- جۇغلانما
- 8982
تىزىملاتقان2013-2-3
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
دائىم تورغا چىقىدىغانلارنىڭ ئازدۇر- كۆپتۈر ئەكلىپ چارىلىرى بار. شۇلارنى سۇئال جاۋاپ شەكلىدە توپلاپ قويايلى.
1- سۇئال: كومپيۇتېرغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانمىغان ئەھۋالدا google دىن ئۇيغۇرچە ئىزدىگىلى بولامدۇ؟
جاۋاپ: http://www.google.com.hk/webhp?hl=ug نى ئېچىپ ئىزدىسىڭىز ئاۋال ئۇيغۇرچە توربەتتىن ئىزدەيدۇ.
ئاۋال بىرەر ئۇيغۇرچە مۇنبەر ياكى توربەتنى ئېچىپ ئىزدەش رامكىسى دېگەندەك مەلۇم جايغا توردىن ئىزدەيدىغان ئۇيغۇرچە مەزمۇننى يېزىۋېلىپ شۇنى كۆچۈرۈپ http://www.google.com غا چاپلاپ enter نى بېسىڭ.
2- سۇئال: بەزى مۇنبەرلەرنىڭ ئەزالىق ئىسمىنى يازىدىغان جايغا ئۇيغۇرچە يېزىلىدىكەن، مەن لاتىنچە ئىسىمدا كىرمەكچىتىم؟
جاۋاپ: تور كۆرگۈچنىڭ ئادرىس ئىستونىغا ئەزالىق ئىسمىڭىزنى يېزىپ شۇنى كۆچۈرۈپ چاپلاڭ.
3- « ئىجرا ( 运行 ) » نى كۇنۇپكا تاختىسىدىكى بۇڭيرۇقتا چىقارغىلى بولامدۇ؟
جاۋاپ: win+r نى بېسىڭ، يەنى مىكروسوفتنىڭ بايرىقىنىڭ بەلگىسى بار كۇنۇپكا ( alt كۇنۇپكىسىنىڭ يېنىدىكى شۇ) بىلەن R ھەرىپى بار كۇنۇپكىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
4- كومپيۇتېرنى مائۇس ئىشلەتمەي ئۆچۈرۈشنى قانداق قىلىمىز؟
1.) win+r نى بېسىپ يۆنۈلۈش كونۇپكىسىنى بېسىپ بۇيرۇق تاللاڭ.
2.) Alt+F4 كۇنۇپكىسىنى تەڭ بېسىڭ. ئاندىن Alt+u نى بېسىڭ.
3.) ctrl+ alt+del ئۈچ كۇنۇپكىنى بېسىپ Alt+u نى بېسىپ يۆنۈلۈش كونۇپكىسىنى بېسىپ بۇيرۇق تاللاڭ.
..... سۇئال- جاۋاپنىڭ داۋامى ھەرقايسىڭلارغا قالدى..... مەنمۇ ۋاقتىم چىققاندا قوشۇپ تۇرۇمەن. ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bihayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-16 18:10
|
|