ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 9

ئاچچىق- چۈچۈك ماقال- تەمسىللەرنى توپلايلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

yolyar   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

تۇرشاۋۇل

ھەۋەسكار

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1131
تىللا
1283
شۆھرەت
2274

تىرىشچان ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 20:28:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى ئىچىدىن بىر قەدەر يۇمۇرلۇق بولغانلىرىنى ( بەزىلىرىدە  قوپال سۆزلەر بولسىمۇ) توپلاپ بىر ئېلكىتاب قىلىپ قوياي دەپ ئەل ئىچى، ئىنتېر تورىدىن توپلاۋاتقان ئىدىم. تورداشلارمۇ يۇمۇرلۇق، مەنىسى چوڭقۇر ماقال- تەمسىللەرنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسا دېگەن ئۈمىدتە توپلىغانلىرىمنىڭ بىر قىسمىنى يوللۇدۇم.
  • ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش، خوتۇن ئالساڭ يىل (كېڭەش)
  • ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن (ئال).
  • ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا.
  • ئات ئايىغان ئات مىنەر، كىيىم ئايىغان تون كىيەر.
  • ئات ئورنىغا ئېشەك باغلىما.
  • ئات ئۆلسە ئىگىرى قالار، ئادەم ئۆلسە نامى (قالار).
  • ئات ئۇرۇقلۇقتا بۇزۇلار، خوتۇن غېرىبلىقتا (بۇزۇلار).
  • ئات تاپقىچە ئېشەك مىن.
  • ئاتا كۆرگەن ئوق ياساپتۇ، كۆرمىگەن پوق (ياساپتۇ).
  • ئاتا كۆڭلى تاغدەك چوڭ، ئانا كۆڭلى دېڭىزدەك.
  • ئاتا كەسپى — مىراس.
  • ئاتا كەسپىنى تاشلىغان، پېشانىسىنى قاشلىغان.
  • ئاتا نەسىھىتى ئالتۇندىن ئېغىر، نەسىھەتنى تۇتمىغان كىشىنىڭ سۆڭگىچى يېغىر.
  • ئاتالمىسا ئوقىدىن كۆرۈپتۇ، چىچالمىسا پوقىدىن.
  • ئاتالمىغان ئەردىن، ئاتالغان دۆڭ ياخشى.
  • ئاتامدىن قالغان دۇنيانى، كونا كەتمەن يەپ بولدى.
  • ئاتاڭ بازار، ئاناڭ بازار.
  • ئاتاڭ بازا ، ئاناڭ بازا، كۆرۈنۈپ كەلمەس بالا قازا.
  • ئاتاڭ بىلەن گەپ تالاشساڭ تەستەك يەيسەن، ئاپاڭ بىلەن گەپ تالاشساڭ سىكىلەك (يەيسەن).
  • ئاتاڭ كۆكبېشى بولغۇچە، يېرىڭ باشتا بولسۇن.
  • ئاتاڭ يۈز بېشى بولغىچە، ئۆيۈڭ سۇ بېشىدا بولسۇن.
  • ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
  • ئالغىچە ياپىر، بەرگىچە كاپىر.
  • ئالغۇچى — ئارسلان، بەرگۈچى — چاشقان.
  • ئاللا ئاش بەرسىمۇ، ئاغزىڭغا سېلىپ بەرمەيدۇ.
  • ئاللا دېگەن بەندىسىگە، ئەكىلىپ بېرەر مەھەللىسىگە.
  • ئالما يەپ ئاغرىغىچە، ئۆرۈك يەپ ئۆلۈۋال.
  • ئالما يەپ سۇ ئىچسەڭ، ئاغرىيسەن، جىگەر يەپ سۇ ئىچسەڭ سەمىرىيسەن.
  • ئەتتىگەندە قىلسا ناشتا، كېسەل بولماس باشتا.
  • ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى.
  • ئەتىگە قالمىسا بۈگۈنكى ئىشى، بۇ دۇنيادا غالىپ شۇ كىشى.
  • ئەتىگەن قىلساڭ ناشتا، سەپرا توىتىماس باشتا.
  • ئەتىگەندە ئۆي سۈپۈرمىسە كەچكىچە پۇشايمان، ياشلىقىدا ئەرگە تەگمىسە ئۆلگىچە (پۇشايمان).
  • ئەتىگەنكى مۇشتىن يانما.
  • ئەتىياز ئاپتىپىدىن قاچ، كۈز ئاپتىپىدا يات.
  • ئەتىيازدا بالدۇر قوپ، كۈزدە كېيىن يات.
  • ئەتىيازدا توخۇ تويماس.
  • ئەتىيازدا قايماق يەپ كەچكۈزدە كېكىردىم.
  • ئەتىيازدا قۇيماق يەپ، كەچكۈزدە كېكىرىپتۇ.
  • ئەتىيازدىكى ھەرىكەت، كۈزدىكى بەرىكەت.
  • ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا كىلىنىڭنى سال، كۈزلۈكنىڭ ئاپتىپىغا قىزىڭنى (سال).
