ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 623|ئىنكاس: 11

(ئەرتۈرك) 3 مىليون يۈەنلىك دەرس   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
855
تىللا
738
شۆھرەت
1203
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 10:19:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3 مىليون يۈەنلىك دەرس  
بىرىنچى دەرس



بىر ئەر ئايالى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنچىغا كىرمەكچى بوپتۇ. بۇ چاغدا ئىشىك جىرىڭلاپتۇ. ئايال دەرھال بەدىنىنى يۆگەپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپتۇ. ئىشىكنى ئېچىپ قارىسا قوشنىسى جورج.

ئايال گەپ قىلىپ بولغىچە جورج ئېغىز ئېچىپتۇ:

−بەدىنىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز 800 دوللار بېرىمەن.

ئايال بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ، بەدىنىنى ئېچىپتۇ. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن جورج ئۇنىڭغا 800 دوللارنى بېرىپ كېتىپتۇ.

ئايال بەدىنىنى يۆگەپ ئۆيگە كىرىپتۇ، ئۇ مۇنچىغا كىرىشىگە ئېرى ”كىمكەن؟“ دەپ سوراپتۇ. ”قوشنىمىز جورجكەن“ دەپتۇ ئايالى.

− شۇنداقمۇ،- دەپتۇ ئېرى،− ئۇ 800 دوللار قەرزنى قايتۇرىدىغاننىڭ گېپىنى قىلمىدىمۇ؟

خۇلاسە كالام: پايچىكلار مۇھىم ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، بولمىسا سەتچىلىكى ھامان ئاشكارىلىنىدۇ.



ئىككىنچى دەرس



مال ساتقۇچى، خىزمەتچى ۋە ئۇنىڭ خوجايىنى چۈشلۈك تاماق يېگىلى كېتىۋاتقاندا بىر يەردىن جىن چىراغ تېپىۋاپتۇ. ئۇلار چىراغنى سۈرتۈپ تۇرۇشىغا بىر جىن سەكرەپ چىقىپ:

−مەن سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىمەن،-دەپتۇ.

ــ مەن دەي، مەن دەي،- دەپتۇ خىزمەتچى قىز ئالدىراپ،- مېنىڭ بالى ئارىلىغا بېرىپ، قولۋاق تېيىلىپ ئوينىغۇم بار.

قىزچاق بۇ گەپنى دەپلا غۇييىدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ.

−ئەمدى مەن دەي،- دەپتۇ مال ساتقۇچى،− مېنىڭ ھاۋاي ئارىلىغا بېرىپ، قۇم ساھىلدا يېتىپ ئارام ئالغۇم بار، بەدىنىمنى تۇتۇپ قويىدىغان قىزلار، ھەقسىز ئىچىملىكلەر بولسۇن.

ئۇمۇ بۇ گەپنى دەپ بولۇپلا غۇييىدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ.

− ئەمدى ساڭا كەلدى،- دەپتۇ جىن خوجايىنغا.

− بۇ ئىككى ئەخمەق چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن دەرھال ئىشقا كەلسۇن!- دەپتۇ خوجايىن جىلە بولۇپ.

خۇلاسە كالام: خوجايىنىڭىز باشتا ئېغىز ئاچسۇن.



ئۈچىنچى دەرس



بىر بۈركۈت دەرەخنىڭ ئۇچىدا ئارام ئېلىپ تۇرسا، توشقان ئۇنى كۆرۈپ سوراپتۇ:

−مەنمۇ سەندەك بىكار ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلانسام بولمامدۇ؟

− بولىدۇ، نېمىشقا بولمىغۇدەك،−دەپتۇ بۈركۈت.

شۇنىڭ بىلەن توشقان بۈركۈت قونغان دەرەخنىڭ ئاستىدا ئارام ئاپتۇ. توساتتىن بىر تۈلكە پەيدا بولۇپ، ئېتىلىپ بارغىنىچە توشقاننى يەۋېتىپتۇ.

خۇلاسە كالام: بىكار ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئورنىڭىز چوقۇم يۈكسەك بولۇشى كېرەك.



تۆتىنچى دەرس



بىر قۇش قىشتىن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن جەنۇبقا سەپەر قىلىپتۇ، بارغىچە مۇزلاپ كېتىپ ئېتىزلىققا چۈشۈپ كېتىپتۇ، نىمجان ياتقاندا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىنەك ئۇنىڭ ئۈستىگە پوقلاپ قويۇپتۇ. قۇش پوقنىڭ ئىسسىقىدىن راھەتلىنىپ، تېنىگە جان كىرىپ، خۇشاللىقىدىن ۋىچىرلاپ سايراشقا باشلاپتۇ. بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان مۈشۈك، نېمە ئاۋازدۇ بۇ دەپ يېقىنلاپ قارىسا، پوقنىڭ تېگىدە بىر قۇش سايراۋاتقۇدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تارتىپ چىقىپ يەۋېتىپتۇ.

خۇلاسە كالام:

1)  كاللاڭغا چىچىپ قويغاننىڭ ھەممىسى دۈشمىنىڭ ئەمەس.

2)  سېنى پوقتىن تارتىپ قويغاننىڭ ھەممىسى دوستۇڭ ئەمەس.

3)  پوقنىڭ تېگىدە قالساڭ، ئەڭ ياخشىسى ئاغزىڭنى يۇم.



بەشىنچى دەرس



بىر ناۋاي بىلەن ئوغرى دوست ئىكەن. ئاشپەز سەھەر تۇرۇپ نان ياقسا، ئوغرى ئەتىگەندە شەھەرگە كىرىپ، ئاپتوبۇس قىستاڭچىلىقىدا يانچۇقچىلىق قىلىدىكەن.   ئۇلار ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، بىر-بىرىنى قاق سەھەردە ئويغىتىپ قويۇشقا كېلىشىۋاپتۇ. يىللار ئۆتۈپ ئۇلار كەينى-كەينىدىن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. پەرىشتىلەر يانچۇقچىنى جەننەتكە، ناۋاينى جەھەننەمگە سۆرەپتۇ. چۈنكى يانچۇقچى ھەر كۈنى سەھەردە ياخشى ئىش قىلىپ، ناۋاينى نان يېقىشقا چاقىرىدىكەن. ناۋاي بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە، يانچۇقچىنى يامان ئىشقا چاقىرىدىكەن.

خۇلاسە كالام: دۇنيالىقتا توغرا دەپ قارىغان ئىشىڭنىڭ چوقۇم توغرا بولۇشى ناتايىن.



ئالتىنچى دەرس



يولدا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتىسىز، تۇيۇقسىز بوران چىقىپ، يامغۇر يېغىپ كەتتى. بىر بېكەتتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىڭدا بېكەتتە ئۈچ ئادەمنىڭ جىددىيلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردىڭىز. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلەپ دەپ قالغان بوۋاي، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. يەنە بىرى دوختۇر، ئۇ سىزنى خەتەرلىك كېسەلدىن داۋالاپ ساقايتقان، سىز ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى دائىم ئويلاپ كېلىۋاتقان. يەنە بىرى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك لايىق (يەنى كېلىشكەن يىگىت ياكى چىرايلىق قىز). ئەگەر مۇشۇ قېتىم پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز، ئىككىنچى ئېرىشەلمەيسىز. ئەمما سىزنىڭ ماشىنىڭىزدا سىزدىن باشقا پەقەت بىرلا ئادەم ئولتۇرالايدۇ. ئۇنداقتا سىز ماشىنىڭىزغا كىمنى سېلىۋالىسىز؟

شىركەت ئادەم ئالغاندا 200 ئادەمدىن مۇشۇ سوئالنى سورىغان، پەقەت بىرلا ئادەم توغرا جاۋاب بېرىپ شىركەتكە كىرەلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى دوختۇرغا بېرىمەن، ئۇ كېسەل بوۋاينى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ، ئاندىن مەن ئۆزەمنىڭ كۆڭلىدىكى لايىق (يىگىت ياكى قىز) بىلەن ئاپتوبۇس ساقلايمەن.

مەن تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ جاۋابقا قايىل بولدى، ئەمما ھېچكىم، ھەتتا مەنمۇ باشتا بۇنى ئويلاپ يېتەلمىگەن.

خۇلاسە كالام: بىز ئۆز كوزۇرىمىز (ماشىنىمىزنىڭ ئاچقۇچى)دىن ۋاز كېچىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىدۇق، شۇنداقمۇ؟  بەزىدە بىز جاھىللىق، چۈپەيلىك قىلمىساق، بەزى ئەۋزەللىكىمىزدىن ۋاز كەچسەك تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.



يەتتىنچى دەرس



بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا ئادەملەر يالىڭاياغ يول يۈرىدىكەن. بىر پادىشاھ پۇقراچە كىيىنىپ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئارىلاۋېتىپ، تاشلىق يولغا كىرىپ قاپتۇ، پۇتلىرىغا تاش پېتىپ، ئاغرىپ، كۆپ قىينىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوردىغا قايتىپ بېرىپ، تاشلىق يوللارنى بىر قەۋەت كالا تېرىسى بىلەن قاپلاشقا بۇيرۇپتۇ. مۇشۇنداق قىلسام ئۆزەمگىمۇ، خەلقىمگىمۇ ياخشى، كىشىلەر يول ماڭغاندا قىينالمايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. نەتىجىدە، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بارلىق كالىلار ئۆلتۈرۈلۈپ، تېرىىسى يوللارغا سېلىنىپتۇ، تېرىلەر يېتىشمەپتۇ، نۇرغۇن بايلىق، ئادەم كۈچى ئىسراپ بوپتۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، ئىسراپچىلىق بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ يارلىقى بولغاچقا، كىشىلەر ئامالسىز بويسۇنۇپتۇ. شۇ چاغدا بىر مالاي پادىشاھقا ئەقىل كۆرسىتىپ: پادىشاھىم، نېمىشقا شۇنچە كۆپ ئادەمنى ئىشقا سېلىپ، شۇنچە نۇرغۇن كالىنى ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن مال-دۇنيانى ئىسراپ قىلىلا؟ ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزلىرىلا پۇتلىرىغا كالا تېرىسىنى يۆگەپ يول يۈرسىلە بولمامدۇ؟- دەپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ، مالاينىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، بۇيرۇقىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ، ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۆتۈكنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىكەن.

خۇلاسە كالام: دۇنيانى ئۆزگەرتىش تەس، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش بىر قەدەر ئاسان.شۇڭا

دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن دەپ يۈرمەي ئۆزەڭنى ئۆزگەرت (ئۆزەڭنىڭ پۇتىغا كالا تېرىسى يۆگە)، سىرتتىن كېلىدىغان دەخلى-تەرۇز، ئاۋارىچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزەڭنىڭ مەلۇم قاراشلىرى ۋە ئۇسۇللىرىڭنى ئۆزگەرت. ئۆزەڭنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن نەزەرىڭدىكى دۇنيامۇ ئۆزگىرىدۇ، ئەگەر دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلساڭ، بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭ ئۆزەڭنى ئۆزگەرتىش. قەلبىڭ ئۆزگەرسە پوزىتسىيەڭ ئۆزگىرىدۇ، پوزىتسيەڭ ئۆزگەرسە ياشاش ئادىتىڭ ئۆزگىرىدۇ، ياشاش ئادىتىڭ ئۆزگەرسە ھاياتىڭمۇ ئۆزگىرىدۇ.



سەككىزىنچى دەرس



تۇرمۇشتا جانغا ئەسقاتىدىغان ئون ھېكمەت:

1)   ئاتالمىش تۆمۈر تاۋاق بىر ئۆمۈر قورساق باقىدىغان تاۋاق ئەمەس، بەلكى نەگىلا بارسا قورساقنى باقالايدىغان تاۋاقتۇر.

2)    كىچىك ئىشلارنى ئوبدان قىلىش ئاسان ئەمەس، ئادەتتىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىشمۇ ئادەتتىكىچە ئىش ئەمەس.

3)  تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئالىي پەزىلەت كەڭ قورساقلىق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ ئالىي پەزىلەت كىشىلەرنى ھۆرمەتلەشتۇر.

4)   ئېسىللىكتىن پەسلىككە بىر قەدەملا كېتىدۇ، ئەمما پەسلىكتىن ئېسىللىككە ئەسلا يول يوقتۇر.

5)  تۇغۇلۇش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ۋاپات بولۇش دېگىنىمىز ياخشى تۇغۇلۇش، ئاستىراق قېرىش، كېچىكىپ كېسەل بولۇش، تېز ۋاپات بولۇش دېگەنلىك.

6)  مەغرۇرلىنىۋېرىشكە بولمايدۇ، نەپسىمىزنى مەيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۆلگىدەك ئويناپ-كۈلۈشكە بولمايدۇ، ئىرادىمىزدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.

7)  بايلار بىلەن ئارىلاشمىغانغا ئەبگالىشىپ كەتمەيسەن، ئېسىللەر بىلەن ئارىلاشمىغانغا پەسلىشىپ كەتمەيسەن.

8)    دۇنيادا ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە كاللىسى يەتمەيدىغان ئادەم بار، ئەمما ئۆتكىلى بولمايدىغان يول يوقتۇر.

9)    ئىقتىدار گويا چەككە ئوخشايدۇ، ئۇنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرمىساڭ، كېرەكسىز قەغەزگە ئايلىنىدۇ.

10)    ھاياتلا ياشايدىكەنسەن، باشقىلارنى كۈلدۈرىسەن ياكى باشقىلار ساڭا كۈلىدۇ.



توققۇزىنچى دەرس



1) سۈكۈت قىلىشنى ئۆگەن. بەزىدە باشقىلار سېنى خاتا چۈشىنىدۇ، گەپ تالاشقىڭ كەلمىسە سۈكۈت قىل. ئەسلىدىمۇ، ھەممە ئادەمنىڭ سېنى چۈشىنىشى كېرەك ئەمەس. شۇڭا ھەممە ئادەم مېنى چۈشەنسە بولاتتى دەپ ئويلىۋالما. بەزىدە سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەممۇ سېنى خاتا چۈشىنىدۇ، ئاچچىقىڭدا ئۇنىڭ بىلەنمۇ گەپ تالاشقىڭ كەلمەيدۇ. خەقلەرغۇ چۈشەنمىسۇن، ئۇمۇ چۈشەنمىگەن يەردە، يەنە كىمدىن ئاغرىنىسەن؟  شۇڭا گەپ قىلما، چۈشەندۈرۈش ئاقمىغان چاغدا، سۈكۈت قىلىش ئەڭ ياخشى جاۋابتۇر.

2) ھېچ بولمىسا تەمكىن بول. ئىشلىرىڭ ئاقمايۋاتقان چاغدا يېنىڭدىكىلەر ساڭا: قەيسەر بول، ئۆزەڭنى خۇشال تۇت، دەيدۇ. قەيسەر بولمىساڭ بولمايدۇ، ئەمما خۇشال بولۇشچۇ؟ بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك خۇشال بولمىقىڭ تەس. كىممۇ قاش-قاپىقى يېرىلغان چاغدا خۇشال بولالىسۇن؟!  ئەمما ھېچ بولمىسا تەمكىن بول، شۇندىلا ھەممە ئىشقا دادىل قارىيالايسەن ھەم ئۇنى سالماق بىر تەرەپ قىلالايسەن. ۋەزمىنلىكتە خۇشاللىق يوق، ئەمما خاپىلىقمۇ يوق.

3) كىچىك پېئىللىقنى ئۆگەن. باشقىلار بىلەن گەپ تالىشىپ قالغاندا خاپا بولىسەن، ئۇ مېنىڭ قەستەن زىتىمغا تېگىۋاتىدۇ دەپ ئويلايسەن. بولدى قىل، ئۆيۈڭگە بېرىپ تازىلىق قىل. لاتىنى ھۆل قىلىپ، پولغا يۈكىنىپ، پولنىڭ ھەممە يېرىنى پاكىز سۈرت. ئاندىن ئاشۇ گەپ تالاشقانلىرىڭنى، قىلغان ھەر بىر سۆزۈڭنى ئويلا. ئويلاپ باقساڭ، سەندىنمۇ كېتىپ قالغان يەرلەر بار. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ كۆڭلۈڭ ئەمدى جايىغا چۈشۈۋاتىدۇ، مانا شۇنچىلىك.  بەزىدە يەرگە يۈكۈنۈپ ئىشلەشنى، ئاز-تولا تۆۋەنچىلىكنى ئۆگىنىپ قوي، بۇ ھەرىكەتلەر ساڭا كەمتەرلىكنى ئۆگىتىدۇ. ئۆيۈڭنى تازىلىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆڭلۈڭدىكى غەللە-غەشلەرنىمۇ تازىلايسەن.

4) ئەينى چاغدا ئۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتى... دېگەن خىيالنى ھەرگىز قىلما. ئۆمۈر گويا ھەر قەدەمدە ئاچا يولغا بۆلۈنۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن يولدۇر، توختىماي تاللايسەن. لەغمەن يەيمەنمۇ ياكى پولومۇ دېگەندەك ئىشلارنى تاللىساڭغۇ مەيلى، ئەمما قايسى فاكۇلتېتتا ئوقۇيمەن، نېمە خىزمەت قىلىمەن، توي قىلايمۇ قىلمايمۇ، بالىلىق بولايمۇ بولمايمۇ... دېگەندەك چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تاللاشقا مەجبۇر بولىسەن. ئوخشىمىغان تاللاشتىن ئوخشىمىغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. بۇلار ھاياتتىكى چىدىغۇسىز يەڭگىللىك، ئۆمۈر دېگەن بىر قېتىملا كېلىدۇ، قايتا تاللاش پۇرسىتى بولمايدۇ، ئەينى چاغدا ئۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتى-دە...ھەي ئىست...دەپ ئۆز-ئۆزەڭگە ھەسرەتلىنىپ سۆزلەيسەن، بولدى قىل، ئەمدى بولدى قىل! بۇ ئۇزاق يولدىكى ھەر دوقمۇشنىڭ ئۆزىگە لايىق قىممىتى بار، ياخشى-يامان دەپ كەسكىن ئايرىلمايدۇ، ھاياتىڭنى ئۆزەڭ بىلەن بىر گەۋدە دەپ بىل، كەچمىشىڭنى ئۆزەڭگە خاس ئىجادىيەت دەپ ئويلا، شۇنداق قىلساڭ ئۆتكەن كۈنۈڭگە پۇشايمان قىلمايسەن.

5) تىرشقىن، غەلبە قىل ياكى مەغلۇب بول، ئىشقىلىپ ۋاقتىڭ مەنىلىك ئۆتتى. باغچىدا كېتىۋېتىپ، شاخلىرى بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن گۈزەل دەرەخنى كۆرسەڭ توختاپ ئۇنىڭدىن زوقلان، زوقلىنىۋال، كۆرىۋال، پۇرىۋال، سۆيۈۋال. كىم بىلۇر، ھېلى قارا بوران چىقىپ بۇ دەرەخنى سۇندۇرىۋېتەمدۇ؟ ھەر نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەر نەرسە خەتەر ئىچىدە، بۈگۈننىڭ قەدرىگە يەت، ھازىرنى، مۇشۇ پەيتنى چىڭ تۇت، ھەر پەيتتە مەڭگۈلۈك نەرسە بار، مەڭگۈلۈك نەرسىدە قىسقا پەيتنىڭ گۈزەللىكى بار.

6) ئاددىيلىقنى ساقلا. كىشىلەر دائىم ئارتۇق ئويلىنىپلا بۇ ھاياتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ھازىرنىڭ ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپ دائىم ئۆتمۈشىنى ئەسلەيدۇ، كەلگۈسىدىن غەم قىلىدۇ؛ يەنى ئۆتمۈشىنى ئەگەشتۈرۈۋالىدۇ، كەلگۈسىنى ھازىرقى پەيتكە ھەمراھ قىلىۋالىدۇ، بۇنداق قىلىۋەرسە ياشىماق تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتمەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاددىيلىق بىر خىل ئەركە ھالەتتۇر، تېرە سەزگۈسىگە تايىنىپ ھاۋا ئۆزگىرىشىنى بىلىۋېلىشتۇر، پۇراش سېزىمىغا تايىنىپ يامغۇردىن كېيىنكى ئوت-چۆپنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۇرىۋېلىشتۇر، كۆزى بلەن يىراقتىكى گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈۋېلىشتۇر، يەنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاشتۇر.

7) زاغرىنىمۇ يەپ باق. بۇغداي نېنى يەۋەرگەن چېغىڭدا زاغرىنىمۇ چايناپ باققۇڭ كېلىدۇ. داڭلىق رېژىسورلارنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈۋېرىپ زېرىككەن چېغىڭدا تەسىرلىك تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىمۇ كۆرگۈڭ كېلىپ قالىدۇ. مۇقام ئاڭلاپ زېرىككەن چېغىڭدا مودا ناخشىلارنىمۇ ئاڭلىغۇڭ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇغداي نېنى گالدىن يۇمشاق ئۆتىدۇ، داڭلىق كىنولار نەزەر دائىرەڭنى ئاچىدۇ، كىلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلار روھىڭنى ئۇرغۇتىدۇ. ئەمما، دائىم ئېسىل يەپ، ئېسىل ياشاپ كېتىشنى خالىمايدىغان چاغلىرىڭ بولىدۇ. شۇڭا ئۆزەڭنى بەك يۇقىرىغا ئېسىپ قويما، تەبىئىي ياشا، ئەركىن نەپەس ئال. يۇقىرى ئىستېمال قوغلىشىش سېنى كاتتىلارغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئەمما بەزىدە ئاددىي ياشىساڭ، ئاۋامغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايسەن.

8) ئۆپكەڭنى بېسىۋال، كۈچۈڭنى خوراتما.  بۈگۈن بىرسىدىن رەنجىدىڭ، ئۇ گەپتە سېنى چېقىۋالدى، سەن جېدەللىشىشنى خالىماي ئۇ يەردىن كەتتىڭ، ئەمما ئاچچىقىڭ ھېلىغىچە بېسىلمىدى، ئويلىغانچە غەزىۋىڭ تاشتى. غەزىۋىڭ ئۆرلىگەنچە ھالسىزلىنىپ، باشقا ئىشلارغا زادى رايىڭ بارمىدى. قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىڭ تاشلىنىپ قالدى. چۈنكى سەن غەزەبلىنىپلا تۇراتتىڭ. غەزەبلەندىڭ دېمەك شەيتانىڭغا يېڭىلدىڭ، كۈچۈڭنى خورىتىپ، دۈشمىنىڭگە يېڭىلدىڭ دېمەكتۇر. بۇ قارشى تەرەپكە پايدا، ئۆزەڭگە ئېغىر زىيان. غەزەبلىنىشكىمۇ كۈچ كېرەك، بۇ كۈچ ئىچكى ئېنىرگىيەدىن كېلىدۇ، دېمەك، سەن غەزەبلىنىش ئارقىلىق ۋۇجۇدۇڭدىكى بۇ ئېنىرگىيەنىمۇ خوراتتىڭ. شۇڭا، ئەقىللىق بولساڭ، ئۆزەڭنى بېسىۋال. ئاچچىقىڭ بېسىلمىسا ”بولدى، كۈچۈمنى خوراتماي“ دەپ ئۆزەڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇر.

9) تۆمۈرنى قىززىقىدا سوق. سەن بىر قۇر چىرايلىق كىيىم ئېلىپ ئاياپ كىيمىدىڭ، بۇ كىيىمىڭ ئىشكاپتا سۈپىتىنى ساقلاپ تۇرىۋەردى، يىللار ئۆتۈپ قارىساڭ، بۇ كىيىمىڭ ئاللىقاچان مودىدىن قالغان. دېمەك، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭ. يەنە سەن چىرايلىق تورت ئېلىپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىدىڭ، ئەمدى يەي دەپ قارىساڭ، ئۇنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭ. ئەڭ ياخشى كۆرگەن ۋاقىتتا كىيىۋالمىغان كىيىملىرىڭ، كۆڭلۈڭ تارتىپ تۇرغاندا يەۋالمىغان تورتلىرىڭ گويا قىلغۇڭ كېلىپ تۇرغاندا قىلىۋالمىغان ئىشلىرىڭغا ئوخشايدۇ، ئىست دەپ قالىسەن. ھاياتنىڭمۇ مۇددىتى بار، ئويلىغان ئىشلىرىڭنى بۇرۇنراق قىلىۋال؛ قىلسام بولاتتى، ئەتسەم بولاتتى دەپ كۆڭلۈڭدە ساقلاپ يۈرىۋەرسەڭ، پەيتى كېتىپ قالىدۇ. ئارزۇلىرىڭ مودىدىن قالغان كىيىمدەك، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن تورتتەك تاشلىنىپ قالىدۇ.

10) ئاستا-ئاستا تىنچلىققا قايت. بىر مەھەل چۈشكۈنلىشىپ كەتتىڭ، ھەتتا دېرىزىنى ئېچىپ، ئاپتاپقا قاراشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلدىڭ. دېرىزىدىكى گۈلگە سۇ قۇيۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە روھىڭ كۆتۈرۈلۈپ دېرىزىدىكى گۈلنى ئېسىڭگە ئالدىڭ: ۋاي خۇدايىم، بىچارە گۈل نېمە بولۇپ كەتكەندۇ-ھە! بېرىپ دېرىزىنى ئاچتىڭ، كۆردۈڭكى، گۈللەر ئېچىلىپ، شاماللار يەلپۈپ تۇرغان... ئەسلىدە بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئۇ گۈلگە سۇ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالساڭمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن نەرسىلەر سېنىڭ دىققىتىڭنىڭ سىرتىدا ھەرىكەتلىنىدۇ، ئۆز ئىشىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرگە غەم يەم كەتمە، ئۆزەڭگە ئوبدان قارا، ئۆز ئىشىڭنى ياخشى قىل.
(ئەرتۈرك تەرجىمىسى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bihayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-23 10:20  

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
142
تىللا
132
شۆھرەت
213
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 11:59:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۈامىچۇ تىزرەك يوللاڭلار بەك ياخشى تىما بوپتۇ ھىچكىم زۇۋان سۇرمەپتۇ لىكىن بەلەن تىماڭلارغا رەھمەت
鹰头   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
48
تىللا
83
شۆھرەت
131

تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 13:36:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم، ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا. ناھايىتى ياخشى، ئەھمىيەتلىك ھىكمەتلەر ئىكەن. ھەممەيلەن ئورتاق بەھىرلىنەيلى.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
236
تىللا
1141
شۆھرەت
799

تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 15:05:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل دەرسىلەركەن

Rank: 4

تۆھپە
222
تىللا
296
شۆھرەت
369
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 15:33:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس 3 مىلىيۇنغا يارىغۇدەك. رەھمەت، داۋامىنى ساقلايمىز.

Rank: 2

تۆھپە
22
تىللا
69
شۆھرەت
34
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 15:51:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى تىما ئىكەن، يوللىغۇچىغا رەھمەت

Rank: 2

تۆھپە
29
تىللا
69
شۆھرەت
43
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 20:46:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە يوقمۇ ؟ مەن بەك بىرىلىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ قالدى دىسە

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
358
تىللا
415
شۆھرەت
730
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 16:50:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى يوق ئوخشايدۇ ھە ؟ ئاخىرىنى پۇلغا ساتامسىلە يا (چاقچاق)

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
855
تىللا
738
شۆھرەت
1203
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 19:49:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Win_Ner يوللىغان ۋاقتى  2013-2-24 16:50
ئاخىرى يوق ئوخشايدۇ ھە ؟ ئاخىرىنى پۇلغا ساتامسىلە يا (چ ...

ئاشۇلار 3 مىليونغا يارىمامدىكەن؟

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
635
تىللا
1023
شۆھرەت
1196

تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 20:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تورخۇماردا كۆرگەن  كۇچۇرۇلەەن تېمىمۇ بۇ

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
606
تىللا
483
شۆھرەت
993

تەشۋىقات ئاكتىپ تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 22:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kusan يوللىغان ۋاقتى  2013-2-24 20:06
مەن تورخۇماردا كۆرگەن  كۇچۇرۇلەەن تېمىمۇ بۇ

راس دەيسىز بۇ تىمىنى تورخۇماردىن كۇچۇرۇپتۇ يا ئەسكەرتىشمۇ بىرىپ قويماپتۇ بۇ  بۇرادەر

Rank: 2

تۆھپە
25
تىللا
22
شۆھرەت
16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:23:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بەك ئىسىلكەن ! ئۇقۇپ ئولتۇرۇپ ناھايىتى چوڭقۇر ئويغا چۇشۇپ قالدىم !  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-11 01:56 , Processed in 0.154334 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش