىز بولۇپ يارىلىش پېشانىڭىزگە پۈتۈلگەنكەن، سىز بۇ مۇقەددەس ئىرادىدىن ئۆزىڭىزنى چەكسىز بەخىتلىك سانىشىڭىز، قىز بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىشڭىز، ۋۇجۇدىڭىزغا قىزلىق پەزىلەتنى جەمىلەپ، سېھىرىي كۈچىڭىزنى قېزىشىىڭىز، ھاياتتا ئىنسانلارغا پايدىلىقلا بولدىكەن، ھەر قانداق ئىشقا ئىجتىھات قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەرلەرمۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشىڭىز كېرەك، ئۆزىڭىزنىڭ ھەيران قالارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل ۋە مايىل قىلالىسىڭىز، سىز بۇ دۇنيادا مەنىلىك ياشىغاننىڭ ھەقىقىي پەيزىنى سۈرگەن ھېسابلىنىسىز. |