  • ئەجىر قىلساڭ تاشقا، ئاغزىڭ تېگەر ئاشقا.
  • ئەجەل يەتمەي جان چىقماس، بېخىل بايدىن نان (چىقماس).
  • بىسمىللادىن بايان تاپتىم، بىر چىنە ئۇماچنى ئاران تاپتىم.
  • بىغەرەز، پادىشاھتىن چوڭ.
  • بىغەمنىڭ خۇشاللىقى كوسىغا چۈشكەن ساقالچىلىك.
  • بىكار بولساڭ كىپەك تاسقاپ يە.
  • بىكار تۇرغىچە ئولتۇرۇۋال.
  • بىكار تۇرغىچە بىكارغا ئىشلە.
  • بىكار گەپتىن جىگدە ياخشى، ئارپا ناندىن گىردە ياخشى.
  • بىكاردىن ئېشەك بولسا، بۇخارادىن مۇز توشۇپتۇ.
  • بىكاردىن خۇدامۇ بىزار.
  • بۆرىمۇ قوشنىسىغا يامانلىق سېغىنماپتۇ.
  • بۆرىنى قانچە باقساڭمۇ ئىككى كۆزى جاڭگالدا.
  • بۆرە بار يەردە قان بار، پارا بار يەردە سان (بار).
  • پادىشاھ ئادالەتسىز بولسا، قوڭالتاق شە (شەھەر) سوراپتۇ.
  • پادىشاھلىقتىن يىقىلساڭ، ناۋايلىق قىل.
  • پاراڭدىن قورقماي توي قىل، ئۆلۈشتىن قورقماي قوي (قىل).
  • پارچە بۇلۇتتىن يامغۇر كۈتمە.
  • پاسا باسمىغان قۇرۇق گەپتىن، يانچۇقتىكى قوماچ ياخشى.
  • پاكىزلىق ھەسەل، مەينەتلىك — كېسەل.
  • پالتا ئېلىپ تاغقا چىق، سېۋەت ئېلىپ باغقا.
  • پالتا بولسا ئوتۇن تولا، ئوغۇل بولسا خوتۇن تولا.
  • پالتا چۈشكىچە، كۆتەك دەم ئاپتۇ.
  • پالسىزمۇ يۈرمە، پالغىمۇ ئىشەنمە.
  • پايدا بىلەن زىيان بىر تۇغقان.
  • پوققا، سوغۇققا، قورساققا ئاۋۇي يوق.
  • پوقنىڭ كۆلەڭگىسى ئانچىلىك، شاتىراقنىڭ قانچىلىك.
  • پولۇ قورۇشتىن، شورپا سورۇشتىن.
  • پىچىقىم ئىتتىك سۇدىن ئۆتۈپ لايدا توختاپتۇ.
  • تار يەردە ئاش يېگۈچە، كەڭ يەردە مۇشت يە.
  • تارازىنى لىللا تۇت، ساڭا ياغار بەخت – قۇت.
  • تاز بولساڭ گەدەنگىچە بول.
  • تاز تازنى كۆرسە بېشى قىچىشىپتۇ.
  • تاز چىۋىننى قوندۇرماس، چىۋىن تازنى تىندۇرماس.
  • تاز گۈل تاپسا  قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.
  • تاز مەيداندا، قارىغۇ ئويماندا.
  • تازغا تاغاق بەرسەم يىلىم تىلەپتۇ.
  • توينىڭ ۋاقتى — نىكا، قالدىسى — بىكا.
  • تىرىشىپ قىلساڭ ھۈنەر، باسقان ئىزىڭدىن گۈل ئۈنەر.
  • تىرىك تۆر تالىشار، ئۆلۈك گۆر (تالىشار).
  • تىغ يارىسى ساقىيار، دىل يارىسى ساقايماس.
  • تىلى ياتنىڭ، دىلى يات.
  • تىلىگەن نانغا قورساق تويماس.
  • تىلىڭ بىلەن تىكەن تېرىما.
  • تىلىڭ كۆيسە تۇز يالا، ئىچىڭ كۆيسە مۇز (يالا).
  • تەخەيلىك ئېشەك خامانغا يارىماس.
  • تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
  • تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
  • تەربىييە قاتتىق بولسا، مېۋىسى تاتلىق بولار.
  • تەربىيە باشتا قاتتىق بولسا ئاخىرى تاتلىق بولار.
  • تەگەن تەرمەچىنىڭ ھەممىسى بىر قالام بولدى.
  • تەلىيڭ كەلمىگەندە شىكەر ئالساڭ تۇز چىقار، تەلىيىڭ كەلگەندە جۇۋان ئالساڭ قىز چىقار.
  • تەلۋىگە تاياق، ساراڭغا پىچاق.
  • تەلەيدە بوڭ – بوڭ.
  • چاپاق خوتۇننىڭ جىتاق ئېرى بار، ياغاچ ئاتنىڭ مايماق ئېگىرى (بار).
  • چاپقىلى كەتمەن ياخشى، كىيگىلى چەكمەن (ياخشى).
  • چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن ئەمەس، بەل باغلىغان بىلەن ئەر (ئەمەس).
  • چاچلىق خوتۇندىن تازنىڭ تاغىقى كۆپ.
  • چاچنىڭ ئۇزۇنى ئۇلاق، سۇنىڭ سۈزۈكى بۇلاق.
  • چارۋا تاپساڭ تاغقا قوي، كۆچەت تاپساڭ باغقا قوي.
  • چارۋىسى بار بېقىپ يەيدۇ، ئورمىنى بار يېتىپ يەيدۇ.
  • چاشقان تۆشككە پاتمىسا، قۇيرىقىغا ئۆتكەمە باغلاپتۇ.
  • چاشقان يىغار، پاقا يەر.
  • چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپتۇ.
  • چاقماقتەك ئوغلۇڭ بولسا، چىراغتەك قىزلار كېلۇر.
  • چاقىدا گۇناھ يوق تانىسى بۇزۇق، قىزىدا گۇناھ يوق ئانىسى (بۇزۇق).
  • چاۋا – چاتقال ئوتۇن بولماس، كۆپ نىكاھلىق خوتۇن (بولماس).
  • چوقۇر يەر سۇ ئىچكىچە، دۆڭ يەر نەم تارتىپتۇ.
  • چوكاننى كۆرسىڭىز قاش ئېتىڭ، جۇۋاننى كۆرسىڭىز تاش (ئېتىڭ).
  • چوڭ نېمە قىلسا كىچىكىمۇ شۇنى قىلار.
  • چوڭى بېشىنى ئاچسا، كىچىكى كۆتىنى ئاچار.
  • چىراغنىڭ يېغى بولمىسا كۆيمەس، يىگىتنىڭ ئىشقى بولمىسا سۆيمەس.
  • چىراي كۆيدۈرىدۇ، خۇلۇق ئۆلتۈرىدۇ.
  • چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس.
  • چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، كۆيگەن چىرايلىق، ياشلىقتا تۇنجى سۆيگەن چىرايلىق.
  • چىرايلىق قاراشقا ياخشى، سەت ھەمراھلىققا (ياخشى).
  • چىرايلىق قىزىم بولغۇچە، ئەدەبلىك قىزىم بول.
  • خالىسىڭىز شاپتۇل يەڭ، خالىسىڭىز شاپىلاق.
  • خامنى بۇزغان شانىسى، قىزىنى بۇزغان ئانىسى.
  • خاندەك گاداي بار، گادايدەك خان (با).
  • خانغا يارىغان ئېشىم، تازغا يارىماپتۇ.
  • خاننىڭ خوتۇنى خار ئەمەس.
  • خەققە بەرسەم ئېسىت ئېشىم، ئۆيدە تۇرسا سېسى ئېشىم.
  • خوتۇن ئالدىڭ ئۆشنەڭگە ئوتۇن ئالدىڭ.
  • خوتۇن ئالساڭ قىز ئال دېدەك بولسىمۇ، ئۇن ئالساڭ بۇغداي ئۇنى ئال كېپەك بولسىمۇ.
  • خوتۇن ئالساڭ قىز ئال، سەتنى قويۇپ ئۇزنى ئال.
  • دۇۋەت يامانمۇ – قەلەممۇ؟ دەرد يامانمۇ – ئەلەممۇ؟
  • دۈمبە كۆرسىتىپ، ئۆپكە سېىپتۇ.
  • دۈمبەڭ قىچىشسا تۈگمەنگە بار.
  • دېدەككە تۇمارنىڭ نېمە ئىشى، يېتىمگە خۇمارنىڭ (نېمە ئىشى).
  • دېسەڭ كۆچەت تارتسۇن بوي، تۈۋىگە پات – پات سۇ قۇي.
  • دېھقان ئالغان ئاشلىقتىن ئاشپەز – ناۋاي باي بولۇر.
  • دېھقان بولساڭ شۈدىگەر قىل، موللا بولساڭ تەكرار (قىل).
  • دېھقان بولساڭ يەرگە ئىشلە، دىۋانە بولساڭ تىلەپ چىشلە.
  • ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى.
  • سارنىڭ چۈجىگە ئىچى ئاغرىماس.
  • سارىخاچام ئۆيدە، ئەخلەت، كۈلى تۆردە.
  • سارىخان ئەرگە تەگسە، بارىتاخۇن ھۆمۈدەپتۇ.
  • ساغلام بولاي دېسەڭ ھەرىكەت قىل، مول ھوسۇل ئالاي دېسەڭ مېھنەت قىل.
  • ساغلام تىلەمچى، كېسەلمەن شاھتىن بەختلىكتۇر.
  • ساغلام تەندە، ساغلام ئەقىل.
  • ساق چاغدا يەي دېسەم شەيتان قويمىدى، كېسەل چاغدا يەي دېسەم تېۋىپ قويمىدى.
  • ساق يېرىنىڭ ھالى يوق، ئاغرىق يېرىنىڭ تايىنى (يوق).
  • ساقال دېگەن تۈك، سەللە دېگەن يۈك.
  • سېرىق دېگەن ئالتۇن، قارا دېگەن مۈشۈك پوقى.
  • سېرىقتال كىرگەن مېھمان، ئوغرى كىرگەندىن يامان.
  • سېغىنغانغا كەلمەيدۇ، سارغايغانغا ئۆلمەيدۇ.
  • سېنى باقار زىرائەت، يەرگە قىلما خىيانەت.
  • سېنىڭ دەردىڭ مەندىن يامان، مېنىڭ دەردىم ئاندىن يامان.
  • سېۋەت توشقاندا تېزەك ئۇچراپتۇ.
  • سەتنىڭ ھالى بار، چىرايلىقنىڭ نازى (بار).
  • سەتنىڭ ھالى يامان، چىرايلىقنىڭ دەردى (يامان).
  • سەدىقە بالانى يەر، تۆۋە گۇناھنى (يەر).
  • شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆچكىدە مال (ئەتمە).
  • شار – شۇر يامغۇر ياندىن ئۆتەر، سىم – سىم يامغۇر جاندىن (ئۆتەر).
  • شالاڭ ئاش باش كۆرسىتەر، قويۇق ئاش (كۆرسىتەر).
  • شالتاقنى يە، كۆتۈرمە.
  • شامال يەپ بوران كېكىرىپتۇ.
  • شامال يەپ، بوران كېكىرىپتۇ.
  • غېرىبنىڭ ئىشىنى خۇدا قىلىدۇ.
  • غېرىبنىڭ بېشىنى خۇدا ئوڭلاپتۇ.
  • غېرىبنىڭ بېشىنى سىيلىغان بەگ بوپتۇ.
  • غەزەل كېكەشنىڭ، ئۇسسۇل توكۇرنىڭ.
  • غەلۋىنى ئوسۇرۇقتا باس.
  • غەم – قايغۇ كېسەل قىلىدۇ، خۇشاللىق داۋالايدۇ.
  • غەم كەلسە غەپلەت بېسىپتۇ.
  • قارىغۇدىن يول سورىما، بېخىلدىن پۇل (سورىما).
  • قارىغۇنىڭ تېلىكى ئىككى كۆز.
  • قازان قايناپ ئوتنى ئۆچۈردى، بالام ئويناپ بىزنى كۆچەردى.
  • قازان قاينىغاندا چۆپنى تاشلا، ساقالغا ئاق كىرگەندە كەيپى- ساپانى (تاشلا).
  • قازانچىدىن چۆيۈن ئالساڭ، داڭقان چىقىپتۇ.
  • قازاننىڭ قاينىشىغا باق، بالاڭنىڭ ئوينىشىغا (باق).
  • قاش كۆزى جايىدا بولسا، قالغىنى بازاردا بار.
  • قاشتېشى سايدا تولا، تېپىپ ساتسا پۇل بولا.
  • قاشىغا سانىغان كۆزىگە، كىشىگە سانىغان ئۆزىگە.
  • قاغا جىگدىنىڭ مېۋىسى تولا، خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى (تولا).
  • قوي ئالساڭ قۇلاق ئال، ئات ئالساڭ تۇياق ئال.
  • قوي ئالساڭ قۇلاقلىقىنى ئال، ئېشەك ئالساڭ تۇياقلىقلىقىنى.
  • قوي ئۆلتۈرسەم ئورۇقچىلىق، ئۆچكە ئۆلتۈرسەم چۇپۇرچىلىق.
  • قوياپ قاچقۇدەك ئۇز بار، ئېلىپ قاچقۇدەك سەت (بار).
  • قويغا بۆرە تەگسە، ئىتنىڭ چىشقىسى كەپتۇ.
  • قوينى بېقىڭ يەم بىلەن، جاننى ساقلاڭ پەم بىلەن.
  • قوينى كېپەككە ئال، قويچىنى ئالتۇنغا (ئال).
  • قويۇڭنى قىرقىپ ساتساڭ تاۋار، قويۇڭنى قىرقىماي ساتساڭ چاۋار.
  • قوڭنى قىسىش بىر ھۈنەر، قىسقان يەردىن گۈل ئۈنەر.
  • قوڭۇمدا ئىشتىنىم يوق، ئاتىم مارجان بۈۋى.
  • قىزى كۆڭۈلگە ئەرزىسە، ئۇنىڭ ئاتىسىنى سورىما.
  • قىزىم بار – يۈزۈم بار، ئوغلۇم بار ئورنۇم بار.
  • قىزىمنىڭ بالىسى قىزىلگۈل كۆرۈنەر، ئوغلۇمنىڭ بالىسى ئوغرى تىكەن (كۆرۈنەر).
  • قىزىمنىڭ بالىسى كەكلىك بالىسى گۈلغۇنچىسى ئانىسى، ئوغلۇمنىڭ بالىسى ئۆزۈمنىڭ بالىسى كۆيدۈرمىگەن ئىشۇ ئانىسى.
  • قېرىنى ھەپتە ساقلاڭ، ئۆلىكىنى قاپتا (ساقلاڭ).
  • قېرىنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى، بۈگۈن قىچقىرسا ئەتە قوپۇپ ھە دېگىنىمۇ ياخشى.
  • قېيىن ئانام كەلسە كەلسۇن، بۆز خالتىسى كەلمىسۇن.
  • قېيىن ئانامنىڭ سىگى قېيىن ئاتام تەرەپكە قاۋايدۇ.
  • قەرزى ئۆردىسە پۇل ئالۇر، كېسەل ئۆردىسە جان (ئالۇر)
  • قەلەندەر ئىككى نان تاپسا بىرىنى داپ چېلىپتۇ.
  • قەلەندەر بولماق ئاسان ئەمەس، پاچاقنى ئىت چىشلەيدۇ.
  • قەيېرىڭ ئاغرىسا، جان شۇ يەردە.
  • قەيەرگە يىقىلىشىمنى بىلسەم، شۇ يەرگە پاخال سېلىپ قويار ئىدىم.
  • كونا تامدا قۇشقاچ تولا، بۇلۇڭ- پۇشقاقتا مۇڭداش.
  • كونا تامنى يۆلىسەڭ ئۆمرۈڭ قىسقىرار.
  • كونا تامنىڭ چالمىسىدىن قورق، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسىدىن (قورق).
  • كونا يارنى تاشلىماڭ، يېڭى يار يالغانچىدۇر.
  • كونىنى ياماپ كەي، يېڭىنى ئاياپ (كەي).
  • كونىنىڭ چىرايلىقى يوق، يېڭىنىڭ سەتى (يوق).
  • كىچىك بالىنىڭ ئېغىزىنى ئاشقا ئۆگەتمەڭ، قوڭنى ئۇسۇرۇشقا (ئۆگەتمەڭ).
  • كىچىكىڭدە ئۆيلەنسەڭ قېرىغاندا سۆيۈنەرسەن.
  • كىشىدىكى پۇل، چۈشىدىكى پۇل.
  • كىشىدىن ھايا كەتسە ئورنىغا بالا كېلۇر.
  • كىشىگە ئىشەنگىچە، بىلەكنىڭ كۈچىگە ئىشەن.
  • كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ كۈنى تەس، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ كۆڭلى پەس.
  • كۆپ سۆزلىگەن كۆپ يېڭىلار.
  • كۆپ يامغۇر يەرنى بۇزار، كۆپ گەپ ئەلنى.
  • كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال.
  • كۆچىتىڭ كۆكلىسە بەردى خۇدا، كۆچىتىڭ قۇرىسا ئۇردى خۇدا.
  • كۆچەت تىكسەڭ ئەر بولىسەن، كۆچەت تىكمىسەڭ يەر بولىسەن.
  • كۆڭلى غەش بولسا، تامىقى لەش بوپتۇ.
  • كۆڭلۈڭ تىنچ، قايناقسۇ ئىچ.
  • كۆڭلۈڭ رەنجىسە كۈلۈپ ئوينا.
  • كۆڭلۈڭدە كىم بولسا چىرايلىقىڭ شۇ.
  • كۆڭۈل ئۇخلىمىسا كۆز ئۇخلىماس.
  • كۆڭۈل دېگەن پادىشاھ، كۆيۈپ قالسا تاتىشا.
  • كۆڭۈل قاچقانغا چۈشىدۇ.
  • كۆڭۈلدە بولمىسا مېھىر – مۇھەببەت، ئەقىدە زەررىدىن نىشان تېپىلماس.
  • كۆڭۈلنى ياشناتقان ناۋا، ھاياتنى ياشناتقان ھاۋا.
  • كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەن ئۆزىنى چۆلدە كۈرەر.
  • كۈزنىڭ شامىلى ياندىن ئۆتەر، ئەتىيازنىڭ شامىلى جاندىن (ئۆتەر).
  • ئوت — سامان ،  ئوزۇق – تالقان.
  • ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇپ پوقتا ئىغىز قىلىپتۇ.
  • ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار.
  • ئوتتەك قىزىپ، پوقتەك سوۋۇپتۇ.
  • ئوتنىڭ ئوتقا كەتتى، سۇنىڭ سۇغا كەتتى، قالدى قېتىقنىڭ بەش پۇلى.
  • ئوتىغا چىدىغان ئوينايدۇ، پۇلىغا چىدىغان چاينايدۇ.
  • ئوتۇن يىغدىڭ — كۈل يىغدىڭ، ئوت – چۆپ يىغدىڭ — پۇل يىغدىڭ.
  • ئوتۇن يىغدىڭ كۈل يىغدىڭ، ئوت – چۆپ يىغدىڭ پۇل (يىغدىڭ).
  • ئوتۇن يىغقان كۈل يىغۇر، ئوت – خەس يىغقان پۇل يىغۇر.
  • ئوغلۇڭنى مىراپ قىلغۇچە، ئېچىقىڭنى باشقا قىل.
  • ئوغۇت يىغساڭ تاتىلاپ، ئاش خالىسەن قاچىلاپ.
  • ئوغۇت يەرنىڭ ئوزۇقى، ئورمان يەرنىڭ قوزۇقى.
  • ئوغۇل ئىگىسىدىن خەۋەر يوق، قىز ئېگىسى ناغرا چاپتۇ.
  • ئوغۇل بالام نان دەيدۇ، قىز بالام چاپان دەيدۇ.
  • ئوغۇل بالىنىڭ بالىسى ئاق تىكەننىڭ شوخىسى، قاراپ تۇرغان ئانىسى، نېرى تۇرۇڭ بالىسى.
  • ئوغۇل تاغقا ئوخشار، قىز باغقا (ئوخشار).
  • ئوغۇل تاغقا ئوخشايدۇ، قىز ئالمىغا.
  • ئوغۇل تاغىسىنى دورايدۇ، قىز ھاممىىسىنى (دورايدۇ).
  • ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ ئېرى تېز قېرىيدۇ.
  • ئۇرۇق – تۇغقان تېپىشار، ياتقان بالا يېپىشار.
  • ئۇرۇقۇڭنى يېگىچە، ئۇيۇڭنى يە.
  • ئۇز خوتۇنغا جىتتاق ئەر.
  • ئۇزۇن ئۇزۇن كۈنلەر كېلەر، جىگدە يېمەك شۇندا (كېلەر).
  • ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتىدۇ، قاۋۇل دېھقان يەر ئاچىدۇ.
  • ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت، ھەر مۇقامدا يورغىلار.
  • ئۇستا كۆرمىگەن، ئۇستا بولماس.
  • ئۇستىسى بوشاڭ بولسا شاگىرتى مىس – مىس بولۇر.
  • ئۇستىسى بوشاڭ بولسا، شاگىرتى مىس – مىس بولار.
  • ئۇستىغا قىلغان ھەش – پەشنىڭ، مانجىغا پايدىسى يوق.
  • ئۇستىنى ئۇستا قىلغان نىمكىرى، نىمكىرىنى ئۇستا قىلغان سىمكىرى.
  • ئۇستۇر كاپتا ماڭىدۇ، چوكان ھاپتا (ماڭىدۇ).
  • ئۇستۇرا كاپقا ئولتۇرار، خوتۇن لاپقا ئولتۇرار.
  • ئۆتمەس پىچاقنىڭ غىلتاڭ بىلەيسى، پۇچۇق قىزىمنىڭ جىرتاق كۆيۈسى.
  • ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا.
  • ئۆتنىگە لاپقۇت، ئۆتۈككە ئاپقۇت.
  • ئۆتۈكۈڭ تار بولسا جاھاننىڭ كەڭلىكىنىڭ نېمە پايدىسى.
  • ئۆچكىدە مال ئەتمەڭ، شاپتۇلدا باغ (ئەتمەڭ).
  • ئۆچكە بىلەن مال بولماس، شاپتۇل بىلەن باغ (بولماس).
  • ئۆچكەنىڭ دائىم ئوچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئوچۇق قالسا ھۇيت – ھۇيت.
  • ئۆردەكنىڭ گۆشىنى يېسەڭ، غازنىڭ پېيىدا بول.
  • ئۆرە تۇرسا بېشى دوققا تېگىپتۇ، ئولتۇرسا سۆڭگىچى پوققا تېگىپتۇ.
  • ئۆز ئۆيىدە پۈلەپ ئىچكەن دوغنى، كىشنىڭكىدە يالماپ يۇتار چوغنى.
  • ئۆز ئۆيىدە قىمشىتالماس قىلنىمۇ، كىشىنىڭ ئۆيىدە دەس كۆتۈرەر پىلنىمۇ.
  • ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلۇقى، پۇت – قولۇمنىڭ بوشلۇقى.
  • ئۆز بېشىغا كۈن چۈشسە، ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچەر.
  • ئۆزى ئۆيدە تۇرسا، كۆڭلى بازاردا پالاز قېقىپتۇ.
  • ئۆزۈڭنى ئېزىز قىلاي دېسەڭ كۈچۈڭنى خار قىل.
  • ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
  • ئۆزۈڭنى خار قىلما، كۈچۈڭنى خار قىل.
  • ئۆزۈڭنىڭ بېغى بولسا خالىغاندا يەيسەن، كىشىنىڭ بېغى بولسا بەرگەندە يەيسەن.
  • ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلەي دېسەڭ، ئەلچى ئەۋەتىپ سوراپ كۆر.
  • ئۆزەمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن.
  • ئۆزەڭنىڭ بالىسىنى تاش بىلەن ئۇرساڭ تاشنى ئېلىپ ئۆيگە كىرەر، خەقنىڭ بالىسىنى نان بىلەن ئۇرساڭ ناننى ئېلىپ ئۆيىگە كېتەر.
  • ئۆستەڭنىڭ يارىشىقى تال، قىزنىڭ يارىشىقى خال.
  • ئۆگىنىپ قوي تېخنىك، ھۈنەر، ئۇنىڭدىن ئالتۇن ئۈنەر.
  • ئۆلۈمىگە يىغلىغۇچە، كېسىلىگە سەۋەب قىل.
  • ئۆمرۈڭنى خۇدادىن تىلە، رىسقىڭنى ئۆزۈڭ تاپ.
  • ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسنىڭ ئۆچەر.
  • ئۆمۈر مەڭگۈلۈك ئەمەس، ھۈنەر مەڭگۈلۈك.
  • ئۆي ئالما، قوشنا ئال.
  • ئۆيدە قىلغان گەپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ.
  • ئۆينىڭ بۈرگە بولۇشى نەمدىن، ئادەمنىڭ دىۋەڭ بولۇشى يەمدىن.
  • ئېشەكنى ئوتقا ھەيدىسە، پوققا يۈگۈرۈ دۇ.
  • ئېشەكنىڭ ئەسكىسى سۈر، سالپاڭ قۇلاق – ھاغاق.
  • ئېشەكنىڭ تېرىسىنى ئىت ئەيلەيدۇ.
  • ئېغىزنى ئاشقا ئۆگەتمە، ۋاقىتنى ئويناپ تۈگەتمە.
  • ئېغىزنى ساقلىغان، جېنىنى ساقلار.
  • ئېغىزنى گەپكە ئۈگەتمە، قوڭنى ئوسۇراققا.
  • ئېغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە، ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە.
  • ئېغىزىنى يەر كۆتۈرەر، رىسقىنى خۇدا (كۆتۈرەر).
  • ئىت سۆڭەك يەيدۇ قوڭى بىلەن كېلىشىپ .
  • ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ.
  • ئىت يارىسىنى يالاپ ساقايتار.
  • ئىت يەپتۇ چۇرۇقنى، ئۆزى قاپتۇ چورۇقسىز.
  • ئىتتىرىۋەتسەڭ ئامەتنى، ئېلىپ كېلەر ئاپەتنى.
  • ئىتتىك ماڭسام «غۇلدۇر – غۇلاپ» دەلا، ئاستا ماڭسام «پىسىي پوق» دەلا.
  • يا قاينامدىن چىقار، يا سايرامدىن.
  • يات يېگىچە، تۇغقان ئۆلگىچە.
  • ياتار قورساق، كېتەر قورساق.
  • ياتقا بەرگىن قىزىڭنى، تۇغقاندىن ئال سۆزۈڭنى.
  • ياتقان ئۆكۈزگە يەم يوق.
  • ياتنىڭ سۆزى ياندىن ئۆتەر، تۇغقاننىڭ سۆزى جاندىن (ئۆتەر).
  • ياخشى بولسا كېلىن، يامان بولسا يېلىن.
  • ياخشى بىلەن يار بولساڭ ئېچىلۇر چېچىكىڭ، يامان بىلەن يار بولساڭ يېرىلار يۈرىكىڭ.
  • ياخشى بىلەن يۈردۈڭ، يەتتىڭ مۇرادقا، يامان بىلەن يۈردۈڭ، قالدىڭ ئۇياتقا.
  • ياخشى تاماق ئېشىپ قالغۇچە، يامان قورساق يېرىلىپ كەتسۇن.
  • ياخشى خوتۇن قىشتا تۇغۇپ ئىسسىق ياتار، يامان خوتۇن يازدا تۇغۇپ سېسىپ (ياتار).
  • ياخشى رۇقسار – يېرىم دۆلەت.
  • ياخشى سۆز جانغا راھەت، يامان سۆز جانغا جاراھەت.
  • ياخشى سۆز كېسەلگە شىپا، يامان سۆز يۈرەككە جاپا.
  • ياخشى يىگىت ئەلنى قوغدار.

ئۈچ كۈن ئىچىدە بۇنىڭ ئېلكىتابى مۇشۇ يەرگە يوللىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-15 20:29  

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
Bihayat  ياخشى: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 13:25:48
يوليار(ئۆزگىچە) ئۇلىنىش تورى . سىز تېخى كىرمىدىڭىزمۇ؟  www.yolyar.com  ياخشى بەتلەرنى ئۇلىنىشقا قوشمىدىڭىزمۇ؟

Rank: 4

تۆھپە
217
تىللا
189
شۆھرەت
286
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 22:31:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بۇپتۇ مەن ماقال-تەمسىلگە بەك ئامراق

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
71
تىللا
88
شۆھرەت
93
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 22:34:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكار يۈرگىچە بىكار ئىشلە.

پالتا چۈشكىچە كۆتەك ئارام ئاپتۇ.

يەيدىغان پوق بار،يىمەيدىغان ھەسەل.



دىھقاننىڭ ياخشىسى چامغۇر تىرىيدۇ،ئادەمنىڭ  ياخشىسى يۇرتىدا قېرىيدۇ.

ئاتامنىڭ تاپقىنى ئانامنىڭ بارىكاللىسىغا يەتمەپتۇ.

كۆزگە ئىلمىغان سارايغا تۈۋرۈك بوپتۇ.

ئالىدىغاندا بىسمىللا ،بېرىدىغاندا ئەستغپىرۇللا.


باھا سۆز

ياخشى: 3.0
Intil  ياخشى: 3
  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 23:05:50

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
606
تىللا
483
شۆھرەت
993

تەشۋىقات ئاكتىپ تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 10:58:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغىپ ساقلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ماقال-تەمسىللەركەن بۇ

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
855
تىللا
738
شۆھرەت
1203
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 13:26:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىرنى قوشاي: تازغا ئەمەل تەگسە مەھەللىدە، ئات چاپىدۇ چەللىدە.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
855
تىللا
738
شۆھرەت
1203
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 17:19:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنساب قالمىدى چوڭدا، ئىشتان قالمىدى قوڭدا.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
71
تىللا
88
شۆھرەت
93
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 21:56:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشاھ.

تاز ئات مىنسە چىقمىغان دۆڭ قالماپتۇ،دىدەك يىڭى كىيىم كەيسە كىرمىگەن ئۆي.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
284
تىللا
876
شۆھرەت
756
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 01:04:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزەڭ قىلمىساڭ غىمىڭنى ، قاغاچوقىيارئىمىڭنى ‹‹ئىمىڭنى››دىگەن گە توغۇرمۇ بىلمەينمەن

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
855
تىللا
738
شۆھرەت
1203
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 13:40:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر -خوتۇنغا مۇناسىۋەتلىك قىزىقارلىق ماقال _ تەمسىللەر

1.ھېيىتتا ئوتۇن ئالما ، قاراڭغۇدا خوتۇن ئالما .
2.ئات ئالساڭ مىنىپ ئال ، خوتۇن ئالساڭ بىلىپ ئال .
3.قۇشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان ھەسىنىكامنىڭ ئوتيېشى .
4.ساراڭ بولساڭ پىرى ئوينا ، قېرى خوتۇندىن نېرى ئوينا .
5.چىۋىن چاقسا ھېرىمىكىن دېمە ، ساقال باسسا قېرىمىكىن دېمە .
6.ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن .
7.ھازازۇل  خوتۇندىن بەزگەك جىن قاچار .
8. 18 گە كىرگەن قىز ئۆتكەن كوچىدىن بىر يىلغىچە باھار ھېدى پۇرايدۇ .
9.ئاياقنىڭ كونىسى ياخشى ، خوتۇننىڭ يېڭىسى ياخشى .
10.ئاشىق چوكانغا ئات تېزىكى ئالتۇن .
11.لەيلىنىڭ قانچىلىك گۈزەللىكىنى بىلمەكچى بولساڭ مەجنۇننىڭ كۆزىدە قارا .
12.تاللاپ تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ .
13.ئەرلەر كوچىدا ئېزىپ قېلىشتىن ، ئاياللار خاتا ياتلىق بولۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ .
14.قاچقاننى قوغلا ، قوغلىغاندىن قاچ .
15.قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورىقما .
16.ئالا ئېنەكنىڭ بالىسى چالا قويرۇق .
17.ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلەي دېسەڭ ئەلچى ئەۋەتىپ سوراپ كۆر .
18.ھۈنىرى يوق ئەردىن مېكيان توخۇ ياخشى .
19.خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا .
20.ئاتنىڭ زىننىت ئىگەر ، ئېرنىڭ زىننىتى ھۈنەر .
21.گاھى قىزلار بار تاشلاپ قاچقۇدەك ، گاھى جۇۋانلار بار ئېلىپ قاچقۇدەك .
22.خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئىرىنى باقار ، دېھقاننىڭ ئوبدىنى يېرىنى باقار .
23.چاقماقتەك ئوغلۇڭ بولسا ، چىراقتەك قىزىڭ كېلۇر .
24.ئانىسى غورا يېسە قىزىنىڭ چىشى قامار .
25.قىزىم ساڭا دەي ، كېلىنىم سەن ئاڭلا .
26.ئۇستىرا كاپقا تۇرار ، خوتۇن لاپقا تۇرار .
27.ئاكىڭىز بىلەن ئويناشماڭ ، شىللىپاتاڭ يەرسىز ؛ئاچىڭىز بىلەن ئويناشماڭ ، خېمىرتۇرۇچ يەرسىز .
28.ئوغۇل بالا بولساڭ شوخ بول ، بولمىسا يوق بول ؛ قىز بالا بولساڭ تاتلىق بول ، بولمىسا ياتلىق بول .
29.يەر بۇزۇلسا بۇدۇشقاق بولار ، خوتۇن بۇزۇلسا بۇدۇشقاق بولار .
30.يەرنىڭ غېمى ئوغۇت ، ئايالنىڭ غېمى تۇغۇت .
31.پالتاڭ بولسا ئوتۇن تولا ، ئوغلۇڭ بولسا خوتۇن تولا .
32.كېچىسى ماڭغان ئەرنىڭ ئۆمرى قىسقا ، كېچىسى ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى قىسقا .
33.ئالتە تاڭگەم بار ئات ئالىمەن ، يەتتە تەڭگەم بار قىز ئالىمەن .
34.خوتۇن كىشىنىڭ قىرىق بىر ھېيلىسى بار .
35.قارا قىز سوپۇنغا ئامراق .
36.بەخىتسىز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا ، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ .
37.ئات ئايلىخانغا ، يول سارىخانغا .
38.جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا .
39.خوتۇنسىز ئەر ، قىرسىز يەر .
40.ياخشى خوتۇن يوق نەرسىنى بار قىلار ، يامان خوتۇن بۇ ئالەمنى تار قىلار .

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
2167
تىللا
1718
شۆھرەت
3491
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 13:36:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر ھەرپكە بىر ماقال-تەمسىل



بۈگۈن2-ئاينىڭ 21-كۈى يەنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى. ئانا تىلنى قەدىرلەش ھەربىرىمىزنىڭ بۇرچى دەپ ئويلايمەن. بۈگۈنكى بۇ كۈندە مەن ھىچقانداق بىر ئالاھىدە ئىش قىلالمىدىم. شۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي، باياتىن كۆرۈپ قالغان ئاچچىق- چۈچۈك ماقال -تەمسىللەرنىڭ تۈرتكىدە بۇ تېمىنى يوللاشنى لايىق تاپتىم.


ئا
ئابروينى ئالتۇنغا ئال، جاننى كىپەككە سات.
ئە
ئەتىگەندە قىلسا ناشتا، كىسەل بولماس باشتا.
ب
باخشى يەتتە كاپىرنىڭ بىرى، رەمبال ھەممە كاپىرنىڭ پىرى.
پ
پادا باقساڭ يىغىپ باق، ئىنەك باقساڭ سېغىپ باق.
ت
تاپالىساڭ ھالال يە، تاپالمىساڭ شامال يە.
ج
جاڭگالدا يۈتكەن مۇماينى جاڭگالدا سوراپتۇ.
چ
چاققان جۇۋاننى بۆشۈك يېنىدا سىنا.
خ
خالىسىڭىز شاپتول يەڭ، خالىسىڭىز شاپلاق.
د
داپچىنىڭ دېپى سۇنيا،گەردىشى مايمۇنغا ئۇيۇنچۇق.
ر
رودىپاي ئەمەل تۇتسا، ئېغىلغا زەدۋال تارتىپتۇ.
ز
زەيلىك يەرگە ئوسا بىكار، تۇغماس خۇتۇنغا ئۇسما بىكار.
س
ساختىپەزدىن تۇخۇم ئالساڭ ئىچىدە سېرىقى بولماس.
ش
شامالنىڭ ئلدى قۇيۇن، جېدالنىڭ ئالدى قۇيۇن.
غ
غازنىڭ مېڭىشى دورىغان قاغىنىڭ پۇتى توكۇر.
ق
قاپاق سۇنسا قايغۇ يوق، قېرى ئۆلسە يىغا يوق.
ك
كاچىتىغا پالاق ئۇرسا قۇلقىغا خەۋەر يەتمەپتۇ.
گ
گاچا چۆچۈرە يىسە ئىچىدە ساناپ يەر.
ل
لەقەم نەدىن چىقىدۇ جەننەتتىن چىقىدۇ.
م
ماڭغاننىڭ يولى تۈگەر، ياتقاننىڭ پۇلى تۈگەر.
ن
نان بېرىپ چوڭ قىل، تاياق بېرىپ ئوڭ قىل.
ھ
ھورۇن ئىشەك يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتىرەر.
ئو
ئوردىدا ناغرا چالسا لەمجىندە ئۇسۇل ئويناپتۇ.
ئۇ
ئۇپا چىراينىڭ تاپقىنى تۇپا چىراي.
ئۆ
ئۆپكىنىڭ دورىسى چامغۇر، چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر.
ئۈ
ئۈزۈككە كۆز كېرەك، قىزغا سۆز كېرەك.
ۋ
ۋالاقتەككۈر گەپ بەرمەس،سۇغۇق كەپكۇر نەپ بەرمەس.
ئې
ئېتى يوق، چېپشقاق، ئىشتىنى يوق چېلىشقاق.
ئى
ئىت ئىتەكتىن ئالار، خۇتۇن ياققىدىن ئالار.
ي
ياتقا بەرگىن قىزىڭنى، تۇغقاندىن ئال سۆزۈڭنى.




-ئالمىزاردىن
بىلسەم يازىمەن، بىلمىسەم سورايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-11 02:59 , Processed in 0.106945 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش