ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1052|ئىنكاس: 6

ئانا تىلىم جان تىلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئانا تىلىم جان تىلىم

( خەلقارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن)
يۇلغۇنجان



ئـانا تىلىم جـان تىلىم،
تومۇرۇمدا قان تىلىم.
ئانا تىلىم مەن ئۈچۈن،
تىل قاتارى خان تىلىم.

ھەمـراھ مـاڭـــا ئــانا تىل،
ئۈچيۈز ئاتمىش كۈنۇ- تۈن.
قەلب قـــەسرىم باغــىــــدا،
ساڭا تەخت تەل، كەل كۈتۈن.

قوغداپ كەلدىم مەن سېنى،
رەستە، دالا، تــــــۈزدىـمۇ.
ھەمراھ ئەتتىم مەن سېنى،
قىش، باھار، ياز ، كۈزدىمۇ.

تەنقىتلىدىم ھەرقاچان،
سېــــــنى توغرا دېمىىسە،
يات تىل قوشۇپ سېنىڭگە،
ئەبجەش قىلىپ سۆزلىسە.

پەرۋايىمغا ئالــــــمىدىم،
تىللىسىمۇ نـــــادانـــــلار.
شــۇ ئادەتتىن قالمىدىم،
يەكــــــــلىسىمۇ تادانلار.

ئــــــانا تىلىم ساپـــلىغى،
قۇت، غۇرۇرۇم ئەمەسمۇ؟
ئەجـــدادىمنىڭ مىراسى،
ئــەۋلاد نۇرۇم ئەمەسمۇ؟


2013-2-19

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-2-20 23:01:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشىكەن شۇنداق ياىخشىكەن

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-21 00:23:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئانا تىل 32 ھەرىپ سۆز ئويۇنى» نى nazigul8 دېگەن تورداش مىسرانىمغا يوللاپىكەن، تەۋسىيە قىلاي
ئانا تىل 32 ھەرىپ سۆز ئويۇنى




1. ئا

(ئانا تىلىم) ئانامدۇر،
ئاسراي ئالتۇن ئانامنى.
ئالغا ئاتلاپ ئارمانسىز،
ئاقلاي ئارزۇ-ئارماننى.
     
2. ئە

(ئەجدات تىلىم) ئەزەلدىن،
ئەزىزلەشكە ئەرزىيدۇ.
ئەدەپ-ئەخلاق ئەسكەرتىپ،
ئەنبەرلەردەك ئەۋجىيدۇ.

3. ئې

(ئېرپان تىلىم) ئېقىنى،
ئېرىق-ئېرىق ئېقىشار.
ئېڭىن ئېچىپ ئېچىشىپ،
ئېلىم-ئېھسان ئېيتىشار.

4. ئى

(ئىلىم تىلىم) ئىسىلدۇر،
ئىللىتىدۇ ئىقلىمنى.
ئىزدىنىدۇ ئىزلاردىن،
ئىلگىرلىتىپ ئىلىمنى.

5. ئو

(ئويغاق تىلىم) ئورۇنلۇق،
ئويغىتىدۇ ئوسالنى.
ئويغىتىدۇ ئوۋلاردا،
ئويغانمىغان ئوغالنى.

6. ئۆ


(ئۆزلۈك تىلىم) ئۆزلۈكتە،
ئۆرلەلەيدۇ ئۆملۈكتە.
ئۆچۈرۈلمەس ئۆرنەكتەك،
ئۆتمەيمىزمۇ ئۆملۈكتە.
7. ئۇ

(ئۇيغۇر تىلىم) ئۇنتۇلماس،
ئۇيغۇرۇمدۇر ئۇيۇلتاش.
ئۇيغۇرلارغا ئۇياتتۇر،
ئۇتۇقسىزلىق ئۇ ئۇخلاش.
8. ئۈ

(ئۈلگە تىلىم) ئۈزدۈرەر،
ئۈمىتلەردىن ئۈمىتلەپ.
ئۈگۈنۈشتە ئۈزەيلى،
ئۈلگىلەردىن ئۈنچىلەپ.
9. ب

(بۇغداي تىلىم) بايلىقتۇر،
بېرەر بىلىم  بەتمۇ-بەت.
( بۇلبۇل تىلىم) باھاردۇر،
بېرەر بىزگە بەرىكەت.
10. س

(سۇلتان تىلىم) سىماھى،
سۇلتان سىياق سالاپەت.
سالتانىتى ساناقسىز،
سوغاتلايدۇ سائادەت.
11. د

(دانا تىلىم) دېڭىزدەك،
دۇنيالارنى دېرەكلەر.
دانالارنىڭ داناسى،
دىلنى دەريا-دېڭىز دەر.
12. ف

(فونتان تىلىم) فونتاندەك،
فونتانلايدۇ فونتاندەك.
فۇنكىتسىيە فورمۇلا،
فىزىكىدا فونتاندەك.
13. گ

(گۆھەر تىلىم) گۈزەلدۇر،
گۈللىتىدۇ گۈلىستان.
گۈلبېغىدا گۈلزارلىق،
گۈللىنىدۇ گۈلبوستان.
14. غ

(غەزەل تىلىم) غەزەللەر،
غەلىبىلىك غەيرەتنى.
غورۇرلارنى غىدىقلاپ.
غەمسىزلىتەر غۇربەتنى.
15. خ

(خۇشخۇي تىلىم) خىسلەتلىك،
خەتنى خەتلەر خىلمۇ-خىل.
خۇشخۇي خەلقىم خەۋەرلەر،
خوشاللىقتىن خىلمۇ-خىل.
16. ھ

(ھېكمەت تىلىم) ھەقىقەت،
ھىكايەتلەر ھاياتلىق.
ھەققانىيەت ھارماستۇر،
ھەقىقەتتۇر ھەقچىللىق.
17. ج

(جانلىق تىلىم) جىلمىيىپ،
جانلاندۇرار جاھاننى.
جاھالەتنى جانسىزلاپ،
جانلاندۇرار جان-جاننى.
18. ك

(كۈيچى تىلىم) كۈيلەيدۇ،
كائىناتنى كۈيىدە.
كىتاپ كۆرگەن كۆرىدۇ،
كەلگۈسىنى كۆزىدە.
19. ق

(قارچۇق تىلىم) قاناتىم،
قەدىرلەيمەن قەلبىمدە.
قورقماسلارنى قوللايمەن.
قېزىپ قۇتتىن قەسىدە.
20. ل

(لېرىك تىلىم) لېرىكا،
لايىق لالە-لىباسقا.
لەنەتلەرگە لايىقتۇر،
لايغەزەلدەك لىڭتاسما.
21. م

(مەزمۇت تىلىم) مېھنەتكەش،
مۇشەققەتكە مۇڭلانماس.
مېھنەتسىزلەر مۈدۈرۈپ،
مەڭگۈ مەغرۇر ماڭالماس.
22. ن

(نۇرلۇق تىلىم) نۇرىدىن،
نۇرلىنىدۇ نەۋباھار.
نۇرلىنىدۇ نەۋرۇزدا،
نەزمە، نەغمە-ناۋالار.
23. پ

(پارلاق تىلىم) پەخرىمدۇر.
پەزىلەتتە پەرىشتە.
پىتنە-پاسات، پەتىۋا،
پارلىيالماس پەلەكتە.
24. چ

(چولپان تىلىم) چاقنايدۇ،
چېھرى چىراق چۇغلۇقتەك.
چەكسىزلىكتە، چىنلىقتا،
چاقناۋاتقان چولپاندەك.
25. ر

(راۋان تىلىم) رەنادەك،
روشەنلىكنى راۋالار.
راۋالانسا روشەنلىك،
روھسىزلارمۇ روھلىنار.
26. ت

(تۇلپار تىلىم) تىلسىمدۇر،
تىلسىماتنى تىترىتەر.
توسقۇنلاردا توختىماي،
توسقۇنلارنى تىزگىنلەر.
27. ۋ

(ۋارىس تىلىم) ۋەزنىڭدىن،
ۋۇجۇد ۋىجدان ۋولقانلار.
ۋۇجۇدىڭدىن ۋارىسقا،
ۋارىسلىغىن ۋارىسلار.
28. ش

(شۇڭقار تىلىم) شۇڭغۇيدۇ،
شىجائەتلىك شىرلاردەك.
شانۇ-شەۋكەت شەرھىلەر،
شاپائەتچى شاھلارەك.
29. ي

(يۈرەك تىلىم) ياشنىسۇن،
يوقاتمايلى يۈرەكنى.
ياشنىتايلى يىلمۇ-يىل،
يالقۇنجاپلا يۈرمەكنى.
30. ز

(زىبا تىلىم) زەپەرلىك،
زوراي زامان زىمىنغا.
زەرەپشاننى زىبانى،
زەنجىرلىگىن زېھىنغا.
31. ژ

(ژانىر تىلىم) ژانىردەك،
ژانىرلايدۇ ژورنالنى.
ژانىرلانسا ژورناللار،
ژانىرلايمىز ژانىرنى.
32. ڭ

ياشنا تىلىم ياشناڭلار،
پارلا تىلىم پارلاڭلار.
قاراڭغۇدا قالماڭلار،
ئۆزلۈكىڭدە ئۆرلەڭلار.
مەنبە:  ئانا تىل بايرىمى ئۈچۈن، ئانا تىلىمىزنىڭ مول تىللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن، ئانا تىل ھەرپلىرىدىن سۆز ئويۇنى باشلىدىم، بۇ ئويۇنغا قىزىقىدىغان مۇنبەرداشلار بار بولسا كۆرۈپ، قاتنىشىپ قويارسىزلەر.
  



2013-يىل 2-ئانىڭ 20-كۈنى

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-2-21 10:02:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ Esimda ئىسىملىك بىر تورداشنىڭ بۇلتۇرقى لايىھەسى ئىكەن.
ۋاقتى: 2013-2-21 10:16:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alwasti1 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-21 10:02
بۇ Esimda ئىسىملىك بىر تورداشنىڭ بۇلتۇرقى لايىھەسى ئىكەن. ...

مىنڭ كۆلۇم شۇنداق سۇينۇپكەتتى .جەمىتىمىزدىكى بەزەن ئىنسانلار  نى نىمەدىگۇلۇك
ۋاقتى: 2013-2-21 13:13:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يزىپسىز ئانا يىلىمىزنى قەدىرلەيلى كىشىلەربىلەن پاراڭلارشقاندا ساپ  ئانا تىلىمىزدا   پاراڭلىشايلى دوسلار
ۋاقتى: 2013-2-21 14:35:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 15:30 , Processed in 0.169853 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat