ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 3717|ئىنكاس: 71

ئۇيغۇرچە سۆز ئويۇنى ( توپلاپ قويايلى)

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم ھەرپ بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنلىرىنى توپلاپ قويغۇم كەلدى.

دوستلار داننى دەسسىمەڭلار
                                                 ( د  ھەرپى بىلەن باشلانغان )

      دۇنيانىڭ داڭلىق دەستۇرلىرىدا داننى دەسسىگەنلەر دوزاققا دۈملىنىدۇ دىيىلگەن. دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دادىل  داھىسىدىن-دادۈيجاڭغىچە، دوختۇرلاردىن -دۇككاندارغىچە، دىۋانىلەردىن -دۆلەتمەنلەرگىچە، داخانلاردىن-دەرۋىشلەرگىچە، دۈمچەكلەردىن-دوكلارغىچە،      دۇنيا دائىرسىدكى دەريا -دېڭىزلاردىن ، دۆڭلۇك-داۋانلارغىچە،  دەل-دەخلەردىن- داقا-دۇمباق دۇتتالىرىغىچە، دۇنيادىن-دۆلەتلەرگىچە، دادۈيدىن- دوقمۇشلارغىچە،  داننى دەسسىگەنلەرنى دەلىللەپ دەرھال دوزاققا دۈملەنسۇن ! دىگەن. داننى دەسسىگەنلەر دېھقاننى، دادىسىنى، دىلىنى، دۆۋلىگە دەپى- دۇنيا دارامەتلىرىنى، داۋاملىق داۋالىنىدىغان دورىسىنى، دىلكەش دوسلىرىنى دەسسىگەن دەلدۈش،دىۋەڭ دەرجىسىز دۈشمەندۇر.
      داننى دەسسىگەن دۆت دىۋەڭلەرنى  دۇنيادىكى داڭلىق دوختۇرلا رمۇ داۋالىيالمايدۇ. داننى دەسسىگەنلەر دەلدەڭشىپ،دەلدەڭشىپ داننى دەسسىگەنگە دات دەپ دوزاق دەرۋازىسىدىكى دۈشمەنگە دوڭغۇيۇپ ،دوزاققا دۈملىنىدۇ.
     دوسلار! داننى دەسسىمەيلى، دان دېھقان دادىمىز دۆۋلىگەن ، دۇنيانى داۋالايدىغان داڭلىق دورىلارنىڭ دۇردانىسىدۇر.
مەنبە: مىسرانىم
ۋاقتى: 2014-6-5 18:01:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىمگە ئىشنىڭلار(سانائىل سۆز ئويۇنى)

ئىنسانلار ئىلىمگە ئىشنىڭلار. ئىلىمىزدىكى  ئىلىم –ئىستىداتلىقلار ئىلىم ئىگەللىگەچكە ئىدارىكى ئىمتىيازلارنى ئىگللەپ،ئىشلەۋاتىدۇ.ئىلىمگە ئىشتىياقسىزلار ئىسمىنىمۇ ئىنجىقلىغىنىچە ئىشەنچىلىك ئىلالماي،ئىلاجىسىز ئىلگىرلىيەلمەي ئىشسىزلىشىۋاتىدۇ.

ئىگىرىقتىكى  ئىشلەمچى ئىنايەت ئىسمايىلنىڭ ئىنىسى ئىرشات ئىزلەڭگۈلۈكتە ئىلىمگە ئىشەنمەي،  ئىشسىزلاشقان ئىنجىمارۇق ئىنسان.ئىرشات ئىلىمگە ئىشتىياقلانماي، ئىستاكاندىكى ئىبلىس ئىسپىرىتقا ئىلناشتى.ئىنايەت ئىسمايىل ئىنىسىنىڭ ئىسپىرىتقا ئىلناشقانلىقىدىن ئىزتىراپتا ئىسەنكىرەپ،ئىنىسىنى ئىلىدىكى ئىرىمچىك ئىشلەيدىغان ئىشقا ئىلناشتۇردى.ئىرىمچىكمۇئىلمى،ئىنچىكە ئىشلىنىدىكەن.ئىرشات ئىلىپبەنىمۇ ئىگىلىمىگەچكە ئىمزالىرىنىڭ ئىلمەكلىكى،ئىسمىنىمۇ ئىلالماسلىقىدىن ئىش ئىگىسى ئىرشاتنى ئىشلەتمىدى.

ئىچىملىك ئىشلەيدىغان ئىدارىلىرىنىڭ ئىمتىھانلىرىغۇ ئىرشاتنى ئىلەشتۈرۋەتتى. ئىشەنچىلىك ئىخلاس ئىدارىلىمۇ ئىرشاتنى ئىشلەتمىدى.ئىشىىك ئىتىدىغان،ئىسلاق ئىسلايدىغان ئىشلارنىمۇ ئىشليەلمىگەچكە ئىدارىلەر ئىرشاتنى  ئىشلەتمەي ئىشچىلارنىڭ ئىچىدىن ئىلغاپ ئىرغىتىۋەتتى.ئىرشات ئىلاجىسىز ئىتكاپتا ئىقتقادتا ئىگىلىپ ئىگىسىگە ئىلتىجالىرىنى ئىۋەرتسىمۇ  ئىلتىجالىرى  ئىتبارغا ئىرىشمىدى.ئىرشات ئىش ئىزلەپ ئىتتەك ئىتبارسىزلىشىپ، ئىپىدا ئىشقا ئىلنىشالمىغاچقا  ئىلاجىسىزئىكىنزارلىقتا  ئىشلىمەكنى ئىختىيارلاپ، ئىسقىرىتقىنىچە ئىشىكىنى ئىلداملاشتۇرۇپ، ئىسسىقتا ئىرغاڭلاپ ئىكىنزارلىقتا ئىشلىدى.

ئىرشاتنىڭ ئىپادىسىدىن ئىلغىۋېلىڭلاركى،ئىلىمسىزلىك  ئىمتىيازىڭىزنى ئىلمانلاشتۇرۇپ، ئىچىڭىزنى ئىلەشتۈرۈپ، ئىناۋىتىڭىزنى ئىرغىتىۋىتىدۇ.

ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-26 11:26:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت مۇھىم مەسىلە

مىنڭچە مۇھەببەتلىشىشىنىڭ مەزمۇنى مەنىۋىي،ماددىۋىي ماسلىشىشچانلىقتىن ،مەلۇم مىقداردىكى مۇقىم مۇناسىۋەتلىشىشتۇر.

مۇھەببەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى مۇبارەك مەلىكىلىرمىز(قىزلار)،مۆھتىرەم مەشقاۋۇللىرمىز(ئوغۇللىرمىز)مۇھەببەتنىڭ مەزمۇنىنى مۇشتەك مىڭىسىگە مەھكەم مۇقىملاشتۇرشى،ماددى مۇھەببەتنىڭ مىداللىرنى مىڭىسىدىكى مەنىۋىي مۇھەببەتنىڭ مەزمۇنىغا مۇكەممەللەشتۈرۋالماسلىقى مۇھىم مۇراجەتتـــــــۇر.

مۇبادا مۇھەببەتنىڭ مەلۇم مىقداردىكى مۇھىم مۇناسىۋىتى ،ماددى مۈلۈكلەر مەنبەسىدىن مەغلۇبىيەتكە مۇشەررەپلەنسە، مۇھەببەتنىڭ مەزمۇنى مەنىسىزلىشىدۇ .

مەيلى مەن ،مەيلى مۇنبەردىكىلەر ،مەيلى مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار مۇشۇ مۇھەببەت مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەلۇماتلارغا مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز،ماسلىشىشىچانلىقىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى ،مۇھەببەتنىڭ مۇقەددىمىسىدە مىڭىمىزگە مەھكەم مۇكەممەللەشتۈرەيلى!!!!!!

مەن مۇنبەردىكىلەرنىڭ مۇھەببەتنىڭ مەنبەسىگە ،مەزمۇنىغا،مۇناسىۋەتلىك مۇشۇ ماقالەمنىڭ ماسلاشمىغان مەزمۇنلىرىنى مۇلاھىزىلەپ ماڭا مەلۇماتلاندۇرسا ،مەن مۇشۇ مەلۇماتىڭلاردىن مىنڭ مەسئۇلىيتىمنىڭ مەنبەسىنى مەجبۇرى مۇلاھىزىلەپ مۇھەببتىمنى مۇمكىنقەدەر مۇكەممەللەشتۈرەتتـــــــىم.

ئىز لا دىن karluc
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-26 11:29:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(سۆز ئويۇنى) مىللەتلەر مۇناسىۋىتى
ۋاقىت:2012-02-15 16:52 مەنبە:مەنبە: www.xjtsnews.com يوللىغۇچى: ئاۋاتلىقى: 43

(‹‹م›› ھەپى بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى)

تۇرسۇن مۇھەممەد

   مەملىكتىمىز مىللەتلەر مول مەملىكەتتۇر. مەركەز مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەردە مەنتىقىلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى، مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىملىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك مىزانلارنى ماقۇللىدى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى، مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەشتىكى ماھىرلارنى، مەردۇ–مەردانىلەرنى، مۇھاپىزەتچىلەرنى مۇكاپاتلىدى.

   مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەر مەركەزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك مىزانلارنى، مۇكاپاتلانغان ماھىرلارنى ماختاپ، مەدھىيەلىدى. مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى، مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەشتە مەكتەپلەردىكى مائارىپچىلار، مۇتەخەسسىسلەر، مۇھەررىر–مۇخبىرلار، مۇلازىملار، مىرشاپلار مەشرەپلەردە ماركسىزملىق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مېلودىيەسىنى، مۇقىملىقنىڭ مارشىنى مەشغۇلاتلاشتۇردى.

   مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە، مەركەز مالىيە، مەبلەغ مەسىلىسىنى مۇقىمدىدى. مەدەنىيەت مەيدانلىرى، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇھاپىزىتىنى مۇستەھكەملەش مۇھىم ماددىلارنىڭمۇ مۇھىمىدۇر، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى، مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەش مۇقەررەردۇر.

   مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەر مېھرىبانلىق مېلودىيەسىنى مۇبارەكلەپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەيلى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى، مۇقىملىقنى مۇنتىزملاشتۇرايلى!



(ئاپتور: يەكەن ناھىيە يەكىچى ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-26 11:30:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب كېلەچەكنىڭ كۆزنىكى
(«ك» بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى)
مۇھەممەد ئابدۇنىياز


كالىفورنىيىدىن كاتماندوغىچە، كاۋكازدىن كەشمىرگىچە، كۇۋەيتتىن كورىيەگىچە، كورلىدىن كۇچاغىچە، كېرىيەدىن كۈنەسكىچە، كەلپىندىن كۇلاسقىچە كىتاب كۆرىدىغانلار كۆپ. كەمىنىمۇ كىتابىنى كۆپ كۈرىمەن، كىتابخانىدا كىچېكىپ كەلگەن كىروراننى كۈرىۋېتىپ ، «ك» دىن كۆپتۈرۈلگەن  كىنايىلەرنى كۆردۈم. كۆرگەندىن كېيىن كىشىلەرگە كۆپرەك كىتاب كۈرۈشنى كۆرسىتىش كاللامغا كەلدى .كورلىدىن كۇچاغىچە،كەلپىندىن كۇيتۇنغىچە كىتابنى كۆپ كۆرۈپ، كامالەتكە كەلگەن كىشىلەرنىمۇ كۆپ كۆردۈم. كىتاب كۆڭۈلنىڭ كىلىتىدۇر، كىتاب كۆرگەن كىشىنىڭ كۆڭلى كەڭ كېلىدۇ.  كىشى كىتاب كۆرسە كۆڭۈلنىڭ كىرى كىتىدۇ، كۆڭۈل كۆتىرىلىدۇ، كىتاب كىشىنى كەمتەرلەشتۈرۈرۈپ، كامالەتكەكەلتۈرىدۇ. كىتاب كۆرگەن كىشى كىلىشەڭگۈ كېلىدۇ.كىتاب كۆرگەن كىشىلەر كەلگۈسىنى كۆرەلەيدۇ. كىتاب كەڭ كائىناتنىڭ، كارامەتنىڭ كېمىسىدۇر. كىتاب كېلەچەكنىڭ كۆزنىكىدۇر. كەمتەرلىكنىڭ كەمىرىدۇر. كىتابسىز كىشىنىڭ كۆڭلى كىردۇر، كەلگۈسى كەمتۈكتۇر.كىتاب كۆرمىگەن كىشىىنىڭ كۆڭلى كۆيگەن كۆسەيدەك كېلۇر. كىتاب كۆرمەيدىغان كىشى كاستىيوم كىيىۋالسىمۇ كالۋادۇر .
كىروراندىمۇ كۆپرەك كىتاب كۆرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. كۆپرەك كىتاب كۈرۈشنىڭ كېرەكلىكىنى كىنايەمدىكى كامال كۆكەمىنىڭ كېيىنكى كەچۈرمىشىدىن كۆرۋالغايسىلەر! كامال كۆكەمە كادىرلار كارىدورىدىكى كازىم كاززاپنىڭ كەنجىسىدۇر . كامال كۆكەمە كادىرلار كارىدورىدا، كازىم كاززاپنىڭ كەپىسىدە كائىناتقا كەلگەن .كىندىكى كېچىكىپ كېسىلگەن. كامال كىچىكىدىنلا كىتاب كۆرمەيتتى، كىتاب كۆرسىمۇ كەپسىزلىكىدىن كاللىسىغا كىرمەيتتى. كازىممۇ كامالنى كىتابخانىلارغا كىرگۈزمەيتتى. كىتاب كۆرمىگەن كامالنىڭ كۆڭلى كىرلەشتى،كادىرلار كارىدورىدا ،كازىم كاززاپنىڭ كەپىسىدە كاشىلا كۆپەيدى.كامال كۆكەمىلىك كىچىكىگە كىرىپ  كۈنسىرى كۆكەمىلەشتى. كۆرگەنلا كىشىگە كۆكىرىپ كۆكەمىلېكىنى كۆرسەتتى . كېيىنچە كوچا-كويلاردا كىشىلەرنى كولدۇرلىتىپ كۆكەمىلىكىنى كۆپەيتتى. كامال كۈندۈزى كىتابخانىلاردا ، كافىيخانىلاردا،كەچتە كىنوخانىلاردا، كاۋاپخانىلاردا، كوچىلاردا، كارىدورلاردا كەكىسىنى كۆتىرىۋېلىپ كۆكەمىلىك كۆرسەتكەچكە كىشىلەر كامالنى كۆرسىلا كەپىسىگە كېتەتتى.كامال كافىي،كەۋسەر كولا، كاۋاپ، كارتا ،كاۋا، كەكلىك، كىنگورو،كۆك كەپتەرلەرنى كۆرسىلا كۆكەمىلەشتى. كېمە ،كارىۋات ،كۆرپە ،كوزا، كويزا ،كۆسەي، كانۋاي كۆينەك، كوپتا، كەرىشنىۋاي كىيىم-كېچەكلەرنى كۆرسىلا كەستى. كىشىلەر كەچۈرۈمگە كەلسە كاززاپىشىپ ، كۆكەمىلىكىنى كۆرسەتتى. كازىم كاززاپ كەنجىسى كامىلنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرمىدى.كامالنىڭ كەمچىلېكىنىڭ كۆپلىكىدىن كازىم كېلىنمۇ كۆرەلمىدى. كامال كۆكەمىلىكتە كەسىپلەشتى. كۆكەمىلىكى كۈنسېرى كۆكلىدى، كۆكلىگەنچە كۆرەڭلىدى. كىچىكىدىن كىتاب كۆرمىگەن كامالنىڭ كۆڭۈل كۆزى كورلاشتى . كىتابسىزلىقى كاللىسىنى كەمتۈكلەشتۈردى.
كېيىنكى كۈنلەردە كامال كۇچادىكى كۇلالچى كامىرانغا كۆكەمىلىك كۆرسىتىۋېتىپ، كەكىسىدە كامراننىڭ كۆكرىكىنى كىسىۋەتكەچكە كويزا-كىشەنلەندى، كامىرغا -كوھىقاپقاكىردى. كەنجىسىنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرمىگەن كازىمغا، كىشىنى كىشى كۆرمىگەن كۆرەڭ كامالغا كۈلپەت كەلدى. كامالنىڭ كۆڭلىنى كىم كىرلەشتۈردى؟ كامالغا كەلگەن كاشىلىلارنى كىممۇ كەتكۈزىۋىتەر؟ كىشىلەر كەچۈرەرمۇ؟ كىشىلەر كىنايىلىك كۈلدى .كۈلگەندىمۇ كۈۋەجەپ كۈلدى. كامالدىن كۈلپەت كۆرگەنلەرنىڭ كۈلكىسى كۆككە كۆتۈرۈلدى.
كامالنىڭ كەلگۈسىنى كۆرەلىدىڭلارمۇ؟ كاللاڭلارغا كىتاب كۆرۈش كېرەكلىكى كەلدىمۇ؟ كەمىنە كۆپچىلىككەكامالنىڭ كەچۈرمىشىدىن كۆپرەك كىتاب كۆرۈش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىمەن. كىتاب كۆرسە كۆڭۈل كۆتىرىلىدۇ ،كۈلكە كۈۋەجەيدۇ . كىتاب كېلەچەكنىڭ كۆزى . كېبىر كېسەللىرىنى كەتمەنلەپ، كالۋالىقنى كاچاتلاپ كىتاب كۆرسىڭىز ، كېلىچەك كۈلۈمسىرەيدۇ . كۇتۇپخانا ، كىتابخانىلارنى كۆپلەپ كېڭەيتىشمۇ كەلگۈسىمىزنى كۆركەملەشتۈرۈشنىڭ كاپالىتى.
كۆپچىلىك، كىتاب كۆرۈشكە كېچىكمەڭلار! كىتابنى كۆپ كۆرسەڭلاركامال كۆرگەن كۈنلەرنى كۆرمەيسىلەر! كەشپىياتچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كائىناتنى كېزىپ ، كېچە - كۇندۇز كىتاب كۆرۇپ كامالەتكە كۆتۈرۈلگەن. كەلگۈسى كۆپلىگەن كارامەتچىلەرنىڭ كۆكرىكىنى كېرىپ كۆككە كۆتۈرۈلىشىنى كۇتمەكتە. كىتاب كېلەچەكنىڭ كۆزنىكىدۇر.
كەڭ كىتابخانلار ،كوررېكتورلار، كىروراننىڭ كاتتىلىرى كەچۈرۈڭلار! كامالنى كىنايىلەشتۈرگىنىم ، كىشىلەرنىڭ كېلەچىكىگە كۆڭۈلشىگىنىمنىڭ ، كۆيۈنگەنلىكىمنىڭ كىچىككىنە كۆرىنىشىدۇر. كىنايەمنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلۈڭلەرگە كەلمىسۇن! كەمچىلىكىنى كۆرسەتسەڭلار كۆپمەيمەن، كۆڭلۈم كۈۋەجەيدۇ، كىنايەم كۆڭلۈڭلەرگە كەلسە كەمىنىنى كەچۈرىۋىتەرسىلەر !
(ئاپتور: غورۇچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
مەنبە: «دولان» ژۇرنىلىنىڭ 1-سانى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-26 11:36:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىملىك مۇقەددەس مېھنەت

(«م» ھەرىپىدىن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى)

توپلاپ رەتلىگۈچى : مەمەت ئابدىنياز


مۇئەللىملىك مۇقەددەس مېھنەت ،مەكتەپ مەرىپەتنىڭ مۇقەددەس ماكانى .
مائارىپ-  مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىنىڭ مۇۋاپىق مۇھىتى .مۇئەللىملەرنىڭ مېھنىتى مۇشۇ مۇھىتتا مىۋىلەيدۇ .
مۇئەللىملىك مۈشكۈل ،مەڭگۈلۈك مېھنەتتۇر .
مەملىكىتىمىزدىكى مىڭلىغان مىليۇنلىغان ماددى-مەنىۋى مەھسۇلاتلار مائارىپ مۇھىتىنىڭ مەھسۇلى.مائارىپ مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىدا مەڭگۈلۈك ماياكتۇر .
مائارىپچى مېھمانلار ،مەن مۇھەممەت مائارىپ مۇھىتىدا ،مەدەنىيەت ماكانىدا  مەركىزى مەكتەپتە مۇئەللىملىككە مۇيەسسەرلىكىمدىن مەمنۇنمەن .
مەزكۇرماقالەمدە مەھەللىمىزدىكى مەرىپەتپەرۋەرلەرنى،مېھنەتكەش مائارىپچىلارنى، مۇئەللىملەرنى مەدھىيلەيمەن.
مەكتىپىمىزدىكى مۇئەللىملەردىن مۇختەرجان،مۇتەللىپجان،مۇكەررەم،ماھىرەلەرنى ماختاش مۇددىئايىمنىڭ مەركىزى .

مەدھىيلەپ ماختىغۈچى : مەكتەپ  مالىيىسىدىن مەمەتجان
- روھلاندىن

(«م» بىلەن باشلانغان سۆز ئويىنى)
(مۆھتىرەم مۇھەررىر، ماقالەمنىڭ مەلۇم مەزمۇنلىرى مېھرى- مۇھەببىتىڭىزدە مۇكەممەللەشتى!)
   مەن مەملىكىتىمىز مائارىپىدىكى مېھنەتكەش مۇئەللىم. مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم- مەرىپەتلىك، مەلىكىلىك، مەلۇماتلىق مىڭلىغان- مىليۇنلىغان مەنىۋى مەدەنىيەتچىلەرنى مۇنتىزىم مۇتەخەسىسلەشتۈرۈش، مېنىڭ مېھرى- مۇھەببىتىم_ مىللىتىمنىڭ مىڭلىغان مەنىۋى مېھنەتكەشلىرىگە مەركەزلەشكەن. مەن مۇنداق مۇقەددەس مۇئەللىملىك مەجبۇرىيىتىمدىن مەڭگۈ مەنمۇنلىنىپ،مۇنبىرىمدە مەسئۇلىيىتىمنى مىڭ مەرتىۋە مۇۋەپپىقىيەتلىك مۇستەھكەملەيمەن.
  مەسىلەن: مەن مۇنداق مەجبۇرىيەتتە مەزھەپچى مەنمەنچىلىككە، مەنپەئەتپەرەسلىك، مەنسەپپەرەسلىككە، مەۋقەسىز، مەھەللىۋازلىققا، مەست- مەيخورلۇققا، ماختانچاقلىققا، مۇتەئەسسىپ، مەككارلىققا، مەيدانسىزلىق، مۇغەمبەر- مەسخىرىۋازلىققا مەڭگۈ مىلەنمەيمەن. مەن مەجبۇرىيىتىمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مەغرۇرلانمايمەن، مۇلايىملىشىمەن. مېھنەت- مۇشەققەتتىن مۈكچەيسەممۇ، مېيىپلەنسەممۇ، مىجىلساممۇ مەيلى. مەن مۇئەييەن مەسىلىلەردە مەنمەنلەرچە مۇنازىرىلەشمەي، مۇھاكىمە مەزمۇنىنى مۇلاھىزىدە مىزانلاشتۇرۇپ، مىنۇتسېرى مەغلۇبىيەتسىز مەردانە ماڭىمەن. مەرىپەت مەيدانىدا مۇنەۋۋەرلەرنى مۇكاپاتلاپ، مەككار، مەمەدانلارنى، مائارىپقا مۇخالىپلارنى ماراپ، مۈڭگۈزۈمدە مۆھۈرلەيمەن، مۇجۇيمەن.
    مەن_ مۇئەللىم، مال- مۈلۈك، مەنپەئەت، مەرتىۋىدىن مەڭگۈ مۇستەسنا. مەن مەرىپەت مۇنبىرىدە مەقسەت- مۇددىئايىمنى مەكتەپتىكى مەرىپەتپەرۋەرلەرگە ماسلاشتۇرۇپ، مەشغۇلات، مەشقلەرنى ماقال- مەسەلدەك مەزمۇنلۇق، مۇھەررىردەك مۇكەممەل مۇۋاپىقلاشتۇرىمەن. مەگەر مەن مەزكۇر مەجبۇرىيەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىككە ماڭسام، مەغرۇرلانسام مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم! مەنزىلىمدە مەغرۇرلانماستىن مۇتەخەسىسلەشسەم، مېنى مۇزىكانتلار مۇزىكىسىدا، مەنتىقىشۇناسلار مۇناسىپ مۇنازىرىسىدە، مۇھەببىتىم مەھلىيا مېھرىدە، مۇخبىرلار ماقالىسىدە مۇبارەكلىگەي!

-چوغلاندىن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-26 11:37:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ت  »تاۋۇشىغا تايىن تاپقان تەلەپ –تەكلىپ
تاماكىنى تاشلايلى !
(ئابدۇرازاق ئابدۇخالىق)
تاماكا تارتقۇچىلار تىڭشاپ تۇرۇڭلار!
تاماكا تارتىش-تارىختىن تارتىپ تىبابەتشۇناسلار،تەرەقىپەرۋەرلەر،تىۋىپلار تەرىپىدىن تولا تەنقىدلىنىۋاتقان تىمىدۇر.تاماكا تۈتۈنىنىڭ تەنگە تېقسىز تەسىرى تىگىدىغانلىقى تەشۋىقات تۈرلىرىدە تاكى تېلىۋىزورلاردىمۇ تۇلا تەكىتلىنىۋاتىدۇ.تاماكا تارقۇچىلار تولا تەنقىدلىنىپ تۇرسىمۇ تاماكىنى تاشلىماق تۈگۈل ،تۆتى تۈگىسە توققۇزى تۆرىلىپ تاماكىنىڭ تۈرلىرىنى تېخىمۇ تەرەقىيلاشتۇرۇپ،تاماكا تارتىش تېخنىكىسىنىمۇ توختاۋسىز تەرەققىي تاپقۇزۇشقا تىرىشماقتا .
   تىۋىپلارنىڭ تەكشۈرىشىچە،تاماكا تۈتۈنى تاماكا تارتقۇچىنىڭ تۇرقۇنى تاتىراڭغۇلاشتۇرغاندىن تاشقىرى،تېرىلىرىدىكى تەر تۈشۈكچىلىرىنى ،تۇمۇرلىرىنى تۇتىۋالىدىكەن،تېنىنى تېمەنسىزلەشتۈرىدىكەن.
   تاماكا تارتقۇچىنىڭ تىللىرى تاماكىغا تىگىپ،تۈتۈنگە تارتىشىپ تۇرغاچقا ،تۈتۈنگە تويماس تۇمشۇقلىرىنى تەپ تارماستىن تەرەپ-تەرەپكە تەڭلەپ،تاشلاندۇق تاماكىنىمۇ تالىشىپ تارتىشىدۇ، تىببى تەتقىقاتچىلارنىڭ،تەرەققىيپەرۋەر تىۋىپلارنىڭ تاماكىنى تاشلاش توغرىسىدىكى تەشۋىق تەربىيىسىنى توغرا تاپماي،تېخى تاماكا تارتىشنى توسقان تۇققانلىرىغا،تەڭتۆشلىرىگە تىغدەك تىللىرىنى تەڭلەپ،تۇمشۇقىنى تولغاپ ،تەلەتىنى تۈرىۋالىدۇ.(توۋا! تۈمەنمىڭ توۋا!)
تەھقىقكى،تاماكا تارتقۇچىلار تاماكىغا تەسلىمدۇر.تاماكىنى تىرىشىپ تاشلايدىغانلارنىڭ تېپىلىشى تەس.تاڭەي تاماكىنى تاشلىماق تۇلىمۇ تەسمىكىن؟
  تاماكا تارتقۇچىلار تىڭشاڭلار !تېخىمۇ تەكىتلەپ تاپىلايمىزكى،تاماكا تارتىشنى تىزدىن توختۇتۇڭلار!تاماكا تاشلاش تەخىرسىز تەلەپتۇر.تاماكا تۈتۈنىنىڭ تاماكا تارتقۇچنىڭ تىنىنى تەئىيسىزلەشتۇرۇپ،تاماكا تارتقۇچىنىڭ تۇرقىدىن تارتىپ تۇغۇلماقچى تۈرەلمىلىرىگىچە تەئىيسىزلىككە تاشلايدىغانلىقىنى تىببى تەرەقىياتلار تەتقىقلەپ تاپتى.تەرەقىيپەرۋەر تىۋىپلارمۇ توغرا تاپتى.
تاماكا تارتقۇچىلار تىنىنى تىمەنلەشتۈرۈشنىڭ تەدبىرىنى تىرىشىپ تېپىپ تاماكىنى تامامەن تاشلىغىنى تۈزۈك .تىۋىپلارنىڭ تەكلىپ –تەربىيىسىنى توغرا تاپمىغۇچىلار،تاماكا تارتىشنى توختاتمىغۇچىلار تاكى تاماكىنى تامامەن تاشلىمىغۇچە تىمەنسىزلىك تەرىپىدىن تۈكۈرۈپ تاشلىنىدۇ.تالاپەت تۈرمىسىدە تۇزۇپ تۈگەيدۇ.تالايلارغا تۇنۇشلۇقكى،تاماكا تالايلارنى تۈرلۈك تالاپەتكە تاشلايدۇ.تۇرمۇش تەرەقىياتىنى تۇسىدۇ.تىرىكچىلىك تاپاۋىتىنىنى،تەن تىمەنلىكىنى تۈگەشتۈرىدۇ.تاماكا تارتقۇچىلارنى تاماكىدىن تەزدۈرمىگەندە،تالاي تىمەنلەرگىمۇ تاماكىنىڭ تەسىرى تىگىدۇ.تاماكا تالاپىتىنى تۈگۈتۈشكە تىزدىن تىرىشايلى،تاماكا تاشلاش تەن تىمەنلىكىمىزگە،تەبىئىيلىكىمىزگە توگرا تاناسىپتۇر،تاماكىنى تاشلايلى!


2001-يىلى 4-ئۆكتەبىر «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى» دىن ئېلىندى.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-26 11:39:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئا»ھەرىپىدىن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى:   
                               ئاق ئالۋاستىتىنىڭ ئازابى
                                 (مۇھەممەتساقى ساۋۇر)
ئاسىم-ئابلىز ئاخۇننىڭ ئارزۇلۇق ئاسراندىسى.ئاسىمنىڭ ئاجايىپ ئاقىللىقى ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى ئاشۇراتتى.ئابلىز ئاخۇنمۇ ئاسىمغا ئاكا-ئاچىلىرىدىن ئارتۇق ئامراق،ئايالى ئايشەمخانمۇ ئامراقلىقىدىن ئاجايىپ ئارزۇلايتى.
ئابلىز ئاخۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاسىمنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئاخىرغىچە ئاسىمنىڭ ئارزۇلىغىنىدىن ئاشۇرۇپراق ئاقلايتى. ئاسىمنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرى ئايلارنىڭ ئاۋۇشىدا ئاۋالقىدىنمۇ ئاۋۇپ،ئاچكۆز ئادەمگە ئايلاندى.
ئاسىمنىڭ ئادىل،ئابدۇسەمەت ئاتلىق ئاغىينىلىرى ئاخشاملىرى ئادەملەرنى ئاق ئالۋاستىدا ئالداپ ئاقچا ئالاتتى.ئاق ئالۋاستىنىڭ ئازابىدا ئارام ئالالمىغان ئادەملەر ئامالسىز ئاق ئالۋاستىنى ئاتا-ئانا،ئاكا-ئاچىلىرىنى ئازاپلاپ ئالغان ئاقچىلىرىغا ئالاتتى.ئادىل،ئابدۇسەمەتلەرئاشۇنداق ئاچكۆزلىكىدە ئادەملەرنى ئازاپلاپ،ئاچكۆزلىكى ئارام ئالسا،ئارزۇ-ئارمانلىرى ئازراق ئازلايتى.
ئادىل، ئابدۇسەمەتلەر ئاخىر ئاسىمنىمۇ ئالداپ ئاق ئالۋاستىنى ئاغزىغا ئالدۇردى،ئاق ئالۋاستى ئاسىمنى ئارىغا ئالدى.ئاسىم ئاق ئالۋاستىنىڭ ئازدۇرىشىدا ئائىلىسىگە ئاجايىپ ئاپەتلەرنى ئاپىرىپ،ئايالى ئايگۈلنى ئازاپلاپ ئايلاندۇردى.ئاسىم ئايگۈلگە ئاتا-ئانىسى ئالغان ئالتۇنلارنى ئاپىرىپ ئاق ئالۋاستىغا ئالماشتۇردى.ئايگۈل ئاسىمنىڭ ئازاپلىرىدىن ئارام ئالالماي ،ئاتا-ئانىسىغا ئاشكارىلاپ ئاسىمدىن ئاجراشتى.ئاسىم ئايگۈلدىن ئاجرىشىپ ،ئاتا-ئانا،ئاكا-ئاچىلىرىنىڭ ئالتۇن-ئاقچىلىرىنى ئاق ئالۋاستىغا ئالماشتۇردى.ئابلىز ئاخۇننىڭ ئائىلىسىنى ئارزۇلۇق ئاسراندىسى ئازاپ ئارىلىغا ئايلاندۇردى.ئابلىز ئاخۇن ئاسىمنىڭ ئازابىدىن ئاخشاملىرىمۇ ئارام ئالالمىدى.ئاق ئالۋاستى ئاسىمنى ئازاپلاپ ،ئاخىرەتكە ئاپاردى. ئابلىز ئاخۇن ئاق ئالۋاستىنىڭ ئازابىدىن ئارام ئالسىمۇ،ئارزۇلۇق ئاسراندىسى ئاسىمدىن ئايرىلدى.
ئابلىز ئاخۇن ئاسىمدىن ئايرىلغان ئاچچىقىدا ئادىل،ئابدۇسەمەتلەرنى ئاشكارىلاپ،ئالاقىدار ئادەملەرگە ئاق ئالۋاستى ئامبىرىنى ئادىل،ئابدۇسەمەتلەرنىڭ ئاچقانلىقىنى،ئاسىمنى ئاق ئالۋاستى ئاپىتىنىڭ ئاخىرەتكە ئاپارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.ئالاقىدار ئادەملەر ئادىل،ئابدىسەمەتلەر ئاچقان ئاق ئالۋاستى ئامبىرىنى ئاختۇرۇپ،ئامباردىكى ئاق ئالۋاستىلارنى،ئادىل ئابدۇسەمەتلەردەك ئاچكۆز،ئازغۇن ئادەملەرنى ئازراقمۇ ئاۋايلىماي ئازاپلىدى.ئابلىز ئاخۇن ئائىلىسىدەك ئاق ئالۋاستىنىڭ ئازابىدا ئازاپلانغان ئائىلىلەرنى ئازاپتىن ئارام ئالدۇردى.



شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2011-يىل 23-دىكابىردىكى سانىدىن ئېلىندى.

-روھلاندىن ئوۋچى
ۋاقتى: 2013-2-26 15:18:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
{::}yaxshi   ئ      ئىنتل
ۋاقتى: 2013-2-27 19:48:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز بولسىمۇ مۇشۇنى كۆرگەچ تۇرۇڭلار ھە ..! مەندە بېرى مۇشۇلامكەن . قالغىنىغا پۇل تاپقاندا بىر گەپ بولا .
                              
                            (مى)  ھەرىپى

ساق سامساقنى ساندۇققا سىلىپ سىسىتىپ ساتقان سادىر ساراڭنىڭ سولتىكى سابىر ساراڭنىڭ سىڭلىسى سىلىمە ساراڭغا سېغىنىپ سالام .


                             ( ئا ) ھەرىپى
ئالتىنچى ئايدا ئارا باغنىڭ ئايىغىدىكى ئابلىكىم ئاماننىڭ ئايالى ئايىمگۈلنىڭ ئاغزى ئاغرىپ ئايىمگۈلنى ئاجايىپ ئازاپلىدى. ئايىمگۈلنىڭ ئاغزى ئاغرىق ئازابىنى ئاڭلىغان ئابلىكىم ئايالى ئايىمگۈلنى ئامبۇلاتورىيەگە ئاپاردى .

بۇرۇن ئىسىمدە قالغانلىرى ئىدى .   ئازبولسىمۇ ئەمىسە ..   

(كالا گۆشىمۇ گۆش ، قۇشقاچ گۆشىمۇ گۆشكەن ) لىكىن گۆشنىڭ كىلوسى 65 يۈەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   islamjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-27 19:58  

باھا سۆز

مەن ئەۋەتىپ قويدۇم بۇنى  ۋاقتى: 2014-6-7 12:37
ۋاقتى: 2013-3-15 17:10:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ق››ھەرپىدىن باشلانغان شېئىر: قىمارۋازلىقنى قامچىلايلى قەرەلسىز

قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز

‹‹ق››ھەرپىدىن باشلانغان شېئىر

ئابلاجان راخمان تىكەن

قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز،
قەلىبلەرگە قونمىسۇن، قەلبى قارا  قىمارۋاز.
قەبىھلەرچە  قېدىرىپ  قامچىلايلى قەتئىلا،
قەدىناسنى قەرزگە قاتلىۋەتكەن قىمارۋاز.
  

قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز،
قەلبى قاقاس قەھرىتان  قىزىلكۆزدۇر  قىمارۋاز.
قىمارۋازلار قويماقچى قوتاندىكى قويلارنى،
قۇرۇلتايدا قانۇندا قامچىلاندى قىمارۋاز.
  

قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز،
قانۇنلارنى قوغدايلى،قولغا قاپلاپ قېلىچنى.
قەلبى قارا قۇياشسىز قارقۇيۇندۇر قىمارۋاز،
قامچىلايلى قەدرىسىز قىمارۋازلىق قىلمىشنى.
  

قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز،
قىمارۋازدىن قورقمايلى،قاماقخانىغا قامايلى.
قانۇنلارغا قاندۇرۇپ قۇل قىلايلى قەدىناس.
قىمارۋازنى قۇللىماي قەدرىمىزنى قىلايلى.
ۋاقتى: 2013-3-15 17:12:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىلىم- بىباھا بايلىق
                          (باش ھەرپى<< ب >> بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى )
   بىلىم – بىباھا بايلىقتۇر . بارلىق بايلىقلار بىلىم بىلەن بەرپا بولىدۇ. بىز بىلىم بىلەن بېلىمىزنى باغلاپ ، بەڭباشلىقتىن بىتەرەپ بولساق ، بالىلارغا بەلەن بىلىم بېرەلەيمىز . بالىلارغا بېرىلىپ بىلىم بەرگەندە ، بالىلار باتۇر – باھادىر ، باغرى باغدەك باغۋەنلەردىن بولۇپ ، باغلارنى بارغانچە بوستانلاشتۇرالايدۇ .
   بىلىمسىزلىك – بەڭباش ، بېلى بوشلۇقنىڭ بەلگىسىدۇر . بىز بولساق بالىلارغا بىلىم بەرگۈچىلەرمىز . بەجايكى ، بىز بىلىمسىزلىكتەك بىمەنىلىكنى بېسىقتۇرۇپ ، بىنومۇس ، بىۋاپا ، بۆلگۈنچىلەردىن بىزار بولۇپ ، بىباھا بايلىقلارنى بەرپالاشتۇرالايمىز . بۇنىڭ بىلەن بالىلار بارغانچە بىلىملىك بولۇپ بىلىمسىز ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۆشۈكىنى  بىراقلا  بۇزۇۋېتەلەيدۇ . بۇ بىزدەك بىلىم بەرگۈچىلەرنىڭ بۈيۈك بۇرچىمىز .

ئەسكەرتىش : بۇ تېما ‹‹ يازغۇچىلار تورىدا ئېلان قىلنغان ››
ۋاقتى: 2013-3-15 17:13:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانائىل ھەرپىيات:
ياشلىقىڭ يەكۈن ياسىدى
(مۇھەممەد رەھىم)

يالقۇنلۇق ياشلىقىڭ يادىڭغا يەتسە،
يىلاندەك يۇمىلاپ يىرتىسەن ياقا.
يۇلۇقساڭ ياداڭغۇ يىتىم-يېسىرغا،
يۈرەككە يامىشار يۇشۇرۇن يىغا.

يۈكسەككە يەتكەندە ياسانچۇقلۇقۇڭ،
ياغمىغان يامغۇرغا يەكتەك يېپىندىڭ .
يازلىغى يۇرتمۇ-يۇرت يۈرگەچكە يايراپ،
يالقاۋلىق يېپىشىپ ياتقا يېلىندىڭ.

ياشلىقىڭ يىراقلاپ يەكۈن ياسىدى،
يېشىڭنى يۇشۇرۇپ ياشىرالمايسەن.
يونىقىڭ يوناققا ياپسالاشمىدى،
يىكەندىن يەل-يىمىش يارىتالمايسەن.

يەنىلا يولدىكى يانتاقنى يوقات ،
يىقىلماي يۈگۈرسۇن يالاڭ يوقسۇللار.
ياخشىنى يۆلەيدۇ يارقىن يۈرەكلەر،
ياماننى يونايدۇ ياپتا يۇمۇرلار.

يۇرۇقلۇق يەتكۈزۈپ يېزا –يايلاققا،
يۇرتۇڭنى يېڭىلا يېشىللاشقىچە.
يوللىرىڭ يۈزلەنسۇن يېقىن –يىراققا،
  ياشنىسۇن يەتتىدىن يەتمىش ياشقىچە.
         
             مەنبە:      شائىرنىڭ «جان تەسەددۇق» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
ۋاقتى: 2013-3-15 17:13:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش ھەرىپى «س » دىن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى :
                                                             ساۋاقداشلار، ساپايىمىزنى ساقلايلى!
                                                                     (ئەمەتجان سەمەت)
سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار،سىلەرگە سېغىنىشلىق سالام!
سائادەتلىك سەپىرىڭلاردىكى سەپەردىشىڭلار سۈپىتىدە سىلەرگە سانسىزلىغان ساۋاقلىرىمدىن سۈزىۋالغان سۆزلىرىمنى سۇنماقچىمەن. سىلەرمۇ سەزگەنسىلەر،ساۋاقداشلىق سەپىرى ساپلىق-ساختىلىق،ساداقەت-ساداقەتسىزلىق،سەمىمىيەت-سەمىمىيەتسىزلىكتىن سەپلەنگەن، ساۋاقداشلىق ساپايىمىزنى سىنايدىغان سەپەر. سەپىرىمىزدە ساناقسىز سۇئاللارغا،سىناقلارغا سۇقۇلىدىغانلىقىمىز سۆزسىز.
ساۋاقداشلار،ساۋاقداشلىق سەپىرىمىزنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ سەمىمى سۈپەتلىرىدىن سۈرەتلەنگەن سۈپەتلەشلىرىمىزنى سەمىڭلارغا سۇندۇم،سپسالغايسىزلەر.
ساپالىق ساۋاقداش سەمىمىيەتنى،ساپلىقنى،ساداقەتنى سۆيىدىغان،سۈيىنىدىغان،سىڭدۈرەلەيدىغانلاردۇر.
ساپاسىزساۋاقداش،سەمىمىيەت،ساداقەتتىن سەسكىنىدىغان،سۆيمەيدىغان،سىڭدۈرەلمەيدىغان،ساداقەتسىزلىكنى سۈيىدىغان،سېغىنىدىغان،ساۋاقداشلىق سالاپىتى ساغلامسىزلاردۇر.
سەمىمىيەت سەھرالاردىكى،ساپ،سۈزۈك،سىماپتەك سۇ.سەمىمىيەتسىزلىك سەسكىنىشلىك،سېسىغان سامان.سەمىمىيەت سۈيى سەمىمىيەتسىزلىك سامىنىنى ساپلاشتۇرىدىغان سۈزگۈچتۇر.ساپالىق ساۋاقداشلار  سەمىمىيەت سۈزگۈچىنى سەمىگە سېلىۋېلىپ سۇزۇلغان سەپەردە ساختىلىق ساقىندىلىرى،ساداقەتسىزلىك سۇقۇندىلىرىنى سۈزىۋېتىپ ساۋاقداشلىق ساپاسىنى ساقلىيالايدۇ.
ساۋاقداشلار،سۈرئىتىمىزنى سائەتكە سېلىشتۇرساق سەزگۈمىز سۆرەلمىشىدۇ،سېكۇنتقا سېلىشتۇرساق سەگەكلىشىدۇ.سەگەك سەزگۈمىز سەلكىننىڭ سېھىرلىك،سىلىق سىيپاشلىرىغىمۇ ،سۈبھىنىڭ سۈيۈملۈك سىگناللىرىغىمۇ،سەكپارىلەرنىڭ سەمىمى سادالىرىغىمۇ سەپسالغۇزۇپ ساۋاقداشلىق ساپايىمىزنى ساغلام ساقلىيالايدۇ.

(شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى 2010-يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.ئاپتۇر خوتەن شەھىرى توساللا ئوتتۇرا مەكتەپتە)
ۋاقتى: 2013-3-15 17:19:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىممەن ـ مەرتىۋىلىكمەن

                                    
(مەمەت ئابلىمىت ئاتچاپا)


مۇئەللىملىك مىنىڭ مەرتىۋەم.مۇشۇ مەرتىۋەمدىن مەغرۇرمەن.
مەن مائارىپقا مۇۋاپىقلىقىمدىن مەكتەپكە ماكانلاشتىم.مەزكۇر مەكتەپ مەھەللەمدىكى مەكتەپكەن،
مەنزىرە-مۇھىتى مۇكەممەلكەن،مەيلىم مايىللاشتى.مۇدىرىمىزمۇ ماھارەتتە،مۇئامىلىدە،مەرتلىكتە،مۇلايىملىقتا،مەرىپەتپەرۋەرلىكتە مەلۇماتلىقكەن،ماختاشقا مۇناسىپكەن.
مەكتىپىمىز مىڭخادا مەكتەپكەن.مەكتىپىمىز مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىمۇ،مەنىۋى مەدەنىيىلىكتىمۇ،مۇقۇملۇقتىمۇ،مەسۈم مايسىلارنى ماھارەتلەندۈرۈشتىمۇ،مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپتۇ،مۇكاپاتلىنىپتۇ.مۇئەللىملەرنىڭ مەلۇماتى موللىشىپتۇ،مۇتەخەسسىسلىشىپتۇ،مېھرىبانلىشىپتۇ.مېنىڭ مۇشۇنداق مەرىپەت ماكانىغا مېھىر-مۇھەببىتىمنى مۇقۇملاشتۇرماسلىقىم مۈمكىنمۇ!؟
مەن مەرتىۋەمدىن مىننەتدارمەن، مەمنۇنمەن.مۇقەررەركى، مەكتەپلەر مۇقەددەس مەرىپەت ماكانىدۇر. مۇئەللىملىك مىننەتسىز مېھنەتتۇر. مۇئەللىملىكنىڭ مېھنىتى مۇشەققەتلىك، مىۋىسى مەئىشەتلىكتۇر، مىليۇنلىغان مەلۇماتلىقلار، ماھىرلار ،مۆتىۋەرلەر، مويسىپىتلار مەكتەپنىڭ مەيدانلىرىدىن ، مۇئەللىملەرنىڭ مۇھاپىزەتلىرىدىن مۇستەسنا ماڭالمىغان ، مۇئەللىمسىز مەغرۇرلىنالمىغان ،مەدھىيەلەرگە ،مۇشەررەپلىنەلمىگەن ، مۇيەسسەرلىنەلمىگەن.
«مەقسەتسىز مائارىپ مەغلۇبىيەتكە ،مەقسەتلىك مائارىپ مۇۋاپىقىيەتكە ماڭىدۇ،مەكتەپسىزلىق مەدىكارچىلىق، مىشچانلىقنى موللاشتۇرىدۇ». مەلۇماتلاردا،مەلۇم مەزگىللەردە  مۇئەللىملەر مۇڭلىنىپتىكەن، ماغدۇرسىزلىنىپتىكەن. مانا،مەركەزدىن مائارىپ، مائارىپچىلارغا مۇۋاپىق ماددى مۈمكىنچىلىك، مەخسۇس مېھرى-مەھەببەتلەر ماڭدۇرۇلىۋىدى، مەنىۋىيىتىمىزدە مەيۈسلىنىش، ماغدۇرسىزلىنىش، مۇڭلىنىشلار مۈگدىدى.مانا مۇشۇنداق مەدەنىيەت مەدەتلىرىدىن مەدەتلىنىپ مەشرەپ، مۇسابىقە-مەرىكىلەردە مەيدەمگە مۇشتلىدىم.مۇشۇ مەنىدىن مۇئەللىملىك مەرتىۋەمدىن مەغرۇرۇلىنىمەن.

مەنبە :شىنجاڭ گېزىتى 2012-يىل11-ئاينىڭ25-كۈنىدىكى سان




«ت»لەشمە تەلقىن:
                                                 تايانچىمغا تاياندىم
                                                 مۇھەممەدجان ئابلىمىت
   تۈنۈگۈن تاۋۇزلۇقۇمنى تىندۇرۇپ ،تۈزلەپ تېرىق تېرىغانتىم،تەۋەيىمىزدىكى تۇرسۇنجاننىڭ تەنتەك توخۇلىرى تالغىچە تاتىلاپ ،تېرىقلىقىمنى تىتىۋېتىپتۇ.تۇرمۇشتا تېرىق تېرىشتىن تاپقان تاپاۋەتكە تايىنىۋاتسام ،تېرىقىنى تۇرپان تەۋەسىدىن تاللاپ تاپالماي تارباغاتايدىكى تۇققانلاردىن تەستە تېپىپ،تارازىدا تارتىپ،تۇپراقنى تەڭشەپ،تېخنىكلارغا تايىنىپ،تۈجۈپىلەپ تېرىغان تۇرسام،توخۇلار تەرىپىدىن تۇساتتىن تۈگۈشۈپ،تۇرمۇش تەمىناتىم تۈۋەنلىسە،تەئەججۈپلەنمەي تۇرالامدىم؟
  تەئەججۈپتە تەرسالىقىم تۇتتى،تەپەككۈرۈم تېزلەشتى،تاقىتىم تاراقشىدى،تۇرسۇنجاننى تېپىپ،تېرىقلىقىمنى تۆلەتكۈزۈشنى تايىن تاپتىم.تۇرمۇشچىلىقتا تاپاۋەت تۆۋەنلىسە،تۈگۈمەس تاپا-تەنىلەر تۇغۇلۇپ،تاتلىق تاماقلارمۇ تەدرىجى تۇزسىز،تەمسىز تېتىيدىكەن.تاتلىق تەلمۈرۈشكەنلەرمۇ تۈمۈردەك تاتىرىدىكەن،تولا تاكاللىشىدىغان،تىللىشىدىغان تەرتىپسىز تۇرمۇش تېپىلىپلا تۇرىدىكەن.تەنلىرىم تىكەنلەشكەندەك،تەڭپۇڭلۇقۇم تۈۋەنلىگەندەك تۇيۇلدى.تىتىلداپ تۇرالماي،تۇرسۇنجاننى تاپتىم.تۇرسۇنجاننىڭ تۇيۇقسىز تەلۋىلىكى تۇتتى.تامدەك تاتىرىپ تىنالماي تۇرسام،تەپ تارتماستىن تېرىقلىقىمنى تۆلىمەيدىغانلىقىنى تەكرار تەكىتلەۋەردى.تاكاللاشتۇق،تىللاشتۇق،تاڭ-تۇڭ تۇتۇشتۇق.تۇرسۇنجانغا تەڭ تۇرالماسلىقىمدىن تەمتىرىدىم،تەشەببۇسكارلىقىممۇ،تاكتىكىلرىممۇ تۈگىدى.تىنىمگە تىگىۋاتقان تاياقلار تۇرمۇزلانمايۋاتاتتى.تۇرسۇنجان تۇتىۋالغان تايىقىنىڭ تۇرمۇزىنى تۇتالمايۋاتاتتى،تاماشىبىنلار تازا توپلاشتى.تۇيغۇنلىرى تەسىرلىك تەربىيەلەرنى تەڭلىدى،تەرسالىرى توپىلاڭدىن توغاچ تۇلۇقلىدى.تېرىقلىرىمنى تۆلەتكۈزۈش تەمايىم توزغاقتەك تۇزۇپ تېرىكتىم،تەسەۋۋۇرۇمنى«توختا،تەقدىرگە تايانماي،تەدبىرگە،توغرىراقى،تەشكىل-تايانچىمغا تايىناي» غا تارتتىم.
   تەسەۋۋۇرۇم تۇتقۇسىدا تارتىنمايلا تايانچىمغا تاياندىم.توۋا،تايانچىم-تەشكىل تەكشۈرگۈچىلەرنى تەقلەپ تۇرسۇنجاننىڭ توخۇلىرىنىڭ تىرىقلىقىمنى تىتىۋەتكەنلىكىنى تەپسىلى تەكشۈردى،تۇرسۇنجانغا تىجىمەللىكنى،تەرسالىقنى تاشلاشقا تەربىيە تۇلۇقلاپ،تۇرمۇشتىكى تڭپۇڭسىزلىقىمنى تۈگەتتى،تەسەللى تېپىشىمغا تەدبىر تاپتى،تېخى تىرىقلىقىمنى تىرىلدۈردى.....تېرىقلىقىم تىرىلگەندە تەشكىلگە تايىنىشنىڭ تۇلىمۇ توغرا تاللاشلىقىنى، تەشكىلگە تايانمىغاندا تۇرمۇشتىكى تەشۋىشلەرنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى تۇلۇق تۇنۇدۇم.



شىنجاڭ گېزىتى 2012-يىل4-ئاينىڭ15-كۈنى يەكشەنبىلىك سانىدىن ئېلىندى.




باش ھەرىپى «ت»غا تايىن تاپقان سۆز ئۇيۇنى:

                                                           تارازىنى توغرا تارتايلى!

تارازىكامنىڭ تارازىسى تۆت توقا، توققۇز تۇقۇناق، تۆت تۈگۈنچەك، تۆت تاش، تۆت تەخسىدىن تەركىپ تاپقان تەڭپۇڭ تارازا. تارازىنىڭ توقۇسىنى تارازىكامنىڭ تۇققىنى توختىنىياز توقىناق تۈگكەن.تارازىنىڭ تەڭپۇڭىنى تارازىكامنىڭ تەۋەرۈك تەڭتۆشى تاشمەت تۆشىكام تەڭشىگەن.تارازىنىڭ تاش تەخسىسىنى تارازىكامنىڭ تەخسىىچى تۇققىنى توختىتاش توختىمەت تاراشلاپ تەڭشىگەن.تارازىنى تەڭشىگەن تۇققانلار تارازىكامنىڭ تۆت تەبىقە تۇققانلىرىدۇر. تارازىكام تارازىنى تەڭشىگەندە تۇققانلىرىغا،تەڭتۆشلىرىگە تەۋسىيە تەرەقىسىدە تەربىيە-تەنبىھ تاپىلىدىكى تارازىدا تاۋىڭىزنى،تەنە-تاپايىڭىزنى تارماي ،تەملىك تاۋۇزىڭىزنى،تاماكا-تاڭگازىڭىزنى تارتسىڭىز تاناپتەك تەۋرىمەي تۈپتۈز تارتىدۇ.
تارازىنى تەرىپلىشىمدە تۈۋەندىكى توغرا تەلەپنى تىجارەتچىلەرگە تاپىلىماقچىمەن.تەۋەيىمىزدىكى تىجارەتچى تۇققانلار! تارازا توغرىسىدىكى تەلىماتنى تىڭشىساڭلار،تەمسىلنىڭ تەرىپ –تەربىيىسى تېگى-تەكتىدىن توقسان توققۇز تېپىشماقتىن تەس.تارىختا تارقىلىشىچە توققۇز تارادىكى توختى تارانچىنىڭ تۇققىنى تالىپ تەرسا تەڭرى تېغىنىڭ تەسكەي تەرىپىدە تۇققۇزنىڭ توقىنى توقسان تەڭگىگە توختىغان تۇرمۇشنىڭ تارچۇقىدا تەمتىرەپ،تاشدەڭ،تاشئېرىق،تازغۇن،تۇزئاۋات،تۇمشۇق تەرەپلەردە تېڭىرقاپ،تاپقان تەرگەن تەلۇقاتىنى تىرىپ تۆشەپ،تۇرمۇشنىڭ تىرىكچىلىكىدە تىپىرلاپتۇ.توخۇ-توشقانلارنى تۇغدۇرۇپ،توخۇ تۇخۇملىرىنى تەنزىلەرگە تىزىپ،تەرەپ-تەرەپلەرگە تۇشۇپ،تۇرپانلىق تۇرسۇن تۈشۈكنىڭ تاماكا-تاڭگازىسىغا تىگىشىپتۇ.تەدرىجى تىجارەتتە تېخىمۇ تۇنۇشۇپتۇ. تاپقان تەرگەن تاپاۋىتىنى تىرىپ توپلاپ،تەڭ تالىشىپ،تىجارەتتە تېخىمۇ تەمكىنلىشىپتۇ.توققۇزى تەل تىجارەتچى تۇققانلار تۈمەن تۈرلۈك تاپاۋەت تەڭگىلىرىنىڭ تاماسىدا تەكەببۇرلىشىپ تارازىنى توغرا تۇتىشالماپتۇ. تۈمەن تۈرلۈك توي-تاماشىلاردا،تۈنەكلەردە،تۆرىلەرگە تارتۇق تارتىشىپ تەلىيىنى تەۋەككۈل تاۋكاسىغا تاشلاپتۇ.توۋا! تەلەينىڭمۇ تەتۈرلىكى تۇتقاندا،تۇقۇنۇشمايدىغان تىجارەت تۈرلىرىنى تاپماق تەسكەن.تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك توسالغۇلىرىغا تۇقۇنۇشۇپ،توغرا تىجارىتىدىن تېيىپ، تارازىنى توغرا تۇتىشالمىغاچقا تىجارەتچىلەرنىڭ تاپقان-تەرگىنى توزغاقتەك تۇزۇپ،تاغدەك تەلۇقاتىدىنمۇ تۈگۈشۈپتۇ.تەرەپ-تەرەپتىن تەتۈر تەشۋىقاتلار تەۋەيىمىزگە تىزدىن تاراپ،تۈرلۈك تەنبىھ-تەنقىدلەر،تاپا-تەنىلەرتىجارەتچىلەرنىڭ تۇمشىقىغا توقماقتەك تەككىلى تۇرۇپتۇ.
تەۋەيىمىزدىكى تىجارەتچى،تاپاۋەتچى تۇققانلار!تەمسىلنىڭ تەرىپ –تەربىيىسنى تۇرمۇشىڭلارغا توغرا تەدبىقلاپ،تىجارەتتە تەئەججۈپلەنمەي،تەشۋىشلەنمەي،تارازا توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەكلىپلەرنى توغرا تۇنۇپ،تاماكا-تاڭگازىلارنى،تۈرلۈك تائاملارنى،تاپقان تەرگىنىڭلارنى تارازىدا تارتقاندا توغرا تۇتۇپ تەڭپۇڭ تارتىشىڭلارنى تىلەيمەن.


DVD پىلاستىنكا مەشرەپلەر توپلىمىدىكى كەلپىن ناھىيىسىنىڭ ئودىكام مەشرىپىدىن ئېلىندى.
2011-يىل12-دىكابىر .




«س»دىن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى:
                                                 سالامنامە
                                       سەمەتجان غاپپار ئەلتۈرك
سۆيۈملۈكۈم سائادەت:
سالامەتمۇسىز؟ سىزنىڭ سۇنغان سالىمىڭىز سەزگۈمنى سەگىتتى. سىزنىڭ ساپ سۆيگۈڭىزنى  سەزمەپتىمەن. سىز  سۆيگۈ سورۇندىكى  سورۇقچىلىقلارنى سۆكۈپ، سەمىمىي، ساپ سۆيگۈڭىزنى سۆزلەپسىز.
سۈيۈملۈكۈم سائادەت:
سىرداشلار سورۇندىكى سىردىشىم سادىرنىڭ سەمىمگە سېلىشىچە ،  سىزنىڭ سۆيگۈڭىز  سەمىمىي،  ساپئىكەن. سىزسەمىمىي، ساپ سۆيگۈڭىزنى  سۆزلەپ ، ساداقەتمەن ،  سەمىمىيىتىڭىزنى سەمىمگە سالدى. سەمىمىيتىڭىزدىن سۆيۈندۇم .سۆيگۈڭىزدىن سۈيۈلدۈم.
    سۆيۈملۈكۈم سائادەت:
سىزنى سۆيىمەن. ساپ سۆيگۈ سورۇلمايدۇ.  سۆيگۈ سالىمىمدا سىزگە  ساداقىتىمنى سۆزلەي:
                                         سائادەت، سۆيگۈمنى سالدىم ساماغا،
                                         سۆيىمەن سەمىمىي سۆيگۈمدە سىزنى.
                                         سۇلمايدۇ سۆيگۈمىز سائادەتكىچە،
                                         ساقلايلى سۆيگۈنىڭ سۇلتانلىقىنى.
سۈيۈملۈكۈم سائادەت:
سۆيگۈم سەمىمىي ، ساداقىتىم ساپ. سىزنى سۆيىمەن. سىزنى سۆيۈپ ، سىزنى ساقلاۋاتقان  سۆيگۈنىڭىز:
سەمەتجاندىن.
ئاۋات ناھىيە يېڭىئېرىق يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالاقىلىشىش تېلفۇنى: 13070038283
~~~~~~~~~~~~~~~
باش ھەرىپى  « س » دىن باشلانغان مۇھەببەت  خېتى :
  
                                                    سىنى  سۈيىمەن
سۈيۈملۈكۈم سەييارە!سەن سەنەم ، سانسىز سەنەم سۈپەتلەردىن سىنىلا سەنەملىككە سايلىدىم. سىنى سۈيىمەن. سىنى سېغىنىمەن. سۆيگۈڭ  سېھىرلىكتۇر. سۆيگۈ سېھرىدە ساماندەك سارغايساممۇ سۇلاشماستىن سويدۈم. سۆيگەنچە سېھىرلەندىم . سۆيگۈڭدە سەرسانمەن.
سۇيۇقلار سۆيگۈ سېھرىدە  سولىشىدۇ ، سولاشقانچە سېسىيدۇ. سۆيگۈگە ساداقەتمەنلەر سۈزىلىدۇ. سۆيگۈ سېھرىدە سېسىغان« سايىم »لارنى سېستىرالارمۇ ساقايتالمايدۇ، ساناتۇرىيىدىمۇ ساقلىمايدۇ. ساھابىلارمۇ سەسكىنىدۇ. سۆيگۈ ساھەسىدە سەۋرلىكمەن. سۆرەتتەك سۈزۈك، سۈتتەك ساپ سەبى سىياقىڭنى سېغىنىمەن. سېغىنغانچە ساداقەتلىكمەن. سىزىۋاتىمەن،  ساداقىتىمدىن سۆيگۈ سايلىمىدا سۆيگىنىڭگە سايلاندىم. ساداقىتىم، سەمىمىيلىكىم سىنى سۈيۈندۈرىدۇ. سۆيگۈ سۈيۈنچەڭدە سايىدايمەن. سايىسىدە سىنى سېغىنىمەن.
سىنى سېغىنغاندا سابالاردىن سىنى سورايمەن. سۆيگۈ ساھىلىدا سائەت-سائەتلەپ ساقلايمەن، سەكسەن سەككىز سائەت ساقلىساممۇسۆيگۈم سۇسلاشمايدۇ. سۈيۈملۈكۈم! سېغىنغاندا سەلكىن سىلكىنىپ سازىمنى سەنچۈن سازلايمەن . سەنچۈن سازلانغان سازىم سائەت-سائەتلەپ سۆيگۈ سۆزلىرىمنى سۆزلەيدۇ. سۆيگۈڭدە  سېھىرلەنگەن سازىم سايراپ، سۆيگۈمنى سابالارغاسېپىپ، سېغىنىشىمنى سەگىتىدۇ. سىرلىرىم ساباغا سىڭىۋاتىدۇ.سېغىنغانچە سازلىرىم سۇزۇلۇپ سۆيگۈمگە سىڭىۋاتىدۇ.
سەھەردىكى سەجدەمدە ساڭا سالامەتلىك،سەۋرچانلىق،ساپ سۆيگۈ سورايمەن.سېغىزخاندك سايراپ سالدىم.سايراشلىرىم سۆيگۈڭنى سۇسلاشتۇرمىغاي!سىنىڭ سەمىمى سۆزلىرىڭنى ساقلاۋاتىمەن.ساقلىغانچەسېھىرلىك  سۆيگۈ سېنى سۈيۈندۈرىدىغان سۆزلەرنى سۆزلىتىپ ،سازىمنى سايرىتىپ سۆيگۈنۈڭنى سەرسانلىققا سالماقتا.
سەندىن سوراي، سۆيگۈ ساڭىمۇ سېھىرلىكمۇ؟ سۇئالىم سۆيگۈڭگە سۇ سەپمىگەندۇ؟ سالاپىتىم سۆيگۈڭگە سىغامدۇ؟ سەنمۇ سېغىنامسەن؟
سۈيۈملۈكۈم! سىنى سىنىدىم ، سىنىغىنىم سىنچىدەك سىنىلا سۆيگۈنۈم. ساپ سەبى سۈيگۈمنى ساڭا سۇندۇم. سۆيگۈڭدە سەنئەتچىمەن. ساددا سىياقىمنى سۆيگۈڭدە ساماغا سالدىم. سۆيگۈ سالىمىم ساڭا سېلىندى.  سېۋەتكە سالماي ساندۇققا سېلىپ ساقلىغىن! سۆيگۈ سانچىقى سانجىلمىسۇن! سۆيگۈنۈڭنى سۈيەلمىسەڭ سېغىنغاندا سالامخەتنى سۈيەرسەن! ساقلىقىڭنى ساقلىغىن! ساقلىق سۆيگۈگە سەرداردۇر!ساۋاقدىشىمىز سادىردىن ساقلانغىن! سادىرنىڭ سۆيگۈسى سۇيۇق، سازلىقتىكى سادەك سېسىق ، سىماسى سېسېق ساماندەك  سېرىق، سۈنۋۇكوڭدەك سەت…
سۈيۈملۈكۈم! سىنىڭچۈن، سۆيگۈمچۈن سۆزلىدىم، سۇلمىغىن، سولاشمىغىن! سەمىمى سۆزلىرىمگە سەكرىمىگىن! ساۋاقدىشىم سادىرنى سېسىتقىنىم،سىنى سۆيگەنلىىكىم سەۋەبىدىن. سىنى ساقلاپ سىنى سېغىنىپ ساۋاقدىشىڭ، سىنىڭ  سەۋرچان سۆيگۈنۈڭ :

                                  سەدىردىن

2010-يىل 6-ئاينىڭ10-كۈنى  ئاۋات-غوروچۆل
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
باش ھەرىپى«م»دىن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى :
                                    مەشرەپ –مەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇجەسسمى
                                                            ( ھۆرەم ئەيسا)

مەشرەپ–مەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇجەسسمى.مەشرەپسىزمەھەللىدىكىلەرمۇڭلانمىغان موللامدەك مۇزلىنىدۇ. مەشرەپسىز مۇڭداشمايدۇ.   مىللىتىمىز مەشرەپنى مەڭگۈ مەدھىيلەيدۇ.
مىجىت مۇھەممەت ،ماھىرە مۇنيازلار مەركەزگە مەشرەپ،مۇقام مۇلاھىزىسىگەماڭدى.مەركەز مېھمانخانىسىدامۇزىكىنىڭ مۇڭىدىن مۇڭلىنىپ،مۇزىكا ماھارىتى مۇسابىقىسىدىكى مامۇت،مۇزەپپەرلەرنى ماختاپ،مەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى مۇبارەكلىمەي،مۇھەببەت مەۋقەسىنى ماتەم مۇزىكىسىغا مۇجەسسەملەپ،مۇسىبەت مۇساپىسىغا مۇپتىلالاشتۇردى.
مۇقام مۇنداق مۆرىمەس،ماڭقۇرتلاردىن مەڭگۈ مۇستەسنادۇر.
مىللىتىمىز مەشرەپنى مەڭگۈ مەدھىيلەيدىغان مۇقام مەستانىلىرىدۇر.
مەشرەپ-مىللەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت مەكتىپى.مۇقام،مەشرەپ مىراسلىرىمىز مەبلەخ،مېھرى-مۇھەببەتكە مۇھتاج.


(ئاپتۇر ئاۋات ناھىيە غوروچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە )
2011-يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
باش ھەرىپى «ھ»دىن باشلانغان سوز ئۇيۇنى :
                                                 ھاراقكەشلىكتىن ھەزىرەيلەيلى!

ھاراقكەشلىكتىن ھەزىرەيلەيلى! ھاراق ھاياتنىڭ ھازالىشى.ھاراقكەشلىك ھاياتقا ھالاكەت ھۇلى ھازىرلايدۇ.ھاراقكەشلىكنىڭ ھەممىسى ھۆللۈككە ھېرىسمەن ،ھەميانغ اھەۋەس قىلىدىغان ھەسەتخور،ھاكاۋۇر،ھەييار،ھىلىگەر،ھۇرۇن،ھارامتاماقلىقتۇر.ھاراقكەشلىكتە ،ھالالنى ھارام،ھارامنى ھالال ھىسابلاپ ھەدىسىلا ھاراققا ھەۋەس قىلىپ،ھاراقتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
ھەرەمباغدىكى ھۈسەيىن ھاراقكەش ھاللىق ھۆنەرۋەن.ھالبۇكى ھۈسەيىن ھاراقكەش ھاممىسى ھۆرنىساخان،ھەدىسى ھەجەرخاندىن ھىچبىر ھېيىقماي ھەمراسى ھەپىزىخاننى ھاقارەتلەپ ھويلا-ھەرىمىدىن ھەيدىۋەتتى.ھازىر ھۈسەيىن ھاراقكەش ھەدىسىلا ھەسسىلەپ ھاراقتا ھەپىلىشىۋەرگەچكە ،ھەميانسىز ھەمسازلىنىپ ھاممالدەك ھالسىز ھالەتتە ھۆڭ-ھۆڭ ھۆڭرەپ،ھەسرەتلەنمەكتە.
ھەي ھاراقكەشلەرھالىڭلارغا ھاي!ھاراقكەشلەرنىڭ ھالى ھالاكەت.ھەممىمىز ھاراقكەشلىكتىن ھۇشيارلىنايلى! ھاياسىز،ھۆرمەتسىز ھاراقكەشلىكتىن ھەرۋاقىت،ھەرزامان ھەزىرەيلەيلى!

مەنبە: 1991-يىلى «چوقان»ناملىق ئۈنئالغۇ لىنتىسىدىن خاتىرلىۋېلىنغان.ئۇرۇنلىغۇچى ئابلىمىت.تۇرسۇن.
~~~~~~~~~~~~~~
باش ھەرىپى «د »دىن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى:
                                                        دولانلىقلار
                                                   (مۇھەممەت ئابدىنياز)
دۆلىتىمىزدىكى دولانلىقلار دوستانە،دۇرۇس،دانالىقىدىن دۇنياغا داڭلىق. دۆلىتىمىزدىكى دولانلىقلارنىڭ دوپپىسى،دۇتتارى،دۈپ-دۈگىلەك داپلىرىمۇ دۇنياغا داڭلىق.
«دولان»،«دىۋان»لاردا دىيىلىشىچە دۆلىتىمىزدىكى دولانلىقلار دەسلىپىدە دېھقانچىلىق،دورىگەرلىك،دوپپىچىلىق،دىراممىچىلىقتا دۇنيا دوقمۇشلىرىدا دونقۇنلىغان.دېڭ شىياۋپىڭمۇ دولانلىقلارنى داڭلىغان.
دۇنيانىڭ دۇقمۇش-دوقمۇشلىرىدا دېھلىدا،داشىدا،داۋانچىڭدا دولانلىقلارنىڭ داڭقى،دوستانىلىقى،دۇرۇسلىقى داۋاملاشماقتا.
دوستلار!داشقازان دەۋرىدە دىيارىمىز دۆلەتباغدىكى داۋۇت دۆلەت،دىلنۇر دىلشات،دىلارە دىلاۋۇرلاردەك دىيانەتسىز،دۆت ،دىتسىز دالتەكلەرنىڭ دىشۋارچىلىقىدىن دولانلىقلار دۇنياۋى دوسلۇقنى،دوستانە دەستۇرخانچىلىقنى،دەستىگاھىنى،دورىگەرلىكىنى،دىراممىچىلىقنى دادىل داۋاملاشتۇرالمىغان.
دەۋرىمىزنىڭ دۇلدۇلى دولانلىقلار،دالىدىكى دېھقانچىلىقنى،دەستىگاھ،دورىگەرلكنى،دىرامما،دوپپىچىلىقنى دادىل داۋاملاشتۇرغانلىقتىن دارامەتتىن داچىلىرى دەرەخزارلىققا ،دەستۇرخانى دانغا،دىيانەتتىن دۇكانلىرى دۇخاۋا-دۇردۇن،داپ-دۇتتار،دۇمبۇراغا دۆۋىلىنىپ،دىلخۇشلۇقتىن دولان دىيارىمىز دېڭىزدەك دولقۇنلاۋاتىدۇ.
دولانلىقلار داۋاملىق دولقۇنلىغۇسى!

2012-يىل 15-ئۆكتەبىر    غوروچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ
~~~~~~~~~~~~~~~~~
باش ھەرىپى «خ»دىن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى:
خەپ ، خىروئىن خۇمارى!
(مۇھەممەت ئابدىنياز)
خونەندىن-خوتەنگىچە،خېبىيدىن-خېنەنگىچە،خېيلۇڭجىياڭدا،خارۋارتتا ،خېشىدا،خىروئىن خۇجايىنلىرى،خەلقنىڭ خىيالىغىمۇ خاسلاشمىغان خىروئىننى خېچىردا،خۇرجۇندا،خالتا-خاپاندا خۇپىيانە خاتىرجەم خۇسۇسىيەتتە خىلۋەتلەردە خەلقىمىزدىكى خىروئىن خۇمارلارنى خۇشخەۋەرلەندۈردى.
خىروئىن خۇجايىنلىرىنىڭ خوشاللىقى خىروئىن خۇمارلارنىڭ خارلىقى.خارلىق خىروئىن خۇمارلارغا خاس. خىروئىن خۇمارلارنىڭ خوشاللىقى-خىروئىن. خىروئىن خۇمارلار خالادا،خالىي خۇپىيانە  خۇمداندا خىروئىندىن خوشاللىنىدۇ.خاتىرجەملىكتىن،خوشاللىقتىن،خۇلقىدىن خوشلىشىدۇ.خامۇشلۇق،خىيالپەرەسلىك،خاپىلىقنىڭ خالتىسىغا خالاپ-خالىماي خۇمارلىنىىدۇ. خىروئىن خۇمارلار خونۇك،خاتىرجەمسىز،خۇتۇنسىز خىيالىدۇر.
خىروئىن خىزمىتىدىكى خىروئىنغا خۇمارلاندۇرغۇچى خائىنلار خەلقىمىزدىن خوتەن خانئېرىقتىكى خالىق،خېنىگۈللەرنى خىروئىنغا خۇمارلاندۇرۇپ،خىروئىن خۇمارىدا خورلىدى. خىروئىن خۇجايىنلىرى خىروئىنغا خۇمارلاندۇرغۇچى خەلق خائىنلىرىنىڭ خىزمىتىدىن خوشاللاندى.خېنىگۈل خىروئىن خۇمارىدا خۇنۈكلەشتى.خالىق خۇتۇنسىز خىيالپەرەسلەشتى.خىروئىنغا خۇمارلانغانلار خوروئىن خۇمارىدىن خوشلىشالماي،خاتىرجەملىكتىن،خوشاللىقتىن،خەلقپەرلىكتىن خوشلاشتى.خەپ،خىروئىن خۇمارى!
خالايىق!خىروئىن-خاتىرجەمسىزلىكنىڭ،خاپىلىقنىڭ،خامۇشلۇقنىڭ خامىنى.خىروئىن خۇمارلارنى خارلايدىغان خاقان.خىروئىندىن،خىروئىن خۇمارىدىن خوشلۇشىڭلار ! خاتىرجەملىكنى خالاڭلار!
خاتىرجەملىك-خەلقپەرۋەرلىكنىڭ ،خەيىرخاھلىقنىڭ خىسلەتلىك خالتىسى.خوشاللىقنىڭ خاقانى.خاپانباش خىروئىنچىلار ،خىروئىنغا خۇمارلاندۇرغۇچى خەلق خائىنلىرى خەلقسىز خاپىلىقتا خارلانغۇسى!


2012-يىل 15-ئۆكتەبىر  غوروچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ
~~~~~~~~~~~~~
سانائىل ھەرپلىك نەسىر-قېرىغاندا قەدەم قىسقىرايدۇ
                                                            ئەنۋەر سادىق
   قەدىرلىق قۇۋم-قېرىنداشلار،قوشنا-قۇلۇملار،قەلبداشلار،قۇرداشلار،قارىغاندا قۇلىقىڭلار قىزىغاندەك قىلىدۇ.قاراڭلار قاش قارايماي،قازان قاينىمايلا قېرىپ قاپتۇق.قېرىشتىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدىكەنمىز.قۇدام قۇندۇز قاسساپنىڭ قۇمقازى قۇدىسى قادىر قاشاڭدەك قىلنى قىرىق قىلالايدىغان ،قىرىق قازاندا قىرىق قىتىمدىن قايناپ قىيام قىلىنغان،قۇم قەغەزدە قىتلىنىپ،قىلەتى قالمىغان قاتمال قاقباشمۇ قېرىدى.
قېرىغاندا قاش-قاپاقلار قۇغۇننىڭ قېقىدەك قورۇلۇپ،قەدەم قىسقىرايدىكەن.قەددى-قامەتمۇ قىسماقتەك قېيىپ قىڭغىرلىشىپ،قەلەمتىراچتەك قاتلىشىدىكەن.قەدەملىرىمىزمۇ قولاشماي،قاچقاننى قوغلىيالمايدىكەنمىز،قوغلىغاندىن قاچالمايدىكەنمىز.قىرىغانسىرى قاتتىقتىن،قەۋەتتىن،قەۋزىيەتتىن،قازايىقەدەردىن قاتتىق قورقىدىكەنمىز.قىرانلارغا،قەلەمقاشلارغا قايرىلىپ قارايدىكەنمىز،قەدىناسقا قىيمايدىكەنمىز.قىرانلىقىمىزنى قەدىرلىسەك ،قېرىلىقتىن،قازايىقەدەردىن قۇتۇلالمىساقمۇ،قېرىشنىڭ،قازايىقەدەرنىڭ قەدىمىنى قىسقارتالايدىكەنمىز.قېرىساقمۇ قەددى-قامەتلىق،قاۋۇل قېرىيدىكەنمىز.قەدىناسسىز،قارىغۇچىسىز قالساقمۇ قىينىلىپ قالمايدىكەنمىز.قىلالايدىغانلىرىمىزنى قالدۇرۇپ قويماي،قانۇن-قائىدىلىك،قايىل قىلارلىق قىلساق،قېرىغاندا قىلچىلىكمۇ قايغۇرمايدىكەنمىز.قىرانلىقىنى قەدىرلىمىگەنلەرنىڭ قانات-قۇيرىقى قاتمايمۇ قەدىمى قىسقىراپ قالىدىكەن .
قىرىققا قەدەم قويمىغان قورغاسلىق قۇلۇپساز قەيۇم قىلتاق قۇلۇپسازلىقىنى قىلىۋەرمەي،قۇرداشلىرىنى قانۇنسىز قىلمىشلارغا قۇترىتىپ ،قىمارخانا قۇرۇپ ،قاش قارايغاندا قوشنا-قۇلۇملارنىڭ قوتان- قازناقلىرىغا قاتراپ،قۇۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ قىزلىرىغا قىلتاق قۇرۇپ ،قېلىنلىق قىلىپ قەدىناسىنى،قوشنا-قۇلۇملىرىنى،قەۋم-قېرىنداشلىرىنى قورقۇتۇپ،قاڭغىر قاقشاتقانىدى.قانۇندىكىلەر قەيۇم قىلتاققا قانۇنسىز قىلمىشلارغا قاتناشماسلىقنى قايتا-قايتا قەيت قىلغانلىرىدىن قورقۇپ قالدىمۇ قانداق؟ قارامايغا،قارامايدىن قۇمۇلغا قېچىپتۇ،قانچە قىلسىمۇ قانۇننىڭ قۇدرىتىدىن قۇتۇلالماي،قەشقەرگە قايتۇرۇلۇپ،قارا قىلچىنغا قامىلىپتۇ.
قۇۋم-قېرىنداشلار،قوشنا-قۇلۇملار،قەلبداشلار،قۇرداشلار،قەدىر-قىممىتىمىزنى قوغدايلى،قىرانلىقىمىزنى قەدىرلەيلى.قالاقلىقنى،قاتمال قاراشلارنى قايرىپ قۇيۇپ، قابىلىيىتىمىزنى قەدەممۇقەدەم قاناتلاندۇرايلى. قۇۋم-قېرىنداشلارغا،قوشنا-قۇلۇملارغا،قەلبداشلار،قۇرداشلارغا قارا قوللۇق ،قىڭغىر قوللۇق قىلمايلى. قۇۋم-قېرىنداشلارنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەيلى.قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ،قارىغۇچىسىز قالغانلارغا قاراپ قۇيايلى. قانۇننىڭ قۇدرىتىنى قوغداپ ،قانۇنسىز قىلمىشلارنى قوغلاشمايلى.قانداق قىلىشتىن قەتئىينەزەر ،قانۇن-قائىدىلەرنى قىبلەنامە قىلايلى.

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2012-يىل30-مارت سانىدىن ئېلىندى.
~~~~~~~~~~~
كۆيمىگەنگە كۆيمە
(سانائىل ھەرپىيات)
كۆيمىگەنگە كۈيىدۇ كەم-كۇتىسىز كالۋا كىشى،
كۆيگىنىنىڭ كەينىدىن كۈنلەيدىكەن كومشا كىشى.
كۆيسە كاشكى كۆيگىنى،كەتمەس كۈرۈشمەي كەچكىچە،
كاپشىغاي كۆرگەندە كاس-كاس كىسىلى كونا كىشى.
كىم كۆيۈپ،كىم كۆيمىدى،كۆرمەس كۆزى كۈپكۈندۈزى،
كۆڭلى كىر،كەچمىشلىرى كەمچىل،كاۋاك كاللا كىشى.
كۈلسىمۇ،كۈلدۈرسىمۇ كۆپرەك كۈزەتمەي كۆيمىگەي،
كاج كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەيدىغان كاتتا كىشى.


مۇھەممەد رەھىمنىڭ «جان تەسەددۇق»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
2012-يىل10-ئاي
ۋاقتى: 2013-3-15 17:20:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانائىل ھەرپلىك شىئېر-باھارىستان بولدى باغلىرىم
سانائىل ھەرپىيە
باھارىستان بولدى باغلىرىم
جاپپار رەھىم روھلانى

باھارىستان بولدى باغلىرىم،
بېدىشلەردە بۇدرۇق بىزەكچە.
بۇلبۇللاردىن باشلاندى بەزمە،
بۇ بەزمىلەر بۈگۈن بۆلەكچە.

بېلىق بىخلار بىلەن بىزەلدى،
بەلدەملىرى بېھى،بادامنىڭ.
بولدى باغلار بەلەن باراقسان،
بىلىكىدە باغۋەن بوۋامنىڭ.

بوز يىگىتلەر بۇندا بەختىيار،
باشلاپ بارار بانۇلىرىنى.
بېقىشقاندا بېسىپ بىھۇشلۇق،
بىلمەس باغدا بارۇرلىرىنى...

باغاشلىدى بارچىنى باھار،
بەھىر بەرگەن بارخانلارنىمۇ.
باغاشلىدى بۇغدايلىقلارغا،
بۇلاق باشلاپ بارغانلارنىمۇ.
باھارىستان بولدى باغلىرىم،
بېيىتلەردە بەخت بەلگىلىك.
بالىلارنىڭ بارماقلىرىدا،
بوزلىماقتا بالىمان-بىلىك...

شىنجاڭ گېزىتى 2011-يىل20-مارت يەكشەنبىلىك سانىدىن ئېلىندى.
~~~~~~~~~~~~~~
باش ھەرىپى « ب » دىن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى
             بەگمەتنىڭ بەخىتسىزلىكى
باتۇراخۇن بىلەن بەختىخان بىتەلەيلىكىدىن بەگمەتتىن باشقا بالىلىق بۇلالمىدى. بەگمەت بىرلا بالا بولغاچقا بالىلىقىدىب باشلاپ باتۇراخۇنغا بەگ بۇلۇپ،باققاننى بىلمەيدىغان بۇلۇمسىز بالا بولدى. بەگمەت باققۇچىلىرىنىڭ باياشاد،بەھۇزۇر باققىنىنى بىلمەي بىكارچىلىقتىن بېلى بوش ،بەغەرەز بالا بولدى.
بەگمەت بىنا بولغىلى بەش باھار بولغاندىن باشلاپ بالىلار بىلەن بىكارچىلىقتىن بەتبەشىرلىكتە بەسلەشتى. بەزىدە بىرىنچىمۇ بۇلاتتى.بالاغەتتىن باشلاپ بۇلاڭچى،بەغەرەز،بەڭگى بالا بولدى.بەگمەت بوي-بەستىگە باقماي بەزىدە بۇرنىنى بوياقتا بويىۋالسا، بەزىدە باتۇراخۇننىڭ بۇيۇن-باشلىرىنى بۇر بىلەن بۇيايتى. بەزىدە باشقىلارنىڭ بوۋاقلىرىنىڭ بۇلمىقىنى بۇلىۋالسا، بەزىدە باشلانغۇچتىكى بوزەك بالىلارنىڭ بوغچىسىنى بۇلىۋالاتتى. بەزىدە بەغەرەز بالىلارنى بابلىسا، بەزىدە بىڭسى بار بالىلاردىن بابلىناتتى.بىلىمسىزلىكىدىن بىخەتەرلىك باياشاد بۇلۇشنىڭ بەلگىسى بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. بەڭۋاشلىقىغا باقماي باشلىق بۇلۇشنى بەك بۈيۈك بىلەتتى.بەغەرەز بەتقىلىقلىقىدىن بېغىدىكى باغلاقلىق بېدىنى باتۇراخۇننىڭ بۇيرۇقىسىز بارات بوتكىغا بەش بېلىق،بىر بۇتۇلكا بىراندىگە بىرىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن باتۇراخۇن بەش باقىسىنى بىخارامان باقالمايدىغان بولدى. باتۇراخۇن بىلەن بەختىخان بالىسىنىڭ بۇنداق بىشەملىكىدىن بەكلا بىزار بۇلۇپ،بالىسىنىڭ باشباشتاقلىقىدىن باغنىڭ بۈرجىكىدىكى بېھىنى باغ بېدىكلىرىگە بالدۇرلا بىرىۋەتتى.
بەگمەت بارا-بارابازارنىڭ بۇلۇڭلىرىدا،بىنالارنىڭ بالكۇنلىرىدا،بوتكىلاردا،باغچىلارداباشقىلارنى بۇلايدىغان بۇلاڭچىنىڭ باشلىقى بولۇپ،باتۇراخۇننىڭ باشقۇرۇشىغا بوي بەرمەيدىغان بولدى.بەگمەتنىڭ بەغەرەزلىكى،بەڭۋاشلىقى بىراقلا بېشىغا باردى.بەگمەت باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بانكا بۇلىغاندىن باشقا،بىر بانكىرنى بۇغۇزلىۋەتكەنلىكتىن باغلاققا باغلاندى. بولغۇلۇق بەگمەتكىلا بولماستىن باتۇراخۇن بىلەن بەختىخانغىمۇ بولدى.بۇ بەخىتسىزلىككە بەگمەتنىڭ بىلىمسىزلىكى باھانە بولدى.بەگمەت بىلجىرلايتتى........

شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى   2008-يىل4-ئاينىڭ 9-كۈنى   2817-سانىدىن ئېلىندى.
2009-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى  رەتلەندى .
~~~~~~~~~~
«ئا»ھەرىپىدىن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى:   
                               ئاق ئالۋاستىتىنىڭ ئازابى
                                 (مۇھەممەتساقى ساۋۇر)
ئاسىم-ئابلىز ئاخۇننىڭ ئارزۇلۇق ئاسراندىسى.ئاسىمنىڭ ئاجايىپ ئاقىللىقى ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى ئاشۇراتتى.ئابلىز ئاخۇنمۇ ئاسىمغا ئاكا-ئاچىلىرىدىن ئارتۇق ئامراق،ئايالى ئايشەمخانمۇ ئامراقلىقىدىن ئاجايىپ ئارزۇلايتى.
ئابلىز ئاخۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاسىمنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئاخىرغىچە ئاسىمنىڭ ئارزۇلىغىنىدىن ئاشۇرۇپراق ئاقلايتى. ئاسىمنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرى ئايلارنىڭ ئاۋۇشىدا ئاۋالقىدىنمۇ ئاۋۇپ،ئاچكۆز ئادەمگە ئايلاندى.
ئاسىمنىڭ ئادىل،ئابدۇسەمەت ئاتلىق ئاغىينىلىرى ئاخشاملىرى ئادەملەرنى ئاق ئالۋاستىدا ئالداپ ئاقچا ئالاتتى.ئاق ئالۋاستىنىڭ ئازابىدا ئارام ئالالمىغان ئادەملەر ئامالسىز ئاق ئالۋاستىنى ئاتا-ئانا،ئاكا-ئاچىلىرىنى ئازاپلاپ ئالغان ئاقچىلىرىغا ئالاتتى.ئادىل،ئابدۇسەمەتلەرئاشۇنداق ئاچكۆزلىكىدە ئادەملەرنى ئازاپلاپ،ئاچكۆزلىكى ئارام ئالسا،ئارزۇ-ئارمانلىرى ئازراق ئازلايتى.
ئادىل، ئابدۇسەمەتلەر ئاخىر ئاسىمنىمۇ ئالداپ ئاق ئالۋاستىنى ئاغزىغا ئالدۇردى،ئاق ئالۋاستى ئاسىمنى ئارىغا ئالدى.ئاسىم ئاق ئالۋاستىنىڭ ئازدۇرىشىدا ئائىلىسىگە ئاجايىپ ئاپەتلەرنى ئاپىرىپ،ئايالى ئايگۈلنى ئازاپلاپ ئايلاندۇردى.ئاسىم ئايگۈلگە ئاتا-ئانىسى ئالغان ئالتۇنلارنى ئاپىرىپ ئاق ئالۋاستىغا ئالماشتۇردى.ئايگۈل ئاسىمنىڭ ئازاپلىرىدىن ئارام ئالالماي ،ئاتا-ئانىسىغا ئاشكارىلاپ ئاسىمدىن ئاجراشتى.ئاسىم ئايگۈلدىن ئاجرىشىپ ،ئاتا-ئانا،ئاكا-ئاچىلىرىنىڭ ئالتۇن-ئاقچىلىرىنى ئاق ئالۋاستىغا ئالماشتۇردى.ئابلىز ئاخۇننىڭ ئائىلىسىنى ئارزۇلۇق ئاسراندىسى ئازاپ ئارىلىغا ئايلاندۇردى.ئابلىز ئاخۇن ئاسىمنىڭ ئازابىدىن ئاخشاملىرىمۇ ئارام ئالالمىدى.ئاق ئالۋاستى ئاسىمنى ئازاپلاپ ،ئاخىرەتكە ئاپاردى. ئابلىز ئاخۇن ئاق ئالۋاستىنىڭ ئازابىدىن ئارام ئالسىمۇ،ئارزۇلۇق ئاسراندىسى ئاسىمدىن ئايرىلدى.
ئابلىز ئاخۇن ئاسىمدىن ئايرىلغان ئاچچىقىدا ئادىل،ئابدۇسەمەتلەرنى ئاشكارىلاپ،ئالاقىدار ئادەملەرگە ئاق ئالۋاستى ئامبىرىنى ئادىل،ئابدۇسەمەتلەرنىڭ ئاچقانلىقىنى،ئاسىمنى ئاق ئالۋاستى ئاپىتىنىڭ ئاخىرەتكە ئاپارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.ئالاقىدار ئادەملەر ئادىل،ئابدىسەمەتلەر ئاچقان ئاق ئالۋاستى ئامبىرىنى ئاختۇرۇپ،ئامباردىكى ئاق ئالۋاستىلارنى،ئادىل ئابدۇسەمەتلەردەك ئاچكۆز،ئازغۇن ئادەملەرنى ئازراقمۇ ئاۋايلىماي ئازاپلىدى.ئابلىز ئاخۇن ئائىلىسىدەك ئاق ئالۋاستىنىڭ ئازابىدا ئازاپلانغان ئائىلىلەرنى ئازاپتىن ئارام ئالدۇردى.

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2011-يىل 23-دىكابىردىكى سانىدىن ئېلىندى.
~~~~~~~~~~~
« ت  »تاۋۇشىغا تايىن تاپقان تەلەپ –تەكلىپ
تاماكىنى تاشلايلى !
(ئابدۇرازاق ئابدۇخالىق)
تاماكا تارتقۇچىلار تىڭشاپ تۇرۇڭلار!
تاماكا تارتىش-تارىختىن تارتىپ تىبابەتشۇناسلار،تەرەقىپەرۋەرلەر،تىۋىپلار تەرىپىدىن تولا تەنقىدلىنىۋاتقان تىمىدۇر.تاماكا تۈتۈنىنىڭ تەنگە تېقسىز تەسىرى تىگىدىغانلىقى تەشۋىقات تۈرلىرىدە تاكى تېلىۋىزورلاردىمۇ تۇلا تەكىتلىنىۋاتىدۇ.تاماكا تارقۇچىلار تولا تەنقىدلىنىپ تۇرسىمۇ تاماكىنى تاشلىماق تۈگۈل ،تۆتى تۈگىسە توققۇزى تۆرىلىپ تاماكىنىڭ تۈرلىرىنى تېخىمۇ تەرەقىيلاشتۇرۇپ،تاماكا تارتىش تېخنىكىسىنىمۇ توختاۋسىز تەرەققىي تاپقۇزۇشقا تىرىشماقتا .
   تىۋىپلارنىڭ تەكشۈرىشىچە،تاماكا تۈتۈنى تاماكا تارتقۇچىنىڭ تۇرقۇنى تاتىراڭغۇلاشتۇرغاندىن تاشقىرى،تېرىلىرىدىكى تەر تۈشۈكچىلىرىنى ،تۇمۇرلىرىنى تۇتىۋالىدىكەن،تېنىنى تېمەنسىزلەشتۈرىدىكەن.
   تاماكا تارتقۇچىنىڭ تىللىرى تاماكىغا تىگىپ،تۈتۈنگە تارتىشىپ تۇرغاچقا ،تۈتۈنگە تويماس تۇمشۇقلىرىنى تەپ تارماستىن تەرەپ-تەرەپكە تەڭلەپ،تاشلاندۇق تاماكىنىمۇ تالىشىپ تارتىشىدۇ، تىببى تەتقىقاتچىلارنىڭ،تەرەققىيپەرۋەر تىۋىپلارنىڭ تاماكىنى تاشلاش توغرىسىدىكى تەشۋىق تەربىيىسىنى توغرا تاپماي،تېخى تاماكا تارتىشنى توسقان تۇققانلىرىغا،تەڭتۆشلىرىگە تىغدەك تىللىرىنى تەڭلەپ،تۇمشۇقىنى تولغاپ ،تەلەتىنى تۈرىۋالىدۇ.(توۋا! تۈمەنمىڭ توۋا!)
تەھقىقكى،تاماكا تارتقۇچىلار تاماكىغا تەسلىمدۇر.تاماكىنى تىرىشىپ تاشلايدىغانلارنىڭ تېپىلىشى تەس.تاڭەي تاماكىنى تاشلىماق تۇلىمۇ تەسمىكىن؟
  تاماكا تارتقۇچىلار تىڭشاڭلار !تېخىمۇ تەكىتلەپ تاپىلايمىزكى،تاماكا تارتىشنى تىزدىن توختۇتۇڭلار!تاماكا تاشلاش تەخىرسىز تەلەپتۇر.تاماكا تۈتۈنىنىڭ تاماكا تارتقۇچنىڭ تىنىنى تەئىيسىزلەشتۇرۇپ،تاماكا تارتقۇچىنىڭ تۇرقىدىن تارتىپ تۇغۇلماقچى تۈرەلمىلىرىگىچە تەئىيسىزلىككە تاشلايدىغانلىقىنى تىببى تەرەقىياتلار تەتقىقلەپ تاپتى.تەرەقىيپەرۋەر تىۋىپلارمۇ توغرا تاپتى.
تاماكا تارتقۇچىلار تىنىنى تىمەنلەشتۈرۈشنىڭ تەدبىرىنى تىرىشىپ تېپىپ تاماكىنى تامامەن تاشلىغىنى تۈزۈك .تىۋىپلارنىڭ تەكلىپ –تەربىيىسىنى توغرا تاپمىغۇچىلار،تاماكا تارتىشنى توختاتمىغۇچىلار تاكى تاماكىنى تامامەن تاشلىمىغۇچە تىمەنسىزلىك تەرىپىدىن تۈكۈرۈپ تاشلىنىدۇ.تالاپەت تۈرمىسىدە تۇزۇپ تۈگەيدۇ.تالايلارغا تۇنۇشلۇقكى،تاماكا تالايلارنى تۈرلۈك تالاپەتكە تاشلايدۇ.تۇرمۇش تەرەقىياتىنى تۇسىدۇ.تىرىكچىلىك تاپاۋىتىنىنى،تەن تىمەنلىكىنى تۈگەشتۈرىدۇ.تاماكا تارتقۇچىلارنى تاماكىدىن تەزدۈرمىگەندە،تالاي تىمەنلەرگىمۇ تاماكىنىڭ تەسىرى تىگىدۇ.تاماكا تالاپىتىنى تۈگۈتۈشكە تىزدىن تىرىشايلى،تاماكا تاشلاش تەن تىمەنلىكىمىزگە،تەبىئىيلىكىمىزگە توگرا تاناسىپتۇر،تاماكىنى تاشلايلى!
2001-يىلى 4-ئۆكتەبىر «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى» دىن ئېلىندى.
~~~~~~~~~~~~~~~~~
مۇئەللىملىك مۇقەددەس مېھنەت

(«م» ھەرىپىدىن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى)

توپلاپ رەتلىگۈچى : مەمەت ئابدىنياز


مۇئەللىملىك مۇقەددەس مېھنەت ،مەكتەپ مەرىپەتنىڭ مۇقەددەس ماكانى .
مائارىپ-  مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىنىڭ مۇۋاپىق مۇھىتى .مۇئەللىملەرنىڭ مېھنىتى مۇشۇ مۇھىتتا مىۋىلەيدۇ .
مۇئەللىملىك مۈشكۈل ،مەڭگۈلۈك مېھنەتتۇر .
مەملىكىتىمىزدىكى مىڭلىغان مىليۇنلىغان ماددى-مەنىۋى مەھسۇلاتلار مائارىپ مۇھىتىنىڭ مەھسۇلى.مائارىپ مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىدا مەڭگۈلۈك ماياكتۇر .
مائارىپچى مېھمانلار ،مەن مۇھەممەت مائارىپ مۇھىتىدا ،مەدەنىيەت ماكانىدا  مەركىزى مەكتەپتە مۇئەللىملىككە مۇيەسسەرلىكىمدىن مەمنۇنمەن .
مەزكۇرماقالەمدە مەھەللىمىزدىكى مەرىپەتپەرۋەرلەرنى،مېھنەتكەش مائارىپچىلارنى، مۇئەللىملەرنى مەدھىيلەيمەن.
مەكتىپىمىزدىكى مۇئەللىملەردىن مۇختەرجان،مۇتەللىپجان،مۇكەررەم،ماھىرەلەرنى ماختاش مۇددىئايىمنىڭ مەركىزى .

مەدھىيلەپ ماختىغۈچى : مەكتەپ  مالىيىسىدىن مەمەتجان

2010-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 02:10 , Processed in 0.172979 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat